مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ۋە سۆيۈملۈك ئىشنى باشلىۋالغان سەلكىن شېركىتىگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇيغۇر جەمىيىتى ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇنداق ئىلىم سورۇنىغا مۇھتاج. ئۆزلىكىنى ھەقىقىي تونۇشقا مۇھتاج. بىز پەقەت پەن-مائارىپ مەرىپەت ئارقىلىقلا ئۆزىمىزنى قۇتغۇزالايمىز. مەن باشقا تور بەتلەرنىڭمۇ سەلكىندىن ئۈلگە ئېلىپ كەڭ جامائەتكە ئىلىم سورۇنى يارىتىپ بېرىشتە باشقىچە ۋە ئىجابىي رەۋىشتە ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بۇ پىروگىرامما سەلكىننىڭ يېڭى يىلغا قىلغان ئەڭ ياخشى سوۋغىسى بوپتۇ. كەڭ تور ئەھلىنىڭمۇ مۇشۇنداق خەلق ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغان ئورگانلارنى قوللىشىنى ۋە ئالىملىرىمىزنى ناخشا مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىدىنمۇ دەششەت ياخشى كۆرۈشىنى، ئۇلارنى قوللىشىنى ناخشا-ئۇسۇل قىزغىنلىقىدىنمۇ بەكرەك ئالىملاردىن ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى كۆتۈرىشىنى ئۈمۈد قلىمەن.
تورداشلار، قېرىنداشلار، ئۇيغۇرۇم. يېڭى يىلىڭغا مۇبارەك بولسۇن. يېڭى يىلدا يېڭى نەتىجە بىلەن نۇسرەت قازىنىشىڭنى ئۇلۇغ ئاللاھ دىن تىلەيمەن.
[ بۇ يازما azat.ependi تەرپىدىن2009-01-01 01:11دە قا ]