mtv SALKIN kino 1
بۇ بەتتىكى تېما:مېنىڭ مۇھەببىتىم <<ئەيدىز>> IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 13246 قېتىم كۆرۈلدى
پەيلاسوپ
مەن ساڭا ئۆچ!بىلەمسەن؟
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا تەشۋىقات ئەلچىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 11529
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 4564
شۆھرەت: 3630 كىشىلىك
پۇل : 741 سوم
تۆھپە: 60 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 4708 نۇمۇر
قوللاش: 4523 نومۇر
ئالقىش: 4835 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەرۋاھلار
توردىكى ۋاقتى : 583(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مېنىڭ مۇھەببىتىم <<ئەيدىز>>

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئەلقۇت نادىرلىدى .(2009-01-14)
مېنىڭ مۇھەببىتىم <<ئەيدىز>> 1E!.E=Y ?M  
(ھېكايە)
تولۇقسىزنى پۇتتۇرۇپ، تولۇق ئوتتۇرغا چىققاندا مۇھەببەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي، چىرايلىق بىرقىزغا كۆزىمىز چۇشۇپ قالسا <<ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم! يۈرىكىم پىژىلداپ، كۆيۈپ كىتىپ بارىدۇ>>دەپ شۇ قىزلارنىڭ كەينىگە كىرىۋالغانلىرىم،<<سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن>> دىيىشلىرىگە قارىماي، ئۇنىڭ كەينىدىن ئىز بىسىپ قوغلاشلىرىمغا ھازىر ئويلىسام، بەكلا كۈلگۈم كىلىدۇ. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ سەل يۇقىرى يىللىقىغا چىققاندىن كىيىن، مۇھەببەتنىڭ دەرەختە ئەمەس، قەلىپتە بولىدىغانلىقىنى، بىر كۆرۈپلا بىرسىنى كەينىدىن قوغلاشنىڭ مۇھەببەتلىكىنى ھىس قىلغانلىرىمدا ئۆزۈمنىڭ قىلغانلىرىمغا كۈلگۈم كىلەتتى. Ln6emXqw  
نىمىشقىكىن مۇھەببەت مەن ئۇچۇن شۇنداق ياخشى نەرسىدەك، ئۇنىڭ مېنىڭ ھەر بىر ئىشىمنى بەلگۇلەيدىغاندەك ھىسياتقا كىلىپ كىتەتتىم. ھازىر ئويلىسام بۇ خىياللىرىم بەكلا ئاددىي ئىكەن. شۇنچە يىللار ئوتۇپمۇ قىزلارنىڭ ھەقىقىي سۆيۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغانلىقىم،بەلكىم ئۆزۈمنىڭ ئىتتىك مىجەزىدىن بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ قالىمەن. چۇنكى مەن شۇ چاغلاردا بەكلا بىرسىنى تېز ياخشى كۆرۈپ قالاتتىم ھەمدە، <<ۋاسكىتبول ماھىرى>>دىكى ساكۇراگىغا ئوخشاش تېزلا شۇ قىزنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرايتىم.  مۇھەببەتنىڭ ئۇنداق ئاددىي نەرسە ئەمەسلىكىنى ھىس قىلغان ۋاقتىمدا، ئاللىقاچان تولۇق ئوتتۇرىنىڭ پۇتتۇرۇشكە ئاران يىرىم يىل قالغاندا ئاندىن بۇ خىياللارغا كەلگەن ئىدىم. ۋاقتىمنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەندە تىخىمۇ تىرىشمىسام، ئۈگەنمىسەم، ئاتا-ئانامنىڭ ماڭا بەرگەن شۇ مېھرىبانلىقىغا، كۆيۈنىشىگە يۇز كىلەلمەيدىغانلىقىمنى بىلىپ، ئاز ۋاقىتنى، ساز ئۆتكۈزۈش ئۇچۇن ھەممىنى تاشلاپ،تېرىشىپ ئۈگەنگەن ئىدىم. :mDOqlXW/  
ئالىي مەكتەپ ئېمتاھانىنى بىرىپ بولۇپ، ئۆيگە يىنىپ چىقىپ نەتىجە چىقىشنى ساقلىغاچ، بۇرۇن ئۆزۈم تەلەپ قويغان قىزلارنىڭ چىرايى مىجەز خارەكتىرى ئۇستىدە ئويلىنىپ كىتەتتىم. ئۆزۈم باشقىلار دىگەندەك سۇيۇق، ئەسكى، ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغانلاردىن بولمىساممۇ لېكىن، مۇھەببەت مەسىلىسىدە سەل ئالدىراڭغۇ ئىدىم. مېنى قىزلار ئەسكى، تۇتقۇرۇقسىز، مىجەزنىڭ تايىنى يوق دىمىگىنى بىلەن، نىمىشقىكىن قىزلارغا ئۇنچىۋالا تىز يىقىنلىشىپ كىتەلمەيتىم. bHm/ZZx  
ئالىي مەكتەپ ئېمتاھان نەتىجىسى چىقىپ بىر ئايدىن كىيىن يۇرتىمىزغا ئانچە يىراق بولمىغان بىر شەھەردىكى پىداگوگىكا مەكتىۋىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشىنى قۇبۇل قىلدىم. ھەمدە ئۇزاق ئوتمەيلا ئۆزۈم تەلەپ قويغان چىرايلىق قىزلارغا قارىماي مەكتەپكە كىلىۋالغان ئىدىم. 9ec ?L  
ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىشتىن ئاۋال شۇنچە خۇشال بولغان بولساممۇ لېكىن نىمىشقىكىن تىزلا ئۆينى سىغىنىپ قالدىم. ياتاقتىكى ئاغىنىلىرىم مازاق قىلىپ << خىنىم مىجەزمۇ سىلە ئاداش؟ شۇنچە تېز ئۆينى سېغىنىپ قالىدىغان؟>> دىيىشلىرىگىمۇ پەرۋا قىلمىدىم. كۈنلەر، ئايلارنىڭ ئۆتېشى بىلەن بۇ كىچىك جەمئىيەتكىمۇ كۆنۈپ قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. ئۇ ياقتىن كىلىپ بۇ ياقتىن بىر-بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قىلىۋاتقانلارغا، كۈندە ئايرىلماي،كەچلىك ئۇخلاشتىن باشقا ئىشلاردا بىربىرىگە ھەمراھ بولۇپ يۇرىۋاتقانلارغا قاراپ، دەسلىپىدە مەندىمۇ تولۇق ئوتتۇرىدىكى مىجەزىم قايتا باش كۆتۈرگەن. << يۇرمەمسەن بىرەر قىزبىلەن؟ يالغۇز يۇرۇپ زىرىكىپ قالىسەن!>>، << سەندەك چىراي مەندە بولىدىغان بولسا ئايدا بىر قىزنى ئالماشتۇرۇپ يۇرەتتىم>> دىگەن ياتاقداشلىرىمنىڭ يالغان پۈۋلەشلىرىنى ئۇقماي، بىرقانچە ئاينىڭ ئىچىدە ئىككى-ئۇچ قىزغا تەلەپ قويۇپ بۇرنۇمغا يىگەندىن كىيىن، يەنە شۇ ياتاشداشلىرىمنىڭ مەسخىرلىك كۈلكىسىنى ئاڭلاپ يۇۋاشلاپ قالدىم. كۈندىلىك تۇرمۇشىم، ياتاق، سىنىپ، ئاشخانا ۋە دوسلىرىمنى ئىزدەش بىلەن ئۆتىدىغان بولدى. sa<\nH$_X  
كىينچە دەرىسنى تىرىشىپ ئۈگىنىدىغان باشقا خىياللارنى قىلمايدىغان بولغان بولساممۇ ياتاققا كىرسەم، ياتاقتىكى ئاغىنىلەرنىڭ ئۆز مۇھەببىتىنى ماختاپ،<< ئارلىشىپ مانچىلىك ۋاقىت بولمايلا كىيمىمنى يۇيۇپ بىرىدىغان بولدى>>،<<يىنىمدا پۇل قالمىغان ئىدى، مانچە پۇل بىرىپ بولدى >> دىگەندەك سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا غۇژژىدە ئاچچىقىم كىلەتتى.<< ئوغۇل بالا تۇرۇپ قىزبالىنىڭ پۇلىنى خەجلەپ تۇرۇپ ئۆزىنى ماختاپ كىتىشلىرىنى، يىگىت بولساڭ ئۇنىڭ پۇلىنى خەجلىمەي، ئۇنىڭغا ئۆزۈڭنىڭ پۇلىنى خەجلەپ بىرىپ ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ يۇرمەمسەن؟>> دىگۇلىرىم كەلسىمۇ لىكىن، ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق سۆزلەر بىلەن ئۆزىنى ماختاشقا ئامراق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنى مۇھەبىتىنىڭ ئۆزىگە قانچىلىك كۆيىنىدىغانلىقىنى دەۋىلاتتى. مەنمۇ شۇ خىياللار بىلەن بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزۈم تەلەپ قويغان قايسى قىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلىقىم ئۇستىدە ئويلىنىپمۇ كىتەتتىم. لىكىن مېنىڭ ھازىرقى مۇھەببەت قارىشىم تولۇق ئوتتۇردىكىگە قارىغاندا مۇكەممەللەشكەن، ھەم ياتاقتىكى بالىلارنىڭ قاراشلىرىغا ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيتى. مېنىڭ نەزىدىمدە يىگىت بولغان ئىكەن قىزلارنىڭ پۇلىنى خەجلمەسلىكى قىزنىڭ ئالدىدا ئۆز غۇرۇغىنى ساقلىشى كىرەك ئىدى. مۇشۇنداق <<قالاق>> خىياللىرىم بىلەن تەنھا ئالىي مەكتەپتىكى  3يىلنى ئۆتكۈزۈپ كەلدىم. _l] 0V g`  
بىر دەم ئىلش كۈنى ياتاقتىكى بىر ئاغىنەم ئۆزىنىڭ مۇشۇ شەھەردىكى تىبىي مەكتەپكە چىقىپ بىر يۇرىتلىق قىزنى ئىزدەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇپ چىقىشىپ بىرىشىمنى ئىيتتى. ماڭىمۇ سىرىتقا چىقمىغىلى نەچچە كۈن بولغاچقا، ھەم ئۇنىڭ زورلاشلىرىغا بولالماي ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ چىقىشىپ بىرىدىغان بولدۇم. كوچا ئاپتوبۇسقا چىقىپ، ئۇ مەكتەپنىڭ ئالدىغا كىلىپ چۇشتۇق. ھەمدە ئۇ كىرىپ ھېلىقى يۇرىتلىقىنى  ئىزدەپ چىقىدىدىغان بولدى. مېنى شۇنچە زورلاشتۇرغان بولسىمۇ مېنىڭ ئىزدەيدىغان تونۇشۇم بولمىغچقا سىرىتتا تۇرۇپ تاماكا چەككەچ تۇراي دەپ ئۇنىمىدىم. ئۇ كىرىپ كىتىپ بىر ئازدىن كىيىن ، يىراقتىن بىر چىرايلىق قىز ماڭا قاراپ كۈلۈپ كىلىۋاتقاندەك بىلىندى. شۇنداق تونۇش چىراي بىلىنگەن بولسىمۇ لېكىن مەن << ھەقاچان ئەتراپىمدىكى بىرەرسىگە قاراپ كۈلىۋاتىدۇ>> دەپ مەكتەپنىڭ بىنا بىلەن بوي تالاشقان قارا دەرەخلىرىگە تۆت ئەتراپقا قاراپ تۇردۇم. ھېلىقى قىز مېنىڭ ئالدىمغا كىلىپ: n|WSnm,W  
-مۇرات، بىر يۇرتلىق بولساقمۇ باشقا يەردە ئۇچرىشىپ قالساقمۇ تونىماسقا سالىدىكەنسىزھە!-دىدى ئۇنىڭ گىپىدىن مېنى تونىيدىغانلىقى چىقىپ تۇرسىمۇ لېكىن مەن ئۇ قىزنى پەقەتلا تونىيالمىغان ئىدىم. dm"x?[2:  
-ياق-دىدىم يۈزلىرىمدە قىزىللىق- راس گەپنى قىلسام سىزنى بىريەردە كۆرگەندەك لېكىن نەدە كۆرگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن.دىدىم s+_8U}R  
-ھە-ئۇ قىزمۇ ھەيران قالغان قىياپەتتە-مەن سىز بىلەن بىريىللىقتا پاراللىل ئوقىغانغۇ. سىز مەھمۇد مۇئەللىمنىڭ سىنىپىدە ئوقۇش پۇتتۇردىڭىز، مەن قەيسەر مۇئەللىمنىڭكىدە ئوقۇش پۇتتۇردۇمغۇ-دىسمەسمۇ شۇسىنىپتا ئوقۇغان قىزلار ئارىسىدا مۇشۇ قىزنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ تاپقاندىن كىيىن يۇزلىرىم تىخىمۇ قىزىرىپ كەتتى. |Wck-+}U  
-يادىمدا قالماپتۇ. نەچچە يىل بولدى ئەمەسمۇ ئۇ ئىشلار بولۇپ ئۆتكلى،  ئۇنىڭ ئۇستىگە ھازىرغىچە سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىمۇ ئىسىمگە ئالالمايۋاتىمەن.-كۆزلىرىمنى باشقا يانغا ئىلىپ قىچىپ خىجىللىقنى يوشۇرماقچى بولۇپ. #F3'<(j  
-ئەمىسە ھازىر دەپ بىرەي. مۇندىن كىين ئۇنتۇپ قالماڭ ھە!-كۆزلىرىمگە قارىغاچ-ئىسىم گۇلشەن.يۇرتۇمنى دىمىسەممۇ بولا ھە. بىلگەندىكىن.ئۇنىڭ تەنىلىك چاقچىقىدىن مەنمۇ خىجىللىقتا كۈلگەچ: @ g`|ob]9  
-دىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمدى ئۇنى ئۇنتۇپ قالسام بولماس-ئۆزۈمنىڭ خىجىللىق كەيپىياتىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئۇچۇن-مۇشۇ مەكتەپتە ئوقىۋاتامسىز؟ياكى سىزمۇ مەندەك  بىرەر دوستىڭىزغا ھەمراھ بولۇپ بىرەرسىنى ئىزدەپ چىققانمۇ؟دەپ گەپنى ئېلىپ قىچشقا تىرىشتىم. Y5ei:r|^  
-مەن مۇشۇ مەكتەپتە ئوقىۋاتىمەن.كەلگىلى 3-يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ لېكىن سىزنىڭ بۇ مەكتەپكە چىققانلىقىڭىزنى تۇنجى رەت كۆرىۋاتىمەن.باشقا بالىلار خىلى ئىزدەپ چىقتى لېكىن سىز پەقەت چىقىىپ باقمىدىڭىز. كۆزلىرىمگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ 4W2.K0Ca  
-بۈگۈن بىر ئاغىنەم بىلەن ئۇنىڭ يۇرىتلىقىنى ئىزدەپ چىققان. مېنى كىرىلى دەپتى، ئىزدەيدىغان تونۇشۇم بولمىغاندىكىن دەپ سىرىتتا تاماكا چىكىپ تۇرىشىم.مەكتىپىڭلار خىلى چىرايلىقكەن ھە! مەنزىرىسىمۇ ئۆزگىچە خىلى يىشىللىق بار مەكتەپكەن. ياخشى مەكتەپتە ئوقىۋىتىپسىلەرجۇمۇ!-مەكتىپىنى ماختىغاچ ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم. *1-0s*T  
-سىلەرنىڭكىگە يەتمەيدۇدە-دىدى ئۇ –سىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئەمەسمۇ! دەرسلىرىڭىلارمۇ ئاز ھەم ئەركىن. لېكىن بىزنىڭچۇ، دوختۇرنىڭ ئىشى ھەممىدىن تەسمىكىن تاڭ. دوختۇر بولمايمەن دىسەم ئۇنىماي ئاتا-ئانام ئەۋەتكەن. ئۆزۈمنىڭغۇ ئوقۇتقۇچى بولغۇم بارئىدى.- چىرايىدىن بىرخىل خۇرسىنىش چىقىپ تۇراتتى. L~h:>I+pG  
-ۋاي بولىدۇ مۇشۇ ئىشمۇ ياخشى. جەمئىيەتكە چىققاندىن كىيىن خەقنىڭ قولىدا ئىشلەشنى خالىمىساڭلار ئۆز ئالدىڭلارغا بىرەر ئىش قىلساڭلارمۇ بولىدۇ.لىكىن بىزچۇ شۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلمىساق باشقا ئامال يوق. گەپ سۆزدە ئۇنىڭغا ئازراق مەدەت بىرىپ قويدۇم. /Dc54U n  
-ۋوي! گەپ بىلەن بولۇپ مەكتەپكە كىرىلى دىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بولمىسا سىرىتتىن تاماق يەپ كىرىلى. ئۇ چاپىنىمدىن تارىتپ تۇرۇپ. dtV*CX.D.7  
ئۇنىڭ چاپىنىمنى تارتىپ بولالماي قولۇمغا كەلگەن ئۇنىڭ ئىسسىق قولى ماڭا توك سوققاندەك سىزىم بەردى. نىمە دىيىشىمنى بىلمەي تۇرغان شۇ پەيىتتە ھېلىقى ئاغىنەمنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىشى مىنى بۇ ئىككى ئارىچىلىقتىن قۇتقۇزدى. 8z|]{XW{  
-بولدى مېنىڭ ئاغىنەممۇ چىقتى. مەنمۇمەكتەپكە قايتاي ئەمدى.دىدىم ئۇنىڭغا كۈلمسىرەپ تۇرۇپ-تاماقنى كىينچە يەنە چىققاندا يەۋىلارمىز.دىدىم '-~J.8- 
-ھە!مەيلى ئەمىسە. سىزمۇ بىزنىڭ مەكتەپلەرگە چىقىپ تۇرۇڭ. مەنمۇ چىقىپ تۇرىمەن ئۇ ياقلارغا.دىگەچ سومكىسىدىن بىر قەلەم بىلەن تېلىفۇن خاتىرىسىنى چىقرىپ- ياتىقىڭىزنىڭ تېلىفۇن نومىرىنى دەپ بىرىڭە . بىر يۇرىتلىق بولغاندىكىن ئىزدىشىپ تۇرىلى.دىدى.مەن ئۇنىڭغا ياتاقنىڭ تېلىفۇن نومىرىنى دەپ بىرىپ،ھەم ئۇنىڭ ياتىقىنىڭ تېلىفۇن نومىرىنى يىزىۋالغاندىن كىيىن خوشلاشتۇق. BINHCZ  
ئۇ كىتىپ تۇرىشىغا ھېلىقى ياتاقداش ئاغىنەم: ;[Xf@xf  
-ھە بالاڭزا مېنىڭ پايدامدا بۇ مەكتەپكە چىقىپ بىر (美女) بىلەن تونىشىپ قالدىڭدە. نەلىككەن؟ قانداق تونۇشۇپ قالدىڭ؟ ئۇ ئېغىزىمدىن گەپ چىقىشىنى كۈتىۋاتقاندەك توختىماي سورايتى. مەن ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بىلەن بىر يۇرىتلۇق ئىكەنلىكىمىزنى لېكىن بۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىمنى دىدىم. (6H 7?nv  
-ھە ئەمىسە بەلەن بوپتۇ. مۇندىن كىيىن سەن بۇ قىزنى دەپ. مەن ھېلىقى قىزنى دەپ ھەر ھەپتىدە بۇ مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىنى بىر قانچە قىتىم يوقلايدىكەنمىزدە. ئۇنىڭ گەپلىرىدىن باشقا بىرخىل مەنە چىقىپ تۇراتتى. v`'Iew }  
-ھە بومبا باش ئالىمەك.بىر يۇرىتلۇق دەۋاتاتتىڭغۇ؟ ئەمدى ھەر ھەپتىدە بۇ مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىنى يوقلايدىغان بولۇپ قالدىڭ. ھەي سۇيۇق گۇي! باشقا شەھەردە ئوقىۋاتقان مۇھەببىتىڭنى قانداق قىلىسەن؟ دىدىممەن ئاچچىق بىلەن Je"XIhBr  
-ئاداش ئۇنىڭ گىپىنى قىلما. ئۇ ئۆز يولى بىلەن بۇ ئۆزيولى بىلەن ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم دەيمە. سەن بۇنىڭغا باش قاتۇرمىساڭمۇ بولىدۇ.دەپ ئاغزىمنى تۇۋاقلاپ مېنىڭ ئابتوبۇسقا ھەيدىدى. *j<#5=l  
مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەن كەچلىگى ھېلىقى ۋاقىتتىكى گۇلشەننىڭ قولىنىڭ مېنىڭ قولۇمغا تەگكەن ۋاقىتتىكى سىزىملارنى ئويلاپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. dKXzFyW  
شۇندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن ھەپتىدە بىرەر قىتىمدىن ئالاقىلىشىشتىن مۇناسىۋىتىمىز باشلاندى. دەسلەپتە بىرەر ھەپتىدە تېلىفۇن قىلىشىپ، مەن ئۇنىڭ مەكتىۋىگە چىقاتتىم ياكى بولمىسا ئۇ مېنىڭ مەكتىۋىمگە كىلەتتى. كىيىنچە ھەپىتىدە ئىككى –ئۇچ قېتىم تېلىفۇنلىشىدىغان ، بەزىدە ئۇ كىلىدىغان، بەزىدە مەن بارىدىغان بولدۇق.شۇ ۋاقىتلاردا ئائىلە تۇرمۇشىمىز، ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۆزىمىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرى، تولۇق ئوتتۇردا ئوقىغاندا بولغان قىزىقارلىق ۋەقەلەر ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىمىزغىچە پاراڭلىشىپ كىتەتتۇق. بەزى ۋاقىتلاردا پاراڭلىرىمىز تۈگىمەي، كەچ قالغان ۋاقىتلارمۇ بولغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ئۇيقۇدىكى قەلبىمگە بىرخىل مېھىر تەسىرقىلغان، ئۇ مېنى بارا-بارا ئۆزىگە تارتىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم. كىچىلىرى ئۇنىڭ چىرايلىرى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتى. باشتا ئۆزۈمدە شۇ خىل سىزىم بولغاندا <<بۇرۇنقى چاغلاردىكى كونا ئادەت، بىر قانچە  كۈن ئۆتسىلا ياخشى بولۇپ كىتىدۇ>>دىگەن ئىدىم. لېكىن بۇ كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تىخىمۇ كۈچىيىپ مېنى توختىماي ئازاپلاۋاتقان ئىدى. قانداق قىلىشىمنى ئۇنىڭغا نىمە دەپ ئىيتىشىمنى بىلمەي يۇرۇش بىلەن يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى شەھەردە قار ياغدى. ياتاقتا ئۆزۈم يالغۇز قىلىپ تاماكا چىكىپ نىمە قىلىشنى خىيال قىلىۋاتتىم . تۇيۇقسىز تېلىفۇن توۋلىدى. <<كىمدۇ بۇ مۇھەببىتى بارلارنىڭ ھەممىسى چىقىپ كەتكەن تۇرسا!! دەپ غودىراپ تېلىفۇننى ئالدىم.  xi<}n#  
-ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم-تېلىفۇندىن يېىقىملىق مەن ئامراق، تونۇش ئاۋاز ئاڭلاندى. afaQb  
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام.دىدىمدە ئۇلاپلا- يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!تېلىفۇن قىلغىنى ئۇ ئىكەنتۇق. i *4v!(E  
-ۋوي تېلىفۇننى مەن قىلسام سىز مەندىن چاققان چىقىپ دەۋالدىڭىزھە.ئۇ ئاغرىنغاندەك ئەركىلىگەن قىياپەتتە- بۈگۈن قار يىغىپتىكەن. بىرگە قار مەنزىرىسى قىلايلىمىكى دىگەنتىم. ھەقاچان سىزمۇ ياتاقتا يالغۇز ئولتۇراۋاتىسىز.دىمەسمۇ بۇگەپ يالغۇز زىرىكىپ نىمە قىلىشنى بىلمەي ئولتۇرغان ۋاقتىمدا تازا خۇش ياقتى. RxPD44jVA  
-ماقۇل. نەدە كۆرىشىمىز. دىدىم. ئۇنى كۆرۈشكە ئالدىراپ كەتكەن ئىدىم. DBu8}2R  
مەن ھازىر مەكتەپتىن ماڭدىم، خەلق مەيدانىغا كۆرۈشسەك، ئۇنىڭ ئۇستىگە قار جىق جايدا كۆرۈشسەك ، يەنە بىردەم قار ئىتىشىپ ئوينىغىلى بولار.-ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ. 4 u0?[v[Hu  
ماقۇل ئەمىسە مەنمۇ ماڭاي خەلىق مەيدانىغا كۆرىشىلى.دىيىشىپ تېلىفۇننى قويدۇم. كىيىملىرىمنى رەتلىك كىيگەندىن كىيىن ئاستا مەكتەپ دەرۋازىسىغا قاراپ ماڭدىم.يولنىڭ ھەممە يىرى قار دەرەخلەرگىمۇ قار يىغىپ ئاق دەرەخگە ئوخشاپ قالغان ئىدى. يول بويىدا بىر قانچىلىغان بىر جۇپلەر ئۆز-ئارا قار ئىتىشىپ ئويناۋاتاتتى. بىر قار مومايغا ئۆزگىرىپ قالاي دىگەن بىر قىز قولىنى ھۆرداپ، تۇرغان شۇ ۋاقىتتا ئاللاقاچان قار بوۋايغا ئايلىنىپ كەتكەن بىر يىگىت كىلىپ قىزنىڭ قولىنى ھوردىدى، ۋە ئۆزىنىڭ يانچۇقىدىن يېڭىدىن سىتىۋالغان بولسا كىرەك، بىر جۇپ پەلەينى ئىلىپ ئۇ قار موماينىڭ قولىغا كىيگۇزۇپ قويدى. شۇ ۋاقىتتا دىققەت قىلمايلا مىڭىپ قاپتىمەن. بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن ئۇنىڭ قار ئىتىشىپ ئوينايمىز دىگەن سۆزى يادىمغا كىلىپ ئۇنىڭغا ، ئۆزۈمگە بىر جۇپتىن پەلەي ئىلىۋالدىم. }43qpJe8U  
ھارۋىنىڭ چاقى غىچىرلىغاندەك ئايغىمنىڭ ئاستىدىكى قارنى غىچىلدىتىپ خەلىق مەيدانىغا يىتىپ كەلدىم. ئەتراپتا مەن دىمەتلىك نۇرغۇنلىغان ياشلار قار ئىتىشىپ ئويناۋاتاتتى. ئۇنى ئىزدىگەچ ئەتراپتىكى قار مەنزىرىسىگە دىققەت قىلدىم. ھەممە يەر ئاپپاق، ئادەممۇ، بىنامۇ، دەرەخمۇ ئاپپاق. تۇيۇقسىز يان تەرىپىمدىن يۇزۇمگە تەككەن قارنىڭ تەسىرىدە ئالىيىپ شۇ تەرەپكە قارىدىم. ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. EN}4-P/5  
-ياندىن ئۆتۈپ كۆرمەي ماڭغاندىكىن خوپ بولدى. ئەسلى قارنى ئۇ ئىتىپتىكەندە. 7FaF]G  
مەنمۇ يەرگە ئىڭشىپ قار ئىلىپ ئۇنىڭغا ئاتتىم. يانچۇقىمدىن بىر جۇپ پەلەينى ئىلىپ ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم، قولىمىزغا پەلەينى كىيىۋالغاندىن كىيىن ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن بىرجۇپلەر قوشۇلۇپ بىرگە قار ئىتىشىپ ئوينىدۇق. بىر ۋاقىتتا قارىسام، ئۇ قولىنى ھورداپ تۇراتتى. قولۇمدىكى قار پومزىكىنى ئاستا يەرگە تاشلىۋىتىپ ئۇنىڭ قىشىغا ماڭدىم. بىرىپ قولىدىن تۇتۇپ ھورداشقا باشلىدىم. ئۇ دەسلەپتە ھەيران قالغان بولسىمۇ لېكىن، چىرايىدىن خۇشاللىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قولىغا قارىسىام قىززىرىپ كىتىپتۇ. بىز ئاستا مېڭىپ خەلىق مەيدانىنىڭ بىر يىنىغا باردۇق. (bNoe(<qU  
-قولىڭىز ئىسسىدىمۇ؟ -دىدىممەن ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ NYxL7:9  
-ياق دىدى ئۇ –ئەمما ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق كۆڭۈللۈك ئويناپ باقمىغىلى- چىرايىدىن بىرخىل خۇشاللىق چىقىپ تۇراتتى. z~2;u 5S&  
ئەكىلىڭە قولىڭىزنى ئەمىسە –دەپلا چاپاننىڭ ئالدى تەرەپتىكى سىرىتمىسىنى ئىچىپ ئۇنىڭغا قولىنى تىقىشقا ئىما قىلدىم. ئۇ دەسلەپ ھەيران قالغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن نىمىشقىدۇر قولىنى چاپاننىڭ ئىچىگە تىقتى. شۇ پىتى خىلى ئۇزۇن تۇرۇپتىمىز. ئۇنىڭ قولىدىن ماڭا ئوتكەن ئىللىق ھارارەت ماڭا خۇشاللىق بىغىشلاۋاتاتتى. مەن ئاستا ئۇنىڭ بىلىدىن ئۇنى ئۆزۇمگە تارتىم. دەسلەپ ئۇ چىرايىمغا بىر قارىۋەتتى مەن كۆرمىگەنگە سىلىپ تۇرىۋەردىم، بىر ئازدىن كىيىن ئۇمۇ مېنى چىڭ قوچاغلاپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلاپ: x=\W TC  
گۇلشەن. مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.دىدىمدە ئۇنى چىڭ قۇچاغلاپ كەتتىم. ئۇ نىمە دىيىشىنى نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي بىرئاز تۇرغاندىن كىيىن ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئۇمۇ مېنى چىڭ قۇچاغلىدى. شۇ كۈنى بىزنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىمىز باشلاندى. z} r  
ئۇنىڭ بىلەن كۈندە تېلىفۇنلىشىپ تۇراتتۇق. ھەر ھەپتىنىڭ دەم ئىلىش كۈنلىرى بىر-بىرىمىزنى ئىزدەيتۇق. مەنمۇ تۇنجى رەت مۇھەببەتنىڭ كۈچ قۇددىرىتىنى ھىس قىلىۋاتقاندەك ئۇنىڭغا چىن مېھرىمنى بىرىپ ئۇنىڭ ھەر بىرخۇشاللىقىنى ئۆزۈمنىڭ خۇشاللىقى، ئۇنىڭ ھەبىر قايغۇسىنى ئۆزۈمنىڭ قايغۇسى قىلىپ، ئۇنى ئاسراپ، چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرۈپ ئۆتتۈم. شۇنداق قىلىپ كۈنلەرنىڭ مەنىلىك ئۆتىشى بىلەن 4-يىلدىكى يازلىق تەتىلگىمۇ ئازلا قالدى. ئۇ مەكتەپنىڭ ئۇلارنى ئوپچە پاراكتىغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، تەتىلدە كەتمەي، مۇشۇ شەھەردە پاراكتىكا قىلىدىغانلىقىنى ئىيتىتى. مەن گەرچە ئۇنى كۈندە كۆرەلمەيدىغانلىقىمنى بىلسەممۇ لېكىن مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن قارشىلاشقىلى بولمايدىغان بولغاچقا مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. شۇنداق قىلىپ تەتىلدە مەن ئۆيگە قايىتتىم. تەتىلدە ئۇنى كۈندە سىغىنغان بولساممۇ لېكىن كۆرەلمەيدىغان بولغاچقا تەتىل كۈنلىرىمنى مەنىسىز ئۆتكۇزدىم. ھىجراندا ئۆتكۇزگەن بۇ تەتىلمۇ ئاخىرى تۈگىدى. مەكتەپكە كىلىپ نەرسە كىرەكلىرىمنى ياتاققا تاشلىۋىتىپلا ئۇنى ئىزدەپ ئۇنىڭ مەكتىۋىگە چىقتىم. ئۇنى تاپقاندا بولسا قولى تىڭىلغان، كۈلۈمسىرەپ ئالدىمغا كىلىۋاتاتتى. Y@Ry oJ  
-قولۇڭغا نىم بولدى؟ دىققەت قىل دىسە ئۇنىمايسەن! ... |Z o36@s  
نىمىشقىكىن ئاغزىمدىن گەپ تۈگىمەي چىقىۋەردى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. ]gA2.,)}D  
-پاراكتىكا قىلغاندا ۋىلايەتلىك 1-دۇختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلىمىگە تەقسىم قىلغان ئىدى. پاراكتىكا تۈگەشكە ئاز قالغاندا بىربىمارنى قۇتقۇزىۋاتقاندا قۇلۇم ماشىنا ئىشىكىگە ئۇرۇلۇپ يارا بولۇپ قالدى. ئەنسىرمەڭ –ئۇ شۇنداق دەپ كۆڭلۈمنى كۆتىرىۋاتاتتى. YoQQ ,  
جىددىيچىلىك ئىچىدە مەكتەپ پۇتتۇرۇش ماقالىسى يازىمىز دەپ پالاقشىپ يۇرۇپ ئۇنىمۇ بەك ئىزدەپ بولالمىدىم. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۇتتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا ، بىز پەقەت تېلىفۇندىلا  كۆرۇشۇپ تۇردۇق.  بەزى بىكار قالغان ئىشىمىز تۇگىگەندە بىربىرىمىزنى ئىزدىشەتتۇق. شۇنداق قىلىپ ھەر ئىككىمىز ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۇردۇق. ?d3 
ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ بىرمەزگىلگىچە خىزمەت كۈتكەندىن كىيىن ھەر ئىككىمىز ۋىلايەت بويىچە بىر تۇتاش ئىلىنغان ئۆز كەسىپ ئىمتاھاندىن ئۆتۈپ خىزمەتكە چىقتۇق. دۇسىتلىرىمىز بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى بىلگەچكە بەزىدە بىزدىن .M[t5I'\  
قاچان توي قىلىسىلەر؟ تېزراق بولساڭلار بولاتتى. دىيىشىپ بىزنى دەي-دەيگە سىلىۋاتاتتى. لېكىن ئىككىمىز ئالدىرمايدىغانلىقىمىزنى ئىيتىپ تۇردۇق. ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇھەببىتىمىزمۇ چوڭقۇرلىشىشقا يۇزلەندى. بىربىرىمىزنى تىخىمۇ ياخشى كۆرۈپ، بىربىرمىزدىن ئايرىلالمىغۇدەك بولۇپ كەتكەن ئىدۇق. BoARM{m  
خىزمەتكە چىقىپ بىريىلدىن ئۆتكەندىن كىيىن، بىر خىزمەتدىشىمنىڭ تەسىرىدە << پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى>> دىگەن ئەسەرنى ئاڭلاپ قالدىم. بىزنىڭ ياش ئاغىنىلەر ئىچىدىمۇ كۈن-كۈنلەپ پاھىشەخانىلاردىن چىقمايدىغانلار بار بولغاچقا ئۇنى ئۇلارغا پۇرسەت چىققاندا قويۇپ بىرەرمەن دەپ  ئۆيدىكى كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ قويدۇم. )C0I y.N-  
بىر شەنبە كۈنى مەنمۇ دەم ئالغان بىر قانچە ئاغىنەممۇ دەم ئالغان كۈنى ئۇلارنى بىزنىڭ ئۆيگە بىرىشقا چاقىردىم. ئۆيگە كىلىپ بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن بالىلارغا ھېلىقى ئاۋازلىق << پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى>> دىگەن ئەسەرنى قويۇپ بەردىم. باشتا تولغىشىپ ئاڭلاشمۇ خۇشياقمىغان ئاغىنىلەر ئەمدى، بولسا ئەسەرنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتكەن. قىزنىڭ كۈلگىنى، ئەسەرنىڭ ۋەقەلىك راۋاجىنى مەندىن سوراپ خاپا قىلىۋاتاتتى. مەن ئۇلارغا <<ئۆزۈڭ ئاڭلا مەن دەپ بەرسەم ھىچقانداق مەزىسى قالمايدۇ>> دەپ ئۇلارنى ئەسەرنى جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاشقا ئۈندەيتىم. ئۇ ئەسەر تۈگىگەندىن كىيىن ئۇچى ئۇچ يانغا ئايرىلىپ بىشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇراتتى.ئۇلار گەرچە ئەسكى بولمىسىمۇ لىكىن شۇ پاھىشەخانىدىن چىقمايدىغان بولغاچقا ئۇلارغا <<غەيرەت بىلەن دىلخۇمار>>نىڭ گىپى بەك تەسىر قىلدىمۇ ياكى ئۆزىنىڭمۇ ئەيدىز بولۇپ قىلىشىدىن قورىقتىمۇ بىردەم جىمجىتلىق باستى. MQ' =qR  
-ئاداش مۇرات-مېنى چاقىردى ئاغىنەم ئابلەت- بۇ ئەسەر راس بولغان ئىشمىكەن. –دىدى ئۇ ئويلىنىپ تۇرۇپ Qo(<>d  
- مەن نىمە بىلىمەن مېنىڭ پەقەت ئويلىغىنىم سەنلەر. كۈندە پاھىشەخانىدىن چىقمايسەن. دىققەت قىلىش سەنلەرگىمۇ ئەيدىز يۇقۇپ قىلىپ قۇتۇلىشالمايسەن! rof9Rxxe-  
-ۋاي ئەيدىز دىگەننىڭ ئەرلەرگە يۇقۇش نىسپىتى تۆۋەنمىش –دىدى ئابلىكىم گەپ قىستۇرۇپ-ئاياللارغا يۇقۇش نىسپىتى يۇقۇرىمىش. بولۇپمۇ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش نىسپىتى يۇقۇرىكەن. (enOj0  
-شۇڭا دەيمەن سەندەك گۇيلار تىخىمۇ دىققەت قىلىشىڭ ئاشۇنداق ئىشلاردىن بولسا تېزراق قول ئۇزىشىڭ كىرەك.دىدىممەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلغان بولۇپ. y<BG-  
ھەي باللا سىلەرگە مۇشۇنىڭدىكى دىلخۇماردەك قىز ئۇچراپ قالسا قانداق قىلىسىلەر- دەپ سورىدۇ ئابلەت-مۇشۇ مەسىلە باشقىچە كاللامغا كىرىۋالدى. ئۇ سافادا قىڭغىر ئولتۇرۇپ !,J] 5$M  
-مېنىڭچە ئۇقىز قەستەنگە ئۇنداق قىلمىغان بولغاچقا ، ھەم شۇ قىزدەك مېنى چۇشۇنىدىغان بىرەرسى ئۇچراپ قالسا چوقۇم ئالىمەن.دىدىم ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنى بويىچە. %_39Wa  
ۋاي تاڭ جۇما ئاداش دىدى ئابلكىم-ھەممىمىز ھازىر مەيدىمىزگە مۇشلاپ مەن ئالىمە دەيمىزيۇ ئەمما شۇ ئىش بىشىمىزغا كەلگەندە ئۆزىمىزمۇ نىمە قىلىشنى بىلمەي قالىمىز. ئاغىنىلەرگۇۋاھ بولۇڭلار مەن بۈگۈندىن باشلاپ پاھىشەخانىدىن قولۇمنى ئۇزدۇم.دىدى ئۇ قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ. mZnsr@KF  
-مەنمۇ توۋا قىلدىم. خۇدايىم قىز بەرمەي قالمىسۇن يەنە.دىدى ئابلەت ئىغىر ئويلانغان ھالدا \z@ :OR,  
نەچچە كۇندە بىر پاھىشەخانىدىن چىقالمايسەنيۇ. ئەمدى ياقىغا چىقىۋىلىپلا خۇدادىن قىز بىرىشنى تەلەپ قىلىسەن. ئۆزۈڭ يىگىت ئەمەس تۇرۇپ خۇداغا قىزدەپ نالە قىلىسەن. سەن دىققەت قىل خۇدايىم ئايالىڭنى قىز تۇغماسقا نىسىپ قىلسۇن بولمىسا سىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىڭنى شۇ قىزىڭ تارتىدۇ. دىدىممەن چاقچاق قىلغاچ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ au+:-Khm  
-ۋاي سىلى تىخى قىز! ئۆزلىرىمۇ بىلمەيلا ئۆزلىرىنىڭ يىگىتلىكىنىڭ قايسى ****خانىدا قالغانلىقىنى دىدى ئۇ ماڭا قايتۇرۇپ :$XlYJrjK  
مەن تىخى يىگىت –مەن ئشەنچ بىلەن- شۇڭا ماڭا ئاللاھ قىزبىرىدۇ. ئادەم قانداق بولسا شۇنداق ئادەم بىرىدۇ. بۇنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. گۇلشەن شۇنداق پاك غۇبارسىز .مانابۇ مېنىڭ كەلگۇسىدىكى ئايالىم دىدىم مەغرۇر ھەم گۇناھ يوق قىياپەتتە. tI.ho  
شۇنداق قىلىپ بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كىيىن تاغام مېنى ئۆيىگە بىركىلىپ كىتىشكە چاقىردى. ئىشتىن چۇشۇپ تاغامنىڭ ئۆيىگە باردىم. تاغام ئارىغا چۇشۇپ ئۆيدىلەرنىڭ مېنى ئۆيلەپ قويغۇسى بارلىقىنى، مېنىڭمۇ خىزمەتكە چىققىلى بىر يىرىم يىل بولۇپ قالغانلىقىمنى ئىيتىپ بىرمۇنچە گەپ قىلدى. بىشىدا خىجىلچىلىقتا بىشىمنى كۆتۈرەلمەي قالدىم ئاندىن ئۇنىڭ گەپلىرىگە پەس ئاۋازدا جاۋاپ بەردىم. ئۇ يۇرگەن قىزىمنىڭ بارلىقىنى بىلىدىغان بولغاچقا ئۇ گەپنى تۇزلا دىدى. y"_rDj`  
ئۇ قىز بىلەن كۆرىشىپ ئۆيۈڭدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدىغانلىقىنى ئىيىت. مېنىڭچە ئۇمۇ ياق دەپ كەتمەس. سىلەر يۇرگىلىمۇ خىلى بوپتۇ ئەمەسمۇ. ئۇ شۇنداق دەپلا گەپنى ئۈزدى. QZL,zI]LL  
مەن ئەتىسى گۇلشەنگە تېلىفۇن قىلىپ ئىككىمىزنىڭ جىددىي كۆرۈشمىسەك بولمايدىغانلىقىنى ئىيتىپ ئەتە بىرجايدا كۆرىشىشنى ئىيتىم. O_DT7;g  
ئۇ كەلگەندە چىرايىدا بىرخىل غەم قايغۇ ئىپادلىنەتتى. مەن خىزمەتداشلىرى بىلەن بىر نەرسە دىيىشىپ قالغان بولسا كىرەك. دەپ ئويلاپ. W=n Hi\jLV  
-ئۆيدىكىلەر ئىككىمىزنىڭ تويىنى قىلىپ بەرسەك بولاتتى دەيتۇ. دىدىممەن ئۇنىڭ غەمسىز چىرايىغا قارىغاچ- چىرايىڭمۇ باشقىچە تۇرىدۇ. نىم بولدى. دىدىممەن. &TN.6Hm3  
-ھىچ............... ھىچنىمە. ئۇ گەپنى ئۇزۇپمۇ ئىيتالماي گەپلەردە دۇدۇقلاۋاتاتتى، iQiX wEAi[  
نىم بولدى؟ ئىككىمىزنىڭ توي ئىشىغا قارشى تۇرامسەن؟ دىدىممەن ھەيران قالغان ھالدا 2UBAk')O}  
-مەن توي قىلمايمەن. ئۇ يۇزىنى باشقا يانغا بۇراپ 1l.HQ IS  
نىمە؟ بىشىمدىن بىر چىلەك سوغۇق سۇنى قۇيغاندەك بولۇپ كەتتىم.نەچچە يىللاردىن بىرى بىربىرىمىزنى ياخشى كۆرۇشۇپ كەلگەن، تۇرساق ئەمدى نىمىشقا ئۇنىمايسەن؟سەۋەبىنى ماڭا چۇشەندۇر. ئۇنىڭ گىپىنى تۇتۇپلاۋالدىم. ئۇنىڭ چىرايىدىن مەلۇم نەرسىدە قىينالاتتى. نىمىلەرنىدۇر ماڭا دىگۇسى باردەك دىيەلمەيۋاتقان قىلاتتى. >G vd?r  
نىمە؟ گەپ بولسا مەندىن يوشىرامسەن؟ نىمە ئىش بولسا تەڭ كۆتىرىمىز دىيىشكەنغۇ. دىمەمسەن؟ شۇنداق دەپ ئۇنى دىيىشكە رىغبەتلەندۇرەتتىم. ئۇ ماڭا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئىلىپ باشقا يانغا قاراپ ئۇزۇپ ئۇزۇپ _~y-?(46K  
-مە....مە......مەن ئەيدىزكەنمە. ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بىشىمغا بىر دانە يادرو بومبىسى چۇشكەندەك. قىشىمدا بىر پوجاڭزا پارتىلاپ قۇلۇقىمنى گاس قىلىۋەتكەندەك بىر چاغلارغىچە گەپ كىرمىدى. ئۇ باشقا يانغا قاراپ ئىسەدەپ يىغلاۋاتاتتى. كاللامدا ئەيدىز كىلسىنىڭ يۇقۇش يوللىرى، يۇقۇش ئۇسۇللىرى كاللامدا ئەكىس ئىتىۋاتاتتى. Iqj?wI 1)  
شۇلارنى ئويلاپ بۇرۇن كۆزۈمگە ئاجايىپ ھۆرپەرىلەردەك كۆرىنىدىغان بۇ قىز ئەمدى كۆزۈمگە باشقىچە باشقا نەرسە بولۇپ كۆرىنىشكە باشلىدى. نىمە دىيىشىمنى نىمە قىلىشىمنى بىلمىدىم ئىغىر قەدەملەر بىلەن بۇ ناپاك كىشى ئالدىدىن كىتىشنى توغرا تاپتىم. گۇلشەن كەينىمدىن بىرھازاغىچە توۋلاپ قالدى. لېكىن كەينىمگە قاراشنى خالىمىدىم. lvR>%I0`*  
شۇ خىياللار بىلەن گاڭگىراپ خىزمەتنىمۇ ياخشى ئىشلىمەي بىر قانچە ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. باشلىقمۇ جىق گەپلەرنى قىلدى. << بۇرۇن ئۇنداق ئەمەستىڭىز نىمە بولدى خىزمەتتە ئەستايىدىل بولۇڭ>>دىن باشلاپ<< ئەمدى يەنە مۇشۇنداق ئىش چىقىدىغان بولسا مائاشىڭىزدىن تۇتىمەن>> دىگەن گەپلەرگە يەنىلا پەرۋاسىز قارايتىم كاللامدا باشقا نەرسە يوق پەقەت توختىماي تاماكا چىكىمەن. بەزى كۈنلىرى توختىماي ھاراق ئىچىمەن. J8&0l&~ 6  
خىزمەتتىن كىلىپ ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تۇراتتىم. ئانام كەينىمدىن كىردى.ۋە ئۇنى بۇنى سورىغان بولۇپ ئاخىرى رەسمىي گەپكە ئوتتى. E6?0/"  
-بالام تاغاڭ دىگەن ئىش قانداق بولدى؟ گەپنى ئۇيان بۇيان يۇمىلتىپ يۇرۇپ رەسمىي گەپكە كەلگەن ئىدى. raR=k!3i  
-ھە. نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم ئۇ ئەيدىزكەن دىيىشكە تىخى تىلىم بارمىدى. نىمە دىيىشنى بىلمەي تىزلا كاللامغا كەلگەن. –ئۇ بىز تىخى يىقىندا خىزمەتكە چىقتۇق يەنە بىرمەزگىل توختايلى كىلەر يىلى يازچە بىرگەپ بولسۇن دەيدۇ. دەپ يالغان گەپتىن بىرنى توقىدىم. + a+DiD>./  
-ۋاي بالام سىلەر ياشلار نىمىنى ئويلايدىغانسىلەر. دىدى ئانام بىشىنى چايقاپ. بىز ھايات ۋاقتىمىزدا زىممىزدىكى يۇكنى بىكارلىۋىتىلى دىگەندە سىلەرمۇ نەدىكى ئىشنى باھانە قىلىپ تۇرىۋالىدىكەنسىلە. دەپ قاقشىغىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. مەنمۇ ئانام چىقىپ كەتكەندىن كىيىن تورۇسقا قاراپ نەچچە سائەت ئولتۇردىمكىن بىر ۋاقىتتا ئۇخلاپ قاپتىمەن. DeQ ZDY //  
كۈنلىرىم نىمىشقىكىن بىرخىل مەنىسىز، كاللامدا پەقەت ئۇنىڭ ئەيدىز بولۇپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى. قانداق چۇشەنسەم بولا. ھەي ئەيدىز كىلىسىنىڭ يۇقۇشنىڭ ئۇچ يولى بار. بىرى ئانىدىن بالىغا يۇقۇش. يەنە بىرى زەھەرلىك چىكىملىك چەككۇچىلەر بىلەن شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش، ئۇچىنچىسى قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت. ئۇنىڭ شۇنچە غۇبارسىز پاك ئويلاشقا تىرىشقان بولساممۇ لېكىن نىمىشقىدۇر كۆڭلۈم باشقىچە. ئۇ تۇغۇلغاندا تىخى ئىلىمىزدە ئەيدىز كىسىلى بىمارى بايقالمىغان. ئانىدىن بالىغا يۇقۇش مۇمكىن ئەمەس. ئۇ زەھەر چەكمەيدۇ.شۇڭا بۇ سەۋەپمۇ ئىز باسالمايدۇ. ئۇ مېنى ئالداپ كەپتۇدە. ئۇ نىمىشقا مېنى ئالدايدۇ. شۇنچە ياخشى كۆرىمەندەيدۇيۇ لېكىن........... :4Y 5  
بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئاغىنەم ئابلىكىم مېنى كۆرۈشۈشكە چاقىردى. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئازراقتىن ئىچىشكەچ مۇڭداشتۇق.ئارىدا ئۇ جىمجىتلىقنى بۇزۇپ io ;  
-ئاناڭ نەچچەكۇن بولدى. ئۆيدە تۈزۈكرەك چىرايىنى كۆرسەتمەيدۇ غەم بىلەن تۇرىدۇ. بىر كۆرىشىپ كۆڭلىدە نىمە باركىن ئۇقۇپ باققان بولسىڭىز دەپ تېلىفۇن قىپتىكەن شۇڭا چاقىرىشىم. كۆڭلۈڭدە نىمە گەپ بار دە .بىز يىقىن ئاغىنىغۇ. ئۇ قولىغا بىر رومكا ھاراقنى ئىلىپ ماڭا بىرنى تۇتقۇزۇپ. ھاراقنى ئىچىۋىتىپ ئۇنىڭ چىرايىغىمۇ قارىماي. :;&3"-  
-ئۇ...ئۇ.. ئەيدىزكەن. دىدىممەن. نىمە دىيشىمنىمۇ بىلمەيتىم،مەنمۇ چالا مەسچىلىك ئىغىر بىسىم ئىچىدە {CgF{7`  
كىمنى دەيسەن. دىدى ئابلىكىم- كىم ئەيدىزكەن. گەپنىڭ باش ئاخىرىنى تولۇق دىمەمسەن. ئۇمۇ گاڭگىراپ قالغان ئىدى. |tFg9R T  
-گۇلشەن...ئۇ...ئۇ ئەيدىزكەن. دىدىمەن كۆزۈمدىن ياشلار ئىرادەمگە بوي سۇنماي تۆكىلىشىكە باشلىدى. مەنمۇ گەپنىڭ بىشىنى دىگەندىكىن ئۇنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئابلىكىمغا دىدىم. ئۇمۇ ھەيران قالغان قىىلپ Ye/Y<Ij  
-بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن! گۇلشەننىڭ ئەخلاقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. دىدى ئۇ '*K%\]  
-شۇنداقلىقى شۇنداق ئەمما- دىدىمەن سىرتقا قارىغاچ- ئەمىسە قايسى خىل ئۇسۇلدا ئەيدىز يۇقۇپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلايمەن؟ باشقا ئامال بولمىسا دىدىممەن. {t('`z  
گۇلشەننىڭ چۇشەندۇرۇشلىرىنى ئاڭلاپ باقتىڭمۇ؟ ئۇ تۇيۇقسىز سوراپ قالدى. jZ 
-نىمە دەپ سورايمەن. بىز شۇ ئىشتىن كىيىن كۆرۈشۇپ باقمىدۇق. دىدىم c:-n0m'i  
ئۆتكەندە دىلخۇماردەك قىزدىن بىرسى ئۇچراپ قالسا ئالىمەن دىگەنتىڭغۇ. دىدى ئابلىكىم. \"+}-!wr  
-ئاداش شۇ ۋاقىتتا شۇنداق دىگەن بىلەن ھەممە ئادەم ئۆز بىشىغا كەلگەندە ئاندىن بىلىدىكەن. ئۇ بۇ گەپنى دىگەندە گاستەك بولۇپ كىتىپ ئۇنىڭغىمۇ قارىماي ئۇنىڭ چۇشەندۇرىشلىرىنىمۇ ئاڭلىمىغان ئىدىم. دىدىممەن. u X( #+  
-ئەمىسە ئاداش گۇلشەن بىلەن بىر كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ چۇشەندۇرىشىنى ئاڭلاپ باق. نىمىلا دىگەن بىلەن مەنمۇ سەنمۇ ئۇنىڭ ئەخلاقىغا ئىشىنىمىز شۇنداق تۇرۇپ بىراقلا ئۈمىد ئۇزىۋەتسەڭ بولماس. دىدى ئۇ خىلى ئويلانغاندىن كىيىن. jf=90eJc  
ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ گۇلشەن بىلەن بىر كۆرىشىپ بىقىش نىيتىمگە كەلگەن بولساممۇ لېكىن نىمىشقىدۇر ئاكتىپلىق قىلىپ ئىزدەشنى خالىمىغان ئىدىم. ئەتىسى تۇرسام گۇلشەن تېلىفۇن قىپتۇ. مەن بىلەن كۆرۇشكىسى بارلىقىنى ئىيىتتى. مەنمۇ ماقۇل دىدىم. g:&PjKA  
كەچتە شەھەرنىڭ كچىلىك مەنزىرىسى ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى. بىر خەلىق مەيدانىنىڭ بىر يىقىدا ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۇشتۇق باشتا باشقا گەپلەر بولۇنغان بولسىمۇ بىر ئازادىن كىين  ئۇ ئۆزىنىڭ ھېلىقى ئىشىنى باشلىدى. xv_Z$&9e>l  
-مۇرات ھەقاچان سىز مېنى پەسكەش، ۋىجدانسىز دەپ تىللايسىز.لېكىن مېنىڭ چۇشەندۇرىشىمنى ئاڭلاپ باقمىدىڭىز. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بۇ كىسەلنىڭ يۇقۇپ قالغىنىغا ھەيران. دىدى ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ. i >BQRbU  
-قانداق بولۇپ يۇقۇپتۇ ئۇقتۇڭمۇ؟ دىدىممەن يىراقلارغا قارىغاچ. oK2jPP  
ئىسىڭىزدە بار. ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىلى مەكتىۋىمىزدىن بىزنىڭ كەسىپنىڭ باللىرىنى شەھەرنىڭ ئۆزىدە ئىلىپ قىلىپ پاراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرغان. مەنمۇ شۇ پاراكتىكىدا ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلىمىگە تەقسىم قىلىنغان ئىدىم. پاراكتىكا تۇگەشكە ئاز قالغاندا بىر يارىدارنى جىددىي قۇتقۇزىمىز دەپ نوسۇلكىنى ئىلىۋاتقاندا قۇلۇم ماشىنا ئىشىكىگە تىگىپ كىتىپ يارا بولۇپ قالغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ بىمار باشقىلاردىن پىچاق يىگەن بولغاچقا قۇرسىدىن قان چىقىۋاتقان ئىدى. مەن ئۇ قاننى توختىتىش ئۇچۇن ئۇنىڭ قورسىقىنى يارىلانغان شۇ قولۇم بىلەن تۇتىۋالغان. يارىلانغان قۇلۇمنى سىزمۇ كۆرگەنغۇ! مەن پاراكتىكىدىن يىنىپ كەلدىم. شۇ ۋاقىتتا ھېلىقى يارىدارنى تەكشۇرگەن دوختۇر ئۇ يارىدارنىڭ ئەيدىز ئىكەنلىكىنى مەن كىتىپ بولغاندىن كىيىن ئۇقۇپتىكەن دەي دسىە تىخى دىمەي دىسە تىخى. ئاخىرى بولماي. يىقىندا سىز بىلەن كۆرىشىشتىن بىرھەپتە بۇرۇن تېلىفۇن قىپتىكەن. ھەممىنى دىدى ھەمدە مېنى ئۆزىڭىزنىڭ قېنىنى ئەيدىز ۋىرۇسى بويىچە تەكشۇرۇپ بقىڭ دىگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە پاراكتىكىدىن يىنىپ كىلىپ زۇكامداپ قالغاندەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەن. كىين دورا ئىچكەندىن كىيىن ساقايغان ئىدىم. كىين يەنە بەدىنىمگە قىزىل قاپارتىما چىقىپ قالغان ئىدى. ئۇنى مەن تاماق خىل كەلمىدى. ھاۋا ماس كەلمىدى دەپ سەل قاراپتىكەنمەن. ئۇ كىشى تېلىفۇن قىلغاندىن كىيىن مەن قاتتىق قورقۇپ كەتتىم تەكشۇرمەي دىسەم سىزنىڭ ھەم ھەممە ئادەمنىڭ لەنىتىگە قالىمەن. تەكشۇرتەي دىسەم ئۆزۈمنىڭ شۇ نىجىس كىسەلگە يۇقۇملىنىپ قالغىنىمنى بىلىشتىن قورقىمەن.كىيىن ئىرادىگە كىلىپ قېنىمنى تەكشۇرىتتىم. مەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپتىمەن. ماڭا ئىشىنىڭ مۇرات مەن ھەرگىز سىز ئويلىغاندەك ئىشنى قىلمىدىم. ئۇ شۇنداق دەپ باغرىمغا چۆكۈپ يىغلاپ كەتتى.ئۇنىڭ گىپىگە ئىشەنمەي دىسەممۇ ئەمما ئۇنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىگە ھىچقانداق ئىۋەن تىپىش ھەم ئۇنىڭ بۇنداق ئىشقا يالغان گەپ قىلمايدىغانلىقىىنى بىلگەچكە مەنمۇ ئۇنى قۇچاغلاپ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ يىغلىدىم. ]q|U0(q9  
خاتىمە
n7bML?f'  
مەكتەپتىن رۇخسەت ئالدىم. ئۇمۇ دوختۇرخانىدىن رۇخسەت ئالدى. ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە ئۇ پاراكتىكا قىلغان دوختۇرخانىغا بىرىپ، ھېلىقى دوختۇردىن ھەم دوختۇرخانىدىن ئۇنىڭ كىسەل بىلەن يۇقۇملىنىش جەريانى توغرىسىدا بىردانە ئىسپات ئالدۇق. قايتىپ كىلىپ بۇنى ھەر ئىككى ئۆيدىكىلەرگە ئىيىتتۇق ھەم ئۇلارغا دوختۇرخانىنىڭ ھەم دوخۇتنىڭ قىلىپ بەرگەن ئىسپاتلىرىنى كۆرسەتتۇق. ئۇنىڭ ئانىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ دوختۇرخانىدا يىتىپ قالدى. مەنمۇ ئۇنى ئىلىپ ۋىلايەتلىك يۇقۇملۇق كىسەللىرىلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەركىزىگە كىلىپ ئۇنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇردۇم. ئۇنىڭ ئەتىسى تولىمۇ غۇۋا. قاچان ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقىنى، ياكى قاچان ساقىيىپ كىتىدىغانلىقىنى مەنمۇ ،ئۇمۇ ھەتتا دوختۇرمۇ ئېنىق بىلمەيدۇ. لېكىن مېنىڭ بىلىدىغىنىم ئۇ يەنىلا پاك................... !Ic~_7"  
>oyZD^gj  
ئىھ ئاللاھ مىللىتىمنى، بەندىلىرىڭنى شۇبۇ نىجىس كىسەلدىن ساقلىغايسەن.
&C6*"JZ4  
2009-يىلى1-ئاينىڭ 13-كۈنى گۇمىدا يىزىلدى.
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+10(يولۋاسجان)
  • پۇل :+10(ئۇچقۇنى) چىرايلىق تېم ..
  • ئۆزۇڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي!
    ئۆزىنى مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن تەرەققىي قىلمىغان مىللەت كەلگۇسىدە يوقىلىدىغان مىللەت!!!!!!!
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-14 15:31 |
    istanbol
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 25925
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 388
    شۆھرەت: 151 كىشىلىك
    پۇل : 1660 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 227 نۇمۇر
    قوللاش: 112 نومۇر
    ئالقىش: 162 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 124(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    چۈشەندۈرىلىشى:دار ...............
    رەسىم:
    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ھېكايىكەن !
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    ئوقىمىسىلىرى يالۋۇرۇپ ئەكىرمىگەن مەن سىلىنى، ئوقۇپ بولۇپ گەپ قىلسا.
    [ بۇ يازماistanbolتەرپىدىن2009-01-14 15:39دە قايتا ت ]
    ئەڭ يىڭى خەلىقئارا ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى www.ulinnix.com
    تور بېتىڭىزنىڭ ھەربىر سەھىپىسىنى ئۇلىنىش قىلىۋىلىڭ !
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-14 15:33 |
    erk uzun
    ھېسلىرىم
    ھېس قىلىپ يىتەلمىگىنىم نۇرغۇن.
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21316
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 934
    شۆھرەت: 871 كىشىلىك
    پۇل : 5189 سوم
    تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 555 نۇمۇر
    قوللاش: 466 نومۇر
    ئالقىش: 501 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 90(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

         پەيلوسوپ ،ياخشى يىزىپسىز  ،   تۇرمۇش كارتىنسىدىن ئىلىنغان بىر ھەقىقىي ئەمىليەتكەن ... ئەمما ،تىل ئىشلىتىش جەھەتتە يەنىلا  سەل ئاددىي بولۇپ قاپتۇ  ،  ۋەقەلىك سەل تۈز ھەم ئوچۇق ، مەيلىغۇ ...بۇندىن كىتىن تىخىمۇ تىرىشىڭ  ... "&@{f:+  
        مەنمۇ مۇشۇ تەتىلدە  مۇشۇ تىمىدىكى بىر ھېكايە يازماقچىدىم ، ئۇ ھەقىقىي ۋەقە ، K7w U tg  
        مەن ماۋزۇسىنى ئۆزگەرتسەم بولغىدەك ... =-/sB>-C  
        داۋاملىق نادىر ئەسەرلەرنى بىزگە سۇنۇڭ ...
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    ئىسمىمنى توغرا دىسە مۇندا بى.....
    [ بۇ يازماھېسلىرىمتەرپىدىن2009-01-14 16:02دە قايتا ت ]
    armaninkas4
        ھېس قىلىپ باقتىم ، ئەمىلىيەتتە ئىرىشەلمىگەن مۇھەببەتنى ھېس-تۇيغۇ ئارقىلىق ئىرىشمەكچىمەن ،چۈنكى ،مەنمۇ بىر ھىسىياتلىق ئادەم ، ھېس-تۇيغۇ ئارقىلىق بولسىمۇ تەسەللى تاپماقچىمەن ، كىم ماڭا ھەقىقىي تەسەللى بىرەلەيدۇ؟ كىم ؟؟؟  پەقەت ئۆزۈم.......
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-14 15:44 |
    گۇمران
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22746
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 220
    شۆھرەت: 98 كىشىلىك
    پۇل : 1042 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 101 نۇمۇر
    قوللاش: 95 نومۇر
    ئالقىش: 126 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 96(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ۋاي شۇنداق تەس ئۇقۇپ بولدۇم دىسە ، لېكىن ناھايىتى ياخشىكەن پۇشايمان قىلمىدىم ئۇقۇغانغا  
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-14 15:58 |
    sukut
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32791
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 337
    شۆھرەت: 68 كىشىلىك
    پۇل : 1032 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    قوللاش: 5 نومۇر
    ئالقىش: 5 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~خالاستان~
    توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئوقۇپ ئاخىرغا كەلگەندە بىر قىسملا بولۇپ قالدىم دىسە؟
    زوراۋان ھۆكمەت ھامان مەغلۇپ بولدۇ.خەلقنڭ غەزپى كەلكۈنگە ئوخشايدۇ. كەلكۈن تاشقنلغاندا ،يول بويدىكى بارلق توساقلارنى يۇلۇپ ئىقتىپ كىتدۇ.ھەتتا نەچچە يۈز يىلنڭ ياققى ئۆزگەرمگەن دەريا قىننمۇ ئۆزگەرتۋتەلەيدۇ.....................................
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-14 16:10 |
    جـەمشىت
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3526
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 630
    شۆھرەت: 195 كىشىلىك
    پۇل : 5137 سوم
    تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 210 نۇمۇر
    قوللاش: 157 نومۇر
    ئالقىش: 278 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 151(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نىمە بولدى مۇنبەردىلەر ئەيدىسكىلا ئېسلىۋاپسىلەر. l0qHoM,1Y[  
    باشقا تىمىلارنىمۇ ئويلاپ بېقىڭلار دەيمەن. ;-l^X%r  
    ھەممەيلەننىڭ كاللىسىدا ئەيدىس-ئەيدىس.....يەنىمۇ باشقا تىمىدا ئويلىنىپ بېقىڭلار .
    izdax.com
    http://blog.salkin.cn/16739
    چ چ 274779493
    سىزنى قارشى ئالىمەن.
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-14 16:29 |
    kun^kiz
    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 22723
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1857
    شۆھرەت: 2521 كىشىلىك
    پۇل : 3400 سوم
    تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 739 نۇمۇر
    قوللاش: 775 نومۇر
    ئالقىش: 874 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 182(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قەلمىڭىزگە ئاپرىن بەكمۇ ياخشى يىزىپسىز   مۇمكىن بولسا بۇ تېمنى نادىرلاپ قويسا بوپتىكەن .
    ﺷﯩﯟﯨﺮﻏﺎﻥ ﺋﯩﭽﺪﻩ ﻗﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ ،
    ﺋﺎﺯﺍﭘﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﺪﺍ ﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮔﻮﻳﺎ .
    ﺷﯩﯟﯨﺮﻏﺎﻥ،ﺋﺎﺯﺍﭘﺘﺎ ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﭼﻜﻪﻥ ،
    ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ ؟ ﻳﯘﺭﮔﯘﻡ ﺷﯘ ﺳﻪﺭﺳﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ .

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-14 16:32 |
    قەيسەر يۈرەك
    غەزەپ ۋە زار
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 730
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2654
    شۆھرەت: 3219 كىشىلىك
    پۇل : 467 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2660 نۇمۇر
    قوللاش: 2552 نومۇر
    ئالقىش: 2466 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 418(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

      سەلكىننىڭ ئەدەبىياتدىكى بىر گۇللنىش دەرۋىنى بىشىدىن ئۆتكۇزىدغانىدەك قىلىدۇ ..!
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-14 16:38 |
    نىمقۇش
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 33056
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 204
    شۆھرەت: -18 كىشىلىك
    پۇل : 864 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -18 نۇمۇر
    قوللاش: -18 نومۇر
    ئالقىش: -18 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 80(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن ۋەھىمە بىلەن  ياشاشنى خالىمايمەن لېكىن ئىھتىيات قىلىشن كىرەك،ئەيدىز دىگەن ئەسىلىدەئافىرقىدىكى مايمۇن تىنىدىكى ۋىروس ئىكەن لىېكىن نىگىرلارنىڭ قالايمىقان مۇناسىۋەت قىلىشى تۈپەيلىدىن پۈتۈن دۇنياغا يامىراپ بىزگە ئوخشاش ئاقكۈڭۈل،سەمىمى پاك بىر مىللەتكىمۇ ھەتتا بىزنىڭ ئەتراپىمىزغىمۇ يېقىنلاپ كەلگەنلىنىنى دەيمەن 8^^ehaxy  
      ئەيدىز!!!!
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-14 16:43 |
    keysarjan
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 34435
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 106 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ، مەن 500 خەتتىن ئاشقان تېمىنى مۇنداقلا ئۇقۇپ قۇياتتىم ، بۇنى پۈتۈن ئۇقۇدۇم ، رەھمەت !
    http://www.agranum.cn/bbs
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-14 16:52 |
    رېھات
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23516
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 51
    شۆھرەت: 49 كىشىلىك
    پۇل : 134 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 48 نۇمۇر
    قوللاش: 48 نومۇر
    ئالقىش: 49 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 32(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇففففففففففف ئوقۇپ بولدۇم ئاخىرى. ...
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    پۇشايمان باما...
    http://www.agranum.cn/bbs
    ئاللاھ، مەن نىمىلەرگە مۇھتاج؟؟؟
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-14 16:52 |
    سەۋرى109
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33744
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 34
    شۆھرەت: -2 كىشىلىك
    پۇل : 195 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -2 نۇمۇر
    قوللاش: -2 نومۇر
    ئالقىش: -2 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى يېزپسىز،داۋاملىق تىرشىڭ.
    ھەر قېتىم سىنى ئۈنسىز سېغىنغانلىرمدا ساڭا مەڭگۈلۈك بەخىت ،خاتىرجەملىك تىلەيمەن.
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-14 16:56 |
    ياريارى
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33964
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 11
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 147 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 53(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى يېز پسىز............
    ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۇگۇنكى خوشاللىقنىڭ نىمە `  كىرىكى...؟ 
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-14 17:06 |
    پەرىشتە
    ئىسلام قىزى
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2623
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6978
    شۆھرەت: 805 كىشىلىك
    پۇل : 73628 سوم
    تۆھپە: 2 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1013 نۇمۇر
    قوللاش: 4218 نومۇر
    ئالقىش: 5206 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: پەرىشتە
    توردىكى ۋاقتى : 758(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    خىزمەت جەريانىدا ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىشىم مۇشۇ،دۇختۇرخانىمىزدا نۇرغۇن ئەيدىزلەرمۇ داۋالىنىدۇ،ئۇلارنىڭ قۇلىدىن سۇغارغان يىڭنە ئىھتىياتسىزلىقتىن قۇلىمىزغا كىرىپ كەتسىلا تۈگەشكىنىمىز شۇ.....ئۇلۇغ خۇدايىم ئۈزەڭ بار.
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    سىلىنى دەپلا يازغان ئوخشايمەن ئەمىسە!!
    خەيىر......ئازاپ.................
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-14 17:14 |
    ئىجتاھات
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 31806
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 121
    شۆھرەت: -1 كىشىلىك
    پۇل : 549 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -1 نۇمۇر
    قوللاش: -1 نومۇر
    ئالقىش: -1 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-26
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى تىيمىكەن . تىيما ئىگىسىىگە رەخمەت .
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-14 17:17 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر