mtv SALKIN kino 1
  • «
  • 1
  • 2
  • 3
  • »
  • Pages: 1/3     Go
بۇ بەتتىكى تېما:ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھالاك بولۇش سەۋەبلىرى  ئۈستىدە يېڭى ئىزدىنىش IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 11808 قېتىم كۆرۈلدى
ئەلىبابا40
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5
نادىر تېما : 24
يازما سانى : 0
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
پۇل : 0 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 7281 نۇمۇر
قوللاش: 3721 نومۇر
ئالقىش: 7521 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھالاك بولۇش سەۋەبلىرى  ئۈستىدە يېڭى ئىزدىنىش

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى قوزام نادىرلىدى .(2009-01-08)
سەلكىن تورى ئۇيۇشتۇرغان قەلىپ ساداسى پىروگىراممىسىنىڭ 1-سانىدا، ئالىم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىم بىلەن مەھمۇد قەشقىرى توغۇرلۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغاندىن كىيىن،نۇرغۇن تورداشلار مەھمۇد قەشقىرىنىڭ خان جەمەتى نەسەبىدىن ئىكەنلىكى بىلدى..سۆھبەت جەريانىدا تىلغا ئېلىنغان ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى ۋە قاراخانىيلار خاندانلىقى توغۇرلۇق نۇرغۇن تورداشلارنىڭ چۈشەنچىسى كەمچىل ئىكەن..شۇڭلاشقا بىز ئورخۇن تارىخ تور بېكىتىhttp://www.orkhun.com/BBS قۇرغۇچىسى ياۋۇز ئەپەندىم بىلەن ئالاقىلىشىپ،رۇخسىتىنى ئالغاندىن كىيىن،يۇقارقى خاندانلىقلارغا بولغان مەزمۇنلارنى سەلكىن تورىغا يوللاشنى ئويلىدۇق...بۇ مەزمۇنلارنىڭ توردىكى بارلىق تارقىتىش،ئىشلىتىش ھوقۇقى ئۇرخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېكىتگە مەنسۇپ.ئەسەرنىڭ ئەسلى يازما ئىگىسى ۋە ئورخۇن تورى قۇرغۇچىسى ياۋۇز ئەپەندىمنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە،تارقىتىشقا بولمايدۇ.. /sPa$D  
m2ph8KC  
ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھالاك بولۇش سەۋەبلىرى ئۈستىدە يېڭى ئىزدىنىش r|/9'{!  
6{fo.M?  
دىڭ زەيشۈن V|{~9^  
( كورىيە دۆلەتلىك سېئۇل ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق بۆلۈمى ) 2|`Mb~E;  
ئاساسىي مەزمۇنى: l}#d ^S/  
ئۇيغۇرلار مىلادىيە 745 - يىلى تۈرك خانلىقىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ موڭغۇل يايلىقىدا دۆلەت قۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى. 840 - يىلى ئۇيغۇر خانلىقى ھالاك بولۇپ، خانلىق ئاھالىسى باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ سەۋەبى بىرىنچى، ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلەشتى. ئىككىنچىى، قۇرغاقچىلىق، بوران - شىۋىرغان قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن ئېغىر ئاچارچىلىق يۈز بەردى ۋە يۇقۇملۇق كېسەل تارقالدى. ئۈچىنچى، قوشنا قەۋملەر ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاجىزلاشقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بىرلىشىپ ھۇجۇم قوزغىدى. Z 8GIZ  
ئۇيغۇرلار تۈرك خانلىقىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ موڭغۇل يايلىقىدا يېڭى كۆچمەن چارۋىچىلىق دۆلىتىنى قۇردى ھەم تۈرك خانلىقىنىڭ قالدۇق كۈچلىرى ۋە چۆللۈكنىڭ جەنۇبىدىكى تۈرك كۈچلىرىنىڭ ئەنلۇشەن ۋە شى سىمىڭ توپىلىڭى تۈپەيلىدىن ئاجىزلاشقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تۈبۈتلەر بىلەن تىركىشىش داۋامىدا راۋاجلانغان.790-يىلى بېشبالىق قاتارلىق جايلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ ،820-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە،ئۇنىڭ تەرەققىياتى يۇقىرى پەللىگە يەتتى .830-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ھۆكۈمىران گۇرۇھنىڭ ئچكى قىسمىدىكى ئختىلاپ ۋەھەريىلى يۈز بېرىپ تۇرغان تەبىئي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن خانلىق ھوقۇقى زور دەرىخىدە ئاجىزلاشتى ھەم خوشنا قەۋملەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. 840 - يىلى قىرغىز قاتارلىق 5 قەبىلە بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلغانلىقتىن ھالاك بولۇپ، باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. N~S#( .}[  
ئۇيغۇرلار ھالاك بولۇپ، كۆچۈپ كېتىشى بىلەن يايلاق بوشاپ قالدى ھەم شەرق تەرەپتىكى موڭغۇل قەبىلىلىرى جەبۇبقا چۈشتى، شۇنداقلا، شاداپىت تۈركلىرى بىلەن تاڭغۇتلار يەنە شەرقتىكى قىتانلار قاتارلىق ئۇششاق كۈچلەر مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلىپ زورايدى. بۇ ئەھۋال شۇندىن كېيىن شەرقىي ئاسىيانىڭ ئۆزگىرىشىگە ناھايتى زورتەسىر كۆرسەتتى .ئۇيغۇرلارنىڭ بەربات بولۇشى بىلەنكۆچۈشى دۇنياۋى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئگە،بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرى بار.ئەمما ئۇنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدىكى تەتقىقات تېخى تارىخىي ماتېرىياللارنى رەتلەش باسقۇچىدىلا بولۇپ ،مەخسۇس تەتقىق قىلىنمىدى .بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھالاك بولۇش جەريانى ۋەئۇنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى مەخسۇس قىلدۇق،بىز ئالدى بىلەن قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى دۆلەتنىڭ ھالاك بولۇش سەۋەبىنى ئانالىز قىلىمىز،ئاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى رەتلەپ چىقىپ ،9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ يېڭى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى چۈشىنىپ ئۆتمەكچىمىز. F:.8O ,%u  
1.ھۆكۈمىرانلار گۇرۇھىنىڭ ئچكى زىددىيەتلىرى ۋە كۆچمەن چارۋىچى خانلىق ھوقۇقىنىڭ چەكلىمىلىكلىكى &hZ 6CV{  
832-يىلى قۇت تېكىن تەخىتكە ئولتۇرۇپ خان بولغاندىن كېيىن ،تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭغا ئاي تەڭرىدە بولمىش بىلگە جاڭشىن قاغان دەپ نام بەردى( 838 - 839 يىللىرى ) ،بىلگەقاغان تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئالقىنى كۈچەيتىش ۋەسىرتقاكېڭىيىش داۋامىدا ئۇيغۇر خانلىقىنى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدۇردى.839-يىلى ھۆكۈمرانلارگۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھوقۇق تالىشىش پەيدا بولدى.بۇ ھەقتە تاڭ سۇلالىسى تەرەپ قىسقىچە مۇنداق دەپ ئىزاھات بەرگەن:"ئىلگىرىكى قاغان ئەسلىدىكى ھاكىمىيەت باشقۇرۇش يوللىرىنى تاشلاپ ،ئادالەتنى ئۇنتۇپ ئەتراپتىكى ۋاسساللارغا ھۇجۇم قىلىپ،زوراۋانلىق قىلغاچقا،ئۆز يېقىنلىرى يۈز ئۆرىدى،قەبىلىلەر چەت جايلارغا پىتىراپ كەتتى ،دۆلەت چاك -چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتتى .'' بۇنىڭدىن ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى بىلگىلى بولىدۇ. ygUX]*m!  
بۇ تاڭ سۇلالىسى تەرەپنىڭ خاتىرىلىگىنى ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ خاتىرىلىرى تېپىلمىدى ،ئۇنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى بىلگىلى بولمىدى .يوقىرىقى خاتىرىلەردىن مەلۇمكى ،بىر تەرەپتىن بىلگە قاغاننىڭ ھۆكۈمىرانلىقى كۆچمەن چارۋىچى خەلىققە ھېچقانداق مەنپەئەت يەتكۈزمىگەنلىكى ئۈچۈن ،ئىچكى قىسمىدا ئىختىلاپ پەيدا بولغان.يەنەبىر تەرەپتىن ،قاغاننى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بۇيرۇق ئىنەيۈن سۇغدىلاردىن بولۇپ،ئېھتىمال قاغان ئىقتىسادىي مەنپەئەت قوغلاشقان سۇغدى سودىگەرلىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن شۇنداق قىلغان بولۇشى مۈمكىن .بۇ پەقەتلابىزنىڭ پەرىزىمىز خالاس . wGHVq fm5  
بىلگە قاغان ۋەزىرلىنىڭ يۈز ئۆرىگەنلىكىنى سېزىپ قېلىپ ،ئاۋۋال قول سېلىپ ئىنەيۇن بىلەن سايغا تېكىننى ئۆلتۈردى .بىلگە قاغانغا قارشى چىقىپ ،جەنۇپقا قېچىپ كەتكەن ۋەزىر كۆلۈگ شاداچىتلارنىڭ قاغاننىڭ ياردىمىدەبىلگە قاغانغا ھۇجۇم قىلىپ ،ئۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقامەجبۇر قىلدى.شۇنىڭ بىلەن كۆلۈگ چوڭ ھوقۇقنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ ،خان جەمەتىدىن كاسار تېكىننى قاغان قىلىپ تىكلىدى.ئەمما كۆلۈگكە قارشى چىققان كۈلۈگ باغا شىمالدىكى قىرغىزلارنىڭ قېشىغا قېچىپ بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم سوراپ، ھاكىمىيەتنى قايتۇرۇۋالماقچى بولدى لېكىن قىرغىزلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 840- يىلى 100 مىڭ ئەتراپىدا لەشكەر چىقىرىپ چوڭ كۆلەملىك يىراققا يۈرۈش قىلىپ، ئۇيغۇر خانلىقىنى بىراقلا يوقاتتى. خۇددى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھەش-پەش دېگىچە ھالاك بولغىنىغا ئوخشاش، قەدىمكى يايلاق كۆچمەن چارۋىچىلىق دۆلەتلىرى گەرچە تېزلىك بىلەن سىرتقا كېڭەيگەن بولسىمۇ، ئىچكى نىزا ۋە خانلىق چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن ناھايىتى تېزلا پارچىلىنىپ كەتكەنىدى. كۆچمەن چارۋىچىلىق جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق جەمئىيىتىگە ئوخشىمايتتى، خانلىق ھاكىمىيەت ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، دۆلەتنىڭ مەۋجۈتلۈكى ۋە ھالاكىتىگە ئالاقىدار ئىدى. ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق دۆلەتلىرى ھاكىمىيەتنى تۈزۈم ۋە قانۇنغا تايىنىپ ساقلايتتى. كۆچمەن چارۋىچى دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتى خاننىڭ شەخسىي قابىلىيىتىگە تايىنىپ ساقلىناتتى، ئۇنىڭدىن باشقا خاننىڭ بايلىققا قانداق ئېرىشىشى ۋە ئۇنى قانداق تەقسىم قىلىشى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايتتى. خان كۆچمەن چارۋىچى دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تۈرلۈك ئامىللارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تۈزۈشى زۆرۈر ئىدى. دۆلەتنىڭ ئىچكى تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلغان ھامان خاننىڭ نوپۇزىمۇ تەۋرىنىپ قالاتتى، ئىچكى تىنچلىق كاپالەتسىزلىنىپ، خاننىڭ ۋارسلىق ھوقۇقىنى چۆرىدىگەن ھالدا ھاكىمىيەت تالىشىش ئەۋج ئېلىپ، دۆلەتنىمۇ ساقلاپ قالغىلى بولمايتتى.تۈرك 1-،2-خانلىقلىرىنىڭ بەربات بولۇشى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرۇدىكى، قاغاننىڭ ھاكىمىيىتىگە ئەجەللىك زەربە بېرىدىغىنى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىسىدىن ئىبارەت. ئىچكى نىزا قاغاننىڭ ئۆز قابىلىيىتىگە تايىنىدىغان دۆلەت تەرتىبىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئارىلىقتا بەربات قىلىدۇ. قاغاننىڭ ئىچكى قىسمدىكى ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كۆچمەن چارۋىچى قەۋملەر توپىلاڭ قىلىشقا باشلاپ، كۆچمەن چارۋىچى دۆلەتنى پارچىلايدۇ، ھەتتا ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ھوقۇقىنى ئالماشتۇرىدۇ. 790 - يىلدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلاقار ئۇرۇقى ئاجىزلىشىپ، ئادىز ئۇرۇقىدىن چىققان قۇتلۇقنىڭ قاغان بولۇشى ھۆكۈمران ئۇرۇقنىڭ ئىچكى قىسمىدا زىددىيەت تۇغۇلغانلىقىدىن بولغان.ئەلبەتتە، ئەگەر قاغان ھوقۇقنىڭ ئاجىزلىشىشى قول ئاستىدىكى قەۋملەرنىڭ توپىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دەرىجىگە يەتمىگەن، شۇنداقلا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئارىنى بۇزۇش سىياسىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىمىغان بولۇپ، پەقەت ئىچكى قىسمىدىلا زىددىيەت تۇغۇلغان بولسا، ئۇ ھالدا كۆچمەن چارۋىچى دۆلەتمۇ تېزدىن ھالاك بولمىغان بولاتتى، مەسىلە چىققان تەغدىردىمۇ قاغان ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىپ، تۇزۇلمىنى تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق ئىمتىيازىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمىرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا زىددىيەت چىققاچقا كۈچى ئاجىزلاپ كېتىپ ،قول ئاستىدىكى قەۋىملەرنىڭ ئاسىيلىقىنى توسۇۋېلىشقا كۈچى يەتمىدى،مۇشۇنداق بولۇپلا قالماستىن، خوشنا كۈچلەرنىڭ بىرلىشىشى ۋە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر خانلىقى قىرغىزلارنىڭ قولىدا تېزلا مەغلۇب بولدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى قىرغىزلار مۇستەقىل كۈچ ھېسابىدا تۇبۇتلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قارشىلاشقانىدى. 820 - يىلىدىن كېيىن، ئۇيغۇر خانلىقى زورايدى، قىرغىزلار ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئوتۇغان نامىغا ئېرىشتى. لېكىن قىرغىزلار ئىزچىل تۈردە مۇستەقىل ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئىجازىتىگە ئىگە بولغانىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق كۈچى ئاجىزلاشقاندىن كېيىن، قىرغىزلار تەدرىجىي ھالدا قارشىلىقنى ئاشكارىلاپ، ئۇلارنىڭ ئاقساقىلى ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتىدى، ئەمما ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق زەربىسىدە مەغلۇب بولغانىدى. 840 - يىلى ئۇيغۇر خانلىقى ئىچكى ماجىرا تۈپەيلىدىن ئاجىزلاشقاندىن كېيىن، قىرغىزلارنىڭ ئاقساقىلى ئارو ئۇيغۇرلارغا يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلدى، ئۇ: " سېنىڭ ئەجلىڭ توشتى! مەن سېنىڭ ئورداڭنى ئالىمەن، ئورداڭنىڭ ئالدىدا ئېتىمنى ئوينىتىمەن، تۇغۇمنى قادايمەن، كۈچۈڭ بولسا تېز كېلىپ مەن بىلەن ئېلىش، بولمسا تېز يوقال " دەپ قەسەم قىلدى. بۇ جەتياندا قىرغىزلار قىتان، تاتار، قومۇق، سىرۋى قاتارلىق ئىلگىرى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان قەۋملەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈۋالدى.يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك كۆچمەن چارۋىچى دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى گەرچە تاڭ سۇلالىسىغا تەھدىت بولغان بولسىمۇ، ئەمما كۈچى يەتمىگەچكە ئۇيغۇر خانلىقىغا ھېچقانداق ئاكتىپ تەدبىر قوللىنالمىغانىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئۇيغۇر خانلىقى ئۆزلۈكىدىن ھالاك بولغان دېگەن سۆز پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. 832 - يىلى ئۇيغۇر خانلىقىدا ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش قۇچ بىلگە قاغان ( 824 - 832 ) نى قول ئاستىدىكىلەر ئۆلتۈرگەن ۋەقە سادىر بولغانىدى. ئەمما ئۇ چاغدا باشقا مەسىلىلەر يۈز بەرمىگەنىدى، ئايتەڭرىدە بولمىش كۈلۈگ بىلگە قاغانمۇ شۇ يىلى تەختكە ئولتۇرغانىدى. 840 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە يەنە بىر قېتىم زىددىيەت چىققاندىن كېيىن، ئاندىن ناھايىتى تېزلا ھالاك بولدى. بۇنىڭغا كۈلۈگنىڭ ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيلا، چۆلنىڭ جەنۇبىي يايونىدىكى شاداپىتلارنىڭ شىمالدىكى قىرغىزلارغا تايىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىشقا يول قويغانلىقى سەۋەب بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ھالاك بولۇشىدىكى ئاچقۇچ ئىچكى پارچىلىنىشنى تىزگىنلىيەلمىگەنلىكى ھەم ئىچكى زىددىيەتنى ئىچكى قىسىمدا ھەل قىلالمىغانلىقى، شۇنىڭدەك، قول ئاستىدىكى قەۋملەرنىڭ ئاسىيلىق قىلىشى بىلەن تاشقىي لەشكىرىي كۈچلەرنىڭ كىرىپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت. >T n[CgH]7  
2. ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھالاك بولۇشى ۋە يايلاقتىكى تابىئىي ئاپەتلەر1) موڭغۇل يايلىقىدىكى ئېغىر قەھەتچىلىك ۋە ئاپەتلەر خەنزۇچە تارىخ ماتېرىياللىرىدا خاتىرىلىنىشچە، 840 - يىلى ئۇيغۇر خانلىقى ھالاك بولغاندىن كېيىن، غەرب تەرەپكە كۆچكەندە، 15 قەبىلە قارلۇقلارغا، قالغانلىرى تۈبۈت ۋە ئەنشىگە كۆچتى، قاغان ئوردىسى ئەتراپىدىكى 13 قەبىلىگە باشچىلىق قىلىۋاتقان ئۆگە تېكىن توپى بىلەن ھورمۇزدا باشچىلىقىدىكى يەنە بىر بۆلەك جەنۇبقا مېڭىپ، چۆللۈكنىڭ جەنۇبىغا كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، شەرق تەرەپتىكى قىتانلار تەرەپكە كەتكەن توپلارمۇ بار ئىدى. خاتىرىلىنىشچە: " قىرغىزلار ھۇجۇم قىلغاندا قوشۇن مەغلۇب بولۇپ، قەۋملەر ئاسىيلىق قىلدى، چارۋىلار ئىنتايىن خوراپ كەتتى، خەلق ئاچارچىلىقتا قېلىپ، ھەر تەرەپكە پىتراپ، چۆللۈكتىن ئۆتۈپ كەتتى " . بۇنىڭدىن مەلۇمكى، قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى بولغان يايلاقنى تاشلاپ باشقا يۇرتلارغا كۆچۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولغان. قىرغىزلار ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى موڭغۇل يايلىقىدا ئۆي چارۋىلىرى ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن ئېغىر ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن، بىز بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھالاك بولۇشى بىلەن باغلاپ قارايدىغان بولساق دىققىتىمىزنى تارتماي قالمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانلىقى ھالاك بولۇشتىن ئىلگىرى، يايلاقتىكى چارۋىچىلار ئاللىقاچان " ھەر يىلى ئۇدا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك " سەۋەبىدىن ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى. 1WY$Vs  
تۆۋەندە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھالاك بولۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب − قەھەتچىلىك ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىمىز.ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى قەھەتچىلىك توغرىسىدا " تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر " نىڭ 98-جىلد " ئۇيغۇرلار " دا " يىلمۇ-يىل ئاچارچىلىق بولۇپ ،كېسەل تارقالدى ،قوي ،ئات تاپلىرى ھەممە يەرنى قاپلىدى يەنە قېلىن قار ئاپىتى بولدى. " ، دەپ خاتىرىلەنگەن ." يېڭى تاڭنامە " 712-جىلىد " ئۇيغۇرلار 2 " دە " يىلمۇ-يىل ئاچارچىلىق بولۇپ ،كېسەل تارقالدى ،يەنە قېلىن قار ياغدى، قوي ئاتلار جان ساقلىيالماي ،نۇرغۇنى ئۆلۈپ كەتتى. " دەپ خاتىرىلەنگەن . " ئەلنى ئىدارە قىلىشقاپايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر " نىڭ 246-جىلىدىدا " يىلمۇ-يىل كېسەل تارقىلىپ ،قېلىن قار يېغىپ ،قوي-ئاتلارنۇرغۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن ،ئۇيغۇرلار بارا-بارا ئاجىزلاشتى " دەپ ىاتىرىلەنگەن .يۇقىرىدىكى خاتىرىلەردە ئېيتىلغىنىدەك،ئۇيغۇر خانلىقى دۇچ كەلگەن قەھەتچىلىك موڭغۇل يايلىقىدا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .بۇ كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ ئۆزىدىكى تۇغما ئاجىزلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز .ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق رايونلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆچمەن چارۋىچىلىق جەمئىيىتى ھاياتلىقنى تەبىئىي مۇھىت بەلگىلەيدىغان ئىنتايىن يامان ئەھۋالداتۇراتتى .تەبىئىي مۇھىت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ھامان دەرھال ئەسلىگەكېلەلمەيتتى ،ئەسلىگە كەلگەن تەغدىردىمۇ ،ئۇنىڭغا ناھايتى ئۇزاق ۋاقىت كېتەتتى .يايلاقتىكى ئاجىز كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىقتىسادى توساتتىن كەلگەن ئاپەتتىن ئەجەللىك زەربىگە ئۇچراپ ،ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى تامامەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپلا قالماستىن ،جان ساقلايدىغان ئوت يىلتىزى قاتارلىق نەرسىلەرمۇ ئاسانلىقچە تېپىلمايتتى .كۆچمەن چارۋىچى دۆلەت تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىشى بىلەن ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاساسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ چاك -چېكىدىن بۆسۈلۈپ كېتەتتى ،شۇنداقلا خانلىق ھوقۇقى ئاجىزلىشىپ ،ئىچكى مالىمانچىلىق يۈز بېرەتتى-دە،ئاسانلاتاشقى كۈچلەرنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچرايتتى .ئۇنىڭدىن باشقا قول ئاستىدىكى قەۋملەر ئەمدى قاغاننىڭ ھۆكۈمىرانلىقىغا بوي سۇنۇشنى خالىماي ،مۇستەقىل ھايات يۇلى تېپىشقا ئۇرۇنۇپ خانلىقتىن چەتلىشەتتى ،بۇنىڭ بىلەن دۆلەتمۇ پارچىلىنىشقا دۇچ كېلەتتى .ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەر قايسى كۆچمەن چارۋىچى قەۋملەرنىڭئۆز ئالدىغا بولۇۋېلىشى ،قەھەتچىلىك ۋە تەبىئىي ئاپەت تۈپەيلىدىن ھايات كەچۈرۈش شارائىتى يامانلىشىپ،قەۋملەرنىڭ ئۆش ئالىغا تۇرمۇش يولىنى ئىزدىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.ئىلگىرى ئۇيغۇر خانلىقى تەبىئىي ئاپەت كەلتۈرگەن قەھەتچىلىك سەۋەبىدىن ھالاك بولغانىدى.7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆزىگە قارىتىۋېلىش ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، ئۇيغۇر خانلىقى چۆللۈكنىڭ شىمالىنىڭ ھۆكۈمرانى سۈپىتىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنىدى.681-يىلى چۆللۈكنىڭ جەنۇبىدىكى تۈركلەر روناق تېپىپ،چۆللۈكنىڭ شىمالىنى تارتىۋالغاندا،ئۇيغۇر خانلىقى تاڭ سۇلالىسىغا تەسلىم بولۇشقا توغرا كەلدى.بۇمۇ تەبىئىي ئاپەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.686-يىلى چېن زىئىاڭ مۇنداق خاتىرىلىگەنىدى: " ئالدىنقى 9قەبىلە ئېغىر قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىغىلى 3يىل بولدى ،دالا قاغىجىراپ ،ئوت-چۆپ ئازىيىپ كەتتى ،قوي -ئاتلاردىن 10 نىڭ ئىچىدە 7- 8 ى ئۆلۈپ كەتتى ،تىرەزرەكلىرى ھازىرغىچە تىرىك قالدى ۋاھاكازالار يەنە تۈزۈكرەك ئوت -چۆپ بولمىغاچقا،قوي -ئاتلار ئۆلۈپ تۈگىدى،دالاچاشقانلىرىمۇ ئوت -چۆپلەرنىڭ يىلتىزىنى يەپ ياكى بىر-بىرىنى يەپ جان ساقلىدى "خانلىقنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى تەبىئىي ئاپەتلەر ھەققىدىكى خاتىرىلەر دۆلەتنىڭ تۈزۈلمە،تەرتىپنىڭ مۇداپىئە كۆرۈش قابىلىيىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ يىمىرىلگەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.كۆچمەن چارۋىچىلىق جەمئىيىتىدە 3يىلدا بىر قېتىم كىچىك ئاپەت،5يىلدا بىر قېتىم ئوتتۇراھال ئاپەت ،10 يىلدا بىر قېتىم چوڭ ئاپەت يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خاتىرىلەر ئەينى ۋاقىتتا تەبىئىي ئاپەتنىڭ نەقەدەر كۆپ يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.شۇڭلاشقا دۆلەت يىمىرىلىشكە يۈز تۇتقان ۋاقىتتا ،تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ يىغىلىپ كېلىشى دۆلەتنى ھالاك قىلىدۇ ،دەيدىغان ساپ نەزەرىيىۋى سۆزلەر پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. قاغان ناۋادا ئىمتىيازنى قەتئىي قوغدىيالمىسا، كۆچمەن چارۋىچى خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىش كۈچىنى ئىگىلىيەلىسە، ئۇ ھالدا ھەرقانچە تەبىئىي ئاپەتمۇ ئۇنىڭغا دال كېلەلمەيدۇ. تېزدىن ئۇنىڭغا لايىق پەدبىر قوللىنالمىغان تەغدىردىمۇ ئەتراپتىكى دۈشمەنلەر دەھدىت سالمىغان ئەھۋالدا بىر مەزگىلدىن كېيىن كۆچمەن چارۋىچى جەمئىيەتنىڭ نورمال ھالىتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالالايدۇ. لېكىن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەر كۆچمەن چارۋىچى دۆلەتنىڭ خانلىق ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاجىز كۆچمەن چارۋىچىلىق جەمئىيىتىنى تېزدىن ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى، بۇنىڭدىن مەلۇمكى بۇمۇ دۆلەتنىڭ ھالاك بولۇشىدىكى بىر سەۋەب. ھازىر موڭغۇل يايلىقىدا تەبىئىي ئاپەت تۈپەيلىدىن ئوتلاق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا ياكى چارۋىلار ئۆلۈپ كەتسىمۇ، ئەسلى ھالىتىگە كېلىش ئۈچۈن 3 − 5 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ. تەبىئىي ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننىڭ نەقەدەر ئېغىر بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر ئەگەر ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئوخشاش ئۇدا كۆپ يىل ئاپەت داۋاملاشسا ياكى تەكرار يۈز بەرسە، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تامامەن مۈمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ ئەھۋالدا كۆچمەن چارۋىچى خەلق ھىچ ئامال قىلالماي، پەقەت كۆچۈپ كېتىپلا قۇتۇلغان بولاتتى. ئۇيغۇرلار يايلاقتىكى قەھەتچىلىكتىن قېچىپ، چۆللۈكنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا كۆچكەندىن كېيىن، يەنىلا ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى بەك تارتتى، تەبىئىي ئاپەت ۋە كۆچۈش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئاشلىق ئۆكسۈكچىلىكى ئىنتايىن ئېغىر بولدى. ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تەبىئىي ئاپەتلەر، بولۇپمۇ قەھەتچىلىك دەستىدىن كىشىلەرنىڭ ئوتلاقتا داۋاملىق جان ساقلىشى قىيىنلاشتى. ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، يايلاقتا ئېغىر قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ، يۇقۇملۇق كېسەل (ۋابا) يامراپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىۋىرغانلىق قار ياغدى، ئەجەللىك تەبىئىي ئاپەتلەر كەينى كەينىدىن يۈز بەردى. بۇ خىل ئەھۋالدا، تارىخنىڭ ئەسلى ھالىتىنى تەكشۈرگەندە، ئالدى بىلەن بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش زۆرۈر. موڭغۇل يايلىقىدا يۈز بەرگەن قەھەتچىلىك بىلەن تەبىئىي ئاپەتنى ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى تەبىئىي ئاپەت قەھەتچىلىكنى پەيدا قىلىدۇ، قەھەتچىلىكمۇ تەبىئىي ئاپەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. موڭغۇل يايلىقىدىكى تەبىئىي ئاپەتتە كۆپ خىل ئەھۋاللار بار، ھاۋارايى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قۇرغاقچىلىق (قارا ئاپەت) بىلەن قېلىن قار (ئاق ئاپەت) نىڭ ئاپىتى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا، ئۆي ھايۋانلىرىغا تايىنىپ تۇرمۇش كۆچۈرۈدىغان كۆچمەن چارۋىچى ئۈچۈن يۇقۇملۇق كېسەلمۇ بىر چوڭ تەھدىت؛ ئەمما چارۋىچىلار مول باقمىچىلىق تەجرىبىسىگە تايىنىپ، ئادەتتە مەلۇم دەرىجىدە ئالدىنى ئېلىپ تۇرىدۇ. مۇھىت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ئەھۋال ئېغىرلىشىپ ئامالسىز قالىدۇ. ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە ئېغىر قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ، يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان. بۇ ئەينى چاغدا كۆچمەن چارۋىچى خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئىنتايىن مۇشەققەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تارقىلىشى مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ چوڭقۇر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.686 - يىلى موڭغۇل يايلىقىدا يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق (قارا ئاپەت) ئاپىتى قەھەتچىلىك بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شۇنداقلا ئۇ، قەھەتچىلىك يۈز بېرىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىدى. قۇرغاقچىلىق يايلاقنىڭ كۆلىمىنى تارايتىۋەتكەنلىكتىن، ئۆي ھايۋانلىرى، جۈملىدىن سانى ئەڭ كۆپ بولغان قوي پادىلىرى جان ساقلاشقا ئامالسىز قالدى. قۇرغاقچىلىق دەستىدىن يايلاقتا بىر تال ئوت-چۆپمۇ ئۈنمەي قاقاسلىشىپ كەتتى، ئوت-خەشەك ئازىيىپ كەتتى، ئۆي ھايۋانلىرى ئاجىزلاپ، ئاچلىقتىن، كېسەللىكتىن ئۆلگەن ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ تاپلىرى ھەممە يەرنى قاپلىدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ قۇرغاقچىلىق يايلاقنى تارايتىۋېتىپ، ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ جېنىغا ئېغىر تەھدىت سېلىپلا قالماستىن، يەنەكۆچمەن چارۋىچىلارنى قەھەتچىلىككە دۇچار قىلىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ تۇرماقتا.قېلىن قار(ئاق ئاپەت) مۇ ناھايىتى خەتەرلىك. قېلىن قار ئادەتتە قىش پەسلىدە ياكى باش باھار پەسلىدە ياغىدۇ، ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن كۆچمەن چارۋىچىلار قەھەتچىلىكنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدۇ. موڭغۇل يايلىقىدا ياققان قېلىن قار مۇنداق بىر نەچچە ئالاھىدىلىككە ئىگە:قېلىن قار تەكرار ياغىدۇ، ئۇنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ناھايىتى تەس. قېلىن قار ئادەتتە باش پاھار پەسلىدە ياغىدۇ، شۇنداقلا ھەر قانداق ۋاقىتتاقېلىن قار سوغۇق ئېقىم بىلەن بىرلىشىپ يايلاققا ھۇجۇم قىلىشى مۈمكىن. شىمالىي كەڭلىك 41 گرادۇسنىڭ شىمالى، دېڭىز يۈزىدىن 2500- 3000 مېتىر ئېگىز جايدا، ھەر قانداق ۋاقىتتا موڭغۇل يايلىقىغا قېلىن قار يېغىشى مۈمكىن. قېلىن قار ھەر قاچان بوران ۋە سوغۇق ئېقىم بىلەن بىرلىكتە يايلاققا ھۇجۇم قىلىپ، ئۆي چارۋىلىرى بىلەن چارۋىچىلار يەككە-يىگانە قېلىپ توڭلاپ ئۆلىدۇ ياكى ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ. بولۇپمۇ قىش پەسلى ياكى باش باھار پەسلىدە چارۋىچىلار تەبىئىي ئاپەت ئالدىدا ئامالسىز قالىدۇ، چۈنكى كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنىڭ ئۆزى زاپاس جۇغلىمايدۇ. كۆچمەن چارۋىچىلىقتا قىش پەسلىدە قۇرۇق ئوت-چۆپ جۇغلانمايدۇ ياكى چارۋىلارنى سوغۇقتىن ۋە ئاچارچىلىقتىن ساقلايدىغان ئېغىل-قوتانلار سېلىنمايدۇ. 9-ئەسىردىكى ئەھۋال جەزمەن ھازىرقىدىنمۇ كۆپ ناچار بولۇپ، چارۋىچىلىقلارنىڭ يۇقىرىقىدەك ئاپەتلەرگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ زور بولغانسوغۇق قىش پەسلىدىمۇ يايلاقتا مال باقىدىغان كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئۇسۇلىغا نىسبەتەن، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بىلەن قېلىن قار ئوتلاقتىن ئايرىلىپ قېلىش، ئۇنىڭ كەينىدىنلا، ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ ئاچارچىلىقتا قېلىشىدىن دېرەك بېرەتتى. ئەلۋەتتە، تاشقى تەرەپنىڭ تەھدىتى ۋە ئىچكى قىسىمنىڭ يېمىرىلىشى بولمىغان ئەھۋالدا، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، دۆلەت تۈزۈلمىسىدە مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارى ھازىرلانغاندا، بۇ ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرالىغان بولاتتى. يۇقىرىقىدەك ئاپەتلەر تەكرار يۈز بېرىپ تۇرغانلىقتىن، كىشىلەر بۇ ئاپەتلەرگە بىر ئاز تەييارلىق كۆرگەن بولاتتى. لېكىن، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تەكرار يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسىغا بۇزغۇنچىلىق سېلىپ، ئاچارچىلىق پەيدا قىلىپ، دۆلەت تۈزۈلمىسىنى پارچىلىۋەتتى، ھەتتا قوغدىنىش ۋە ھۇجۇم قىلىشقا زۆرۈر بولغان ھەربىي سەپەرۋەرلىك قىلىشقىمۇ مۈمكىن بولماي قالدى. OXX D}-t  
2) يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىقۇرغاقچىلىق ئاپىتى بىلەن قېلىن قار قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر ئاچارچىلىق ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلدى. ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى ئىلگىرىكىلەرگە ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. خەنزۇچە تارىخ ماتىرىياللىرىدا خاتىرىلىنىشىچە، پەقەت 582-يىلى تۈرك خانلىقى شەرقىي ۋە غەربىي قىسىملارغا پارچىلانغان مەزگىلدە ۋە ئۇيغۇر خانلىقى ھالاك بولغان مەزگىلدە يايلاقتا " ئاچارچىلىق، يۇقۇملۇق كېسەل " يۈز بەرگەن. تارىخ ماتىرىياللىرىدا 630-يىلى شەرقىي تۈرك خانلىقى ھالاك بولغاندا " قوۋۇقنىڭ شىمالىدا بالدۇر قىراۋ چۈشكەن " لىكى خاتىرىلەنگەن، 686-يىلى ئۇيغۇرلارنى تۈركلەر قوغلىۋەتكەن چاغدا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بولغانلىقى توغرىسىدىكى خاتىرىلەر ئىچىدە، يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغانلىق توغرىسىدىكى مەزمۇنلار خاتىرىلەنمىگەن. تۆۋەندە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى قەھەتچىلىكتىن كېلىپ چىققان يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ تارقىلىش ئەمەلىي ئەھۋالىنى مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتىمىز.ئەينى يىللاردا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ئەمەلىي ئەھۋالىنى قايتا ئاكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن يايلاقتا تارقالغان يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تۈرلىرىنى رەتلەپ چىقىمىز. موڭغۇل يايلىقى باشقا جايلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ يەر قۇرغاق ھەم سوغۇق، شۇڭلاشقا، بۇ يەردە يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىمالى باشقا جايلارنىڭكىدىن ئاز، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ تۈرىمۇ كۆپ ئەمەس. ئەمما بۇ يەردە ئادەملەر ۋە ئۆي ھايۋانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە خىل مۇھىم كېسەللىكلەر بولۇپ، تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن ئۆي ھايۋانلىرى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىپ، چارۋىچىلار ئاچارچىلىقتا قالغان، ھەتتا كېسەل ئادەملەرگە يۇققان. يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقالغاندا ئۆي ھايۋانلىرىنى سويۇۋەتمەي ئامال يوق ئىدى. باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئىدى.ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە زادى قانداق يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقالغانلىقىنى تەكشۈرۈش ھازىر مۈمكىن بولمايدۇ. بۇ ماقالىدا 1919-يىلى موڭغۇلىيىنىڭ شۇ جايدا نەق مەيداننى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلىنىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى تەكشۈرىمىز، سانائەتلىشىشتىن ئىلگىرىكى 1919-يىلدىكى ئەھۋال بىلەن ئۇيغۇر خانلىقى مەزگىلىدىكى تەبىئىي مۇھىت ۋە يىمەكلىك قاتارلىق تەرەپلىرىدە ئانچە كۆپ ئۆزگىرىش يوق، دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. شۇ چاغدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، موڭغۇلىيەدە چۇما، كۆيدۇرگە، ماڭقا، تارقىلىشچان ئۆپكە ياللۇغى، قوي تەمرەتكىسى، ئەسۋە، جىددىي خارەكتېرلىك ئىستىسقا (قۇرساق كۆپۈش) كېسىلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەر تارقالغان. ھازىر يۇقىرىقى كېسەللەردىن تاشقىرى، يەنە باشقا كېسەللىكلەرمۇ بايقالغان، ئەمما ئاساسلىقى يەنىلا يۇقىرىقى بىر نەچچە خىل.تارقىلىشچان ئۆپكە ياللۇقى، قوتۇر، ئەسۋە، جىددىي خاراكتېرلىك ئىستىسقا قاتارلىقلار ئۆي ھايۋانلىرىدا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر بولۇپ، ئېغىر ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقارمايتتى. يۇقۇشى كۈشلۈك بولغان چۇما، كۆيدۈرگە، ماڭقا قاتارلىق كېسەللىكلەر مۇھىم يۇقۇملۇق كېسەللىك ھېسابلىناتتى. چۇما كېسىلى پەقەت قىچىشقاق بولغان كىشىلەرگىلا يۇقاتتى، ئۆي ھايۋانلىرىغا يۇقمايتتى، ئۆي ھايۋانلىرىغا چوڭ خەۋپ يەتكۈزمەيدىغان كېسەللىكلەر موڭغۇللارنىڭ قوشۇنى جەنۇبقا (يۈننەن، بېرما) يۈرۈش قىلىش داۋامىدا يايلاققا تارقىلىپ كىرگەن، ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە يايلاقتا بۇنداق كېسەللىك يوق بولۇشى مۈمكىن. ماڭقا كېسىلى بۇرۇن پەردىسى باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئارقىلىق كېلىپ چىقىدۇ، بۇ كېسەل باكتېرىيىسى نەپەسلىنىش ئەزالىرى ۋە لىمفا تۈگۈنى شۇنىڭدەك تېرە يۈزىدە قاداق پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەنلا ئۆي ھايۋانلىرى ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، چۈنكى، بۇ ئادەتتە ئات، خېچىر، ئېشەك قاتارلىق توم تۇياقلىق ھايۋانلاردىلا تارقىلىدىغان كېسەللىك.ئۇنداق بولسا، بىز ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە يۈزبەرگەن يۇقۇملۇق كېسەللىك كۆيدۈرگە كېسەللىكى(Anthrax)دەپ ھۆكۈم قىلالايمىز. بۇ كېسەللىك قوينى ئاساس قىلغان بارلىق ئۆي ھايۋانلىرىدا كۆرۈلىدۇ. بۇ ئۆي ھايۋانلىرىغىمۇ، ئادەملەرگىمۇ يۇقىدىغان، ئادەم بىلەن ھايۋانغا ئورتاق بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىك. بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم. ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئۆلۈشى ئېغىر زىيان سالىدۇ، بولۇپمۇ كېسەلنى ئادەمگە يۇقتۇرىدۇ، بۇ كۆچمەن چارۋىچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ۋە تازىلىق ئشلىرىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقىغا قاراپلا، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك - كۆيدۈرگە كېسەللىكى دەپ ھۆكۈم قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ. بۇ كېسەللىك باشقا كېسەللىكلەرگە ئوىشىمايدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنى كۆيدۈرگە كېسەللىكى دەپ ھككۈم قىلىۋاتىمىز. كۆيدۈرگە كېسەللىكى ئىنسانىيەت تارىخىدا يۈز بەرگىلى خېلى ئۇزاق بولغان بىر خىل كېسەللىك. دۇنيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا بۇ كېسەل ئۆتمۈشتىن تارتىپ تا ھازىرغىچە توختىماي يۈز بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى زورىيىپ، بىئولوگىيىلىك قورال قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. " ئىنجىل، مىسىردىن چىقىش خاتىرىسى " نىڭ 9 - باب 9 - پاراگىراپىدا ئەڭ دەسلەپ بۇ ھەقتىكى مەزمۇن سۆزلەنگەن، كىشىلەر ئۇنى قەلەم بىلەن قەدىمكى رىم كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە خاتىرىلەگەن، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ۋە ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن ئەسەرلەردىمۇ بۇ ھەقتىكى خاتىرىلەر بار. بولۇپمۇ 18 - 19 ئەسىرلەردە كۆيدۈرگۈ كېسىلى ياۋروپانىڭ جەنۇبىي قىسمىدا نۇرغۇنلىغان ئۆي ھايۋانلىرى بىلەن ئادەملەرنىڭ جېنىنى ئالغانىدى. بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كېسەللىكنى كۆيدۈرگە كېسىلى دەپ ھۆكۈم قىلىشىمىزدىكى سەۋەب، موڭغۇل يايلىقدەك قۇرغاق ھەم سوغۇق جايدا كۆيدۈرگە كېسىلى ناھايىتى ئاسان يۈز بېرىدۇ. بۇنداق كىلىماتنى باشقا جايدا تاپقىلى بولمايدۇ. كۆيدۈرگە تاياقچە باكتىرىيىسى كۆيدۈرگە سىل كېسىلى بىلەن ئاغرىغان ھايۋانلاردا ساقلىنىدىغان كېسەللىك ئېلىمېنتى بولۇپ، تەرەت، ئاجراتمىلار ۋە جەسەتنىڭ قېنى قاتارلىق پۈتۈن بەدەندىكى ئىچكى ئەزالاردا ساقلىنىدۇ، ئۇجەسەت(تاپ) نىڭ تۈك، تېرە، سۆڭەكلىرىدىن ياسالغان بۇيۇملار، شۇنىڭدەك ئاجراتمىلار ياكى پاتچىلانغان تەندە ساقلانغان بۇلغانغان يەم-بوغۇز، سۇ، تۇپراق، چارۋا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ھەر قانداق جايدا ياشىيالايدۇ. تۇپراق ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولۇپ، بۇ تىرىك تەندىكى باشقا پارازىت باكتېرىيىلەرگە ئوخشىمايدۇ، بۇ باكتېرىيىلەر ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن قاتتىق قاپ ئىچىگە كىرىۋېلىپ، تۇپراق ئىچىدە 50 نەچچە يىل جان ساقلىيالايدۇ، قۇرغاق شارائىتتىمۇ 20 نەچچە يىل ياشىيالايدۇ. كۆيدۈرگە كېسەللىكى كۆپرەك ئىللىق كىلىماتتىكى ھاك تەركىبلىك تۇپراقتا، دەۋرىي خاراكتېرلىك كەلكۈن كېلىپ تۇرىدىغان جايلاردا يۈز بېرىدۇ، يامغۇر ياغمىغان ئەھۋالدا باشقا باكتېرىيىلەرمۇ ياشىيالمىسىمۇ، كۆيدۈرگە باكتېرىيىسى ياشىۋېرىدۇ. قۇرغاقچىلىق مەزگىلىدە بىرەر قېتىم يامغۇر يېغىپ قالسا ياكى تەبىئەتنىڭ قۇدرىتى بىلەن ياكى ئادەملەر تەرىپىدىن يەر ئاغدۇرۇلسا يەر ئاستىدىكى باكتېرىيىلەر يەر يۈزىگە چىقىپ ئۆزىگە يېقىنلاشقان جانلىقلارغا يۇقىدۇ ھەم شۇ يەردە كۆپىيىدۇ.تۇپراق بىلەن كۆپ ئۇچرىشىدىغان ئوتخور ھايۋانلارنىڭ كۆيدۈرگە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. كۆچمەن چارۋىچىلىق كەسپىدە قوي مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئەڭ ئاجىز بولغاچقا كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ زور، چارۋىچىلىققا يەتكۈزىدىغان تەسىرىمۇ ئەڭ زور بولىدۇ. كالا ياكى ئاتلار بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ قوينىڭ كېسەل بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ زور بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى باشقا ھايۋانلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئوتنى يىلتىزى بىلەن قوشۇپ يەۋېتىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ تۇپراق بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى كۆپ بولىدۇ. كۆيدۈرگە باكتېرىيىسى ئۆي ھايۋانلىرىغا ئاساسەن ئېغىز ئارقىلىق يۇقىدۇ. ئۇنىڭ قېپى تەندە ئېرىگەندىن كېيىن، يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تېرىنىڭ زەخمىلەنگەن يېرى ئارقىلىق يۇقىدۇ، ئۆي ھايۋانلىرى بۇنىڭ بىلەن يۇقۇملانغان ھامان بۇ باكتېرىيىلەر قاننى زەھەرلەپ ئۆي ھايۋانلىرىنى جىددىي خاراكتېرلىك سېپىتىتسېمىيىگە گىرىپتار قىلىپ، ئۇلاردا نەپەس بوغۇلۇش، قىزىتىش ئەھۋاللىرىنى پەيدا قىلىپ تېزلا جېنىنى ئالىدۇ. باكتېرىيە بەدەننىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ تالنى كاردىن چىقىرىدۇ، بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ھامان ئۆزىنىڭ نامىغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ قېنىنى قارايتىۋېتىدۇ، بۇ چۇما كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئادەمدە كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئوخشايدۇ. كۆيدۈرگە قورغاقچىلىق ۋە كەلكۈن ئاپىتى بىلەن تەڭلا پەيدا بولىدىغان بولغاچقا دىققىتىمىزنى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تەبىئىي ئاپەت ۋە كۆيدۈرگە كېسەللىكىگە قاراتتۇق. خاتىرىلەردىن مەلۇمكى، ئەينى ۋاقىتتا قەھەتچىلىك تۈپەيلىدىن يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقالغان شارائىت كۆيدۈرگە كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش شارائىتى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلە: ماقالىنىڭ بېشىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، يايلاقتا ئاچارچىلىق يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبى ئۇدا، ئۈزۈلمەي يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن ئىبارەت. ئەگەر قۇرغاقچىلىق يۈز بەرسە، يايلاق بۇزۇلۇپ، ئوت- چۆپ ئازىيىپ كېتىدۇ، قويلار تتۇمشۇقىنى توپىغا تۈرتۈپ، توپىنىڭ ئاستىدىكى يىلتىزنى يەيدۇ. تۇپراقتىكى كۆيدۈرگە باكتېرىيىسى قويغا يۇقۇپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ئارانلا تۇرغان قويلار ئاسانلا كېسەل بولىدۇ. يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەن ئۆي ھايۋانلىرى تۈركۈملەپ قىرىلىپ كېتىپ، يايلاقنىڭ تەكرار ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ئۈزۈل - كېسىل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.ئۇيغۇر خانلىقىدا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەر كۆچمەن چارۋىچىلىق جەمئىيىتىدە دەۋرىي خاراكتېرلىق يۈز بەرگەن ھادىسە بولۇپ، قەھەتچىلىكتە قالغان كۆچمەن چارۋىچىلىق جەمئىيىتىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئەۋج ئالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوغۇق ئېقىم بىلەن تەڭ ياغقان قېلىن قارنىڭ ھۇجۇمىدا تىرىك قالغان ئۆي ھايۋانلىرىمۇ جان ساقلىيالماي قەھەتچىلىك تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا " قوي، ئاتلارنىڭ كۆپىنچىسى قىرىلىپ كېتىپ، ھېچقانچە تىرىك مال قالمىدى " دەپ خاتىرىلەنگەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ماددىي ياردىمىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قەھەتچىلىكتە جان ساقلاش ئۈچۈن چۆللۈكنىڭ جەنۇبىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى، ئاپەت ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ كۆيدۈرگىگە ئوخشاش بۇنداق يۇقۇملۇق كېسەل كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن كىلىمات خاراكتېرلىق تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۇنداق ئاسانلىقچە ياىشىلىنىپ كەتمەيدۇ. *;lb 
3. خاتىمە a"k,x-EL(  
تەبىئىي ئاپەتنىڭ يۈز بېرىشى ئۇيغۇر ىانلىقىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ ئاقىزلىشىپ كېتىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. لېكىن بۇ پەقەت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرسىلا خالاس، خانلىقنىڭ يىمىرىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب قىرغىز قاتارلىق ئەتراپتىكى كۈچلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمىدىن ئىبارەت. بىز تەبىئىي ئاپەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىشتا، قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى دۆلەتنىڭ يىمىرىلىشىدىكى سەۋەبنى مۇھاكىمە قىلىشنى مەقسەت قىلدۇق. بۇ نۇقتا ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا نەزەردىن ساقىت قىلىنغانىدى. ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بۇ رايوننى تاشلاپ، باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىپ، قايتىپ كەلمەي، يايلاقلارنىڭ ئۇزاققىچە بىكار قېلىشى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ پەيدا بولغانلىقىدىن بولغان. ئەلۋەتتە، ئەھۋالى ئوخشاپ كېتىدىغان يازما يادىكارلىقلارغا تايىنىپلا، ئارقا كۆرۈنۈشنى توغرا بېكىتىش قىيىن. ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇپرىقىى ئانالىز قىلىش قاتارلىق تەبىئىي پەننىڭ تېخىمۇ كونكرېت تەتقىقات ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ھۆكۈمنى تولۇقلاشنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ ماقالىدە يازما يادىكارلىقلاردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلىنىپ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشى، شۇنىڭدەك تەكرار كۆرۈلۈش ئەھۋالى ھەققىدە يۈرگۈزگەن مۇھاكىمىمىز ناھايىتى چەكلىك بولۇپ قالدى. لېكىن بۇ ماقالىدە تەبىئىي ئاپەتنىڭ يۈز بېرىشىدەك ئەمەلىي ئەھۋالغا دەسلەپكى قەدەمدە يېقىنلاشتۇق، مۇئەللىپ مۇشۇنىڭ بىلەن قانائەت تاپتى. e >7Ka\  
پايدىلانغان ئەسەرلەر: OSC_-[b-  
1. فۇ شۇەندۇڭ، جۇ جيەنگو ۋە لى دېيۈلەرنىڭ ماقالىلەر توپلىمى ، 2000- يىلى شىجياجۇاڭ خېبېي مائارىپ نەشرىياتى نەشرى %fh-x(4v  
2. دىڭ زەيشۈن: " ئۇيغۇرلارنىڭ بېشبالىق رايونىغا ھۇجۇم قىلىشى ۋە ئادىز ئۇيغۇر( 795 – 840 )لىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى" . " شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتى" 1998- يىل نەشرى، 64 - توپلام، 94 - بەت. |(Xxi  
3." يېڭى تاڭنامە " . 1975 - يىل بېيجىڭ جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى نەشرى. V 
4. شك زۇڭجېڭ: " قىرغىزلارنىڭ گۈللىنىشى " " مىللەتلەر تەتقىقاتى " 1996 - يىللىق 1 - سان، 93 - بەت. ZalL}?E ?  
5. " يېڭىدىن تۈزۈلگەن چېن زېئاڭ ئەسەرلىرى توپلىمى " . ۋېنيۇەن كۇتۇبخانىسى قامۇسلىرى ksYPF&l  
6. " كونا تاڭنامە " . 1975 - يىل بېيجىڭ جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى نەشرى = mhg@N4  
7. لياڭ شياۋدۇڭ: " كۆيدۈرگە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوللانمىسى " . 1995 - يىل بېيجىڭ جۇڭگو دېھقانچىلىق نەشرىياتى نەشرى g+C~}M_7  
pT; xoe   
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەخمەت جۈبەيرى 2k`Q+[?{q>  
مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىسى 2002 – يىللىق 2 – سان K-@ cn*6  
$@WA}\D  
Jb8%A@Z+  
يۇقارقى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخ تور بېكىتىگە تەۋە،قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە،تارقىتىشقا بولمايدۇ.سىزىلسە قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. !zfV (&  
o;pJjC]  
ZYz8ul$E  
Mo4igP  
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+1(uyghurbaligh) پۇلۇم ئاز ئى ..
  • پۇل :+20(قارائەتىرگۈل) ياخشى يازما
  • پۇل :+30(يەزر) ئەجىر
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-08 12:55 |
    tuyghular
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11367
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 312
    شۆھرەت: 315 كىشىلىك
    پۇل : 1206 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 120 نۇمۇر
    قوللاش: 118 نومۇر
    ئالقىش: 125 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 67(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھازىرچە ئۇرۇن ئېلىپ قۇيۇپ ئالدىرماي ئۇقۇپ چىقىمەن
    يۇرت قەدرىنى غۇربەتتە ئادادىن سورا.ۋىسال قەدرىنى ئاشىق گادادىن سورا. ۋەتەنسىز ھاياتتا نە مەنە،نە تەم. بۇنى ئۇز ئىلىدىن جۇدادىن سورا``````````ئا``````ئۇتكۇر      سىز مۇساپىر بولغانمۇ جاپا تارتقانمۇ؟
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 13:14 |
    erk uzun
    سىرداش
    ئۆزەڭدە يوق ئالەمدە يوق
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 2687
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1204
    شۆھرەت: 1702 كىشىلىك
    پۇل : 4132 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1027 نۇمۇر
    قوللاش: 1004 نومۇر
    ئالقىش: 1071 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 816(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نىمە دىگەن كۆپ
    armaninkas4
    ئاللاغا شۇكىرە
    بولمىساڭ ئىللق چىراي
    ئاچمىغىن دۇككان ساراي.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 13:21 |
    جىن
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22748
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 292
    شۆھرەت: 497 كىشىلىك
    پۇل : 1334 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 181 نۇمۇر
    قوللاش: 185 نومۇر
    ئالقىش: 196 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نەقىل
    بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىtuyghularنىڭ2009-01-08 01:14 PMدە يوللىغان يازمىسى  : ~5sH`w~vQ  
    ھازىرچە ئۇرۇن ئېلىپ قۇيۇپ ئالدىرماي ئۇقۇپ چىقىمەن &JHqUVs^  
    ^U[yk'!Y  
    Bl!R bh\  
    چوڭ ئىش قىلىدىكەنسىز ،ئەپتىڭىزدىن بۇنداق تىمىلارنى ئۇقۇيدىغاندەك قىلمايسىز .ئىنكاس يېزىش سېلىق بولمىغاندىكىن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازمىسىڭىز قانداق ؟
    تىل يېزىقىڭىزغا ھۆرمەت قىلىڭ .
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 13:26 |
    پەيلاسوپ
    مەن ساڭا ئۆچ!بىلەمسەن؟
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا تەشۋىقات ئەلچىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11529
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 4564
    شۆھرەت: 3630 كىشىلىك
    پۇل : 741 سوم
    تۆھپە: 60 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4708 نۇمۇر
    قوللاش: 4523 نومۇر
    ئالقىش: 4835 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەرۋاھلار
    توردىكى ۋاقتى : 583(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاڭلىمىغان بەزى مەزمۇنلار باركەن.... `6QQS3fk!  
    ئىنكاس بىلەن ساقلىۋىلىپ ئالدىرماي ئوقۇي جۇما....
    ئۆزۇڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي!
    ئۆزىنى مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن تەرەققىي قىلمىغان مىللەت كەلگۇسىدە يوقىلىدىغان مىللەت!!!!!!!
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 13:36 |
    ئىجتاھات
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 31806
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 121
    شۆھرەت: -1 كىشىلىك
    پۇل : 549 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -1 نۇمۇر
    قوللاش: -1 نومۇر
    ئالقىش: -1 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-26
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىلىۋالدىم  رەخمەت .
    izdax.com
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 13:36 |
    قوزام
    ئەخلاقىڭ بىلەن ياشا !
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 18431
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1414
    شۆھرەت: 2350 كىشىلىك
    پۇل : 146172 سوم
    تۆھپە: 510 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2061 نۇمۇر
    قوللاش: 1567 نومۇر
    ئالقىش: 2060 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    توردىكى ۋاقتى : 278(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ تىما كۆپ ھەم ئۇزۇن ھىساپلانمايدۇ . ^":Dk5gl  
    ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ ھالاك بۇلۇشى ۋە مىللىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە قېلىشى ھەققىدە يەنىمۇ كۆپرەك ئىزدىنىشىمىزغا ھەم تەھلىل قىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ . M +Jcg b]  
    بۇ تىمىنى يازغۇچى كورىيەلىك ئىكەن .، پايدىلانغان ماتىرياللىرىمۇ ساپلا خەنزۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان توپلام قوللانمىلىرى ئىكەن . PML +$  
    مىللىتىمىز قىسمەن كۆرۇرمەنلىرى بولسا  << ۋاي نىمىدىگەن كۆپ >> دەپ قۇيۇپ ئۇقۇشقىمۇ ئېرىنىپ ئولتۇرىمىز . مانا بىزنىڭ ھالىمىز ،.  
    قىز بالا ھاياسىز بولسا،ئۆزىنىڭ قەدرى-قىممىتىنى ساقلىمىسا،مەڭگۈ ئوغۇل بالىنىڭ ئالدىدا خار-زار بولۇپ ئۆتىدۇ.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 13:45 |
    پەيلاسوپ
    مەن ساڭا ئۆچ!بىلەمسەن؟
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا تەشۋىقات ئەلچىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11529
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 4564
    شۆھرەت: 3630 كىشىلىك
    پۇل : 741 سوم
    تۆھپە: 60 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4708 نۇمۇر
    قوللاش: 4523 نومۇر
    ئالقىش: 4835 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەرۋاھلار
    توردىكى ۋاقتى : 583(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نەقىل
    بۇ مەزمون6قەۋەتتىكىقوزامنىڭ2009-01-08 13:45دە يوللىغان يازمىسى  : H D95>%  
    بۇ تىما كۆپ ھەم ئۇزۇن ھىساپلانمايدۇ . V*U*_Y  
    ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ ھالاك بۇلۇشى ۋە مىللىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە قېلىشى ھەققىدە يەنىمۇ كۆپرەك ئىزدىنىشىمىزغا ھەم تەھلىل قىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ . /P-Eg86V'  
    بۇ تىمىنى يازغۇچى كورىيەلىك ئىكەن .، پايدىلانغان ماتىرياللىرىمۇ ساپلا خەنزۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان توپلام قوللانمىلىرى ئىكەن . (~<9\ZJs  
    مىللىتىمىز قىسمەن كۆرۇرمەنلىرى بولسا  << ۋاي نىمىدىگەن كۆپ >> دەپ قۇيۇپ ئۇقۇشقىمۇ ئېرىنىپ ئولتۇرىمىز . مانا بىزنىڭ ھالىمىز ،.   m+m,0Ey5H  
    F]SA1ry  
    مېنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ يىزىلغان ئۆز تارىخى ھەققىدىكى كىتاپلىرى چەتئەللەردە چىقىمىسا ياكى يوق بولسا كىرەك،.....
    ئۆزۇڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي!
    ئۆزىنى مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن تەرەققىي قىلمىغان مىللەت كەلگۇسىدە يوقىلىدىغان مىللەت!!!!!!!
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 13:49 |
    نىمىشقا
    ئىغىز تىتىغانغا ، كۆڭۈل تارتقا
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 19744
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 751
    شۆھرەت: 360 كىشىلىك
    پۇل : 1512 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 200 نۇمۇر
    قوللاش: 269 نومۇر
    ئالقىش: 353 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: زۇلپۇقار
    توردىكى ۋاقتى : 332(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇرلار ئۆمسىز .
    ئىللەت تۈزەلمىگىچە ، مىللەت تۈزەلمەس!!!
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 13:50 |
    ناز
    مەن ھامان سۈكۈتتە ......
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە باشقۇرغۇچى ئىلغار باشقۇرغۇچى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 23057
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1535
    شۆھرەت: 2233 كىشىلىك
    پۇل : 979386 سوم
    تۆھپە: 453 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2596 نۇمۇر
    قوللاش: 2377 نومۇر
    ئالقىش: 2484 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    توردىكى ۋاقتى : 226(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    موڭغۇل دالاسىدا سەلتەنەت سۇرۇپ،ئىمپىرىيە دەرىجىسىگە تەرەققىي قىلىپ،ئەينى زاماندىكى پۇتكۇل تۇركىي قەۋملەر ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان ئورقۇن ئۇيغۇر  خانلىقىنىڭ بىر ئەسىرگە يىقىن دەۋران سۇرۇپ تارىخ سەھنىسىدىن ئۆچۇشى ھەم مەغلۇپ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۇتۇن مىللەت سۈپىتىدە ئۈچ يولغا بۆلۇنۇپ كۆچۇشى قاتارلىق مەزمۇنلار پۇتكۇل ئورقۇن تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزمۇنلار ھىساپلىنىدۇ،تىما ئىگىسىگە رەھمەت،مۇشۇنداق تارىخى بىلىملەرگە تولىمۇ قىزىقىمەن ھەم قالدۇرماي ئوقۇپ چىقىمەن......تىخمۇ كۆپ قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
    http://www.agranum.cn/bbs
    كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.....
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 13:52 |
    sutukyar
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 30810
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 43
    شۆھرەت: 160 كىشىلىك
    پۇل : 375 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 32 نۇمۇر
    قوللاش: 25 نومۇر
    ئالقىش: 32 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 151(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مانا بۇ ھالاكەت ، مانا بۇ تىراگىدىيە . ئىتىپاقسىزلىق ، مەنپىئەت توقۇنىشى بىز خەلقنىڭ قىنىدا بارمىكىن دەيمەن . ئىناقسىز ئەلدىن ئانچە ئۇمىد كۈتۈشنىڭ ھاجىتى يوق . بىشىمىزغا نى نى قىسمەت ، ئىغىر كۈنلەر كەلگەندە ئىتپاقلىشالمىغان ھىلىمۇ شۇنداق . مەن ئوقىغان ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ماتىرىياللارنىڭ ھەممىسىدە شۇ ئىتىپاقسىزلىق .
    http://www.agranum.cn/bbs
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 14:15 |
    غېرىپ
    ئويغان ئۇيغۇرۇم!
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 1817
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1077
    شۆھرەت: 1228 كىشىلىك
    پۇل : 6267 سوم
    تۆھپە: 1 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 823 نۇمۇر
    قوللاش: 785 نومۇر
    ئالقىش: 880 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 245(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ بىرەر قۇر بىلىۋالدىم.. يەنە مۇشۇنداق ئۇيغۇر تارىخغا ئائىت تېمىلارنىڭ كۆپلەپ يوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...
    يانفۇن رېمۇنىت قىلىش تېخنىكىسى ۋە يانفۇن يۇمشاق دىتالىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز http://www.sadagsm.com/bbs كە مەرھەممەت قىلىڭ!
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 14:38 |
    ئابدىغىنىجان
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14581
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 277
    شۆھرەت: 357 كىشىلىك
    پۇل : 105227 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 216 نۇمۇر
    قوللاش: 193 نومۇر
    ئالقىش: 335 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 408(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇرلار ئۇيقىدىكى شىر
    بىلەمسەن گۈلۈم؟سىنى ئىزدەپ يەنە شۇ ھىلىقى تار كوچىغا كەلدىم،ئەپسۇس!ئۇ يەردە مىنى كۈتۈپ تۇردىغان سەن يوق ئىدىڭ،مەن ئىزدىدىم،ئىزلەۋاتىمەن!ھەر قانچە قىلساممۇ سىنى تاپالمىدىم!ئەنە،ئاۋۇ تونۇش دەرەخلەر،سىمۇنۇت يوللار،قىيسايغان تاملار،مەندىن سىنى سورغان ئىدى، مەن ھىچنىمە دىيەلمىدىم...............................................
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 15:01 |
    ساھىپقىران
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 17698
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 97
    شۆھرەت: 129 كىشىلىك
    پۇل : 1598 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 88 نۇمۇر
    قوللاش: 86 نومۇر
    ئالقىش: 93 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۈمۇدسىزلىك ، تەككەببۇرلۇق -ئادەمنڭ 2 چوڭ دۇشمىنى . 4l/hh|3@  
    تەككەببۇرلۇق -شەيتاننڭ ئىشى ، بىز نىمە ئۇچۇن دۇنيادىن زارلىنىپ ،قاخشاپلا ئۈتىمىز ؟ بىز مىللىتىمىزگە (توغۇرسى ئۈزىىزگە پايدىلىق ) نىمىش قىلالىدۇق؟ قارايدىغان بولساق بىلىملىك ،تالانتلىق كىشىلىرىمىز  بىزلەر ئۈچۇن نۇرغۇن ئەجىر قىلغان بولسىمۇ ، قىلغانلىرى ئاز كۇرۇنۇپ يەنىمۇ تىرىشىدىكەن ، ئەمما بىزدەك سۇلەتۋاز ئاقنانچىلار زاماندىن ، تارىختىن........زارلىنىپلا يۇرگەن ، تېخى نۇمۇس قىلماستىن 'ئىسلام دىننى تەرەقىياتىمىزنى بۇغۇپ قۇيدى ' بىزنىڭ ئەركىنلىگىمىزنى بۇغۇپ قويدى ' دەيدىغانلارنى كۆردۇم ،بىلسەك دىن پەننى چەكلىمەيدۇ ،ئەكسىچە ئىلىم-پەنگە دەۋەت قىلىدۇ ..... [?3]+xr :  
    زاماندىن زارلىنىش -ئاجىزلارنڭ ئىشى .
    ئادەملەردىن رەنجىمە كۇڭلۇم ،ئۇلارنڭمۇ سەرخىلى باردۇر
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 15:04 |
    erven_rummel
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 21825
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 396
    شۆھرەت: 478 كىشىلىك
    پۇل : 8677 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 640 نۇمۇر
    قوللاش: 452 نومۇر
    ئالقىش: 1070 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 431(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نەقىل
    بۇ مەزمون3قەۋەتتىكىجىننىڭ2009-01-08 13:26دە يوللىغان يازمىسى  : n}KF) W=  
    nitKX.t8  
    v5 |XyN"  
    چوڭ ئىش قىلىدىكەنسىز ،ئەپتىڭىزدىن بۇنداق تىمىلارنى ئۇقۇيدىغاندەك قىلمايسىز .ئىنكاس يېزىش سېلىق بولمىغاندىكىن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازمىسىڭىز قانداق ؟ I4[sf  
    #~3$4j2U(y  
    >K| 
    exemezni    kilsak  bolmamdu  ????????sakliwelep   kiyin  okuy  degangimu       gunamu ?????zuwa  negezni  yegep   oltur  segez  ber  kixi  sezni      yaba   yaki 阿Qkan  demaydu   !!!!!!
    ئۆلۈمدىن قورىقمايدىغان ئادەملەرلا ياشاشقا مۇناسىپ ....Erwin Rommel
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-08 15:52 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    • «
    • 1
    • 2
    • 3
    • »
    • Pages: 1/3     Go
    سەلكىن مۇنبىرى » تارىخ سەھنىسى