ئا.قارلۇقىي: بۇ قېتىم «قۇرئان كەرىم» نىشانغا ئېلىندى
ئىسلامغا قارشى باياناتلىرى بىلەن پۈتۈن دۇنيانىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان رادىكال ئوڭچى گېرت ۋېلدېرس ((Geert Wilders نىڭ «قۇرئان كەرىم»نى يەردىن يەرگە ئۇرغان بىر فىلم ئىشلەش قارارىغا كىلىشى گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنى جىددىلەشتۈرۈپ قويدى. ئىچكى ئىشلار ۋە ئادالەت مىنىستىرلىكلىرى، شۇنىڭدەك گوللاندىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋېلدېرسنى ئاگاھلاندۇردى.
گوللاندىيەنىڭ ئەڭ رادىكال سىياسەتچىلىرىنىڭ بىرى نامى بىلەن تونۇلغان گېرت ۋېلدېرس يەنە خالىغىنىنى قىلدى. 1998-يىلى پارلامىنتقا كىرگىنىدىن بويان ئىسلامغا قارشى سۆزلىرى بىلەن بارلىق ساھەلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن ۋېلدېرس «قۇرئان كەرىم» نىڭ فاشىست ئىكەنلىكىنى ۋە «قورقۇنچلۇق ئىش- ھەرىكەتلەرگە قىزىقتۇرغان» لىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، «قۇرئان كەرىم» بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىكىرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بىر قىسقا فىلم ئىشلەش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
گوللاندىيەنىڭ ANP خەۋەر ئاگېنىتلىقىغا بايانات بەرگەن ۋېلدېرس ”مەقسىتىنىڭ كىشىلەرنى رەنجىدە قىلىش ئەمەسلىكىنى، ئەگەر ئىنسانلار رەنجىدە بولسا بۇ ئۇنىڭ مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى“ ئوتتۇرىغا قويدى. ۋېلدېرس يەنە «قۇرئان، گېتلىرنىڭ ”كۆرەشلىرىم“ ناملىق كىتابىغا ئوخشاشلا چەكلىنىشى لازىم» دېگەنلەرنى ئېلاۋە قىلدى. 10 مېنۇتلۇق بۇ فىلىمنىڭ يانۋار ئېيىدا تېلىۋىزوردا بېرىلىدىغانلىقىدىنمۇ خەۋەر بەردى.
ۋېلدېرسنىڭ بۇ قارىغۇلارچە قارارى گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنى دەرھال ھەرىكەتكە كەلتۈردى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماكسىمە ۋەرھاگەن (Maxime Verhagen) ۋېلدېرسنى زىيارەت قىلىپ، فىلىم توغرىسىدىكى قارارىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن قايىل قىلىشقا تىرىشتى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ۋەرھاگەن يىغىندا، بۇنىڭغا ئوخشاش بىر فىلىمنىڭ ئىشلىنىشى ۋېلدېرس ۋە يېقىن ئەتراپىدىكىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە فىلىمنىڭ گوللاندىيەتنىڭ چەتئەللەردىكى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. مۇداپىئە مىنىستىرلىكىمۇ ۋېلدېرسنى قارارىدىن ۋاز كەچۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كەلگىنىچە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. گوللاندىيە دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى «بۇ فىلىم مەيدانغا چىقىپ قالغىنىدا، دانىيەدىكى ھەجۋى رەسىم كىرىزىدىنمۇ ئېغىر كىرىز مەيدانغا كىلىشى مۇمكىن» دەپ ئەسكەرتتى.
گېرت ۋېلدېرسنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى قالايمىقانچىلىققا سەۋەپ بولدى. لېبىرال پارتىيە بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، 2004 «ئەركىنلىك» پارتىيىسىنى قۇرغان رادىكال ئوڭچىل سىياسەتچى، ئاخىرىقى قېتىملىق سايلامدا پارلامېنتتىكى 150 ئورۇندۇقتىن 9 غا ئىگە بولدى. ۋېلدېرسنىڭ قالايمىقانچىلىققا سەۋەپ بولغان بەزى سۆز- ھەرىكەتلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
مۇسۇلمانلارغا قوش پاسپۇرت بىرىلمەسلىكنى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ دەرھال چىگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشى تەكلىۋى سۇندى.
2005-يىلى دانىيەدە ئوتتۇرىغا چىققان «ھەجۋى رەسىم» كىرىزىدىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ غەزەپ- نەپرەتىگە سەۋەپ بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋى رەسىمىنى ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن كەلگەن ئۆلۈم تەھدىتلىرى تۈپەيلى ھەر كۈن 24 سائەت ساقچىنىڭ ھېمايىسىدە ياشاپ كەلمەكتە ئىدى.
ئاۋغۇست ئېيىدا گېزىتلەردە ئېلان قىلىغان ئۇچۇق خېتىدە «قۇرئان كەرىم» نىڭ جىنايەت ۋە تاجاۋۇزچىلىقنى تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە «قۇرئان كەرىم» گوللاندىيەدە چەكلەنمىسىنى تەلەپ قىلغان قانۇن لايىھەسىنى مەجلىسكە سۇنغان ۋە «مۇسۇلمانلار بۇ دۆلەتتە ياشاشنى خالىسا ”قۇرئان“ يىرتىپ تاشلاشقا مەجبۇر» دېگەن.
2004-يىلى سىياسەتچى ئايان ھىرسى ئەلىي (Ayaan Hirsi Ali) تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە تېئو ۋان گوغ (Theo van Gogh) رىژېسسورلىقىنى قىلغان «Submission» (تەسلىمىيەتچىلىك) ناملىق ئىسلامغا قارشى فىلىم كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغانىدى. ۋان گوغ، ساقچىنىڭ ھېمايىسىدە بولۇشىغا قارىماي، بىر ياش تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
ئەسكەرتىش، تۈركچە ۋە ئەرەبچە مەنبەلەردىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ھالدا تەرجىمە قىلىندى.
مەنبە:
http://bbs.yulghun.com/viewthread.php?tid=2722###