mtv SALKIN kino 1
  • «
  • 1
  • 2
  • 3
  • »
  • Pages: 1/3     Go
بۇ بەتتىكى تېما:ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن خىرىس-ئەيدىز IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 8654 قېتىم كۆرۈلدى
مۇھەممەد-2008
ئالىي ئەزا ئالاھىدە تۆھپە تەشۋىقات ئەلچىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 9131
نادىر تېما : 21
يازما سانى : 1574
شۆھرەت: 6332 كىشىلىك
پۇل : 39287 سوم
تۆھپە: 736 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5316 نۇمۇر
قوللاش: 3533 نومۇر
ئالقىش: 8558 كىشلىك
دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
توردىكى ۋاقتى : 1412(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن خىرىس-ئەيدىز

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى قوزام نادىرلىدى .(2009-01-22)
       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، 2008-يىلى 1-دېكابر 21-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنى بولۇپ، <<ئەيدىزگە  قارشى  تۇرۇش ۋەدىمىزگە ۋاپا قىلىپ، ئەيدىزنى كونتىرول قىلايلى>> دىگەن شۇئار  بۇ قېتىمقى دۇنيا  ئەيدىز  كۈنىنىڭ تەشۋىقات  تېمىسى بولدى. ئەيدىز كىسىلى ئىلىمىزدە بايقالغاندىن بۇيان شىددەت بىلەن ئېغىرلاشتى ، بولۇپمۇ  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا بۇ نىجىسنىڭ تارقىلىشى  كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىگە بىرىپ  يەتتى. بۇ كىسەلنىڭ ئالدىنى ئىلىش، داۋالاشتا مەيلى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، مەيلى جەمىيەت ياكى شەخس بولسۇن باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئىلىپ، مىللەت  ۋە خەلقنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىغا، يۇقۇملۇق كىسەلنىڭ داۋاملىق يامرىشىنى چەكلىشىگە توغرا كىلىدۇ. CT : ac64  
       1980-يىلى،بىرخىل غەلىتە  يېڭى  كىسەل ئامىرىكىنىڭ لوس ئانژىلىس شەھىرىدىكى  ھەمجىنىس  ئەركىشىنىڭ تېنىدە بايقالدى. بۇ خىل كىسەلنىڭ قىزىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش،لىنفا بەزلىرى يوغىناش،ئىچى سۈرۈش ۋە غاز ئېغىزى شەكىللىك  چاقا پەيدا  بولۇش قاتارلىق  كىلىنكىلىك ئالامەتلىرى  بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا تىببى ئىلىم  ساھەسىنىڭ يۈكسەك  دىققەت ئىتىبارىنى  قوزغىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا دوختۇرلار دورا ئارقىلىق  مىكروپ  ۋە ۋىروس كەلتۈرۈپ  چىقارغان ھەرقانداق كىسەلنى  چوقۇم داۋالاپ  ساقايتقىلى بولىدۇ، دەپ قارايتتى. ئەمما بۇ قېتىم  غەلبە قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزىم بولۇپ قالدى. 1982-يىلى بۇخىل كىسەل رەسمى ھالدا ئەيدىز كىسىلى  دەپ ئاتالدى. 1983-يىلى فىرانسىيىلىك ئالىملار  ئالدى بىلەن ئەيدىز بىمارىنىڭ قېنىدىن HIV  ۋىروسىنى بايقىدى. ئارىدىن 17يىل ئۆتۈپ 2000-يىلىغا كەلگەندە، يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 5000ئالىم، مۇتەخخەسىس بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ خىتاپنامە ئىلان قىلىپ،HIV  ۋىروسىنىڭ ئەيدىز كىسىلىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بېكىتتى. P\R3/g  
     ئەيدىز كىسىلىنىڭ تىببى تولۇق ئاتالمىسى<<ئېرىشمە ئىممۇنت كەمتۈكلۈكى ئونۋېرسال  سىندورمى>> بولۇپ، خەلقئارادا ئوموملاشتۇرۇپ قوللىنىۋاتقان  ئىنگىلىزچە قىسقارتىلمىسى ئەيدىز. ئەيدىز ۋىروسىنىڭ  يۇقۇش يولى  پەقەت قان ئارقىلىق يۇقۇش، جىنسى مۇناسىۋەت  ئارقىلىق يۇقۇش  ۋە ئانىدىن  بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت 3خىللا بولۇپ،ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىلەن  ئادەتتىكى  ئىجدىمائى  ئالاقە جەريانىدا ئەيدىز ۋىروسى يۇقمايدۇ.ئەيدىزنى  داۋالاش تەتقىقاتىدا بەزىبىر ھالقىش  خارەكتىرلىك  نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن  بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانلار تا  بۈگۈنگە قەدەر تېخى ئەيدىزنىڭ شىپاسىنى  تاپقىنى يوق.ئامىرىكىلىق تەتقىقاتچىلار 1981-يىلى  تۈنجى ئەيدىز بىمارىنى  بايقىغاندىن بۇيان، ئەيدىز  كىسىلى  دۇنيادا تېز يامراپ،20-21-ئەسىردىكى  ۋاباغا ئايلاندى.كىشىلەرنىڭ  ئەيدىزگە بولغان تونۇشىنى  يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەيدىزگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك  تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  1988-يىلى 1-ئايدا ھەريىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىنى <<دۇنيا ئەيدىز كۈنى>> قىلىپ  بېكىتتى. WJ@,f%=<~  
    كۆپ  يىللاردىن بىرى، خەلقئارا جەمىيەت ئەيدىزنى تىزگىنلەش يولىدا  زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ھەمدە پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر  تەشكىلاتى  ئەيدىز  پىلان مەھكىمىسى 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى <<2008-يىللىق دۇنيا ئەيدىز  كىسىلى  دوكلاتى>>نى ئىلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، بۇلتۇر دۇنيانىڭ  ئەيدىز  كىسىلى ۋەزىيىتىدە موھىم ئىلگىرلەش  قولغا كەلگەن بولۇپ،يېڭدىن يۇقۇملانغانلار ۋە قازا قىلغانلار ئىلگىركى يىللارغا قارىغاندا كۆرىنەرلىك  تۆۋەنلىگەن.بۇلتۇر دۇنيادا 2مىليۇن 500مىڭ كىشى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان،2مىليۇن كىشى ئەيدىز كىسىلى  سەۋەبىدىن قازا قىلغان،ھازىر دۇنيادا33مىليۇن 200مىڭ كىشى ئەيدىز  بىلەن يۇقۇملانغان. C~B ^sG@;  
    جۇڭگو سەھىيە مىنىستىرلىكى 2008-يىلى  30-سىنتەبىرگىچە  ئىلىمىزدە ئەيدىز كىسەللىك مىسالىنىڭ 264مىڭ 302 گە يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە  ئەيدىز  بىمارىنىڭ 77مىڭ 753 ئىكەنلىكىنى، 34مىڭ 864كىشىنىڭ  قازا قىلغانلىقىنى  دوكلات قىلدى. Onl:eG;@  
سەھىيە مىنىستىرلىكى،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كىسىلى  پىلان مەھكىمىسى  قاتارلىقلار بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن 2008-يىلىق دۇنيا ئەيدىز كۈنى ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا، سەھىيە مىنىستىرلىكى كىسەل كونتىرول قىلىش ئىدارىسى  ئەيدىز كىسىلىنىڭ  ئالدىنى ئىلىش، داۋالاش  باشقارمىسىنىڭ  مۇئاۋىن باشلىقى  ۋاڭ ۋىيىن تونۇشتۇرۇپ، 2008-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، ئىلىمىزدە 44مىڭ 839 ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇنلانغۇچى ۋە ئەيدىز بىمارى بايقالدى، 6897 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى دوكلات قىلىندى، دىدى. %K%z<R8  
ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان 6ئۆلكە،ئاپتۇنۇم رايۇن- يۈننەن، خېنەن، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتۇنۇم رايۇنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى، گۇاڭدۇڭ،سىچۈەن بولۇپ، بۇ جايلاردا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار  دۆلىتىمىزدىكى ئومۇمى  يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 80پىرسەنتىنى ئىگىلىدى. T-MLW=Vu  
     ئۇ مۇنداق  دىدى: نۆۋەتتە ئىلىمىز كىسەل ئەھۋالى ئېغىر، چەت-يىراق جايلار، يېزا قاتارلىق نوقتىلىق رايۇنلار ۋە كۆچمەن نوپۇس، ياش-ئۆسمۈرلەر قاتارلىق نوقتىلىق  كوللىكتىپقا قارىتا ئەيدىز كىسىلى  تەشۋىقات تەربىيىسىنى  داۋاملىق كۈچەيتىدۇ؛ ئارىلىشىش خىزمىتىنى داۋاملىق  كۈچەيتىپ، ئەيدىز كىسىلىنى  دورا بىلەن داۋالاش ۋە گاندومنى ئىشلىتىشنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى موقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارىلىشىش تەدبىرىنىڭ  قاپلىنىش دائىرىسىنى  كېڭەيتىپ، يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئازايتىدۇ. Jad'8}0J  
     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سەھىيە نازارىتى ئىلان قىلغان شىنجاڭدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، 2008-يىلى 9-ئايغىچە،ئاپتۇنۇم رايۇندىكى 14 ۋىلايەت،ئوبلاست،شەھەر، 94 ناھىيىدىكى  ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 24مىڭ 818بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەيدىز  بىمارى 2504،ئەيدىز كىسىلى بىلەن قازا قىلغانلار 1353بولغان، بۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى دوكلات قىلىنغانلارنىڭ 9پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئەيدىز كىسىلى ئەھۋالى مەملىكەت بويىچە 4-ئورۇندا تۇرغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 8563،ئىلى-قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستىدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 9579 بولغان، ئۈرۈمچى شەھىرى 34.5پىرسەنتنى ئىگىلىگەن، ئىلى-قازاق ئاپتۇنۇم  ئوبلاستى 39.3پىرسەنتنى ئىگىلىگەن.دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇيىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە  شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 3928 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 247كىشى كۆپەيگەن. شىنجاڭدا 1995-يىلى  تۈنجى   قېتىم ئەيدىز  ۋىروسى  بايقالغاندىن بۈگۈنگىچە  ئەيدىز  كىسىلىنىڭ تارقىلىشى تېز بولغان. 8 PQ& 7o  
      شىنجاڭدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ  مۇنداق 5چوڭ ئالاھىدىلىكى بار: t|/ /oEY  
1،ئۇكۇل يىڭنىسى ئارقىلىق زەھەر چىكىش ئۇسۇلى بىلەن ئەيدىز ۋىروسىنى يۇقتۇرۇش  يەنىلا  ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.2،يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئاساسلىقى  شەھەر بىلەن يىزا-بازارلار تۇتاشقان رايۇنلاردا كۆرۈلمەكتە.3،يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ  ئارىسىدا ياشلار ئاساس بولۇپ، 20ياشتىن 40ياشقىچە بولغان ئەرلەر مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلىگەن.4،ئايال يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى  كۈنسايىن ئاشماقتا.5، نۆۋەتتە، دەسلەپكى  باسقۇچتىكى يۇقۇملانغۇچىلار كۆپىيىتىپ، زور مىقداردىكىلەر  يۇقۇملىنىش باسقۇچىغا قاراپ يۈزلەنمەكتە. I;7VX5X  
     ئامىرىكا  ئىستىراتىگىيە   ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى جۇڭگودا ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئىلان قىلىپ،كەلگۈسى 5يىلدا ئەيدىز ۋىروسىنىڭ جۇڭگودىكى ئىككى رايۇنغا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ۋە تېز  تارقىلىدىغانلىقىنى، بۇ رايۇنلارنىڭ بىرى جۇڭگونىڭ جەنۇبى ۋە غەربى جەنۇبىدىكى  يۈننەن،گۇاڭشى،گۇاڭدۇڭ، خۇنەن، سىچۈەن،خەينەن بولسا، يەنە بىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى  بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ,70|I{,Km  
      دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، ئەيدىز ۋىروسى  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشكەن  بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى  بىلەن بۇ ۋىروس پاھىشىلەر ۋە تېخىمۇ كۆپ  كىشىلەرگە تارقىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ  شىنجاڭدا ئەيدىز بىلەن  يۇقۇملانغان  ھامىلدار ئاياللار ئۆزلۈكسىز  كۆپىيىۋاتقان  بولۇپ، قەشقەردە ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 3.5پىرسەنتكە يەتكەن.دوكلاتتا  يەنە  تۇرپان  ۋىلايىتىدە پاھىشىلەرنىڭ  3.4پىرسەنتىنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى،بۇ ئەھۋالنىڭ ئىلى رايۇنىدا 3.3پىرسەنت ئىكەنلىكى  يىزىلغان. ,^3D"Tky  
      ئەيدىز كىسىلىدىن ئىبارەت بۇ نىجىسقا  تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ كىسەلگە نىسبەتەن چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنداقتا ئەيدىز  كىسىلى زادى قانداق كىسەل؟ _ Nd\Cm  
     ئەيدىز كىسىلى  دىگىنىمىز- ئىنسانلار  ئېرىشىلمە ئىممونىت كەمتۈكلۈك كىسىلى بولۇپ، ئەيدىز  ۋىروسى  ئادەمنىڭ پۈتكۈل ئىممونت سىستېمىسىنى ئاستا-ئاستا بۇزۇپ تاشلاپ، ئاخىرىدا ئادەمنى  ھىچقانداق كىسەلدىن مۇداپىئەلىنەلمەيدىغان  ئەڭ ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. شۇ چاغدا ئادەمنىڭ   بارلىق كىسەلدىن  ساقلىنىشتا ئىشلىتىدىغان مۇداپىئە سېپىلى  بىراقلا  ۋەيران بولىدۇ. ئادەم ھەممىدىن ئاجىز بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئادەم تېنى ئاستا-ئاستا ئاجىزلاپ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. e2;"> tp6?  
     ئۇنداقتا ئەيدىز ۋىروسىنىڭ كىلىش مەنبەسى نېمە؟ ئەيدىز ۋىروسى ئەسلى ئادەم بەدىنىدە بولمىغان بىرخىل ۋىروس بولۇپ،ھايۋان تېنى  ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى.بۇ ھايۋان دەل ئافرىقا  رايۇنىدىكى مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋان- قارا ئورانگۇتان.ئالىملار قارا  ئورانگۇتان تىنىدە ئەيدىز  ۋىروسىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. ^E9@L ??  
     ئۇنداقتا ئەيدىز  كىسىلىگە  تاقابىل تۇرۇشتا ئىنسانلار قانداق خىرىسقا ئۇچرىدى؟ {W-PYHZ;  
دۇنيا  سەھىيە تەشكىلاتى  ئىلان قىلغان دوكلاتتا بۇ ھەقتە مۇنداق  دىيىلدى: ھازىر ئەيدىزنى  داۋالاشتا  قوللىنىلىۋاتقان  ئۇسۇلنىڭ ئوموملىشىش نىسبىتى  ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ،دۇنيادا ئەيدىز  ۋىروسى  بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى  قىسمى بۇ خىل داۋالاشتىن بەھرىمان بولالمايۋاتىدۇ، يەنە نۇرغۇن  يۇقۇملانغۇچى پەقەت دەسلەپكى   باسقۇچتىلا داۋالىنالىدى، كېيىنكى  داۋالاشقا ئىرىشەلمىدى.ھازىر،دۇنيا بويىچە ئەيدىز  ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كۈنىگە 7400دىن كۆپەيمەكتە، ئەمما ھازىرقى  داۋالاش ئۇسۇلى  بىلەن  داۋالىنىۋاتقانلارغا ھازىر  ھەر كۈنى  ئاران 2700 كىشى قوشىلىۋاتىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا،كۆپ خىل  دورا شىپا بولمايدىغان ئۆپكە  تۇبىركۇليۇزى پەيدا  بولغانلىقتىن،ھەم ئەيدىز ۋىروسى بىلەن  ھەم  ئۆپكە تۇبىركۇليۇز بىلەن يۇقۇملىنىش  ئەھۋالى كۈنسىرى ئېغىرلىشىپ كەتتى. بۇخىل يۇقۇملىنىش ئەيدىز  ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان  ئاساسلىق سەۋەپ. p7z#4 GW  
      پۈتۈن  دۇنيا  ئەيدىز  تەھدىتىدە ئاساسەن مۇنداق 3جەھەتتىن خىرىسقا ئۇچرىدى. خەلقئارا جەمىيەت بۇ 3 جەھەتتە  تەدبىر قوللىنىشقا  جىددى ئىھتىياجلىق.1،ئەيدىزنىڭ  ئالدىنى ئىلىش-داۋالاشنى  داۋاملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، مەبلەغ ۋە تىخنىك جەھەتتە ئۇزاق مۇددەت يۆلەك بولۇش؛2،سەھىيە-ساقلىقنى  ساقلاش  سىستېمىسىنى ئۆزلۈكسىز  كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش  بىلەن بىللە، تىخنىكا  جەھەتتە پىشقان داۋالاش خادىملىرىنى  يېتەرلىك  يېتىشتۈرۈش؛3،ئالدىنى ئىلىش-داۋالاشنى  نازارەت قىلىشنى  كۈچەيتىش،ئالاقىدار  يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش لازىم. -n6C~Yx  
    دۇنيا  سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەيدىزنىڭ ئالدىنى  ئىلىش-داۋالاش خەلقئارا جەمىيەتنىڭ بىر تۈرلۈك مۈشكۈل ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىپىسى.ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى پائال ئۈنۈم   بەردى.شۇڭا بۇ تىرىشچانلىقنى داۋاملاشتۇرساقلا، بۇ ئادەتتىن تاشقىرى مۈشكۈل جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتىنى مەڭگۈلۈك جامائەت سەھىيە  نەتىجىسىگە ئايلاندۇرالايمىز. -Iq#h)Q*  
2008-يىلى 1-دېكابر دۇنيا ئەيدىز كۈنى يېتىپ كىلىش ئالدىدا،دۇنيا  سەھىيە تەشكىلاتى ئىلان قىلغان  بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق دىيىلدى: كىشىلەر سالامەتلىك  تەكشۈرتكەنگە ئوخشاش يىلدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن  ئەيدىز ۋىروسىنى  تەكشۈرتسە ھەم مۇۋاپىق  داۋالانسا، ئون يىل ئىچىدە دۇنيادا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن  يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى 95پىرسەنت ئازايتقىلى بولىدۇ. k&Sg`'LG8  
دۇنيا  سەھىيە تەشكىلاتى خادىملىرى مۇنداق دىدى: بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى  گەرچە  شەخسلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، ۋىروسنىڭ  دورىغا چىداشچانلىقى ۋە مەبلەغ مەسىلىسى  قاتارلىقلارغا چېتىلسىمۇ بۇ نەتىجىنىڭ ئىلان قىلىنىشى مۇناسىۋەتلىك  مەسىلىلەرنىڭ تەتقىقاتى ۋە مۇھاكىمە قىلىنىشىنى  ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە كىشىلەرگە ئەيدىز   ۋىروسىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەكشۈرتۈشنىڭ موھىملىقىنى  تونۇتىدۇ. sh0O~%]g  
      گەرچە ئەيدىز كىسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان  ئۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن  يۇقىرى بولسىمۇ ھەمدە  ھازىرغىچە  ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا  ياكى  داۋالاش ئۇسۇلى تىپىلمىغان بولسىمۇ ئەمما  بۇ   قورقۇنۇشلۇق كىسەلنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. -V9Cx _]y  
     بىمار ئەيدىز  ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كىيىن ئەيدىز  ۋىروسىنى ئىلىپ يۈرگۈچىگە ئايلىنىدۇ،ھەم خىلى  مەزگىلگىچە بۇ كىشىدە كىسەللىك ئالامىتى بايقالمايدۇ. بىمارنىڭ سىرتقى  قىياپىتىدىن ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىروسىنى  ئىلىپ  يۈرگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ،بىراق  بۇ كىشى  ئەيدىز ۋىروسىنى  باشقىلارغا  يۇقتۇرالايدۇ. 0^;{b^!(  
      ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىتىلىش  يولى مۇنداق 3خىل:1،جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش: ئەر-ئاياللار ياكى  ئەرلەر بىلەن ئەرلەر  ئوتتۇرىسىدىكى  بىخەتەرلىك بولمىغان يەنى گاندوم  ئىشلىتىلمىگەن جىنسى مۇناسىۋەت  ئارقىلىق يۇقىدۇ.جىنسى ھەمراھى قانچە كۆپ بولسا خەۋپ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.2،قان ئارقىلىق يۇقۇش: بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يەتمىگەن قان ياكى قان ياسالمىلىرى سالغۇزغاندا، زەھەر چىكىدىغانلار ئىشپىرىسنى ئورتاق  ئىشلەتكەندە، شەخسى دوختۇرخانىلاردا قان سالغۇزغاندا  بىخەتەر بولمىغان قان سالغۇزغاندا يۇقىدۇ.3،ئانىدىن بالىغا  يۇقۇش: ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان ئايال ھامىلدارلىق، تۇغۇش ۋە ئىمىتىش مەزگىلىدە ئەيدىز كىسىلى  ۋىروسىنى ھامىلىگە  ياكى  بالىغا  يۇقتۇرۇشى مۇمكىن.ئادەتتە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى  ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، لىكىن بۇنىڭ ئالدىنقى  شەرتى شۇ ئايالنىڭ  ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقاش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ھەرخىل تەدبىر  قوللىنىپ  ئانىنىڭ بالىغا ئەيدىز  ۋىروسىنى  يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 8gZ5D  
    ئۇنداقتا  قانداق ئەھۋاللاردا ئەيدىز  ۋىروسى كىشىلەرگە يۇقمايدۇ؟ $XJe)  
    كۈندىلىك تۇرمۇش ۋ خىزمەت،ئۈگۈنۈش،ئادەتتىكى ئۇچرىشىش،قۇچاقلىشىش،پاراڭلىشىش، يۆتىلىش،چۈشكۈرۈش،قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈش قاتارلىق پائالىيەتلەردە شۇنداقلا  يوتقان-كۆرپىلەرنى بىللە ئىشلىتىش، ھاجەتخانىلارنى  بىللە ئىشلىتىش،بىللە سۇ ئۈزۈش، ئەمگە قۇراللىرىنى  بىللە ئىشلىتىش، بىللە تاماق يىيىش ياكى قاچىلارنى ئورتاق ئىشلىتىش، پاشا چىقىش قاتارلىقلاردا  ئەيدىز ۋىروسى  يۇقمايدۇ.ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان  كىشى قارىماققا نۇرمال كىشىغا ئوخشاش بولۇپ، تاشقى  قىياپىتىگە قاراپ ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.مۇبادا بىر كىشى ئۆزىنى  ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملاندىممىكىن دەپ گۇمان قىلسا كىسەل كونتىرول قىلىش مەركىزى ياكى  دوختۇرخانىغا بىرىپ مەسلىھەت  سورىشى ۋە قان تەكشۈرتۈشى كېرەك. ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان-يۇقۇملانمىغانلىقنى پەقەت قاندىكى ئەيدىز ۋىروسى ئانتىتلاسىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدۇ. ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملىنىش ئىھتىماللىقى  يۇقىرى بولغان ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ 3 ئايدىن كېيىن تەكشۈرۈپ بىلگىلى  بولىدۇ، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش  ئىھتىماللىقى يۇقىرى ھەركەت بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىنكى 3ئاي ۋاقىت كۆزنەك دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ،بۇ ۋاقىتتا ئەيدىز  ۋىروسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ. a+MC[aFr  
      ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى يۇقۇملىنىپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىنمۇ شۇنداق نۇرمال كۆرىنىدۇ.سىرتقى قىياپىتىدە ھىچقانداق بىنۇرماللىق  بولمايدۇ.يۇقۇملانغۇچى  باشقىلارغا ئوخشاش ئۇزاق مەزگىل  نۇرمال تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ،خىزمەت قىلالايدۇ.ئەمما ئۇلارنىڭ ئىممونىت  سىستېمىسى  ئاستا-ئاستا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ،ئەگەر داۋالاش ئىلىپ بارمىغاندا تەخمىنەن 7يىلدىن 10يىلغىچە ئاجىزلىشىپ  ئەيدىز  بىمارىغا ئايلىنىدۇ ھەم تېزلا ئۆلۈپ كىتىدۇ. U\51j  
     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا ئەيدىز  ۋىروسى بايقالغاندىن بۇيانقى ئەيدىز كىسىلى ئەھۋالى: -QRKDp  
      1995-يىلى،شىنجاڭدا تۈنجى  ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى  بايقالغاندىن ھازىرغا قەدەر بولغان قىسقىغىنا 10نەچچە يىل ئىچىدە شىنجاڭدىكى  ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كىشىنى چۆچۈتكىدەك سۈرئەت بىلەن كۆپەيمەكتە.بىز تۆۋەندىكى  سانلىق مەلۇماتلاردىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى ئەيدىز كىسىلى مەسىلىسىنىڭ سەل قارىغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. p t<84CP  
1، 2002-يىلى 9-ئايغىچە،شىنجاڭدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 6833گە يېتىپ،جۇڭگودىكى  ئەيدىز ۋىروسى بىلەن  يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمى  سانىنىڭ 20پىرسەنتىنى ئىگىلىدى،شۇنداقلا  ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە يۈننەن ئۆلكىسىدىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇردى. eM8u ;i  
2، 2003-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە،ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 3165كە يەتتى. WC` 
3،2003-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە،شىنجاڭدىكى ئەيدىز  ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 8150كە يېتىپ، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپلىكى  جەھەتتە يۈننەن ئۆلكىسىدىن قالسا 2-ئورۇندا تۇردى. F7mzBrz  
4،  2004-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا  ئەيدىز  ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى  8773كە يېتىپ، جۇڭگو بويىچە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 13پىرسەنتىنى ئىگىلىدى،ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە جۇڭگودا 4-ئورۇندا تۇردى. }UX>O  
5، 2004-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن  يۇقۇملانغۇچى 9346گە يەتتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى جۇڭگو بويىچە ئەيدىز كىسىلى ئەڭ ئېغىر رايۇنلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. Uq"RyvkpP  
6، 2005-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچىدىكى  ئەيدىز ۋىروسى  بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 4386گە يەتتى، شىنجاڭ  بويىچە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 10مىڭ 906گە يەتتى. nPKf~|\1{  
7،تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2005-يىلى  11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى  خەۋىرىدە  ئېيتىلىشچە، ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار مۆلچەردىكى 30مىڭدىن  ئېشىپ، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىيىتىش تېزلىكى جۇڭگو بويىچە  ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. +W-sb5)  
8، 2005-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى ئەيدىز ۋىروسى  بىلەن يۇقۇملانغانلار11مىڭ 303گە يەتتى. ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى جۇڭگو بويىچە 4-ئورۇندا تۇردى. .NZ_dz$c  
9، 2005-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە،جۇڭگودىكى  ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 10مىڭدىن ئاشقان  ئۆلكە، ئاپتۇنۇك رايۇنلار يۈننەن،خېنەن،گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتۇنۇم رايۇنى، شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ۋە گۇاڭدۇڭ بولغان. G3KiU($V  
10، 2005-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن  يۇقۇملانغانلار 4926گە يىتىپ، ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى بارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر ئىچىدە ئەڭ تېز بولدى. tk~7>S  
11، 2005-يىلى 10-ئايدىن 2006-يىلى 6-ئايغىچە  شىنجاڭدا يېڭىدىن ئەيدىز  ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان 4732كىشى بايقالدى، يەنى شىنجاڭدا ئوتتۇرا  ھىساپ بىلەن ھەر كۈنى 17 ئادەم  ئەيدىز ۋىروسى  بىلەن يۇقۇملاندى.شىنجاڭدىكى ئەيدىز ۋىروسى  بىلەن يۇقۇملانغانلار 16مىڭ 35كە يەتتى.  16x M?P  
12، شىنجاڭ گىزىتىنىڭ 2007-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە، 2006-يىلىدىلا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن ئەيدىز  ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 2051كە يەتكەن. }Vg &9HY  
)KkA 
ZcIwyh(`  
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+1(كۆلتىگېن) تىماڭ ئىسىلك ..
  • پۇل :+20(ئۇيغۇرىيا) ياخشى تىما
  • ئامىرىكا بىزنىڭ دوستىمىز!
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-22 14:20 |
    دۇرۇس
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 22353
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 855
    شۆھرەت: 835 كىشىلىك
    پۇل : 3211 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 717 نۇمۇر
    قوللاش: 705 نومۇر
    ئالقىش: 747 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 213(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەخمەت I9TOBn|6   
    نىم دىگەن خەتەر
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-22 14:33 |
    erk uzun
    دىلئىمان
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34666
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 36
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 212 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 55(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    دېمېسمۇ بۇ  ئپلاس  كېسەل بەكمۇ  خەتەرلېك  كېسەل ئوزېمېزنې  دۇرۇس تۇتساقلام ئۇداق كېسەلدېن  ساقنېلا لايمېز .ئەيدسكە ھەمېمېز  كۇراش قېلايلې
    armaninkas4
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-22 14:55 |
    ۋەتەن
    مەن يەنىلا مەن،
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 2282
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1442
    شۆھرەت: 1298 كىشىلىك
    پۇل : 11799 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1355 نۇمۇر
    قوللاش: 1143 نومۇر
    ئالقىش: 1056 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 433(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەيدىزنى  چەكلەش  ھەممەيلەننىڭ  ئۇرتاق  مەجبۇريىتىمىز. K%TlBK V  
    بۇنى  چەكلەشتە ھەممەيلەن  ئۈزىمىزدىن باشلىساقلا  ئۈنۈمىنى  كۈرەلەيمىز. 3\Y}{(O |  
    ئىسلامدا  چەكلەنگەن  ھەر بىر   گۇناھلىق ئىشلاردىن نىرى  تۇرغاندىلا  بۇ  كىسەلنىڭ  يۇقۇپ قىلىشىدىن ئۈنۈملۈك  ساقلانغىلى  بۇلىدۇ،دىنى  تەربىيەنىڭ  بۇشاپ كىتىشى،ئىسىل  مەدىنىيىتىمىزنىنڭ  يۇقلىششى،باللارنى  يىتەكلىشىمىزنىڭ  ئۈنۈملۈك  بۇلماسلىقى  بۇ  نىجىس  كىسەلنى بىزلەرگە ئىلىپ  كەلدى،ئۈزىمىزنى،بىر تۇققان  قىرىنداشلىرىمىزنى، ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزنى،ئەل-ئاغىنىمىزنى، خىزمەتداشلىرىمىزنى  قانداق  يىتەكلەش،قايسى  يۇلدىن  قانداق  ياندۇرۇپ قايسى  يۇلغا  سىلىشىمىز  بىزنىڭ  ھەرىكەت  مىزانىمىزغا  ئايلانغان  ۋاقىتتا  بۇ  كىسەل  بىزدىن  قاچىدۇ. |BysSJ  
    ھەممە ئىشنى  ئۈزىمىزدىن باشلايلى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
    مەن  يىغا  بىلەن  توغۇلدۇم. ئاۋارچىلىق ئىلكىدە  يىتىلدىم. يەنە  جاپا تارتىشىم  ماڭا  ۋەزىپىما؟
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-22 15:04 |
    ئۇيغۇرجان
    خەير-خوش سەلكىن مۇنبىرى
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشقۇرغۇچى موللا تاپقاق
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 7357
    نادىر تېما : 9
    يازما سانى : 1864
    شۆھرەت: 6795 كىشىلىك
    پۇل : 3903352 سوم
    تۆھپە: 2550 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2238 نۇمۇر
    قوللاش: 1949 نومۇر
    ئالقىش: 2768 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    توردىكى ۋاقتى : 942(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رايۇنىمىزدىكى ئەيدىر توغرىسىدا ئىلان قىلىغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئىشىنىشكە بولامدۇ......؟
    سەلكىنداشلار چ چ توپى : 69487141
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-22 15:08 |
    مۇھەممەد-2008
    ئالىي ئەزا ئالاھىدە تۆھپە تەشۋىقات ئەلچىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 9131
    نادىر تېما : 21
    يازما سانى : 1574
    شۆھرەت: 6332 كىشىلىك
    پۇل : 39287 سوم
    تۆھپە: 736 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 5316 نۇمۇر
    قوللاش: 3533 نومۇر
    ئالقىش: 8558 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى : 1412(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نەقىل
    بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىئۇيغۇرجاننىڭ2009-01-22 15:08دە يوللىغان يازمىسى  : y)U8\  
    رايۇنىمىزدىكى ئەيدىر توغرىسىدا ئىلان قىلىغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئىشىنىشكە بولامدۇ......؟ qd3B>f  
    zEY Ey1  
    5n.4>yOY  
    ئەمىلى ئەھۋال بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن ئېغىر.
    izdax.com
    ئامىرىكا بىزنىڭ دوستىمىز!
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-22 15:10 |
    قاينام
    ئـىـزدەنـگـۈچـى
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 3323
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2259
    شۆھرەت: 3049 كىشىلىك
    پۇل : 3444 سوم
    تۆھپە: 522 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2940 نۇمۇر
    قوللاش: 2360 نومۇر
    ئالقىش: 3364 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: قاينام
    توردىكى ۋاقتى : 566(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھازىرقى ئاساسلىق يۇقۇش مەنبەسى ئاقچىلار ۋە مۇشۇ نىجىس پاھىشىلەردىن يۇقامدىكىن
    بىلگەننى ئۈگەت ، بىلمىگەننى ئۆگەن
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-22 15:13 |
    سۈر بۆرە
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24815
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 521
    شۆھرەت: 393 كىشىلىك
    پۇل : 2907 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 347 نۇمۇر
    قوللاش: 255 نومۇر
    ئالقىش: 776 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: شادلىق
    توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    3-قەۋەتتىكى  ۋەتەن  توغرا  دەپتۇ ، ھەممە ئىشنى  ئۈزىمىزدىن  باشلايلى!!!
    اللە  ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر!!
       ئاتا-ئانا بەك قەدىرلىكتۇر!!
         سەن  بۇنى بىلىپ يەتكىن!!
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-22 15:47 |
    @سۈكۈت
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 24478
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 142
    شۆھرەت: 82 كىشىلىك
    پۇل : 1420 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 157 نۇمۇر
    قوللاش: 117 نومۇر
    ئالقىش: 257 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 104(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ  پەقەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كېيىن چىقىرىلغان سانلىق مەلۇمات. خالاس. aKCCFHq t!  
    تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان، تەكشۈرۈنمىگەنلەر ئىچىدىن يەنە قانچىلىغان ئەيدىز بىمارلىرى چىقىدۇ، بۇنى ئاللا ئۆزى بىلىدۇ. o}WbW }&  
    ئىمان قانچە سۇسلاشقانسىرى ، پالاكەتچىلىك، نەسچىلىك، مەينەتچىلىك شۇنچە تېز يۇقىدۇ.
    قاتتى مۈشكۈلدىن بېشىم، ئاسمانغا يوللار بارمىكىن؟
    بولدى كور يىغلاپ كۆزۈم، ھاسامغا يوللار بارمىكىن؟
                           *                 *
    بىلمىدىم نە ئىش، مېنىڭدىن سەن قۇسۇر ئىزدەپ ھەلەك،
    ئوقنى ئەل دۈشمەنگە ئاتسا، سەن مېنى كۆزلەپ ھەلەك.
                          *                  *

    ------------------- قەيسەر مىجەزلىك ئاياللار ئۈچۈن ئازاپ ئوقۇبەت ئەزەلدىن بىر ئۆزىلا بەھرىمەن بولىدىغان << مال-دۇنيا>.
    -------------------ئەرلەر كوچىدا ئېزىپ قېلىشتىن قورقسا، ئاياللار خاتا ياتلىق بولۇپ قېلىشتىن قورقىدۇ.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-22 16:09 |
    eiksan
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 25152
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 115
    شۆھرەت: 84 كىشىلىك
    پۇل : 945 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 138 نۇمۇر
    قوللاش: 106 نومۇر
    ئالقىش: 218 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 135(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەخمەت. بىز ئىنسانلارغا ناھايتى زۆرۈر بولغان نادىر تىمىلارنى يوللاپسىز ئاشۇ قولىڭىزغا اللا ئىگەم بەركەت  بەرسۇن رەخمەت سىزگە     
    http://www.agranum.cn/bbs
    ئۆزگىچە
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-22 16:31 |
    تۇركىناز@
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35884
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 102 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇنداق، ئەمەلىي سان بۇنىڭدىن بەلكىم بۇنىڭدىن ناھايىتى خېلى بۇلىشى مۇمكىن.
    http://www.agranum.cn/bbs
    ئەلقۇت كومپېيوتېر مۇلازىمەت مەركىزى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-22 16:31 |
    ھېسلىرىم
    ھېس قىلىپ يىتەلمىگىنىم نۇرغۇن.
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21316
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 937
    شۆھرەت: 871 كىشىلىك
    پۇل : 5198 سوم
    تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 555 نۇمۇر
    قوللاش: 466 نومۇر
    ئالقىش: 501 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 90(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

        بۇ ئۇيغۇرلارغا بىرىلگەن قىزىل سىگنال !  بۇ يەردە ھەممىمىز ئۇنى-بۇنى دەپ قويۇپ كارىمىز بولمىسا بولمايدۇ  ،ھەرۋاقىت ئۆزىمىزنى چەكلەپ ، ئەتراپىمىزدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىشىمىز كىرەك !
        ھېس قىلىپ باقتىم ، ئەمىلىيەتتە ئىرىشەلمىگەن مۇھەببەتنى ھېس-تۇيغۇ ئارقىلىق ئىرىشمەكچىمەن ،چۈنكى ،مەنمۇ بىر ھىسىياتلىق ئادەم ، ھېس-تۇيغۇ ئارقىلىق بولسىمۇ تەسەللى تاپماقچىمەن ، كىم ماڭا ھەقىقىي تەسەللى بىرەلەيدۇ؟ كىم ؟؟؟  پەقەت ئۆزۈم.......
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-22 16:31 |
    ھۆرلۈك
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22212
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 180
    شۆھرەت: 173 كىشىلىك
    پۇل : 2153 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 118 نۇمۇر
    قوللاش: 105 نومۇر
    ئالقىش: 158 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 225(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    دىنى ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارايمەن، بولۇپ بەردى بىر قىسىم ئىرادىسىزلەرگە ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسى! چۈنكى دىنى جەھەتتىن بۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش نۇمۇس ھەم چەكلەنگەن، ئەگەر دىنى ئېتقادى كۈچلۈك بولغان بولسا ئۇنداق ناشايىن ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتقان بولاتتى، بۇنداق نىجىس كېسەللەرمۇ مىللىتىمىز ئىچىدە ئەۋىج ئالمىغان بولاتتى، چۈنكى دىنىمىز پاكىزلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ، پاكىز بولماي تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ ئەمەسمۇ.
    بېشىڭنى كۆتۈر! كۆزۈڭنى ئاچ! كەلگۈسىگە نەزەر سال!
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-22 16:43 |
    چەۋەنداز0998
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 105
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 120
    شۆھرەت: 87 كىشىلىك
    پۇل : 1797 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 140 نۇمۇر
    قوللاش: 117 نومۇر
    ئالقىش: 143 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 376(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلار تىخى قان تەكشۈرتكەنلەر ئىچىدىن ئىنىقلانغىنى قان تەكشۈرتمەي تىخى يۇقۇملانغىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەي يۈرگەنلەر قانچىلىك خۇدايىم ئۆزى بىلىدۇ .
    [size=5]ئىنسان ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى /   تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر، ئەي ئوغۇل ! دۇنياغا ئۈمىدلىك بىقىپ جاسارەت بىلەن ياشا  گۈزەل كەلگۈسۈڭ سىنى ساقلاۋاتىدۇ [/size]
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-22 16:53 |
    kurbanjan36
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30707
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 8
    شۆھرەت: 2 كىشىلىك
    پۇل : 27 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
    قوللاش: 2 نومۇر
    ئالقىش: 2 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-31
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مىنىڭچە ئاتا- ئانىلار پەرزەنتىلەرنى ۋاقتىدا ئۆيلەپ قويۇشقا ئەھمىيەت بەرسە پەرزەنتلىرىگە كۈيۈنۈشنى كۆچەيتىپ ۋە ئىلمى ئېلىپ بىرىپ زەھەرگە خومار بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىن باشقا ئامال بولمىسا كىرەك. توي قىلىش يېشىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇپ قىلىشىمۇ بۇنىڭ بىر سەۋەبى بولسا كىرەك.
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-22 17:06 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    • «
    • 1
    • 2
    • 3
    • »
    • Pages: 1/3     Go
    سەلكىن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلار