mtv تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
بۇ بەتتىكى تېما: چۈش ۋە رىئاللىق IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 875 قېتىم كۆرۈلدى
ئەلئىز
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 25226
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 126
شۆھرەت: 126 كىشىلىك
پۇل : 885 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 147 نۇمۇر
قوللاش: 136 نومۇر
ئالقىش: 171 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 چۈش ۋە رىئاللىق

0
چۈش ۋە رىئاللىق / /wmJ |  
ئۇ ماختىغىدەك گۈزەللەردىن ئەمەس ئىدى.لېكىن ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىدا بىرخىل تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز سۈلكەت،ۋۇجۇدىدا ھەقىقى قىز-ئاياللارغا خاس نازاكەت جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئېرى ئۇنى بەك چىڭ تۇتاتتى،ئۇ بۇنڭدىن ئاغرىنمايتى،ئۇ بۇ ئىشلار شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك دەپ قارايتى،ھەمدە ئۆزىمۇ ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن ئۆسەك گەپلەرگە قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ ئۆزىگە بەك دىققەت قىلاتتى.شۇنداقتىمۇ ئېرى ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ،تېلفۇنلىرىنى ئېچىپ كۆرۈپ،بىرەر ناتونۇش نومۇر بولۇپ قالسا ،سۈرۈشتە قىلاتتى،بەزىدە تېخى ئوغۇرلۇقچە شۇ نومۇرغا تېلفۇنمۇ قىلىپ باقاتتى،بۇ ئىشلارنى ئۇ سېزىپ تۇراتتى،گەرچە ئېرىنىڭ ئۆزىگە ئىشەنمەسلىگى ئۇنى ئازاپلىسىمۇ لېكىن ئۇ بۇنى ئېرىنىڭ ئۆزىنى بەك ياخشى كۆرگەنلىگىندىن دەپ قاراپ بەك ئېغىر ئېلىپ كەتمەيتى.لېكىن ئۇ ئەزەلدىن ئېرىنىڭ يانفۇنىنى ئېچىپ تېلفۇن خاتىرىسى ياكى قىسقا ئۇچۇرلارنى كۆرمەيتى.بىر كۈنى تاسادىپى بىر ئەھۋالدا ئېرىنىڭ تېلفۇن ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ قالدى.بۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئېرى كىچىك زېرەك ئىشلىتىپ يانفونىنى ئۆيدە تاشلاپ قويۇپ ئىشلەتمەيۋاتاتتى.بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئېرىنىڭ يانفۇنى ئۆيدە قالدىغان ئەھۋاللار بولغان لېكىن ئۇ كۆرۈپ باقايچۇ دەپ ئويلاپ باقمىغان ئىدى. NoKYHN^*w  
بۈگۈن ئەسلى ئۇ ئېرى ھەم بالىسىنى يولغا سېلىۋېتىپ،ئۇخلىماقچى بولۇپ ياتقان ئىدى،تۇيۇقسىز يانفۇن سايراپ قالدى،ئۇ ئۇرنىدىن تۇرۇپ يانفۇننى كىيىم ئىشكاۋىدىن تېپىپ چىقتى،ئەسلىدە چۈشلۈك ئۇيقىدىن ئويغىتىدىغانغا تەڭشەپ قويغان قوڭغۇراقكەن.ئۇ يانفۇننى بېسىۋېتىپ جايىغا قويۇپ قويماقچى بولدى-يۇ،بىرخىل قىزىقىش بىلەن قىسقا ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلۇپ قالدى.ئۇ ئاخىرى قوللىرى سەل تىترىگەن ھالدا ئۇچۇرلارنى كۆرۈشكە باشلىدى.ھەدىمەستە ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىققىنى ،سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالسام ماڭا پەرۋا قىلمايسىز دىگەن مەنىدىكى بىر ئۇچۇر بولدى،بۇ كىم بولغىيدى؟ ئۇ قوللىرى تىترىگەن ھالد داۋاملىق كۆرۈشكە باشلىدى،مۇشۇ نومۇردىن كەلگەن ئۇچۇرلار خېلى كۆپ بولۇپ،رومانتىك لېرىكىلىق شېئىرى ھىسيات بىلەن يېزىلغان مۇھەببەت سېغىنىش ھەققىدىكى قىسقا ئۇچۇرلار ئىدى. ھەتتا سېرىق مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارمۇ بار ئىدى. بۇ نومۇر ئۇنىڭغا تونۇشتەك بىلىندى،ئاياللارنىڭ سەزگۈسى ئۇلارنى ئالدىمايتى.ئۇ بىرسىدىن گۇمان قىلدىدە ئۆزىنىڭ يانفۇنىنى ئېچىپ ئۆزى گۇمان قىلغان قىزنىڭ نومۇرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ بېشى قايغاندەك ئولتۇرۇپ قالدى،ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى.دەرۋەقە بۇ ئۇچۇرلار ئۇنىڭدىن كەلگەن ئىدى. (>;~((2  
   ئۇ ئۇنىڭ يولدىشى بىلەن بىر ئىدارىدا ئىشلەيتى.ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ ئىدارىسىدا بىرنەچچە چوكان بولۇپ ئۇنىڭ يولدىشى ئۇلار بىلەن كۈلكە-چاقچاق بىلەن ناھايىتى قىزغىن ئۆتەتتى.بىللە تاماق يىيىش،بىللە بىر يەرلەرگە بىرىش دىگەندەك ئىشلار بولۇپ تۇراتتى.ئۇ سىرتتا خىزمەت قىلاتتى،بىر ھەپتىدە بىر ئۆيگە قايتاتتى. بەزىدە بۇ قىزغىنلىقلار زىيادە بولۇپ كەتكەندەك ھىس قىلسىمۇ،لېكىن چاندۇرمايتى، ئۆزىگە ئىشىنىپ ئېرىغا ئىشىنىپ ئارتۇقچە ئويلاردا بولۇشنى خالىمايتى .ئۇمۇ ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشاتتى.لېكىن، ئۇ ئايال ئۇنىڭغا ھال سوراپ ياكى ھېيت-بايراملارنى تەبرىكلەپ قىسقا ئۇچۇر يوللاپ باقمايتى. b%)a5H(  
ئۇ ئېرىغا بەك ئىشىنەتتى. ئۇ ئىشەنگەن سۆيگەن ئېرى ئەمدى ئۇنىڭغا ناتونۇش بىلىنىشكە باشلىدى.ئۇنىڭ يۈرىگى مۇزلاۋاتقاندەك قىلاتتى.ئۇ ناھايىتى نازۇك تەبىئەتلىك مۇھەببەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان قىز ئىدى.ئۇنىڭ دۇنياسىدا پەقەت ئېرىلا بار ئىدى.ئېرىنى ھەتتا ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىنمۇ يېقىن كۆرەتتى.ئۇنىڭغا نە خىزمەت نە دوست كېرەك ئەمەستەك ئىدى.توي مۇھەببەتنىڭ قەۋرىسى دىگەنلەرگە ئەزەلدىن ئىشەنمەيتى. ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنى بايقاپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويماسلىغىدىكى سەۋەپ،ئۇنىڭ ئېرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەك ياخشى ئىدى.ئېرى ھەر دائىم ئۇنى سۆيىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.يېنىدا بولمىغان ۋاقتىدا كۈندە نەچچە قىتىم تېلفۇن قىلىپ تۇراتتى،ئۆيدە بولسا كېچىلىرى ئۇخلاۋېتىپمۇ جۆيلىگەندەك «سىزنى سۆيىمەن،سىز مېنىڭ ھاياتىم »دەپ پىچىرلايتى،ئەزەلدىن ئۇنىڭ تېلىفۇنىنى ئالمايدىغان ،ئېتىۋالىدىغان ئىشلارنى قىلمايتى.ئۇ بۇ ئىشلارنى بىر-بىرلەپ كۆڭۈل ئىكرانىدىن ئۆتكۈزدى.ئۇ ئالدىراپ قارار چىقارماسىلىقنى توغرا تاپتى،بۇ ئىشلارنى ئېرىنىڭ ئالدىدا چاندۇرماسلىقنى كۆڭلىگە پۈكتى. E* lqCh  
     قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ئايال گەرچە ئۇنىڭدىن چىرايلىق بولمىسىمۇ لېكىن ئەرلەرگە سۆز تاشلاپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىگى بار ئىدى،بەلكىم شۇ يەرلىرى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولسا كېرەك. ئۇ ئېرىنىڭ ئۇ ئايالغا قانداق چىرايلىق ئۇچۇرلارنى يوللىغىنىنى بىلمەيتى،ئەلۋەتتە بۇنداق چىرايلىق ئۇچۇرلارنى كۆرسە بىر ئەركىشىگە تەسىر قىلماي قالمايتى.قىزلار كىچىگىدىن شېرىن-شېكەر سۆزلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولىدۇ.گەرچە ئۇلار شېرىن سۆزلەرگە ئامراق بولسىمۇ،ئۆزىنىڭ سۆيگىنى بار ھالەتتە ئۇ سۆزلەرگە ئاسانلىقچە ئېرىپ كەتمەيدۇ.ئۇ ئېرىنىڭ بىر قېتىم ئۇنىڭغا OKf/[hyu  
بىز مۇشۇنداق ئۇچۇرلارنى ئىۋەتىشمەيدىكەنمىز-ھە دىگىنىنى ئەسلەپ قالدى.ئۇلار پەقەت ‹سىزنى سېغىندىم›،‹سىزنى سۆيىمەن›دىگەندەكلا ئۇچۇرلارنى ئىۋەتىشەتتى.ئۇ ئېرىنىڭ بۇ گېپىنىڭ ئىچىدە گەپ بارلىغىنى ئەمدى ھىس قىلغاندەك بولدى. 9]7^/g*!  
شۇ ۋاقىت ماي بايرىمى بولۇپ،ئۇنىڭ يۇرتىدىن تۇققانلىرى كەلدى،ئېرى بولسا ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ يۇرتىغا كەتتى.ئۇنىڭ كۆڭلى شۇنداق پەرىشان بولسىمۇ ھەدىلىرىگە چاندۇرمىدى،ئۇ ئىچىدە بەلكىم ئىېرىممۇ ئاشۇنداق شېرىن-شېكەر سۆزلەرگە مۇھتاج بولسا كېرەك،مەن ئۇنىڭ بۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدىممۇ قانداق دەپ ئويلىدى،ھەمدە ئېرىغا كۈندە ئاشۇنداق تەييار مۇھەببەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىۋەتىپ تۇردى.ئېرى سەل ھەيرانلىق ھىس قىلدىمۇ قانداق،تېلىفۇن قىلىپ،‹ئەجەپ ئۇچۇر يوللاپ كېتىپسىزغۇ،مەن بىلەن قايتىدىن مۇھەببەتلىشىۋاتامسىز›دەپ چاقچاق قىلدى.ئۇ ‹ھەئە سىزنى سېغىنىپ شۇ›دەپ قويدى.بايراممۇ ئۆتۈپ كەتتى،ئېرى يەنە يانفۇننى ئۆيدە تاشلاپ قويدى،ئۇ يەنە ئېچىپ كۆردى،ئۇ يەنە ئۇچۇر قىلغان بولۇپ،بىر تالاي گەپلەردىن كېيىن،‹سىىز يېىنمدا بولمىسىڭىزمۇ سىزنى ئۇنتۇپ قالمىدىم ›دەپتۇ.مانى كۆرۈڭ،بىر ھەپتىلىك بايرامدا يولدىشى يېنىدا باشقا بىرىنى سېغىنىپ يۈرۈپتۇ-دە ئۇ.ئۇنىڭ ئوغىسى قاينىدى،بوپتۇ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھىچقانداق ئىش يوقمۇ دەيلى،بۇ توپ تارقىتىدىغان ئۇچۇرلارمۇ دەيلى،لېكىن شۇنداق لايىغىدا ئىۋەتىلىدىكىنە بۇ ئۇچۇرلار؟بۇنداق ئۇچۇرلار قىزلار ئارا ئىۋەتىلسىمۇ كۆڭلى تارتقان ئادەمگە ئىۋەتىلىدۇ،ئادەتتىكىدەك ئارىلاشقان بىرىگە بۇنداق ئۇچۇر يوللىسىڭىز باشقىلار سەل ھەيرانلىق ھىس قىلىشى مۇمكىن.ئۇ ئەمدى ئۇ بۇ ئىشنى توسمىسا بولمايدىغانلىغىنى ھىس قىلدى. ئۇ بۇ ئىشلارغا سۈكۈت قىلىپ بىر كۈنى ئۆزىنى بىلىۋالار،ئۇنىڭمۇ ئائىلىسى بالىسى بولغانكىن دەپ يۈرسە،ئۇنىڭ بۇ ئالىجاناپلىغى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئەخمەقلىق بولۇپتۇ-دە.ئېرى بىلەن چوقۇم چىرايلىق سۆزلىشىش كېرەك،لېكىن ئېرى بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىقلا بۇ ئىشنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايتى.ئېرى ئۇ ئايالغا ‹خوتۇنۇم ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرۈپ قاپتۇ ئەمدى ماڭا ئۇنداق ئۇچۇر يوللىماڭ› دىيەلمەيدۇ،بىر ئەر ئۆزىگە شۇنچە ئېتىۋار بىلەن قارىغان ئايالنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرەلمەيدۇ،ئوغۇل بالىلىق قىلىپ ئەرلىگىگە ئېلىپ بولسىمۇ ئۇنداق دىيەلمەيدۇ.شۇنداق قىلىپ ئۇچۇرلار داۋاملىشىدۇ،ۋاقىت ئۇزىرىغانسېرى ئۇچقىندىن يانغىن چىقىدۇ.ئۇ ئايالنى توسۇش كېرەك.ئۇ پۇرسەت تېپىپ ئۇ ئايال بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە چىرايلىقچە سۆزلەشتى.ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بىر تاسادىپى پۇرسەتتە ئۇنىڭ ئېرىغا يوللىغان ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ قالغانلىنى ئېيتتى.ھەمدە ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرگىز يات ئەرلەر بىلەن ئۇنداق ئۇچۇرلارنى يوللاشمايدىغانلىغىنى،ئېرىنىڭمۇ بۇنداق قىلىشىغا بەكمۇ قارشى ئىكەنلىگىنى،شۇڭا بىر ئايال كىشىنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرىنى ئەقلىگە سىغدۇرالمايدىغانلىنى ئېيتتى.ھەمدە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىشى كېرەكلىگىنى ئەسكەرتتى.ئۇ ئايال ئۆڭۈپ-تاتىرىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بۇ ئۇچۇرلارنى قىزىقچىلىق قىلىپ يوللاپ قويغانلىغىنى،بۇنداق ئۇچۇرلارنى خالىغان ئەرلەرگە يوللاۋېرىدىغانلىغىنى ئېيتتى. ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىغان بولدى.كېيىن ئۇ ئېرى بىلەنمۇ سۆزلەشتى،ئېرى قىزىرىپ كەتتى،بەكمۇ ئوڭايسىزلانغانلىغى چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى.ئۇنىڭغا چۈشەندۈردى،بۇنى پەقەت بىر ئۇچۇر دەپلا بىلىڭ،ھىچقانداق ئىش يوق،مەن سىزنى سۆيىمەن.دىدى.ئۇ ناھايىتى سوغۇققانلىق بىلەن: N86Hn]#  
-ئۆزىڭىز بىلىسىز مەن قالايمىقان ئەر كۈنلەيدىغانلاردىن ئەمەس.سىلەر توغرىلىق ئۆسەك سۆزلەرنى ئاڭلىمىدىممۇ ئەمەس،لېكىن مەن سىزگە ئىشىنىپ ئۇ سۆزلەرگە پەرۋا قىلماي يۈردۈم،يېقىنچىلىغىڭلارنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىگىنى سەزمىدىممۇ ئەمەس،ئىچىمدە بىلىپ يۈردۈم.ئەمدى بەس،ئۆزىڭىز دىققەت قىلارسىز-دىدى.ئېرى ئۇنى قۇچاقلاپ،جېنىم خوتۇنۇم بۇ نازۇك جىسمىڭىز بىلەن بۇ ئىشلارنى قانداقمۇ ئىچىڭىزگە سىغدۇرۇپ يۈرگەنسىز،مېنى كەچۈرۈڭ!-دىدى.ئۇنىڭ ياشلىرى ئۈنسىز تاراملاپ تۆكۈلدى. L^0jyp  
   ئۇ بۇ بىر ئۇچۇرغۇ خالاس،دىگەن گەپكە ئىشەنمەكچى بولدى،ئۇلار ئوتتۇرىسدا باشقا ئىش بولمىسىمۇ، ئۇلار ئۇچۇر ئارقىلىق كۆڭۈل خوشى قىلىپ يۈرىشتى،بىر-بىرسىنى مېنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ زوقلىنىپ يۈرۈشتى بۇ ئېنىق ئىدى،ئۇنىڭغا قىلمىش جەھەتتىكى ئاسىلىقتىن ھىسسىيات جەھەتتىكى بۇنداق ئاسىلىق بەكرەك ئېغىر كەلدى. ئۇ بىر ئىستاكان مۇز سۈيى ئىچىۋالغاندەك بۇلۇپ قالدى،ئۇ بۇ سۇنى ئاستا-ئاستا ئىسسىتىشى كېرەك.ئۇنىڭ ئاياللىق غۇرۇرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇ خۇددى شېرىن چۈشتىن ئويغانغاندەك بولۇپ قالدى،ئۆزىنى بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا 10 نەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەك ھىس قىلىپ قالدى.دىمىسىمۇ ئۇنىڭ پىسخىك يېشى ئۇ ئېرى بىلەن مۇھەببەتلەشكەن 20 ياش ۋاقتىدا توختاپ قالغان ئىكەن. قېنى ئۇنىڭ شېرىن چۈشلىرى،يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ ئاسراپ كەلگەن مۇھەببىتى،ئۇنىڭ پاك ئەقىدىسى... GQ[\R&]q<  
ئۇ بۇ دۇنياغا شۇنچىلىك سەبىلەرچە قاراپتۇ.شېرىن چۈش ئىلكىدىكى ئۇ قانداق بەختلىك ئىدى-ھە!ئەمما بۇ چۈش ئەمدىلىكتە بەربات بولغان ئىدى. ئۇ ئەمدى چۈشەندى،رىئال تۇرمۇش چۆچەكلەردىكى شاھزادە بىلەن مەلىكىنىڭ ھىكايىسى ئەمەسكەن. #cmj?y()  
  ئېرى بىلەن تونۇشقاندىن تا ھازىرغىچە بولغان  ھەممە ئىشلار ئۇنىڭ كۆڭۈل ئىكرانىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى.شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ دۇنياسىدا پەقەت ئېرىلا بار ئىدى،ئۇ ئېرىغا بارلىغىنى بېغىشلىدى،ئېرىنىڭ كەمچىللىكلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى قوبۇل قىلدى،قېيناتا-قېينئانىلىرىنى ئۆز ئاتا-ئانىسىدەك كۆردى،ئائىلىسى پەرزەنتى ئۈچۈن غايە-ئارزۇلىرىدىن ۋاز كەچتى.ئۇ بارلىغىنى ئېرىنىڭ بىر ئېغىز سىزنى سۆيىمەن دىگەن سۆزىگە قۇربان قىلىشقا تەييار ئىدى،ئۇ ئېرىنى سۆيەتتى،ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈنمۇ ئىزدىنەتتى،ئېرىنىڭ كۆڭلنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتى.لېكىن ئۇ پانى ئالەمدىكى ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ چېكى يوقلىغىنى بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ ئاچكۆزلىگىنى نەدىن بىلسۇن؟بەزى ئەرلەرنىڭ ئاچكۆزلىگى ھەرخىل ئىرق،ھەرخىل ياش،ھەرخىل مىجەزدىكى ئاياللار بىلەن ئۇچرىشىپ بېقىش بولسا،بەزى ئاياللارنىڭ ئاچكۆزلىگى ئۆزىنى بارلىق ئەرلەرنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىغىغا ئۆزىنى ئىشەندۈرۈش ئىدى. UCq+F96j  
خەير ئۇ بۇ ئىشلارغا كۆزىنى يۇمىۋەتتى،ئۇ بۇ ئىشلارنى ئۆزىنىڭ ئېرىنى بەكلا ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرگەنلىگىدىنمۇ كۆردى،ئۇ بىر كىتاپتا كەڭ قۇرساق ئاياللار ئەرلەرنى يامان ئۈگۈتۈپ قويىدۇ دەپ ئوقىغان ئىدى.شۇڭا ئۇلارنى مۇۋاپىق تىزگىنلەپمۇ تۇرۇش كېرەككەن.ئۇ ئەخلاق-پەزىلەتلىك بولۇپلا قالماي يەنە ناھايىتى ئەقىللىق ئىدى ،شۇڭا ئۇ ئېرىنىڭ ئالدىدا يىغلاپ-قاقشاپ ياقىسىغا ئېسىلىپ جىدەلمۇ قىلىپ كەتمىدى،باشقا ئاياللاردەك ئېرىغا  ئۇ ئايالنى پاسكىنا دەپ تىللاپمۇ بەرمىدى.سىرتقا چىقىپ باشقىلارغا دەپمۇ يۈرمىدى.ئۇ بۇ ئىشلارنى ھەتتا يېقىن دوستلىرىغىمۇ دىمىدى.ئېرى ئۇنىڭ ئالدىدا تەمتىرەيتى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشاتتى،‹ئۇ دىگەن ئۇنداق تۇرسا مۇنداق تۇرسا مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىممۇ›دىگەندەك گەپلەرنى قىلغاندا سۆزلەشتىن توختۇتۇپ قويدى. U9;AU] A  
   شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشلار تېنچقىنە ئۆتۈپ كەتكەن بولدى.ئۇ ھېلىقى ئايال بىلەن يەنىلا سالام-سائەت قىلىپ،بار تاۋىغىم يان تاۋىغىم قىلىپ  ئۆتىۋەردى. +:^tppg  
بەلكىم بۇ ھىكايە ئاخىرلاشقاندۇ،ياكى ئاخىرلاشمىغاندۇ.ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېينكى تۇرمۇش يولىدا شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ ھايات يولىدا بۇنداق خىرىسلار يوق دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ WO '33Q(  
مەنبە:قەلەم
[ بۇ يازما قوزام تەرپىدىن2008-12-23 11:32دە قايتا تە ]
تېما تەستىقلىغۇچى : قوزام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-23, 03:25
blog.salkin.cn
مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تېما
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-23 11:21 |
قوزام
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 18431
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1128
شۆھرەت: 1996 كىشىلىك
پۇل : 3654 سوم
تۆھپە: 510 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1970 نۇمۇر
قوللاش: 1495 نومۇر
ئالقىش: 1908 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-26

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەرلەر ، يىگىتلەر  مۇھەببەتنى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ كىچىككىنە بىر بۆلىكى دەپ قارايدۇ . M"F?'zTkJ  
ئاياللار ، قىزلار مۇھەببەتنى ئۆزىنىڭ بارلىقى دەپ بىلىدۇ ، شۇنىڭ ئۇچۇن مۇھەببەتتە ئازار يەيدىغان ئاساسلىق تەرەپ قىز ئاياللار بولىدۇ .
blog.salkin.cn
سەن بىلەن يۇرسەممۇ دەشتۇ چۆللەردە ،
بېھىش باغ بىلىنەر ماڭا يەنىلا .
تەسەددۇق سەن ئۈچۈن بولسا مىڭ جېنىم ،
نىچۈندۇر ئامراقمەن ساڭا شۇنچىلا !
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 11:36 |
ئەلئىز
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 25226
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 126
شۆھرەت: 126 كىشىلىك
پۇل : 885 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 147 نۇمۇر
قوللاش: 136 نومۇر
ئالقىش: 171 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەھمەت سىزگە قوزام.
blog.salkin.cn
مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تېما
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 12:03 |
زۇليار
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 239
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 231
شۆھرەت: 409 كىشىلىك
پۇل : 4405 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 601 نۇمۇر
قوللاش: 366 نومۇر
ئالقىش: 675 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-27

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىقوزامنىڭ2008-12-23 11:36 دە يوللىغان يازمىسى   : 3J,/bgL5  
ئەرلەر ، يىگىتلەر  مۇھەببەتنى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ كىچىككىنە بىر بۆلىكى دەپ قارايدۇ . !Aw.f!  
ئاياللار ، قىزلار مۇھەببەتنى ئۆزىنىڭ بارلىقى دەپ بىلىدۇ ، شۇنىڭ ئۇچۇن مۇھەببەتتە ئازار يەيدىغان ئاساسلىق تەرەپ قىز ئاياللار بولىدۇ .
4P:vo$Cy  
بۇنى مۇتلەقلەشتۈرىۋېتىشكە بولمايدۇ قوزام، بەزى ۋاقىتلاردا ئازار يەيدىغىنى ئەرلەر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
بۇزۇنقى زۇليار 0997 ھازىرقى زۇليارغا ئۆزگەردى!
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 13:05 |
قوزام
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 18431
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1128
شۆھرەت: 1996 كىشىلىك
پۇل : 3654 سوم
تۆھپە: 510 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1970 نۇمۇر
قوللاش: 1495 نومۇر
ئالقىش: 1908 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-26

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشقىلىپ مەن شۇنداق قارايمەن ، چۈنكى مېنىڭ ۋە مېنىڭ ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ يۇلۇققىنى ساپلا مۇشۇنداق ئىش .
سەن بىلەن يۇرسەممۇ دەشتۇ چۆللەردە ،
بېھىش باغ بىلىنەر ماڭا يەنىلا .
تەسەددۇق سەن ئۈچۈن بولسا مىڭ جېنىم ،
نىچۈندۇر ئامراقمەن ساڭا شۇنچىلا !
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 13:11 |
يۇلغۇنئوغلى
ئۇچقۇن
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 14086
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1106
شۆھرەت: 1042 كىشىلىك
پۇل : 2449796 سوم
تۆھپە: 125 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1536 نۇمۇر
قوللاش: 1294 نومۇر
ئالقىش: 1913 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-26

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

Quote:
بۇ مەزمون1قەۋەتتىكىقوزامنىڭ2008-12-23 11:36 دە يوللىغان يازمىسى   : MDP MOA  
ئەرلەر ، يىگىتلەر  مۇھەببەتنى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ كىچىككىنە بىر بۆلىكى دەپ قارايدۇ . +a-@ !J~:  
ئاياللار ، قىزلار مۇھەببەتنى ئۆزىنىڭ بارلىقى دەپ بىلىدۇ ، شۇنىڭ ئۇچۇن مۇھەببەتتە ئازار يەيدىغان ئاساسلىق تەرەپ قىز ئاياللار بولىدۇ .
[R>   
oNZ W# 
)y W_O:  
پىكىرىڭىز بىر تەرەپلىمە بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق؟ ZPao*2xz  
ئۆز كۆز -قارىشىمنى دىسەم، مىنىڭچە مۇھاببەت ئەرلەرگىمۇ ، ئاياللارغىمۇ ئوخشاشلا مۇھىمدۇر، بىراق، ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ، بىز ئەرلەر كۆپىنچە ھالدا ئۆز كەسپىمىز ياكى تۇرمۇش يولىمىزدا بەلگىلىك دەرىجىدە ئۇتۇق قازىنىشنى ئويلايمىز، شۇ سەۋەپ كۆپىنچە ھاللاردا مۇھاببەتكە سەل قاراپ قالىمىز، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ بىزگە مۇھاببەت بولمىسىمۇ بولىدۇ ۋەياكى ئۇ پەقەت تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر كىچىكىنە بۆلىكى خالاس دەپ ئويلىمايمىز، دەرۋەقە،مۇھەببەتلىشىپ تۇرمۇش قۇرغان ئىكەنمىز، چۇقۇم ئەرلىك مەسئولىيتىمىزنى تۇلۇق ئادا قىلىشىمىز كېرەك، يىراقنى كۆرەر ئەرلەر كۆپىنچە ھاللاردا كىيىنكى تۇرمۇشىنى ئويلايدۇ، يەنى كىيىن ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرسەك، پەرزەنىتلىرىمىزنى ياخشى ئائىلە شارائىتىدا بېقىپ قاتارغا قوشساق دەپ ئويلايمىز، ئىچ مىجەز ئەرلەر بۇ جەھەتتە ئويلىغانلىرىنى باشقىلارغا ئانچە دەپ كەتمەيدۇ، بىراق، ئۆزىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىغا، دوسىت-يارەنلىرى ئالدىدىكى يۇز-ئابرويىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ، شۇ سەۋەپ كۆپىنچى ھاللاردا ئاياللاردا سىز دىگەندەك ئەرلەر مۇھاببەتنى ئۆز تۇرمىشىنىڭ كىچىكىنە بىر بۆلىكى دەپ قارايدۇ دىگەن خاتا سىزىم پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ. (H+[^(3d2  
بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم ، باشقىچە ئويلاپ قالماڭ.
[ بۇ يازما يۇلغۇنئوغلى تەرپىدىن2008-12-23 13:27دە قا ]
izdax.com
تەدبىرىڭ قانداق بولسا  تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 13:15 |
قوزام
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 18431
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1128
شۆھرەت: 1996 كىشىلىك
پۇل : 3654 سوم
تۆھپە: 510 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1970 نۇمۇر
قوللاش: 1495 نومۇر
ئالقىش: 1908 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-26

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شۇنداق ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر . شۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش جەريانىدا مۇھەببەتكە سەل قارايدۇ بەزىسى . B9)qv>m  
لېكىن ئاياللارنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى ئېغىر ، بەلكىم ئەرلەرنىڭكىدىن ئېغىرراقتۇ . ئاياللارمۇ خىزمەت قىلىدۇ بۇمۇ ئەرلەرنىڭ زىممىسىدىكى يۇكنى بىزە بولسىمۇ يىنىكلىتىش ئۇچۇن ، ئاندىن ئۆيىدە ئاياللىق مەسئۇلىيىتىنى ئۆتەيدۇ ، ئانىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۆتەيدۇ ، يەنە دەپ كەلسەك قىلىدىغان ئىشى نۇرغۇن نۇرغۇن ............. #'Y6UGJ\n  
لېكىن شۇنىڭلىق بىلەنمۇ ئاياللار  مۇھەببەت دىگەن نەرسىنى شۇ جاپالار ئىچىدىن ، شۇ يۇكلەر ئىچىدىن ئايرىپ ئېلىپ ئەڭ ئۇستۇنكى ئۇرۇنغا قۇيىدۇ .
blog.salkin.cn
سەن بىلەن يۇرسەممۇ دەشتۇ چۆللەردە ،
بېھىش باغ بىلىنەر ماڭا يەنىلا .
تەسەددۇق سەن ئۈچۈن بولسا مىڭ جېنىم ،
نىچۈندۇر ئامراقمەن ساڭا شۇنچىلا !
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 13:25 |
يۇلغۇنئوغلى
ئۇچقۇن
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 14086
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1106
شۆھرەت: 1042 كىشىلىك
پۇل : 2449796 سوم
تۆھپە: 125 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1536 نۇمۇر
قوللاش: 1294 نومۇر
ئالقىش: 1913 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-26

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيتى ئەلۋەتتە ئېغىر، بۇنىڭغا ھەرگىز كۆز يۇممايمەن،  توغرا، ئاياللار مۇھەببەتنى مۇھىم دەپ قارايدۇ، بۇ يەردە دىمەكچىمەنكى مۇھاببەت ئەرلەرگىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم، بىراق بايا مەن دەپ ئۆتكەندەك ئەرلەر كۆپىنچە ھاللاردا مۇھاببىتىنى ئۆز كەسپىگە باغلاپ تۇرۇپ، كەسپىدە نەتىجە قازىنىش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.
blog.salkin.cn
تەدبىرىڭ قانداق بولسا  تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ.
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 13:49 |
ئەلئىز
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 25226
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 126
شۆھرەت: 126 كىشىلىك
پۇل : 885 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 147 نۇمۇر
قوللاش: 136 نومۇر
ئالقىش: 171 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

Quote:
بۇ مەزمون7قەۋەتتىكىيۇلغۇنئوغلىنىڭ2008-12-23 13:49 دە يوللىغان يازمىسى   : |B1; l<|`  
ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيتى ئەلۋەتتە ئېغىر، بۇنىڭغا ھەرگىز كۆز يۇممايمەن،  توغرا، ئاياللار مۇھەببەتنى مۇھىم دەپ قارايدۇ، بۇ يەردە دىمەكچىمەنكى مۇھاببەت ئەرلەرگىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم، بىراق بايا مەن دەپ ئۆتكەندەك ئەرلەر كۆپىنچە ھاللاردا مۇھاببىتىنى ئۆز كەسپىگە باغلاپ تۇرۇپ، كەسپىدە نەتىجە قازىنىش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.
L&DF,fWsF&  
ئەرلەر سىز دىگەندەك بولسا بۇ بىز ئاياللارنىڭ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدۇ،مۇھەببەتنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي دەپ يۈرۈشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق.ئەمما ئاياللارنى ئۈمۈتسىزلەندۇرىۋاتقىنى
Quote:
[/quote]مۇھەببىتى[quote]
ئېشىپ-تېشىپ ھەممىلا يەرگە چېچىلىپ يۈردىغان ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىدىغان ئەرلەر.
blog.salkin.cn
مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تېما
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 15:40 |
يۇلغۇنئوغلى
ئۇچقۇن
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 14086
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1106
شۆھرەت: 1042 كىشىلىك
پۇل : 2449796 سوم
تۆھپە: 125 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1536 نۇمۇر
قوللاش: 1294 نومۇر
ئالقىش: 1913 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-26

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىز دىگەندەك بۇنداق ئەرلەمۇ ئاز ئەمەس ئارىمىزدا، بىراق ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچان ئەرلا شۇخىل ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرمەيدۇ.
blog.salkin.cn
تەدبىرىڭ قانداق بولسا  تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 16:35 |
38yultuz
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 30911
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 8 كىشىلىك
پۇل : 140 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
قوللاش: 8 نومۇر
ئالقىش: 8 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەرلەرنىڭ ھېسىياتىدىن ئەقلى ئۈستۈن  تۇرىدۇ ،ئاياللاردا بولسا ھېسىيات ئەقلىدىن ئۈستۈۈن تۇرىدۇ .دىگەن توگرىدەك قىلىدۇ
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 16:52 |
تۈرىكيار
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 30098
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 109
شۆھرەت: 109 كىشىلىك
پۇل : 535 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 109 نۇمۇر
قوللاش: 109 نومۇر
ئالقىش: 109 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-27

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  بەدئىيلىكى   ياخشى  چىقىپتۇ .داۋاملىق       d GP*O  
                                      
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 17:06 |
ئەلئىز
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 25226
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 126
شۆھرەت: 126 كىشىلىك
پۇل : 885 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 147 نۇمۇر
قوللاش: 136 نومۇر
ئالقىش: 171 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

Quote:
بۇ مەزمون11قەۋەتتىكىتۈرىكيارنىڭ2008-12-23 17:06 دە يوللىغان يازمىسى   : Onwp-!!.  
  بەدئىيلىكى   ياخشى  چىقىپتۇ .داۋاملىق       q/n,,!  
                                      
R+CM`4CD  
رەھمەت سىزگە!
مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تېما
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 17:07 |
ئەلئىز
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 25226
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 126
شۆھرەت: 126 كىشىلىك
پۇل : 885 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 147 نۇمۇر
قوللاش: 136 نومۇر
ئالقىش: 171 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

Quote:
بۇ مەزمون10قەۋەتتىكى38yultuzنىڭ2008-12-23 16:52 دە يوللىغان يازمىسى   : BGX.U\uc  
ئەرلەرنىڭ ھېسىياتىدىن ئەقلى ئۈستۈن  تۇرىدۇ ،ئاياللاردا بولسا ھېسىيات ئەقلىدىن ئۈستۈۈن تۇرىدۇ .دىگەن توگرىدەك قىلىدۇ
, JQp'e  
ئەرلەرنىڭ ھىسياتىدىن ئەقلى ئۈستۈن تۇرسا ئەلۋەتتە ياخشى.سىز تېمىدىن ئاياللارنىڭ ئەقلىنىڭ ھىسياتىدىن ئۈستۈن تۇرغانلىغىنى ھىس قىلالمىدىڭىزما؟
مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تېما
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 17:10 |
ئېليار531
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 31607
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 3 كىشىلىك
پۇل : 115 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
قوللاش: 3 نومۇر
ئالقىش: 3 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى يېزىپسىز !! z)r =+ -  
تېخىمۇ تىرىشىڭ GO GO غەيرەت قىلىڭ  
blog.salkin.cn
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-23 22:02 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر

Time now is:12-28 01:47, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation