ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەلكىنداشلار، قانداق ئەھۋالىڭلار؟ تېنىڭلار سالامەت، ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق كېتىپ بارامدۇ؟ ھەممىڭلارنىڭ ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك، خۇشاللىق يار بولسۇن! Np_6ZUaqz
UQr+\ u
بۇ تېمىنى يوللاشنى بۇرۇنلا ئويلاشقان خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلى ۋاقتىدا يوللىيالمىدىم. ?Kf@/jv
نەق گەپكە كەلسەك ھەممىمىز بىلىمىز ئېغىزىمىزدىن چىقىۋاتقان گەپلەرنىڭ قانچىلىكى ساپ ئۆزىمىزنىڭ تىلى، قانچىلىكى ئارىلاشما تىل ئىكەنلىكىنى. بۇ مەسىلىگە قارىتا كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئويلايدىغىنى ئوخشاش. ئۇ بولسىمۇ __ ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. H8U*oLlc
ئەمما مەن مۇشۇ چاغقىچە %100 ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. خەقنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلە، دېيىش ئۈچۈن ئۆزۈمدىن باشلىشىم كېرەك. شۇڭا مەن ئۆزۈمدىن، ئەتراپىمدىكى كىشىلەردىن باشلاش ئۈچۈن شىركەتتىكى خىزمەتداشلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تۆۋەندىكىدەك ئاددىي باشلاش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. سەلكىنداشلارنىڭمۇ مۇۋاپىق دەپ قارىغان تەرەپلەرنى ئۆزىگە، ئەتراپىغا تەدبىقلاپ بېقىشىنى، ئۆزىنىڭ مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تىلىمىزنى ساپلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاددىي، ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسىنى بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ ئويلاپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. .quc i(D
بىز ئەسلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويغان، يولغا قويۇپ بىر ئاي بولمايلا خېلىلا ئۈنۈمىنى كۆردۇق. مەيلى دوستلىرىمىز، مەيلى ھەمكارلىق ئورناتقان شېرىكلىرىمىز بولمىسۇن ئوخشاشلا قىزغىن قوللىدى، ھەتتا خېرىدارلارمۇ ماختىشىپ ئۆزلىرىنىڭ شىركەتلىرىدە، ئۆيلىرىدە بۇ خىل تۈزۈمنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ھازىر مەن باشقا دوستلىرىمغىمۇ تەۋسىيە قىلىۋاتىمەن. تەپسىلىي مەزمۇنى مۇنداق:
"zc!QHpSd 9G9lSj5> _____________________________________________________________
llJ)u!=5 ap!
<8N ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەيلى!
k:.c(_2M
B~IOM
نۆۋەتتە بارغانسېرى ئۆز خاسلىقىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقان ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەلدوست كومپىيۇتېر شىركىتى خادىملىرى ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ تۆۋەندىكىدەك تۈزۈمنى يولغا قويدۇق. /k,p]/e
خىزمەتداشلار ئارا ئانا تىلدىن باشقا تىللاردا سۆزلىشىشكە بولمايدۇ. بەك زۆرۈر بولغاندا ئەسكەرتىپ قويۇپ ئاندىن سۆزلەش كېرەك. خىلاپلىق قىلغۇچىلار قېتىم سانىغا قاراپ جازالىنىدۇ. جازا تەدبىرلىرى: U?>cm`DBP
1. باشقا تىلدا بىر ئېغىز سۆزلىگەندە ھەربىر خىزمەتداشقا بىردىن چوكا مۇز ئېلىپ بېرىپ خاتالىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن تونۇيدۇ. Tq+pFEgQ`@
2. باشقا تىلدا ئىككى سۆزلىگەندە ھەربىر خىزمەتداشقا بىردىن ئاپلېسىن شەربىتى ئېلىپ بېرىپ خاتالىقىنى تونۇيدۇ. 5`J.
ic
3. باشقا تىلدا ئۈچ ئېغىز سۆزلىگەندە بارلىق خىزمەتداشلارنى بىر ۋاق چۈشلۈك تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلىپ خاتالىقىنى تونۇيدۇ. ]iPdAwc.1
4. باشقا تىلدا تۆت ئېغىز سۆزلىگەندە بارلىق خىزمەتداشلارنى بىر ۋاق كەچلىك تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلىدۇ ھەم خىزمەتداشلارنى ئۆيىگىچە ئاپىرىپ قويۇپ خاتالىقىنى تونۇيدۇ. nC w1H kW
5. باشقا تىلدا بەش ئېغىزدىن كۆپ 10 ئېغىزدىن ئاز سۆزلىگەندە يۇقىرىقى جازانى ئىجرا قىلىشتىن سىرت ھەربىر خىزمەتداشنىڭ بىردىن تەلىپىنى ئورۇنداپ بېرىدۇ. _Z%C{~,7)x
6. باشقا تىلدا سۆزلەش 10 ئېغىزدىن ئېشىپ كەتسە يۇقىرىقى جازانى ئىجرا قىلىشتىن سىرت ھەربىر خىزمەتداشنىڭ ئۈچتىن تەلىپىنى ئورۇنداپ بېرىدۇ ھەم ئۈچ كۈنلۈك تازىلىق قىلىش نۆۋەتچىلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. f%af.cR*
I;7VX5X
ئىزاھات: قەستەن ئىزچىل ھالدا خاتالىق سادىر قىلغۇچىلار ھەركۈندە تازىلىق قىلىدۇ. n V
e2;">tp6?
مەنكى ئۆز رازىلىقىم ھەم خۇشاللىقىم بىلەن يۇقىرىقى تۈزۈمگە بويسۇنىمەن. دەپ: << >>، << >>، << >>، << >>، << >>، << >> kAqk~.
0Y\u,\GrxW
(<< >> ئىچىگە خىزمەتداشلار ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يازىدۇ) 6ik6JL$AI
________________________________________________________________ i'a M#4V
L-fAT'!'
بۇ تۈزۈم يولغا قويۇلۇپ ئىككى ھەپتىگىچە ھەرخىل قىزىقارلىق ئىشلار يۈز بەردى. مەنمۇ شۇنچە دىققەپ قىلىپ تۇرۇپمۇ خىزمەتداشلارنى ئىككى قېتىم كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىۋەتتىم. مەن تېخى خىزمەتداشلار ئارىسىدا ئەڭ ئاز جازاغا ئۇچرىغىنى. بەزىلىرىمىز ئۇدا بىر - ئىككى ھەپتە تازىلىق قىلدۇق. شۇنىڭدىن ھېس قىلىشقا بولىدۇكى، باشقا تىللار بىزنىڭ ئانا تىلىمىزغا ئوبدانلا بۆسۈپ كىرىپ ئولتۇراقلىشىپ قاپتۇ. ئولتۇراقلاشسا مەيلىتى بەزىلىرى <<تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ>> دېگەندەك ئانا تىلىمىزنىڭ ئورنىنى ئېلىپ بوپتۇ. يەنە بەزى سۆزلەر قارا نوپۇس ئىكەن. دەسلەپ ئۇ قارا نوپۇس سۆزلەرنىڭ ئانا تىلىمىزدىكى ئورنىنى تاپالمىدۇق. مەسىلەن: $XJe)
بىزنىڭ كومپىيۇتېر ساھەسىدە خېلى كۆپ سۆزلەرنى خەنزۇچە ئاتايمىز. «شىتوڭ(سىستېما) يۆتكىدىم»، ۋاڭدىن شادۇرۇەنجىيەن شىيازەي قىلدىم(توردىن ۋىرۇسخور چۈشۈردۈم)، بىڭدۇ(ۋىرۇس) جىقكەن، نېيسۇننىڭ(ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ) سىغىمى كىچىك بوپ قالدى، يىڭپەندە خۇەيداۋ باركەن(فىزىكىلىق بۇزۇلغان قاتتىق دىسكا رايونى)، يوۋپىنىم گېشىخۇا بوپ كەتتى(بارماق دىسكام فورماتلىنىپ كەتتى)، ئۆزىلا چوڭچى(قايتا قوزغىلىش) بوپ كەتتىغۇ تاڭ؟ شىيەنشىپىن(ئېكران) سەل ناچاركەن ھە؟ جىيەنپەن - شۇبىياۋ(كۇنۇپكا - تاختىسى - چاشقىنەك. . .» دەپ كەلسەك بەك جىق.
BYu|loc
پەقەت بىزنىڭ كەسىپتىلا ئەمەس ئادەتتە تۇرمۇشتىمۇ كۆپ بۇنداق سۆزلەر. ئوشۇقچە بولسىمۇ مىسال ئېلىشنى لايىق كۆردۈم: $BG9<:p
«بۈگۈن باۋيې قىلاي دېسەم ۋاڭبادا جىزا قالماپتۇ، تېلېفون قىلسام ماڭ دەيدىغۇ؟ دۇەنشىن فالې قىل جۇمۇ؟! ماۋۇ ئاشخانىنىڭ فۇۋۇسى بولمايدىكەن، يىدۇڭنىڭ دۇيمىيەرسىدىكى ھېلىقى چاۋشىنى بىلىسەنغۇ؟ شوۋجىرىمنىڭ نومۇرى ياۋ سەن با. . .» مۇشۇنداق ئويلاپ 4pF%
G
كېلىدىغان بولساق تىلىمىزنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقىنى ھېس قىلىمىز ھەم ھېس قىلغاندىمىز. 1y>P<[
بۇ ئويۇن خاراكتېرلىك تۈزۈمنى يولغا قويغاندىن كېيىن ئامالنىڭ بېرىچە ئانا تىلدا سۆزلىشىدىغان بولدۇق. بەك يېقىملىق ئاڭلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلگەن خېرىدارلار، دوست - شېرىكلەر بۇ تۈزۈمنى كۆرۈپ بەزى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن بىز قىلغىنىمىزنىڭ توغرىلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇق. olh|.9Kdj}
N!hp^V<7
بۇ تۈزۈمگە ئەتراپتىكى مۇھىت، ئادەملەرنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئانچە - مۇنچە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ خىزمەتداشلار ئىشخانىلاردا، ئوقۇغۇچىلار ياتاقلاردا، سىنىپلاردا، ئەل - ئاغىنىلەر يىغىلىش - ئولتۇرۇشلاردا، ئائىلىلەردە . . . يولغا قويسا مېنىڭچە پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، دەپ قارايمەن. $.v5G>-)3
x_#yH3kJ
كۆپچىلىكنىڭ ئەتراپلىق ئويلىشىپ، تەھلىل قىلىپ سەمىمىي تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ھەم ئۆزلىرى ئويلاپ كېلىۋاتقان تېخىمۇ ئۈنۈملىك ئۇسۇللارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. cJL>,Z<|%
ئۇيغۇر تىلى __ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى. ئۇنىڭ يوقىلىپ كېتىشى ياكى تېخىمۇ گۈللىنىشى بىزنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە باغلىق.
[ بۇ يازما ئۈزۈمچى تەرپىدىن2008-12-17 23:29دە قايتا ]