خىجىللىق
(ھىكايە)
ئاپتۇرى : ئەزىز ئىمىر يانغىن
دوستۇم ئادىلنىڭ <<128>>دىسكۇ كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولتۇرۇشقا كىچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن ،ئالدىراپ كىيىنىپ ، ۋىلسېپىتىمنى قۇيۇندەك چاپتۇرۇپ ماڭدىم . ئەمدىلا چوڭ يولغا بۇرۇلۇپ تۇرىشىمغا ، 50نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر مومايغا سۇقۇلۇپ يىقىلىپ چۈشتۈم .
ئورنىمدىن تۇرۇپ كىيىملىرىمدىكى توپا -چاڭلارنى قاققاچ مومايغا ئاچچىقىم كىلىپ سەت بىرنى ئالايدىم .
- ئادەم ئالدىرغاندا ، ماۋۇ قېرىنىڭ كاساپىتىدىن ...
بىردەمدىلا ئەتراپقا بىرمۇنچە كىشىلەر يىغىلىپ ،ھەممىسى ماڭا ئەيىبلەش نەزىرى بىلەن قاراشقا باشلىدى . ئارىدىن بىر قىز چىقىپ ،مىشىلداپ يىغلاۋاتقان موماينى يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى .
- ماۋۇ قېرىنى ئەمدى نىمە دەي ، ئادەمنى يىقىتىۋىتىپ يەنە خىيالىدا يوق يىغلاۋاتقىنىنى كۈرۈڭ ...
- شۇنداقتىمۇ بۇنچىۋالا قىلىپ كەتمىسىڭىز بۇلاتتى ،-دېدى بايىقى قىز ئوتتۇرغا چۈشۈپ .
- قىزىق ...سىزنىڭچە قانداق قىلسام بۇلاتتى ،- دېدىم مەنمۇ تەرىمنى تۈرۈپ .
- قېرى ئايالكەن ئەمەسمۇ ؟-دېدى قىز .
- قېرى بولسا مىنىڭ نىمە كارىم ؟ قېرى بولغاندىكىن گۆرىدە ياتماي ، بۇ يولدا نىمە بار ؟...
- قانداق بالىسىز ؟ ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ جۇمۇ . سىزنىڭمۇ ئانىڭىز باردۇ ؟!
توپلىشىپ تۇرغان كىشىلەر تۇشمۇ -تۇشتىن كىلىپ مىنى ئەيىبلەپ كىتىشتى . ئاچچىقىمدا يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتتىم . << تېخى ماۋۇ بىرسىنىڭ قانداق بالىسىز ؟ دىگەن گىپىنى كۈرۈڭ . مەن بىلەن نىمە كارى بۇ توڭ سويمىنىڭ ...>> ئىچىمدە شۇنداق دەپ قىزغا تازا بىرنى ئالايدىم .
- نىمە ؟ مىنىڭ ئانامنى چىشلەپ تارتىدىغانغا نىمىتىڭ سەن ،-دېدىم ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي ،- مىنىڭ ئانامچۇ قارا ، سەندىن ياش !
ئۇ گىپىمنى ئاڭلاپ ماڭا غەززەپ بىلەن قارىدى -دە ، يۈزلىرىنى ئەتكىنىچە كىشىلەر ئارىسىدىن چىقىپ كەتتى .
- قىز بالىغىمۇ مۇشۇنداق گەپ قىلغان بارمۇ ؟
- تازىمۇ بىر نامەرد نىمىكەن !
...
ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ مىنى ئەيىبلەشلىرىگە قۇلاقمۇ سالماستىن تىترەپ ، يىغلاپ تۇرغان مومايغا يەنە بىرنى ئالىيىپ قويدۇم -دە ، ۋىلسىپىتىمنى تارتىپ كىشىلەر ئارىسىدىن چىقىپ كەتتىم .
ئولتۇرۇش بەك قىزىپ كەتتى . ئەسەبىي چېقىراپ ئوتتۇرغا چۈشۈپ بەدەنلىرىمنى قالايمىقان ئېتىپ دىسكۇ ئويناۋاتسام ،تېلفۇنۇم تۇيۇقسىز سايراپ قالدى . تېلفۇننى ئىنىم سۇلتان ئۇرغان ئىكەن ، ئانامنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىنى ئېيتىۋىدى ، كاللامدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى .
- ئانا ، نىمە بولدىڭىز ؟- دېدىم كارۋاتتا ياتقان ئانامغا قاراپ ئىشىكتىن كىرە -كىرمەستىنلا .
- كەلدىڭمۇ بالام ،-دېدى ئانام بېشىنى سەل كۆتۈرۈپ ،-ئەنسىرگۈدەك بىر ئىشمۇ يوق ئىكەن ،بايا نەرسە كىرەك سېتىۋىلىش ئۈچۈن بازارغا چىقىپ ،ئۆزەمچىلا بېشىم قېيىپ يىقىلىپ چۈشۈپتىمەن . تەلىيىمگە بىر قىز ئۇچراپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدى . ئۆزىمۇ مۇشۇ دوختۇرخانىدا سېستىرا ئىكەن .
- باشقىچە ئۆزگىرىش يوقتۇ ، ئانا ؟ -دېدىم يەنىلا خاتىرجەم بۇلالماي .
- ئەنسىرمە بالام ، قېرىغاندا ئادەم شۇنداق بوپ قالىدىكەن ،-ئانام شۇنداق دەپ تۇرىشىغا بىرقىزنىڭ :
- بايا بىرسىمۇ مىنى قېرىتىپ ئانا قىلىۋالدى .سۆزلەپ بەرسەم كۈلۈپ كىتىسىز ... -دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى .
تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ ئارقامغا قاراپلا قېتىپ تۇرۇپ قالدىم .
- سىز ...؟- قىز مىنى كۈرۈپلا بىردىنلا تۇرۇپ قالدى .
- بۇ مىنىڭ ئوغلۇم ،-دېدىم ئانام ئىشىك تۈۋىدە تېخىچە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرغان سىستىرا قىزغا مىنى تۇنۇشتۇرۇپ .
شۇ تاپتا پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى خىجالەتچىلىك خۇددى تاغدەك بېسىۋالغان ئىدى .
2009-يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
ئاۋات .
[ بۇ يازمائالتۇنتەرپىدىن2009-01-16 22:00دە قايتا تەھ ]