3Ct:AJeg (1)
'A,)PZL9i سەن بىلەن شۇنداق بىر تاسادىپىي مىنۇتلاردا ئۇچرىشىپ قالدىم...قەلبىمدە پەيدا بولغان خۇشاللىق ھەم ئىزگۈ ھېسلىرىمنى يىراقلارغا سۈرگۈن قىلغۇم كەلمىدى.ئەڭ گۈزەل ئەڭ پاك تۇيغۇلىرىم سابادىكى گۈل بەگىدەك جىلۋە قىلىپ مېنى تاڭ شەپىقى سۆيگەن تەرەپكە، سەن تەرەپكە قاراتتى. مەن ساڭا،سەن ماڭا كۈلۈپ قاراشتۇق...كۆزلىرىمىز قەلبىمىزنىڭ كۆرگۈسى سۈپىتىدە ھەممىنى ئۈنسىز بايان ئەيلىمەكتە ئىدى..ئاپئاق قۇياش مەڭزىڭنى يېقىملىق يورۇتتى،سەلكىن شامال شوخقىنە ئۇچۇپ كېلىپ بوينۇمغا يىنىك گىرە سالدى...شۇ تاپتا:
A[`2Mnj سەن جىمجىتسەن، مەن ھەم سۈكۈتتىمەن...
LMNmG]#! بۇ قايسى بىر زىيارەتگاھلاردىن قېچىپ كەلگەن جىمجىتلىق بۇ ھە؟؟!! شاۋقۇنلارمۇ بۇ سۈكۈناتنىڭ باغىرىغا كىرىشتىن ئەيمىنىپ بىر چەتتە قول قوشتۇرۇپ تۇرۇپ قالدى...
#fDM{f0]R ئارىمىزدا بىر قانچە قەدەم ئارىلىق... ....
4>Y*owa4 شۇ بىر قانچە قەدەم سېنىڭ ماڭا قانچىلىك يىراقتا ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرۈپ قويىۋاتاتتى...
VV/aec8 سەن كۆز ئالدىمدا. ئەمما قول سوزىساملا يىتەلمەيمەن...مەن شىۋىرلايمەن،سەن كۆرەلەيسەن ئەمما ئاڭلىيالمايسەن. يۈرۈگۈمنىڭ تىز-تىز سوقۇشلىرى ، نەپەسلىرىم ئاللىقاچان راۋان مەنزىلىدىن ئاداشقان، ئۇ شۇ بىر پىنھانە كۈچكە يەتمەك ئۈچۈن تەرەددۇق قىلىۋاتقان بولسا كېرەك..ئېيتقىنە ئەڭ جىمجىت يىگىت، يۈرۈگۈمنىڭ سوقۇشىنى ئاڭلىيالىدىڭمۇ؟؟ كۆزلۈرۈم ساڭا نېمە دىگەنلىكىنى ھېس قىلالىغانسەن ھە!!؟؟
~
\b~ قارا،ئارىنى بارا-بارا تۇمان قاپلاپ كەتتى..سېنىڭ سىمايىڭنى كۆرۈشكە ئىلاجىسىز قىلىۋاتىمەن. ساڭا كۈلۈپ تۇرغان كۆزلۈرۈم خۈنۈكلەشتى،يۈزۈمگە ئاستا سىرغىپ چۈشكەن بىر تامچە ياشنى كۆرەلمىدىڭ.ئۈمۈدسىز قېلىۋاتقان يۈرۈمگۈمنىڭ ئەنسىز سوقۇشلىرىنى ئاڭلىيالمىدىڭ. شۇندىمۇ ئازابلانغان ھالىتىمنى كۆرۈپ قىلىپ مەندىنمۇ بەك پەرياد چىكىشىڭنى خالىماي ئاستا يەرگە قارىۋالدىم..كۆز قارچۇقۇڭدا يىغلىغان سىمايىم ساقلىنىپ قالمىسۇن دەپ ئۆچۈپ كېىتىۋاتقان شامىمنى پۈۋلەپ تۇرۇپ كۈلۈمسىرىدىم..ساڭا ھامان كۈلۈپ قارايدىغانلىقىمنى بىلىسەن، سېنى كۆڭلۈمنىڭ ساھىبى سۈپىتىدە ئەسلىمىلىرىمگە يانداش قىلىدىغانلىقىمنىمۇ ھەم بىلگىن..
V}ls|B$Y
(2)

\z
eu vD
ئەگەر دۇنيادا بىراۋنى سۆيۈش گۇناھ ھېسابلانسا مەن بارلىق گۇناھلىرىمغا شايىت بولۇپ ئۇنى ئىسسىق باغرىمغا چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ ھەر قانداق جازانى قۇبۇل قىلىشقا رازى ئىدىم... =y=MljEX
ئەگەر دۇنيادا ئۆز ئارا كۆڭۈل بېرىشكەنلەر چوقۇم ۋىسال تىپىشالايدىغان ئىش بولسا مەن شۇ ۋىسال مەنزىلىنىڭ مەڭگۈلۈك كارۋانى بولۇپ مېڭىشقا تەييار ئىدىم...
QQt4pDir>
ئەگەر بىراۋغا يۈرەكنى يېرىپ كۆرسەتكىلى بولىدىغان بولسا،مەن چوقۇم ئەڭ ئاۋال ساڭا قەلىب قەسىرىمىنىڭ مۇھەببەت دەپ ئاتالغان بۆلىكىدە ساقلىنىپ قالغان يىگانى كۈلگەن ھالىتىڭنى شاتلىق ئىلكىدە كۆرسىتىپ قويغان بولار ئىدىم... i7e_
~K
ئەگەر دۇنيادىكى سۆيگۈلەرنىڭ ھەممىسى ساختا دەپ قارالسا، مەن چوقۇم شۇنى دېگەن كىشىگە كۆز ياشلىرىم ھەم شاتلىقىمنى جور قىلغان مۇھەببەت تارىخىم بىلەن رەددىيە بىرەلىگەن بولاتتىم...مۇھەببەتنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى چوقۇم ئېرىشىش ئەمەس، شۇ بىر پارلاق ئىقبالغا ھەممەيلەننىڭ يەتكۈسى كىلىدۇ-يۇ، يىتەلمىگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس..ئەمما بۇلار چىن سۆيگۈسىنى يۈرىكىدە ساقلاپ قالالىغان..بەزىلەر جۇدالىق سەۋەبىدىن ئۆلۈم يولىنى تاللىغان،يەنە بەزىلەر يۈرۈكىگە سۆيگۈسىنى چوڭقۇر قەلبىگەئۆمۈرلۈك دەپنە قىلىپ رىئال ھاياتقا كۈلۈپ قارىيالىغان...ئېرىشەلمەسلىك ئازاب،ئەمما ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق گۈزەل تەرەپلىرى بار.. بۇنىڭلىق بىلەن ھەممىنى ئىنكار قىلىش ئەخمەقلىق،ئاغرىدا دېگەن بىلەن يۈرۈكىدە ھەممىسىنىڭ ئۆزلىرىگە ئايان.. . :sttGXQX
سۆيمەك ئۈچۈن تىرىشىدۇ، ئېرىشىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ...مەن بۇ بەدەلنى تۆلەشكە ھەقىقەتەن قۇربىسىزمەن، ساڭا ھەم تۆلەتكۈم يوق،.. سېنىڭ مەن ئۈچۈن ئۇزۇن يىللار ۋايىم يىيىشىڭنى،تەنھا يۈرۈشۈڭنى خالىمايمەن.. ئەتراپىڭغا باقساڭ ھەممەيلەن جۈپ-جۈپ، سېنىڭ سۆيگۈڭ بولسا ئىنتايىن يىراقتا..بۇ ئەلەمگە سەن چىدىساڭمۇ، سېنىڭ ئەلەم يىيىشىڭغا مەن چىدىمايمەن.. يۈرۈگۈم ئاغرىيدۇ، ئازابلىنىمەن بۇنى بىلسەڭ ئىدىڭ مەندىن بەلكى رەنجىمەس بولغىيدىڭ... ساڭا بو پۇچۇلانغان قەلبىمنى قايسى رەۋىشتە بايان ئەيلىشنى ھېچ بىلمىدىم..قانداقلا دېسەم سەن بۇنى باھانە دەپ چۈشىنىدىغان ئوخشايسەن.. شۇنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت ئەي مىھرىبان يىگىت مېنى ۋىجدانىمنىڭ سوتىدا ئازابقا قويما، سېنى سۆيۈنۈمگە ھېچقاچان پۇشايمەن ئەيلەپ باققىنىم يوق،كىيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ..مېنىڭ دەرتلىرىمنى ،يۈرەك سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئۆزۈڭ «ئايرىلىش» قا سۆز ئاچتىڭ، مېنى ئىزدىمەڭ دېگىنىڭ، مېنى بىر ئۆمۈر ئازابتا قال دېگىنىڭ ئەمەسمۇ؟؟ سەنچە مەن شۇنداق ۋىجدانسىزلاردىنمۇ؟؟ r[wjE`Z/T
ھاياتلىقنىڭ،تەقدىرنىڭ چاقچاقلىرىدىن زارلىنايمۇ؟؟ سېنىڭ بىلەن بىر يەردە يىقىن بولمىغانلىقىمدىن، سەن بىلەن بۇرۇنراق تونۇشمىغىنىمدىن زارلايمۇ؟؟ يېنىڭغا پۈتۈلمىگەن كەلگۈسۈمدىن زارلايمۇ؟؟ مەن زارلىسام،مەن يىغلىسام دەرتلىرىمگە كۆز ياش دال بولمايدۇ،بۇنى سەن ھەرگىز چۈشەنمەيسەن..قىز بالىغا ئۇنتۇپ كەت دېگەن بىز ئېغىز سۆزۈڭ قانچىلىك ئېغىر كېلىدۇ بۇلارنى ھېس قىلالامسەن؟؟ سېنى ئۇنتۇپ كېتىشىمنى ئۈمۈد قىلغىنىڭ يالغان، مېنىڭ كۆزلۈرۈمگە قاراپ دىيەلەمسەن؟؟ بەلكى سېنى شۇ دەقىقلەردە يېنىمدا كۆرسەم ھەممىنى ئۇنتۇپ باغرىڭغا ئۆزۈمنى تاشلاپ بۇقۇلداپ راسا يىغلىۋىلىشىم مۇمكىن... شۇنداق قىلسام مېنى ئۆز باغرىڭغا ئالامتىڭ، ياكى پىسەنتمۇ قىلماسسەنمۇ؟؟ vpC?JXz=H
ساڭا نۇرغۇن سوئاللارنى قويغىنىمنى كەچۈرگىن...ھەممە كىشىنىڭ سۆيۈلۈش ھوقوقى بولىدۇ، بۇ سەۋەبلىك ئۆزۈڭنى ئەيىبلىمە ھەم ئۆزگىدىن ئاغرىنما..!! ئەڭ مېھرىبان يىگىت شۇ دەملەرنى كۆزۈمدىن ئاققان ياشلىرىمنى كۆرەلمەيسەن، ئەمما سەن ھېس قىلالىشىڭ مۇمكىن...بىز بىر-بىرىمىزنى تولىمۇ ھېس قىلالايتتۇق، مەنمۇ شۇنىڭغا ھەيران قالاتتىم... بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولارمۇ؟ ۋە ياكى ھېجران تۈپەيلى مەڭگۈلۈك ۋىسالسىز ئاشىق بولۇپ يۈز كۆرۈشمەسمىزمۇ؟ R:rols"QM
HA[7)T N1E
(3)

8A}<-?>
مۇھەببەتنىڭ تاڭلىرى ئۇزۇن،مەنزىلى يىراق ھەم داۋانلىق..سېغىنشنىڭ كېچىلىرى ئۇزۇن، ھېسلىرى ئازابلىق ھەم شېرىن.. . D]5j?X'
مۇھەببەتنىڭ گۈللىرى پورەك، يېقىملىق ھەم خۇش ھېدلىق..سېغىنىشنىڭ خىياللىرى چوڭقۇر، قۇنغان دەڭلىرى يىراق يىراق.. ou{V/?rb
مۇھەببەتنىڭ قوينىغا ئالغان مەنالىرى ھەر خىل، بىرىدىغان سەزگۈلىرى ھەم باشقا-باشقا... fWb+08}C
بىلسەڭ،مۇھەببەت سۆيۈش ھەم سۆيۈلۈش بىلەن ھەقىقىي مەنا ئىزلەيدۇ. سۆيگەن ھەم سۆيەلىگەن كىشىلەرنىڭ قەلبى مۇھەببەت بىلەن تولغاچقا دۇنياغا، ئەتراپىدىكى ھەر شەيئىيگە مۇھەببەت نەزىرى بىلەن قارىيالايدۇ. مۇھەببەت بىلەن قوينىغا ئېلىنىدۇ ھەم ئالالايدۇ. مۇھەببەت ئۈچۈن ياش تۆكىدۇ ھەم پەرياد ئۇرالايدۇ-يۇ، شۇندىمۇ مۇھەببەت ئۈچۈن مىسرالار پۈتەلەيدۇ. مۇھەببەتتە خۇشاللىق ھەم غەلبە سېنىڭ يولۇڭغا چېچىلغان ئەمەس، سەن شۇنداق بولۇشنى قانچە ئارمان قىلساڭ ئەكىسچە ئۇ سەندىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ..سەن ئىزىڭدا توختاپ ئىسەنگىرەش بىلەن ئۇنىڭغا باققىنىڭدا ئۇ يىراقتا تۇرۇپ ساڭا قول پۇلاڭلىتىدۇ. سەن ئۇنى كۆرەلمەيسەن ئەمما ئۇنى باغرىڭدا كۆكلىگەن ھېسلىرىڭ بىلەن ھېس قىلالايسەن. سەن ئۇنىڭغا كۈلىسەن، ئۇ سېنى شېرىن قۇچىقىدا پەپىلەيدۇ، سەن ئۇنىڭدىن نارازى بولىسەن ھەم ئۈمۈدسىز قالىسەن، ئەكىسچە ئۇ سېنى رەھىمسىز ئازابلىرى بىلەن قىينايدۇ. قەلبىڭ بۇرۇن سۇغۇلماس بۇلاقتەك جىمىرلاپ تۇرسا، ئۇ چەشمىلىرىڭنى بىر تىمىم بىر تىمىمدىن ئىچىپ سېنى قۇرۇتۇشقا باشلايدۇ.. بەزىدە مۇھەببەتنى شۇنداق رەھىمسىزمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن..دىلىڭغا مىڭ ئالەمنىڭ مەرھەمىتى بىلەن سەۋدا سالىدىكەن يۇ ۋىسالىغا ماڭساڭ سېنى تۈرلۈك ھىيلە-مىكىرلەر بىلەن توسۇشقا ئۇرۇنىدىكەن..سېنىڭ قەدىمىڭ ھالسىرغاندا بولسا سېنى يەنە مېىڭىشقا ئۈندەيدىكەن،.كۈنلۈرۈڭ قايغۇغا، يۈرۈكىڭ ئەلەمگە، كۆز چاناقلىرىڭ بولسا سەۋدا يېشىغا لىق تولىدىكەن. `5"3Cj"M
7-C])9
(4)
IM,4Si2 9p1@Lfbj ئىزغىرىن شامال بوينۇمدىكى رومالىمنى قاچانلاردا ئېلىپ قاچتىكىن، ئۇ سېنىڭ گۈلزارىڭدا ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ... مەن مەقسەتسىزلا گۈلزارىڭغا قاراپ باققۇم كەلدى، رومالىمنى ئۇچۇرۇپ قاچقان شوخ شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ئۇنىڭ كىلەرىنى بىلمەك ئۈچۈن مېڭىۋەردىم...
$My~sN8 چۆچەكلەردىكى بېھىش كەبى بۇ ماكانغا قاراپ مەسلىكىم كېلىپ تۇرۇپلا قالدىم...كۆز ئالدىمدا سەن ئايان بولدۇڭ... قولۇڭدا مېنىڭ ھېلىقى رومالىممۇ بار ئىكەن..ئويلاپ قالدىم ئاشىقلار ئۈچۈن بەزىدە كەڭرى جاھانمۇ تار بولىدىكەن... سەن گۈلزارىڭدىن ئۇچۇرغان شامىلىڭ بىلەن مېنى ئۆز ماكانىڭغا ئۈنسىز چىللاپ كەلدىڭ..مېنى قارشى ئېلىۋاتقان كۆزلىرىڭ بىلەن ماڭا كۈلۈمسىرىدىڭ...مېنى مۇھەببەتنىڭ ۋىسال دەملىرىگە ئېلىپ كىردىڭ...مەن قانچە رەت كۆڭلۈمنى سەندىن يوشۇرغان، قانچە رەت سېنىڭ ۋەسلىڭ ئۈچۈن ئۈنسىز ياش تۆككەن..مانا شۇ تاپتا مەن ھەممىنى ئىنكار قىلىشقا ئامالسىزمەن. ماڭا چىن مۇھەببتىڭ بىلەن قۇچاق ئاچتىڭ. ..
`C$QR
8 مېنى رىۋايەتلىرىڭگە ئېلىپ كەت، رىئال دۇنيانىڭ رەھىمسىز تەقدىرلىرىدىن زارلاشقا، ئاھ ئۇرۇشقا مادارىم ھەم قالمىدى..
1Dhu5ht مېنى غەمسىز ماكانىڭغا ئېلىپ كەت، ئۇ يەردە سەن ۋە مەنلا بولغان...قاغا-قۇزغۇنلار سايرىمىغان ئىللىق بىر ماكانغا...
Ix
مېنى كۈيلىرىڭگە ئېلىپ كەت، ھەر مىسرالىرىدا ئىككىمىزنىڭ مۇھەببەت سېغىنىشلىرى تىزىلغان.. 2m} bddS
مېنى خىياللىرىڭغا ئېلىپ كەت، گۈلزار ئارا كىپىنىكتەك ئويناپ يۈرەيلى.. ,yvS c
مېنى ئۆتمۈشۈڭگە ئېلىپ كەت، رىئاللىقنىڭ قاباھىتىنى قوغلىغان...
مىنى چۈشلۈرۈڭگە ئېلىپ كەت، يالغۇزلۇقنىڭ قۇچىقىدىن يۇلقۇنغان -yTIv*y F2ISg' ^HtB!Xc
گۈلگۈن y$_]}<b
تارانچى مۇنبىرى چاتما نەسىرلەر تېمىلىرىدىن ئېلىندى OdNcuiLa
[ بۇ يازما گۈلگۈن تەرپىدىن2008-12-25 10:42دە قايتا ت ]