mtv تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
بۇ بەتتىكى تېما: ئانا تىلىم جان تىلىم IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 239 قېتىم كۆرۈلدى
نۇرئىسلام.
مۇھەبىتىم بار بىر اللە غا.....
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 20036
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 424
شۆھرەت: 714 كىشىلىك
پۇل : 4496 سوم
تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 586 نۇمۇر
قوللاش: 800 نومۇر
ئالقىش: 765 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئانا تىلىم جان تىلىم


ئانا تىلىم جان تىلىم


جەنابىي ھەق ياراتقاندا تەڭ يارالغان تىلىم سەن ،
ھەمدە جانۇ ــ جىسمىمگە قاندەك تارالغان تىلىم سەن .
زۇۋانىمنى ئوغۇز سۈتى بىرلە ئاچتىم ئۇيغۇر بوپ ،
ئۆمۈرلۈككە ساداقەتكە خاس قارالغان تىلىم سەن .


  نامىم ئۇيغۇر !
             ۋە شۇڭىمۇ تىلىم مەڭگۇ ئۇيغۇرچە !!
ئەلمىساقتىن مۇقەددەس ۋە ئۆز ئاتالغان تىلىم سەن !!!

ھىچ كىمنىڭ يوق ھەققى شۇڭا قوللانمايسەن دېيىشكە ،
كەلسىمۇ باشىمغا قىلىچ قاچمايدىغان تىلم سەن .
  
گەر چېپىلسام شېھىتتۇرمەن جەنابىي ھەق ئەمرىچۈن ،
ماڭا شۇنچە ئالىي شەرەپ نىشانلىغان تىلىم سەن .

سېنىڭسىز جىسمىممۇ جانسىز ، روھىممۇ مۇتلەق جانسىز ،
سەنسىز كۈنۈم جانغا زۇلۇم !
                           كۈيلەيدىغان تىلم سەن !

بايرىغىم سەن !
        بارلىغىم سەن !
                 يارىغىم سەن !!
                              ئانامسەن !!!
سېنى تاشلاش مۇناپىقلىق !!!
                 قوغدايدىغان تىلىم سەن !!!

تىل دېمەك ــ مىللەت دېمەك ، گەر تىل يۇقالسامىللەتمۇ... !
يىمىرىلمەس بۇ ھەقىقەت !
                         ياشايدىغان تىلىم سەن!!!
تىل دېمەك _ مىللەت دېمەك  ، گەر تىل يۇقالسا مىللەتمۇ .....!
جاننى تىكىپ قانلار كىچىپ قوغدايدىغان تىلىم سەن   !!!  

غەيرى تىلغا خۇشتار بولماق ــ قاغا يانتاق سۆيگىنى ،
سەن گۈلۈمسەن بۇلبۇل كەبى سايرايدىغان تىلىم سەن !

سەن گۈزەلسەن،سەن شىرىن سەن، ــ قىممىتىڭگە سۆز يەتمەس !
نامىڭ بىرلە تا ئەبىدى يايرايدىغان تىلىم سەن .

نەچچە مىڭ خىل تىل بىلىشتە كامالەتكە يەتسەممۇ ،
پەخىرلىنىپ چاڭ چاڭ چاڭ سۆزلەيدىغان تىلىم سەن !

شۇنچىۋالا قەدىرلىكسەن جاندىن ئېزىز ئانامدەك ،
جەنابىي ھەق رىزاسىنى كۆزلەيدىغان تىلىم سەن .

نىمە ئۇ گاھ ئىنگىلىزچە گاھى رۇس ۋە باشقىچە ... !
تا ئەبىدى پاكلىغىڭنى ساقلايدىغان تىلىم سەن !

نومۇسسىزلىق ، ۋىجدانسىزلىق ئانا تىلدىن چەتنىمەك ،
دۇنيا ئالتۇن تارتۇق قىلسا ئازمايدىغان تىلىم سەن .

ھەيرانىمەن ، ۋەيرانىمەن بىچارە نادانلارغا ،
بۇ دۇنيادا نەدە بۇلاي ئارزۇلايدىغان تىلىم سەن !

شۇم رەزىللەر جۆيلىشىدۇ ، ــ كارغا كەلمەس ، يوق قىلىپ ،
نى نى قىسمەت ۋە ھىكمەتلەر تولۇپ ــ تاشقان تىلىم سەن !

نىمە دىگەن ناھەقچىلىق ! ــ دەرس مۈنبىرى ساڭا تار !
چۈشەنسىچۇ ! ـــ مەرىپەتتە ئۇستاز بولغان تىلىم سەن !

سېنى چەكلەش ، سېنى يەكلەش ــ پىر ــ ئۇستازغا ھاقارەت !
نادانلىقنىڭ زەربىسىدىن ساقلايدىغان تىلم سەن .

تارىخ ئۆلمەس ، بەلكى شاھىت ! ــ مىسلى شەرەپ ـ شانىڭغا ،
ئالەمگە نۇر ، پاسىۋان بوپ داڭ چىقارغان تىلىم سەن !

ــ ئەۋۋەلى ئىڭڭە بىلەن دۇنياغا كەلگەندىن بېرى ،
ئىنسانچە ياشاش يۇلىنى خىتاپ قىلغان تىلىم سەن !

سەن بىلەن ئىلىم ــ بىلىمدە دىلى يۇرۇپ ئالەمچە ،
قانچىلاپ ئالىم ، زىيالى داۋان ئاشقان تىلىم سەن .

ئەنە مەھمۇت ، يۇسۇپ ھەمدە لۇتفى ناۋايى ، ... لارنىڭ ،
كىتابىغا جان ، گۈزەللىك بېغىشلىغان تىلىم سەن .

مۇندا گۇننار يارىڭ ( شۋىت ) ، گابائىن خان( نېمىس ) مۇ ،
ھەيران بولۇپ ھىكمىتىڭدىن ئالقىشلىغان تىلىم سەن .

تېخى گابائىن ساڭا زەپ ئاشىقلىقتا ، خوشلۇقتا ،
ئۆمۈر بۇيى ساڭا ئاتاپ كىتاپ يازغان تىلىم سەن .

بەلكى پۈتكۈل ھاياتىنى بېغىشلاپ بىرلا ساڭا ،
توي قىلماستىن كۆز يۇمۇشقا ئىلھام بولغان تىلىم سەن .

شۇنداق !
        ئالىم سېنى سۆزلەر ، تارىخ بىلگەن نوچىمۇ !
كۈيلىمەككە ، سۆزلىمەككە زەپ ياراشقان تىلىم سەن !

بۇ ھەقىقەت ! ــ بىلگەن بىلۈر قەدىرىڭنى جان تىلىم !
بىلمىگەن شۇم نائەھلىلەر تۆھمەت قىلغان تىلىم سەن !

ۋەلىكىن كارۋان كېتىدۇ ، ئىتلار قاۋاپ قالىدۇ ،
ئىلىم سۆيگەن ھەقىقەتچى ھۆرمەت قىلغان تىلم سەن !

چۈشەنگەچ مەن بۇ مۇبارەك قىسمىتىڭنى جان تىلىم ،
بۇرچۇم بىلىپ تۇنۇتۇشنى قەلەم ئالغان تىلىم سەن .

شۇڭىمۇ يىل يەتتى ئونغا يىراق قىرلاردا ھامان ،
قىنالساممۇ بۇشاشمىدىم ، ئوتنى سالغان تىلىم سەن .

ــ  ئوتقا مەپتۇندۇر سەمەندەر ، لاۋا ئوت بەختىدۇر ھەيھات !
شۇنچە تارتتىڭ مىھرىمنى سەن !
                     ياشنايدىغان تىلىم سەن !
ياشا !
   ياشا !!
       مىڭلاپ ياشا !!!
                 پاياندازىڭ مەن سېنىڭ !
كۆزۈمنىڭ گەۋھىرى كەبى ئاسرايدىغان تىلىم سەن !

بۇ ئاللاھىم بېغىشلغان پاك ئەقىدەم ، ۋەزىپەم ،
زەررىچىلىك تەتۈر باقسام بولمايدىغان تىلم سەن .


يازىمەن شۇڭا كىتابىم ، ۋەلىكىن كۆپ خىجىلمەن ،
تەسۋىرىڭنى مىڭ يىل يازسا پۈتمەيدىغان تىلىم سەن !

خەيرىيەت ، كۆپ سۆيۈنۈشتىن تۇتالمىدىم ئۆزۈمنى ،
شۇڭا جاننى مەرت ــ مەردانە پىدا قىلغان تىلىم سەن .

كۆرۈپ باققاي ئېزىز خەلقىم ، ئىلھامىمۇ بوپ قالار ،
شۇ ئارماندا ئاللاھقا كۆپ نىدا قىلغان تىلىم سەن .

سېنى شۇنچە سۆيىمەن ئەي ئانا تىلىم جان تىلىم !
سۆيگۈ گۈلزارىدا بۇلبۇل خەندان ئۇرغان تىلىم سەن !!!

                ــــ ئابدۇل قۇددۇس ئابدۇل ھافىز      

                     تۈركىيە ـــ ئىستانبۇل
                       2007 . 2 . 11  
مەنبە :مەرىپەت تورى.
blog.salkin.cn
ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ (1). (ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻛﻰ) ﺋﯘﻻﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯﻟﯩﺮﯨﺪﺍ (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺳﯜﺭ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ) ﺋﻪﻳﻤﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯗﺭ (2). ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻬﯘﺩﻩ ﺳﯚﺯ، ﺑﯩﻬﯘﺩﻩ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯗﺭ (3). ﺋﯘﻻﺭ ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﺩﯗﺭ (4). ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﯞﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ (ﻫﺎﺭﺍﻣﺪﯨﻦ) ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯗﺭ (5)
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-21 22:17 |
xayida
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 23432
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 428
شۆھرەت: 693 كىشىلىك
پۇل : 102437 سوم
تۆھپە: 30 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 726 نۇمۇر
قوللاش: 597 نومۇر
ئالقىش: 1193 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللا رەھمەت قىلسۇن. مەن ئانا تىلىمدىن بەك سۆيىنىمەن.
تورداشلارنىڭ بۇ تور بەتنى زىيارەت قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

http://www.merifet.net
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 00:12 |
زىرەك.يىگىت
جاھان كىزەر
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 3374
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1898
شۆھرەت: 2453 كىشىلىك
پۇل : 5174 سوم
تۆھپە: 140 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2411 نۇمۇر
قوللاش: 2176 نومۇر
ئالقىش: 2989 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ناھايتى ياخشى يىزىپسىز  داۋاملىق  يىزىپ  تۇرۇڭ.
blog.salkin.cn
http://blog.salkin.cn/?uid=7400
                                               
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 00:19 |
marjan
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 30015
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 244
شۆھرەت: 437 كىشىلىك
پۇل : 2290 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 319 نۇمۇر
قوللاش: 281 نومۇر
ئالقىش: 414 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ شئېردا مەزمۇنى      بەك ياخشى  ئىكەن  ..شئېر  قايناق  ھىسيات  ، ئۆتكۈر تىل  ئارقىلىق مەزمۇن يۇكسەكلىكىگە  كۆتۈرۈلۈپتۇ ..
تېمىڭىزغا  ئالاھىدە تەشەككۈر  
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-22 17:09 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن مۇنبىرى » شىئېرلار