"ئوۋچى"دىكى ئوۋچىلار
(ھېكايە)
قەشقەرنىڭ ئاۋات يىرىگە جايلاشقان خۇەنجياڭ سودا مەيدانىنىڭ ئەتراپىدا ، دەل ئاشۇ خۇەنجياڭ مەيدانىغا كىرىدىغان كىرىش ئىغىزىنىڭ ئۇدۇلقى قاسنىقىكى بىنادا ، يوغان قىلىپ لاھىيىلەنگەن ، كۆزگە ئالاھىدە چىلىقىپ تۇرىدىغان بىر دىسكوخانا بار ، ئادەتتىكى تىلىمىز بىلەن ئىيتساق "دىبا"دەپ قويىمىز . بۇ دىسكو كۇلۇبىنىڭ بۇ كىچىككىنە قايناق شەھەردە خىلىلا داڭقى بار . ئانچە-مۇنچە تاماشا كۆرگەن قىز-ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بىلىشىدۇ بۇ جاينى . ھېيتنىڭ ئۈچىنجى كۈنى بۇيەر ئاجايىپ قىزىپ كەتكەنىدى . ئەخمەت ئىككى دوستى بىلەن پەقەت قىلىدىغان ئىش تاپالماي ، مۇشۇ يەرگە بىردەم كۆڭۈل ئاچقىلى كەلدى ، تىخى پىلانىدا ،ئىپى كىلىپ قالسا ،بىرەرنى "قۇشلىماقچى" ئىدى .
ـ ئەخمەت ، چىرەمدۇق يا ؟
ـ ھېي دەلتە ،ھازىر چىسەك ئەدەممۇ يوق ، قاپ-قاراڭغۇدا بەزدەك قايلاپ ئوتتۇرىسە ، تۇرە مۇشۇ يەردە ، بىرەر تال تاماكا چىكىشىپ تۇرىمىز
ـ قايلا ئا خەقمۇ چىركىتىپ بامامدا ؟
ـ نىماندا قىلىدىغاندۇ ماۋۇ ؟ بالدۇر چىرىۋالساق سەت تۇرىدۇ دەيمە ، ۋاقىت توشقاندا چىسەكمۇ بولىدا ، ھازىر چىرىۋالساڭ ، تونۇش بىلىش كۆرەپ قالسا ، بىلەت ئامماستىن بۇرۇن چىرىۋاپ بارىدۇ ،دەيدۇ دەيمە ، غ غا ت نى قوشاپ جىم تۇرۇپ تۇرە بىردەم ..
بۇ ئۈچ ئاغىنە شۇ بىنانىڭ ئالدىدا ۋاقىت توشۇشىنى ساقلاپ تاماكا چىكىشىپ تۇراتتى . مۇزىكا باشلىنىش ۋاقتى توشاي دىگەندە
ئۇلار كۇلۇبقا كىرىپ كىتىشتى ، شۇ ئەسنادا ، چىرايلىق كىيىنگەن ئۈچ قىزمۇ كىرىپ كىتىۋاتاتتى . ئەخمەت بىلەتنى ئىلىپ بولۇپ كەينىگە ئۆرۈلىشىگە ئۇ ئۈچ قىزنى كۆرۈپ قالدى ، ھىجايغىنىچە ئۇلارنىڭ قاراپ ،ئۇلارنىڭ بەدەن سۈپىتىگە باھا بىرىپ بولدى ...
بۈگۈن ئادەم تولىمۇ كۆپ ئىدى ، ياش بالىلارمۇ ، توي قىلىپ نەچچە بالىسى بار ئادەملەرمۇ ، بىشىغا ياغلىقنى چىڭ ئوراپ ، پادىچىلار ئىشتىنىنى كىيگەن قىزلارمۇ ، ناھىيىدىن كەلگەن ياش ،ئوتتۇرا ياش دىخانلارمۇ بار ئىدى . ئارىدا رىياسەتچى چىقىپ ، بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى ، ھەممە تەرەپتىن ئالا-تاغىل ئاۋازلار ،ئىسقىرتىشقان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ ، چاۋاكلار چىلىندى . بىرىنجى بولۇپ بىر پەدە شوخ ئۇسسۇللۇق ناخشا ئوقۇلدى ، تورۇسقا ئسىپ قويۇلغان ساندۇقتەك ياڭراتقۇلاردى مۇزىكا ئاۋازى چىقىشقا باشلىدى، پۈتۈن كۇلۇبتىكى ئادەملەر قوتانغا كىرگەن چوشقىدەك گۈلدۈرلىشىپ مەيدانغا چۈشۈشكە باشلىدى، ئەخمەت يىنىدىكى دوستىنىڭ قۇلىقىغا :
ـ ئەكبەر سەن ئوتۇراپ تۇر ،مەن ياسىن بىلەن بىر پەدە ئۇسسۇل ئويناپ چۈشەي ..
ئەكبەر بىشىنى لىڭشىتتى .
كىچىككىنە سەھنىدە نۇرغۇن ئادەملەر تىقما-تىقما بولۇشۇپ ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى ، ئۇلار ماڭىدىغانغىمۇ ئورۇن تاپالماي بىرسى-بىرسىنىڭ پۇتىغا دەسسىشىپ ماڭاتتى، ئاندا -مۇندا تىللاش ،ۋاقىرىشلار بولۇپ تۇراتتى ، قوللىرىنى كۆتەرگەنلىرى چۈشۈرەلمەي ، چۈشەرگەنلىرى كۆتۈرەلمەي قالاتتى ، قولى كۆتۈرۈلۈپ قالغاننىڭ قولى باشقا بىرسىنىڭ ئاغزىغا ، يۈزىگە بەدەنلىرىگە تىگەتتى، قولى چۈشۈپ قالغاننىڭ بولسا قولى بىرسىنىڭ ئۇنداق-مۇنداق يەرلىرىگە تىگىپ كىتەتتى . بەزىلىرىنىڭ قولى ئىزچىل قىزلارنىڭ بىريەرلىرىدىن كىتەلمەيتى . شۇنداق قىلىپ بۇ بىر مەيدان «جەڭ» ئاخىر ئاياغلاشتى .
ئەخمەت بىلەن ياسىن ئورۇنلىرىغا قايتىپ ، رومكىغا قۇيۇلغان ھاراقنى «خوشە»دىيىشىپ كۆتۈرىۋەتتى ئەمدىكى نومۇر تانسا ئىدى ، ئەخمەت بىرەرسىنى تانسىغا تارتىش ئۈچۈن ئەتراپقا قاراشقا باشلىدى ، مەيدانغا جۈپ-جۈپلەر ،قىزلار تانسىغا چۈشۈشكە باشلىدى ،ئەخمەت كۆزلىرىنى تازا بىر ئۇۋلىۋىتىپ ، كۆزىنى يوغان ئىچىپ قارىغاندىن كىيىن ، نىرىدىكى ئورۇندۇقتا ھىلىقى ئۈچ قىزنىڭ ئارىسىدىكى بىرسىنىڭ ئولتۇرغىنىنى كۆردى دە ،ئۇدۇللا قىشىغا باردى ، ياڭراتقۇنىڭ ئاۋازى ھەدىدىن زىيادە چىڭ بولغاچقا ،ئەخمەت ئۇ قىزنىڭ قۇلىقىغا ئاغزىنى تۇتپ گەپ قىلىشقا باشلىدى :
ـ خان ، بىر مەيدان تانسا ئوينايلى ، بولامدا ؟ ـ ،دەپ ئۇقىزغا قولىنى تەڭلىدى ،
قىزچاق بىر نازلىنىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن ، ئاستا ئورنىدىن قوپۇپ ، ئەخمەتكە قولىنى ئۇزاتتى . تانسا ئوينايدىغان ئادەم ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ ،مەيدانىنىڭ كىچىكلىكى تۈپەيلى ،يەنىلا سەل قىستاڭچىلىق ئىدى. ئەخمەتكە بايا ئىچكەن ئىككى رومكا ھاراق خىلىلا تەسىر قىلغانىدى ، ئۇ قىزچاقنى چىڭ قۇچاقلىۋىلىپ ، ئۇنىڭ قۇلقىغا :
ـ بەك چىرايلىقكەنسىز جۇمۇ ، ئىسمىڭىز نىمە ؟
ـ ئىسمىم گۈلپىيە ،سىزنىڭچۇ ؟
ـ ئىسمىم ئەخمەت ، يىڭى بازاردا سودىگەرچىلىك قىلىمەن ، سىزچۇ ؟ نىمىش قىلىسىز ؟
ـ سىفەن داشۆدە ئوقۇيمەن ..
ـ ھە ،ھەجەپ ئۆزىڭىز يالغۇز قاپسىزغۇ ؟ ئاداشلىرىڭىزچۇ ؟
ـ ئا بىر ئادىشىم بۇنداق يەرگە چىرىپ باقمىغان دەڭە ، بەك مەتۇ ، يەنە بىر ئادىشىم شۇنىڭغا تانسا ئۆگىتىپ قويىمەن دەپ ..
ـ ئوبدان بوپتۇ ، ئەمسە ئوبدان تونۇشۇپ قالدۇق ،ئىزدىشىپ تۇرىلى ، ماقۇلما ؟
ـ چاتاق يوق ،
ئەخمەت قىزنى شۇنداق تىز«قۇشلىغىنىغا» خۇش بولۇپ ، قىزغا كۈلۈپ قاراپ قويدى ، ئاڭغىچە تانسىمۇ ئاياغلاشتى . ئەخمەت بىلەن قىز ئۆز ئورۇنلىرىغا كىتىشتى .
ـ ئەخمەت ،ئادېش ، قانداق ؟ قاماققا ئىلىندىمۇ يا ؟
ـ ئىلىنماي ، مەن دىگەن چىما ؟!
ـ ھى ھى ،ئۇندا بولسا ،بىزگە ئا دوستلىرىننىمۇ تونۇشتۇرۇپ قويمامسە ؟
ـ چاتاق يوق ،سەل تۇرۇپ جىما
ئۇلار شۇنداق سۆزلىشىپ ئولتۇرغىنىدا ، ئۇلارنىڭ قىشىغا بىر ئىگىز ،ئۇستخانلىق ئاداش كەلدى :
ـ ئەخمەت ،بۇ سەنما ؟
ـ ۋوي ،ۋوي ، ئادېش ،سەنمۇ چىگەنما ؟
ـ ھە، ئا باللا بىلەن چىگەن ،
ـ ھە، مەنمۇ شۇ مۇشۇ باللابىلەن ...
ـ ماقۇل ئەمسە ، ئىش بولسا ئىزدە ،بىرەرسى بىرنىمە دەپ قالسا دىسەڭ ،چۇخىيىنى تەتۈر قىلىپ قويىمىز ...
ـ ماقا ، سەل قىشىڭغا باراي ،
ـ خوش ئەمسە
ـ خوش .
ياسىن بىلەن ئەكبەر ئىككىلىسى ئەخمەتكە سوئال نەزىرى بىلەن قاراشتى ،
ـ بىزنىڭ زاكا ئاداشلار ، بۇرۇن بىزنىڭ مەھەللىلىكتى ،ھازىر ئۆزى گۈزەدە ...
ـ نىمىش قىلىدىغان ئاداش ئۇ ؟
ـ سەندەك دەلتىنىڭ خورجۇنىنى ئۇشلايدىغان ئاداش ئۇ ،ھا ھا
يەنە بىر مەيدان تانسا قويۇلغاندىن كىيىن ، بىردەم مۇزىكا توختىدى ، ئەمدى ئۇسسۇللۇق ناخشا ئوقۇلاتتى ، ئەخمەت ئىككى دوستىغا قاراپ :
ـ ئەمدى ئىككىڭ ئۇسۇل ئويناڭلا ،مەن ئا يەرگە بىرىپ بىرەرنى تارتىپ كىلەي ..
ـ بىزچۇ ؟؟
ـ توختاپ تۇرەۋە ، ماڭقىنىڭ ئالدىراپلام تۇرغان ..
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە رومكىدىكى ھاراقنى گۈپپىدە ئىچىۋىتىپ ، ئۇ ئۈچ قىزنىڭ يىنىغا بىرىپ ، بايىقى گۈلپىيە دىگەن قىزنىڭ يىنىغا بىرىپ ئولتۇردى ، ئۇ ئىككىسى بىردەم قىسقا پاراڭلاشقاندىن كىيىن ، گۈلپىيە :
ـ ماۋۇ ئىككىسى مىنىڭ ساۋاقدىشىم ،ھەم يىقىن ئادىشىم ، ماۋۇنىڭ ئىسمى ئالىيە ،ماۋۇنىڭ ئىسمى ئايپەرى ، ماۋۇ بايام تونۇشقان دوستۇم ، ئىسمى ئەخمەت ، سودىگەر
ئەخمەت گۈلپىيەنىڭ ئۆزىنى تونۇشتۇرغىنىدىن خۇش بولۇپ كەتتى ، ئۇ ئىككى قىزغا سىنچىلاپ قاراپ ، " ماۋۇ ئالىيە دىگىنى ئادەتتكىكەن ،ماۋۇ ئايپەرى دىگەن ھەجەپ چىرايلىقكىنا ؟ بايام ھەجەببىر دىققەت قىلماپتىمەن ، ئەسلى ئولجا مۇشۇكەن..." ئۇ ئىچىدە مۇشۇلارنى خىيال قىلىپ تۇرۇشىغا ، ناخشا باشلاندى ، گۈلپىيە "ئالىيە قوپە ئاداش ،ئۇسسۇل ئوينايمىز !»دەپلا ئالىيەنى تارتىپ ئىلىپ كەتتى ، ئەمدى بۇ ئورۇندا ئەخمەت بىلەن ئايپەرىلا قالغانىدى ، ئايپەرى تىخىمۇ قورۇنۇپ ئولتۇرۇپ كەتتى ، ئەخمەت ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ ئۇنىڭ قۇلقىغا پىچىرلاشقا باشلىدى :
ـ ئىسمىڭىز بەك چىرايلىقكەن جۇمۇ ...
ـ رەھمەت...
ـ تۇنجى قىتىم چىرىشىڭىزما ؟
ـ ھەئە ،مۇشۇ ئىككىسى كىرمەيمەن دىسەم زورلاپ ئادەمنى ..
ـ ھە...
شۇنداق ، بۇ جايغا ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلى خالاپ كىرىشى ناتايىن ، قىزلار دوستىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ،«كۆڭەلچەكلىك» قىلىپ كىرىدۇ ، ئاندىن كۆنۈۋالغاندىن كىيىن ،باشقا دوستلىرىنىمۇ «كۆڭەلچەكلىك»كە زورلايدۇ ، ئوغۇللار ، خالىمىسىمۇ ،ئاغىنىلىرىنىڭ ئالدىدا يۈزى چۈشۈپ كىتىشتىن ،ياكى ئۇنىڭ رەنجىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، «ئوغۇلدارچىلىق» يۈزىسىدىن كىرىدۇ . ئۆزى بىرىنجى بولۇپ خالاپ كىرىدىغانلار تولىمۇ ئاز .
ـ سىز قەشقەلىك ئەمەسما ؟
ـ ياق ، مەن ئاقسۇلۇق ،
ـ ھە... ، بۇندىن كىيىن ئىزىشىپ تۇرايلى ،بولىدىغاندۇ ؟
ـ مەن ....
ـ گاچلا ھەئە دىيىۋەتمەمسىز دەيمە ، ما قەشقەدە تىلىمىزنى چىشلىسەك قاناپ كىتىپ قالىدۇ ...
ـ مەن ..مەيلى ئەمسە ...
ـ مانا ،ما بوممىدىما ،
شۇنداق قىلىپ ، ئۇ بۇقىز بىلەنمۇ ئوبدانلا تونۇشۇپ قالدى . ناخشى تۈگىگەندىن كىيىن ، قىزلار ئەخمەتنىڭ پىكرى بويىچە ، قىز-ئوغۇل ھەممىسى بىر يەردە ئولتۇرىدىغان بولۇشتى . ئەخمەت ئىچىدە بىر شۇملۇقنى پىلانلاۋاتاتتى ، ئۇ ئايپەرىنى ئامال قىلىپ كەچتە ياتىقىغا كەتكۈزمەي ، ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈل ئىچىشنى پىلانلىدى ، ئۇ شۇنداق ئەپچىل پىلان سوقتىكى ،ئۆزىنىڭ بۇ پىلانىدىن مەغرۇرلىنىپ كەتتى .
ئارىدىن بىر سائەت ۋاقىت ئۆتتى ، ئالىيە بىلەن گۈلپىيە ئوغۇللارغا ئەگىشپ ئىچىۋاتاتتى ، ئايپەرى بولسا پەقەتلا ئىچكىلى ئۇنىمايۋاتاتتى ، ئۇنى ھەممەيلەن زورلىسىمۇ كار قىلمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئەخمەت گۈلپىيەنى ئاستا ئايرىم جايغا چاقىرىپ ، ئۇنىڭغا 200كوي تەڭلىگەچ مەقسىتىنى ئىيتتى ، گۈلپىيە باشتا چۈچۈپ كەتكەن بولسىمۇ ،كىيىن ئەخمەتنىڭ «داۋاملىق ئالاقە قىلىپ تۇرىمىز ، بۇ تىخى كۆڭلۈمنىڭ بىر قىسمى » دىگەن سۆزىدىن كىيىن ئىككىلىنىپ تۇرۇپ ماقۇل بولدى . ئەخمەت ئاستا سىرتقا چىقىپ ، ئاستا خاراكتىرلىك ئۇيقۇ دورىسىدىن بىرنى سىتىۋىلىپ كىردى ۋە ئۇنى گۈلپىيەگە بەردى . «كاتتا » پىلان شۇنداق ئوڭۇشلۇق بولۇپ كىتىپ باراتتى . .....
ئەخمەت ئايپەرىنىڭ دورا سىلىنغان ئىچىملىكنى ئىچكىنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كەتتىدە ، گۈلپىيەنى ئۇسسۇلغا تارتىپ مەيدانغا چۈشتى . ئەخمەتكە بايىنىڭ ياقى ئىچكەن ھاراق خىلىلا تەسىر قىلغان بولۇپ ، مەيداندا قالايمىقان دەسسەپ ئويناشقا باشلىدى ، ئادەمنىڭ كۆپىكىدىنمۇ ،بىرى ئۇنىڭ پۇتىغا قاتتىق دەسسىۋالدى ، ئۇ ئالىيىپ بىر قاراپ ، دەسسىۋالغۇچى بالىنى تىللاشقا باشلىدى :
_ ھەي سولامچى ، كۆزەڭ يوقما ؟ ئاناڭنى !
دەسسىۋالغۇچى ئەسلى كەچۈرۈم سورىماقچى بولۇپ تۇرغاندا ئۇنىڭ بۇ سەت گەپلىرىگە چىدىمىدى ،
_دەسسەيمەن قانداق ؟ ئاغزىڭنى بۇزما !
_ سەن چىمىتىڭ ھەي؟! ماڭە گۇي ،نوچاڭ بولسا سىرتقا چىقىپ دىيىشىمىز !
_دىيىشسەك دىيىشتۇق ...
شۇنداق قىلىپ ، ئۇلار ئۈچتە- ئۈچ بولۇپ سىرتقا چىقىپ دىيىشمەكچى بولدى ، ئەخمەت چىقىشنىڭ ئالدىدا ھىلىقى جەمىيەتتىكى تونۇشىغا بىشارەت بىرىۋەتكەنىدى ، شۇڭا كۆڭلى توق تۇراتتى . ئۇلار بىرھازا دىيىشكەندىن كىيىن ، ئۇ يىگىت ئەخمەتنىڭ ئازگالدىنمۇ سىسىق گەپلىرىگە چىدىيالمىدى دە ، ئەخمەتنىڭ گىلىدىنلا ئىلىپ ،ئۇنىڭ يۈزىگە بىرنى سالدى ، شۇ ئارىدا غايىبتىن كەلگەن بىر مۇش ئۇ يىگىتنى ئۇچۇرىۋەتتى ، ئەخمەتنىڭ "ئارقا تىرىكى" باشتىلا چىقىپ ئەھۋالنى كۈزىتىپ تۇرغاچقىمۇ ، ئۇرۇش باشلانغان ھامان سەكرەپ چىقىپ ئۇنىڭ يۈزىگە چىڭ بىر مۇش ئىتىپ ئۇنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزىۋەتكەنىدى . شۇنداق قىلىپ رەسمىي ئۇرۇش باشلاندىن ،ئەخمەت تەرەپتىكى ئون نەچچە ئادەم ئۇ ئۈچىنى ئۇرۇپ يىرىمجان قىلىپ قويۇشتى ، ئەتراپ شۇنچە قاراڭغۇ ، يولدا ئاندا-مۇندا كىتىپ بارغان ئادەملەرمۇ ئۇرۇشنى كۆرۈپ ، يۆلىشىنى ئۆزگەرتىپ باشقا يول بىلەن مىڭىشاتتى . بىر چاغدا ھىلىقى "قارا كۈچ" نىڭ ئاغىنىسى يەرگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈرىۋىتىپ :
_ مەن بۇ گۇينى تونۇيمە ، ئاقسۇلۇق سەھرالىق بۇ ، دائىم مۇشۇ يەرگە كىلىپ نوچىلىق قىلىدۇ ، تىخى ئارقىسىغا نەچچە قىزبالىنى سىلىپ ما ئارقىدىكى بىنگۇەنگە چىرىپ كىتىدۇ ، نەچچە قىتىم بىزنىڭ قىزباللىنىمۇ ئالداپ ،پۇلىغا ئىشىنىپ ، ياتاق ئويناپ ژۈگەن گۇي بۇ ،
ئەخمەت "مانا ئەمسە !" دەپ ئۇ يىگىتنىڭ بىلىگە بىرنى تەپتى ، ئۇ تىخىمۇ ئىنجىقلىغىنىچە قورسىقىنى تۇتۇپ يىتىپ قالدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزلارمۇ چۈشۈشكە باشلىدى ، ئايپەرىنى ئالىيە بىلەن گۈلپىيە يۆلەپ كۆتۈرىۋالغانىدى ئايپەرىنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ ھازىرلائايلىنىپ كىتىدىغان ھالەتتە تۇراتتى . ئەخمەت ئۇلارغا نوچىلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن يەنە ئۇلارنى ئۇرماقچى بولغىنىدا ، "قارا كۈچ " ئۇلارنى تۇتىۋالدى :
_ بولدى قىل ، ئوغالداچىلىقتا مۇشۇنچىلىك بولسا بولا _، ئۇ يەردىن ئاستا ئۆزىنى ئوڭشاپ تۇرىۋاتقان ئۈچىگە قاراپ ،_ ماڭا قايلىشە ،بۇدا مايەگە چىرىشمە جىما ، ھەقايسىڭنى نەدە نوچىلىق قىلغىنىڭنى كۆرسەم ،شۇيەردە نوخلاڭنى ئىلىۋىرىمە ، ئاڭلاشتىڭما ؟
ئۇ ئۈچى يەرگە قاراپ تۇرۇپ ، ئاستا بىشىنى لىڭشىتىشتى ، ئەخمەت ئايپەرىنىڭ ھالىنى كۆرۈپ خۇش بولدى دە ، بىرىپلا ئۇنى قۇچاقلاپ يۆلىۋالدى :
_ ئايپەرى ، نىمە بولدىڭىز ؟ بۇھالىڭىزدا كىتەلمەيدىغان ئوخشايسىز ، مەن سىزنى ئىلىپ كىتەي بولدى ...
"ئايپەرى"دىگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ ، ھىلىقى ئاقسۇلۇق يىگىت كەينىگە شاپلا قاراپ ،" پەرى !" دەۋەتتى ، ئايپەرى بۇ تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ ، تىزلا ئاۋاز چىققان تەرەپكە بىشىنى كۈچەپ كۆتۈرۈپ قارىدى دە شۇئان تاتىرىپ كەتتى " ئاكا ؟"
ھەممەيلەن بۇكۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ ئۇلارغا قاراپلا قالغانىدى ، يىگىت ئايپەرىنىڭ قىشىغا ئاستا كەلدى :
_سەن ...سەن بۇ يەردە نىمىش قىلىسەن ؟؟
_ سەنچۇ ؟ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنچە مۇشۇ يەرلەردە يۈردۈڭما ؟
_سەن بۇ يەردە نىمش قىلىسەن ؟؟ _، يىگىت قاتتىق ۋاقىرىۋەتتى ،
_مەن قەشقەردە ئوقۇۋاتىمەن ! سىنىڭ دەردىڭدىن ئۆيدىكىلەرمۇ...._ ، قىز شۇنداق دىگىنىچە قاتتىق يىغلاپ كەتتى ، يىگىت كىلىپ :
_بولدى ،قالغىنىنى باشقا يەرگە بىرىپ دىيىشەيلى ، ماڭە ...
_توختا! _،ئەخمەت ئايپەرىنى يۆلەشتۈرىۋاتقان يىگىتكە قاراپ ۋاقىرىدى ،_ بۇ سىنىڭ ئىلىپ كىتىمەن دەپلا ئىلىپ كىتىدىغان خوجۇنۇڭما ؟
_ بولدى قىل ئەخمەت! ئۇلار كەتسۇن _، "قارا كۈچ " ئەخمەتنى توسۇپ قويدى ، يىگىت پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىڭلىسىنى يۆلەشتۈرگىنىچە كىتىپ قالدى ، ئەخمەت "قارا كۈچ"كە :
_ بۇ نىم قىلغىنىڭ ئادېش ؟ مەن ئاتايىتەن پۇل خەجلەپ ...
_بولدى قىل ، سىنىڭمۇ سىڭلىڭ باردۇ ...
_مەن .....
"قارا كۈچ" كىتىپ بارغان ئاكا-سىڭىللارنىڭ ئارقىسىن قارىغىنىچە بىرخىل مەيۈس چىرايدا :
_ ئاكىسى ئۆزىنى بىلمەي ناشايان ئىشلارنى قىلغاچقا ، سىڭلىسىغىمۇ شۇنداق كۈنلەر كەلگىلى تاس قاپتۇ ، ھەنىم بولسا توسۇپ قاپتىمەن ،ساڭا دىسەم ئەخمەت ، مەن ئوغرىلىق قىلغىنىم بىلەن ،ئۇيغۇرنىڭ نەرسىسىنى ئالمايمەن ، ئەزەلدىن قىزبالىغا ئۇنداق ئالا نىيەتتە بولمايمەن ، ماڭا قايلا ئەخمەت ، ئەمدى سەنمۇ چوڭ بولىدىغان ۋاقىت كەپقالدى ، ساڭا نەسىھەتىم بولاپ قالسۇن ، ئۆمرۈڭدە ھەرگىز ئىسىڭدە يوق قىزبالىغا ئازار بەمە ، بولمىسا ، ئاشۇ كۈن ھامان بىركۈنى سىڭلىڭ يا ئاچاڭنىڭ بىشىغا كەپقالىدۇ ، بۇ ئۆتنە جاھان ، ئوينىۋالساملا ئۆتەپ كىتىدۇ دەپ قامما ، ھامان ساڭا قايتىدىغان چىغى بولاپ قالىدا ، كىيىنلىكىڭنى ئويلاپ ئىش قىل ...........
ئەتراپتىكى ئون نەچچە بالىنىڭ ھەممىسى سۈكۈتكە چۈشكەنىدى ، ئەخمەتمۇ بىشىنى تۇتۇپ يەردە مىشىلداپ يىغلاپ كەتتى ،"قارا كۈچ " :
_ ھەممىڭلار ئاڭلىدىڭلىما ؟ _، ھەممىسى ئۇنىڭغا قاراپ بىشىنى لىڭشىتتى ، _ بولدى قوپە ،ئوغال بالىمۇ يىغلامدا ؟ بۇدا دىققەت قىلساڭلام بولىدا _، ئۇ كەينىگە قاراپ قىتىپلا قالغانداەك تۇرغان ئالىيە بىلەن گۈلپىيەگىمۇ گەپ قىلدى ، _ ئىككىڭلارمۇ بۇدا بۇنداق يەگە كەممەڭلا ، بولمىسا پۇشايمانغا قاچا ساتمايدا ، ئىتتىك كىتىۋىلىڭلا ....
_ سىزگە رەھمەت !!
ھەر ئىككىسى يۈزلىرىنى تۇتقۇنىچە تاكسىدىن بىرنى توسۇپ مەكتىپىگە قاراپ كىتىپ قالدى . "قارا كۈچ" مۇ "مەن ماڭدىم خوش ،ئىش بولسا ئىزدە ئەخمەت ! "دەپلا شىرىكلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كىتىپ قالدى. ئەخمەت ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ ،خۇددى چوڭ بىر سىمانى كۆرگەندەك كۆز قارىچۇقلىرى چوڭايدى ، ئۇمۇ ئىچىدە ئاللىنىمىلەرنى ئويلاۋاتاتتى....
مەيىن شامال بارغانسىرى كۈچىيىپ ،قاراڭغۇلۇق ئىچىگە يۇلقۇنماقتا ، گۇياكى قاراڭغۇلۇقتىكى بارلىق رەزىللىكلەرنى زەربىسى بىلەن يوقىتىۋەتمەكچى بولاتتى ................
مەنبە :ھېسلىرىم(ئا.قۇربان)
2009-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ، ئۈرۈمچى ....
[ بۇ يازماھېسلىرىمتەرپىدىن2009-01-13 20:44دە قايتا ت ]