تارىخچىلار بۇ زاتنى: "ئەسما يۈز ياشقا كىرگەندىمۇ بىر دانە چىشى چۈشمىگەن ۋە ئەقلى ئاجىزلاشمىغان" دەپ سۈپەتلەيدۇ.
J{aQ1) mrw]yu;2
ھەزرىتى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەر تەرىپىدىن ئۇلۇغلۇق يېغىپ تۇرىدىغان ئېسىل ئايالدۇر. ئۇنىڭ دادىسى ساھابە، بوۋىسى ساھابە، سىڭلىسى ساھابە، ئېرى ساھابە ۋە ئوغلى ساھابە. بۇنىڭدىن ئۇلۇغ شەرەپ ۋە پەخىر بولامدۇ؟! z7D*z8,i
7Y$4MMNQ
ئۇنىڭ دادىسى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ يېقىن دوستى، ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى خەلىپىسى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر. m9\@kA
5]A$P\7~1
tuL\7
(R
iX0]g45o
بوۋىسى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دادىسى ئەبۇ قۇھافە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر. [XA&&EcU
(9WL+S
سىڭلىسى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادۇر. i}
NkHEK
v%69]a-T
ئېرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەخسۇس ياردەمچىسى ھەزرىتى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر. 8M".o n
Kd AR)EU>
ئوغلى قەھرىمانلار سەردارى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر. eY6gb!5u
j:de}!w
c
ھەزرىتى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا دەسلەپ مۇسۇلمان بولغانلاردىن ئىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەر ـ ئايال بولۇپ ئاران 17 كىشى مۇسۇلمان بولغان. b}EYNCw_7S
g# 9*bF
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ غاردا يوشۇرۇنۇپ تۇرغاندا، بىر قاچىدا تاماق ئېلىپ، بىر قاچىدا سۇ ئېلىپ، بەلۋېغىنى ئىككى پارچە قىلىپ، بىرىگە تاماق ئالغان قاچىنى بىرىگە سۇ ئالغان قاچىنى باغلاپ غارغا ئېلىپ كەلگەن. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا «زاتۇ نىتاقەين» يەنى ئىككى بەلۋاغلىق دېگەن ۋە ئاللاھ جەننەتتە ئىككى بەلۋاغ ئاتا قىلسۇن، دەپ دۇئا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ زاتۇ نىتاقەين دەپ ئاتالغان. 7DHT)9lD/
W:;`
o
k{u%p <
ھەزرىتى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەزرىتى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ياتلىق بولغان. ھەزرىتى زۇبەير نامرات يىگىت بولۇپ، بىر ئاتتىن باشقا يا خىزمەتچى يا مال ـ مۈلۈك ھېچنەرسىسى يوق ئىدى. ھەزرىتى ئەسما ئۇنىڭغا ياخشى خوتۇن بولۇپ خىزمىتىنى قىلدى، ئېتىغا ھەلەپ ئېتىپ بېرىپ باقتى. كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا مال ـ مۈلۈك ئاتا قىلىپ باي بولۇپ قالدى. -c<1H)W
Y"]e H{
ھەزرىتى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ھىجرەت قىلىدىغان چاغدا، ئۇ ھامىلە بولۇپ ئاي كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھالى ئۇنى بۇنداق ئۇزۇن ۋە قىيىن يولچۇلۇقتىن توسالمىدى. ئۇ تۇغۇش ئالدىدا تۇرۇپمۇ سەپەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ يولغا چىقتى. مەدىنىگە يېقىنلىشىپ قۇبا دېگەن جايغا كەلگەندە تۇغدى. بۇنىڭغا ناھايىتى خۇشال بولغان ساھابىلار «ئاللاھۇ ئەكبەر» سادالىرىنى ياڭراتتى. چۈنكى بۇ مۇھاجىرلارنىڭ مەدىنىدە تۇغۇلغان بىرىنچى بالىسى ئىدى.
U%B]N@
n9-q5X^e>
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بوۋاقنى قولىغا ئېلىپ قۇچىقىدا قويدى، ئۇنىڭ ئاغزىغا تۈكۈرۈكىنى قويدى، ئاندىن ئۇنى ئېغىزلاندۇردى، ئاندىن ئۇنىڭغا ئابدۇللاھ، دەپ ئىسىم قويۇپ دۇئا قىلدى. ئابدۇللاھنىڭ قورسىقىغا بىرىنچى كىرگەن نەرسە رەسۇلۇللاھنىڭ ئاغزىنىڭ سۈيى بولدى. 5+Zx-oWq_
?D$b%G{
ھەزرىتى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا نادىر ئەرلەردە تېپىلىدىغان ئۆتكۈر ئەقىل، ياخشى خىسلەت ۋە ئېسىل سۈپەتلەرنى ئۆزىدە جۇغلىغان، سېخىيلىقى تىللارغا داستان بولغان زات ئىدى. ئوغلى ئابدۇللاھ: "مەن ھامماچام ئائىشە بىلەن ئانامدىن باشقا، ئۇلاردەك سېخىلىق قىلىدىغان ئايالنى كۆرمىدىم. ئۇلارنىڭ سېخىيلىقى پەرقلىق ئىدى. ھامماچام بولسا نەرسىلەرنى جۇغلاپ، بىر نەچچە كىشىگە يەتكۈدەك بولغاندا ھەممىنى تارقىتىپ بېرەتتى. ئانام بولسا قولىغا كىرگەن نەرسىنى ئەتىگە قالدۇرماي بېرىۋېتەتتى." دەيدۇ. $nd-[xV
}zfLm`vJ
{HJ`%xN|
v.^
'x
ھەزرىتى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆتكۈر ئەقلى بىلەن قېيىن ئەھۋاللارنى ئاسان ھەل قىلاتتى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ بىلەن ھىجرەت قىلغاندا، ئۆيىدە بالىلىرىغا ھېچنەرسە قالدۇرماي بارلىق پۇلىنى ئېلىپ كەتكەن ئىدى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرنىڭ دادىسى ئەبۇ قۇھافە ئوغلىنىڭ مەككىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى. بۇ چاغدا ئۇ تېخى كاپىر ئىدى. ئۇ ئەسماغا: "داداڭلار سىلەرنى دادىسىز قويغاندەك پۇلسىز قويۇپتۇ دە،" دېدى. ئەسما ئۇنىڭغا: "ياق، دادام بىزگە جېق پۇل قويۇپ كەتتى" دېگەندىن كېيىن، تامدىكى پۇل قويىدىغان تەكچىگە بىر مۇنچە ئۇششاق تاش بىلەن لاتىلارنى تىقىپ قويۇپ، بوۋىسىنىڭ قولىدىن يېتىلەپ كېلىپ ـ ئۇ ئەما كىشى ئىدى ـ مانا تۇتۇپ بېقىڭ، جېق پۇل بار، دېدى. بوۋىسى ئۇنداق بولسا ياخشى قىلىپتۇ، دېدى ـ تەكچىدىكى نەرسىلەرنى سىلاپ. Vi-!E
eq 1 4
ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى، بىرى قېرى بوۋىسىنىڭ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزۇش، يەنە بىرى بوۋىسى بولسىمۇ كاپىرنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلماسلىق ئۈچۈن ئىدى. '*{Rn
7B5
Wes"t}[25
تارىخ ھەزرىتى ئەسمانىڭ پۈتۈن ياخشىلىق ۋە خىزمەتلىرىنى ئۇنۇتسىمۇ، ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ بىلەن ئاخىرقى ئۇچراشقان ۋاقتىدىكى ئۆتكۈر ئەقلى، مۇستەھكەم ئىرادىسى ۋە كۈچلۈك ئىمانىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ. 28qWC~/9
FZ.Yn
يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرنى خەلىپە سايلاپ بەيئەت قىلدى. سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئىراق، خۇراسان ۋە شام مەملىكەتلىرىنىڭ كۆپلىرى ئۇنىڭغا تەۋە بولدى. لېكىن بەنى ئۇمەييە جەمەتى ئۇنىڭغا قارشى ھەججاجنىڭ قۇماندانلىقىدا ناھايىتى چوڭ ئەسكەر تەييارلاپ، ھۇجۇم قىلدى. ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇش بولدى. ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير بۇ ئۇرۇشتا مىسلىسىز قەھرىمانلىق كۆرسەتتى. لېكىن ئۇنىڭ يېنىدىكى ئەسكەرلەر ئۇنى تاشلاپ كېتىشكە باشلىدى. ئۇ يېنىدا قالغان ياردەمچىلىرى بىلەن ھەرەمگە كىرىپ، ئۆزىنى كەبىنىڭ ھىمايىسىگە ئالدى. \c^jaK5
FHPZQC8
7(iRz
8}b[Q/h!
لېكىن كەبىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمايدىغان ھەججاج قوشۇنلىرى ھەرەمگە بۆسۈپ كىرىشكە ئۇرۇندى. بۇ چاغدا ئابدۇللاھ ئانىسى بىلەن ۋىدالىشىش ئۈچۈن ھەزرىتى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىرىپ سالام بەردى. ھەزرىتى ئەسما: ھەججاجنىڭ مەنچەناقلىرىدىن ھەرەمدىكى ئەسكەرلىرىنىڭ بېشىغا تاش يېغىۋاتقان ۋە ئېتىلغان تاشلاردىن مەككنىڭ ئۆيلىرى زىلزىلىگە كېلىۋاتقان بىر پەيتتە نېمە دەپ كەلدىڭ؟! دېدى. eeR@p$4i
Z 2jMBe
ــ سىزگە مەسلىھەت سالاي، دەپ كەلدىم، دېدى ئابدۇللاھ. rSCX$ @@F
"r3s'\
ــ ماڭا مەسلىھەت سالامسەن؟ نېمە توغرىسىدا؟ 3Ya6yz
[:'?}p
ــ ئەسكەرلىرىمنىڭ بەزىسى ھاججاجدىن قورقۇپ، بەزىسى ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى تاما قىلىپ، مېنى تاشلاپ كەتتى. ھەتتا ئەۋلادلىرىممۇ مېنى تاشلاپ كەتتى. يېنىمدا ئازراق ياردەمچىم قالدى. ئۇلار ھەرقانچە قەھرىمانلىق كۆرسەتسىمۇ بىر، ئىككى سائەتتىن كۆپ پۇتتىرەپ تۇرالمايدۇ. بەنى ئۇمەييە قوشۇنى ماڭا ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. ئەگەر قورال تاشلاپ، ئابدۇل مەلىك ئىبنى مەرۋانغا بەيئەت قىلسام، ماڭا نۇرغۇن مال مۈلۈك بېرىدىكەن. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ wA&)y>n-
Oj\mkg
ھەزرىتى ئەسما ئوغلىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: "بۇ سېنىڭ ئىشىڭ، سەن ئۆزەڭنى ئوبدان بىلىسەن. ئەگەر ئۆزەڭنى ھەقىقەت ئۈستىدە ۋە ھەقكە چاقىرىمەن دەپ ئىشەنسەڭ، سەۋر قىلغىن. بايرىقىڭ ئاستىدا ئۆلتۈرۈلگەن ھەمراھلىرىڭدەك، بەرداشلىق بېرىپ ئۇرۇشقىن. ئەگەر دۇنيا مەنپەئەتىنى ئىستىسەڭ، سەن ئەڭ يامان ئادەمسەن ۋە ھەم ئۆزەڭنى ھەم يېنىڭدىكى كىشىلىرىڭنى ھالاك قىلىسەن، دېدى. &h[}5
aBLb i
ئابدۇللاھ: "لېكىن مەن بۈگۈن چوقۇم ئۆلتۈرۈلىمەن، دېدى. ئانىسى: ئۆلتۈرۈلگىنىڭ ئۆز ئىختىيارىڭ بىلەن ھەججاجغا تەسلىم بولۇپ، بېشىڭنى بەنى ئۇمەييە بالىلىرى توپ قىلىپ ئوينىغىنىدىن ياخشى، دېدى. izo
$0
#E)]7!_XG
Jx?>1q=M
[)u{ -
ئابدۇللاھ: مەن ئۆلۈمدىن قورقمايمەن. مېنىڭ قورقىدىغىنىم، بەدەنلىرىمنى كېسىپ شەكلىمنى ئۆزگەرتىشى، دېدى. OO>2oH
@kymL8"2w
ئانىسى: ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن قورقىدىغان بىر ئىش يوق، بوغۇزلىغان قوينى تېرىسىنىڭ سويۇلۇشى ئاغرىتمايدۇ، دېدى. B[50{;X
W -&5
v
ئابدۇللاھ خۇشاللىقتىن ئېچىلىپ: "سىز نېمىدېگەن ياخشى ئانا! خىسلىتىڭىز نېمىدېگەن ئېسىل! مەن بۇ يەرگە پەقەت مۇشۇ دېگەنلىرىڭىزنى ئاڭلاش ئۈچۈنلا كەلگەن. ئاللاھ بىلىدۇ، مەن قىلچە قورققىنىم ياكى بوشىشىپ قالغىنىم يوق، مېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمنى دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلمىغانلىقىمنى ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشىغا غەزەبلىنىپ ئاللاھ ئۈچۈن قىلغانلىقىمنى ئاللاھ بىلىدۇ. مانا مەن سىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشقا ئاتلاندىم، ئەگەر ئۆلتۈرۈلسەم قايغۇرماڭ، ئىشىڭىزنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭ، دېدى. 7i
/Cax
[%kucG C7
-^DB?j+
Y2EN!{YU
ھەزرىتى ئەسما: ئەگەر ناھەق يولدا مېڭىپ ئۆلتۈرۈلسەڭ، ئۇ چاغدا قايغۇرىمەن، دېدى. *2F}e4v
ej+!|97M
ئابدۇللاھ: "خاتىرجەم بولۇڭ! ئوغلىڭىز ھەرگىز يامان ئىش قىلغان ئەمەس، پاھىشە ئىشلارغا يېقىن كەلگەن ئەمەس، ئاللاھنىڭ ھۆكمىدىن چىققان ئەمەس، ئامانەتكە خىيانەت قىلغان ئەمەس، بىر مۇسۇلمانغا ياكى بىر زىممىگە زۇلۇم قىلىشنى ئويلىغان ئەمەس. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئاللاھ رازىلىقىدىن ئۈستۈن بىر نەرسە بولغان ئەمەس. مەن بۇ گەپلەرنى ئۆزەمنى ئاقلاپ دەۋاتمايمەن، ئاللاھ مېنى مەندىن ياخشىراق بىلىدۇ. مەن پەقەت سىزنىڭ قەلبىڭىزگە سەۋر ـ تاقەت كىرگۈزۈش ئۈچۈن دەۋاتىمەن، دېدى. @AOiZOH
Z]<_a)>
ھەزرىتى ئەسما: "سېنى ئۆزى ۋە مەن ياخشى كۆرىدىغان يولدا قىلغان ئاللاھغا شۈكۈرلەر بولسۇن" دېدى. ئاندىن ئوغلۇم پۇرىقىڭنى پۇرىۋالاي، بەدىنىڭنى سىلىۋالاي، بۇ سەن بىلەن ئاخىرقى ئۇچرىشىشىم بولۇشى مۇمكىن، دېدى. CggEAi~
Pp2)
P7
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئېگىلىپ ئانىسىنىڭ قوللىرىنى، پۇتلىرىنى سۆيۈشكە باشلىدى. ئەسمامۇ ئوغلىنىڭ بۇرۇنلىرىنى، باشلىرىنى ۋە بويۇنلىرىنى پۇراپ سۆيدى. ئاندىن قولى بىلەن بەدەنلىرىنى سىلاپ، كەينىگە يېنىپ: بۇ كىيىۋالغىنىڭ نېمە؟ دېدى. I?QKd@
Cp%|Q.?
ــ بۇ مېنىڭ ساۋۇتۇم. |wDCIHzQ
cc[w%jlA#
ــ ئوغلۇم! بۇ شېھىدلىقنى خالايدىغان كىشىنىڭ كىيىمى ئەمەس. amRtFrc|
k{~5pxd-t
ــ مەن بۇنى پەقەت سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن كىيدىم. iaB5t
)l=j,4nn
ــ بۇنى سېلىۋەتكىن، تېخىمۇ جاسارەتلىك، تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تىز ھەرىكەت قىلىدىغان بولىسەن. بۇنىڭ ئورنىغا ئۇزۇن ئىشتان كىيىۋالغىن، يېقىلغان ۋاقتىڭدا ئەۋرىتىڭ ئېچىلىپ قالمىسۇن. b|N EU-oy
KvQ9R!V
ئابدۇللاھ ساۇۋۇتىنى (يەنى تۆمۈر كىيىمىنى) سېلىۋىتىپ، ئۇزۇن ئىشتان كىيىپ، ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرەمگە ماڭدى. ئۇ ئانا ماڭا دۇئا قىلىشتىن توختاپ قالماڭ دېگىنىچە ھەرەمگە كىرىپ كەتتى. \m<*3eS
1WU-gQki!
r
COap*
ھەزرىتى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا قولىنى كۆتۈرۈپ: "پەرۋەردىگارىم! ئۇنىڭ كېچە نامازدا تۇرۇشلىرى ۋە ھەممە ئۇخلاۋاتقاندا تۇرۇپ يىغلاشلىرى ئۈچۈن رەھىم قىلغىن. پەرۋەردىگارىم! ئۇنىڭ مەككە ـ مەدىنىنىڭ يوللىرىدا ئاچ، سۇسىز تۇتقان روزىلىرى ئۈچۈن رەھىم قىلغىن. پەرۋەردىگارىم! ئۇنىڭغا ئاتا ـ ئانىسىغا قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن رەھىم قىلغىن. پەرۋەردىگارىم! مەن ئۇنى سېنىڭ ئەمرىمگە تاپشۇردۇم، ئۇنىڭ ھەققىدىكى ھۆكمىڭگە رازى بولدۇم، ماڭا سەۋر قىلىشنى ۋە سەۋر قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابىنى ئاتا قىلغىن، دەپ دۇئا قىلدى. FGC[yz1g:
e.[h
شۇ كۈنى كۈن ئولتۇرماي تۇرۇپ ئابدۇللاھ شاھادەت شەربىتىنى ئىچتى. ئۇنىڭ شېھىد بولغانلىقىغا ئون نەچچە كۈن بولغاندا ھەزرىتى ئەسما روھىنى ئاللاھقا تاپشۇردى. ئاللاھ تائالا ھەزرىتى ئەسما، ئوغلى ھەزرىتى ئابدۇللاھ ۋە باشقا پۈتۈن ساھابە كىراملاردىن رازى بولسۇن. قىيامەت كۈنى ئۇلارنى بىزگە شاپائەتچى قىلسۇن. ئامىين!
MD +Q_
+S$x}b'5q
http://www.merifet.net