يېقىدىن بۇيان كىچىسى ئۇيقۇ كەلمەي ،بەك قىينلىپ كەتتىم ،نېمە بۇلدىكىن ،بەزىدە ئۇيقۇم كەلمەي تاڭ ئېتىپ كېتىدۇ، ئۇيقۇ كەلمسىمۇ بەك ئازاب بۇلدىكەن ،بۇگۇن كىتابدىن بۇنى كۆرۈپ قالدىم ،ھازىر مەن سىناۋاتمەن ،سىلەرگە پايدىسى تىگىپ قالار…..
ئۇيقۇ قېچىش چوڭ مېڭنىڭ پائالىيىتى كۆپ بولۇپ كېتىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ قىسقا بولۇشى ياكى ئۇيقۇغا قانماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.ئادەتتە يۇقىرىقى ئىككى ئالامەت بىللە كېلىدۇ.ئۇيقۇ قېچىش ياتقاندا ئۇيقۇ كەلمەسلىك،ئۇخلاۋېتىپ ئويغىنىپ كېتىش ۋە يىرىم كېچىدىن كېيىن ئويغىنىو كېتىپ ئۇخلىيالماسلىقتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
ياتقاندا ئۇيقۇكەلمەسلىكتە،ئادەم ئۇخلاشقا تەمشەلگەندە ئۇيقۇسى قېچىۋىلىپ ئۇخلىيالمايدۇ ،تۈ نىسبىدىن ئاشقاندا ياكى تاڭ ئاتاي دىگەندە ئاندىن ئۇخلايدۇ،بۇ خىل ئەھۋال ئىنتايىن ئۇمۇملاشقان ؛ئۇخلاۋېتىپ ئويغىنىو كەتسە قايتا ئۇخلىيالمايدۇ ،ئادەتتە كۆپ چۈش كۆرىدۇۋە قارا بېسىپ تۇرىدۇ ،بۇ خىل ئەھۋال ئوتتۇرا ياشلىق كىشلەردە ئاساسەن پەيدا بولىدۇ؛يېرىم كىچىدىن كېيىن ئويغىنپ كېتىپ قايتا ئۇخلىيالماسلىق ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.بۇنىڭ ئۈچن 20تال چىلاننى پاكىز يۇيۇپ،سۇغا چىلاپ كۆپتۈرگەندىن كېيىن 20مىنۇت قاينتىپ ،ئۈسىتگە پاكىز يۇيۇلغان يەتتە تال غولپىيازنى ئېقىنى سېلىپ ،سۇس ئوتتا 10مىنۇت قاينتىپ،ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىلاننى يەپ ،سۈينى ئىچىپ،بۇ خىل ئۇسۇلىنى بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرغاندا يۈرەك ۋە تالنى قۇۋۋەتلەپ ،ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ،ئاساسلىقى يۈرەك ۋ تال ئاجىزلىقدىن بۇلغان ئۇيقۇ قىچىش،كۆپ چۈش كۆرۈش، ئاسان ئويغىنىپ كېتىش،ئويغىنىپ ئۇخلىيالماسلىق،يۈرەك ئېغىش، ئۇنتۇغاقلىق، چىرايى
تاتىرىش،ماغدۇرسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۆك دالا بىلوگى
قۇللاپ قۇيۇڭلار...........
http://kokdala.cn