سەلكىن شاھنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئىككىنچى كۈنى
سەلكىن شاھ، مەكتەپتىن چىقىپ نەگە بېرىشىنى پىلانلاپ تۇراتتى توساتتىن دەرەخنىڭ كەينىدە ئوغۇردەك مۇكۇپ ياتقان بىرسىنى كۆرۈپ قالدى، توساتتىن ئۇ «ئوغرى» پالاقشىپ يۇگۇرگىنىچە چىقىپ بىر ماشىنىنى توستى....
ئەسلىدە بۇ قاتناش ساقچىسى ئۈمۈت بۇلۇپ، چايان شاھنى ماشىنىنىڭ سۈرئىتنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ھەيدىدىڭ دەپ توسىغان ئىدى. بۇ يەرنىڭ سۈرئەت چەكلىمىسى ھەقىقەتەن سائىتىگە 10 كىلومېتىر بۇلۇپ، چايان شاھ باياتىن تېخى بىر ئىشەك ھارۋېسىنى يانداپ چىققان ئىدى.....
ـ پىراۋاڭنى چىقىرە!....؛ ـ ئۈمۈت ساقچى

ئۇنىڭ پىراۋىسىنى كۆرىۋېتىپ ئۇنىڭ يېنىدا بىر شەمشەرنىڭ

تۇرغانلىقىنى كۆرىپ قالدى.«نىمىش قىلىدىغان نىمە ئۇ؟»...
ـ مەن ئەسلىدە بىر سېرىك ئارتىسى بۇ شەمشەرنى سەھنىدە ئىشلىتىمەن

؛- دىدى چايان شاھ، ئۇمۇت ساقچى سەل ئىشەنمىگە ھالدا:
ـ ماشىنىدىن چۈشۈپ سىناپ باقە ئەمىسە!.......
چايان شاھ بۇنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ماشىنىدىكى شەمشەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ چۈشتى، ئۇ شەمشەردىن بىرنى ئەپچىللىك بىلەن ئاغزىغا سالدى، لېكىن ئۇ ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك نەزىرى بىلەن ھاڭۋېقىپ

قاراپ تۇرغان ئۈمۈت ساقچىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ كارامىتىنى بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بۇلدىدە يەنە بىر شەمشەرنىمۇ ئاغزىغا سالدى، ئارقىدىن ئۈچۈنچىسى، تۆتىنچىسى،..... ئالتىنچى شەمشەرنىمۇ سېلىپ بولدى..... لېكىن ئۇمۇت ساقچى ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ھاڭۋېقىپ

قاراپلا تۇراتتى، دەل مۇشۇۋاقتىدا چايان شاھنىڭ چۈشكۈرگۈسى تۇتتىدە قاتتىق بىرنى چۈشكۈرۋەتتى، «ھەپچۈشـــــۇ!!!....» .......
سەلكىن شاھ، ئۆتمە تۈشۈك بۇلۇپ كىتىپ ياتقان چايان شاھقا قاراپ ئاستا بېشىنى لىڭشىتقىنىچە قۇلىنى كۈتەردىدە «ئامىن!!!....» دىدى ۋە كەينىدىكى بىرسىنىڭ «توۋا خۇدايىم، مەن ئەمدى ھاراق

ئىچىپ ماشىنا ھەيدىمەيمەن ، قاراڭلار ئۇلارنىڭ ھاراق ئىچكەنلەرنى تەكشۈرۈشىنىڭ قاتتىقلىقىنى

....» دىگىنىنى ئاڭلاپ قالدى......
سەلكىن شاھ بېشىنى لىڭشىتقىنىچە بۇ قاتناش ساقچىلىرىنىڭ سۈرئەت چەكلىمىلىرىنى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن قويۇپ شوپۇرلارنى قاقتى – سوقتى قىلىش ئىشلىرىنىڭ بىر قەدەر ئېغىرلىقىنى، قايتىپ بارغاندا بۇ ئىشلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى.....
ئۇ داۋاملىق تەكشۇرۈشىنى داۋاملاشتۇردى، لېكىن «قۇرۇق تاغار، ئۆر تۇرماپتۇ.» دىگەندەك كۈنلىكى بەش ۋاق ئاچىدىغان بۇ قوساق غورۇلدىغىلى تۇردى، ئۇ يېقىن ئەتىراپتا ۋېۋىسكىسىغا« بۇرادەرلەر ساماۋەرخانىسى» دەپ يېزىلغان بىر ساماۋەرخانىنى كۆردى ۋە ئاغزىغا يىغىلغان سېرىق سۇنى يۇتۇپ شۇ ياققا قاراپ ماڭدى........
يانچۇققا بىر تىيىن سالماي چىققان سەلكىن شاھ، بىر ۋاق تاماققا داخىل بۇلالامۇ؟ ساماۋەرخانىدا قانداق قىزىقارلىق ئىشلار ئۇنى ساقلاپ تۇرىدۇ؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز داۋامىغا دىققەت قىلىڭ!!!.....
ئەسكەرتىش: ساماۋەرخانا دىگەن قىزىقچى ئادەم كۆپ كىرىدىغان، يەرلىك چاقچاقلارنى ئېغىر- ئېغىر قىلىدىغان، لازا ئاچچىقسۇغا مىلاپ ئۇرغاندەكلا تىگىدىغان يەر، بىرە- ئىككى چاقچاق يەپ كەتسەڭلار چىداڭلار ھە!.....ھى....ھى......ھى....

[ بۇ يازما ئەلئارا تەرپىدىن 2008-02-23 21:23 دە قايت ]