سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مەسىلە
&0"`\~lA ZAP+jX; (زىننەت روزى)
AjS5 q}!4b'z^ سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار دورىنى قانداق ۋاقىتتا توختاتسا بولىدۇ؟ ,y >Na{@Y UdGoPzN سەكتە ئاغرىقلىرىنى داۋالايدىغان دورىلار، ئاساسلىقى، خەتەرلىك ئامىللارغا تاقابىل تۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ. مەسىلەن: قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى بىلەن قان بېسىمىنى كونترول قىلغىلى، قاندىكى شېكەر تەركىبى ۋە ياغ تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى بىلەن قاندىكى قەنت ۋە ياغ تەركىبىنى كونترول قىلىپ تەڭشىگىلى، قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىدىغان دورىلار بىلەن قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. دورا ئارقىلىق داۋالاشنىڭ مەقسىتى بۇ كېسەلنىڭ قايتىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ، دورىنى ئۇزاق مۇددەت ھەتتا ئۆمۈر بويى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
U,=K_oBAq نۇرغۇن ئاغرىقلار ئۇزاق مۇددەت دورا ئىشلەتسە ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئەھۋالىدا سەل ياخشىلىنىش بولسىلا دورىنى توختىتىشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، دورا كېسەلنى ۋاقىتلىق كونترول قىلىپ تۇرىدۇ، لېكىن ئۇ كېسەلنىڭ ساقايغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، شۇڭا بۇنداق ئاغرىقلارنىڭ داۋاملىق دورا ئىشلىتىشى ئىنتايىن مۇھىم.
)=D&NO67Pq سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېمەكلىكلەر
@K9T )p] سەكتە ئاغرىقلىرى داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە تاماقنى يۇتۇش قىيىن بولغاچقا، ئۇلارغا سۇيۇق، ياغسىز، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يۇمشاق يېمەكلىكلەرنى بېرىشنى ئاساس قىلىش ھەم بىر قىسىم يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
zCHr ھايۋانات ياغلىرىنى چەكلەش كېرەك. مەسىلەن: كالا يېغى، قوي يېغى، خام قايماق قاتارلىقلار، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خولېستېرىن تەركىبى بىر قەدەر يۇقىرى يېمەكلىكلەر، مەسىلەن: تۇخۇم سېرىقى، بېلىق تۇخۇمى، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، سىمىز گۆش قاتارلىقلارنى يېمەسلىك كېرەك. چۈنكى بۇنداق يېمەكلىكلەردىكى تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى قاندىكى خولېستېرىننىڭ قويۇقلۇقىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلىتىپ، قان تومۇرلىرىنىڭ قېتىۋېلىشىنى تېزلىتىدۇ، ئۆسۈملۈك يېغى، مەسىلەن: پۇرچاق يېغى، چاي يېغى، كۈنجۈت يېغى، خاسىڭ يېغى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ خولېستېرىننىڭ چىقىرىلىشى ۋە ئۆت سۇيۇقلۇقى كىسلاتاسىغا ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، قاندىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرى قېتىشىشنى كېچىكتۈرىدۇ ۋە يېنىكلىتىدۇ. شۇڭا يېمەكلىكتە مۇۋاپىق ئاقسىل بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، دائىم تۇخۇم ئېقى، ئورۇق گۆش، بېلىق تۈرلىرى ۋە ھەرخىل پۇرچاقتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ، بەدەنگە كېرەكلىك ئامىنو كىسلاتاسىنى تولۇقلاش كېرەك. ئادەتتە ھەر كۈنى بىر ئىستاكان سۈت ۋە بىر ئىستاكان قېتىق ئىچىپ بەرسە، سۈتتىكى سۈت ئىئونى ۋە سۈت كىسلاتاسى بەدەندىكى خولېستېرىننىڭ بىرىكىشىنى تىزگىنلەپ، قاندىكى ياغ تەركىبى ۋە خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ. سۈت ئىچكەندە قايمىقىنى ئېلىۋېتىپ ئىچىش كېرەك. پۇرچاق تۈرلىرى تەركىبىدىكى پۇرچاق سىتېرولى بەدەندىكى خولېستېرىننىڭ چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ. يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپ يەپ بېرىش كېرەك. چۈنكى يېڭى مېۋە ۋە يېڭى كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە كالىي، ماگنىي قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بار. ۋىتامىن C قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، ئىنچىكە قان تومۇرلارنى كۈچەيتىپ، قاناشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كالىي، ماگنىي قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار قان تومۇرلىرىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
G
DV-wPX لامىنارىيە(خەيدەي)، قىزىل دېڭىز يوسۇنى، راك قاتارلىق تەركىبىدە يود مول يېمەكلىكلەرنىمۇ يەپ بېرىش كېرەك. يود خولېستېرىننىڭ قان تومۇرى دىۋارىدا يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىپ، قان تومۇرى قېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
z m'jk D| ئۇنىڭدىن باشقا، كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان تۇزنىڭ مىقدارى ئالتە گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. تۇز تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ناترىي ئىئونى بولۇپ، ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلغان ناترىي ئىئونى كۆپ بولۇپ كەتسە، قاننىڭ سىغىمى ۋە يۈرەكنىڭ يۈكىنى ھەم قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قان بېسىمى يۇقىرىلاپ، سەكتە ئاغرىقلىرىغا پايدىسىز بولىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا، سەكتە ئاغرىقلىرى ھاراق، قېنىق چاي، قەھۋە قاتارلىق نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاش خاراكتېرىگە ئىگە ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىكى كېرەك.
.N=hA قانداق قىلغاندا سەكتىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
X2cR+Ha0 خەتەرلىك ئامىللارنى تىزگىنلىگەندە ئاندىن سەكتىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. سەكتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىز داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، مۇھىمى، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ھازىر مۇتەخەسسىسلەر قان تومۇرلىرىنىڭ قېتىۋېلىشى سەكتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى، دەپ قارىماقتا. لېكىن قان تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىشى بىرخىل تەبىئىي قېرىش جەريانى بولۇپ، ئادەم قېرىغاندا، قان تومۇرلىرى ئاستا - ئاستا قېتىۋالىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار ھاراق – تاماكىدىن نېرى تۇرغان، قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان ۋە قان بېسىمى يۇقىرى بولمىغان بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. بۇ ھەربىر كىشى ئۆزىنى قاچۇرۇپ بولالمايدىغان ھەقىقەت. لېكىن، سىزدە نامۇۋاپىق تۇرمۇش شەكلى (مەسىلەن: تاماكا چېكىش، يېتەرلىك بەدەن چېنىقتۇرماسلىق، ھاراق ئىچىش ياكى كۆپ خىل خەتەرلىك ئامىللار) بولسا، بۇ قان تومۇرلىرىنىڭ قېتىۋېلىش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلىتىدۇ. نەتىجىدە ئاسانلا سەكتە بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۆزىمىزنى ئاسراپ قان تومۇرىمىزنىڭ قېتىۋېلىشىنى ئاستىلىتىپ، سەكتىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كېچىكتۈرۈشىمىز، سەكتە يۈز بېرىشكە ئىمكانىيەت بەرمەسلىكىمىز كېرەك.
MbfzGYA2~ تەتقىقاتچىلار سەكتىنى پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنىڭ ئىككى چوڭ تۈرلۈك بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى: بىرى، كونترول قىلغىلى بولمايدىغان خەتەرلىك ئامىل، مەسىلەن: يېشى، جىنسى، يۈرەك، مېڭە قان تومۇرى كېسىلى تارىخى بارلار؛ يەنە بىرى، كونترول قىلغىلى بولىدىغان خەتەرلىك ئامىل، بۇ نامۇۋاپىق تۇرمۇش شەكلى، سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت كېسىلى، قاندا ياغ تەركىبى يۇقىرى بولۇش، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر بىز بۇ كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان خەتەرلىك ئامىللارنى تىزگىنلىيەلىسەك، كەيپىياتىمىزنى ئوبدان تۇتۇپ، قەرەللىك بەدەن تەكشۈرتۈشكە ئەھمىيەت بەرسەك، ئۆزىمىزدىكى قەنت، قان بېسىمى، قاندىكى ياغ تەركىبىنى نورمال دائىرە ئىچىدە كونترول قىلىپ تۇرساق سەكتىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز.
Z+"&{g D,\=zX; مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى