يۈرەك ياشلىرى
بۇ دۇنيادا غەم قايغۇلا قالدىمىكىن،
باستىغۇ ئەي باشلىرىمدىن ئاياقلارغا.
تۆنۈگۈنلا ئۇچۇپ يۈرگەن خوشاللىقلار.
مۆكۈنگەندۇ مانا بۈگۈن قاياقلارغا.
شاتلىقىمنى قانچىلىاپ رەت چاقىرساممۇ،
تەغدىرنىڭ نەس شاماللىرى قوغلاپ كەتتى.
يالغانلاتىن كۆزلىرىمگە كۈلكە تەرسەم،
ۋىجدان ئازاپ قوللۇرۇمنى باغلاپ كەتتى.
كۈنلەر شۇنداق كېپ كېتەرمۇ يىللار ياساپ،
ئازاپ بىلەن كۆزلۈرۈمگە پەردە توساپ.
غەمكىن يۈرۈپ خوشاللىققا قالدىم ئۇسساپ.
ئېيتقىن تەغدىر سەن شۇنچالا رەھىمسىزمۇ؟
بوپتۇ بۈگۈن مەن بىر بوزەك قامچىلۋال،
لېكىن كۆڭلۈم ھامان شۇنداق بەخىت تىلەر.
مېنى بوزەك دەپ ھەرگىزمۇ ئىچ ئاغرىتما،
قەھرىتان قىش كەتسە ھامان باھار كېلەر.