b[;3y/X
« بالا سەيگۇيۈەن » قەدىردانغا يېزىلغان خەت '?fn} V
)>=|oY3
ئۆمەرجان سالام ياشلىق 6d 8n1_
.fW`/BXE
ئامىتىڭ كەلسە ئەگەردە بىر شاپتۇلۇڭ ئون قاق بۇلۇر ، >yqL
ئامىتىڭ كەتسە ئەگەردە ئون شاپتۇلۇڭ بىر قاق بۇلۇر . wIbc8ze
ئوتتۇرىسىنى ھەرە يەپ ، چۆرىسى قاسقان بۇلۇر . 483vFLnF
bL7mlh
ــــــ ئابدۇقادىر داموللا بىننى ئابدۇۋارىس قەشقىرى ــــ
`V0]t_*D }@A~a`9g ?Z7C0u#wd
%n
c+VL4
ئېستىداتلىق يازغۇچى جالالىدىن بەھرام ئەپەندى قەلىمى ئاستىدا يېزىلغان « ئامەت ۋە ئاپەت » ناملىق روماندىكى باش پىرسوناژ شۇنداقلا رېئاللىقتا ھايات ياشاۋاتقان « بالا سەيگۇيۈەن » قەدىردان ئەپەندى ، سالامەت تۇرۇۋاتامسىز ؟ كەمىنە ئاددىي قەلەم ئېگىسى بولمىش مەن ، سىزگە سالام يوللاش بىلەن بىرگە ئاللاھتائالا ۋاتابارەكتىن بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى دۇنيالىق ھاياتىڭىزغا بەخت تىلەيمەن ! z#*GPA8Em:
چۈشىڭىزدىكى كۈمۈش چاچلىق ئانا چۈشىڭىزدە سىزگە ئېيتقاندەك تېخى ئوتتۇز ياشنىڭ قارىسىنىمۇ ئالماي تۇرۇپ يۈز يىللىق قاباھەت ـ قىسمەتلەرنى بېشىڭىزدىن كەچۈرۈپسىز ، بۇنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ سىزنىڭ تەرجىمىھال خارەكتېرلىك كەچمىشلىرىڭىز بايان قىلىنغان « ئامەت ۋە ئاپەت » رومانىنى ئوقۇغان كۆپىنچە ئوقۇرمەنلىرىمىزگە مەلۇم . 7,LT4wYH
دەرھەقىقەت ، پۇل تاپقان ـ يول تاپقان ، يۈز تاپقان كىشىلەرنى كۆپ ھاللاردا ، خۇددى جالالىدىن بەھرام ئەپەندى ئېيتقاندەك : « چېكىملىك ـ ئىچىملىك بالاسى ، سەتەڭلەر ھىيلىسى ، قىمار سورۇنلىرى » نىڭ قىزىقتۇرىشى ۋە ئېزىقتۇرۇشى بىلەن تاشلانغان تۇنجى قەدەمنىڭ كاساپىتى ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا ۋە خانۇ ـ ۋەيرانچلىققا قويماقتا . X!_OOfueP8
سىزمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمىدىڭىز ، ئەلۋەتتە ! r*3XM{bZ/@
ھاياتتا نۇرغۇن تەڭسىزلىكلەر ئۇچرايدۇ ، بۇنىڭ مىسالى تالاي ـ تالاي ! Ap> n4~
سىزگە مەلۇم . بىز ئەزىزلەيدىغان مۈشكى ـ ئەنبەر قارا رەڭدە بولارمىش ، ئەمما سىزنىڭ « بىرىنچى خوتۇنىڭىز ـ خېروئىن » ئاق رەڭلىك ، ( بۇ سىزنىڭ زۇلئاي ۋە مېھرىبانغا ئېيتقان سۆزىڭىز بولغاچقا بۇ يەردە ئىشلىتىپ قۇيۇشنى لايىق تاپتىم ، ئېغىر ئالمايسىزغۇ - دەيمەن ! ؟ ) ئۇنىڭدىن چىققان تۈتەك ئاق رەڭلىك . . . سۆزلىسەم بۇنداق مىساللار كۆپ . بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئاق نەرسىلەر پاكلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى ! قارا رەڭدىكى نەرسىلەرنى يامان كۆرۈش خاھىشى ئېغىر ، ئەمما بۇ يەردە بۇ ئىشلار تەتۈر تاناسىب بۇلۇپ قالغان . بەلكىم سىزمۇ ئاق رەڭدىكى نەرسىلەرنى پاكلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى دەپ بىلگەچكىمۇ خېروئىندىن ئىبارەت بۇ نىجىسقا چېپىلىپ قالغانسىز ، ياكى ئۇنىڭ ئاق رەڭلىك جىلۋىسى سىزنى ئازدۇرغان بۇلۇشىمۇ مۇمكىن ؟ ! ;j_#,Da9<
ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆزىنى تەڭداشسىز گۈزەل ۋە پاك قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىردەملىك ھوزۇر ۋە ناز ـ كەرەشمىسىنى دەسمايە قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئولجىلىرىنى قىلتاققا دەسسىتىدۇ ! @o^sp|k !
قەدىردان ئەپەندى ، سىز ھەقىقەتەنمۇ كەم ئۇچرايدىغان بالا ئىدىڭىز ، سىزنىڭ بۇنداق ئۆسۈپ ـ يېتىلىشىڭىزنى بوۋىڭىزنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولماسلىقى مۇمكىن . MDCf(LhEH
wLUmRo56aR
مېھرىبان بىلەن زۇلئاي ھەقىقەتەن « خېروئىنغا بەرگۈسىز » ئېسىل قىزلاردىن ئىدى ، ئەپسۇس . . . ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى خېروئىندىن ئىبارەت مەلئۇن پاك ـ پاكىز يالمىۋەتتى . ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە قارىتا قولىمىزدىن كېلىدىغىنى يۇشۇرۇن ياكى ئاشكارە ھالدا ئاھ ئۇرۇش ، ئېچىنىش تۇيغۇسىدا بۇلۇش بىزدەك ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئورتاق ھوقۇقى . 6ensNr~ea
« ئەجەپمۇ ئىجتىھاتلىق بالىتى ، ئاھ خۇدا . . . ئاق تۈتۈننىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇۋالغايسەن ! » بۇ سۆزلەر بەلكىم سىزگە ناتۇنۇش بۇلۇشى مۇمكىن ، ئېسىڭىزدىدۇ ، سىز ھېلىقى چاغدا ياقۇپ ھاجىمنىڭ ئالدىدىن ئىزا ـ ئاھانەت ئىچىدە يىغلىغانچە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، ياقۇپ ھاجىم خۇداغا ئىلتىجا قىلغىنىچە مۇشۇنداق نىدا بىلەن يىغلاپ تاشلايدۇ . ھاجىمنىڭ سىز تۇتقان قەلەمنى قەغەز بىلەن تۇتۇپ ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىۋەتكىنىنى كۆرۈپ ، سىز چىدىيالمىدىڭىز ، ( راست گەپنى قىلسام ، مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقاندا مەندىمۇ ياقۇپ ھاجىمغا نىسبەتەن باشقىچە كۆز قاراش شەكىللەنگەن ئىدى ) ھازىر ئويلىسام ھاجىم سىزدىن ھۆججەت ئېلىۋېلىشى ۋە سىز تۇتقان قەلەمنى بىۋاستە قولى بىلەن تۇتماسلىقىدىكى سەۋەب ، خېروئىن ئاشناسى بولمىش سىزدەك ئادەملەرگە بولغان نەپرىتىنى ۋە ئىشەنچىسى يوقلىغىنى ۋاستىلىك ھالدا سىزگە بىلدۈرۈپتىكەن ، ياقۇپ ھاجىم ھەقىقەتەن تىرىشچان ، ئىمان ـ ئىخلاسى كۈچلۈك ئادەم بولغاچقىمۇ نەچچە يىلدىلا 170 ماشىنىسى بار بىر چوڭ كالوننىڭ خوجايىنىغا ئايلىنالىدى ، بۇنى سىزنىڭ ھاجىمغا قىلغان ھېلىقى ياردەملىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قارىغىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە ! U5PCj ]-Xt
قەدىردان ئەپەندى ، سىز ۋە زامانداشلىرىڭىزنىڭ كەچمىشلىرى بايان قىلىنغان ئىككى توملۇق كىتابنى ئوقۇپ كېتىۋېتىپ ، ھۆسنەرخاننىڭ سىزگە خېروئىن چەكتۈرۈشنى پىلانلاۋاتقان يېرىگە كەلگەندە ، داۋاملىق كىتابخان بولۇشتىن يالتىيىپ قالدىم .سەۋەب ناھايىتى ئاددىي : سىز بىر ياخشى پىرسوناژ ئىدىڭىز ، سىزنىڭ بىر ئاددىي بالىدىن پۇلنى چامادانلاپ خەجلەيدىغان بايۋەتچىگە ئايلانغىچە بولغان ئىشلىرىڭىز ناھايىتى يارقىن ئىپادىلەپ بېرىلگەن ئىدى ، سىز يالغۇز مەنلا ئەمەس كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە بىر ئۆلچەملىك پىرسوناژ ئىدىڭىز ، بىزنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنىمىز سىزنىڭ مۇشۇ يول بويىچە مېڭىپ خەلقئاراغا يۈزلەنگەن كاتتا باي بۇلۇپ قېلىشىڭىز ئىدى . بىز سىزدەك لاياقەتلىك پىرسوناژنىڭ خار ـ زارلىقتا قېلىشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايتتۇق . s`2o\]
ئەمما ئىككى كۈن ئۆتەر ـ ئۆتمەيلا سىزنىڭ كېيىنكى تەقدىرىڭىزگە بولغان قىزىقىشىم داۋاملىق ئوقۇشقا مەجبۇر قىلدى . / L8=8
قەدىردان ئەپەندى ، بىزدە « ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ ! » دەيدىغان بىر كۆز قاراش بار ، جۈملىدىن مەنمۇ مۇشۇخىل كۆز قاراشقا قوشۇلىدىغانلارنىڭ بىرى . سىز قەرز بېرىپ تۇرغان خالمەت قارىم يادىڭىزدىمۇ ؟ jHZ<Gc
ئەگەردە خالمەت قارىم يۈننەنگە يۆتكىگەن نەچچە يۈز توننا قۇرۇق كىشمىش سودىسىدا يىقىلىپ چۈشمىگەن بولسا ۋە ھېلىقى مېھمانخانىدا خېروئىن ئەتكەسچىسى خوچىياڭغا ئۇچراپ قالمىغان بولسا ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ خېروئىن ئەتكەسچىسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەستى ، بىر مىليونغا يېقىن قەرز بىلەن قايتىپ كېلىش ئۇنىڭغا ئۆلۈم بىلەن باراۋەر بۇلۇشى مۇمكىن . شۇنچىۋالا كۆپ قەرز ئۇنى ئاخىرقى ھېسابتا تۇيۇق يولغا سۆرەپ كىردى . i
xyjl[G
شۇنداق ، ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتكەن ئىدى . ئون يىلغىمۇ يەتمەيدىغان قىسقىغىنا نەچچە يىلدىلا سىز ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەرنى كۈتۈۋالدىڭىز . DQ}]'*@?
زىيادە قاراملىقنىڭ كاساپىتىدىن زوھۇر گاسىيا ئېتىلدى ، ئابىخان لومپا ، بارى لومپا ، زاھىر لومپىلار بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا ئارقا ـ ئارقىدىن ئۆلدى . ئۇلارنىڭ نەچچە مىليون پۇلى ، بىرنەچچەساراي ـ دۇكانلىرى خېروئىننىڭ تۈتۈنلىرىدەك توزۇپ كەتتى . سىزنى تۇنجى قېتىم پاتقاققا تىققان ئەسەت ئەرۋاھمۇ بىنادىن سەكرەپ ئۆلدى . Glr.)PA
ھەممىدىن كۆپ خورلۇق تارتقىنى بىچارە مېھرىبان بولدى ، ئۇ ئابابەكرىدىن ئىبارەت ۋىجدانىنى « خېروئىن يەپ كەتكەن » مەلئۇن دادىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى . ro{MDs
زۇلئاي بولسا ، ئانىسى ھۆسنارخاننىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا « ئەرگە دۈم چۈشكەن بۇزۇق » بۇلۇپ بىچارىلەرچە ئۆلدى . خالمەت قارىمنىڭ تەقدىرى تۈرمىدە بولدى ، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ھېچقايسىنىڭ تەقدىرى ياخشى بولمىدى . NlMx!f>b%/
غوللۇق ئايال ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان خالىدە ئىسرائىلنىڭ : « ھەرقانداق قەلىبتە بىر ھېكايە بولىدۇ » دېگەن سۆزى ھەقىقەتەن جايىدا ئېيتىلغان . I|:j~EY
سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى ھېكايە ئىككى توملۇق كىتابقا ئاساس بولدى ، ئەگەر سىزنىڭ زامانداشلىرىڭىزنىڭ خالىغان بىرىنىڭ خۇددى سىزنىڭكىدەك « قەلبىدىكى ھېكايە » سىنى يېزىشقا توغرا كېلىپ قالسا ، ئۇلارنىڭمۇ نەچچە توملۇق كىتاب بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . ھېچكىم بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ھالاك قىلىدىغان يولنى تاللىمايدۇ . ئۇلارنىڭ قەلبىمۇ خۇددى سىزنىڭكىدەكلا جاراھەتكە تولغان بۇلۇشى ۋە ئۇنتۇلغۇسىز بەختلىك چاغلىرى بولغان بۇلۇشى مۇمكىن . koU.`l.
قەدىردان ئەپەندى ، سىز ئۈچىنچى قېتىملىق خېروئىن تاشلاشتىن كېيىنلا خېروئىننى تاشلىيالىدىڭىز . ئالدىنقى نەچچە قېتىملىقىدا سىزدە ئىرادە بوش بۇلۇش سەۋەبلىك تاشلىيالمىدىڭىز . \NqC i'&
ھەرقانداق ئاممىۋى سورۇندا جايدا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بولارمىش ، كونىسى يېڭىسىنى بوزەك قىلىش ( ئاڭلىسام ، بۇنداق ئىش ياتاقلىق مەكتەپلەردە بىر قەدەر ئېغىرمىش ) ھەممە جايدا بارمىش . z=U!D `]
v
سىز خېروئىن سەۋەبلىك ھەممە نەرسىڭىزدىن ئايرىلدىڭىز ، يەنە شۇ خېروئىننى تاشلاش ئارقىلىق قايتۇرۇۋالدىڭىز . . . tQ67XAb
مەدىنە تۈركىيىدىن قايتىپ كەلدى ، « لادا » ماركىلىق ماشىنىڭىزمۇ بار بولدى . بىر چوڭ كالوننىڭ باشلىقى بولدىڭىز . GXl?Zg
ئەپسۇس ، ھەممىسى تەل بولسىمۇ ئوغلىڭىز قەيسەر يوق بولدى . جالالىدىن بەھرام ئەپەندىنىڭ ئېيتىدۇ : Z0=OR^HjA
ئەگەر قەيسەر يوقاپ كەتمىگەن بولسا مەن قەلەم ۋاستىسى ئارقىلىق بولسىمۇ ئۇنى « ئۆلتۈرۈۋېتەتتىم ! » بۇ ئارقىلىق خېروئىنغا بولغان نەپرىتىمنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلەپ ، « خېروئىن دېگەن مەلئۇنغا يېقىن يولىما ، ئۇ ئەنە شۇنداق رەزىل . . . » دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قوياتتىم ، قەيسەرنىڭ دادىسى قەدىرداندىن قېچىشىمۇ بۇنىڭ بىر مىسالى ! @!da1jN
قەدىردان ئەپەندى ، كۆپ سۆزلەپ بەلكىم سىزنىڭ بېشىڭىزنىمۇ ئاغرىتىۋەتكەندىمەن ، سۆزلەي دېسەم يەنە شۇ سىزنىڭ كونا « جاراھەتلىرىڭىز » نى تاتىلاپ سىزنى بىئارام قىلىپ قويغۇدەكمەن . @n
(In$
مېھرىبان ئاللاھ سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىڭىزگە بەرىكەت ، بەخت ، ئىناقلىقنى ھەمرا قىلسۇن ! %r"GL
ئەگەر مەزكۇر خېتىمدىن ۋاقىپلانغان بولسىڭىز مەندىن ياقۇپ ھاجىمغا سالام ئېيتىپ قويارسىز ! NsHveOK1.
مېھرىبان ئاللاھ ئوغلىڭىزنى سىز بىلەن دىدار مۇلاقەتتە بۇلۇشقا نېسىپ قىلسۇن ! ( مېنى سىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشكىمۇ نېسىپ قىلسۇن ! ) _u>>+6,p
&?nF';&
7fqYSMHR
+q$|6?
2009 - يىل 14 - يانۋاردىن ، 20 - يانۋارغىچە يېزىلدى .
fLAF/#\2 xJhbGK