كانەي ياللۇغى تۇرمۇش مۇھىتىمىزنىڭ بۇلغىنىشى ۋە يىمەك ئىچمەك جەھەتتىكى تەرەققىيات بىزگە ئېلىپ كەلگەن بىرخىل كىسەللىك بولۇپ كىلىنكىدا نەپەس سېستىما كىسەللىكلىرى ئىچدە بىر قەدەر كۆپ كۆرىلىدۇ . بۇرۇن بايقاپ داۋالىغاندا ئۈزۈلكىسىل داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . ئۇنداق بولمىغاندا كىسەللىك ئاقىۋىتى كىشنى كىيىنكى پۇشايمانغا سالىدۇ . كانەي ياللۇغى (چىگويەن) :ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كانەي ۋە كانەيچە شىللىق پەردىلىرى يۇقۇملىنىپ كىلىنكىدا كالتە يۈتىلىش ، بەلغەم تۈكىرىش (مىقدارى ئاز ، ئاسان ئاجىرىلىپ چىقمايدۇ ، ئاق كۆپۈكسىمان ) قىزىش ، ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىك . كانەي ياللۇغى : ئۆتكۈر كانەي ياللۇغى ۋە سۇزۇلما كانەي ياللۇغى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ . ئۆتكۈر كانەي ياللۇغى
ئۆتكۈر كانەي ياللۇغىنى تۇنۇش :
بۇ كسەل ئادەم بەدىنىنىڭ قارشىلىقى تۆۋەنلىگەن شارائىتتا ھەرخىل جاراسىملار تەسىرىدىن يۇقۇملىنىش ياكى فېزىكا،خېمىيلىك ئامىللارنىڭ غىدىقلىشىدىن كېلىپ چىققان كاناي،كانايچە ياللۇغى كېسەللىكىدىن ئىبارەت.
سەۋەبى :
بۇخىل كېسدەل قىش پەسلىدە ۋە ھاۋارايى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان پەسىللەردە كۆپ پەيدا بولىدۇ، پەقەت ئازراق بىر قىسمىدىلا بىرلەمچى،كۆپ قىسىمى ئىككىلەمچى بولىدۇ،كېسەللىك سەۋەبى بىر قەدەر مۇرەككەپ كېسەل قوزغاشتا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان قوشۇمچە ئامىللارنىڭ بىرى سوغۇق تەككۇزىۋىلىشتىن ئىبارەت. چۇنكى سوغۇق تېرە رىفلىكىسى ئارقىلىق كانايچىلار شىللىق پەردىلەرنىڭ قان ئايلىنىشىدا توسقۇنلۇقنى پەيدا قىلىپ يەرلىك ئورۇننىڭ قارشىلىق كۇچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
ئالامىتى
ئۇمۇمى بەدەنلىك ئىپادىسى:يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان كانايچە ياللۇغىدا كېسەللىكنىڭ دەسلىۋىدە كۆپىنچە يۇقارقى نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىشنىڭ بەلگىلىرى ئوتتۇرا دەرىجىدە قىزىتىش،توڭلاش،ماغدۇرسىزلىنىش،پۇتۇن بەدەندىكى گۆشلەرنڭ تېلىپ ئاغرىشى،باش ئاغرىش،تۇمۇرى ۋە نەپەس قېتىملىرىنىڭ كۆپىيشى قاتارلىقلار بولۇپ بۇ كېسەللىك بەلگىلىرى 3-4كۇندە بولىدۇ . يۆتەل بۇ كېسەلنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسىدۇ. يۆتەل باشلىنىشتا يېنىك،كېيىن تەدرىجى ئېغىرلىشىدۇ. تۇتقاقلىقمۇ بولىدۇ. ئەمگەك،سوغۇق ھاۋا ياكى ئىس قاتارلىقلار يۆتەلنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. يۆتەل ئغىرلاشقاندا قۇشۇمچە ئالدىنقى كۆكرەك ئاستىنقى قىسمى ۋە قورساق ئۇستۇنكى قىسىملىرىدا ئاغرىش بولىدۇ. يۇتەل بىلەن بىرلا بەلغەم كىلىشى مۇمكىن. بەلغەم مىقدارى ئاز ئوڭاي ئاجىرىلىپ چىقمايدۇ . يۇقۇملىنىش ئېغىر بولسا يىرىڭلىق خاراكتىرگە ئايلىنىپ كىتىدۇ .
بەدەن تەكشۈرگەندە :
نەپەس ئاۋازى يىرىك بولۇپ . كۆپىنچە ئىككى قانات ئۆپكە يۇقىرى قىسىدىن قۇرۇق خىرىپ ، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن قىسىمدىن ھۆل خىرىپ ئاڭلىنىدۇ .
داۋالاش پىرىنسىپى :
ياللۇغ قايتۇرۇپ ، يۈتەل توختاتقۇچى ، نەپەس يوللىرىنى تازىلىغۇچى ، بەلغەمنى بوشاتقۇچى ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرغىچى چارىلەر قىلىنىدۇ .
1-رىتسىپ .
تاتلىق بادام مېغىزى 50گىرام،تەرخەمەك ئۇرىغى 10گىرام،رەۋەن 10گىرام. پىرسىياۋىشان 8گىرام،زۇفا 20گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىنى سوقۇپ كاشكاپ تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:يۆتەل پەسەيتىش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:دورىنى قايناقسۇدا دەملەپ ئىچكۇزىلىدۇ.
2-رىتسىپ
يۈتەلنى توختىتىش مەخسىتىدە نىشاستە 15 گىرام ، خەشخاش ئۇرىقى 10گىرام، بخسۇس 15 گىرام ، ھەمشىباھار ئۇرىقى 15 گىرام ، شىكەر 100گىرام ئېلىپ سۇفۇف قىلىپ كۈندە 2 قېتىم 10گىرامدىن ئىچىشكە بىرىلىدۇ .
3-رىتسىپ
ھەببى سوئال بېرىلىدۇ.
تەركىۋى؛سەمىغى ئەرەبى، چۇچۇكبۇيا جەۋھىرى، زۇفا ، نىشاستە ، تەرخەمەك ئۇرىغى مېغىزى،خەشخەش ئۇرىقى 15گىرامدىن.
تەييارلىنىشى:دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ سېرىق پۇرچاق چوڭلىقىدا ھەب تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى:يۆتەل پەسەيتىدۇ. بەلغەم بوشىتىدۇ.
ئىشلىتىلىشى:شاخچە كاناي ياللۇغى،ئۆپكە تىبىركىلىيوزى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە 3-5تال ئىستىمال قىلىدۇرلىدۇ.
4-رىتسىپ:
تەركىۋى: بادىرەنجى بويا ، بابۇنە ، سۇمبۇل 10گىرام،چۇچۇكبۇيا يىلتىزى 10گىرم،ئۇستىقۇدۇس10گىرام،يالپۇز 10گىرام،شىكەر 400گىرام. زۇپا 15گىرام . سەرپىستان 15گىرام ، ھەمشىباھار ئۇرىقى 10گىرام ، پوستى خەشخاش 15گىرام .
تەييارلىنىشى:ئۇجمىنى سىقىپ سۇيىنى چىقىرىپ قالغان دورىلارنى چالا سوقۇپ 500مىللىلىتىر سۇغا چىلاپ قاينىتىپ يېرىمى قالغاندا سۇزۇپ تىرىپلىرىنى ئېلىۋىتىپ ئۇژمە سۇيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى:سەمرىتىش،ئۇيقۇسىزلىق،يۆتەل پەسەيتىش،بەلغەم بوشىتىش.
ئىشلىتىلىشى:يۇرەك تاجىسىمان ئارتىيە قېتىش كېىلسى، بەدەن ئاجىزلىق، زىققا،كانايچە ياللۇغى كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە 3قېتىم 10مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.
5-رىتسىپ:
تەركىۋى:گۇل بىنەپشە 30گىرام،روببۇسۇس 40گىرام، نىشاستە 10گىرام،ئاق لەيلى ئۇرىغى10گىرام،كەتىرا 10گىرام،رۇم بادىيان 10گىرام،ئىسپىغۇل 10گىرام،بىھى ئۇرىغى 10گىرام. بىخ سۇس 15گىرام، زۇفا 15گىرام .
تەييارلىنىشى:بىھى ئۇرىغى ۋە ئىسپىغۇلنڭ شىرىسىنى چىقىرىپ خالىغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ دورا شىرىسىدە يۇغۇرۇپ 0.5گىراملىق قۇرۇس تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى:بەلغەم بوشىتىش،يۆتەل پەسەيتىش.
ئىشلىتىلىشى:يۆتەل،ئۆپكە ياللۇغى،كانايچە ياللۇغى ئۆپكە تىبىركىلىيوز كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:كۇندە 2قېتىم 4-6تال ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ
پىششىق دورىلاردىن :
لوئوقى سەرپىستان ، لوئوقى خەشخاش ، ئوئوقى ئەنجۈر ، لوئوقى بارىد قاتارلىقلار تاللاپ بىرىلىدۇ . سۇزۇلما خاراكتىرلىك كانەي ياللۇغى
سۇزۇلما خاراكتىرلىك كانەي ياللۇغىنى تۇنۇش
سوزۇلما كاناي ياللۇغى-كاناي ۋە كانايچە شىللىق پەردىلىرىدە ئاستا خاراكتېرلىك خاس ئالاھىدە بولمىغان ياللۇغلىنىش بولۇپ كېلىنكىدا تەكرار قوزغىلىدىغان يۆتىلىش،بەلغەم تۇكۇرۇش ۋە ھاسىراش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك نەپەس سېستىما كېسەللىكىنىڭ بىرى بولۇپ ھەر قاندا كېشىلەردە پەيدا بولۇپ قىش پەسلىدە ئەڭ كۆپ قوزغىلىدۇ.
سەۋەبى :
ئېنىق ئەمەس . كۆپىنچە ئۆتكۈر كانەي ياللۇغىنى ئۈزۈلكىسىل داۋالاتماسلىق سەۋەبىدىن تەكرار قوزغىلىپ بۇ خىل كىسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ .
بەدەندە ھۆللۇكنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى ۋە تەكرار يۇقۇملىنىشى غەيرى تەبىئى ھۆللۇك زىيادە ئارتىپ كېتىپ نەپەس يولىرىنى غىدىقلاش بىلەن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
ئۇمۇمى بەدەندە قۇرۇقلۇق ئارتىپ كېتىش بولۇپمۇ كاناي ۋە كانايچىلاردا قۇرۇقلۇق ئارتىپ كەتكەندە كانايچەشىلللىق پەردىلەردىكى سىلىق يوللۇق مۇسكۇللارنىڭ ئىلاستىكلىقى مىكروقان تۇمۇرلاردىكى قان ۋە ماددىلارنىڭ ئايلىنىشى تۆۋەنلەپ،يەرلىك ئورۇنننىڭ تەبىئى كۇچى ئاجىزلاپ يات ماددىلارنىڭ تازلىنىشى توسقۇلۇققا ئۇچرايدۇ.
ئىرسىيەت ئامىلى %7-3 بىمارنىڭ ئائىلە جەمەت تارىخى بارلىقىنى مەلۇم بولغان. ھىسسىيات ئامىلى:زىيادە سەزگۇرلۇك رىئاكسىيسى پەيدا قىلىدىغان ھەرخىل ئامىللار زىيادە سەزگۇرلۇك بەدەن تىپىغا ئىگە كىشىلەر بىلەن نەپەس يولى ئارلىق ئۇچراشقاندا كانايچىلاردا سىپازمىلىنىش،زەخمىلىنىش ۋە ياللۇغلىنىش پەيدا قىلىپ سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
قوزغاتقۇچى ئامىللار :
مۇھىتنىڭ بولغۇنىشى ۋە تىپمىرارىنىڭ ئۆزگىرىشى مەزكۇر كېسەللىكنىڭ ،قوزغىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ، يۇقۇملىنىش زۇكام،يۇقۇملۇق زۇكام،ئۆپكە ياللۇغى،بۇرۇن يان كاۋاك ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان جاراسىملار بىلەن يۇقۇملىنىش، ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك بولۇپمۇ ۋىتامىن A ,C نىڭ كەمچىل بولىشى، غىدىقلاش خۇسۇسىيتىنىڭ ۋە يېپىشقاق شىرلىك تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش،بىر قىسىم ئىسسىق،سوغۇق يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش،پاراسىمپاتىك نىرۋىنىڭ قوزغىلىشى زىيادە ئارتىپ كېتىش،كانايچە سىلىق يوللۇق مۇسكۇللىرىدا تەشەننۇج پەيدا قىلىپ ئاجراتمىلارنىڭ ئاجرىلىشىنى كۇچەيتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۆتىلىش،بەلغەم تۇكۇرۇش،ھاسىراش كېلىپ چىقىدۇ. ياشانغانلارنىڭ مىزاجى تەتۇر تاناسىپ بولۇپ تەبىئەت كۇچىنىڭ تەدرىجى ئاجىزلىشىشى بۇ كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
بەدەن بەلگىسى
يەڭگىل بولغاندا ئېنىق بەدەن بەلگىسى كۆرۇلمەيدۇ، بىر قەدەر تىپىك بولغانلىرىدا ئۆپكە تىگىدىن تىڭشاپ تەكشۇرگەندە ھۆل خىرىپ ئاڭلىنىپ، بەزىلىرىدە سۇناي تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ، كۆكرەك شەكلى تۇڭ كۆكرەك شەكلىگە كىرىپ قالىدۇ(زىيادە ئېغىرلاردا)قۇۋۋۇرغا ئارلىقلىرى كېڭيىدۇ. چىكىپ تەكشۈرگەندە زىيادە ئۇچۇق تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ . ھاسىراش تىپىدىكى كانەي ياللۇغىدا كەڭ دائىردىكى زىققا تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ .
ئەگەشمە كېسەللىك ئالامەتلىرى:
سۇزۇلما خاراكتېرلىك كاناي يالۇغىنى ياخشى داۋالىمىغاندا تۆۋەندىكى ئىككىلەمچى كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى پەيدا بولىدۇ، سوزۇلما كاناي ياللۇغى سەۋەبىدىن ئۇزۇن مۇددەت (5-10يىل)يوقىلىش نەتىجىسىدە ئۆپكە پۇۋەكچىلىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ قالدۇق ھاۋا مىقدارى تەدرىجى ئېشىپ مەزكۇر كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.
ئۆپكە مەنبەلىك يۇرەك كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ، ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى پەيدا بولۇپ تەدرىجى ئېغىرلىشىپ نەتىجىدە ئۆپكە يۇرەك قان ئايلىنىش ياخشى بولماي بۇ كېسەللىك پەيدا بولىدۇ.
كانەيچە كىڭىيىش : ئۇزۇن مۇددت يۈتەلگەنلىكتىن كانەيچىلەرنىڭ ئىلاستىكىلىقىى تۆۋەنلەپ ، كانەيچىلەرنىڭ كىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
قۇشۇمچە تەكشۈرۈش :
بەلغەمنى تەكشۈرگەندە : سۇزۇلما خاراكتىرلىك كانەي ياللۇغى ئۆتكۈر قوزغالغاندا بەلغەم مىقدارى كۆپىيىپ شلىمشىق يىرىڭلىق ياكى يىرىڭلىق بەلغەم تۈكىرىش ئەھېۋالى كۆرىلىدۇ . بەلغەمدىن سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرگەندە نىيتىرال دانچىلىق ھۈجەيرە ۋە بۇزۇلغان تۈۋرىكسىمان ھۈجەيرە كۆپىيىدۇ . ھاسىراش تىپىدىكى كانەي ياللۇغى كىسەللىكلەردە كىسلاتا خۇمار ھۈجەيرىلەر كۆرىلىدۇ .
قان تەكشۈرگەندە : سۇزۇلما خاراكتىرلىك كانەي ياللۇغى ئۆتكۈر قوزغالغاندا ئاق قان ھۈجەيرە سانى ۋە نىيتىرال دانچىلىق ھۈجەيرە سانى كۆپىيىدۇ . ھاسىراش تىپىدىكى كانەي ياللۇغى كىسەللىكلەردە كىسلاتا خۇمار ھۈجەيرىلەر كۆپىيىدۇ .
نورمال ئۆپكە
كىسەللەنگەن ئۆپكە (سۇزۇلما كانەي ياللۇغىنىڭ رىنتىگىنلىق ئىپادىسى )
رىنتىگىندا : دەسلەپكى دەۋىردە باشقا ئالاھىدە ئۆزگىرىش كۈرىلمەيدۇ . ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى دەۋرىدە ئۆپكە سىزىقچىلىرى كۆپىيىدۇ ۋە ئىنىچكىلەيدۇ . سىزىقلىق ۋە تورسىمان كۆرىلىدۇ . بۇنداق ئەھۋال ئۆپكىنىڭ ئاستىنقى قانىتىدا ئۈستىنكى قانىتىدىكىدىن كۆپ بولىدۇ . لىكىن بۇخىل كۆرىنىشى بۇخىل كىسەللىكنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى ئەمەس . شۇنىڭدەك كىلىنكىلىق ئالامەتلەر بىلەن بىردەك بولمايدۇ . ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى قوشۇلۇپ كەلگەندە ئۆپكە ئىككى قانىتىغا نۇرنىڭ ئۆتىشى يۇقىرى بولۇپ دىئافگىرامما تۆۋەنلەيدۇ .
داۋالاش پىرىنسىپى :
ياللۇغ قايتۇرۇپ ، يۈتەل توختاتقۇچى ، نەپەس يوللىرىنى تازىلىغۇچى ، بەلغەمنى بوشاتقۇچى ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرغىچى چارىلەر قىلىنىدۇ .
1-رىتسىپ :
بادام مىغىزى 100گىرام ، چىلغۇزا مېغىزى 50گىرام ، زۇپا ھىندى ، قاپاق مېغىزى 25گىرامدىن ، پوستى خەشخاش رۇببىسۇس ، گاۋزىبان ھىندى ، ئۇستى قۇدۇس ، پىرسىياۋشان ، سەرپىستان ، خوما 15 گىرامدىن خەشخاش ئۇرىقى بادرەنجى بويا ، بىيە ئۇرىقى 7 گىرامدىن ، نىشاستە ،كەتىرا 6 گىرامدىن ، زەپە 3 گىرام قەنىت 15گىرام .
دورىلا قائىدە بويىچە لوئوق تەييارلىنىدۇ .
2-رىتسىپ :
گۈل سەۋسەن ، پىرسىياۋشان ، تەرخەمەك مېغىزى 15گىرامدىن ، بىھى ئۇرىقى ، بەدىيان 10گىرامدىن ،بىھى ئۇرۇقىدىن باشقا دورىلارنى قاينىتىپ ، قايناپ بولغاندىكىن بىھى ئۇرۇقى سۈيىنى قۇيۇپ 200گىرام شىكەر قۇشۇپ ئىرىتىپ تەييارلاپ كۈندە 50 مىللىدىن 3 ۋاق ئىچىلىدۇ .
3-رىتسىپ :
گاۋزىبان ھىندى،بادىرەنجى بۇيا،بىخسۇس،قىزىلگۇل،پىرسىياۋىشان 15گىرامدىن، ئۇستىقۇدۇس12گىرام،ئارپا بەدىيان 15گىرام،ئەنجۇر قېقى 35گىرام، زۇفا 12گىرام،چىلان 20گىرام،ئاق لەيلى ئۇرىقى 10گىرام،شاھتەررە 10گىرام، تەرەنجىبىن 60گىرام،ئۇزۇم 25گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:تەرەنجىبىندىن باشقا دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ 700گىرام شەربەت قالغاندا ئوتنى توختىتىپ تەرەنجىبىن سلېىپ 15مىنوتتىن كېيىن سۇزۇپ 700مىللىلىتىر شەربەت تەييارلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ماددىنى (سەۋدا)پىشۇرۇش.
4-رىتسىپ :
شاتۇت مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى؛شاتۇتنى قاينىتىپ سۇيى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:ئىششىق ياندۇرۇش،ياللۇغ قايتۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم 30گىرامدىن شىكەر بىلەن ئىچكۇزىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:كۇندە 3قېتىم تاماقتىن كېيىن 100مىللىلىتىردىن ئىچكۇزىلىدۇ.
5-رىتسىپ :
كۇنجۇت 100گىرام،خام زەنجىۋىل 50گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:دورىنى ئىزىپ سۇدا قاينىتىپ سۇيى ئېلىنىدۇ.
شىپالىق رولى:بەلغەم بوشىتىش،نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى؛كۇندە 2قېتىم 30گىرامدىن ئىچكۇزىلىدۇ.
6-رىتسىپ :
زۇفا ، پىرسىياۋشان ، سەرپىستان ، بىخ سۇس ، ئاق لەيلى گۈلى ، 15گىرامدىن گاۋزىبان ، ئۆشبە ، ئۇستىقۇدۇس 10گىرامدىن ئېلىپ كاشكاپ تەييارلىنىدۇ .
7-رىتسىپ :
بابۇنە ، پىرسىياۋشان ، بىىخ سۇس ، بەدىيان ، زۇفا ، سەرپىستان ، 10گىرامدىن ، بىستى پايەنچ 5 گىرام دورىلار چالا سوقلىىپ چايلىق تەييارلىنىدۇ .
پىششىق دورىلاردىن :
لوئوقى سەرپىستان ، زىماتى شەۋسە ، سۇفۇپى سۇئال ، لوئوقى خەشخاش ، لوئوقى ئەنجۈر قاتارلىقلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ . پايدىلانغان ماتىرياللار
ئەمىلىي ئىچكى كىسەللىكلەر (2) شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى .
ئۇيغۇر تىبابەت ئىچكى كىسەللىكلەر ئىلمى شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى .
ئىچكى كىسەللىكلەر ئىلمى . (خەنزۇچە نەشىرى )
ئۇيغۇر تىبابەت قامۇسى 4-توم شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى .
مىزاج بۇزۇلۇش كىسەللىكىنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى .