40m -ch6Q
C!bUI8x
z
سەن ئەسلىدە قۇياشتەك ھۆر،ئايدەك گۈزەل قىز ئىدىڭ.ئوتلۇق كۆزلىرىڭ ۋە بېلىڭگىچە دولقۇنلاپ چۈشكەن سۇمبۇل چاچلىرىڭغا پۈتكۈل كائىنات ھەيرانە ئىدى،سەن گۈزەللىكتە سۆزسىزكى پەرىزات ئىدىڭ.تىپتىنىچ سىرلار بوستانىدا يىگانە ئىدىڭ.تالايلار ساڭا كۆڭۈل ئوقىنى ئېتىپمۇ كۆرگەن،رەسساملار دالىدا سۈرىتىڭنى سىزىپ ئاۋارە ئىدى.مانا بۈگۈن سېنى ئالدىمدىن ئۆتكەن چېغىڭدا يەنە بىر رەت كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم.قەددىڭ يادەك پۈكۈلۈپتۇ،چېكەڭدىكى يول_يول قورۇقلار ئەينەكتىن ئورۇن ئاپتۇ.سىياھدەك قارا چاچلىرىڭ ئاپپاق ئاقىرىپتۇ.ئاشۇ ئاپپاق چاچلىرىڭ زىمىنغا پاكلىقنىڭ،ئەقىدە_ئىماننىڭ نىمىلىكىنى بىلدۈرمەكتە،ھاياتلىقنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى تونۇتماقتا... h2fNuu"
Qq|57X)P*
JT_ `.(
r\^b(rNe
سەن يېشىل ئىدىڭ،ياپ_يېشىل ئىدىڭ.خۇددى كۈلىۋاتقاندەك،ناخشا ئېيتىۋاتقاندەك.سەن سارغايدىڭ،قورۇلدۇڭ،گويا تىلەمچىنىڭ ئالقانلىرىدەك،قاخشال جىرادەك،ئىزسىز چۆللەردەك.شۇنداق،سەن سانجاق_سانجاق مىۋىلەرنى قۇچاقلاپ سارغايدىڭ،خۇددى ئۇلارنى شامالدىن ساقلىغاندەك،ئېچىرقىغان ئىشتىھادىن پىنھان تۇتقاندەك.ياپ_يېشىل ھاياتىڭنى،يېشىل چۈشۈڭنى شاماللار ئەپ قاچتى.ھاياتىڭنى چاڭ_توزاننىڭ ئاچچىق باغاشلىشىغا،يامغۇر تامچىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇيۇشىغا ئاتىۋەتتڭ.سۇسىز ئېقىندەك چۆللەرگە سىڭىپ كەتتىڭ. 8v%o,"
E hMNap}5"
[Z$[rOF
^k9I(f^c-_
سەن__قۇياش.مىڭلارچە قۇياشنى باغرىڭغا باسقان،قورۇلغان،قورۇنغان ھەمدە ۋۇجۇدۇڭدىن نۇر تاراتقان،ئاپتاپ سەپكەن قۇياش.سەن ئىللىق تىنىقڭ بىلەن،ئاپتاپتەك مېھرىڭ بىلەن بىر ئائىلىنى سۆيدۈڭ،پەرزەنتلىرىڭنى سۆيۈپ كەلدىڭ،ئۇلارنىڭ تىنىقلىغا سىڭدىڭ،ئۇلارنىڭ تومۇرلىرىدا ئوتلۇق تەپتىڭ بىلەن ئاقتىڭ،ئۇلارنىڭ يۈرىكىدە قۇياش بولۇپ دومىلىدىڭ.مەن سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا،سېنىڭ باغرىڭغا قاراپ قالدىم.سېنىڭ تۇرقۇڭدىن،ھالىتىڭدىن تارىخنى ئىزداۋاتىمەن،ۋۇجۇدۇڭدىن شۇنى سېزىۋاتىمەن،ئاشۇلارنى ھىدلاۋاتىمەن.قوينۇڭدىكى يوللار،باغرىڭدىكى ئىزلار_جىرالار تارىخنى يېزىۋاتىدۇ،زىمىن ئۇشبۇ تارىخ بېتىدە سەل بولۇپ ئېقىۋاتىدۇ،بوران_قۇيۇن بولۇپ چۆگىلەۋاتىدۇ... $qj2w"'
W7nw6;7=
~Z'?LV
h@ryy\9
سەن كىچىككىنە كۆچەت ئىدىڭ،كېيىن بىر تۈپ قېرى دەرەخكە ئايلاندىڭ.ھالا بۈگۈن سەندە قالغىنى تومۇرلىرىڭنىڭ ئاجىز سوقۇشى،تىنىقىڭنىڭ بىر كۆتىرىلىپ بىر پەسىيىشى.سەن مىۋىدىن قالدىڭ.ھەر بىر شېخىڭغا،ھەر بىر ياپرىغىڭغا،ھەر بىر قوۋزىقىڭغا رىۋايەتلەر مۆكۈۋالدى.ياپراقلىرىڭ سارغىيىپ تۆكۈلدى،شامال سېنى سىلىق تەۋرەتتى،بوران ياپراقلىرىڭنى ئاچچىق ساۋىدى،شاخلىرىڭ سۇندى،ئىسسىق يېشىڭ ئۆرلەپ چىقتى.ئادەملەر سەندىن سايە سوراشتى،بالىلار سەندىن ماكان تىلىدى.سەن ھەممىنى كۆتۈردۈڭ،ھەممىگە كۆندۈڭ،ھەممىنى كۆكلەتتىڭ،كۈلدۈردۈڭ،ھەر ۋاقىت ئۇلارنى ئۇنۇتمۇدىڭ.چۈنكى ئىرادە،چىدام،ئەقىدە پۈتكۈل ۋۇجۇدۇڭ بىلەن بىر تەن_بىر قان بولۇپ يۇغۇرلۇپ كەتكەن ئىدى... nAdf=D'P
aQ@o
H#
lrIe"H@
h<
سەن ئاتا_ئاناڭ ئۈچۈن يىغلىمىغان يىغىلىرىڭنى،كۆز ياشلىرىڭنى بالاڭ ئۈچۈن تۆكتۈڭ.تالاي ئايدىڭ كېچىلەرنى بالاڭنىڭ تاتلىق ئۇخلاشلىرىغا قاراپ،بۆشۈككە باش قويۇپ،مۈگدەپ ئۆتكۈزدۈڭ.بالاڭ ئۈچۈن ھەممىنى بېغىشلىدىڭيۇ ئۆزەڭنىڭ ھاياتلىقىنى ئۇنۇتتۇڭ،بالاڭ ئۈچۈن قايتا تىرىلدىڭ.بالاڭ بوي تارىتتى،گۈلدەك ئېچىلدى،قانات_قۇيرۇقلىرى بارا_بارا يېتىلدى.مانا بۈگۈن بالاڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن تورىت تەييارلىدىڭ،نازۇ_نىمەتلەرنى ئۈستەلگە توشقۇزۋەتتىڭ.بىردىنلا يۈرۈكۈڭ سىقىلدى،ئۆپكەڭ ئۆرۈلگەندەك بولدى.چۈنكە ئاشۇ تاپتا قايتا تولغاق يەۋاتقاندەك بولدۇڭ.شۇنداق،سەن بالاڭنى شۇنچە ئۇزاق قوساق كۆتۈرۈپ تۇغدۇڭ.خۇددى بىر تاغنى يۈدۈپ يۈرگەندەك ئاۋايلىدىڭ.خۇددى چاقماقتەك تولغاندىڭ،يەر يېرىلغۇدەك ھەم تاغلار سېيرىلگۈدەك ئىڭرىدىڭ،شۇنچىلىك جاپا_مۇشاقەتتە پەرزىنتىڭنى يورۇق دۇنياغا ئاپىرىدە قىلدىڭ.ھەر يىلى__سەن تولغاق تۇتقان،ئانا بولۇش ئازابىدىن«ئانا»دەپ توۋلىغان ئاشۇ كۈنى بالاڭ شاد-خوراملىق ئىلكىدە تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى،سېنى ئۇنتۇپ دوستلىرى بىلەن كۈلۈشتى.ئەمما سەن يەنىلا بالاڭنىڭ كۈلكىسىدىن مىڭ شاتلىنىپ ئۆز كۆڭلۈڭنى خوش قىلدىڭ.ئاھ،مىننەتسىز ئايال!!! "3Y0`&:D
Slc\&Eb
nAlQ7'
O0H.C0}
ئەجەپ ھە...سەن بىر چاغلاردىكى شىرىن كۈنلەرنى ئەسلەپ قولۇڭدىكى تىكۋاتقان نەرسىنى ئەستىن چىقاردىڭ،قولۇڭغا يىڭنە سانجىلدى.شۇ تاپتا بوۋىيىڭنىڭ قولىدىكى ئىشنى تاشلاپ يېنىڭغا كېلىشىنى،قوللىرىڭنى يىرىك ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ،مېھرى بىلەن سىلاپ قويۇشىنى ئويلۇدۇڭ،خۇددى بىر چاغلاردىكىدەك،بىر چاغلاردىكىدەك... wN~_v-~*Q
DZ
tsy!xA
8zW2zkv2|#
مەنبە__نەرگىزە &mS^ZyG
2009_يىلى 8_يانىۋار 5*u+q2\F
'PW5ux@`<