mtv تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
بۇ بەتتىكى تېما: ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئەر - ئاياللارنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە ئۆزگىچىلىكلىرى IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 343 قېتىم كۆرۈلدى
muslim~boy
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 17216
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 307
شۆھرەت: 2079 كىشىلىك
پۇل : 8155 سوم
تۆھپە: 535 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 670 نۇمۇر
قوللاش: 610 نومۇر
ئالقىش: 1118 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئەر - ئاياللارنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە ئۆزگىچىلىكلىرى

0
: Gp,d*M  
ZGUhje!  
IXp(Aeb  
lx8@;9fLy  
H pHXt78  
                               ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئەر - ئاياللارنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە ئۆزگىچىلىكلىرى n\f8%z  
|!VSed#FSn  
       ئىسلام شەرىئىتىنىڭ چىن ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان ياكى ئۇنى قەستەن بۇرمىلاشقا ئۇرۇنىدىغان بەزى ئاتېئىستىلىق پىكىردىكى شەخسلەر ئىسلام شەرىئىتىدە ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ ھوقۇقلىرى بىردەك ئەمەس، ئاياللارنىڭ كىشىلىك شەنى دەپسەندە قىلىنىدۇ، دەيدىدىغان سەپسەتىلىرىنى ئالغا سۈرۈپ، ئىسلام شەرىئىتىنى كەمسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. كىشىلەرنى ھەق يولدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ سەپسەتىلەرنىڭ بەزى كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ھەقلىقى ۋە پاكلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقى تەبىئىي. Rf)lFi  
ئەمەلىيەتتە راستىنلا شۇنداقمۇ؟  ياق! «قۇرئان كەرىم»  ۋە ھەدىس شەرىپلەردە ئەر - ئاياللارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە ئۆزگىچىلىكلىرى ئەتراپلىق تۈردە تەپسىلىي ھەم ئېنىق ئىزاھلانغان. fiuF!<#;6  
ئىسلام دىنى پۈتكۈل ئىنسانلارنى ياراتقان ۋە ئۇلارنىڭ تەبىئەت خاراكتېرىنى ئۇبدان بىلىدىغان ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن ساماۋىي دىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ قانۇن - پرىنسپلىرىدا ئىنسانلارنىڭ تەبىئي ھەق - ھوقۇقلىرى ئالاھىدە كۆزدە تۇتۇلغان. xh$1Rwa  
ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكىمىتى بىلەن ئىنسان ۋە باشقا ھەر خىل مەخلۇقاتلارنى ئەركەك - چىشى قىلىپ ياراتتى. ئىنسانلار ئارىسىدا ئەر - ئايال ئىككى جىنسنىڭ يارىتىلىش تەبىئىتى بىر - بىرىگە ئوخشىمىغىنىدەك، ئۇلارنىڭ ھاياتتىكى ۋەزىپىلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە لايىق خۇسۇسىيىتى ۋە ھاياتلىقتا ئاداقىلىدىغان ئۆزىگە خاس ئالاھىدە رولى بار. شۇنىڭغا باغلىنىشلىق ئىسلام قانۇن - پرىنسىپلىرىدا ئەر- ئايال ئىككى جىنسنىڭ باراۋەر بولىدىغان يەرلىرىمۇ، باراۋەر بولالمايدىغان يەرلىرىمۇ بار. ئەر بىلەن ئايال باراۋەر بولىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بەزىسى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: 86bl'FdKS  
1 - ئەر بىلەن ئايال ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتلىرىدە ۋە ئىنسانلىق ھۆرمەتتە ئوخشاشتۇر. ئاللاھ تائالا ئەر - ئايال پۈتكۈل ئىنسانلارنى بىر خىل ھۆرمەتتە ياراتقانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: »شەك - شۈبھىسىزكى، بىز ئىنسان بالىلىرىغا بىر خىل ھۆرمەت ئاتا قىلدۇق.« [سۈرە ئىسرا70 – ئايەت] yi7m!+D3  
2 - ئەر بىلەن ئايال ئىسلام شەرىئىتىدە بۇيرۇلغان ئەمەل - ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈش ۋەزىپىسىدە ئوخشاشتۇر. يەنى ئەر كىشىگە پەرز بولغان بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇش، روزا، زاكات، ھەج ۋە باشقا ئىبادەتلەر ئايال كىشىگىمۇ ئوخشاشلا پەرزدۇر. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەل - ئىبادەتلىرىگە بېرىلىدىغان مۇكاپەتلىرىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: »مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بېكار قىلىۋەتمەيمەن.« [سۈرە ئال ئىمران 195 – ئايەت]   y:6&P6`dx  
3 - ئەر بىلەن ئايال ئىسلام شەرىئىتىدە مەنئى قىلىنغان ئىشلاردىن توسۇلۇشتا ئوخشاشتۇر. يەنى «قۇرئان»دا ۋە ھەدىسلەردە »گۇناھ«دەپ مەنئى قىلىنغان ئىشلار ئەر - ئاياللار ئۈچۈن بىردەكتۇر.  ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: »كىمكى(ئەر ياكى ئايال بولسۇن) يامان ئىش قىلىدىكەن، يامان ئىش قىلغانلارغا  پەقەت قىلغان يامانلىقلىرىغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ.« [قەسەس سۈرىسى 84 - ئايەت] JZQT}  
4 - ئەر بىلەن ئايال قىساستا ئوخشاشتۇر. بىر ئەر بىر ئايالنى ئەيىبسىز ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ كىشى شۇ ئايال ئۈچۈن ئۆلتۈرىلىدۇ. ئەكسى ھالەتتە، ئەرنى ئۆلتۈرگەن ئايالغىمۇ شۇ جازا قوللىنىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: »ئى مۆمىنلەر! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى.« [سۈرە بەقەرە 178 – ئايەت] mTG v*=l  
يۇقىرىقى ئايەتتە بايان قىلىنغان »مۆمىنلەر« دېگەن سۆز ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن ھەر قانداق مۆمىن كىشىلەرگە قارىتىلغان. %kM|Hk3d  
5 - ئەر بىلەن ئايال ئىلىم - مەرىپەت ئۆگىنىشتە ئوخشاش يەنى ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارغا ئىلىم ئۆگىنىشنى ئەر بىلەن ئايال ھەر ئىككىسىگە ئوخشاش پەرز قىلغان. بۇ مەسىلە «قۇرئان كەرىم»دە ئوچۇق كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى ئىلىم ئۆگىنىشكە چاقىرغان ھەدىسلىرىدە ئۇنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: »ئىلىم ئۆگىنىش ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشىگە پەرزدۇر« [بۇخارىي رىۋايىتى] xHs8']*\  
6 - ئەر بىلەن ئايال ئۆي بىساتى، مال - مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىشتا ئوخشاشتۇر. بۇ خۇسۇستا ئۇلار تەڭ ھوقۇقلۇق. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: »ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ.« [سۈرە نىسا 32 – ئايەت] SDY!!.  
7 - ئەر بىلەن ئايال مىراس ئېلىش ھوقۇقىدا ئوخشاش. »ئاتا - ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئەرلەرنىڭ ھەسسىسى بار، ئاتا - ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئاياللارنىڭمۇ ھەسسىسى بار.« [سۈرە نىسا 7 – ئايەت] %G~ f>  
8 - ئەر بىلەن ئايال ئۆز مال - مۈلكىنى تەسەررۇپ قىلىشتا ئوخشاشتۇر. يەنى ئۆز مۈلكىنى خالىغانچە قوللىنىش، ئېلىش ۋە سېتىش ئىشلىرىدا ئەر بىلەن ئايال بىردەك ھوقۇققا ئىگىدۇر. F<'@T,LVc  
9 - ئەر بىلەن ئايال نىكاھلىنىشتا ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە. ئەرلەرنىڭ ئۆزلىرى خالىغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىش، ئاياللارنىڭمۇ ئۆزلىرى مۇناسىپ كۆرگەن ئەرلەرگە ياتلىق بولۇش ئەركىنلىكىگە چەك قويۇلمايدۇ. ئىسلام شەرئىىتىدە ئوغۇل - قىزلارنى ئۆزلىرى خالىمىغان كىشىلەر بىلەن نىكاھلىنىشقا زورلاش مەنئى قىلىنىدۇ. tvH{[e$  
ئەمما ئەر بىلەن ئايالنىڭ باراۋەر بولمايدىغان تەرەپلىرى تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك مەسىلىگە ئىخچاملىنىدۇ. wyqXD.o f  
1 - باشقۇرۇش ISy\g`d`C  
ئىنسان مەدەنىي مەخلۇقتۇر. ئۇ ئۆزى يالغۇز ياشىيالمايدۇ، بەلكى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆمۈر سۈرۈشكە موھتاجدۇر. كوپلىگەن ئىنسانلار بىللە توپلىشىپ ياشىغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جېدەل - ماجرالار، بىرى ئىككىنچىسىنىڭ مۈلكىگە قول سېلىپ، ھەقسىزلىق قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەتنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن دۆلەت - ھۆكۈمەت، كىچىك مەنىدە ئائىلە ئىدارە قىلىش، باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئەڭ قىيىن ۋە ئېغىر مەسىلىدۇر. ئىنسانلارنى باشقۇرۇپ، ئىدارە قىلغۇچىلار ئەقىللىق، مۇستەھكەم ئىرادىلىك، ئۆتكۈر پىكىرلىك بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى، بۇ سۈپەتلەر جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىز يارىتىلغان ئاياللاردا ئىنتايىن ئاز تېپىلىدۇ. ئاياللار يارىتىلىشىدىنلا مېھرىبان، رەھىمدىل، كۆڭلى يۇمشاق، كۆڭۈلچەك، ھېسسىياتچان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار كىشىلەرنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالمايدۇ. شۇڭلاشقا ئىسلامدا ئاياللارنى ھىمايە قىلىش يۈزىسىدىن بۇ خىل جاۋابكارلىق ۋەزىپىسى ئەرلەرگە تاپشۇرۇلىدۇ. ھەتتا ئاياللار ئائىلىسىنىمۇ مۇستەقىل ئىدارە قىلالمايدۇ. گەرچە بەزى ئاياللار ئائىلىسىنى ۋاقىتلىق ئىدارە قىلىپ كېتەلسىمۇ، قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە ئاجىزلىق قىلىدۇ. بۇ كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەر قاچان ئۇچراپ تۇرىدىغان ھالەتتۇر. X|Gsf= 1S  
2 - گۇۋاھلىق :-x F=Y(;  
ھەر قانداق گۇۋاھلىق تەلەب قىلىنىدىغان مەسىلىلەردە ئىككى ئايال كىشىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىر ئەر كىشىنىڭ گۇۋاھلىقىغا باراۋەر كېلىدۇ. مانا بۇ، ئىنسانلار ئارىسىدا ناھەقچىلىققا يول قويماسلىق ۋە ئادالەتنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ھاجەتلىك. چۈنكى ئىسلام شەرىئىتىدە ھەر قانداق ئەرز - شىكايەتلەرنى ئادىلانە ھەل قىلىش ئۈچۈن گۇۋاھچىلار تەلەب قىلىنىدۇ. بۇنداق ئىنچىكە مەسىلىدە بىر ئەركىشىنىڭ ئورنىغا ئىككى ئايال كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى كېرەك. ئۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە: j(Tt-a("z  
ئاياللار ئەرلەرگە نىسبەتەن جىسمانىي تەرەپتىن ئاجىز بولغانلىقتىن، شۇنىڭغا باغلىنىشلىق پىكىر قىلىش، بېرەر نەرسىلەردىن مۇۋاپىق خۇلاسە چىقىرىش ۋە مەۋقە مەسىلىلىرىدىمۇ ئاجىزلىق كۆرسىتىدۇ. بىر ئايالنىڭ گۇۋاھچىلىقىنىڭ ئۆتمەيدىغانلىقى شۇنىڭدىندۇر. ئەگەر ئىككى ئايال بولسا كۆڭۈلچەكلىك قىلىش، ئەينى ئەھۋالدىن چەتنەپ كېتىش يۈز بەرمەي، ئۇلار بىر- بىرىنىڭ پىكىرىنى تولۇقلاپ، مەسىلىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى مۇۋاپىق تۈردە ئېيتىپ بېرىدىغان بولىدۇ، بىرى ئىككىنچىسىنىڭ خاتاسىنى تۈزىتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دەيدۇ: »سىلەر ئىككى ئەر كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار. ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر ئادالىتىگە ۋە دىيانىتىگە ئىشىنىشكە بولىدىغان بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، ئىككى ئايال كىشىنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئىككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ.« [بەقەرە سۈرىسى 282 - ئايەت] I2JE@?  
3 - مىراس q5il9*)d (  
ساماۋىي دىنلارنىڭ ئاخىرقىسى ۋە ئادالەتنىڭ مەنبىئى بولغان ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندە مەيلى ئەرەب زېمىنىدا بولسۇن، مەيلى باشقا ئەللەردە بولسۇن، ھېچبىر يەردە ئاياللارنىڭ مىراس ئېلىش ھوقۇقى يوق ئىدى. ئاياللارنىڭ مىراس ئېلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاياللارنىڭ ئۆزلىرى باشقىلارنىڭ مىراسى بولۇپ ھېسابلىناتتى. ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرى نازىل بولغاندىن كېيىن، بۇ ھەقسىزلىقلەر يوقىتىلىپ، ئاياللارنىڭمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش مىراس ئېلىش ھوقۇقى ئىسلام مىراس قانۇنىدا بېكىتىلدى. بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەي، ئۇنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرۈشنى كۆزلەيدىغان بەزى شەخسلەر »ئىسلامدا ئاياللارغا ئەر كىشىلەرگە بېرىلىدىغان مىراسنىڭ يېرىمى بەلگىلەنگەن. بۇ ئاياللارنى كەمسىتكەنلىك ئەمەسمۇ؟« دېگەندەك سەپسەتىلەرنى توقۇپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، ئىسلام شەرىئىتىدىكى مىراس قانۇنىنى چوڭقۇرراق ئويلاپ، پىكىر يۈرگۈزىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ئادالەتلىك ۋە توغرا ئىكەنلىكىگە قايىل بولىمىز. `$|!h-"  
ئىسلامدىكى مىراس مەسىلىسى ئائىلە نىزامىغا باغلىق بىر مەسىلە. بۇ ئىككىسىنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. بىر ئائىلىدىكى ئەر كىشىنىڭ ئانىسى، ئايالى، قىزى ۋە ھەدە - سىڭىللىرى بولىدۇ. بۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ چىقىملىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. دېمەك، ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلغۇچى ئەرلەردۇر. ئەگەر بىز شۇنى تۇتقا قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىدىغان بولساق، ئاياللارغا مىراس بۆلۈپ بېرىشنىڭ نامۇۋاپىقلىقى قارارىغا كېلىمىز. لېكىن ئىسلامدا ئاياللارنىڭ قەدرىنى كۆتۈرۈش يۈزىسىدىن ئۇلارغا مەلۇم مىقداردا مىراس بۆلۈپ بېرىش بەلگىلەنگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق چىقىم قىلىشنى بۇيرىمىغان. ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، تۇرمۇشنىڭ پۈتۈن خىراجەت ۋە ئېھتىياجلىرىنى تەمىن ئېتىش ۋەزىپىسى ئۈستىگە يۈكلەنگەن، ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ ― ئاتا ـ ئانىسى، ئايالى، بالىلىرى، ئاچا ـ سىڭىللىرىنىڭ ― بارلىق چىقىملىرى زىممىسىگە ئارتىلغان ئەر كىشى ئايال كىشى بىلەن تەڭ مىراس ئېلىشى كېرەكمۇ؟   <5*cc8  
مىراس ئىسلام شەرىئىتىدە مۇنداق بۆلۈپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن: بىر ئادەمنىڭ بىر ئوغۇل، بىر قىز ئىككىلا پەرزەندى بولغان بولسا، ئۇ ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارغا 3000 تەڭگىلىك مىراس قالغان بولسا، ئۇنىڭ 2000 تەڭگىسى ئوغۇلغا، 1000 تەڭگىسى قىزغا بېرىلىدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا ئىككى ھەسسە ئارتۇق مىراس ئالغان ئوغۇل ئۇنى ئايالى، پەرزەنتلىرى، ئاچا – سىڭىللىرى ۋە ئانىسىنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا شەرىئەت قانۇنى بويىچە گۇناھكار بولىدۇ. ئەمدى 1000 تەڭگە مىراس ئالغان قىزغا كەلسەك، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنىڭ چىقىملىرىنى تەمىنلەش ۋەزىپىسى يۈكلەنمەيدۇ. ئۇنى نېمىگە، قانداق ئىشلىتىمەن دېسە ئۆزىنىڭ ئىختىيارى. يەنى ئۇ ئايال مىراس ئالغان 1000 تەڭگىنى ئۆلگىچە يېنىدا ساقلىسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىشى. ئەگەر ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئىشلىتىمەن دېسە يەنە ئۆز مەيلى. لېكىن ئۇ ئائىلىسىگە چىقىم قىلىشقا مەجبۇر ئەمەس. ئۇنىڭ بارلىق چىقىمى ئېرىنىڭ زىممىسىدا بولىدۇ. ئەمدى بۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، مىراس ئېلىشتىن كىم ئارتۇقراق مەنپەئەتدار بولدى؟ 2000 تەڭگە ئالغان ئوغۇلمۇ؟ ياكى 1000 تەڭگە ئالغان قىزمۇ؟ ھەقىقەت ۋە ئادالەتنىڭ ئۆلچىمى بولغان مۇقەددەس ئىسلام دىنىدا بۇ خىل نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھالدا يولغا قويۇلغان. a}l^+  
4 - تالاق ,]e!OZ[$m  
كىشىلەر تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن ئائىلە ھاياتىدا ھەمىشەم ئىناق، ئۇرۇش - تالاشسىز، رەنجىشسىز ياشاپ ئۆتەلمەيدۇ. گاھىدا ئەر - خوتۇنلار ئارىسىدا جېدەل - ماجرالار  يۈز بېرىپ قالىدۇ. مۇنداق ۋاقىتتا بىرىنىڭ ئاچچىغى يېنىپ، ئۆزىگە كەلگىچىلىك قارشى تەرەپنىڭ سەۋر قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا بىر دەملىك ئاچچىق سەۋەبى بىلەن ئائىلە بۇزۇلىدۇ. ئاياللار ئادەتتە ھېسسىياتىنى ئىدارە قىلالمايدىغان، چېچىلاڭغۇ ۋە ئالدىراقسان كېلىدۇ. ئايال ئۆزىنى باسالمىغاندا ئەر ئۆزىنى تۇتۇپ ئالىدىغان بولۇشى كېرەك. ئەكسى ھالەتتە جېدەل - ماجرالار ئۇلغىيىپ، ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئېلىپ كېلىدۇ. مۇنداق كەسكىن پەيتلەردە ئائىلىنى ساقلاپ قېلىش، ياكى ئايالىنى تالاق قىلىش ھوقۇقىنى ئەرلەرگە بەرگەن. بۇمۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئەر بىلەن ئايالنىڭ تەبىئىتىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئورۇنلاشتۇرغان قائىدە - قانۇنى. شۇنىمۇ ئەستە تۇتۇش لازىمكى، نىكاھلىنىپ ئائىلە قۇرۇشتا ئايالنىڭ ئىختىيارى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئەگەر ئايال كىشى رازى بولمايدىكەن، ئەرنىڭ ئون قېتىم ئالدىم دېگىنى بېكار. بۇ مەسىلىلەرنى ئەنە شۇنداق كەڭ دائىرىدە چۈشەنگىنىمىزدە ئىسلام دىنىنىڭ نەقەدەر ئەقىلغا مۇۋاپىق، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە ئۇيغۇن دىن ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.   kb>:M.  
blog.salkin.cn
There is no God Except Allah , and Muhammad is the Messenger of Allah
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-24 14:16 |
衣布拉音
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 25225
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 331
شۆھرەت: 439 كىشىلىك
پۇل : 1985 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 331 نۇمۇر
قوللاش: 331 نومۇر
ئالقىش: 331 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ، شۇنداق ياخشى تىمىكەن ، ھەممە دوسىتلارنىڭ تولۇق ئوقۇپ شۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن ، ئاللاھ ئىككىلى دۇنيادا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن ، ئۇزۇلدۇرۇپ قويماي يەنە يوللاپ تۇرغايسىز .......
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-24 20:41 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن مۇنبىرى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر