mtv SALKIN kino 1
  • «
  • 1
  • 2
  • 3
  • »
  • Pages: 1/3     Go
بۇ بەتتىكى تېما:ئوبامانىڭ  ۋەزىپە تاپشۇرۋىلىش نۇتۇقى IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 11053 قېتىم كۆرۈلدى
ئسلاھات
دەرىجىسى : ئالاھىدە تەكلىپ


UID نۇمۇرى : 20080
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 644 كىشىلىك
پۇل : 1950 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 165 نۇمۇر
قوللاش: 138 نومۇر
ئالقىش: 250 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئوبامانىڭ  ۋەزىپە تاپشۇرۋىلىش نۇتۇقى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئەلقۇت قۇلۇپلاشتىن قالدۇردى .(2009-01-21)
رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:

باشقا تور بەتكە كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ .
سەلكىن تورى ئالاھىدە تەكلىپلىك ئەزاسى تاھىر ئىمىن تەرجىمە قىلغان،باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ.




ئوبامانىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۋىلىش نۇتۇقى( ئۇيغۇرچە )

ئنگىلىز تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن 21-يانۋار ئەتتىگەن سائەت 8:00دىن 12:00گىچە
مەنبەسى:نىيۇيورك ۋاقىت گىزىتى

ۋەتەنداشلىرىم:
بۇگۇن مەن بۇ يەردە ئالدىمىزدىكى ۋەزپىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان،سىلەر بەرگەن ئشەنچتىن مەمنۇن بولۇۋاتقان،ئەجداتلىرىمىز بىغىشلىغان قۇربانلىقلارنى يادلاپ تۇرىۋاتقان ھالەتتە تۇرۇپتىمەن.مەن پىرىزدىنىت بۇشنىڭ دۆلىتىمىز ئۇچۇن قىلغان خىزمىتى شۇنداقلا ۋەزىپە ئۆتكۇزۇپ بىرىش جەريانىدىكى مەردانىلىقى ۋە ھەمكارلاشقىنى ئۇچۇن رەھمەت ئىيتىمەن.



ھازىرغا قەدەر 44نەپەر ئامرىكا پۇقراسى پىرىزدىنىتلىق قەسىمىنى بەردى.ئۇلارنىڭ سۆزلىرى دۆلەت گۇللىنىۋاتقان ،تىنچلىق ھۆكۇم سۇرگەن مەزگىللەردە بولدى.يەنە بەزىدە بۇ قەسەملەر تۇمانلىق بۇلۇتلار ۋە شىددەتلىك بورانلار ئارىسدا قالدى.ئەنە شۇنداق چاغلاردا ئامرىكا يەنىلا بەرداشلىق بەردى.بۇ ئاددىيلا ھالدا ھوقۇق قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئەقىل-پاراستى سەۋەبىدىنلا بولغان ئەمەس،بەلكى بىز دە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىتىقاتى ۋە دۆلەت قۇرۇش پىرىنسپىمىزغا قەتئى ئشىنىدىغان خەلقىمىزنىڭ بولغانلىقىدىندۇر.
مانا بۇ سەۋەبتىن ئامرىكا بەرداشلىق بىرىپ كەلدى.دەل شۇ سەۋەبتىن بىز بىر ئەۋلات ئامرىلىكىقلارمۇ بەرداشلىق بىرىشىمىز كىرەك.


بىزنىڭ كىرزىس ئىچىدە قالغانلىقىمىز ھەممىگە مەلۇم.دۆلىتىمىز تەرەپ-تەرەپكە تارقالغان زوراۋانلىق ۋە ئۆچمەنلىككە قارشى ئىلىپ بىرىلىۋاتقان بىر ئۇرۇش ئىچىدە تۇرۇپتۇ.دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى بىر قىسىم كىشلەرنىڭ ئاچكۆزلۇكى ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكى،مۇشكۇل تاللاشلاردىن ھالقىپ دۆلەتنى يىڭى دەۋىر تەلىۋىگە تەييارلاش ئۇچۇن قىلغان كوللىكتىپ تىرىشچانلىقىمىزنىڭ ئۇنۇمسىزلىكى نەتىجىسدە ئىغىز دەرىجىدە يامانلاشتى. پۇقرالىرىمىز ئۆيلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.خىزمەتلىرىدىن قۇرۇق قىلىشتى. شىركەتلەر تاقالدى.داۋالاش راسخوتى قىممەتلىشپ كەتتى.مەكتەپلىرىمىز تالايلاپ مەغلۇپ بولدى.ھەر بىر كۇن شۇنى ئسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى،بىزنىڭ ئىنىرگىيە ئشلىتىش ئۇسۇلىمىز رىقابەتچىلىرىمىزنى كۇچەيتىپ پىلانتىمىزغا تەھدىت ئىلىپ كەلدى.
مانا بۇلار ماتىرىيال سۇپىتىدە مەۋجۇت بولغان ۋە ئستاستىكا قىلىنىۋاتقان كىرزىسنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.بۇلار تۇپرىقىمىزدا مۆلچەرلەش قىين بولغان ،ئەمما ئشەنچ تۇيغۇمىزنى يالماپ، ئامرىكىنىڭ يىقىلىشى مۇقەررەر ،شۇڭا كىينكى ئەۋلات نەزىرىنى يىراقلارغا تىكمىسىمۇ بولىدۇ  .دىگەن قورقۇنچقا كەلتۇرۇپ قويماقتا.


بۇگۇن مەن سىلەرگە شۇنى ئىيتىمەنكى،بىز دۇچ كەلگەن خىرىسلار رىئاللىقتۇر.بۇلار ئنتايىن جىددى ۋە ئنتايىن خىرىسلاردىن ئىبارەت.بۇلارغا ئاسانلىقچە ياكى قىسقىغىنە ۋاقىتتا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ،بىراق،ئامرىكا شۇنى بىلىپ قويسۇنكى،بىز بۇ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرالايمىز.


بۇگۇن بىز بۇ يەرگە جەم بولدۇق،چۇنكى بىز قورقۇنچنى ئەمەس ئۇمۇتنى ،توقۇنۇش ۋە زىددىيەتنى ئەمەس بىرلىكنى تاللىدۇق.


بۇگۇن بىز سىياستىمىزنى ناھايتى ئۇزۇن بۇرۇقتۇرما قىلىپ كەلگەن نامەرتلەرچە قاخشاشنى ،خاتا ۋەدىلەرنى ،ئاقماس سۆكۇشلەرنى ،ئۇنۇمىنى يوقاتقان دوگمىچىلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىمىزنى جاكارلاش ئۇچۇن جەم بولدۇق.

بىز تىخى يەنىلا بىر ياش دۆلەت،بىراق ئنجىلدىكى تىكىست بويىچە ئىيتقاندا ،بالىلارچە ئشلارنى بىر ياقىغا تاشلايدىغان چاغ كەلدى. ئۇزۇنغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان روھىمىزنى كۇچەيتىپ،تارىخىمىزنىڭ تىخىمۇ ياخشى پۇرسەتلىرىنى تاللايدىغان چاغ كەلدى.ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا داۋام قىلىپ كەلگەن ھەممە ئادەم باراۋەر،ھەممە ئادەم ئەركىن،ھەممە ئادەم ئۆز بەختىنى ئىزلەش پۇرستىگە ئىگە  دىگەن تەڭرى بەرگەن تەڭداشسز سوۋغات،يۇكسەك ئىدىيەنى داۋاملىق ئالغا سۇرۇشكە قەدەم تاشلايدىغان چاغ كەلدى.


دۆلىتىمىزنىڭ بۇيۇكلۇكىنى مۇئەييەنلەشتۇرگەندە،بىز شۇنداق چۇشىنىمىز:بۇ بۇيۇكلۇك قانداقتۇ بىرسى تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنغان ئەمەس،ئۇ قەتئى جاپالىق تىرىشش ئارقىلىق قولغا كەلتۇرۇلگەن.بىزنىڭ سەپىرىمىز ئەزەلدىن چىغىر يولدىن مىڭىش ياكى ھارغىنلىق ئۇچۇن دەم ئىلىشقا ئوخشىمىغان.ئۇ ئەزەلدىن ئشەنچىسى ئاجىزلارئۇچۇن –خىزمەتكە كۆرە تاماششانى تاللايدىغان ياكى پەقەت بايلىق ۋە شۆھرەتنىڭ پاراغىتىنى ئىزلەيدىغان كىشلەر ئۇچۇن بولغان ئەمەس.ئەكسىچە ئۇ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىدىغانلار ئۇچۇن ،ئەمەلى ئىشلىگۇچىلەر ئۇچۇن .قولىدىن ئىش چىققۇچىلار ئۇچۇن ،بەزىدە ئۇتۇقلىرى تەبرىكلەنگەن ،ئەمما كۆپىنچە ئەمگىكى بىلەن مەشغۇل بولۇپ نامى چىقمىغان ،بىزنى ئۇزۇن سەپەردە يۆلەپ كەلگەن ،تەرەققىياتىمىز ۋە ئەركىنلىكىمىز ئۇچۇن يول ھازىرلاپ كەلگەن كىشلەر ئۇچۇندۇر.


ئۇلار بىز ئۇچۇن ئۆزلىرىنىڭ ئازغىنا مال-مۇلكىنى يىغىشتۇرۇپ ،يىڭى ھايات ئىزلەپ دىڭىز-ئوكيانلارنى كەزدى.


بىز ئۇچۇن ئۇلار ئسسىق كىمىلەردە جاپالىق تەرگە چۆمۇلدى،يەر ئىچىش ئۇچۇن غەربكە كۆچتى. يەرگە باغلىنىپ قىلىشنىڭ جاپاسىغا بەرداشلىق بەردى.قاتتىق زىمننى ئاغدۇرۇپ چىقتى.


بىز ئۇچۇن ئۇلار كونكورد ۋە گىتتسبۇرگ،نورماندىيە ۋە ھى سان قاتارلىق جايلاردا ئۇرۇش قىلدى ۋە جان بەردى.تاكى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز مۇشۇنداق ياخشى بولغانغا قەدەر ئۇلار داۋاملىق كۆرەش قىلدى، قوللىرى قاپاردى ،قۇربان بەردى،ئۇلار ئامرىكىنى بىزنىڭ شەخسى غايىمىزنىڭ يىغىندىلىرىدىن ئەۋزەل كۆردى.تۇغۇلغان جايىمىز ،بايلىقىمىز ۋە گۇرۇھلار تەۋەلىكىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن دۆلەتنىڭ بۇيۇك بىرلىكىنى ئەۋزەل كۆردى.


مانا بۇ بىز بۇگۇن داۋاملاشتۇرۇپ كىتىۋاتقان سەپەردۇر،بىز يەنىلا يەرشارىدىكى ئەڭ گۇللەنگەن،ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتمىز.ئشچىلىرىمىز يەنىلا مۇشۇ كىرزس باشلانغان چاغدىكىدەك تىرىشپ ئشلەۋاتىدۇ.كاللىمىز يەنىلا ئىجاتچان .مەھسۇلاتلىرىمىز ،مۇلازىمەتلىرىمىز ئۆتكەن ھەپتە،ياكى ئۆتكەن ئاي ياكى ئۆتكەن يىلدىكىدىن تۆۋەنلەپ كەتكىنى يوق.بىزنىڭ ئىقتىدارىمىز ئاجىزلاپ كەتكىنى يوق.بىراق بىزنىڭ تار دائىردىكى مەنپەئەتنى قوغداش ئۇچۇن تەرەپباز بولۇۋىلىپ ،پايدىسز قارار چىقىرىدىغان ۋاقتىمىز شۇبھسىزكى ئەمدى ئۆتۇپ كەتتى.بۇگۇندىن باشلاپ بىز ئۆزىمىزنى قايتا رەتلەپ چىقىشىمىز،ئۆزىمىزنى سىلكىۋىتىشىمىز ،ئامرىكىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى دەرھال باشلىشىمىز كىرەك.


نەگىلا قارىساق،بىزنىڭ قىلىشىمىزنى كۇتۇپ تۇرغان نۇرغۇن ئىش بار .ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز بىزنى ھەرىكەت قوللىنىشقا،كەسكىن ھەم تىز بولۇشقا چاقىرىپ تۇرۇپتۇ.بىز ئەمدى ھەرىكەتكە كىلىمىز،پەقەت يىڭى خىزمەت ئورنى يارىتىش ئۇچۇن ئەمەس،بەلكى يىڭى ئشش ئاساسى يارىتىش ئۇچۇن ھەرىكەتلىنىمىز.يول ۋە كۆۋرۇك سالىمىز،سودىمىزنى جانلاندۇرۇپ ،بىزنى ئۆز-ئارا باغلايدىغان ئىلىكتىرونلۇق تور ۋە رەقەملىك لىنىيەلەرنى ئورنىتىمىز.ئىلىم-پەننى توغرا يەرگە ئشلىتىپ ،تىخنىكىنىڭ كۇچىنى داۋالاش ئشلىرىنىڭ سۇپىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ۋە تەننەرقىنى چۇشۇرۇش ئۇچۇن ئشلىتىمىز.بىز قۇياش،شامال ۋە تۇپراقلاردىن ماشنىلىرىمىزنى يىقىلغۇ بىلەن تەمىنلەپ زاۋۇتلىرىمىزنى ماڭدۇرىمىز.مەكتەپلىرىمىز،ئىنۇستۇت ۋە ئۇنىۋىرسىتلىرىمىزنى يىڭى دەۋىر تەلىۋىگە ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز.بۇلارنىڭ ھەممىسنى بىز قىلالايمىز.بۇلارنى ھەممىسنى قىلىمىز!!!


بەزىلەر ھازىر بىزنىڭ بۇ ئارزۇلىرىمىزنىڭ دائىرسىگە سۇئال قويۇپ،بىزنىڭ سىستىمىمىز بەك كۆپ پىلانلارغا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن.ئۇلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ناھايتى ئاجىزلىقىدا شەك يوق.ئۇلار دۆلىتىمىز روياپقا چىقارغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئۇنتۇپ قالغان،ئۇلار ئەركىن ئەرلەر ۋە ئەركىن ئاياللار ئورتاق مەقسەت ئۇچۇن ئۇيۇشۇپ ،باتۇرلۇق بىلەن قىلغران تەسەۋۋرلىرىنى بىرلەشتۇرگەندە بارلىققا كەلتۇرگەن ئۇتۇقلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالغان.


ۋاز كەچكۇچىلەر چۇشىنىشكە ئاجىز كەلگەن بىر نۇقتا شۇكى يەرشارى ئۇلارنىڭ پۇتى ئاستىدا ئايلىنىدۇ،بىزنى شۇنچە ئۇزۇن سۇيئستىمال قىلغان كونا سىياسى مۇنازىرىلەر ئەمدى ئاياقلىشسىدۇ.بۇگۇن بىز سورايدىغان سۇئال بىزنىڭ ھۆكۇمىتىمىز بەك چوڭمۇ ياكى بەك كىچىكمۇ دىگەن سۇئال ئەمەس،بەلكى ھۆكۇمىتىمىزنىڭ ئائىلىلەرنىڭ مۇۋاپىق مۇئاشى بار خىزمەت تىپىشغا ياردەم قىلىش ئىقتىدارى ،غورۇرنى كاپالەتكە ئىگە قىلدىغان پىيىنسيە كاپالىتىنى بىرش ئىقتىدارىغا سۇئال قويۇشمىز كىرەك.بۇنىڭ جاۋابى ‹‹،قىلالايدۇ›› بولغاندا.بىز ئالغا قاراپ مىڭىشنى نىيەت قىلدۇق.جاۋابى ياق بولغاندا،بارلىق پروگىراممىلار ئاخىرلىشدۇ.ھۆكۇمىتىمىزدىن خەلق پۇلىنى باشقۇرىدىغان كىشلەر ھەممىنى ھىسابلىق تۇتىدۇ.ئورۇنلۇق خەجلەش،ناچار ئادەتلەرنى ئسلاھ قىلىش،سودىمىزنى ئوچۇق-ئاشكارا قىلىش،ئۇچۇن نازارەت قىلىنىدۇ.چۇنكى شۇنداق قىلغاندىلا بىز بىر خەلق بىلەن ئۇلارنىڭ ھۆكۇمىتى ئوتتۇرسىدىكى زۆرۈر بولغان ئشەنچنى ئەسلىگە كەلتۇرەلەيمىز.



ئالدىمىزدىكى سۇئال –بازار پايدىلىق كۇچمۇ ياكى زىيانلىق كۇچمۇ دىگەنمۇ ئەمەس.بازار بايلىقنى ئايلاندۇرۇپ،ئەركىنلىكنى كىڭەيتىدىغان يىگانە ۋاستە.بىراق بۇ كىرزىس بىزگە شۇنى ئەسلەتتىكى،تولۇق دىققەت قىلمىغاندا بازار بىزنىڭ كونتىروللۇقىمىزدىن چىقىپ كىتىدۇ.شۇنداقلا بىز دۆلەت پەقەت بايلىقنى ئويلاشقاندا ئۇنىڭ بايلىقى ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ.ئىقتىسادىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيتى ھەمىشە پەقەت ئىچكى ئشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىگىلا باغلىق بولۇپ كەلگەن ئەمەس،بەلكى يەنە تەرەققىياتىمىزنىڭ دائىرسىغا،تەرەققىيات پۇرستىنى ئىزلىگەنلەرگە ساخاۋەت يۇزسىدىن ئەمەس ،(باراۋەرلىك نۇقتىسىدىن) پۇرسەت يارىتىپ بىرىشىمىزدە گەۋدىلەنگەن.چۇنكى بۇ بىزنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىمىزنى قوغدايدىغان ئەڭ ئۇنۇملۇك يولدىن ئىبارەت.


بىز ئورتاق بىخەتەرلىكىمىز ئۇچۇن بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزۋە ئىتىقاتىمىز ئوتتۇرسىدا قويۇلغان تاللاشنى رەت قىلىمىز.دۆلەت قورغان ئاتىلىرىمىز بىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان خىيم-خەتەرلەرگە دۇچ كەلگەندە قانۇن-تۇزۇمنى ۋە ئنسان ھوقۇقىنى   مۇئەييەنلەشتۇرىدىغان،دەۋىردىن دەۋىرگە قان-قىنىمىز بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن نىزامنامىلەرنى تۇزگەن.ئاشۇ ئىتقاتىمىز ھىلىھەم دۇنيانى يورۇتۇپ تۇرۇپتۇ.بىزبۇ ئىتىقاتتىن پايدىنى كۆزلەپ ۋاز كەچمەيمىز.بۇگۇن بىزگە قاراپ تۇرغان ئىگىز پايتەخىتلەردىكى ھۆكۇمەتلەردىن تارتىپ مىنىڭ دادام تۇغۇلغان كىچىك كەنىتلەردىكى پۇقرالارغىچە مەن شۇنداق دەيمەنكى،ئامرىكا تىنچلىق ۋە غورۇر ئىزلىگەن ھەربىر ئەر-ھەر بىر ئايال،ھەربىر بالا ئۇچۇن بىر ياخشى دوسىت.بىز دۇنياغا يەنە بىر قىتىم رەھبەرلىك قىلىشقا تەييارلاندۇق.


فاشىىزىم ۋە كوممۇنىزىمنىڭ زىيىنغا ئۇچرىغان ئىلگىرىكى ئەجداتلىرىمىز دۇشمەنگە پەقەت باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە تانكىلار بىلەنلا ئەمەس بەلكى تەۋرەنمەس ئىتتىپاقداشلار ۋە مۇستەھەكەم ئىرادە بىلەن تاقابىل تۇرۇشقان.ئۇلار شۇنى چۇشەنگەنكى،پەقەت بىزنىڭ كۇچىمىزلا بىزنى قوغدىيالمايدۇ.ياكى بىزنى مەقستىمىزگە يەتكۇزەلمەيدۇ.ئەكسىچە،ئۇلار شۇنى بىلگەنكى،بىزنىڭ كۇچ-قۇدىرىتىمىز توغرا ئشلتىلگەندىلا بارغانسىرى ئىشپ ماڭىدۇ،بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز- بىزنىڭ مەقستىمىزنىڭ توغرىلىقى،بىزنىڭ لايىق ھەرىكىتىمىز،كەمتەرلىكىمىز ۋە ئۆزىمىزنى تۇتۇۋىلىشىمىز بىلەنلا كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.


بىز ئەنە شۇ رىۋايەتنى داۋاملاشتۇرغۇچىلارمىز،،ئاشۇ پىرىنسپلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ،بىز تىخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدىغان ،دۆلەتلەر ئارا تىخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ۋە چۇشىنىش تەلەپ قىلىدىغان يىڭى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرالايمىز.ئىراقنى مەسئۇلىيەتچانلىق ئىراق خەلقىگە تاپشۇرۇپ ئافغانىستاندا جاپالىق قولغا كىلىدىغان تىنچىلىقنى ئشقا ئاشۇرالايمىز.كونا دوسىتلىرىمىز ۋە كونا رەقىپلىرىمىز بىلەن يادرو تەھدىتىنى ئازايتىش ئۇچۇن ھارماي تىرىشىپ،بىر ئىللىق يەرشارى روھىنى قايتۇرۇپ كىلەلەيمىز، بىز ئۆزىمىزنىڭ ياشاش ئۇسۇلىمىز ئۇچۇن بىراۋدىن ئەپۇ سورىمايمىز،ئۇنى قوغداشتىن تەۋرىنىپمۇ قالمايمىز،ئۆز مەقسىدتىنى ئشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن تىرورلۇق قىلىۋاتقان،بىگۇناھلارنى بوغۇزلاۋاتقان ئاشۇ كىشلەرگە شۇنداق دەيمىزكى،،بىزنىڭ روھىمىز كۇچلۇك،ئۇ ھەرگىز يىقىلمايدۇ،.سەنلەر ھەرگىز بىزدىن ئارتۇق ياشاپ كىتەلمەيسەن،بىز سەنلەرنى مەغلۇب قىلىمىز،بىز بىلىمىزكى،بىزگە مىراس قالغىنى ئاجىزلىق ئەمەس،بەلكى كۇچ-قۇدرەت.بىزنىڭ بۇ دۆلەت

خىرىستئانلار،مۇسۇلمانلار،يەھۇدىيلار،ھىندىلار ۋە دىنسىزلار دىن تەشكىل تاپقان دۆلەت.
بىز دۇنيانىڭ ھەر يىرىدىن كەلگەن ھەر بىر تىل ،ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئورنىنى قوبۇل قىلىمىز،چۇنكى بىز ئىچكى ئۇرۇش  ۋە بۆلۇنمىچىلىكنىڭ ئاچچىق تەمىنى تتىغان،ئاشۇ قاراڭغۇ مىنۇتلاردىن تىخىمۇ كۇچلۇك ۋە تىخىمۇ بىرلەشكەن بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان.بىز پەقەت شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى،بارلىق كونا ئۆچمەنلىكلەر ھامان بىر كۇنى يوقىلىدۇ.گۇرۇھۋازلىق چىگىرسى يوقىلىدۇ.دۇنيا كىچىكلىگەنسىرى بىزنىڭ ئورتاق ئنسانىيلىقىمىز ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ.ئامرىكا بۇ تىنچلىق يىڭى دەۋرىدە ئۆز رولىنى ئۆتىشى كىرەك.


مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئۇچۇن ،بىز بىر ئۆز-ئارا مەنپەئەت ۋە ئۆز-ئارا ھۇرمەتكە ئاساسلانغان يىڭى يول ئۇستىدە ئىزدىنىمىز.يەرشارىدىكى توقۇنۇش ئۇرۇقىنى چىچىۋاتقان ياكى ئۆز جەمئىيتىدىكى كىسەللىكنىڭ مەنبەسنى غەرپكە ئىتترىپ قويىۋاتقان رەھبەرلەرگە شۇنى دەيمىزكى،سىزنىڭ خەلقىڭىز سىزگە سىز ۋەيران قىلغان نەرسىلەر ئۇچۇن ئەمەس،بەلكى سىز قۇرۇپ چىققان نەرسىلەر ئۇچۇن ياخشى باھا بىرىدۇ.چىرىك ۋە شەكىلۋاز  ھاكىمىيەتكە  چاپلىشىپ ،نارازىلىقلارنى باستۇرۇپ كىلىۋاتقان ھاكىمىيەتلەر ئۇچۇن شۇنداق دەيمىزكى،سىز تارىخنىڭ خاتا تەرىپىدە تۇرۇپ قالدىڭىز،بىراق ئەگەر سىز مۇشتۇمىڭىزنى تۇگۇۋالماسلىقنى خالىسىڭىزلا بىز سىز تەرەپتە تۇرىمىز.

نامرات ئەللەردىكى خەلقلەرگە بىز شۇنداق دەيمىزئاچ قالغان بەدەنلەرگە ئوزۇق بولسۇىن ئۇچۇن ،ئاچ قالغان روھلارنى جانلاندۇرۇش ئۇچۇن ، ئىتىزلىرىڭلارنىڭ مول-ھوسۇللۇق بولۇشى ،سۇلىرىڭلارنىڭ شارقىراپ ئىقىشى ئۇچۇن سىلەر بىلەن بىللە ئشلەيمىز.بىزگە ئوخشاش نسبەتەن پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئەل خەلقلىرىگە شۇنداق   دەيمىزكى.بىز باشقا ئەللەردىكى قىيىنچىلىق تارتىۋاتقانلارغا قاراپ تۇرساق ياكى دۇنيانىڭ بايلىق مەنبەسىنى ھىچقانداق ئۇنۇم ياراتماستىن ئستىمال قىلساق بولمايدۇ،دۇنيا ئۆزگەردى.بىزمۇ ئۆزگىرىشىمىز كىرەك.

بىز ئالدىمىزدا تۇرىۋاتقان بۇ مۇشكۇل يولنى نەزەرگە ئىلىۋاتقان پەيتتە،يەنە بىز مۇشۇنداق چاغلاردىمۇ يىراق چۆل-جەزىرىلەر ۋە ئىگىز تاغلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باتۇر ئامرىكا پۇقرالىرىغا تۆۋەنچىلىك مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۇرىمىز.ئۇلارنىڭ خۇددى دەۋىرلەردىن بىرى ئارلىڭتۇندا يىقىلغان قەھرىمانلىرىمىزنىڭ داستانلىرىدەك بۇگۇن بىزگە د ەيدىغان گەپلىرى بار.بىز ئۇلارنى پەقەت ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىمىزنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولغانلىقى ئۇچۇنلا ئەمەس،ئۇلارنىڭ خەلق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش روھى بولغانلىقى ئۇچۇن سەلكىن مۇنبىرى ،ئۆزىدىنمۇ مۇھىم بىر نەرسىنى بايقاشقا تىرىشچانلىق قىلغانلىقى ئۇچۇن ھۆرمەت قىلىمىز.دەل مۇشۇ پەيتتە،بىر ئەۋلات كىشىلىرىگە بەلگە بوپقالىدىغان مۇشۇ پەيتتە دەل ئاشۇ خەلق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش روھى بىز ھەممىزگە ئورناپ كىتىشى كىرەك.

ھۆكۇمەت قىلالىشى ۋە قىلىشى كىرەك بولغاندەك،دۆلىتىمىز يەنە ئامرىكا خەلقىنڭ ئىشەنچىسى ۋە ئىرادسىگە تايىنىدۇ.خىزمەتنى قويۇپ ،بىر مۇھتاج يات كىشىگە ياردەم قىلىش چوڭ ياخشىلىقتۇر،، بىشىغا كۇن چۇشكەن دوستىنى كۆرۈپ كىلىش ئۇچۇن خىزمەت ۋاقتىنى ئازايتىپ ۋاقىت چىقىرىش شەخسىيەتسىزلىكتۇر.ئوت ئوچۇرگۇچىنىڭ ئس-تۇتەك قاپلاپ كەتكەن پەلەمپەيگە باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىشى ،شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر بالىنى تەربىيلەش ئۇچۇن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى دۆلىتىمىزھنىڭ كەلگۇسنى قارار قىلىدۇ.

بىزدۇچ كەلگەن خىرىسلار يىڭى بولۇشى مۇمكىن، بىز تاقابىل تۇرۇشتا ئشلىتىدغان قوراللارمۇ يىڭى بولۇشى مۇمكىن.ئەمما بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيتىمىز تايىنىدىغان-جاپالىق ئەمگەك،سەمىمىيەت،باتۇرلۇق ، ئادىللىق ،يول قويۇش، ئنتىلىش.ۋاپادارلىق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك قاتارلىق قىممەت قاراشلار يەنىلا ئۆز پىتى بولىدۇ.مانا بۇلار ھەقىقى نەرسىلەردۇر.مانا بۇلار تارىخىمىزدا ئالغا بىسشىمىزغا تۇرتكە بولغان .بىزگە لازىم بولغىنى دەل ئاشۇ ھەقىقەتلەردىن تىپىلىدۇ.بىزدىن تەلەپ قىلىندىغىنى –بىر مەسئۇلىيەتچانلىق دەۋرىدىن ئىبارەتتۇركى ھەر بىر ئامرىكىلىق شۇنداق   ئىتىراپ قىلىشى كىرەك:بىزنىڭ ھەممىزنىڭ مەسئۇلىيتى بار،بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە قارىتا ،دۇنياغا قارىتا مەسئۇلىيتىمىز بار،بىز بۇ مەسئۇلىيەتنى خالىماستىن مەجبۇرى يوسۇندا ئەمەس،خۇشاللىق بىلەن كەسكىن تۇتىشىمىز كىرەك،شۇنى بىلىشمىزكىرەككى،روھنى خاتىرجەم قىلىشقا ،خاراكتىرىمىزنى گەۋدىكلەندۇرۇشكە بارلىقىمىزنى بىر مۇشكۇل ۋەزىپىگە بىغىشلاشتىنمۇ .ئارتۇق ئش يوق.

مانا بۇ پۇقرالىق ئەھدىسى مانا بۇ پۇقرالىقنىڭ قىممىتى.
بىزنىڭ ئشەنچىمىزنىڭ مەنبەسى شۇكى-بىز تەڭرىنڭ بىزنى ئىنىق بولمىغان تەقدىرگە يۇزلىنىش چاقىرقى بارلىقىنى بىلىمىز.

مانا بۇ بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز ۋە ئىتىقاتىمىزنىڭ ئەھمىيتىدۇر،شۇڭلاشقا بۇگۇن ھەربىر ئىرق ،ھەر خىل ئەقىدىگە ئىگە ئەرلەر،ئاياللار ۋە بالىلار بۇ بۇيۇك زىمىندا ئورتاق بىر خۇشاللىقنى تەبرىكلەپ تۇرۇپتۇ.شۇڭلاشقا بۇگۇن   دادىسى ئاتمىش يىل بۇرۇن بىر يەرلىك تاماقخانىدىمۇ   خىزمەتكە ئىرىشەلمىگەن بىر كىشى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرۇپ ئەڭ مۇقەددەس قەسەمنى بىرىپ تۇرۇپتۇ.

شۇڭا بىز بۇ كۇننى ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىمىزنى ،ۋە قانداق يوللار بىلەن بۇگۇنگىچە كىلەلىگەنلىكىمىزنى ئەسلەش بىلەن خاتىرلەيلى.ئامرىكا قۇرۇلغان ئاشۇ يىللاردا ،ئاشۇ سوغۇق كۇنلەردە،بىر تۇركۇم ۋەتەنپەرۋەرلەر مۇزلۇق دەريا بويىدىكى كىچىك كەپىلەرگە سىقىلىپ ئولتۇرۇپ ئاشۇ چاغلارنى ئەسلەيلى.پايتەخىت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان،.دۇشمەن ئىلگىرىلەپ بىسىپ كەلگەن  .قارلار قانغا بويالغان،ئىنقىلاۋىمىزنىڭ مىۋىسى يوققا چىقىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن،دۆلەت قۇرغۇچى ئاتىلىرىمىز كىشلەرگە ئوقۇشنى بۇيرۇغان سۆزلەرنى ئەسلەيلى:
كەلگۇسى دۇنياغا شۇنى يەتكۇزۇپ قويايلىكى پەقەت ئۇمىت ۋە پەزىلەتلا ھايات قالالايدىغان ،قىشنىڭ ئەڭ مۇدھش سوغاقلىرىدا ،شەھەر ۋە دۆلەت ئورتاق خەۋپكە دۇچ كەلگەندە ،بىز ھەمممىز ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەش ئۇچۇن ئۇچراشتۇق.

ئامرىكا،بىز ئورتاق خەۋپكە دۇچ كەلگەندە ،مۇشەققەتلىك مۇدھىش كۇنلىرىمىزدە،بىز ئاشۇ مەڭگۇلۇك سۆزلەرنى يات ئىتەيلى!مۇز ئىقىنلارغا جاسارەت ۋە پەزىلەت بىلەن يۇزلىنەيلى،كىلىشى سەلكىن مۇنبىرى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق شىۋىرغانغا بەرداشلىق بىرەيلى،بالىلىرىمىزنىڭ بالىلىرى شۇنداق دەپ قالسۇنكى،بىز قاتمۇ-قات مۇشكۇل سىناققا دۇچ كەلگەندە سەپىرىمىز ھەرگىزمۇ توختاپ قالمىدى،بىز ھەرگىز كەينىمىزگە يانمىدۇق ياكى باش ئەگمىدۇق،پەلەككە تەلمۇرۇپ تۇرۇپ،تەڭرىنڭ ئاتالىرىنى ياتلاپ تۇرۇپ ئەڭ بۇيۇك سوۋغات ئەركىنلىكنى ئىلىپ ئۇنى كەلگۇسى ئەۋلاتلارغا ساق-سالامەت تاپشۇردۇق.
خەير!
<<ئۇيغۇر ۋاقتى>>تەرجىمە بۆلۇمى






بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+1000(ئالتۇن) ئەجرىڭىزگە ك ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-21 15:56 |
    ئانا-يۇرت
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 395
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 312
    شۆھرەت: 274 كىشىلىك
    پۇل : 1970 سوم
    تۆھپە: 26 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 360 نۇمۇر
    قوللاش: 331 نومۇر
    ئالقىش: 107 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 580(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تەرجىمە ئىقتىدارىڭىزغا قول قويدۇم...... ھەقىقەتەن ياخشى تەرجىمە قىلىنغان.....
    يىغلايمۇ،كۈلەيمۇ
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 16:31 |
    erk uzun
    ناز
    مەن ھامان سۈكۈتتە ......
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە باشقۇرغۇچى ئىلغار باشقۇرغۇچى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 23057
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1535
    شۆھرەت: 2233 كىشىلىك
    پۇل : 979386 سوم
    تۆھپە: 453 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2596 نۇمۇر
    قوللاش: 2377 نومۇر
    ئالقىش: 2484 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    توردىكى ۋاقتى : 226(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ پىرىزدېنىتنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۋىلىش نۇتۇقىغۇ شۇنداق ياخشى ،تەسىرلىك ھەم قايىل قىلارلىق بوپتۇ.ئەمما گەپنى ئاغزىدا دىمەك ئاسان بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە قىلماق ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس،باراك ئوبامامۇ بوشقا ئوخشاش خەق ئاياغ ئاتىدىغان پىرىزدېنىت بوپ قالمىغىيدى!

    armaninkas4
    كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.....
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 16:45 |
    نىمىشقازادى
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30556
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 15
    شۆھرەت: 1 كىشىلىك
    پۇل : 146 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
    قوللاش: 1 نومۇر
    ئالقىش: 1 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئوباما نۇتۇقنى ئۈزى يازامدىغاندۇ ياكى كاتىپى تەييارلاپ بىرەمدىغاندۇ؟نىمىشقا ئۇنىڭ نۇتۇقلىرىنىڭ ھەممسى شۇنداق تەسىرلىك،ئۇ نۇتۇقتا ئۈزى توغرىلىق بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماپتۇ،لىكىن يەرشارىىنڭ بۇلۇڭ پۇچقاق ھەممە يىرىدىكى كىشىلەرگە بىر ئېغىزدىن سۈزلەشكە ئۈلگۈرەلەپتۇ،ھەقىقەتەنمۇ   
    مىنىڭ باش سۇرىتىم نىمىشقا چىقمايدۇ،نىمىشقا زادى!!!!!!!!!؟؟؟؟؟
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 16:45 |
    كۇسەن712
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 30749
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 75
    شۆھرەت: 539 كىشىلىك
    پۇل : 1491 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 97 نۇمۇر
    قوللاش: 31 نومۇر
    ئالقىش: 87 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىزنىڭ تەرجىمە قاپىلىيىتىڭىز بەكلا يۇقىرى ئىكەن
    بەك خوشال بولدۇم
    ئوتمە نامەرىت كوۋرىگىدىن
    سۇ كىلىپ ئاقتۇرسىمۇ.
    يىمە نامەرىت ئېشىنى،
    ئاچلىق سىنى ئولتەرسىمۇ
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 16:49 |
    جۇندۇللاھ777
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 16211
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 26
    شۆھرەت: 18 كىشىلىك
    پۇل : 202 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 16 نۇمۇر
    قوللاش: 16 نومۇر
    ئالقىش: 16 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 146(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تەرجىمىدىكى خاتالىقمۇ يا!!! بەزى يەرلىرى تازا چۈشىنىشلىك ئەمەس.
    لېكىن بۇ كىشى يەنى ئوباما  ناھايىتى ئەتراپلىق سۆزلەپتۇ.
    izdax.com
    ئابدۇراخمان
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 16:52 |
    ئەندۇز
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 29310
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 23
    شۆھرەت: 18 كىشىلىك
    پۇل : 208 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 9 نۇمۇر
    قوللاش: 9 نومۇر
    ئالقىش: 9 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن ياخشى سۆزلەپتۇ،تەرجىمانغا رەھمەت .
    يامانلىساڭمۇ كۆزۈمدە تۇر،ئۆزۇڭنى پىنھان ئالما ،
    رەنجىپ قالغان چىغىڭدا تىللىساڭ تىللا ،زىنھار سۈكۇت قىلما.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 16:59 |
    ھۆرلۈك
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22212
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 168
    شۆھرەت: 173 كىشىلىك
    پۇل : 2096 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 118 نۇمۇر
    قوللاش: 105 نومۇر
    ئالقىش: 158 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 217(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ نوتۇقنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ۋاقتىدا قېرىنداشلار ئۈچۈن يەتكۈزۈپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!
    بېشىڭنى كۆتۈر! كۆزۈڭنى ئاچ! كەلگۈسىگە نەزەر سال!
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 17:48 |
    ئاق-ئەتىرگۈل
    princess
    ئىجاتچان ئەزا ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 144
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1992
    شۆھرەت: 236 كىشىلىك
    پۇل : 282301 سوم
    تۆھپە: 127 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1934 نۇمۇر
    قوللاش: 1758 نومۇر
    ئالقىش: 347 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەرجىمان
    توردىكى ۋاقتى : 1216(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئوباما نىڭ بۇندىن كىينكى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىگە ئىزچىل دىققەت قىلىمەن....نۇتۇقلىرىنىڭ ئېسىللىقىدا شەك يوق...تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە تايىنىپلا بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدىغانلىقنى چۈشىنىۋاتىمەن ھازىر..
    ما فى قلبى غير اللە.......
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 18:01 |
    ئۈزەر
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13966
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 153
    شۆھرەت: 214 كىشىلىك
    پۇل : 1756 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 293 نۇمۇر
    قوللاش: 214 نومۇر
    ئالقىش: 456 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 547(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئامېرىكا ئەلباشى قارا ئۆڭلۈك ئوبامانىڭ ئاخشامقى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمنى نەق مەيداندىن تارقاتقاندا تولۇق كۆرۈپ چىققان ئىدىم. مەزكۇر تەرجىڭىزنى كۆرۈپ، بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرىم تېخىمۇ يارقىنلاشتى. ئالدى بىلەن سىزگە كۆپ رەھمەت!
    ئاندىن ئوبامانىڭ نۇتىقىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇ دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ۋە << مەندىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كەتتىڭلار ، بەلكىم مەن بارلىق كۈتكىنىڭلاردىن چىقالماسلىقم مۇمكىن ... >> دېگەنگە يېقىن ئۇچۇر بېرىشكە تىرىشقاندەك قىلىدۇ. ئوبامادىن بەك كۆپ ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەسلىك ھەققىدە مۇنۇ تېمىدامۇنۇ تېمىدا ( http://http://www.yukselblog.com/default.asp?page=2 )   توختالغان ئىدىم.
    مەزكۇر مۇراسىمنى كۆرۈشتىن ئالغان تەسىراتىم شۇ بولدىكى، ئامېرىكا سىياسى قاتلىمىدىكى كىشىلەر ئاساسەن ئازادە كېلىدىكەن. ئوبامانىڭ چىرايىدا تولۇق مۇۋاپپىقەت قازانغانلىقنىڭ جىلۋىسىنى كۆرگەندەك قىلدىم. ھەتتا ، ئۇ قەسەم بېرىۋاتقاچ كۈلۈپ سالدى( يا بىر بولسا ئۇ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن ياكى بىر بولسا تۇيۇقسىز بېشىغا قونغان ھۇما قۇشىدىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان ).


    ----------------------------------------
    يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. تورداشلارنىڭ تەكلىپ - پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    http://www.agranum.cn/bbs
    http://yukselblog.cn  يۈكسەل بلوگىدا ساپلا چاتاق تېما باركەن !  http://yukselblog.cn
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 18:16 |
    شەرىپە0997
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34607
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 12
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 149 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 37(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    دىمىسىمىغۇ  يامان ئەمەس سۆزلەپ قۇيۇپتۇ.ئەڭ مۇھىمى تىلى بىلەن ھەركىتىنىڭ بىردەك بۇلىشى..
    http://www.agranum.cn/bbs
    http://images13.51.com/24/b/90/f4/aynur713/480_
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 18:17 |
    بىخلان
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 8462
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 103
    شۆھرەت: 56 كىشىلىك
    پۇل : 1163 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 147 نۇمۇر
    قوللاش: 98 نومۇر
    ئالقىش: 271 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 89(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئوباماياخشى زۇڭتۇڭ بولالايدۇ.
    ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى بەلكىم كىنو چولپانلىرى،پۇتبۇل چولپانلىرىدىنمۇ ئېشىپ كېتىشى مومكىن.
    ھاياتىڭىزنى مەنىلىك ...
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 18:29 |
    پەيلاسوپ
    مەن ساڭا ئۆچ!بىلەمسەن؟
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا تەشۋىقات ئەلچىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11529
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 4564
    شۆھرەت: 3630 كىشىلىك
    پۇل : 741 سوم
    تۆھپە: 60 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4708 نۇمۇر
    قوللاش: 4523 نومۇر
    ئالقىش: 4835 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەرۋاھلار
    توردىكى ۋاقتى : 583(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    چۇجىنى كۈزدە سانايمەن...........
    ئۆزۇڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي!
    ئۆزىنى مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن تەرەققىي قىلمىغان مىللەت كەلگۇسىدە يوقىلىدىغان مىللەت!!!!!!!
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 18:36 |
    azat.ependi
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 23772
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 63
    شۆھرەت: 88 كىشىلىك
    پۇل : 953 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 78 نۇمۇر
    قوللاش: 66 نومۇر
    ئالقىش: 83 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەشۇ ئاجىزلارنى بوزەك قىلىۋاتقانلارغا شۇنى دەيمەنكى.... دېگەنلىرىگە
    دۇنيا ئۆزگەردى دېگەنلىرىگە....
    مۇتىھەملەرگە دەيمەنكى سىلەر تارخنىڭ خاتا تەرىپىدە تۇرۇپ قالدىڭلار پەقەت سىلەر مۇشتۇمۇڭلارنى تۈگۈۋالمىساڭلار بىز يەنە كەڭ قورساق دېگەنلىرىگە......
    دۇنيانىڭ بايلىقىنى ھېچ قانداق پايدا ياراتماستىن شوراۋاتقانلارغا شۇنى دەيمەنكى دېگەنلىرىگە دېققەت قىلدىم....
    ئاندىن تېما ئىگىسىنىڭ ئەمگىكىگە مىڭ مەرتىۋە رەھمەت
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 22:24 |
    ئەلتۈزەر
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6328
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 36
    شۆھرەت: 5 كىشىلىك
    پۇل : 116 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    قوللاش: 16 نومۇر
    ئالقىش: 5 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇ ئامرىكىغا زۇڭتۇڭ بولدىمۇ يا يەر شارىغا؟
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-21 23:21 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    • «
    • 1
    • 2
    • 3
    • »
    • Pages: 1/3     Go
    سەلكىن مۇنبىرى » تاھىرجان تاللانما ماقالىلىرى توپلىمى