ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىدا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مۇھىم بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار تارقاق قەبىلىدىن بىرلىككە كەلگەن خانلىق ئەتراپىغا ئۇيۇشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن. شۇنىڭدەك خانلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولغان ئۇيغۇر ئاتلىق قوشۇنىمۇ مىسلىسىز كۈچىيىپ، خانلىقنىڭ ياشناپ گۈللىنىشىنى تىنچ، خاتىرجەم مۇھىم بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ ماقالەمدە ئەنە شۇ ئۇيغۇر ئاتلىق قوشۇنىنىڭ ھەربىي تەشكىلى تۈزۈلۈشى ۋە ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە دەسلەپكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
1. قوشۇننىڭ ھەربىي تەشكىلى تۈزۈلۈشى
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىمۇ خۇددى ھۇنلارغا ئوخشاش ھەربىي فېئودال خاراكتېرلىك دۆلەت ئىدى. ئۇلار ھەربىي تەشكىلى تۈزۈم جەھەتتە ئەنئەنىۋى ئۇرۇق - قەبىلە تەشكىلىي ئاساسىدىكى ئونلۇق سىستېما بويىچە سەپ تۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان ئىدى. « ئونلۇق سىستېما بىلەن سەپ تۈزۈش شەكلى (十进法)، قەدىمدىن تارتىپلا شىمالدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بار ئىدى»① . ئونلۇق سىستېما بىلەن سەپ تۈزۈش شەكلى، ئاساسلىقى ئۇرۇق – قەبىلە تەشكىلىنى ئاساس قىلغاچقا، ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ئارىسىدا ئەسكەرلىرى باشلىقلىرىنى تونۇمايدىغان، باشلىقلىرى ئەسكەرلىرىنى چۈشەنمەيدىغان ئەھۋال ئاساسەن يۈز بەرمەيتتى. بۇمۇ ئۇلارنىڭ جەڭنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولاتتى. ئونلۇق سىستېمىغا ئاساسەن ئەسكىرى قوماندان بولغان ئون بېشى، يۈز بېشى، مىڭ بېشى، تۈمەن بېشى قاتارلىقلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار ئىدى. ئۇلار قورشاۋ ئوۋ جەريانىدا رەھبەرلىك قىلىش سەنئىتىنى داۋاملىق مەشق قىلىپ تۇرغاچقا، تەشكىللەش قابىلىيىتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى ئىدى.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە قوشۇن ئىلگىرىكى ھەرقانداق دەۋرگە قارىغاندا تېخىمۇ راۋاجلانغان ۋە مۇنتىزىملاشقان. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە، ئاۋام خەلق بۇرۇنقى چارۋىچى مىللەتلەرگە ئوخشاش تىنچ ۋاقىتلاردا ئىشلەپچىقارغۇچى، جەڭ ۋاقتىدا جەڭچى بولۇش ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالغاندىن سىرت، يەنە قاغان ئوردىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار ۋە مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك ھەربىي ئورۇنلاردا مۇنتىزىم ئارمىيە ۋە كەسپىي ئەسكەرلەرنى تۇرغۇزغان. بىزنىڭ بۇ كۆزقارىشىمىزغا ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر ئېلىدە ساياھەتتە بولغان مەشھۇر ئەرەب ساياھەتچىسى تامىم ئىبنى بەھرىنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرى دەلىل بولالايدۇ. تامىم ئىبنى بەھىرنىڭ ئېيتىشىچە، « ئىسسىقكۆل ئەتراپىدىكى بىر شەھەردە تولۇق قوراللانغان ئۇيغۇر قوشۇنىدىن 20 مىڭى بولۇپ، قاغان ئوردىسىنىڭ ئەتراپىنى قوغدايدىغان مۇھاپىزەتچىلەرلا 12 مىڭدىن ئاشىدۇ »② كەن. جۈملىدىن « كونا تاڭنامە . ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە » دىكى « قاغانغا بىۋاستە قارايدىغان رايونلار، شۇنىڭدەك پايتەختنىڭ ئۆزىدە جەڭگە قاتنىشالايدىغان جەڭچىلەرلا 50 مىڭ ئىدى »③ دېگەن بايانلاردىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىن ئايرىلغان دائىمىي ئارمىيە، يەنى مۇنتىزىم ئارمىيىگە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە يەكۈن چىقىرالايمىز.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىكى زور كۆلەملىك ھەربىي قوشۇننى كونترول قىلىش ئۈچۈن، بىر يۈرۈش مۇكەممەل ھەربىي تەشكىلى ئاپپارات ئورناتقان، يەنى قاغاننى مەركەز قىلغان ھالدا تۈركلەرنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يابغۇ، شاد، ئىلتەبىر، تۇدۇن، بىي ياكى بەگ، تارخان ۋە بۇيرۇق قاتارلىق ئەمەللەرنى تەسىس قىلىپلا قالماستىن، يەنە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىق تۈزۈمىگە تەقلىد قىلىپ، تۇتۇق، سانغۇن قاتارلىق ئەمەللەرنى تەسىس قىلغان.
1. قاغان. قاغان دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالى ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدارى بولۇپ، دۆلەتنىڭ بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلاتتى. قاغانلار ئاساسەن ياغلاقار ئۇرۇقىدىن بولۇپ، مىلادىيە 821- يىلى يىلىدىن باشلاپ قاغانلىق ھوقۇقى ئاتىئېز ۋە ئازار قەبىلىلىرىگە ئۆتكەن.
2. يابغۇ. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا قاغان بىلەن خاتۇندىن قالسىلا ئەڭ يۇقىرى ئەمەلدار بولۇپ، بۇ ۋەزىپىگە ئاساسەن تەخت ۋارىسلىرى قويۇلاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا خىزمەت كۆرسەتكەن ئەمەلدارلار ۋە قاغاننىڭ يېقىن ئۇرۇق – تۇققانلىرىمۇ بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنەتتى. « بايانچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى »دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇلار ئاساسەن بويسۇندۇرۇلغان قەبىلىلەرنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتى④.
3. شاد. شادلارمۇ ئاساسەن ئاساسەن قاغانلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن تەيىنلىنەتتى ۋە قەدىمقى ئەنئەنىگە ئاساسەن سول شاد ۋە ئوڭ شاد دەپ ئىككىگە بۆلۈنەتتى. شادلارنىڭ قولىدا ئەمەلىي ھەربىي بولۇپ، ئاساسەن قاغان ئوردىسىدىن يىراق جايلاردىكى قەبىلىلەرنى باشقۇراتتى ۋە شۇنداق جايلاردا ۋەزىپە ئۆتەيتتى.
4. ئىلتەبىر. ئىلتەبىر ھەربىي مەمۇرىي مەنسەپ بولۇپ، ئادەتتە ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنەتتى. ئۇلار ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئۆز قەبىلىسىدىكى كىشىلەرنى باشلاپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانسا، ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا ئۆز قەبىلىسىدىكى كىشىلەرنى باشلاپ ئۇرۇشقا قاتنىشاتتى. تۆۋەن دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەل بولغان ئون بېشى، يۈز بېشى، مىڭ بېشى قاتارلىقلار ئۇرۇق قەبىلىلەرنىڭ ئۆز ئىچىدىكى كىشىلەردىن تەيىنلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىلتەبىرلەرمۇ ئۆز قەبىلىسىدىكى جەڭچىلەرنىڭ ئاز – كۆپلىكىگە قاراپ مىڭ بېشى ياكى تۈمەن بېشىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى.
5. تۇدۇن. تۇدۇنمۇ بىر تۈرلۈك ھەربىي مەمۇرىي ۋەزىپە بولۇپ، ئاساسلىقى بويسۇندۇرۇلغان قەبىلىلەرنىڭ ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى. ئاساسەن قاغاننىڭ جەمەتىدىن ياكى ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىدىن تەيىنلىنەتتى. ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىمۇ ناھايىتى چوڭ ئىدى.
تۇتۇق، سانغۇن، ئەمىر لەشكەر قاتارلىقلارمۇ ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلار ئىدى. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا ھوقۇق گەرچە ئاتىدىن بالىغا مىراس قالسىمۇ، لېكىن قاغانلار تەخت ۋارىسىنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن بىۋاستە ھالدا يۇقىرى مەنسەپكە قويمايتتى، بەلكى يابغۇ، شاد قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە قويۇپ بويسۇندۇرۇلغان قەبىلىلەرنى باشقۇرغۇزۇش ئارقىلىق ھاكىمىيەت باشقۇرۇشنى ئۆگىتەتتى. بۇنىڭغا بايانچۇر قاغاننىڭ « ئاتام كۆلبىلگە قاغان ..... قوشۇن ئەۋەتتى، مېنى مىڭ بېشى قىلىپ ئەۋەتتى »⑤ دېگەن سۆزى ۋە بىلگە قاغاننىڭ « مەن 19 يىل شاد بولدۇم »⑥ دېگەن سۆزلىرى دەلىل بولالايدۇ.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا قوشۇننىڭ تۈرىمۇ كۆپ خىل ئىدى. بىزگە بۇ ھەقتىكى ماتېرىياللار تولۇق يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى ۋاستىلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ بەزى پاكىتلارغا ئىگە بولالايمىز. تامىم ئىبنى بەھىرنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە ئېيتىلغان « قاغان ئوردىسىنىڭ ئەتراپىنى قوغدايدىغان خاس قوشۇنلارلا 12 مىڭدىن ئاشىدۇ » دېگەن مەلۇماتتىن، بىز ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا خۇددى قارا خانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە قاغاننىڭ خاس قوشۇنى بولغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
قاغاننى قوغدايدىغان ساراي مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ بۇ دەۋردە نىمە دەپ ئاتالغانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، لېكىن « تۈركى تىللار دىۋانى » دا ئېيتىلغان « ياتغاق ۋە تۇرغاق » دەپ ئاتىلىدىغان ساراي مۇھاپىزەتچى ئەترەتلىرىگە بۆلۈنگەنلىكى چوقۇم. « تۈركى تىللار دىۋانى » دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ياتغاقلار ساراي مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەس، پەقەت كېچىدە نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان جەڭگىۋار قىسىم ئىدى. تۇرغاقلارغا كەلسەك، بۇلار ساراينى ياكى ھۆكۈمدارنى كۈندۈزى ساقلايدىغان قوغدىغۇچىلار ئىدى، « شۇنداقلا بۇ تەشكىلى ئاپپارات قارا خانىيلاردىن خېلى بۇرۇنلا مەيدانغا كەلگەن ئىدى »⑦ . بۇ ساراي مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقىنىڭ بۇ دەۋردە نىمە دەپ ئاتالغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بولمىسىمۇ، لېكىن « كۆلتېگىننى ئۆيگە قاراشقا قالدۇردۇق، دۈشمىنىمىز قارلۇقلار ئوردىغا بېسىپ كەلدى. كۆلتېگىن .... ئوردىنى قولدىن بەرمىدى .... »⑧ دېگەن بايانلاردىن، بۇ ۋەزىپىگە ئادەتتە قاغاننىڭ ئوغلى، ئىنىسى ياكى يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ قويۇلىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا قوشۇن يۈرۈشكە چىققاندا، مۇئەييەن تەرتىپ ئىنتىزام بويىچە ھەركەت قىلاتتى، يەنى ئۇلار قەدىمقى چارۋىچى مىللەتلەردىن قېلىپ قالغان ئەنئەنە بويىچە، قوشۇننى سول، ئوتتۇرا ۋە ئوڭدىن ئىبارەت ئۈچ بارگاھقا بۆلۈپ ھەرىكەت قىلاتتى. بۇنداق سەپ تۈزۈش شەكلى ـــ ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ ھالدا قورشاۋ ئوۋ قىلىش ئادىتىدىن كەلگەن بولغاچقا، ئۇيغۇر قوشۇنلىرى بۇ خىل سەپ تۈزۈش شەكلىگە ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىدى. بايانچۇر قاغاننىڭ « ئالدىن يۈرەر قوشۇنلىرىمنى ئەۋەتتىم »⑨ دېگەن سۆزىگە ئاساسلانغاندا، چوڭ قوشۇن جەڭگە ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى، كىچىكرەك بىر قوشۇن دۈشمەن ئەھۋالىنى رازۋېتكا قىلىش، توسالغۇلارنى بىرتەرەپ قىلىش ۋە دۈشمەن پىستۇرمىسىنىڭ بار – يوقلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالدىنئالا ئەۋەتىلگەن.
ئۇيغۇرلار كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەچكە، كۆچۈش جەريانىدا ئادەم ۋە مال – چارۋىلارنىڭ ئىچىدە قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سىرتتىن كېلىدىغان ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار قارارگاھنى جايلاشتۇرۇش ۋە مۇداپىئەلىنىش جەھەتتىمۇ ئەينى زاماننىڭ ھەربىي بىلىملىرىدىن مۇپەسسەل پايدىلانغان. شۇڭا ئۇلار ھەربىي يۈرۈش قىلىپ توختىغان چاغلىرىدا، ئاساسلىقى سۈيى ۋە ئوت – چۆپى مول بولغان جايلارنى قونالغۇ، ھارۋىلارنى قاشا قىلىپ ئايلانما گازارما تەييارلىغان. تامىم ئىبنى بەھىرنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، بۇ خىل ئايلانما گازارما ئادەم سانىنىڭ ئاز – كۆپلىكىگە قاراپ چوڭ – كىچىك بولاتتى. قاغان تۇرۇشلۇق ئايلانما گازارما 10 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمدىن تەركىپ تاپاتتى. ئات ۋە باشقا چارۋىلارنىڭ ھەممىسى ئايلانما گازارما ئىچىدە بېقىلغاچقا قېچىپ كېتەلمەيتتى⑩ . بۇ خىل گازارمىلار ئارقىلىق ھەم دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ قالغىلى ۋە ھارۋىلارنى ئىستىھكام قىلىپ دۈشمەنلەرگە زەربە بەرگىلى بولاتتى.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ جەڭلەردە داۋاملىق غەلىبە قازىنالىشىدا، ئۇلارنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات ئىشلىرىنىڭ ناھايىتى قولايلىق ئىكەنلىكى مۇھىم رول ئوينىغان. ئاياللار بۇ ئارقا سەپ تەمىنات ئىشلىرىنىڭ مۇھىم ئەزاسى ئىدى. چۈنكى ھۇن، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر يۈرۈش قىلغاندا خوتۇن – بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ماڭاتتى، بۇنىڭدا ئاياللار بىر تەرەپتىن ئارقا سەپ تەمىنات ئىشلىرىنى قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بالىلىرىغا جەڭ مەيدانىنى كۆرسىتىپ كۆزىنى پىشۇراتتى. بۇ ھەقتە « كونا تاڭنامە . ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە »دە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قېتىملىق يۈرۈشى بايان قىلىنىپ، « ئۇلارنىڭ قىران ئەرلىرى 4 مىڭ، چوڭ – كىچىك قىز – چوكانلىرىنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشىدۇ. جەڭ ئاتلىرى 40 مىڭ، كالا – قويلىرى ھەددى ھېسابسىز »[11] دەپ خاتىرىلەنگەن. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ خوتۇن قىزلىرىمۇ ئات مىنىشكە ناھايىتى ماھىر بولغانلىقى ئۈچۈن، يۈرۈش جەريانىدا سەپتىن چۈشۈپ قالمايتتى ۋە مال – چارۋىلاردىن خەۋەر ئالاتتى. ئېلىپ ماڭغان قوي – كالىلار ھەربىي تەمىنات ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. شۇڭا ئېلىمىز تارىخچىلىرى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى ئۆز ئەسەرلىرىدە تولۇق بايان قىلغان. مەسىلەن يەن يۈ ھۇنلارنى جازالاش توغرىسىدا ۋاڭ ماڭغا مەسلىھەت بەرگەندە، ئېغىر – يېنىك نەرسىلەرنى توشۇشتىكى قىيىنچىلىق ئۈستىدە توختىلىپ، « 300 كۈن ھېسابىدا ھەر بىر كىشىگە 18 خو ئاشلىق كېرەك، بۇنى كالىدىن باشقا نەرسە سۆرىيەلمەيدۇ. كالىنىڭ ئۆزىگە كېتىدىغان يەم – خەشەكنىڭ ئۆزىمۇ 20 خودىن ئاشىدۇ. ھۇنلارنىڭ يېرى قۇملۇق، سۇ ۋە ئوت – چۆپى ئاز، ئۇنى چارلاپ تېپىشىمىز لازىم. قوشۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ 100 كۈن بولار – بولمايلا كالىلار ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ تۈگەيدۇ. ئىشلىتىلمىگەن ئاشلىق كۆپ بولغاچقا ئادەملەر كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيدۇ .... ئېغىر نەرسىلەر شۇ پېتى تۇرغان، ئەمما كۈچ مادارى بار ئادەم ئاز بولغاچقا، تېز يۈرۈش قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ ھالدا دۈشمەنلەر ئاستا قاچقان ھالەتتىمۇ ئۇلارغا يېتىشىۋالغىلى بولمايدۇ. تەلەيگە يارىشا دۈشمەنگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا ئېغىر – يېنىك نەرسىلەر ئاۋارىچىلىك سالىدۇ » دەپ دېھقانچىلىق مىللەتلىرىنىڭ ھەربىي تەمىنات جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن چارۋىچى مىللەتلەردە بۇ خىل قىيىنچىلىق بولمايتتى. چۈنكى ئۇزۇن مەزگىل جاپالىق شارائىتتا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سوغۇققا، ئاچلىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولغانلىقى ھەم « ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولسا ئۆزىنىڭ ئېتىدىن بىرنى ئۆلتۈرۈپ ئاچلىقنى باسىدىغانلىقى ۋە ئۇسساپ قالسا بايتىلىنى سېغىپ ئىچىپ، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدىغانلىقى » [12] ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەمىناتىغا يۇقۇرىقىدەك ھەشەم كەتمەيتتى. شۇڭا ئۇلار « قوي ۋە ئاتلارنى ھەربىي تەمىنات قىلغاچقا ..... كېچە – كۈندۈز جىسەكچىلىك قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولمايتتى، قاشا سوقۇپ، ئاشلىق توشۇيمەن دەپ جاپا چەكمەيتتى »[13] . بۇمۇ ئۇلارنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى بىر ئارتۇقچىلىقى ئىدى.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا ئەسكەرلەرنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئولجا ئالغان نەرسىلەرنىڭ بىرقىسمى ئەسكەرلەرگە بۆلۈپ بېرىلىشتىن سىرت، يەنە ئۇرۇشتا ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە « ئاپا »، « كۈلچۇر »، « ئۆگە »، « ئېركىن »، « باغاتۇر »، « ئارسلان »، « بۆرى »، « كۈلۈگ »، « باغا » قاتارلىق شەرەپ ناملىرى بېرىلەتتى [14].
ئىزاھلار
① ئىبراھىم كافەس ئوغلى « تۈرك مىللى مەدەنىيىتى » 1982- يىل ئىستانبۇل تۈركچە نەشرى، 241- بەت.
② ⑩ [13] ياڭ شېڭمىن « ئۇيغۇر تارىخى » جىلىن مائارىپ نەشرىياتى، 1991- يىلى خەنزۇچە نەشرى، 137-، 138-، 139- بەتلەر.
③ [11] « كونا تاڭنامە » 5204-، 5202- بەتلەر.
④ ⑤ ⑨« بايانچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى ».
⑥ « بىلگە خاقان مەڭگۈ تېشى » جەنۇبىي يۈزى 9- قۇر.
⑦ رىشات گەنج « قارا خانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 377- بەت.
⑧ « كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى » شىمالىي يۈزى 8-، 9- قۇرلار.
[12] « قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ماقالىلار توپلىمى » 1956- يىلى ئالمۇتا رۇسچە نەشرى، 231- بەت.
[14] ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق « شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى » مىللەتلەر نەشرىياتى 1991- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 485- بەت
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى
ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي قورال - ياراق، مەشق ۋە ھەربىي تەشكىلىي تۈزۈمى ھۇن ۋە تۈركلەرنىڭكىگە ئاساسەن ئوخشاش ئىدى. ئۇيغۇرلار ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتە ئۇلارنىڭ بەزى ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلغان ئاساستا، ئۆزىگە خاس بولغان بەزى ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇللىرىنى ياراتقان ئىدى. ئۇيغۇرلار جەڭدە ئاساسلىقى ئاتلىق قوشۇن ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئاتلىق قوشۇننىڭ جەڭدىكى مۇھىم رولىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇرۇشتا ئالدى بىلەن دۈشمەننىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرىنى تولۇق يوقىتىشقا تىرىشاتتى. بىزنىڭ بۇ سۆزىمىزگە بىلگە قاغاننىڭ « بىرىنچى كۈنى تابغاچنىڭ 17 مىڭ ئاتلىق ئەسكىرىنى يوقاتتىم، ئىككىنچى كۈنى پىيادە ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتتىم »① دېگەن سۆزلىرى دەلىل بولالايدۇ. ئاتلىق قوشۇن ھەرىكەتچان ۋە جەڭگىۋار بولغاچقا، ئۇلار ئاتلىق قوشۇننىڭ يۇقىرىقى ئارتۇقچىلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. ئۇلار جەڭ قىلغاندا، كىچىك ئەترەتلەرگە بۆلۈنۈپ، دۈشمەن قوشۇنلىرىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەن قوشۇنلىرىنى ساراسىمىگە سېلىۋېتەتتى ۋە ئارقىدىنلا چوڭ قوشۇن باستۇرۇپ كېلىپ، دۈشمەن قوشۇنىنى قوغلاپ يوقىتاتتى. بۇ، ئەينى ۋاقىتتا دېھقانچىلىق مىللەتلىرىنىڭ ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئاۋال ھەر خىل ئۇرۇش سەپلىرىنى تۈزۈپ، ئۇرۇش سېپىغا تايىنىپ ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىغا قارىغاندا ناھايىتى زور ئىلغارلىق ھېسابلىناتتى. بۇنىڭدا، ئاتلىق قوشۇننىڭ سۈرئەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ، دۈشمەن قوشۇنى سەپ تۈزۈپ بولغىچە ئۇلارنىڭ سېپىنى بۇزۇۋېتىپ، ئۇلارنى يوقىتىش مەقسىتىگە يېتىلەتتى، ئاتلىق قوشۇننىڭ سۈرئىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، ھەركەتچانلىقىدىن پايدىلىنىپ تېز ئىلگىرىلەپ، دۈشمەننىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىقىپ ئۇلارغا تۇيۇقسىز زەربە ئارقىلىق دۈشمەننى يوقىتىش، ئۇلارنىڭ يەنە بىر تاكتىكىسى ئىدى. مەسىلەن: مىلادىيە 151- يىلى قىرغىزلارنىڭ قارلۇق قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بايانچۇر قاغان تېزلىكتە تەييارلىق قىلىپ، ئېرتىش دەرياسىدىن سال سېلىپ تۇيدۇرماي ئۆتۈپ، قىرغىزلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى تېخى يېتىپ كەلمىگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە بۇ جەڭدە غەلىبە قىلغانلىقى " مەڭگۈ تاش » لاردا خاتىرىلەنگەن. * 4
n)
مەڭگۈ تاشلاردىكى « ئالدىن يۈرەر قىسىملىرىمنى ئەۋەتتىم .... ئاتلىق پايلاقچىلارنى مېنىڭ يىگىتلىرىم يېڭىپ < تىل > قىلىپ تۇتۇپتۇ »② دېگەن خاتىرىلەردىن، ئۇيغۇر قوشۇنلىرى جەڭگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن، قاغان دائىم دېگۈدەك چاققان ئايغاقچىلارنى ۋە ئالدىن يۈرەر قىسىملارنى ئەۋەتىش ئارقىلىق دۈشمەن ئەھۋالىنى رازۋېدكا قىلىپ دۈشمەن ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش پىلانىنى ئالدىن تۈزىۋالىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. xIn:ZKJ'
ئۇلار يەنە جەڭ ۋاقتىدا كۈچلۈك دۈشمەنگە يولۇققاندا، ئۇنىڭ ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئارقا ياكى يان تەرەپتىن چىقىپ زەربە بېرىش تاكتىكىسىنىمۇ ئىگىلىگەن ئىدى. مەسىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىغا ياردەم بېرىپ « ئۆڭلۈك - سۆيگۈن توپىلىڭى »نى تىنجىتقاندا، دەل مۇشۇ تاكتىكىدىن پايدىلانغان ۋە توپىلاڭچىلارنى چېكىندۈرۈپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆز زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىشىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ھەققىدە « ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى »نىڭ 220- جىلدىدا « گو زىيى سەردارلىقىدىكى قوشۇن شىنديەندە باندىتلار بىلەن ئۇچراشقاندا، باندىتلار تاغ باغرىدا سەپ تۈزگەن ئىدى، گو زىيى دەسلەپكى ھۇجۇمدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. باندىتلار تاغدىن چۈشۈپ ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئۇيغۇرلار تاغنىڭ جەنۇبىدىن باندىتلارنىڭ ئارقا تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىپ، جاھاننى چاڭ - توزان قاپلاپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، باندىتلارغا قارىتىپ ئون نەچچە تال ئوقيا ئاتقاندىن كېيىن، باندىتلار ۋەھىمىگە چۈشۈپ < ئۇيغۇرلار كەلدى > دەپ چۇقان سېلىشىپ، تېرە - پىرەن بولۇپ كەتتى، پادىشاھلىق قوشۇن بىلەن ئۇيغۇر قوشۇنى باندىتلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، ئۇلارنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. دۈشمەن جەسەتلىرى پۈتۈن دالانى قاپلاپ كەتتى »③ دېيىلگەن بولسا، « يېڭى تاڭنامە » 217- جىلد « ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە »دە: « شاڭجى جېڭىدە پادىشاھ قوشۇنلىرى سەپ تارتقاندا، باندىتلار پادىشاھ قوشۇنىنىڭ سول تەرىپىگە ئاتلىق قوشۇن يوشۇرۇپ قويۇپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىماقچى بولدى. بۆكۈ قەيىن ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنى باشلاپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، يوشۇرۇنۇپ ياتقان باندىتلارنى تولۇق تارمار قىلىپ، باندىتلارنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتتى، ئاندىن جىڭشى، بېيتىڭ ساتراپى لى سىيې بىلەن دۈشمەنگە ئىككى تەرەپتىن ھۇجۇم قوزغاپ، باندىتلارنى مەغلۇپ قىلدى ۋە چاڭئەننى قايتۇرۇۋالدى »④ دەپ خاتىرىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تاكتىكىسى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىلگەن. ئۇيغۇر قوشۇنلىرى دۈشمەننى يەڭگەندىن كېيىن دۈشمەنلەرگە ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتى بەرمەسلىك ئۈچۈن، ئۇلارغا داۋاملىق قوغلاپ زەربە بېرەتتى. يەنى يۇقىرىقى ياردەم ئۇرۇشلىرىدىمۇ ئۇيغۇر قوشۇنلىرى شى چاۋيىنى يەڭگەندىن كېيىن، ئۇنى تاكى خېبېيغىچە قوغلاپ بېرىپ ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن توختىغان. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى بولغان پۇسادمۇ تۈركلەرنى مەغلۇپ قىلغاندا مۇشۇ خىل قوغلاش تاكتىكىسىنى قوللانغان ئىدى. ~TtiO#,t
كېچىدە ھۇجۇم قىلىش چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىشتىكى يەنە بىر خىل تاكتىكىسى ئىدى. چۈنكى دۈشمەنگە كېچىسى ھۇجۇم قىلغاندا، دۈشمەن قوشۇنلىرى باستۇرۇپ كەلگۈچىلەرنىڭ ئېنىق سانىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ساراسىمىگە چۈشۈپ قېلىپ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قوياتتى. ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ئاتلىق قوشۇننىڭ سۈرئەتتىكى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ دۈشمەن تەييارلىقسىز تۇرغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تۇيۇقسىز قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كېچىلىك ھۇجۇمى كۆپىنچە دۈشمەننىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلىشاتتى. مىلادىيە 764- يىلى ئۇيغۇر قوشۇنلىرى تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا ياردەملىشىپ، ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسى تەۋەسىدىكى لىنتەي دېگەن يەردە تۈبۈتلەرگە قارشى جەڭ قىلغاندا مۇشۇ تاكتىكىنى قوللىنىپ زور غەلىبىگە ئېرىشكەن⑤ . %TqC/
c
ئوتتۇرا ئەسىردە قوشۇنلارنىڭ يۈرۈش قىلىشى ۋە ئۇرۇش قىلىش ۋاقتى كىلىماتنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرايتتى، چارۋىچى مىللەتلەر ئاساسلىقى ئاتلىق قوشۇن ئىشلەتكەچكە، چارۋىچىلىق ئىشلىرىنىڭ پەسىل خاراكتېرىگە ئاساسەن، كىلىماتنىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ بەك ئۇچرايتتى. W+*
V)tf
ئۇيغۇرلار ياشىغان موڭغۇل دالاسىنىڭ ئىقلىمى قۇرغاق ھەم قىشلىقى سوغۇق ئىدى. شۇنداقلا ئاتلار ياز پەسلىدە يايلاقتا ئوبدان بېقىلغاچقا، كۈز پەسلىدە راسا سەمرىپ كۈچكە تولاتتى، شۇڭا ئۇيغۇرلارمۇ ھۇن، تۈرك قاتارلىق چارۋىچى مىللەتلەرگە ئوخشاش كۈز ۋە قىش پەسلىنى ئۇرۇش قىلىش ۋاقتى قىلىپ تاللايتتى. شۇڭا ئۇيغۇرلارمۇ كۈز ۋە قىش پەسلىدە جەڭگە چىقىپ، ئەتىياز كېلىشى بىلەن جەڭنى توختىتاتتى. \M-OC5fQv
ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ ھەرىكەتچان ئۇرۇش قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ بىر جايدا مۇقىم تۇرماي ئوت، سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرۈشى ـــ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىشىغا چەكلىمە پەيدا قىلاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا ياردەم قىلىپ ئۆڭلۈك - سۆيگۈن توپىلاڭچىلىرىنىڭ قولىدىن چاڭئەن بىلەن لوياڭنى تارتىۋالغانلىقىغا قارىغاندا، ئۇلار بەلكىم بۇرۇنقى ھۇن تۈرك قاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلىمىگەن شەھەر - قەلئەلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋە قوغداش تېخنىكىسىنىمۇ ئىگىلىگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى قارا بالغاسۇن، خاتۇنبالىق ۋە بايبالىقتەك شەھەرلەرنى بىنا قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرنى قوغداش ۋە ئىشغال قىلىش تېخنىكىسىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. بىزنىڭ بۇ يەكۈنىمىزگە ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ بېشبالىقنى تۈبۈتلەرنىڭ قولىدىن قايتۇرىۋېلىشى، شۇنداقلا ئۆز ئېلىنى قوغداش ۋە قولدىن كەتكەن زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇشلىرى مىسال بولالايدۇ، !r-F>!~
ئىزاھلار F0#
'WfM#
① « بىلگە خاقان مەڭگۈ تېشى » جەنۇبىي يۈزى، 9- قۇر [F7hu7zY8
② « بايانچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى » 7EJ+c${e.-
③⑤ ليۇ زىشياۋ « ئۇيغۇر تارىخى » مىللەتلەر نەشرىياتى، 1987- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 1- قىسىم، 1- كىتاپ، 102- بەت =~
gvZV-<
④ « يېڭى تاڭنامە » 6115- بەت.
تۇرسۇنجان ھېزىم " شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى " ژورنىلىنىڭ 2000- يىللىق 4- سانىدىن ئېلىندى. ئاپتور ۋە مۇنبەر باشلىقلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىماڭ.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا قوشۇننىڭ قوراللىنىشى ۋە ئۇيغۇرلاردا ھەربىي مەشق
wC*X4 '
ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺩﻩﺭﯞﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﻰ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﺎﻕ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ، ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ " ﺗﯧﻠﯥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﻳﻼﻕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺳﻪﮬﻨﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﺎﺭﺍﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ "① ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﺎﻳﻼﻕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﺩﻩﯞﺭ ﺳﯜﺭﯛﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻠﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ، ﻏﻪﺭﭖ - ﺷﻪﺭﻕ ﺳﻮﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﮬﻪﺳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﺘﻰ. ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﯞﻩ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ. ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﯕﻠﯜﻙ - ﺳﯚﻳﮕﯜﻥ ﺗﻮﭘﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺗﯩﻨﺠﯩﺘﯩﺸﺘﺎ ﺯﻭﺭ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻣﯘ ﺩﻩﻝ ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ.
VU#7%ufu&
1- ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ
P<-
@h1p,
ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﯩﯔ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺷﯘ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﮬﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺕ، ﺋﻮﻗﻴﺎ، ﻗﯩﻠﯩﭻ، ﻧﻪﻳﺰﻩ، ﻗﺎﻟﻘﺎﻥ، ﺩﻭﺑﯘﻟﻐﺎ، ﺳﺎﯞﯗﺕ، ﺳﺎﻟﻤﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﯩﺪﻯ. $~kA
B8z
ﺋﺎﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎﻳﻼﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﺎﺗﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﺕ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﻲ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﭼﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ " ﺋﺎﺕ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﻤﺎﻳﯩﺴﻰ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﺭﯛﻛﻰ ........ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ" ② . " ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﮔﻪ ﺗﯧﺘﯩﻴﺪﯗ " ③ ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺗﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭﺩﺍ ﻛﻪﯓ - ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺕ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، " ﻛﯚﻟﺘﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ "ﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﻟﺘﯧﻜﯩﻦ ﭼﺎﭼﺎ ﺳﻪﻧﮕﯜﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ (" ﻛﯚﻟﺘﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ " ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻳﯜﺯﻯ 33- ﻗﯘﺭ). ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ " ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻣﯩﻨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﻻﺗﺘﻰ "، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ " ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺗﯚﺕ ﺋﺎﺗﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﻻﺗﺘﻰ "④ . ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﻪﭖ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻻﺗﺘﻰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ " ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﻳﻪﭖ ﺋﺎﭼﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘﺳﺴﺎﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺑﺎﻳﺘﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﭗ ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﺍﺗﺘﻰ "⑤ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﻩ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻏﺎﺯﯨﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺋﯩﺪﻯ. +T+#q@
ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺰ ﺑﻪﺯﻯ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻗﯧﺰﯨﻠﻤﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻻﻳﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺑﯘ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻮﻗﻴﺎ، ﻗﯩﻠﯩﭻ، ﻧﻪﻳﺰﻩ، ﻗﺎﻟﻘﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﻰ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ " ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ " ﺩﻩ: " ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘ ﺋﻮﯞﻏﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ، ﻧﻪﻳﺰﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻗﺎﻟﻘﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺗﻼﻧﺪﻯ"⑥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. {RPI]DcO/
ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﻗﻮﺷﯘﻧﻼﺭ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻮﺳﯘﭖ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﺷﻤﺎ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﻪﻳﺰﻩ ﯞﻩ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﻗﻴﺎﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺟﻪﯕﺪﻩﺋ ﯨﺸﻠﯩﺘﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻤﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﻮﻗﻴﺎ ﺋﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻼ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ " ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻧﯩﺸﺎﻧﻼﭖ ﺋﻮﻕ ﺋﯜﺯﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺋﻮﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ"⑦ . ﺋﻮﻗﻴﺎ ﭘﻮﺭﻭﻗﻠﯘﻕ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﻛﻪﺷﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﻗﻴﺎﻏﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﯩﻠﻤﯘ - ﺧﯩﻞ ﺋﻮﻕ ﯞﻩ ﻳﺎﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻳﺎ ﭼﻮﯓ - ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻕ - ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻮﻗﻤﯘ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ ﺋﻮﻕ، ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺋﻮﻕ ﯞﻩ ﻣﻪﺷﻖ ﺋﻮﻗﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﺗﺘﻰ. Ul#
r
ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ ﺋﻮﻕ ___ ﺩﻩﺳﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮﯗﻕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎﯞﺍﻙ، ﺋﯘﭺ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﺷﯜﻙ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺳﯩﻼﺗﺘﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎﺷﺎﻕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﻼﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﻮﻕ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ ﯞﯨﯖﯩﻠﺪﺍﭖ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺋﻮﻕ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﮬﯘﻧﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، " ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﻪ "ﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﺷﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. x1<|hTPk
ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺋﻮﻕ ___ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﻛﻪﯓ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﻮﯞ ﺋﻮﯞﻻﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﻗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﯩﻘﻰ ﻣﯩﺲ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ " ﻛﺎﻣﺎﻧﺪﺍﺯﻻﺭ 50 - 60 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﻩ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﻪﻛﻜﯜﺯﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﻰ 160- 175 ﻣﯧﺘﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ "⑧ ﺋﻮﻕ ﻣﯘﺷﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. *^r}"in
ﻣﻪﺷﻖ ﺋﻮﻗﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺑﺎﺷﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻳﯘﻣﯩﻼﻕ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺑﺎﺷﺎﻕ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﯩﻼﺗﺘﻰ⑨ . ﺑﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﺷﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. |BYRe1l6l
ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﻳﺰﯨﻤﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﯓ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻧﻪﻳﺰﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﭽﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﺷﻤﺎ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﻩ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﺭﻭﻟﻰ ﺋﻮﻗﻴﺎﺩﯨﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ " ﮬﯘﻧﻼﺭ ﻳﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﺋﻮﻗﻴﺎ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻ - ﻧﻪﻳﺰﻩ "⑩ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ ﻳﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﺋﻮﻗﻴﺎ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻ - ﻧﻪﻳﺰﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﻟﺘﯧﻜﯩﻨﻨﯩﯔ " ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﻧﻪﻳﺰﻩ ﺳﺎﻧﭽﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ "، " ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﻧﻪﻳﺰﻩ ﺳﺎﻧﭽﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭽﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ " ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. 'fW-Y!k%
ﺳﺎﻟﻤﺎ ____ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺕ، ﻗﻮﻱ، ﻛﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻼﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﯕﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻜﺰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮬﯘﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﻛﯘﭼﺎﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﮬﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯘﻩﻳﺨﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﺕ ﭼﺎﭘﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺳﺎﻟﻤﺎ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺩﻩﻝ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ⑾ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻴﺎﺱ ﻗﯩﻼﻻﻳﻤﯩﺰﻛﻰ، ﮬﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﺭﯨﺴﻰ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺳﺎﻟﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ. ﺋﯘﻻﺭ ﺳﺎﻟﻤﯩﻨﻰ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﺭﺍﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﻟﻤﺎ ﭘﺎﺧﺘﺎ ﻳﯩﭗ، ﻳﯘﯓ ﻳﯩﭗ ﯞﻩ ﺗﯧﺮﻩ ﺗﺎﺳﻤﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺋﯩﺪﻯ. @+DX.9
" ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﯞﯗﺕ ﻳﻪﻟﻤﻪﺳﯩﮕﻪ ﻳﯜﺯﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻮﻕ ﺗﻪﮔﺪﻯ "⑿ ، " ﻣﯧﻨﯩﯔ ...... ﺳﺎﯞﯗﺕ ﺩﻭﺑﯘﻟﻐﺎ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ 500 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻧﯘﻡ ﯞﻩ ﭘﯩﻴﺎﺩﻩ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻢ "⒀ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﻴﺎ، ﻗﯩﻠﯩﭻ، ﻧﻪﻳﺰﻩ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻨﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻪ ﺩﻭﺑﯘﻟﻐﺎ ﺳﺎﯞﯗﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ. tBSW|0
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺗﯘﻍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻕ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﺭﻏﺎ، ﺳﯘﻧﺎﻱ ﯞﻩ ﺟﻪﯓ ﺩﯗﻣﺒﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻳﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﺍﺗﺘﻰ⒁ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ، ﻳﻪﻧﻪ ﺳﺎﻝ ﯞﻩ ﺗﯘﻟﯘﻣﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﭽﯘﺭ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﯩﯔ " ﺋﯧﺮﺗﯩﺶ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺑﺎﺷﻰ (ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﯧﺮﻯ)ﻧﻰ ﻣﯘﺯ ﻗﺎﭘﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺑﺎﺷﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻝ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ" ⒂ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ. ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ. u:b=\T L
1mJHued=6
ﺋﯩﺰﺍﮬﻼﺭ 3gzXbP,
① ﺋﺎﺑﯥ ﺗﺎﻛﯩﺌﻮ " ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯨﻴﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ " ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1986- ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ 8- ﺑﻪﺕ ZC8wA;!z^
② ③ ⒁⑦ ﻳﺎﯓ ﺷﯧﯖﻤﯩﻦ " ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ " ﺟﯩﻠﯩﻦ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1991- ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ 133- 135- ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﻪﻗﯩﻞ ('~LMu_
④ " ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﺴﻪ " 6135- ﺑﻪﺕ Hp?/a?\Xm
⑤ " ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ - ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ " 1956- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺭﯗﺳﭽﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ 231- ﺑﻪﺕ Va8&Z
⑥ " ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ " ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ 22- ﻗﯘﺭ `h;[TtIX4
⑧ ﻣﻮﺭﯦﻨﻨﻪﻥ " ﮬﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ " ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ 1988- ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 2- ﺳﺎﻥ (sj,[
⑨ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ " ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ " ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1981- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ 1- ﺗﻮﻡ 517- 556- ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ \NC3'G:Ii
⑩ ﺳﯩﻤﺎﭼﻴﻪﻥ " ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ. ﮬﯘﻧﻼﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﺴﻪ " ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1987- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ، 391- ﺑﻪﺕ N21smC}
⑾ " ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ " ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1980- ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ، 1- ﻗﯩﺴﯩﻢ 86- ﺑﻪﺕ QW"! (`K
⑿ " ﻛﯚﻟﺘﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ " ﺷﻪﺭﻗﻰ ﻳﯜﺯﻯ 32- ﻗﯘﺭ .V*^|UXbHi
⒀⒂ " ﺑﺎﻳﺎﻧﭽﯘﺭ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ " " ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﻧﻤﺎ " ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ 119- 120- ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ
v0y(58Rz.
2. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺩﺍ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﺷﯩﻖ
0$njMnB2l
KSL`W2}
W>LR\]Ti@
bZ6+,J
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ " ﺋﻮﻗﻴﺎﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﺎﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﺩﺍﻕ ﺋﯜﺯﯛﺷﺘﯩﻦ ﮔﻪﭖ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﺪﺍ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ "① ﺩﻩﭖ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﻴﺎﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺳﺎﺩﺍﻕ ﺋﯧﺘﯩﺸﺘﺎ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺑﻮﻻﻟﯩﺸﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﮬﯘﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﺎﺕ ﻣﯩﻨﯩﺸﻨﻰ، ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﺷﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. r=4eP(w=
" ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ . ﮬﯘﻧﻼﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﺴﻪ " ﺩﯨﻜﻰ " ﮬﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﺳﻪﺭﻛﻪ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺵ ﯞﻩ ﭼﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻻﻳﺪﯗ. ﺳﻪﻝ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﯜﻟﻜﻪ، ﺗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﻮﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﺎﻣﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺳﺎﯞﯗﺗﻠﯘﻕ ﭼﻪﯞﻩﻧﺪﺍﺯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ"، " ﻛﯚﻟﺘﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ " ﺩﯨﻜﻰ " ﻛﯚﻟﺘﯧﻜﯩﻦ 10 ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩﻙ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻧﺪﻯ. 16 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﺎﺗﻼﻧﺪﻯ "، " ﻗﺎﺭﺍ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ " ﺩﯨﻜﻰ " ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﺧﺘﺎﻳﻐﺎ ﺗﯧﯖﯩﭗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺧﺘﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﻱ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ. ﺋﯜﭺ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺑﺎﻻ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﮕﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﻻﺗﺘﻰ. ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺕ ﭼﺎﭘﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺭﻩﻟﻪﻳﺘﺘﻰ. 4- 5 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﯩﻐﺎ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﻮﻗﻨﻰ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ، ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﻮﯞ ﺋﻮﯞﻻﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ "② . ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﺷﻖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﯘﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ، ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﮬﻪﻝ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﮕﻪ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﺎﺕ ﻣﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺯﯗﻟﻘﻪﺭﻧﻪﻳﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﻮﻗﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﺴﺎ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺎﻥ ﺧﯘﺯﺧﯘﺭﻩﻧﺪ (ﺋﯚﺯ ﺋﻮﺯﯗﻗﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻳﯩﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ) ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. M(fTKs
ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻘﻤﯘ ﮬﯘﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﺪﺍ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺟﻪﯕﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ، ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺳﻪﭖ ﺗﯜﺯﯛﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﺗﯜﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﭘﯘﺳﺎﺩﻣﯘ " ﺋﻮﯞﺧﯘﻣﺎﺭ ....... ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺩﯨﮕﯜﺩﻩﻙ ﺳﻪﭖ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﺋﻮﯞ ﺋﻮﯞﻻﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﻯ " ③ . ﺳﻪﭖ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﺋﻮﯞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪﯞﻣﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﯘﺵ ﯞﻩ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﯞ ﺋﻮﯞﻻﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﯞ ﺋﻮﯞﻻﺷﻘﺎ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ، ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﯞﭼﯩﻼﺭ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﭖ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﺋﻮﯞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﯘﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻓﻮﺭﻣﺎﺗﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ، ﻣﺎﻧﺠﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺷﺎﯞ ﺋﻮﯞﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ.
"ﺭﯨﻢ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﻻﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ "ﺩﺍ، ﮬﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﺋﻮﯞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ: " ﺋﻮﯞ ﺋﻮﯞﻻﺵ ﮬﯘﻥ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻚ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ ..... ﭼﻪﯞﻩﻧﺪﺍﺯﻻﺭ ﻛﻪﯓ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺭﺷﺎﭖ، ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﻣﯩﻠﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﮬﺎﺳﯩﺮﻩ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻜﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﻩﻛﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﻳﺘﺘﻰ ....... ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﭼﻪﯞﻩﻧﺪﺍﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯛﺷﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﻍ ﺩﺍﯞﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ، ﺋﯧﻘﯩﻦ -ﺩﻩﺭﻳﺎ، ﺳﺎﻱ - ﺟﯩﻠﻐﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻪﺗﺘﻰ. ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺷﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻼﭖ ﻳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺋﺎﺕ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯ - ﺋﺎﺭﺍ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ ﺋﯩﺪﻯ. ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻮﯞ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ، ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ، ﯞﺍﻗﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﯧﺰ ﮬﻪﻡ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﯟﺍﻻﺗﺘﻰ. ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﺳﯩﻼ، ﻳﻪﻧﻰ ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﺭﺷﺎﭖ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﺳﻪﯞﺭﭼﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﯩﻼ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ "④ ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﺩﻭﺳﺴﺎﻧﻤﯘ " ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﯞﺍﺵ ﺋﻮﯞﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯ - ﻛﯚﭘﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺭﺍﺯﯞﯦﺘﻜﺎ ﻗﯩﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﮬﻪﺭ ﺋﻮﻥ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﻗﻮﺭﺷﺎﯞ ﮬﺎﻟﻘﯩﺴﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺳﻮﻝ ﻗﺎﻧﺎﺕ، ﺋﻮﯓ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﺋﻮﯞﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ " ⑤. ﺩﻩﭖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﻣﺎﻧﺠﯘﻻﺭﺩﯨﻤﯘ " ﺋﻮﯞ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﻮﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮬﻪﺭ 10 ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ..... ﺋﻮﯞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ" ⑥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺑﯩﺰ ﮬﯘﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻧﺠﯘ، ﻧﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻓﻮﺭﻣﺎﺗﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﺘﻪ ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ، " ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ " ﺩﻩ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭘﯘﺳﺎﺩﻧﯩﯔ " ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺩﯨﮕﯜﺩﻩﻙ ﺳﻪﭖ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﺋﻮﯞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ "ﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻕ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯧﻴﺘﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻗﻮﺭﺷﺎﯞ ﺋﻮﯞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ، ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﺎﻧﯧﯟﯦﺮ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﯩﯔ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﻘﻰ، ﮬﺎﯞﺍ ﻛﯧﻠﯩﻤﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﭺ - ﺗﻮﻕ ﻗﯧﻠﯩﺸﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﻏﯘﻗﻘﺎ، ﺋﺎﭼﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﻨﺎﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﻗﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺟﺎﭘﺎ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﺪﺍﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﺘﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺘﺘﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﭽﺎﻥ، ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﭽﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﻩﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻜﻰ " ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻜﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﮔﯘﻧﺎﮬﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ "، " ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﯩﺴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺎﺩﯨﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ "⑦ ﺗﻪﻙ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﮬﯘﻧﻼﺭ " ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﻮﺷﯘﻥ "، " ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ " ⑧ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﮬﻪﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺋﯩﺪﻯ. +n)9Tz5
j#6.Gq
ﺋﯩﺰﺍﮬﻼﺭ =T_g}pu
Ls%MGs9PI
① ﻳﺎﯓ ﺷﯧﯖﻤﯩﻦ " ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ " ﺟﯩﻠﯩﻦ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1991- ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ، 135- ﺑﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﻗﯩﻞ j@9T.P1
② ﻣﻮﺭﯦﻨﻨﻪﻥ " ﮬﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ " " ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ " ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ 1988- ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 2- ﺳﺎﻥ 94- ﺑﻪﺗﺘﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﻪﻗﯩﻞ _j3f Ar(V
③ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ " ﺗﯜﺭﻛﻰ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ " ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1981- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ، 1- ﺗﻮﻡ 156- ﺑﻪﺕ {8OCXus3m
④ " ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﺴﻪ " ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ 1986- ﻳﯩﻠﻰ 2- ﻧﻪﺷﺮﻯ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ 5196- ﺑﻪﺕ z:;CX@)*
⑤ ﻣﻮ ﺭﯦﻨﻨﻪﻥ " ﮬﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ " " ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ " ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ 1988- ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 2- ﺳﺎﻥ 84- ﺑﻪﺗﺘﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﻪﻗﯩﻞ 5m*,8 ]!-
⑥ ﺩﻭﺳﺴﺎﻥ " ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ " ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ 1962- ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ 1- ﺗﻮﻡ 156- ﺑﻪﺕ nK,w]{
⑦ ﻣﻮ ﺩﯗﯕﻴﻪﻥ " ﻣﺎﻧﺠﯘﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ " ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1958- ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ 64- 65- ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ =fbWz
⑧ " ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﺴﻪ " 6124- ﺑﻪﺕ، " ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ. ﺗﯘﺭﺍﻻﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﺴﻪ " 5345- ﺑﻪﺕ ]oxZ77ciL
تۇرسۇنجان ھېزىم " شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى " ژورنىلىنىڭ 1999- يىللىق 4- سانىدىن ئېلىندى. ئاپتور ۋە مۇنبەر باشلىقلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىماڭ.