mtv SALKIN kino 1
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
بۇ بەتتىكى تېما:تەرەققىيات ھەققىدە يۈزەكى قاراشلىرىم IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 1518 قېتىم كۆرۈلدى
ئەكرەم
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 2140
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 378
شۆھرەت: 378 كىشىلىك
پۇل : 4143 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 431 نۇمۇر
قوللاش: 370 نومۇر
ئالقىش: 446 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 302(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تەرەققىيات ھەققىدە يۈزەكى قاراشلىرىم

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئەلقۇت نادىرلىدى .(2009-01-21)
تەرەققىيات ھەققىدە يۈزەكى قاراشلىرىم % _E?3  
U{M3QOF  
تەرەققىيات، مىللەتنىڭ كەلگۈسى – بىزنىڭ ئورتاق تېمىمىزغا ئايلاندى، بۇ ناھايتى ياخشى ئەھۋال. مەيلى توغرا پىكىر-كۆز قاراشلار بولسۇن، ياكى ئەمەس بولسۇن، نۇرغۇن پىكىرلەر ئوتتۇرغا چىقتى، بىراق سوغاققانلىق بىلەن ھەقىقەتنى ئەمىليەتتىن ئىزدەيدىغانلىرى ئاز. خوش، مەن بۇ تېمامدا مىللەتنى سۆكمەيمەن، بىز بۇنداق تېمىلاردىن جاق تويۇپ كەتتۇق، مەن پەقەت ئۆزەم ھېس قىلغان، ئۆزەم كۈزەتكەن، باشتىن ئۆتكۈزگەن ھەقىقەتلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئاساسلىقى ئىقتىسادنىڭ نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، جەمئىيتىمىز دۇچ كېلىۋەتقان «خىرىس» ۋە تەرەققىيات مەسىللىرىگە بولغان كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويىمەن، يۈزەكى دېيىشىمدىكى سەۋەب، مەن جەمئىيەتشۇناس ئەمەس، مەن تەبىئىي پەن ئوقۇغان، بۇ مەسىللەرگە نىسپەتەن كۆپ، مۇكەممەل تەتقىقات ئېلىپ بارمىغان، بىراق سۆزلىگەنلىرىمنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە چىن كۆڭلۈمدىن ئىشىنىمەن. يازغان نەرسىلىرىمنىڭ سالمىقى تېمامغا يۈز كېلەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھازىر بەزىلەرنىڭ دوپپىسى چوڭ، مەزمۇنى قۇرۇق تېمىلىرى كىشىلەرنىڭ خېلى دىققىتىنى تارتىۋاتىدۇ. 6Jb0MX"AVr  
بىز جەمئىيتىمىزنىڭ ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالدا قالغانلىقىنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ كەتتۇق، مەن بۇ جەھەتنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كۈچەپ ئولتۇرمايمەن، ھەم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ نۇقتىغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلىمەن. بىز ھەممىمىز تەرەققىياتىمىزنىڭ «كەينىدە» قېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. باشقىلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا بىزدىن نۇرغۇن ئىلگىرلەپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلىمىز، زادى بىزنى بۈگۈنكى كۈندە ئارقىدا قالدۇرىۋاتقان نەرسە نېمە؟ بىزدىكى بېكىنمىچىلىك؟ قالاقلىق ئىدىيسىمۇ؟ ياكى باشقا سەۋەبلەرمۇ؟ ياشلارنىڭ ئىشسىز قېلىشىغا نېمە سەۋەبچى؟ مەن پەقەت بۇنىڭ سەۋەبىنى كونكېرت تەھلىل قىلىپ، ئۇنى ياخشىلاشنىڭ ئۇسۇلىنىلا كۆرسىتىپ بەرمەكچى. 7KhS{w6  
خوش، ئەمىسە بىزنىڭ «ئوسال»لىقلىرىمىز قايسىلار؟ تىل كىرزىسى، ئەخلاق كىرزىسى، مەدىنيەت ، مائارىپ، ئىقتىساد، ئىشسىزلىق ... دەپ باشلىساق، ئىشقىلىپ باشقىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ كىرزىسلار ئەمىليەتتە بىر – بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان بولىدۇ، ئۇنداقتا زادى قايسىسى ئەڭ تۈپكى ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرىدۇ؟ زادى ئەخلاقىمىز ياخشىلىنىپ كەتسىلا، ھەممىمىز ئىسلام دىنىغا قايتىدىن چىن ئېتىقاد قىلساقلا ھەممە ئىشلار تۈزۈلۈپ كېتەمدۇ؟ ياكى مائارىپىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرساقلا پەن-تېخنىكىمىز راۋاجلىنىپ كېتەمدۇ؟ بىلىملىك كىشىلەر كۆپەيسىلا ئىشسىزلارنىڭ سانى ئازىيامدۇ؟ ياكى ھەممەيلەننىڭ ئىقتىسادى ياخشى تەرەققىياتى بولسا، مەدىنيەت ، ۋە پەن – تېخنىكا ئاندىن راۋاجلىنامدۇ؟ ئىقتىساد زادى كىمنىڭ قولىغا ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ؟ ياكى ئىقتىسادىمىز راۋاجلانسا، تىلىمىز ئەسلىگە قايتامدۇ؟ بالىلارنى تىرىشىپ ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىساقلا ئۇلارنىڭ كەلگۈسى شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى قانچە ئۆرلىسە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئېرىشىدىغان غەلبىسى شۇنچە چوڭ بولامدۇ؟ زادى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا تۇتقان ئورنى قانداق؟ زادى كىم بىزنىڭ قولىمىزدىكى ئىرىمچىكنى ئېلىپ كەتتى؟ «who moved my cheese»، نېمىشقا بىزگە پۇل تېپىش شۇنداق تەس؟ نېمىشقا بىزنىڭ كىرىمىمىز ئېشىشى شۇنداق ئاستا؟ ماللارنىڭ ئۆسۈشى شۇنداق تېز. بىزنىڭ ئاشۇ كېچىككىنە، خاتىرجەم باياشات جەمئىيتىمىز كىمنىڭ كۆزىگە سىغمىدى؟ بىز ئەمدى بىر – بىرىمىزنى ئەيىبلەشنى توختىتايلى، سوغاققانلىق بىلەن ئەستايىدىللىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزىدىغان ۋاقىت كەلدى، ئويغانغان كىشىلەر كۆپ، يېتىدۇ، ئەمما ئويغىنىپلا جۆيلۈۋاتقانلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. ھالبۇكى ئۆز-ئۆزىمىزنى ئەيىبلەش، بىر-بىرىمىزنى ئەيىبلەش پەقەت ھالاكەتنى تېزلەشتۈرىدىلا خالاس...قانداقسىگە دەمسىز؟ چۈنكى تېخى جەمئىيتىمىزنى تېخى چۈشەنمەيدىغان سەبىي ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىغا روھىي بېسىم ھېس قىلىدۇ، باشقىلارنى بىزدىن ئىلغاركەن دەپ ئويلايدۇ. مەن «چۆكەر يۇرتنىڭ بالىلىرى ، بىر بىرىنى گالۋاڭ دەر. ئۆسەر يۇرتنىڭ بالىلىرى، بىر – بىرىنى پالۋان دەر.» دېگەن گەپنى ناھايتى ياخشى كۆرىمەن. ھەقىقىي بىلىم بىزگە نەدىن كېلىدۇ؟ بىلىم ئىگىلەشتىكى مەقسەت زادى نېمە؟ بىزنىڭ قايسى ئەنئەنىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىك؟ قايسىلىرىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك؟ نېمە ئۈچۈن؟ 9 $$uk'}w!  
مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان چاغدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا مۇنداق بىر سۆز مودا بولغان، «خىزمەت تاپقاندا ئالدى بىلەن مەمۇرلۇقنى، ئاندىن قالسا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مونوپول خاراكتېرلىك چوڭ كارخانىلارنى مەسلەن كۆچمە خەۋەرلىشىش، جۇڭگو نېفىتى دېگەندەك. ئاندىن ياۋروپا- شىمالىي ئامرىكا شىركەتلىرىنى، ئاندىن قالسا ياپون شىركەتلىرى، ئاندىن قالسا تەيۋەن، ئاندىن قالسا دۆلەت ئىچىدىكى شەخسلەر ئىگىدارلىقىدىكى شىركەتلەرنى ئويلىشىمىز»، نېمىشقا دەپ ئىچكىرلەپ سورايدىغان بولسىڭىز «مۇئامىلە» دەپ ئاددىيلا جاۋاب بېرىدۇ. مۇئامىلە دېگىنى ئەلۋەتتە مۇئاش، پاراۋانلىق، خىزمەت باشقۇرۇش ئىستىلى، خىزمەت مۇھىتى، كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالى قاتارلىق ھەر قايسى جەھەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك ھازىر كىشىلەرنىڭ ئومومەن بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنجى بولۇپ كۆڭۈل بۆلىدىغان نەرسىلىرى موشۇلار، كىشىلەر مىللەت ۋە جەمئىيەتكە ئالدى بىلەن موشۇ مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ بولغاندىن كېيىن ياكى بۇ مەسىلىلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ھارغان، ئۇيغۇرچە تورلارنى ئارىلاپ ئىچىنى بوشاتماقچى بولغان چاغلاردىلا ئاندىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇر كارخانىلارچۇ؟ مەن ئۇيغۇر كارخانىچىلارنى ئۇنداق – مۇنداق دېمەكچى ئەمەس، ئۆزەممۇ چۈشەنمەيمەن، ئەمما باشقىلارنىڭ ئۇيغۇر كارخانىلارنى باشقىلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ دېگەنلىرىنى ئاڭلىغان. مانا بۇ ھەقىقەت، بىر ئاچچىق ھەقىقەت. ھېچكىممۇ باشقۇرۇشى قالايمىقان، ئىشى چىقسىلا شەرتسىز سىزنى بۇيرۇيدىغان، ۋەزىپىسى ئېنىق ئەمەس، كۈندە 10 سائەت ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق خىزمەت قىلدىغان، يىلدا دەم ئېلىشى (دۆلەت بەلگىلىگەن دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن سىرت) ئاران 5 كۈن، مائاشى ناھايتى تۆۋەن جايدا ئىشلىگىسى كەلمەيدۇ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئۆز ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ باشقۇرۇشى ياخشى، ۋەزىپىسى ئېنىق، تەمىناتى ئوبدان جايلاردا ئىشلىگىسى كېلىدۇ. ئەجىبا بۇ كىشىلەرنى ئەيىبلەش كېرەكمۇ؟ ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلغانلىرى خاتامۇ؟ ئۇلارنىڭ ئورنىدا سىز بولسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ ئەگەر سىزگە ئامرىكىغا چىقىپ بىر قەدەر يۇقىرى مائاش بىلەن مەسلەن يىلىغا 60 مىڭ دوللارلىق تېخنىكىلىق خىزمەت قىلىش پۇرسىتى كەلسە، مەسلەن مەلۇم ئۇيغۇر مىللىي شىركىتى سىزنى ئېيىغا 5000 سوم بېرىپ مۇئاۋىن دېرىكتورلۇققا تەكلىپ قىلسا، سىز قايسىسىنى تاللايسىز؟ ھېچبولمىسا ئاۋۋال ئامرىكىنى بىر نەچچە يىل كۆرۈپ كېلەي دەپ مىللىي شىركەتنى رەت قىلىسىز. ئەگەر كۈچلۈك ئەخلاق ۋە جەمئىيەت بېسىمى بولمىسا، ئۇيغۇر قىزلارنىڭمۇ ئالدىن تاللايدىغىنى باشقىلار بولۇپ قېلىشى ئېھتىمالغا ناھايتى يېققىن. بۇ رىئاللىق، بۇ رىئاللىقنى ھېچكىمنىڭ قوبۇل قىلغۇسى يوق، بىراق كىشىلەر بۇ رىئاللىقلارنى توساتتىن ئانچە – مۇنچە بايقاپ قالغان چاغلىرىدا، قاتتىق غەزەپلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ توساتتىن ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان بىر ياڭزا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىدىن چۆچۈيدۇ، ئىنتىرنىتقا ماقالە يېزىپ بۇلارنى سۆكىدۇ، بىراق بۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقى ۋە ئۇنى قانداق ئۇسۇلدا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغىرسىدا ئويلىنىپ باقمايدۇ. خوش ئۇنداقتا بىز ئويلىنىپ باقايلى، نېمىشقا شىمالىي ئامرىكا ۋە ياۋروپا شۇنداق باي؟ ئۇلارنىڭ بەزىدە ئىشسىزلار ئېرىشىدىغان تەمىنات پۇلى بىزنىڭ ئەمەلدارلىرىمىزنىڭ مائاشىدىنمۇ كۆپرەك؟ بۇنىڭغا «چۈنكى ئۇلار تەرەققىي قىلغان دۆلەت» دەپلا جاۋاب بەرسەك ناھايتى تومتاق بولۇپ قالىدۇ، خۇددى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئېسىلزادىلەرنىڭ پۇشتىدىن، ئۇلارنىڭ شۇنداق ياشىشى پىشانىسىگە پۈتۈلگەندەك. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىغا قاراپ باقايلى. Z}uY%]  
ئامرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئاساسەن يۇقىرى تېخنىكىلىق سانائەتنى ئاساس قىلىدۇ، ھەتتا ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق يۇقىرى تېخنىكىلىق سانائەتنى لايھىيەلەش ۋە ئۇنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. ياساشنى بولسا ئۇلار ئامال بار باشقا دۆلەتلەرگە ھۆددىگە بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ دۆلىتىدىكى ئەمگەك كۈچى تەننەرخى يۇقىرى. ئۇلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرى راۋاجلانغان. زادى بۇ ئۇلارغا قانداق پايدا يەتكۈزىدۇ؟ يۇقىرى تېخنىكىلىق سانائەتنى لايھىيەلەش، بارلىققا كەلتۈرۈش – بۇ ئىنتايىن خام ئەشيا كەتمەيدىغان، مۇھىت بۇلغىمايدىغان، پايدىسى ئەڭ يۇقىرى خىزمەت. بۇنىڭغا پەقەت ئەقىللىق كىشىلەرلنىڭ كاللىسى بولسىلا يېتىدۇ. مانا بۇ ئامرىكىنىڭ ۋە ياۋروپانىڭ نېمىشقا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىختىساسلىق خادىملارغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىپ ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتىگە كېلىپ ئوقۇش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىنى قوللىشىنىڭ سەۋەبى. پۇل-مۇئامىلە بولسا ئىس – تۈتەك چىقارماي يىلىكىڭىزنى شۇلۇۋالىدىغان جەڭ، يىغلاتماي جاننى ئالىدىغان قورال. ئۇلار ئۆز كاللىسىدىكى بىلىمنى قانداق پۇلغا ئايلاندۇرۇشنى بىلىدۇ. يېڭى پىكىرلەرنى سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭى سانائەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش شۇلاردىن باشلانغان. بۇ پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئورتاق بولغان مۇسابىقە. بۇ دۆلەتلەر بۇ مۇسابىقىدە داۋاملىق ئالدىنقى ئورۇننى قولدىن بەرمىگەچكە ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئورنى داۋاملىق ئۇلارغا كام دېگەندە باياشات تۇرمۇش ئاتا قىلىۋاتىدۇ. قېنى كىشىلەر تۇرمۇشىغا كېرەكلىك، ئەڭ پۇل خەجلەيدىغان نەرسىلەرگە بىرەر قۇر قاراپ باقايلى: ئۆي، ماشىنا، قاتناش – ئاممىۋى قاتناش، پويىز، ئاپتوبۇس، ئايروپىلان، ئالەم قاتنىشى. يېمەك – ئىچمەك، كۈندىلىك تاماق، رېستۇران، تېز تاماق، سوغاق ئىچىملىك، ھاراق. ئېلىكتىرونلۇق ئالاقە-ئۇچۇر قوراللىرى كومپىيۇتىر، يان تېلىفون دېگەندەك، ۋە شۇنداق مۇلازىمەتنى تەمىنلىگۈچىلەر كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش دېگەندەك، يېنىك سانائەت سوپۇن، رەخت، ئەدىيال..دېگەندەك. سەھىيە، دوختۇرخانا، زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرى، ئالتۇن كۈمۈش، مەرۋايىت، ئالماس، ياقۇت، قاشتېشى قېزىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، خىروستال بۇيۇملار..كىيىم-كېچەك، ئاياق، قىممەت باھالىق مودا ماركىلار..سانائەت مەھسۇلاتلىرى..زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرى، ئىنتىرنىت مۇلازىمەتلىرى ئىزدەش ماتورى، لايىق تونۇشتۇرۇش تور بېكىتى، خىزمەت ئىزدەش تور بېكىتى دېگەندەك..مەكتەپ..داڭلىق ئۇنۋېرستىت، ساياھەتچىلىك، يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلار...ئېلانچىلىق.. كىنوچىلىق.. ناخشا-ئۇسۇل.. كۆڭۈل ئېچىش كەسپى.. كانچىلىق، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، رېمونت قىلىش ..تەربىيلەش.. ئورمانچىلىق، سەي – كۆكتات تېرىش، دىن تارقىتىش، نەشىرىيات.. يەنە مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى تىلغا ئالغان چېغىمدا كاللىڭىزغا تۇنجى بولۇپ كىمنىڭ ماركىلىرى كېلىۋاتىدۇ؟ بىز زادى بۇ مۇسابىقىلەرنىڭ قايسىلىرىگە قاتنىشالىدۇق؟ مەن ئىستىمال قىلىشنى كۆزدە تۇتمايمەن، ئەلۋەتتە ھالىمىز ياخشىراقلىرىمىز بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن دېگۈدەك خېلى بەھىر ئېلىپ قويىۋاتىمىز، بىراق ئۇلار ناھايتى ئاز ساندا، بىراق زادى قايسى ساھەدە بىز كۆرۈنەرلىك بىر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىرەر ماركىنى تونۇتۇپ، باشقىلارنىڭ قولىدىكى پۇلنى ئېلىپ كېلەلەيمىز، ھالبۇكى مۇتلەق كۆپ قىسمىمىز شوغۇللىندىغان ساھە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، رېستۇران مۇلازىمىتى، ئاز بىر قىسىم ساياھەتچىلىك، نەشىرىياتچىلىق دېگەنلەر بار... بىراق بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كۆپ ئەمگەك كۈچى تەلەپ قىلدىغان، ئاز ئۈنۈم بېرىدىغان نەرسىلەر ھېسابلىندۇ. بىر دېھقان بىر يىل ئۈچ مو يەرگە كېۋەز تېرىپ تاپقان پۇلى بەلكىم يېڭى تىپتىكى بىر نوكىيا يان تېلىفونغا يەتمەيدۇ. «تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى ھەربىي جەھەتتىكى بىۋاستە تالان – تاراج قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تالان – تاراج قىلىشقا قاراپ ئۆزگەردى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن ئەرزان باھادا ئېنىرگىيە ۋە خام ئەشيا مەنبەسىنى ئېمپورت قىلىپ، ئۆزلىرى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن ئۇلارنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قىممەت باھادا سانائەت مەھسۇلاتلىرى قىلىپ سېتىپ بېرىشتىن ئىبارەت» دەپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سىياسەت دەرسلىكىدە ئوقۇغۇنىم ئېسىمدە. دېمەك ھازىر بۇ خىلدىكى تالان – تاراج ئۆزگەرگىنى يوق، كىشىلەر ئارسىدىكى كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان بۇ مۇسابىقە ۋە بىزنىڭ كۆزىمىزگە «ئىلغارلىق» دەپ كۆرۈنگەن نەرسە دەل بىزنىڭ جېنىمىزنى ئېلىپ جاڭگالدا قويۇۋاتقان، بىزنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تالان-تاراج قىلىۋاتقان، ئىختىساس ئىگىلىرىمىزنى بۇلاپ كېتىۋاتقان كۈچتىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا يەنە مەدىنيەتنىڭ كۈچلۈك تەسىرى سىڭگەن، بولمىسا بۇ ئۇلارنى ئۇنداق ئىلغار كۆرسىتەلمەيدۇ، خارۋارد ۋە باشقا ئۇنۋېرسىتىتلارنىڭ سودا ۋە باشقۇرۇش كەسپلىرىدە MBA سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى كەسپى دۇنيادا شۇنچىلىك شۆھرەت قازانغانكى، نۇرغۇن شىركەتلەر بۇ كەسىپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ شۇنچىلىك ھىيلىگەر، شۇنچىلىك يېقىملىق ئۇسۇلدا ئۆز قول ئاستىدىكى جۇڭگولۇق، ھىندىستانلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش جايلاردىن كەلگەن خىزمەتچىلەرنى ناھايتى ئوبدان باشقۇرۇپ ئۆزى ئۈچۈن پايدا يارىتالايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ھالبۇكى بىزنىڭ سودا مەكتەپلىرىمىزنى پۈتتۈرگەنلەر سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە كىرىشنىلا ئويلايدۇ. دېمەك بىزنىڭ قولىمىزدىكى پۇلنى بۇلارنىڭ ئېلىپ كېتىشىگە شۇنچىلىك نۇرغۇن ئاماللار باركى خۇددى بىز بۇلار چىقارغان يېڭى يانفوننى ئالمىساق، يېڭى قەۋەتلىك بىنالاردا ئولتۇرمىساق، يېڭى مودا كىيىملەرنى كىيمىسەك خۇددى ئاخىر زامان بولىدىغاندەكلا، ھالبۇكى بىزنىڭ بۇ ئازغىنە تاپاۋىتىمىز نەدىن كېلىۋاتىدۇ؟ دېھقانلىرىمىز پاختا ساتقان پۇلى، ئىدارە – ئورگانلاردا ساناقلىق قالغان مەمۇرلارنىڭ مائاشى ئۈزۈلگەندە ئۇيغۇر جەمئىيتىگە پۇل يەنە نەدىن ئېقىپ كىرەر...ھالبۇكى پۇلنىڭ ئېقىپ چىقىشىدا تۈمەن مىڭلىغان يوچۇقلار بار. پۇل – مۇئامىلە كەسپىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇيغۇرلارنىڭ پۇل – مۇئامىلىنى چۈشىنىدىغانلىرى ئاز، ئەمما بۇ قېتىملىق پايچەك سودىسىدا زىيان تارتقانلار يەنىلا خېلى كۆپ. ئاساسەن ئىقتىسادىي كىرزىستە زىيان تارتمىغان كىشى يوق، كىشىلەرنىڭ قولىدىكى پۇلنىڭ سانى ئۆزگەرمىگىنى بىلەن قىممىتى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، دۆلەتنىڭ ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى يۇقىرى تۆۋەن تەڭشەپ تۇرۇشى بىكاردىن بولمايدۇ. پۇلنىڭ پاخاللىشىشى بولسا تېخىمۇ كۆپ سەۋەبلىرى بار. كىشىلەرنىڭ بىر ئۆمۈر ئىشلەپ، قان تەر ئاققۇزۇپ پۇلنىڭ قۇلى ياق، شۇ پۇلنى كونترول قىلىپ تۇرغانلارنىڭ قۇلى بولۇپ كېتىشى ناھايتى تەبىئىي، يەنە تېخى ئېغىر دەرىجىدىكى چىرىكلىك..بىزنىڭ ئۈستىمىزنى بېسىپ تۇرغان يۈكلەر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەسكەن. ئامرىكا ۋە باشقا ھەممە دۆلەتلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ماللىرىنى ئېمپورت قىلغاندا ئالىدىغان يۇقىرى بېجى ۋە تۇرۇپ تۇرۇپلا يۈرگۈزىدىغان يۇقىرى باجلار ئىقتىسادىي ئېمبارگولار سىلەرچە ھەقىقەتەن باشقىلارنى جازالاش ئۈچۈنمىدۇ؟ ياكى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈنمىدۇ؟ نېمىشقا بىزنىڭ دېھقانلىرىمىز دائىملا بالىسىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇدەك ئوقۇش پۇلى يىغالمايدۇ؟ Hf]:m hH  
ئىختىساسلىق خادىملار مىللەتنىڭ جېنى، لېكىن قاراپ باقساق بىز تەربىيلەپ چىقارغان دوكتورلارنىڭ تەڭدىن تولىسى چەتئەلدە، ئۇلارغا ئەگەر يۇرتىمىزدا چەت ئەلدىكى شارائىتنىڭ يېرىمى بولغان بولسا ئۇلار قايتىپ كەلمەسمۇ؟ كىمنىڭ يۇرت-ئۇرۇق تۇققانلىرىدىن ئايرىلىپ سىرتتا سەرسانلىق سۈرگۈسى كېلىدۇ؟ خوش ئەمىسە چەت ئەلنىڭ بۇ مېخانىزىمىغا قاراپ باقايلى، ئۇلار ئادەتتە مېنىڭ بىلىشىمچە ئالىي مەكتەپنىڭ ماگىستىرلىق دەرىجىسىدىن باشلاپ تەتقىقاتقا كىرىشىدۇ، تەتقىقات ئىشخانىلىرى ۋە ئورگانلارنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ تەتقىق قىلدىغان تېمىسى ئوخشىمايدۇ، بەزىلىرى ئاياق ياساش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلسا، كۈلكىلىك دەپ قالماڭ، كىيىۋاتقان ئايىقىڭىزنىڭ ماركىسى نېمە؟ نېمىشقا ھازىر تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇكىڭىز بەزىلەرنىڭ بىر ئايلىق مۇئاشىنى خەجلەپ بىر نايىك ياكى ئادىداسنى كىيىدۇ؟ بەزىلىرى ئالەمگە ئۇچۇش تېخنىكىسىنى، بەزىلىرى چاقماقنى تەتقىق قىلسا بەزىلىرى دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىدۇ، ئاخىرى بۇ تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى ھامان بىر قىممەت يارىتىدۇ. بۇنىڭ خېرىدارى چىقىدۇ، بۇ خېرىدارلار تەتقىقاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدىن ئىبارەت. نۇرغۇنلىغان بۇ تەتقىقاتلارنىڭ مەقسىتى ياكى شۇنىڭدىن ئېرىشىدىغان پايدا بولسا، قالغىنى شۇ ئالىملارنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىستىكى، قىزىقىشىدىن ئىبارەت. ھالبۇكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەقسىتى بولسا، شۇنىڭدىن پايدىلنىپ ئېرىشىدىغان بىلىم ۋە ئۇنۋان، ۋە كەلگۈسىدە بۇ ئۇنۋاندىن پايدىلنىپ ئېرىشىدىغان خىزمەت ئورنى. دېمەك تەتقىقات ئورگىنى ۋە شىركەتلەر بىۋاستە پايدا ئالىدۇ، قالغانلار ۋاستىلىك پايدا ئالىدۇ، پەن-تېخنىكىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى شۇ ئارقىلىق ناھايتى يوچۇق قالمىغان ھالدا ماسلىشىپ بارلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ. ئەمدى ئۆزىمىزگە قاراپ باقايلى، بىزدە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەڭ كۆپ تەكرارلايدىغان سۆزى مەبلەغ كەمچىل بولسا كېرەك. دېمەك مەبلەغ نەگە كەتتى؟ ئۇلارغا بېرىدىغان مەبلەغ ئەسلى كارخانىچىلاردىن ۋە دۆلەتتىن كېلىشى كېرەك ئىدى، بىراق كارخانىلارنىڭ ھالى خاراب. ئۇلاردىمۇ مەبلەغ يوق. ئەمىسە كارخانىلارنىڭ مەبلىغىچۇ؟ ئۇلارنىڭ نېمىشقا مەبلىغى يوق؟ مىللىتىمىزنىڭ قولىدىكى پۇللار سىرتقا ئېقىپ كەتسە، كارخانىچىلارنىڭ قولىغا قانچىلىك قالاتتى؟ دېمەك بىزدىكى بۇ مەبلەغ ئايلىنىش مېخانىزىمى ئورنىتىلمىغان، تەتقىقاتچىلار، ئىختىساسلىقلار يوقمۇ؟ شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئەگەر ئۇيغۇرلارغا ئىشىكنى تولۇق ئېچىۋېتىدىغان، ئىنگىلىز تىلى ئومۇملىشىدىغان بولسا، ئۇيغۇرلاردىن چەت ئەلدىكى داڭلىق كارخانىلاردا ئىشلەيدىغانلار چوقۇم تۈركۈم – تۈركۈملەپ تېخىمۇ كۆپ بارلىققا كېلىدۇ. ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس ، تىرىشچان ھەم ئەقىللىق. ھالبۇكى بۇ بىزنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىمىزمۇ؟ بىز ئىختىساسلىقلار سىرتقا ئېقىپ كەتسە، خەلقىمىز قولىغا ئاران كېلىۋاتقان پۇلىغا تېلىۋزور، توڭلاتقۇ، ئۆي، كىنتاكى دېگەنگە خەجلەپ تۈگىتىۋەتسە، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئۆزىمىز ئىشلەپ چىقارمايمىز، بالىلىرىمىز ھۆكۈمەت بەرگەن ياردەم پۇلىغا تايىنىپ ئىچكىرىدە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسە، ئۇنىڭغىمۇ ئېرىشەلمىگەنلىرى قورامىغا يەتكەندە ئۆز يۇرتىمىزدىن خىزمەت تاپالماي تۈركۈم – تۈركۈملەپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەپ پۇل تېپىشقا سەپەرۋەر قىلىندۇ. مانا بۇ بىز دۈچكېلىۋاتقان ھەقىقىي خىرىسنىڭ سەۋەبى. مانا بۇ ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان، بەزىلەر ئويلاپ تېگىگە يېتەلمەيۋاتقان ئىشلارنىڭ تېگى-تەكتى. بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئاتاقلىق بىر پىراففىسورى جۇڭگودا ئۆي باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆسۈپ كېتىشى بىلەن، ياشلارنىڭ ئىگىلىك يارىتىش روھىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ۋە بۇنىڭ ئىختىساسلىقلارنىڭ سىرتقا ئېقىشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغىرسىدا ئىلمىي ماقالە يازغان. ئىقتىساد جەمئىيەتنىڭ ھەر خىل ھادىسىلىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولىدۇ. دېمەك ئۇيغۇر جەمئىيتى ئۆزىنى قوغدايدىغان تۈپكى ۋاستە ئىقتىساد تەرىپىدىن بازار رىقابىتى ئاستىدا قاتتىق قامال قىلىنغان. بۇنىڭ ئۈچۈن بىردىنبىر يول ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سانائەت بەرپا قىلىش، مىللىي كارخانىلارنى كۆپلەپ قۇرۇش ۋە قوللاش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزىمىز چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۇلارنى ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك. شۇنىڭدا تەرەققىي قىلىپ ئۆز بالىلىرىمىزنى ئۆزىمىز ئوقۇتۇپ ئۆزىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدىغان، ئۆز قىزلىرىمىزنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆزىمىز كۆرەلەيدىغان ھالغا كېلىشىمىز مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچىلىك ئىقتىدارى بارلىكى كىشىلەر بىرلىشىشى، ھەر بىر ساھەدە مىللىي كارخانا بەرپا قىلىش، بازار ئېچىش، توغرا رىقابەتلىشىش ئاساسىدا ئىلگىرلەپ، ئالدى بىلەن ئامال بار ھەر خىل ساھەلەردە ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزغا تايىنىدىغان، ۋە ياخشى مەھسۇلاتلارنى چەت – ئەللەرگە ئېكىسپورت قىلدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىز ئىشلەپچىقارغان ماللارنىڭ ماركىلىرىنى ئۆز تىلىمىزدا يازالىشىمىز، ئۆزىمىز ئىشلەپچىقارغان كومپىيۇتىرنىڭ ئىشىلتىش قوللانمىسى ۋە سېستىمىسىنى ھېچبولمىغاندا تېلىۋزورنىڭ ئىشىلتىش قوللانمىسىنى ئۆز تىلىمىزدا قىلالىغىنىمىزدىلا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل بولىدۇ. يۇرتىمىز بېيىغاندىلا كىشىلەر بولۇپمۇ ئىختىساسلىقلار سىرتقا ئېقىپ كەتمەيدۇ. نوپۇسىمىز كۆپەيسە مىللەتنىڭ پەن-مەدىنيەت، مائارىپ ئىشلىرى ئاندىن روناق تاپىدۇ. دېمەك پەن-تېخنىكىنىڭ راۋاجلىنىشى ھەرگىزمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەي تىرىشىپ ئۆگىنىشى ياكى باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نومۇرنى يۇقىرى ئېلىشىغىلا باغلىق ئىش ئەمەس. بالىلار ياش – ئۆسمۈرلەر كۈچلۈك خاراكتېر يېتىلدۈرۈشى، كۈچلۈك بەدەن ساپاسى، پىسخىك ساپاغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ھەرگىز ئۇلارنى بىر توقاي كېرەكسىز بىلىملەرنى ئۈستىگە يۈكلىۋالغان ئېشەك ياكى كىتاب قۇرتى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. چوقۇم ئىگىلىك يارىتىش روھى بولۇشى ، ھەر قايسى پەنلەر، سانائەتلەر توغىرسىدىكى بىلىملەر جەملىنىشى، سېستىمىلىق ھالدا ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشىلتىلىشى كېرەك. سىلەر ئۇيغۇرلار مىللىيچە كىيىملەرنى كىيمەيدىغان بولۇپ كەتتى دەپ ۋايسايسىلەر، قايسىڭلار مىللىيچە كىيىملەرنىڭ پوسۇنى، تىكىلىشى ئۈستىدە تەتقىقات يۈرگۈزۈپ باقتىڭلار، قايسىڭلار ئۇلارنى زامانغا ماسلاشتۇرۇش، يېڭىچە ھەم يازدا، ھەم قىشتا، ھەم ئېتىزدا ھەم ئىشتا كىيىدىغان قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقتىڭلار؟ مىللىيچە كىيىم دوپپا، كانىۋاي كۆينەك، ئەتلەس كۆينەك ۋە تون بىلەن چەكلىندىغان تۇرسا(كام دېگەندە مېنىڭ بىلىدىغىنىم موشۇلار) بۇلارنى قانداقمۇ بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە كىيىپ يۈرگىلى بولسۇن؟ كارخانا قۇرغانلار باشقۇرۇش ئىلمى ھەققىدە ئىزدىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ كارخاناڭلارنى ئۇزۇن مەزگىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قانداق پىلان تۈزدۈڭلار؟ مەن ئۇيغۇر ناخشا – ئۇسۇلچىلارنى ھۈرمەتلەيمەن، كام دېگەندە شۇلار ئۆزىنى زامانغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچەپ خەلقنىڭ ھاجىتىدىن چىقىۋاتىدۇ. مەن يازغۇچى ئالىملارنى ھۈرمەتلەيمەن، ئۇلار خەلقىمىزنى ئويغىتىپ مەنىۋى كۈچ بېغىشلاۋاتىدۇ. ھالبۇكى ئەگەر ئۇلار بولمىغان بولسا، بىزنىڭ تەغدىرىمىز ئاللىقاچان باشقا مەنىۋى كۈچى ئاجىز مىللەتلەرگە ئوخشاش بولغان بولاتتى. مەن ئۈمىدسىزلەرنى ياقتۇرمايمەن. چۈنكى ئۇلاردىن پايدا كەلمەيدۇ. مەن قىزىققان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى، كىشىلەرنىڭ چىرايى، يۈرۈش تۇرۇشى، گەپ سۆزلىرىدىن باشقا ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى كۆرەلىشىنى، جەمئىيەتنىڭ سىرتقى قىياپىتىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان سىرلىرىنى بايقىيالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلۇغ داھىيمىز ماۋزىدۇڭنىڭ مۇنۇ سۆزى بويىچە ئېيساق:«توغرا ئىدىيە كىشىلەر تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن ھامان، ئۇ ناھايتى چوڭ كۈچكە ئايلىندۇ»، ئاخىرىدا خەلقىمىزنىڭ توغرا ئىدىيىلەر تەرىپىدىن يېتەكلىنىشىنى، بۇ كۈچنىڭ بىزنى تەرەققىيات يولىغا باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىرچە يۈزەكى قاراشلىرىمنى شۇنچىلىك سۆزلەي.
تېما تەستىقلىغۇچى : قوزام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-01-21, 08:31
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+999(پەيلاسوپ) تەقدىرلەشكە ..
  • كۈمۈش ئوق بىلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ
    http://kumushoq.blogspot.com
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-21 16:10 |
    ھېسلىرىم
    ھېس قىلىپ يىتەلمىگىنىم نۇرغۇن.
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21316
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 934
    شۆھرەت: 871 كىشىلىك
    پۇل : 5189 سوم
    تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 555 نۇمۇر
    قوللاش: 466 نومۇر
    ئالقىش: 501 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 90(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

       ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ، كاللامغا نۇرغۇن نەرسىلەر كەلدى ....  ،  بىز ھەقىقەتەن بىر غەيرى ئەھۋالدا ،مۇھىتتا تۇرىۋاتىمىز ، ئەمما ، سىز دىگەندەك بولسا ، كۆپىنچە ئادەملىرىمىز قوبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن ، چۈنكى ئۇيغۇرلار «ھەممە ئىشنىڭ ئۆز يولى بويىچە ماڭغىنى تۈزۈك »دىگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ ، بىزنىڭمۇ بىراقلا ھەممىمىزنىڭ ئىدىيىسىنى يىڭىلاپ ، زامانغا ، مەدەنىيەتكە، ئىلغار ئاڭغا ....ماسلىشىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. تەرەققىيات بىزنىڭ بۇ شىنجاڭغا نىسبەتەن تىخى بىر يىڭى شەيئى ،  توغرا ئاڭ ،مەدەنىيەت قارىشى تىخىمۇ شۇ ... B\c_GXUw  
      سىزنىڭ ئۈمىدىڭىز بەلكىم يەنە 100 يىلدىن كىيىن ئوموملىشىشى مۇمكىن .... H dqB B   
    ?o;ip  
    fe/;U=te  
    بۇ  تىمىنى نادىرلاپ قويۇڭلار ...
        ھېس قىلىپ باقتىم ، ئەمىلىيەتتە ئىرىشەلمىگەن مۇھەببەتنى ھېس-تۇيغۇ ئارقىلىق ئىرىشمەكچىمەن ،چۈنكى ،مەنمۇ بىر ھىسىياتلىق ئادەم ، ھېس-تۇيغۇ ئارقىلىق بولسىمۇ تەسەللى تاپماقچىمەن ، كىم ماڭا ھەقىقىي تەسەللى بىرەلەيدۇ؟ كىم ؟؟؟  پەقەت ئۆزۈم.......
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 16:44 |
    erk uzun
    قوزام
    ئەخلاقىڭ بىلەن ياشا !
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 18431
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1414
    شۆھرەت: 2350 كىشىلىك
    پۇل : 146172 سوم
    تۆھپە: 510 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2061 نۇمۇر
    قوللاش: 1567 نومۇر
    ئالقىش: 2060 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    توردىكى ۋاقتى : 278(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ شۇنداق قارايمەن . بىزدە نۇرغۇن ئىللەتلەر بار ، سىزنىڭ تىمىڭىزنى ئۇقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇقۇپ چۈشىنىدىغان كاللا بولغاندىن سىرت يەنە ئۆزىمىزدىكى ئىللەتلەرنى تۇگۇتۈشكە ۋاقىت كىتىدۇ. لېكىن  تاڭ جۇمۇ . ..................... 72OqXa*  
    تەرەققىيات دىسە بىزنىڭ كاللىمىزغا دەرھال باشقا تەرەققى قىلغانلارنى دوراپ كىيىش ، دوراپ يىيىش ، دوراپ ئويناپ يۈرۈشلەر كىلىدۇ يۇ لېكىن ئۇلارنىڭ قانداق تەرەققىي قىلغانلىقىنى دوراپ بىقىش كەلمەيدۇ . Qy"Jt]O  
    شۇنداقتىمۇ مۇشۇنداق ئەتراپلىق كۈزىتىپ مۇلاھىزە قىلىپ بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئويلىنىش ئۈچۈن قويغان تىمىڭىزغا رەھمەت .
    armaninkas4
    قىز بالا ھاياسىز بولسا،ئۆزىنىڭ قەدرى-قىممىتىنى ساقلىمىسا،مەڭگۈ ئوغۇل بالىنىڭ ئالدىدا خار-زار بولۇپ ئۆتىدۇ.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 17:02 |
    ناز
    مەن ھامان سۈكۈتتە ......
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە باشقۇرغۇچى ئىلغار باشقۇرغۇچى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 23057
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1535
    شۆھرەت: 2233 كىشىلىك
    پۇل : 979386 سوم
    تۆھپە: 453 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2596 نۇمۇر
    قوللاش: 2377 نومۇر
    ئالقىش: 2484 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    توردىكى ۋاقتى : 226(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تەرەققىيات دىسە نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كۆز ئالدىغا ناھايتى تىزلا ئىگىز بىنا ،قىممەت پۇللۇق ماشىنا،فونتان....قاتارلىقلار كىلىدۇ،خۇددى ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ ئايالىغا(بەش مىليونلۇق خىيال دىگەن ئىتوتتا) ئوخشاش ھەممە نىمىدىن غەرپچە پۇراق چىقىرىشقا ئىنتىلىدۇ،ۋەھالەنكى،تەرەققىيات ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىنى يوقتىش ھىساپىغا كەلمەيدۇ،يىراقنى كۆرەر كاللا ھەم سەزگۈر ئەقىل تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇشى كىرەك،بىزدە دەل مۇشۇ كەم!
    كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.....
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 18:56 |
    پەيلاسوپ
    مەن ساڭا ئۆچ!بىلەمسەن؟
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا تەشۋىقات ئەلچىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11529
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 4564
    شۆھرەت: 3630 كىشىلىك
    پۇل : 741 سوم
    تۆھپە: 60 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4708 نۇمۇر
    قوللاش: 4523 نومۇر
    ئالقىش: 4835 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەرۋاھلار
    توردىكى ۋاقتى : 583(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نەقىل
    بۇ مەزمون3قەۋەتتىكىنازنىڭ2009-01-21 18:56دە يوللىغان يازمىسى  : 7_ix&oVI  
    تەرەققىيات دىسە نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كۆز ئالدىغا ناھايتى تىزلا ئىگىز بىنا ،قىممەت پۇللۇق ماشىنا،فونتان....قاتارلىقلار كىلىدۇ،خۇددى ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ ئايالىغا(بەش مىليونلۇق خىيال دىگەن ئىتوتتا) ئوخشاش ھەممە نىمىدىن غەرپچە پۇراق چىقىرىشقا ئىنتىلىدۇ،ۋەھالەنكى،تەرەققىيات ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىنى يوقتىش ھىساپىغا كەلمەيدۇ،يىراقنى كۆرەر كاللا ھەم سەزگۈر ئەقىل تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇشى كىرەك،بىزدە دەل مۇشۇ كەم! `'s_5Ek  
    iXm&\.%  
    ھىسياتقا تاينىپ مەسىلە ھەل بولىدىغان ئىش بولغان بولسا ئاللا قاچان بىر يەرلەرگە بىرىپ بولغان بولاتتۇق... yb',nGl~  
    ئۆينىڭ دەرىزىنى ئىچىۋەتسە سىرىتنىڭ ساپ ھاۋاسى كىرگەندىن باشقا يەنە خالانىڭ سىسق پۇرىقىمۇ  ئەگىشىپ كىرىدۇ. ئۇنىڭغا قانداق يۇزلىنىمىز؟ قانداق قارايمىز؟ شۇنىڭغا قارشى تۇرىمىزمۇ ياكى ئۆزىمىزنى بارغانسىرى مۇكەممەللەشتۇرىمىزمۇ؟ مانا بۇ بىز ئالدى بىلەن ئويلىشىدىغان مەسىلە..........
    ئۆزۇڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي!
    ئۆزىنى مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن تەرەققىي قىلمىغان مىللەت كەلگۇسىدە يوقىلىدىغان مىللەت!!!!!!!
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 19:05 |
    ناز
    مەن ھامان سۈكۈتتە ......
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە باشقۇرغۇچى ئىلغار باشقۇرغۇچى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 23057
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1535
    شۆھرەت: 2233 كىشىلىك
    پۇل : 979386 سوم
    تۆھپە: 453 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2596 نۇمۇر
    قوللاش: 2377 نومۇر
    ئالقىش: 2484 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    توردىكى ۋاقتى : 226(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    پەيلاسوپ مەن سىزنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى پەقەتلا چۇشەنمىدىم،سىز مىنىڭ ئىنكاسىمنى نەقىل ئاپسىز ئەمما مىنىڭ قايسى پىكىرىمنى ئىنكار قىلماقچى ۋە ياكى تولۇقلىماقچى ؟
    izdax.com
    كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.....
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 19:18 |
    پەيلاسوپ
    مەن ساڭا ئۆچ!بىلەمسەن؟
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا تەشۋىقات ئەلچىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11529
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 4564
    شۆھرەت: 3630 كىشىلىك
    پۇل : 741 سوم
    تۆھپە: 60 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4708 نۇمۇر
    قوللاش: 4523 نومۇر
    ئالقىش: 4835 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەرۋاھلار
    توردىكى ۋاقتى : 583(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نەقىل
    بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىنازنىڭ2009-01-21 19:18دە يوللىغان يازمىسى  : |FD-q.AV  
    پەيلاسوپ مەن سىزنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى پەقەتلا چۇشەنمىدىم،سىز مىنىڭ ئىنكاسىمنى نەقىل ئاپسىز ئەمما مىنىڭ قايسى پىكىرىمنى ئىنكار قىلماقچى ۋە ياكى تولۇقلىماقچى ؟ iu.+bX|b  
    @k2nID^>  
    كەم نۇقتىلارنى تولۇقلاپ قويدۇم.....بۇمۇ خاتا بولماس....
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+100(ناز) قوللايمەن ھە ..
  • ئۆزۇڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي!
    ئۆزىنى مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن تەرەققىي قىلمىغان مىللەت كەلگۇسىدە يوقىلىدىغان مىللەت!!!!!!!
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 19:20 |
    قوزام
    ئەخلاقىڭ بىلەن ياشا !
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 18431
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1414
    شۆھرەت: 2350 كىشىلىك
    پۇل : 146172 سوم
    تۆھپە: 510 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2061 نۇمۇر
    قوللاش: 1567 نومۇر
    ئالقىش: 2060 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    توردىكى ۋاقتى : 278(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مىللەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش كىرەك دەپ قارايمەن مەن . لېكىن ھازىرقى بىزنىڭ مائارىپىمىز
    قىز بالا ھاياسىز بولسا،ئۆزىنىڭ قەدرى-قىممىتىنى ساقلىمىسا،مەڭگۈ ئوغۇل بالىنىڭ ئالدىدا خار-زار بولۇپ ئۆتىدۇ.
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 19:23 |
    پەيلاسوپ
    مەن ساڭا ئۆچ!بىلەمسەن؟
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا تەشۋىقات ئەلچىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11529
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 4564
    شۆھرەت: 3630 كىشىلىك
    پۇل : 741 سوم
    تۆھپە: 60 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4708 نۇمۇر
    قوللاش: 4523 نومۇر
    ئالقىش: 4835 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەرۋاھلار
    توردىكى ۋاقتى : 583(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نەقىل
    بۇ مەزمون7قەۋەتتىكىقوزامنىڭ2009-01-21 19:23دە يوللىغان يازمىسى  : L}1|R*b  
    مىللەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش كىرەك دەپ قارايمەن مەن . لېكىن ھازىرقى بىزنىڭ مائارىپىمىز 7 Ld5  
    :!\?yj{{  
    مېنىڭچە بولغاندا ئالدى بىلەن كىشىلىرىمىزنىڭ كاللىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كىرەك. چۇنكى دېھقانلار بىزنىڭ نوپۇسىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلاردا ھەقىقىي مائارىپنىڭ قىممىتىنى بىلىدىغان كاللا بولسا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىنى چۈشىنىدىغان بولسا،  ئاندىن كىيىن ئوقۇقۇچىلارنىڭ بىر تازىلاش كىرەك......
    ئۆزۇڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي!
    ئۆزىنى مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن تەرەققىي قىلمىغان مىللەت كەلگۇسىدە يوقىلىدىغان مىللەت!!!!!!!
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 19:26 |
    نىمقۇش
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 33056
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 204
    شۆھرەت: -18 كىشىلىك
    پۇل : 864 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -18 نۇمۇر
    قوللاش: -18 نومۇر
    ئالقىش: -18 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 80(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

             مىللەتنى تەرەققى قىلىدۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش كىرەك ، چۈنكى  مائارىپ ئارقىلىق  ئاندىن مىللەتنى تەرەققى قىلدۇرغىلى بۇلىدۇ. بۇنىڭ ئچۈن مىللىتىمىز ئارسىداىكى ھەربىر كىشىدە توغىرا بولشان مائارىپ ئىدىيسى، مائارىپ قارىشى ،  ئختىزاد قارىشى بۇلىشى كىرەك ، يەنى : ئۈزىمىزنىڭ مىللى ئەنئەنىمىزنى يۇقاتمىغان ھالدا مەدەنىيەت، ئىگەلىلىشىمىز ، ئىلىم -پەن بىلىملىرى بىلەن ئۈزىمىزنى قۇراللاندۇرشىمىز كىرەك. *E0dCY$  
         ئاندىن كىيىن يېزىلاردىكى مىللى مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشىمىز كىرەك.
    http://www.agranum.cn/bbs
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 22:04 |
    748
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33231
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 33
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 198 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 50(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇشۇنداق گەپ قىلىپسەن ئاغىنەم .... 7>#?-, B  
    بەزىلەر مىللىتىمىزنى تىللاپ باقتى .لېكىن قايسى بىرىگە گەپ ئۆتتى دەيسڭز ... بەزىلەر ماختاپ باقتى لېكىن بىزدە ھازىر ماختىغۇدەك (كىملەر .نىمىلەر) باردەيسىز . ماختايدىغىنىمىز 1000يىلنىڭ ئالىدىكىلەر .پەخىرلىنىدىغىنىمىزمۇ شۇ .. مىللىتىمىزدىن بىرەسى ماركا ئىشلىسە ئۇنىڭكىنى ئالماي ***** دادىسى يا بولمىسا چەتئەللىك ئانىسى ئىشلىگىنىنى ئالىدۇ..بىزنىڭ شىركەتلىرىمىز يېتىپ قالسا بىزنىڭ تەرەققى قىلمىدى دەپ بىربىرى بىلەن گەپ تالىشىدۇ .. ئەمدى بۇنى كىمدىن كۆرىمىز ...دەپ باقىلى قېرىنداشلا .............قايسى بىر ئادەم ماڭا(ياتقا بىر موچەن پايدا قىلىپ بەسەڭ بىركۇنلەر دە شۇ بىر موچەن ساڭا بىر پاي ئوق بۇلۇپ كىلىدۇ)دىگەن ... سىلەرمۇ بىلىپ قېلىڭلار ..بىز غۇ ھازىر ******** بولمىسا ياشىيالماس بولدۇق ... بىزدىمۇ نىمە ئامال دەيسىلەر .  ..  كىممۇ بىزنى دۆت يارىلىپ قالسۇن دەپتىكەن . يا ئۇيىشالمىساق . يامىللىتىمىزنى قوللىمىساق . .... >yr:L{{D}G  
           بەزىلەرنىڭ خاپا بولماسلىقىنى ئۇمۇت قىلىمەن چۇنكى مەن بۇ ئارقىلىق باشقىلارغا ھەممە ئادەمنىڭ قۇلىنىڭ ئالدىغا ئىگىلىدىغانلىقىنى . يولۋاسمۇ قورسىقى ئاچقاندا قول ئاستىىكىلەر نى  يەيدىغانلىقىدەك بىر ئىشنى بىلدۇرۈپ قويماقچى ....     بۇ جاھاندا كىمنىڭ كىم بىلەن كارى.ۋاختى كەلسە  n7g}u  
    سىزنى ماڭا 1كوي  بىرىڭ دىسەم .سىزگىمۇ خۇدايىم بىرە دەرسىز بەلكىم ...
    [ بۇ يازماقوزامتەرپىدىن2009-01-21 22:51دە قايتا تەھر ]
    http://www.agranum.cn/bbs
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 22:34 |
    تالى
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35716
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 112 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئالدى بىلەن ئۆزلۈك قارشىمىزنى موكەممەللەشتۇرمىسەك، تەرەققى قىلدۇرمىساق تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.  ھەقىقى مائارىپچىلىرىمىزنىڭ، ئاقىل زىيالىيلىرىمىزنىڭ قانداق سىستىمىلىق پىلانلىرى باردۇر؟ كىملەر بىزگە قانداق يىتەكچىلىك قىلىشى كىرەك؟ <<مەن>>دىن ۋە ئائىلىدىن تەرەققىياتنى قانداق باشلايمىز؟
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 22:43 |
    ئەندەلىب
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13298
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 470
    شۆھرەت: 382 كىشىلىك
    پۇل : 77950 سوم
    تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 403 نۇمۇر
    قوللاش: 416 نومۇر
    ئالقىش: 567 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 151(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن ئالدى بىلەن تىما ئېگىسنى ھۆرمەتلەيمەن ،  تېما ئېگىسى سىز  بىر قانچە مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئاۋال بىزنى ئويلۇنۇشقا بۇيرۇپسىز ، ئاندىن ئۆزىڭىز بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىشقا تېرىشپسىز .( مەن چۇقۇم بۇ روھىڭىزدىن ئۆگىنىمەن . ) f4%Z~3P  
    كاللام ئاددىيمۇ ، ياكى بىلىم سەۋىيەم تايىنىلىقمۇ سىزنىڭ <يۈزەكى > قاراشلىرىڭىزنى بەك چۈشىنىپمۇ كېتەلمىدىم . سىز باشتا ئوتتۇرغا قويغان سۇئاللارغا تېمىڭىزنىڭ ئاخىرىدا  تۈزۈك جاۋاپ تاپالمىغاندەك ھېسياتتا بۇلىۋاتىمەن . سىز ئوتتۇرغا قويغان سۇئاللار بەزىلىرىمىزنىڭ ، جۈملىدىن مېنىڭ كاللىمىزغا يالت -يۇلت كېلىپ قالغان ،ۋە ياكى كېلىپ قارشى ئېلىنمىغان سۇئاللار . سىز ئوتتۇرغا قويغان ھادىسىلەر مېنى خېلى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ خېلى بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم . نۇرغۇن قاراشلار مېنى قايىل قىلدى . بىراق مېنڭمۇ  كاللامغا بىر قانچە سۇئال كەلدى. سىز ئۆزىڭىز ئوتتۇرغا قويغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلشنىڭ يولىغا جاۋاپ ئورىنىدا << بۇنىڭ ئۈچۈن بىردىنبىر يول ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ،سانائەتنى بەرپا قىلىش ،مىللىي كارخانىلارنى كۆپلەپ قۇرۇش ۋە قوللاش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزىمىز چىقىشنى  ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۇلارنى ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك ... بۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچىلىك ئىقتىدارى بارلىكى كىشلەر بىرلىشىشى، ھەر بىر ساھەدە مىللىي كارخانا بەرپا قىلش ، بازار ئېچىش ، توغرا رىقابەتلىشىش ئاساسىدا ئېلگىرلەش كېرەك ..... >> دەپسىز . بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ باشلىنىشى، شۇنداققۇ . ئۇنداقتا ، ئىقتىسادنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرمىز ، سانائەتنى قانداق بەرپا قىلىمىز ؟ بۇنىڭغا بىزدىكى شەرىت -شارائىت قانچىلىك ھازىر بولدى؟ بۇ يەردىكى مەبلەغچۇ ، بۇلارنى قىلىدىغان بىلىملىك ، قابىل كىشلەرچۈ ؟ بىزدىكى تەبىئىي بايلىق ، ئىجىتمائي بايلىقنىڭ ئېچىلىشىچۇ ؟ بۇنى كىملەر ئاچماقچى ، ئاچىدۇ ؟؟ مىللىي كارخانىلارنى كىملەر قۇرۇيدۇ ؟ بازارنى كىملەر ئاچىدۇ ؟شۇنچىلىك ئىقتىدارى بارلىكى كىشلەر بىرلەشكۈدەك بىزدە شۇنداق روھ بارمۇ ؟بىز بىر - بىرىمىزنى  شۇنچە قوللامدۇق ،يۆلەمدۇق ؟ مىللەتنى گۈللەندۈرۈمىز دېگەن ئىرادىسى زورلار  كۆپ ، بىراق ئەمەلىي ئىش قىلىدىغانلارمۇ شۇنچە كۆپمۇ ؟ .....  cs+;ijp  
    مېنىڭ قارىشىمچە ، ئادەم ئامىلى ئەڭ مۇھىم ئامىل ، بۇ ئامىل ئىچىدىكى مۇھىمى بولسا ئىدىيە، يېتەكچى ئېدىيە ! $('"0 @fg  
    بۇنىڭ ئۈچۈن مىللىي روھ ئۆزىنى تونۇشى ،  قۇدرەت تېپىشى كېرەك . مىللەتنىڭ بىلىم روھىنى كۆتىرەڭگۈ قىلىش كېرەك . R[#Np`z  
    I /2{I  
    ئاشۇ ئىشلارنى قىلىدىغان زور بىر تۈركۈم يارامىلق ،قابىل كىشلەر بۇلىشى كېرەك . بۇلار ئاسماندىن چۈشەمدۇ ياكى يەردىن ئۈنەمدۇ ؟ ياق ، ئۇلار خەلقىمىز ئارىسىدىن كېلىدۇ ، مائارىپنىڭ ئىسلاھ بولۇشى ، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدىن كېلىدۇ . مائارىپنى كىم ئىسلاھ قىلىپ ،كىم تەرەققىي قىلدۇردۇ ؟ بۇنىڭغا جاۋاپ ، بىز ، بىز مائارىپتا ئوقۇۋاتقان يېڭى بىر ئەۋلات ياشلار . ئەلۋەتتە ،بىزمۇ قوللاشقا ، ياردەمگە مۇھتاج بۇلىمىز . f.yvKi.Cm  
    6d7E@}<  
    قانداق قىلىش كېرەك؟؟ o,r72>|  
    بۇنىڭ ئۈچۈن ئويلىنىش كېرەك ! "SMRvi57T  
    ھەممەيلەن ئويلۇنۇپ بۇنىڭغا جاۋاپ تېپىش كېرەك!! O)N$nBnp  
    Dj9 v9  
    يۇقۇردىكى بىر ئېنكاسغا  كەلسەك : :)9CG!2y 
    ماختىغۇدەك پەخىرلەنگۈدەك ئادەملىرىمىز كۆپ ، بىز شۇ چىن دىلىمىزدىن تونۇمايمىز ، قەدرىنى قىلمايمىز .
    [ بۇ يازمائەندەلىبتەرپىدىن2009-01-22 00:28دە قايتا ت ]
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+100(ناز) ئەتراپلىق تە ..
  • ھاياتنىڭ بەزى كۈنلىرى ئادەمگە ئۇنتۇلغۇسىز تاتلىق تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ، يەنە بەزى كۈنلىرى بولسا ئاچچىق - ئاچچىق ئازابلارنى تاڭىدۇ.مەيلى ئازاب بولسۇن، ۋە ياكى مەيلى شاتلىق بولسۇن،ئەسلىمە بولۇپ قالغىنى مەڭگۈ قىممەتلىك .
    شېئىر ، سەن مېنىڭ سۆيگۈمدىن ئۇچقۇن ،
    مەن سېنىڭدە  كۆيگەن بىر  سولتەك.
      قەدىرىم ، قەھىرىم بىلەن قۇچىمەن ئۇپقۇن ،
      كۆيدۈرۈپ ياشىغانلارنى زېمىندا قۇرىتتەك .
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 22:52 |
    ئەندەلىب
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13298
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 470
    شۆھرەت: 382 كىشىلىك
    پۇل : 77950 سوم
    تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 403 نۇمۇر
    قوللاش: 416 نومۇر
    ئالقىش: 567 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 151(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تەرەققىيات ، بۇلۇپمۇ غەيرىي مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەن سوغۇق شامال بىلەن ئېتىقاد ۋە ئەخلاق ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتمۇ بىر مەسىلە.
    ھاياتنىڭ بەزى كۈنلىرى ئادەمگە ئۇنتۇلغۇسىز تاتلىق تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ، يەنە بەزى كۈنلىرى بولسا ئاچچىق - ئاچچىق ئازابلارنى تاڭىدۇ.مەيلى ئازاب بولسۇن، ۋە ياكى مەيلى شاتلىق بولسۇن،ئەسلىمە بولۇپ قالغىنى مەڭگۈ قىممەتلىك .
    شېئىر ، سەن مېنىڭ سۆيگۈمدىن ئۇچقۇن ،
    مەن سېنىڭدە  كۆيگەن بىر  سولتەك.
      قەدىرىم ، قەھىرىم بىلەن قۇچىمەن ئۇپقۇن ،
      كۆيدۈرۈپ ياشىغانلارنى زېمىندا قۇرىتتەك .
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 22:58 |
    ئارمىيە
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35182
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 152
    شۆھرەت: -12 كىشىلىك
    پۇل : 2251 سوم
    تۆھپە: 2 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    قوللاش: 4 نومۇر
    ئالقىش: -7 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    توردىكى ۋاقتى : 186(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىز مائارىپنى پۇتۇن كۈچىمىز بىلەن قوللىشىمىز كېرەك . كاللىنى يېڭىلاش ئۈچۈن ئەلۋەتتە مائارىپ بولمىسا بولمايدۇ - دە  . PIHix{YR  
    ئۇرۇشتا يېڭىگەن مىللەت قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقالايدۇ ، ئەمما مائارىپتا يېڭىلگەن مىللەت مەڭگۈ باش كۆتۈرۈپ چىقالمايدۇ ، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلمىگەن مىللەت ، كەلگۈسىنى دەپنە قىلغان مىللەتتۇر . . . <` V_H~Z  
    دېمەك مائارىپ تەرەققي قىلمىغان ئورۇندا تەرەققىياتمۇ بولمايدۇ ، بولسىمۇ تەقلىدچىلىك ، شەكلەن تەرەققىيات پەيدا بولىدۇ . . .
    تورغا چىقىڭ ، لىكىن تورغا چۈشۈپ قالماڭ !
    617743071
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-22 01:54 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    • «
    • 1
    • 2
    • »
    • Pages: 1/2     Go
    سەلكىن مۇنبىرى » كۆڭلۈمدىكى گەپلەر