نەقىل
بۇ مەزمون11قەۋەتتىكىafiyfiyنىڭ2008-12-28 18:04 دە يوللىغان يازمىسى :
دېگىنىڭىز توغرا، مەنمۇ بۇ يازمىنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىدە يېتەرسىزلىك بارلىقىنى ھېس قىلىمەن، بولۇپمۇ ئورتاقلىققا ئىنتىلىش...بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش....
ھىم ، يېتەرسىزلىك ؟ ھەقىقىي يېتەرسىزلىكىنى پەقەت يازمىنى يازغۇچى بولغان كىشى ئۆزىلا سېزىپ يېتەلەيدۇ . چۈنكى ئۇنىڭ ھېس-ئويلىرى ۋە دېمەكچى بولغانلىرى پەقەت ئۆزىگە ئايان -دە .
سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇۋاتقۇچە ، نەچچە رەت ئۆزۈمگە « ياق ، ياق ... » دېدىم ، نېمىشقا ؟ مەن بۇنداق ئويلىمىغان ئىدىم . ئاندىن ئىمزايىڭىزغا قاراپ تۇيۇقسىز رىئاللىققا قايتىپ ، باش قەھرىماننىڭ ئەزىزان ئەمەس بەلكى ئەفىيفىي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم .
قىستۇرما : روھ قاتتىق سىقىلغاندا پەقەت ئۆزىنىڭ ئىچكى تەرىپىگە قاراپ ئىزدىنىدۇ ، دېگەن سۆزنى ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە . لېكىن ئەپەندىنىڭ بايانىدىن مەن قىلچىمۇ سىقىلىش ۋە بۇرۇقتۇملۇقنى كۆرەلمىدىم . بەلكى روھىيىتىڭىز ئاللىبۇرۇن شۇنچە كەڭ ، شۇنچە رىئال ، شۇنچە سالقىن ( خۇددى كۆز يەتكۈسىز يايلاقتەك ) قىلىپ ياسىلىپ بولغان بولسا كېرەك . بۇ جەھەتتىن قەلەم ئاستىدىن كۆرگەنلىرىمگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم . خۇددى بىرىنچى جۈملە سۆزىڭىزدەك ...