سۈرەتلىك ناخشىلار يۈكلەن http://www.oymuluk.com كىچىك
ئۇيغۇرشاھ
Гэнгста  рэп
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە باشقۇرغۇچى ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 8017
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 2565
شۆھرەت: 1683 كىشىلىك
پۇل : 791059 سوم
تۆھپە: 501 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3233 نۇمۇر
قوللاش: 2530 نومۇر
ئالقىش: 3271 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
توردىكى ۋاقتى : 1047(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ساراڭ

1
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى كـاپىتان نادىرلىدى .(2009-03-09)
                                            

                                                                                             ساراڭ

                                                                                             (ھېكايە)

مۇشۇ بىزنىڭ مەھەللىدە بىر شىپاڭ بار دەڭلا،ھەممەيلەن شۇ يەرگە يىغىلىپ ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشۈپ كېتىمىز.ئالامەت گەپ جىق دە،گاھىدا پاراڭ تۈگىمەي بالام چاقىرغىلى چۈشمىسە ئولتۇرىمەن تېخى شۇ يەردە .كۈندىلا شىپاڭ ئاستىدا ئادەم بار،زادى خۇدانىڭ كۈنىدە.شۇنداق ئولتۇرۇپ ئويلاپ كېتىمەن،بىز خەق ئىشتىن چۈشىمىز،شۇ يەرگە يىغىلىمىز،تېخى پىنسىيگە چىقىۋالغانلار ئەتىگەندىن كەچكىچە بار.قىش-ياز دىمەيدۇ،سوغۇقتا تىترەپ ئولتۇرۇپ شاھمات ئويناپ،ئىسسىقتا ئىنجىلاپ ئولتۇرۇپ قارتا ئوينىشىپ،بىر تەرەپتىن جاھاندىكى ئىشلار پىروگىراممىمىزنى باشلىۋالىمىزدە،لېكىن ئالامەت!يانار تاغنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ قويسىمۇ،شىمالىي مۇز ئوكيانغا يالىڭاچ ئاپىرىپ قويسىمۇ بىر پۇڭغا ئالماي ئىشىمزنى قىلىمىزدە.
بۈگۈنمۇ مانا ئىشتىن بالدۇرراق چۈشۈپتىكەنمەن،ئۆيگىمۇ كىرمەيلا،سوغۇق دىمەي باردىم شۇ يەرگە.مانا،تۇردىكام باشچىلىقىدىكى مەدداھلار پاراڭغا،قادىكام باشچىلىقىدىكى شاھمات شاھلىرى شاھماتقا چۈشۈپ كېتىپتۇ:
ــ ۋاي!كىلە ،كىلە،مانا كادىرىمىزدىن يەنە بىرسى كەلدى،پاراڭغا قېتىل...
ــ تېچلىقمۇ ئالىمجان ئۇكا،يېڭىلىق ئەپكەلدىڭمۇ؟كونىلقمۇ؟
ــ بۈگۈن ياشلارنىڭ ئالدى بوپ كەلدىڭ سەن،چىمپىيون مانا،مۇكاپاتىڭغا چېكىۋالامسەن بىر ئورام؟يەرلىك!سەنغۇ كادىر تاماكىسىدىن باشقىنى چەكمەيسەن...
ــ مان پاراڭغا نەق ئۈلگۈرۈپ كەلدىڭ...
ــ...... ...... ...... ...... ......
ــ مۇشۇ ئەنگىلىيەدە بىر خوتۇننى كۈچۈك تۇغۇپتۇ دەيدا؟!
ــ ۋاي مېڭىڭلا ئىمىناخۇن،شۇنداق خەۋەرگىمۇ ئىشەنگۈلۈكما؟
ــ ۋوي،ئـــاۋۇ كونسۇل كوچىسىنىڭ يېنىدىكى گېزىتچى باللا ۋارقىراپ ساتقىلى تۇرۇپتا،شۇ ناملىق گېزىتنى...
ــ قايسى كۈنى ھېلىقى ئوساكاما ھېلىقى،ئەمرىكىنىڭ يېڭى كاتتىبىشى...
ــ ياقەي،نىمە،ھېلىقى ئوباما نى دەملا؟
ــ ھە!دەل شۇ يىتىم!شۇنى ئۆلدى دەپ توۋلاپ ساتقىلى تۇرۇپتىكەن...
ــ ئەمسە يالغانكەن ئا كۈچۈك تۇغقىنىمۇ،يالغانچى گۇيلىكەن جۇما ئۇ گېزىتچىلە...
ــ ئۆلمىدىما؟
ــ ۋاي با ئۇ ئەدەم،نىمە قىلىدۇ خەقنىڭ ئۆلىمىنى تىلەپ دەيمەن...
ــ شۇ ئەمەسما؟
ــ ئەمما،لېكىن ئاجايىپ ئېسىل چاغدا ئامرىكىغا باش بولىۋالدى جۇما ئۇ!
ــ قايدا دەيلا؟
ــ ئا بۇش دىگەن ئاداش ئىراقنى بۇلاپ،نۇرغۇن پۇلنى تېخى خەجلەپ بولمايلا چۈشۈپ كەتتى ئەمەسما؟!
ــ ۋاي،راس...
ــ ۋاي بۇشمۇ بوش ئەدەم ئەمەس!كاسىغا(ھىسابات كارتىسىغا دىمەكچى)ئۇرىۋالغاندۇ جىق پۇلنى؟
ــ بەرھەق...
ــ ھەراس،كىچىك باللار سېغىز كەمپۇت چاينىمىسۇن جۇما!چوشقا يېغى ئارىلاشتۇرىدىكەن ئۇنىڭغا!
ــ ۋاي توۋا،بىزنىڭ ئىمرانجان بەك يەيدىغان...
ــ توسايلى باللىنى...
ــ يەيدىغان نېمىدىن جىق مەسىلە چىقىۋاتىدۇ جۇما!
ــ ئۆتكەندە سۈت پاراشوكىغا بىرسى زەھەر سېلىۋېتىپتىكەن!
ــ ھەئە،جىق بوۋاق بالا ئۆلەپ كەتتى...
ــ بىرسى قەستەن قەسلىگەن ئوخشايدۇ ھە...
ــ شۇ،بولمىسا زاۋۇت سەپ قويماس ھەرقانچە بولسىمۇ...
ــ قويۇڭلا ئاكىلارسىلەرنى!بۇرۇن ئىدارىدە خېلى كاللاڭلار ئىشلەيدىغان خەقتىڭلار،ئەمدى پىنسىيگە چىقىپلا مۇشۇنداق كوچا خەۋىرىگە ئىشنىپ...توۋا...كاللاڭلارنى ئىشلىتىڭلار،نەدىكى يالغان پاراڭغا....بىز نىمە بولدۇق،بىزنىمە قىلىۋاتىمىز،خەقچۇ؟دىمەي ......
ــ ۋاي ئۇكا!خىزمەت دەپ ساراڭ بوپسەن،ھەممە خەقنىڭ ئاغزىدا شۇگەپ،سەنـزە،خەققە قارشى يولدا مېڭىپ،كولومبو،ماگىللان بولاي دەپسەندە...
ــ ھاھاھاھا...
ــ دەششەت كەلدى!
ــ قويۇڭلار سىلەرنى!


                                            

مۇشۇ كۈنلەردە بىكار بولساملا سىرتلارنى ئايلىنىدىغان بولۇپ قالدىم.سىرتلاردىچۇ،ئادەم كۆرمىگەننى كۆرىدىغان،ئاڭلىمىغاننى ئاڭلايدىغان،بىلمىگەننى بىلىدىغان گەپكەن.ھېلىقى كۈندىن بېرى شىپاڭغا چىقماس بولىۋالدىم.نىمە ئۇ،مەدداھلار،ئالجىپتۇ!توختىماي ۋاتىلدىسا،ھېلىقىدەك بېلىقنىڭ ئىچى سۈرۈپ قاپتۇ دەپ،ئاقماس گەپ قىلىشىپ.خۇددى،بىرسى مۇئاش بېرىدىغاندەك ئۇنداق گەپلەرگە،جىڭ ساراڭ شۇلار ئەسلى!مانا مەندەك سىرتلارنى ئايلانسۇنچۇ،راسلا ئاجايىپ جىق ئىشلار بار...قاراڭغۇ بازارچىلارنىڭ تىمسىقلاشلىرى،بازار باشقۇرۇشنىڭ چاپىنىنى كەيگەن ئا دادۈيجاڭنىڭ گېدىيىشلىرى،يانچۇقچىلارنىڭ كۈپكۈندۈزدە غىتىلداپ بېرىپ خەقنىڭ يانچۇقىغا قولىنى جەينىكىگىچە تىقىشلىرى...ھە راس قايسى كۈنى قاراڭ،ئاپتۇبۇستا تېلفۇندا سۆزلىشىپ بولۇپ چاپاننىڭ مەيدە يانچۇقىغا سالدىم،كېينكى بىكەتتە شۇنداق چۈشەي دەپ قارىسام،قولۇمدا بىر دادامدەك ئادەمنىڭ بېغىشى سىقىمداغلىق تۇرىدۇ،قارىسام ئۇ ئادەمنىڭ قولىدا مېنىڭ تېلفۇنۇم،تېخى يالغۇز ئەمەسكەن،كەينىدە بالامدەك 5-6يانچۇقچىلىرى بار،ئاپتۇبۇستى مەن بىلەن تەڭ چۈشۈپ تېخى يانچۇقچىلىرىغا :«قېرىپتىمەن،لېكىن چانمىغانتى،ماندا ئوينىشىسەن بازار دىگەننى،ساراڭ گۇي،ياخشى ئارتۇق گەپ قىلمىدى...»دەپ كېتىپ بارىدۇ.توۋا دەپ تۇرۇپ قاپتىمەن.قاراپ تۇرۇپ «ساراڭ»دەيدۇ.
تۈنۈگۈن دەڭلا،ما ئەرگۇڭنىڭ يولىدا،بىر ياش گۇي،ھە دەپ بىر قىز بالىنى دۆشكەللەپ،تىللاپ،يۈرىدۇ.تېخى مەن يېنىغا بارغۇچە ئۇرۇپ،يەردە ياتقۇزۇپ،چىرقىرىتىپمۇ ئۈلگۈردى.بىر دەم قاراپ تۇرۇپ باقتىم،ھېچ توختايدىغان ئەلپازى يوق،تېخى ماڭا  «ئۇرايمۇ ؟توختايمۇ؟»دىگەندەك قارىۋېتىپ يەنە ئۇرىدۇ.ئا قىزبالىنىڭ يۈزىنى قانداق يۈزكىن دەپ قالدىم.ھەي!قاراڭلار،داپمۇ كۈچەپ چالسا يېرىلىپ كېتىدۇ،لېكىن ما قىزبالىنىڭ يۈزىگە شاپىلاق،تەستەك دىگەن يامغۇردەك تەگدى،شۇ پېتى،تېخى چىرقىرىمىغان بولسا يۈزىنى خروم ئوخشايدۇ دەپمۇ ئويلاپ بولغانتىم.ما بالىمۇ دادىسى ئەپ بەرگەن دۇمباقنى چالغاندەك چالغىلى تۇردى توختىماي.ئاخىرى ئا ئاۋازغا ،ئاۋۇ سۈپەتلىك«خىروم»غا مەن چىدىماي بۇ بالىنى توسىۋالمامدىمەن:
ــ ھوي،ھوي،ئۇكام!بولدى قىلە!ما قولاڭغا ئىچىڭ ئاغرىسۇن،ئاغرىمىدىما؟
ــ ... ... ... ــ يەنە ئۇرىۋاتىدۇ خىيالىدا يوق.
ــ ھـېـــــــــي!ئۇكـــــېـــم!توختىيە!قىز بالىنىمۇ شۇنچە ئۇرامدا؟!ئوغاۋالىمۇ نىمە سەن؟!
ــ ئوخخو!ئاكاڭزا !بۇ سېنىڭ قىزىڭ بولمىغاندىكىن ئىشىڭنى قىلساڭ بولمامدا؟!ساراڭمۇ...
ــ قىزىم بولمىغان بىلەن...
ــ ساراڭمۇ ما ئەدەم!ــ ئا تاياق يىگەن قىز بالا گېپىمنىڭ بىلىگىمۇ ئەمەس ،ئوشۇقىغىلا تېپىپ ئۇجۇقتۇرىۋەتتى،ــ ئۇرسا مېنى ئۇردى،سىزنى ئۇرمىغاندىكىن ئىشىڭىزنى قىلىپ يولىڭىزغا ماڭسىڭىز بولمامدا!توۋا،راس ساراڭكەن....ماڭە كەتتۇق...
  قاراپ تۇرۇپ قالدىم،ئا قىزۋالا داپلام ئەمەس ئېشەكنىڭ سۆڭگىچىكەن،دەپلا ھۆكۈم چىقىرىۋەتتىم.راسقۇ راس؟شۇنچە تاياقنى يەپ،توسىۋالغان گۇناھىمغا «ساراڭ»دەپ مىدالدىن بىرنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ،ئا لاتا گۇينى قولتۇقلاپ كېتىپ بارىدۇ ئەنە!توۋا ،توۋا...ئۆزەڭ ساراڭ...
شۇنداق ئاچچىقىم كېلىپ ئۆيگە كەلدىم.مانا سىرتقىمۇ چىقماسمىنا ئەمدى دىۋەتتىم ئاچچىقىمدا!ما ئاچچىقى كېلىپ،توڭلاپ، ئاران ئۆيگە كەلگەندە ئاياقنى شۇنچە قىپمۇ سېلىپ بولالمىغىنىنى ئادەمنىڭ...بىلىپ بىلمەي پۇتۇمنى سىلكىگىنىمنى بىلىمەن قارىسام تېلۋىزورنىڭ ئىكرانى ئايىغىمنىڭ پاشنىسىنىڭ شەكلىدىلا چېقىلىپتۇ.توۋا!نەسلا باسامدۇ....ئۇنىڭغىچە مانا خوتۇن سەكرەپ قوپتى:
ــ ۋوي!ئالىمجان؟توۋا...بايا ساپساق چىقىپ كەتكەن،ساراڭ بوپ كىردىڭىزمۇ نىمە؟
ــ ھەئە!مەن ساراڭ!


                                            

ئىشخانىغا كۈندىكىدىن بالدۇر كېلىپ مۇنبەرگە كىرىپ،يېڭى خەۋەر كۆرۈپ ئولتۇرسام باشلىق گۈلدۈرلەپ يۈگرەپ كىرىپتۇ:
ــ قوپاڭلا ئورنۇلىدىن...
ــ نىمە بولدى؟
ــ مېڭىڭلا...تېز...
ــ ۋاي نەگە؟نىمە بولدى؟
ــ ۋاي شەھەر باشلىقى كەلدى...
ــ ئۇ كەلسە نىمە بوپتۇ ئەمدى؟
ــ شەھەر باشلىقىنىڭ ئايالى بىزنىڭ ئىدارىغا يۆتكەلدى!
ــ نىمە بوپتۇ يۆتكەلسە؟
ــ ساراڭمۇ ما ئاداش،مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بوپ كەلدى!
ــ نىمە بوپ كەلسە كارىم يوق!چىقىڭلا ئۆزەڭلا!ــ ساراڭ دىگەن گەپ تىتاڭ تومۇرۇمغىلا تەگدى.
*******************************************************************************************************************
يېڭى كەلگەن «كۆپكە ماھىر»،«ئىقتىدارلىق»مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يىغننى ئالامەت ئېچىپ قويىدۇ جۇمۇ،تىلغا بايلىقىدىن،5مىنۇتلۇق گەپنى«يىغىنچاقلاپ»1سائەت سۆزلەيدۇ.ۋاي توۋا دېمىسەم دىگۈم كېلىدۇ.دىسەم توۋا دىگۈچىلىكى يوققۇ ،چۈنكى ئۇ ھەقىقىي ساراڭ!
كۈندە سۆيۈملۈك شەھەر باشلىقىنىڭ شوپۇرى ئۇنى ئىدارىغا توشۇيدۇ،ئەلۋەتتە ئىدارىغا خالىغان ۋاقىتتا كېلىدۇ-كېتىدۇ.كەلسە شۇ يىغىن ئاچىدۇ.بولمىسا ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ تورغا چىقىدۇ.خۇشامەتچىلەر توختىماي يەيدىغان ئىچىدىغاننى توشۇيدۇ.
توۋا دىمەي دىسەم دېگۈدەك ئىش بولدى!مۇنبەر ئويناپ ئولتۇراتتىم،بىر مۇنازىرىگە كىرىپ قالدىم،قارىسام بىرئايال ھە دەپ ئۆزىنىڭ ئاناتىلىنى سۆكىدۇ!تازا قاتتتىق مۇنازىرىلىشپ كەتتۇق!تېخى سىز قايسى ئىدارىدە ئىشلەيسىز؟مەن سىز بىلەن يۈز تۇرانە مۇنازىرىلىشەي دەيدۇ.دەپلا ۋەتتىم،ئىدارامنى،ئىسمىمنى.ئاچچىقىمدا ئەمدى بىرتال تاماكا چىكەي دەپ تۇرسام بىزنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خانىمنىڭ «خىزمەتكارى»چاقىرىدۇ:
ــ ئالىمجان،سىزنى باشلىق چاقىرىدۇ!
ــ قايسى باشلىق؟!!
ــ مۇئاۋىن...
ــ ھە........
ــ كەلدىڭىزمۇ ئاناتىل سۆيەر،مىللەتپەرۋەر غوجام!ــ كىرىشىمگىلا سۆزلىگىلى تۇردى.
ــ ۋوي!سىزمىدىڭىز ئا مۇنبەردىكى؟!!
ــ ھەئە مەن!دەۋىرنىڭ كەينىدە قالدىڭىزمۇ يا؟ساراڭمۇ سىز؟!ما قايسى زامان دىمەي،ئانا تىلىم مىللىتىم دەپ!توۋا!
ــ ھوي!جانابىي،سۆيۈملۈك،ئېرىنىڭ ھوقۇقىغا ئىشىنىدىغان خانقىز!سىزچۇ قاراڭ،پىشانىڭىزنى سىلىۋېتىپ،مىللىتىم نىمە؟دەپ بېقىپ،ئاندىن كېلىپ ئالدىمغا ئۇيغۇرنى سۆكۈڭ جۇمۇ!مىللەتتىن تانسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى!دۆلەت تىلىنى ئۆگەنسۇن،لېكىن ئاناتىلنى ئۇنتۇمىسۇن ھەرقانداق كىشى!
ــ ھاھاھا،باشلانغۇچقا ئوقۇتقۇچى بولىدىغان بىرنىمىكەن ئەسلى بۇ!
ــ ۋاي ماڭەسەت ھازازۇل ساراڭ!باشلىقلىقىڭ ئۆزەڭگە!نەدىن كەپ قالغان جەددال بۇ؟!يوقال ماڭ!
شۇ ئاچچىقىمدا ئۇ ئىدارىدا ئىشلىمەيلا قويدۇم!نىمە كەپتۇ ،راسلا نېرۋىسىنىڭ ۋېنتىسى كەم ئۇ ساراڭ خوتۇننىڭ،توۋا دەيمەن!تېخى ئىدارىدىكىلەر مېنى ساراڭ بوپسەن دەيدۇ.راس!مەن ساراڭ،بىكار دىن خەققە غالچىلىق قىلمىغاندىكىن،مىللىتىدىن يانمايلا تانالايدىغان ساراڭغا يانتاياق بولمىغاندىكىن،مەن ساراڭ!توۋا،بولدىلا ھەي،بۇنداق قىينىلىپ ئىشلىگەندىن ئىشسىزلىق ياخشىغۇ ھە؟!شۇڭا مەن ساراڭ بولغاچ ئىشلىمەيلا قويدۇم....راس ساراڭمىكەنمەن؟!


                                            


ئۆيدە بىكارچىلىقتا تورغا چىقىپ ئولتۇرسام،بىر ئاغىنەم ئىزدەپ كەپتۇ.كىچىكىمدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغانتۇق،ساكا ئاغىنەم بولىدىغان.ئاداش،ئاغىنىلەر يىغىلغان،بىرەر رېستۇراندا ئولتۇرايلىمىكىن دىگەن،دەيدۇ.بوپتۇلا،بىر بېرىپ كېلەي ،ئۇزاق بوپتىكەن ئاغىنىلەر بىلەن ئولتۇرمىغىلى دەپ بېرىپ قالغىنىمغا يەنە ساراڭ بولمامدىمەن شۇ!مەنمۇ ساراڭ،بىكار قالغاندەك شۇيەرگە بارغاندىكىن.تېخى رېستۇرانغا كىرەر كىرمەيلا نېرۋام ئۆرلەپ قالدى!قارىسام رېستۇران ئالدىدا بىرقىز بىر قولىدا دەرەخنى يۆلەپ تازا قاتتىق ھۆ قىلىپ قۇسىۋاتىدۇ،مەس ئەلەس،تۈگىشىپلا كېتىپتىكەن!يېنىدا 2-3 ئوغۇل-قىز قاراپ تۇرىدۇ،خۇددى بىرسى دىسكو ئوينىسا قالغىنى چۆرىدەپ تۇرغاندەك.ئەتراپ قۇسۇق پۇراپ كەتتى!شۇ قىزنىڭ قۇسۇقى نىمە بۇرايتتى؟ھاراق پۇرايدۇ ھاراق!
ــ ئانىڭغا قارا،ئا يېنىدىكى ئوغۇلبللا ئوغۇلبالىمۇ يا لاتا،لامزەللمۇ؟
ــ ۋاي ساراڭمۇ سەن؟ماڭە بولدى،خەقنىڭ ئىشىغا ئارلاشماي...
ــ ھەي!توختىيە!سەنمۇ ئەركىشىمۇ ھەي!قاراپ تۇرۇپ دەۋاتقان گېپىنى...
ــ ۋاي ئىشىڭنى قىلساڭ بولمامدۇ ،بىكار خەقنىڭ ئىشىغا ئارلىشامسەن؟
ــ شۇ ،ئارلىشىمەن،قويە مېنى!
ــ ئۇ يا سېنىڭ ئاچاڭ،يا سىڭلىڭ بولمىسا...
ــ ئۆتە خۇمسى!دەۋاتقان گېپىنى!ــ راۋۇرۇس ئاچچىقىم كەلدى،كىچىكىدە خېلى بىر ئوغۇلبالا ئىدى بۇ ئاغىنەم،ــ سېنىڭ ئاچاڭ،سىڭلىڭ بولمىغان بىلەن،مىللەتنىڭ ئانىسى!!!
ــ توۋا...
ــ توۋا دىمەي ئۆتە نېرى...
ــ مانا!ساراڭ بوپسەن!
بارغانچە بېرىپ ئا قىزنىڭ چېچىدىن تۇتۇپلا سۆرەپ ئاپىرىپ يول بويىدىكى دۆۋلەپ قويغان قارغىلا تىقىۋەتتىم.سۆيۈملۈك ئاغىنىلىرىم،ئەتراپتىكى خەق ماڭا قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇراتتى.ھېلىقى زابوي قىزچاقنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرۇشقان «ئەركەك»لەر بولسا ماڭا قاراپ،قەدىمكى زاماندىكىلەر ئايروپىلاننى كۆرگەندەك،ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن ،بايىقى جايىدا دەلتە چىراي تۇرۇشاتتى. ئەمدىچۇ،مانا گۈلدۈرلەپ كېلىپ ئۇ دەلتىلەر،مەن بىلەن ئۇرۇشقىلى تۇردى،كىچىك ،ياش باللا كەن دەپ ئايىمىسام مۇش ئېتىۋاتسا،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ تازا قويدۇم ،بىرچاغدا ساقچى كەپمۇ قاپتۇ.ما ساقچىخانىغا باردۇق،ما ساقچىلارمۇ ۋەقەنىڭ جەريانىنى ئاڭلاپ،«ۋاي ئاكا،سىز ساراڭمۇ؟»دەيدۇ!ئۇلارچە قىلغىنىم توغرا ئەمەسكەن!دۆلەتنىڭ قانۇنىدا قىزبالا ھاراق ئىچسە بولمايدۇ دەيدىغان گەپ يوقكەن،؛ېكىن ما يۈرەكنىڭ،ۋىجداننىڭ قانۇنىدا بولسىمۇ بولۇشى كېرەكتى!توۋا!شۇ مەن مۇشۇنداق «ساراڭ»!



                                            

مەنبە:قەلىمىم.
[ بۇ يازماكـاپىتانتەرپىدىن2009-03-09 17:38دە قايتا ت ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+1(نامران)
  • پۇل :+30(ئەمەتجـان) تەقدىرلەشكە ..
  • ياخشى باھا:+20(ھېسلىرىم) نادىر ئەسەر !
  • شۆھرەت:+30(نەرگىزە) بەك يازىدىغا ..
  • salkin mtv
    باشقىلار كۆكتە  ئۇچـۇپ ،  سـۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق!
    مەن مىسال يالاڭ ئاياغ دەسسەپ تىكەن  ماڭارىمەن!
      ـــــــــــ ئا.ئۇيغۇر
    http://blog.salkin.cn/48**    
    «ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىمدىن نومۇس قىلىمەن!»دېيىشكۈچىلەر!ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىڭدىن ئەمەس!ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇردەك ياشىيالمىغانلىقىڭدىن نومۇس قىلىش !!!
    ***********************************************************
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-31 10:53 |
    شوركا
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 15036
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 175
    شۆھرەت: 186 كىشىلىك
    پۇل : 1038 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 199 نۇمۇر
    قوللاش: 182 نومۇر
    ئالقىش: 243 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 104(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-05
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئوھوي....ئادىرماي ئۇقۇي جۇمۇ بۇنى خىلى ياخشى يىزىلغاندەك تۇرىدۇ.
    salkin mtv
    نۇرغۇن كىشىلەر ئۈزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىۋالىدۇ....
    لىكىن ئۇلار ئسلام كۈرسەتكەن ئشلار نى  قىلما يدۇ
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 11:05 |
    erk uzun
    ھەمراچۇق
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31563
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 339
    شۆھرەت: 243 كىشىلىك
    پۇل : 1156 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 36 نۇمۇر
    قوللاش: 36 نومۇر
    ئالقىش: 36 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 36(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىز قېرىغاندا ساراڭ بوپسىز .ئەسلى ھەممىمىز بالدۇرلا ساراڭ بولۋالساق ياخشى بولاتتى.......................................؟
    ئەي قۇياش يوق سەندەك كەزگۇچى ئالەم.
    ماڭمۇ يول كۆرسەت.يولۇچىدۇرمەن ھەم.
    شۇ ھايات يولىدا كۆردىڭمۇ بىر كۇن.
    يۇزى داغسىز.دىلى دەرىتسىز بىر ئادەم.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 11:16 |
    0903ساردار
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32465
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 402
    شۆھرەت: 612 كىشىلىك
    پۇل : 1557 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 85 نۇمۇر
    قوللاش: 83 نومۇر
    ئالقىش: 90 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 277(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك  ياخشى يېزىب سىز رەخمەت سىزگە
    ياخشىلىققا  يامان  لىق  دىگەن  مۇشۇدە
    بەك كۈلكىلىك ئىشلا كەن  
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 11:24 |
    بولاق ئۇزۇن
    كەچمەس
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 24535
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 407
    شۆھرەت: 329 كىشىلىك
    پۇل : 1936079 سوم
    تۆھپە: 2 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 230 نۇمۇر
    قوللاش: 232 نومۇر
    ئالقىش: 228 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: *ئۇيغۇرشاھ*
    توردىكى ۋاقتى : 624(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن سەلكىن مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ كىرگەندىن بۇيان سىزنىڭ  تىمىلرىڭىزنىڭ ئىچىدە مەن ئەڭ ياقتۇرغان تىما مۇشۇ .
    salkin mtv
    كۈرەشچان بالىلار قوغلۇشۇپ يىللار ،
    كۈرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ .
    ئاخشام بەخىت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار ،
    قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ .
                                                      ل . مۇتەللىپ
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 11:26 |
    www.nixan.cn
    كوكسۇلتان
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 26417
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 28
    شۆھرەت: 15 كىشىلىك
    پۇل : 113 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 15 نۇمۇر
    قوللاش: 15 نومۇر
    ئالقىش: 15 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 198(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    PAH YANA BIR UZUMQI YARAYSIZ
    salkin mtv
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 11:51 |
    www.nixan.cn
    りۋىجدانヤ
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 27152
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 182
    شۆھرەت: 173 كىشىلىك
    پۇل : 1392 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 237 نۇمۇر
    قوللاش: 205 نومۇر
    ئالقىش: 317 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-31
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى يېزىپسىز .   رەخمەت
    salkin mtv
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 11:51 |
    www.nixan.cn
    ناز
    بۇ دۇنيانىڭ قىسمەتلىرى كۆپ!
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە باشقۇرغۇچى ئىلغار باشقۇرغۇچى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 23057
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 1994
    شۆھرەت: 1685 كىشىلىك
    پۇل : 6450 سوم
    تۆھپە: 503 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2641 نۇمۇر
    قوللاش: 2412 نومۇر
    ئالقىش: 2533 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: *ئۇيغۇرشاھ*
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇشۇ كۇنلەردە شاھ ئاكامنىڭ تىمىلىرى بىر-بىرىدىن ئىسىل چىقكىتىۋاتىدۇ دىسە ....
    «توردىكى مۇھەببەت»نىمۇ شۇنداق ياخشى يىزىپتىكەنسىز ،ماۋۇ ئەسەرمۇ بەك
    ياخشى چىقىپتۇ......   
    salkin mtv
    ھايا-ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر،ۋەھالەنكى،ئىمانلىق كىشى جەننەتتىدۇر!
    سۇلتان بولۇپ خان ئۆتكەن،ئۇيغۇرۇمسەن جاھاندا،ئالەم شاھىد بولغانتى،سەن تارىخنى يازغاندا...........!!!!!
    مېنىڭ يۇرتۇم ماڭا زۇلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۇر،مېنىڭ خەلقىم ماڭا بىخىللىق قىلغان تەقدىردىمۇ سىخىيدۇر!
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 12:04 |
    ئەركىن قۇياش
    ...كىم مىنى بوزەك دەيدۇ ....
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 24172
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2630
    شۆھرەت: 1776 كىشىلىك
    پۇل : 11215 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1835 نۇمۇر
    قوللاش: 1784 نومۇر
    ئالقىش: 1490 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: شادلىق
    توردىكى ۋاقتى : 226(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى ئەسەرلەرنى يازىدىغان بۇلۇپ كىتىۋاتىسەن جۇمۇ.....
    ياخشى ئەسەرلىرىڭىنىڭ تىخىمۇ كۆپلەپ چىقىشىغا  ئىشىنىمەن............
    salkin mtv
      
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 12:38 |
    ئۇيغۇرئاي
    Try Not To Cry
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 88
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 512
    شۆھرەت: 441 كىشىلىك
    پۇل : 28410 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 514 نۇمۇر
    قوللاش: 373 نومۇر
    ئالقىش: 660 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى : 220(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاسماندىكى لەگلەكنىڭ يانچۇقىدا 3 كوي بار
    ئىگىز تاغقا چىققاندا،پايپىقىمنى كىم ئالار؟

    مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىنىڭ مۇشۇ قىزىقارلىق قۇرلىرىنى ئسىمگە سىلىپ قويدىڭىز

    ئەسەرلىرىڭىز ساپ دىھقان تىلى بىلەن يىزىلغاچقا ئادەمگە باشقىچە ھۇزۇر ئاتا قىلىدىكەن

    قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن
    salkin mtv
    ئاسانمۇ تۇغۇلۇش ئىنسانغا شۇنچە،
    كەلسىمۇ سائىتى ھاياتتا ئۆلۈش.
    ۋە لىكىن مۈشكۈلدۇر ھەممىدىن مۈشكۈل،
    چىن دىلدىن سۆيگەننى سۆيۈش،سۆيۈلۈش
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 12:56 |
    8088
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32322
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 58
    شۆھرەت: 225 كىشىلىك
    پۇل : 424 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 54 نۇمۇر
    قوللاش: 54 نومۇر
    ئالقىش: 54 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى يېزىپسىز .روھمەت.
    salkin mtv
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 13:12 |
    ئارمىنىم83
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31500
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 162
    شۆھرەت: 36 كىشىلىك
    پۇل : 778 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 36 نۇمۇر
    قوللاش: 36 نومۇر
    ئالقىش: 36 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 231(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-06
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىزدەك ساراڭلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.....
    تېمىڭىزغا رەھمەت    
    salkin mtv
    مەن كەتتىم، كەينىمگە قاراپمۇ قويماي كەتتىم..............كەچۈرگىن، چۈنكى كەينىمگە قارىسام مەن كېتەلمەيتتىم.........
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 13:27 |
    دىلكەش0998
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8149
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 146
    شۆھرەت: 144 كىشىلىك
    پۇل : 562 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 112 نۇمۇر
    قوللاش: 112 نومۇر
    ئالقىش: 112 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 527(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-06
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ   ساراڭ بولۇشقا تىرشىمەن،سىزدەك ساراڭ بولالمىساممۇ،ئوزۇمگە چۇشلۇق ساراڭ بولىمەن .......
    كىلىڭلار مۇنبەردىكىلەر بىرلىكتە ساراڭ بولايلى............................
    salkin mtv
    باشقىلار كوكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۇزۇپ كەتتى يىراق  
    مەن مىسالى دەسسەپ تىكەن  ماڭارىمەن !!!!!!!!!!
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 13:45 |
    زامان-بەگ
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28804
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 440
    شۆھرەت: 716 كىشىلىك
    پۇل : 38857247 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 376 نۇمۇر
    قوللاش: 325 نومۇر
    ئالقىش: 454 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: *ئۇيغۇرشاھ*
    توردىكى ۋاقتى : 356(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-07
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تىلى راس بەك ئاممىباپ چىقىپتۇ..........
    ساراڭ بولۇشقا تىرىشىدىغان بوپتۇقتە ما تېمىنى كۆرۈپ ئەمدى.....
    salkin mtv
                                  
    شاتلىقى  ھەم  قايغۇسى بىرگە كەلگەن بۇ زامان،
    گاھ كۈلدۈرۈپ،يىغلىتىپ،سىرلىق كەلگەن بۇزامان.
    «زامان ساڭا باقمىسا،سەن زامانغا باق» دىگەن،
    بىزگە باقماي ،بىزنى ئەل قىلىپ كەلگەن بۇ زامان.
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 14:10 |
    روھ
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 26543
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 123
    شۆھرەت: 158 كىشىلىك
    پۇل : 2482 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 86 نۇمۇر
    قوللاش: 73 نومۇر
    ئالقىش: 120 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 152(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    چەتئەلنىڭ نۇرغۇن ياخشى تۇرمۇش فىلىملىرى بار ،  لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك ساراڭ فىلىملىرى يوق ، بۇ ئەسەرنى كۆرۈپ بەك سۈيۇندىم ،  ئەسەرنى باغلاشتۇرۇپ بىر گەۋدە قىلىپ چىقارغان بولسىڭىز  كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن بولسا ئىدى  ...      تېمىڭىزغا رەخمەت.
    salkin mtv
    گۈزەل قىزلارنى ئايغا ئوخشىتىپ يۇرگەنىدۇق،چەتئەللىكلەردىن «ئاينىڭ
    بىر تەرىپىنىڭ يورۇق ،بىر تەرىپىنىڭ قاراڭغۇ ئىكەنلىكىنى بىلدۇق »،شۇنىڭ بىلەن ئاي ۋاپاسىز قىزلارغا ئوخشىتىلدى.   ئەجىبا بىزنىڭ جىسىملارغا بولغان تەتقىقاتىمىز ئوخشىتىشتىن ئېشىپ كىتەلمەمدۇ؟
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-31 14:57 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر