ئەسسالام باشقۇرغۇچىلار بۇ تېمىنى 28 چىسلاغىچە نادىرلاپ ياكى تەۋىسىيە تېما قىلىپ قويساڭلار، بۇ پائالىيەت 28 -چىسلا ئاخىرلىشىدۇ !
ساخاۋەتچى مەريەم ئانا ئۈچۈن بېلەت تاشلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز، بىر كۈندە ھەر بىر ئادەم 50 بېلەت تاشلىغىلى بولىدىكەن .
بېلەت تاشلاش ئادىرىسى :
http://club.xjts.cn/member/vote.phpمەريەم ئانىنىڭ رەسىمى
خەنزۇچە ئىسىم يېزىلىشى : 曼热亚木•吐尔得瓦
تەپسىلىي مەزمۇنلار:
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولسا << شىنجاڭدىكى ئون چوڭ مۇنەۋەر ئانا>> نى باھالاپ چىقىش بولۇپ ، مەريەم ئانا بۇ قېتىمقى سايلامغا قاتناشقانلار ئىچىدىكى بىر دىنبىر يىشى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر ئانا. مەريەم ئانا 42 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق تارىخىغا ئىگە بولۇپ ، چۆچەك ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتىرا مەكتەپتە ئىشلەپ ھازىر پېنسىيونىر بولغان . مەريەم ئانا چۆچەك ۋىلايەتىدىكى نۇرغۇن يىتىم يىسىر بالىلارغا نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلغان ھەمدە مائالىپ ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىمۇ ناھايىتى زور بولغان . مەريەم ئانا ئۆزىنىڭ 6 بالسىنى بېقىپلا قالماي يەنە 4 قىز بالىنى بېقىۋالغان . مەريەم ئانا يەنە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش تەشكىلاتىغا 70 مىڭ يۇئەن خەلىق پۇلى ئىئانە قىلغان ،ھەمدە 350 نامرات ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلغان . مەريەم ئانا يەنە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ، مىيىپ ، ياشانغان يىتىم يىسىرلارغا 20 مىڭ يۈئەندىن ئارتۇق ياردەم قىلغان . مەريەم ئانىنىڭ يىتەكلىشى بىلەن نەچچە ئون مىھىربان ئانىلار مەريەم ئانىغا ئەگىشىپ ،بالىلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ، مەريەم ئانىنىڭ بۇ ئىشلىرى پۈتكۈل چۆچەك خەلقىنى تەسىرلەندۇردى . ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ مەريەم ئانا ئۈچۈن بىر بېلەت تاشلاپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!! رەھمەت ، مەريەم ئانىغا ئوخشاش ساخاۋەتچى ئىنسانلارنىڭ كۆپرەك بارلىققا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !!!!
تورداشلارنىڭ بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرلەردە ياكى ئۆز توربەتلىرىدە ئېلان قىلىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! رەھمەت سىلەرگە!
[ بۇ يازمائىدىرىسجانتەرپىدىن2009-01-23 01:52دە قايتا ]