qq fSKT 14-يانۋار جۇڭگۇ ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيتى ئۆزلىرىنىڭ تورىدا < 1- ئاۋغۇست > كوماندىسىنىڭ تررېنېرى ئادىلجانغا رېپىرنى ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن ، < جۇڭگۇ كەسپىي ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئىنتىزامغا قىلغانلارنى جازالاش چارىسى > نىڭ 3- باب 19- ماددىسىغا ئاساسەن ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش ، 10مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش ، ئىككى مەيدان توختىتىپ قويۇش جازاسى (26- . 27- ئايلانما مۇسابىقىسىدە ) بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى .
+}g9zl:-b 9-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن CBA پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ 24- ئايلانمىسىدا ( 1-ئاۋغۇست VS يۈننەن ) ئادىلجان رېپىرنىڭ چىقارغان ھۆكۈملىرىگە نارازى بولغان . مۇسابىقە ئاياغلىشىدىغانغا 29.5 سېكۇنت قالغاندا ئادىلجاننىڭ رېپىرنىڭ ھۆكۈمىگە بولغان نارازىلىقى كۈچىيىپ ، تاماشىبىنلارنىڭ ئالدىدىلا ئوچۇق - ئاشكارا ئەيىبلىگەن .
z*3W =:o ئادىلجان جازالانغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى : < بولىدىغان ئىش بولۇپ قالدى ، تېنىۋېلىشقا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق ، پەقەت ترېنېرلارنىڭمۇ سۆزلەيدىغان سەھنىسى بولۇشنى ، كۆپچىلىكنىڭمۇ بۇ ئشقا توغرا قارىشنى ئۈمىد قىلىمەن > .
mi
}@6!JI(B مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى