mtv تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ بەتتىكى تېما: سەلكىن رازۋىتچىكلىك ھېكايىسى:سەلكىندىكى ئەڭ چوڭ ئوغرىلىق دىلوسى IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 1553 قېتىم كۆرۈلدى
پارول
مۇنبەر قىززىقچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە تەكلىپ


UID نۇمۇرى : 5834
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 135
شۆھرەت: 1812 كىشىلىك
پۇل : 3347 سوم
تۆھپە: 1050 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 295 نۇمۇر
قوللاش: 217 نومۇر
ئالقىش: 445 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 سەلكىن رازۋىتچىكلىك ھېكايىسى:سەلكىندىكى ئەڭ چوڭ ئوغرىلىق دىلوسى

1
.ۋەقەنىڭ باشلىنىشى
   ئۇلۇغ قۇربان ھېيت خوشاللىق بىلەن كېلىپ،خوشاللىق بىلەن ئۇزىتىلىدى...بارچە يەردە خوشاللىق كۈلكىلىرى،خوشاللىق نەغمىلىرى ياڭرىدى..كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى شۇنداق تېنچ،ئازادە ئۆتتى..
    مانا ھېيمۇ ئاخرلىشىپ، بىرھەپتە ئۆتكەن ۋاقىت،قۇياش شەرقتىن ئاستائاستا ئىللىق چىرايىنى كۆرسەتتى..بارچە خەلق يەنە سەھەر تۇرۇپ،ئۆزىنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇش سەنىمىگە ئاتلاندى..بىراق سەلكىن ئوردىسىدىن چىققان ئازاپلىق ۋارقىرىغان ئاۋاز ھەممەيلەننى چۆچۈتىۋەتتى..
-ئادەم بارمۇ؟؟؟؟؟ۋاي قانداق قىلاي؟؟ۋاي قايسىڭلار بار؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئادەم بارمۇ؟؟؟ئوغرى!!!ئوغرى چۈشۈپتۇ!
بۇ بىزنىڭ سەلكىن شاھنىڭ ئاۋازى ئىدى..بارلىق ئوردا تەۋرەپ كەتتى...ۋەزىر ۋۇزرالار دەرھال سەلكىن شاھنىڭ ھوجرىسىغا يىغلىدى..
-خان ئالىيلىرى...نىمانچىلا ۋارقىرايدىلا-دىدى خەلپەم جىددىيلىشىپ-سېرتما قىسىۋالدىما؟؟؟
-ئاغزىڭنى يۇم خۇمپەر-سەلكىن شاھ غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى-شاھلىق تاجامغا ئوغرى چۈشۈپتۇ..ئاخشام ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا كيىملىرىمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويغاندەك قىلغان.سەھەر قوپسام يوق...دەرھال تېپىڭلار...شاھلىق تاجىسىغا ئوغرى چۈشتى دىگەن قانداق گەپ!!
بارلىق لەشكەر باشلىرى ئوپۇر توپۇر بولۇپ كېتىشتى..خەلپەم بولسا تەمكىنلىك بىلەن كۆپچىلىكنى توختىتىپ قويدى:
-شاھىمغا مەلۇم بولغاي،ئاۋۇ باشلىرىدىكى شاھلىق تاجا بولماي كەپتەر مايىقى دىگەنمۇ..شۇنداق دىگەن تەغدىردىمۇ..ئۇنداق يوغان چىقىرالايدىغان كەپتەر تېخى سەلكىندە يوق..
ھەي،بۇ خەلپەم مۇشۇنداق ئاچچىق تەنە گەپ قىلاتتى دائىم...سەلكىن شاھ ئېسىگە بىرنىمە كەلگەندەك بېشنى تۇتۇپ بېقىپ كۈلۈپ كەتتى
-ھاھاھا قارىغاندا ئاخشام بىشىمدىن ئالماي يېتىپ قالغان ئوخشايمەن..نىمە چۈشۈمدە ئىككى باشلىق چۈش كۆردۈمكىن دىسەم...
ھەممەيلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىشتى..بىراق ھايال ئۆتمەي سەلكىن شاھنىڭ چىرايى تۇتۇلدى
-ئۇنداق بولسا،شاھانە تامبىلىم قېنى؟؟؟بۇ يەرگە ئوغرى كىرمىسە، مېنىڭ شاھانە ئۆتىگىم،شاھانە شارپام،شاھانە پەلىيىم،....-سەلكىن شاھ بىرمۇنچە كيىم كىچەكلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتىۋەتتى...
خەلپەم :
-ياخشىراق ئاختۇرۇپ باقايلى..بەلكىم ئىشكاپنىڭ ئاسىتغا ،ياكى قازاننىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن..
-بىراق-سەلكىن شاھ تەن ئالمىدى-ئۇلارغۇ مەيلى..مېنىڭ شاھانە ئايالىمچۇ؟؟؟؟
-شاھىمغا مەلۇم بولغاي-خەلپەم ئىگىلىپ تازىم قىلىپ-سىلى تېخى توي قىلمىدىلا..
-شۇنداقمۇ يە..-سەلكىن شاھ ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتى..
لەشكەرلەر پۈتكۈل ئوردىنى ئاختۇرۇپ شاھانە شارپىنى كۈتۈپخانىدىن،شاھانە پايپاقنى سەرراپتىن،شاھانە گالاستۇكنى خەلپەمنىڭ قوينىدىن تېپىپ چىقتى..بىراق شاھانە ئۆتۈك،شاھانە ئۈزۈك،شاھانە تامباللارنى پەقەتلا تاپالمىدى..
-مەن دىدىم -سەلكىن شاھ رەنجىپ تۇرۇپ-چوقۇم ئوغرى بار..ئەتىگەن قوپقاندا دېرىزە ئوچۇق ئىكەن..تەكچىدە بىر يوغان ئاياقنىڭ ئىزى تۇرىدۇ...ئىككى تال ساپال قاچا چېقىلىپ كېتىپتۇ،چىراقلاردىن نەچچىسى چېقلىپتۇ،ئاۋۇ ئۈستەل ئورۇندۇقلار ئۆرۈلۈپ كەتكەن،تارتمىلارنىڭ ھەممىسى ئوچۇق...قاراڭلار..ئاۋۇ يەردە تېخى بىرسى ئۇخلاۋىتىپتۇ...بۇ ئاخشام ئوغرى كىرگەننىڭ بەلگىسى بولماي نىمە...
خەلپەم ئويلىنىپ ،سەلكىن شاھنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشەندى ھەمدە:
-بۇ ئىشلارنى سەلكىن رازۋىتچىكلار ئىشخانىسىغا تاپشۇرايلى..ئاڭلىسام قادىي رازۋىتچىك بىلەن ياردەمچىسى سىرلىق شائىر ھازىرغىچە مىڭدىن ئارتۇق چوڭ كىچك ئەنزىلەرنى پاش قىلىپ كەپتۇ..مىنىڭچە ئۇلار چوقۇم بۇ ئىشنى چاققان ھەل قىلالايدۇ..
-ئۇنداق بولسا يارلىق چۈشۈرۈلسۇن،قادىي بىلەن سىرلىق شائىر دەرھال ئالدىمغا كەلتۈرۈلسۇن.!!!

2.قادىي رازۋىتچىك بىلەن ياردەمچىسى سىرلىق شائىر

سەلكىن شاھنىڭ يارلىقىنى ئاڭلاپلا رازۋىتىچىك قادىي بىلەن سىرلىق شائىر خاىسيەتلىك ئادەمدەك ئۇچۇپ،دېرزىدىن سەكرەپلا كىردى..كىردىمۇ كىردى بولدى..بىراق ئۈچ ئورۇندۇق،ئىككى قېممەت باھالىق ساپال كوزا سۇندى..ئۈچ لەشكەر ئۇ ئىككىسىنىڭ ئاستىدا قېلىپ جان ئۈزدى..
-ھەرقايسىڭغا ئىشىكنى يوغان ئېچىپ بەرگەن بولغاندىكىن ،مېڭىپ كىرىشسەڭ بولمامدۇ؟؟؟-سەلكىن شاھ قاتتىق رەنجىپ ۋارقىراپ كەتتى...
-شاھمىغا مەلۇم بولغاي-دىدى سىرلىق شائىر-بىز جىددىي ۋەزىپە ئۆتىگەندە مۇشۇنداق تۇيۇقسىزلا پەيدا بولمىز...
-شۇنداق شاھىم-قادىي رازۋىتچىك شاپ بۇرۇتلىرى بارماقلىرى بىلەن بۇراق گۈل چىقىرىپ قويدى-ئاڭلىسام بۇ يەردە ئوغرىلىق دىلوسى يۈز بېرىپتۇ،.. قېنى بىز نەق مەيداننى كۆرۈپ باقىلى..
   ئىككى رازۋىتچىك نەق مەيداننى تەكشۈرۈشكە باشلىدى..ئۇلارشۇنداق كەسپىي ئىدى..ھېلى ئاياق ئىزىنى سىرلىق شائىر سۈرەتكە تارتتى...ئاندىن ئاپاراتنى قادىيغا بېرىپ،ئاياغ ئىزى يېنىدا سوزۇلۇپ يېتىپ بىرپارچە رەسىمگىمۇ چۈشۈۋالدى...قادىي ئاياغنىڭ ئاستىدىن چۈشۈپ قالغان لايدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ بىر كىچىك خالتىغا قاچىلاپ،تېشىغا قارا قەلەمدە« سەلكىن ئوردىسىن ئېلىنغان يۇرتىمىزنىڭ توپسى، بۈكۈننى مەن مەڭگۈ ئۇنتىمايمەن»دەپ يېزىپ قويدى..ئاندىن ئالاھىدە ئەسۋاپ  بىلەن تارتمىلاردىكى بارماق ئىزىنى تەكشۈردى..سىزغۇچ بىلەن ھېلىقى ئاياغ ئىزىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى ئۆلچىدى، دېرىزىدىن تېشىغا بېشىنى چىقىرىپ دېرىزە بىلەن يەرنىڭ ئىگىزلىكىنى مۆلچەرلىدى..ھەمدە ئورۇندۇقنىڭ يېنىدىن يېرتىلغان چاپاننىڭ پارچىسىدىن بىرنى بايقىدى..شۇنداقلا ئەنزىنىڭ پاش بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان  مۇھىم دەلىل ئىسپات دەپ ئويلىدى..سىرلىق شائىرمۇ بوش تۇرمىدى..ئۇ ئاۋۋال سەلكىن شاھتىن يۈتكەن نەرسىلەرنىڭ باھاسىنى سورىدى..ئاندىن بىر ئىستاكان سۈت ئەكەلدۈرۈپ ئىچتى..شۇنداقلا ئۈستەل ئىشكاپلارنىڭ ئاستىنى ئاختۇرۇپ،بىرسوملۇق تەڭگە پۇلدىن بىرنى تېپىۋىلىپ بەك خوشال بولۇپ كەتتى...
   ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كېين ئۇلار نەق مەيداننى تولۇق كۆزىتىپ بولۇپ سەلكىن شاھقا دوكلات قىلغاچ بەزىبىر ئەھۋاللارنى ئىگەللىدى
-ئەھۋالنى بىرەر قۇر ئىگەللەپ بولدۇق،ئوغرىنىڭ ئىشنى خىلى پۇختا قىلىپتۇ،دېرىزىدىن ياماشقان ئىز يوق،يۇقىرىدىن ئېسىلىپ چۈشتىمىكىن دەپ گۇمانلانغان،بىراق بىرقەۋەتلىك ئوردىغان يۇقىرىدىن ياماشقاننىڭ ئورنى يوق،ئەمدى ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئەھۋالغا قارىغاندا ئوغرىنىڭ ئاياق ئىزىدىن ئېلىپ ئيېتساق،كام دىگەندە 50سانتا چىقتى..شۇنىڭ بىلىۋىلىشقا بولىدۇكى ئوغرى ئەڭ كىچىك دىگەندە 56نومۇرلۇق ئاياق كىيىدۇ..ئاندىن
-توختا توختا-بۇنداق بولسا  نىمە بوپتۇ-سەلكىن شاھ چۈشەنمەي سورىدى.
-شاھمىغا مەلۇم بولغاي-دىدى سىرلىق شائىر قادىينىڭ گىپىنى تارتىۋىلىپ-بۇنىڭدىن شۇنى چۈشىنىۋىلىشكە بولىدىكىن،سىزنىڭ ھوجرىڭىزغا ئادەم ئەمەس. تاشقى پىلانت ئادىمى ئوغۇرلۇققا چۈشكەن گەپ..
-ماڭە ۋا-قادىي رازۋىتچىك رەنجىپ-بىر ئۆتۈك،بىر تامبال ئۈچۈن پىلانت ئاتلاپ، نىمە كەپتۇ ئۇنىڭغا..بۇيەردە ئىككى خىل پەرەز بار..بىربولسا ئوغرى بەكلا يوغان،بەستلىك،پۇتىنىڭ چوڭلۇقىدىن پەرەز قىلغاندا بوينىڭ ئىگىزلىكى 4مېتىرغا بارىدۇ...
-ھە بىلدىم-سىرلىق شائىر ۋارقىرۋەتتى-چوقۇم جىنگاڭ (چەتئەل فلىمىدە چىقىدىغان غايەت زور گورىللا)
-ھە~~~-سەلكىن شاھ چۈشەنگەندەك بىشىنى لىڭشىتتى
-توۋا دە... بۇ ئۆينىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىزلىكى مېتىرىدن ئازراقلا ئىگىز..ئۇ جىنگاڭ دىگىنىڭ قانداق كىرىپ چىقىدۇ بۇيەرگە..ئىككىنچى خىل پەرەز بىرسى ئەتەي بىزنى قايماقتۇرۇش ئۈچۈن يوغان ئاياق كىيىپ كىرگەن ياكى بولمىسا قەستەن بۇ ئىزنى قالدۇرۇپ قويغان..
-ئۇنداق بولسا كىم مۇشۇنداق قىلار-دىدى سىرلىق شائىر ئويلىنىپ تۇرۇپ-شاھىم..سىلى دەپ باقسىلا..زادى كىم؟
-بىر قويىمە ماۋۇنى...مەن بىلسەم ئىككىڭنى چاقىرىپ نىمە قىلاتتىم..قادىي رازۋىتچىك،ئەمدى سەن قانداق قىلاي دەيسەن..
-شاھمىغا مەلۇم بولغاي،كەچ بولۇپ كەتتى..ئۆيگە قايتاي دەيمەن...
-ۋاي ۋۇي..ماۋۇ ئەنزىنىڭ ئىشىنى قانداق قىلاي دەيسەن.
-ئەتىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى باشلايمەن..ئەڭ ئاۋۋال بىرنەچچە گۇماندار بولۇش ئىھېتىماللىقى بارلارنى،ئاندىن ئۇلارغا ئوخشاپ قالدىغانلارنى،ئانىڭدىن كېيىن بىگۇناھ پۇقرالارنى سوراق قىلىمەن..
-مەنمۇ شۇنداق قىلىمە-سىرلىق شائىر پەخرلىك ھالدا قولىنى مەيدىسىگە ئالدى
-بوپتۇ..مەندىن ئىجازەت،ئەگەر تەكشۈرۈشكە ماسلاشماي،بويۇنتاۋلىق قىلغانلار بولسا،دەرھال مەلۇم قىلىڭلار..ئۆزۈمنىڭ چارىسى بار ئۇلارغا....
قادىي بىلەن سىرلىق شائىر رازۋىتچىك ئىجازەت ئېلىشىپ قايتىپ كېتىشتى..

3.سوراق باشلاندى..

قادىي رازۋىتچىك بىلەن سرلىق شائىر ئەتىسىدىن باشلاپ،ھېلىقى گۇماندار ئېھتىماللىقى بارلارنى بىربىرلەپ تۇرۇپ ئېلىپ كىرىپ،سوراققا تارتىشقا باشلدى..
پارول بىرىنچى بولۇپ تۇتۇلدى.
-قېنى..ئولتۇرە-قادىي قاپىقىنىمۇ ئاچماي سوراق باشلىدى.-ھېم گەپ قىلە...يېقىندىن بۇيان نىمىلەرنى قىلىۋاتىسەن..
-شۇ باشلىق-پارول گەدىنىنى تاتلاپ تۇرۇپ-ئۇششاق تىجارەت بىلەن..
-مەسىلەن؟-سىرلىق شائىر قوشۇق سېلىپ قويدى
-مەسىلەن ئىلى دەرياسىدىن سۇتارتىپ،قەشقەر خوتەندىكى قۇرغاقچىلىق بولغان رايونلارنى سۇغىرىش،ئىچكىردىن ئىشلەپچىقىرىش كۈچىلىرىنى سۆزلىشىپ،سەلكننىڭ قۇرۇلۇش بىناكارلىق ئورۇنلىرىنىڭ كامچىلىقى تولدۇرۇپ،پەن مائارىپ ئىدارىلىنىڭ ماتىريىال يىتىشمەسلىك ئىشلىرىنى ھەل قىلىمەن دەپ،مەركەزدىن  داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ دىگەندەك ئۇششاق ئىشلار بىلەن...
-ھىم..مۇنداق دە..ئۇنداق بولسا،سەن سەلكىن شاھنىڭ ھوجرىسىغا ئوغرۇلۇق چۈشكەننى بىلمەيدىكەنسەندە،..
-ھە-پارول ھەم ھەيران ھەم كۈلگەن ئىپادە چىقاردى-شاھىمنىڭ ئۆيىگىمۇ ئوغرى چۈشۈپتىمۇ...ھاھاھاھا...ئۇنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلارنى باغاق يېزىپ چاقىرساڭمۇ كىرمەيدۇ جۇمۇ..ھاھاھاھا..ئوغرىلارنىڭ بىرەر نىمىسى يۈتۈپ كېتىپتۇمۇ؟ھاھاھا
-ئاغزىڭنى يۇم-قادىي قوشۇمىسىنى تۈردى-شاھىمنىڭ بىر شاھانە ئۆتىكى،بىرشاھانە تامبىلى،بىر شاھانە ئۈزۈكى،بىر شاھانە تىلىفونى يۈتۈپتۇ..راستىڭنى ئېيت!!1 شاھانە تامبالنى سەن ئالدىڭمۇ يوق؟
-توۋا دەڭە باشلىق-پارول كۈلكىسىنى  ئاران توختىتىپ-ئۇ ئېغى يوق ئىشتاننى نىمە قىلىمەن ئوغۇرلاپ..
-سەنمۇ بىلەمسەن ئېغى يوقلىقىنى..ھاھاھا مەن تېخى..-سىرلىق شائىر تەڭ كۈلۈپ كەتتى
-بىلمەي..ھەر قېتىم خەلق ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى چىقىپ،ھېلىقى شاھانە مەپىىسدە پۇتلىرىنى كېرىپ ئولتۇرسا،مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ قالمامدۇ...ھاھاھاھاھا
-ھاھاھاھاھاھاھاھا
-بولدى قىلىش..سەن مەسىلەڭنى تاپشۇرمىدىڭ..ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك،قارىشىلاشقانلارغا قاتتىق بولۇش بىزنىڭ تۈپ مىزانىمىز..سىنى بىرئىككى ئۈچ تۆت بەش،ئالتە يەتتە..كۈن سولاپ قويايلى،،ھوشۇڭنى تاپقاندا چوقۇم تاپشۇرىسىەن...

ئىككىنچى بولۇپ چىمەلتەك تۇتۇپ كېلىندى
-خوش،سىنى نىمە دەپ تۇتۇپ كەلگىنىمىزنى بىلىدىغانسەن؟-دىدى قادىي رازۋىتچىك سوراققا يەنە ئۆزى قاتناشتى
-بىلىمەن..بىلىمەن...ھى ھى ھى سىلىنىڭ كۆڭۈللىرىدىكىنى بىز پۇقرالارنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەم مەجبۇرىيتى...تاماكىلىرى يەنە تۈگەپتۇدە..ھى ھى ھى تېلىفونلىرى يەنە توختاپ قالغان چېغى..
-بولدى بەس!!!-قادىينىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى- تولا گەپ يورغىلاتما..سەلكىن شاھىمنىڭ ھوجرىسىغا ئوغرى چۈشكەنلىكىدىن چوقۇم خەۋىرىڭ بار..
-ھە؟؟؟-چىمەلتەك ھەيران بولدى-يەنىما...
-بۇ نىمە دىگىنىڭ-قادىي ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلدى
-ھوي ياق ھېچنىمە ..ئىللا بىللا مەن ھېچنىمىدىن خەۋەرسىزئىكەنمەن..ئۆزلىرى بىلىلا..بىز يۇۋاش خەق..ئانچە مۇنچە ئۇرۇشۇپ قويغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا جەمئىيەتتە نامىمىز ياخشى..
-ھىم ياخشىمىش...قايسى كۈنى تەلۋە باققالنى ئۇرۇپ،لاي ھەيكەلدەك قىلىۋىتىپسەنغۇ...تاغلىق راھىپلار ھازىرغىچە دوختۇرخانىنىڭ بېشىنى ئاغىرىتىۋاتىدۇ«بىزنىڭ بۇدساتۋا كونىراپ كەتتى...ماۋۇ  سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇشتىكى بالىنى بىزگە بەرسەڭلار» دەپ...بۇنى قويۇپ تۇرايلى..سەلكىن شاھنىڭ نەرسىلىرىنى نەگە يوشۇردۇڭ..
-مەن راست ھېچنىمىنى بىلمەيمەن..ئۇنىڭ نىمىسى يۈتۈپتۇ؟
-بىر شاھانە ئۆتۈك،بىر شاھانە تامبال،بىرشاھانە ئۈزۈك..يەنە..
-پاھۇي..ئوغرىلارنىڭ تاللا بازىرىغۇ زاى بىزنىڭ بۇ شاھمىز ھى ھى ھى ھى ھى..شۇنچىۋالا نەرسىنى نىمە بىلەن يۆتكىگەندۇ..ئاۋياماتكا بىلەن...
-بەدبەخ...سەن يەنە خۇپسەنلىك قىلىۋاتسىەن..سىنىمۇ پارول بىلەن بىريەرگە سولاپ قويىمەن..كاللاڭدىن ئۆتكەندە چوقۇم يۇۋاشلايسەن..

تەكلىماكان تۇتۇلدى...
-سەلكىن شاھىمىزنىڭ نەرسىلىرىنى نەگە يوشۇردۇڭ؟
-؟...
-سېتىپ پۇل قىلىۋەتتىڭمۇ ياكى چوڭلارغا سوۋغا قىلىۋەتتىڭمۇ..
-؟...
-مەسىلەڭنى يۇۋاشلىق بىلەن تاپشۇر@@!! بولمىسائۆزۈڭگە ئىش تېپىۋالىسەن..مېنىڭ خۇيۇمنى بىلىسەن..
-؟؟؟؟؟؟؟........
-نىمە چەكچىيىپ تۇرىسەن..مەن ساڭا مەدداھلىق قىلىۋاتمىدىم...سەندىن سوئال سوراۋاتىمەن..گەپ قىل..
-؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
-خەپ..گەپ قىلمايسەن شۇنداقمۇ...ھىم...سىنى ئېغىزئاچقۇزىدىغان ئامالىم بار..
دەل شۇچاغدا سىرلىق شائىر سىرتتىن ھاسىراپ ھۆمۈدەپ كىرىپ كەلدى..
-قادىي باشلىق..خاتا بولۇپ قاپتۇ...خاتا..
-ئاستا سۆزلە ..نىمە خاتا بولۇپ قاپتۇ...لاتارىيە نومۇرى يەنە توغرا ئەمەسمىكەن...
-ۋاي ياق..ماۋۇ جوكىر دىگەن ساقچى تەكلىماكاننى تۇتتۇم دەپ،سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پادىشاھىنىڭ ئوغلىنى تۇتۇپ كەپتۇ..
-ھە؟؟؟؟
-شۇنداق..يېقىندا تەكلىماكان شۇنداق غەيرى بولۇپ قاپتۇ..تېلىفون قىلسا،باشقىلارغا ئولىنىپ قالىدىكەن..تۇتاي دىسە باشقىلارغا ئايلىنىپ قالىدىكەن...
-ئەستاغپۇرۇللا..قېنى تېز قويىۋىتىڭلار...ھەي..مانداق قولىدىكى ئېلىۋەتمەمسەن....دادىسغا مۇنداقلا تۇتقۇزۇپ قويساڭ ،سەت بولىدۇ...ماۋۇ ئەرەپنىڭ ئاغزىغا كەمپۇت ،قولىغا تاڭگا تۇتقۇزۇپ يولغاسال..دوستلۇققا تەسىر يەتمىسۇن..

ئاندىن كېيىن نەشتەر،تۈركزات تۇتۇلۇپ كەلدى..
-ئىككىڭنى چاقىرىپ كېلىشتىكى مەقسىتىمىزنى بىلىشىسەن..قېنى مەنمۇ ئارتۇق سۆزلىمەي..مەسىلەڭنى تاپشۇر..
-مەن نەشتەر-دىدى نەشتەر خىجىىل بولغان قىياپەتتە-قايسى كۈنى سۇنى جىق قويۇپتىمەن..خالىي جاينى پەقەت تاپالمىدىم..شۇنىڭ بىلەن قارىسام بىر دەل دەرەخلىق ئىمارەت تۇرۇپتۇ..ئىللا بىللا..دەرەخنىڭ ئارقىغا ئۆتتۈم...مانا نان تۇرۇپتۇ..(يېڭىنىڭ ئىچىدىن ناندىن بىرنى چىقاردى..ۋاھ ۋاھ كۇچارنىڭ ھېلىقى كەڭ يېقىلىدىغان نېنى)..ئەگەر ئۇ بىنانىڭ ھۆكۈمەت بىناسى ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام ھەرگىزمۇ...مانا مەن بىر يۇۋاش ئادەم...ئاسمان بىلەن ،يەر بىلەن پېتىشمىساممۇ..ھۆكۈمەتنىڭ چىشىغا تەگمەيمەن...مۇشۇ ھەرقايسلىرى بىلىشىلا..
-مەنمۇ شۇ-تۈركزات دەرھال گەپ تارتىۋالدى-مەن ئۇ كۈنى يولدا كېتىۋاتقان..مانا خۇداھەققىي يولدا كېتىۋاتقان..قارىسام ماۋۇ نەشتەر بۇرادەر دەرەخكە قاراپ تۇرۇپتۇ...مەن تېخى پۇل ساناۋاتامدىكىن دەپ ئېتىلىپلا بېرىپتىمەن....كىم ئۇقسۇن بۇنىڭ....بۇ مۇ چۆچۈپ كەتكەن چېغى...ئالدىغا يۈگۈرۈپلا چىقىپ كەتتى...مانا ھەرقايسىلىرى تۇرۇپلا...ئۇباغقا ماۋۇ بىزنىڭ موللامنىڭ ئايالى تۇرسۇنخاننىڭ قارايدىغىنىنى بىز نەدىن بىلەيلى...شۇ ھالەتتىلا ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ قالدۇق...ئۇ ئايال «ۋۇ قىلىقىسزلار...داپشاقلار»دەپ ۋارقىراپلا كەتتى..كىشىلەر بىزنى «جەمئىيەت ئىستىلىنى بۇزغان ئەبلەخلەر»دەپ قوغلاپ كەتتى...ئىللا بىللا..بىز ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلىقسىز ئادەملەر ئەمەس...ئۇقۇشماي..
-بولدى بولدى-قادىي قاتتىق تەلەپپۇزدا-كىم سەن خەقنى ئۇئىشلارنى سۆزلە دىدى..ماۋۇ سەلكىن شاھنىڭ ھوجرىسىدىن ئوغۇرلىغان نەرسىلەرنى نەگە يوشۇرۇشتۇڭ...
-ھە؟؟؟ بىز ئۇنەرسىلەرنى تۇتۇش ئەمەس، كۆرۈپمۇ ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغان تۇرساق..نەدىن تۇرۇپ ئۇ شاھانە ئۆتۈك،شاھانە ئۈزۈك،شاھانەتامباللارنى بىلەيلى..-تۈركزات ھودۇقۇپ جاۋاپ بەردى..
قادينىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى
-مانا  مانا مانا..دىمىدىممۇ دىمدىممۇ...دىمىدىممۇ ،دىمىدىممۇ..(ناخشا ئاھاڭى)..سەن ئىككىڭنىڭ زادى ئوغرى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم...مانا ئەمدى تۇتۇلۇشتۇڭ..
-باشلىق بىزگە راست ئۇۋال بولدى- نەشتەر يالۋۇرۇپ-بىز ئۇنەرسىلەرنى تۇتۇپمۇ باقمىغان..
-ئۇنداق بولسا ھەجەپ ئوبدان بىلىدىكەنسىلەرغۇ..خۇددىي ئالدىن بىلىۋالغاندەك..ھە ..بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسەن..
-ئاخشام كوچىدا پارول ئۇچراپ قېلىپ،شۇ دەپ بەرگەن..-ئىككيلەن تەڭلا جاۋاپ بەردى
-يالغان سۆزلىمە ...پارول ھازىر سولاقتا..-دەل شۇچاغدا سىرلىق شائىر قادىينىڭ پۇشقىدىن تارتتى.
-پارول ئاخشام قېچپتۇ...
-ھە؟؟؟  ھەجەپ ماڭا بىرەرسى دەپ قويماپتىغۇ..مۇشۇنداق مۇھىم ئىشنىمۇ...
-ئۇ تۈرمىگە «مەن كەتتىم...قادىيغا دىمەڭلار..بولمىسا يامان بولىدۇ»دەپ يېزىپ قويۇپتىكەن..شۇڭا..
-يوقال..كۆزۈمدىن يوقال..ئىككىڭمۇ يوقال1

بىرنەچچە كۈنگىچە سوراق مۇشۇنداق ئۇزۇندىن ئۇزۇن داۋاملاشتى...بىراق نەتىجىسى بولمىدى....

4.دىلودا بۆسۈش ھاسىل بولدى..

     نەچچە كۈن سوراقتىن بەك ھېرىپ كەتكەن قادىي بىلەن سىرلىق شائىر سەلكىندىكى ئەڭ داڭلىق ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يەپ كەلمەكچى بولدى...
-خوجايىن..بۈگۈن ئۆزىڭىز بىر قوللۇق تاماق قىلىپ بېرىڭە-دىدى قادىي يۇقىرى ئاۋازدا
-ۋوي بۇ بىزنىڭ قادىي ساقچىغۇ-ئاشىخانا خوجايىنى زۇلىرە  كۈلۈپ-قەيەرنىڭ شامىلى ئۇچىرىپ كەلدى سىزنى...ھوي..نىمانچىلا ھارغىن بولۇپ كەتتىڭىز...قېشىڭىز ساڭگىلاپ كالپۇكىڭىزنى يىنىغا كېلىپ قاپتۇ...بۇرۇتىڭىز ئۇزىراپ قالغاندەك كۆرۈنىدىكەن..ھۇ ھۇ ھۇ ھۇ ھۇ..
-ھەي..مۇشۇ بىر ئەنزىنى كاللامنى بەكلا قاتتۇرىۋەتتى..قېنى بۈگۈن ئاشخانىڭىزدا يىگۈدەك قانداق ئېسىل نىمەتلەر بار..
-سىزنىڭ كۆڭلىڭىز قانداق تائام تارتىدۇ ساقچى..ھى ھى ھى ..ماۋۇ ياردەمچىڭىز سىرلىق شائىرغۇ دەيمەن...قوناق شېخىدەكلا ئورۇق بالىكەن بۇ...ھۇ ھۇ كۆڭلۈڭلار قانداق تائام تارتىدۇ..
-مارۇژنى!!-سىرلىق شائىر ۋارقىرىدى...
-بۇ كېندىجى ئەمەس ساقام...ئاشخانا-زۇلىرە كۈلۈپ تۇرۇپ
-ئۇنداق بولسا، خامبۇرگ بولكىسى...-سىرلىق شائىر
-دىدىمغۇ... بۇ غەرپچە ئاشخانا ئەمەس..ئۇيغۇر ئاشخانىسى...باشقىراق بىرنىمە دەڭە..
-ئۇنداق بولسا..ھىم~~~~مايدا پىشۇرۇلغان توخو پاچىقى..
-يوق-زۇلىرە توڭ تەگدى..
-مالاچۇەر (زىقلىق ئاچچىق چۈچۈك تائام)
-ۋاي يوق!!!
-ئىتالىيە چۆپى!!
-يوق!1
-پىسسا قاتلىمىسى!!
-يوق دىدىمغۇ يوق!!!
-ئارمان بالىلار قۇۋۋەت تالقىنى!!
-ۋاي يوق!!!!!
-ھېچىنىمە يوق بولسا.نىمە قىلىسز ئاشخانا ئېچىپ!!!-سىرلق شائىر نارازى بولۇپ ۋارقىرىدى..
-ۋاي چىقىپ تالادىن يەۋىلىڭ..سىز...
-بولدى بولدى-قادىي زۇلىرە خوجايىنغا تەسەللىي بېرىپ-بۇ بالا شۇنداق تەتۈر بولۇپ قالدى..بىزگە بىلىقنىڭ ئۆپىكىسىدە بىر قورۇما قورۇپ بېرىڭە...
-توۋا..نەدىمۇ بىلق ئۆپكىسى بولسۇن..
-يوقما..ھەتتگنىەي .بولسا بەك ياخشى بولاتتى...قوينىڭ يۇڭىدا قىلغان چۆچۈرىچۇ؟
-ۋاي نىمە قىلىسز ئۇ بىرنىمىنى...
-يوقما..توۋا..بۈگۈن ھەممىسنىڭ يوق بولۇپ قالغىنىنى...قوتازنىڭ يىلىكىدە..
-ۋاي ۋاي بولدى..ئىككىڭلار تاماق يىمەيدىكەنسىلەر..چىقىپ كېتىڭلار...
دەل شۇچاغدا سىرلىق شائىر ئۇلارنىڭ گىپىنى بۆلىۋەتتى
-باشلىق..قارىڭە..ئاۋۇ ئادەمگە؟؟
-ۋاي بولدى قىلىپ تۇرە...ھازىر ئالدىراش مەن..
-تېز قاراڭ...بولمىسا كېتىپ قالىدۇ..
-قېنى ..ھە ،..قېنى ..كىمنى دەيسەن-قادىي ئىچى پۇشقان ھالدا
-ئاۋۇ بىشىغا يوغان قالپاق كىيىۋالغان..پۇتىدا شاھانە ئۆتۈك تۇرىدۇ...قولىدا ئۈزۈك، يەنە تامبال..
-ۋاي ۋۇي..ئۇ بىزنىڭ سەلكىن شاھىمىز شۇغۇ...
-ۋااي ياق...سەلكىن پادىشاھ ئۇنداق ئىگىز ئەمەس...سەلكىن شاھىمىزقارىماققا ئۇنڭىدن 30سانتا پاكاردەك قىلىدۇ...بۇ ئادەمنىڭ بويى ئەڭ پاكار بولسىمۇ 1مېتىر 60سانتا چىقىدۇ..
-ئۇنداق بولسا قاراپ تۇرماي تۇتمامسەن...!!
ئىككىيلەن ئېتىلىپ بېرىپ،ئۇئادەمنى تۇتۇپ سوراقخانىغا ئېلىپ كەلدى..
-ئىسمىڭ نىمە؟-قادىي قوپال ۋارقىرى.
-ئەخمەقجان!!!
-خاتىرلىۋال -دىدى قادىي سىرلىق شائىرغا قاراپ-ئەخمەتجان ئەمەس..ئەخەتجانمۇ ئەمەس..ئەخمەقجان..  ھە!! نەچچىگە كىردىڭ..
-25ياش
-يەنە يازە -سىرلىق شائىرغا بۇيرۇق چۈشۈردى-52ياش ئەمەس..5ياشمۇ ئەمەس..25ياش دىدى...ھىم...ئۆيۈڭ نەدە..
-سەلكىن شەھرى مىللەتلەر كوچىسى 19ئۆي
-يازە..19دىدى..91ئەمەس جۇمۇ...ئاۋۇ شاھانە ئۆتۈك،ئۈزۈك،تامبال،شارپىلارنى قەيەردىن ئوغۇرلىدىڭ..
-ئوغۇرلىمىدىم...ئاسماندىكى ئىلاھلار بەردى..
-يازە ..رەھبەرلەر دىمىدى...ئىلاھلار دەيدۇ...-قادىي ئەخمەقجانغا قاراپ-ھىم كىمەڭنى ئالدايسەن...مېنى خۇراپىي چاغلاپ قالدىڭما..ياكى ئەخمەقمۇ...مەن كۈندە ئاسمانغا قاراپ نەرسە تىلەيمەن..ھەجەپ ماڭا بەرمەي ساڭا بېرىدىكەنا..راستڭىنى..دە..ئىنىق ئېيت!!
ئەخمەقجان بېشىدىن ئۆتكەن ئىشنى بىربىرلەپ سۆزلىدى...


5.دىلونىڭ يېشىمى

سەھەردە قادىي رازۋىتچىك بىلەن سىرلىق شائىر ئىككيلەن سەلكىن شاھنىڭ ئوردىسىغا كىرىپ كەلدى..
-شاھىم سىلىدىن ئىنىقلايدىغان بىر ئىش بارئىدى..
-قېنى سوراڭلار-سەلكىن شاھ ئەمدى ئويغانغان بولۇپ،بۇلماق يەۋاتاتتى
-ھېلىقى دىلو يۈزبەرگەن كۈنى كەچتە سىلى ئۆزلىرى قىلغان ئىشنى بىر ئەسلەپ باقاملا..
-ئۇ كۈنى..مەن كەچىلىك تاماق يەپ بولۇپ...ئازراق شامالداي دەپ دېزىنىڭ تۈۋىگە كەلدىم...بىرچاغدا ئۆتىكىم پۇتۇمنى قىستىغاندەك قىلدى..شۇنىڭ بىلەن تەكچىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ،ئەمدى يىپلىرىنى يىشەي دىسەم.غارتلا قلىپ كەينىمگە تېيلىپ يىقىلىپ چۈشتۈم...خىلى قاتتىق چۈشتۈمغۇ دەيمەن...قوپۇپ ئورنۇمغا بېرىپ ياتاي دەپ شۇنداق يانپاشلىسىام بىقىنىمغا بىرنىمە پاتماسما..قولۇمغا ئېلىپ،قاراپمۇ قويماي دېرىزىدىن تاشلىۋەتتىم،،...شۇنداق يېتىۋاتسام،يوغان ئۆمۈچۈكتىن بىرسى ماڭا چەكچىيىپ كارىۋات بىېشىدا تۇرۇپتۇ...قولۇمنى ئاران سوزۇپ بىرنىمىنى تۇتۇپلا،ئۆمۈچۈكنى ئورىدىمدە..ئۇنىمۇ دېرىزىدىن تاشلىۋەتتىم،،،..شۇنىڭ بىلەن تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتتىم...
-ھاھاھاھا بولدى دىلو يىشلىدى...-قادىي كۈلۈپ كەتتى،..
-ھە...راستما..قانداق قىلىپ...شۇنداق ئاسانلا يىشىلدىمۇ بۇ دىلو؟-سەلكىن شاھ ھەيران بولۇپ سورىدى..
  -شۇنداق... ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆيگە ئوغرى كىرمىگەن..نەرسىلەرنى يۈتۈشىگە سەۋەپچى بولغان ئادەم باشقا بىرى ئەمەس بەلكى سىلى ئۆزلىرى...
  -مەن!!؟؟
-شۇنداق..تۈنۈگۈن بىز بىر  گۇماندارنى تۇتۇپ سوراق قىلىپ بىر مۇھىم ئىشنى بىلىۋالدۇق..ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق: ئۇئادەم سىلىنىڭ ئوردىلىرىغا يېقىن كوچىدا كېتىپ بارغاندا تۇيۇقسىز بىر ئۆتۈك ئۇچۇپ كېلىپ بېشىغا چۈشكەن ..پەرىزىمچە بۇ دەل سىلى تېيلىپ يىقىلىپ چۈشكەندە پۇتلىرىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كەتكەن ئۆتۈكلىرىنىڭ بىر پىيى..
-ئۇنداق بولسا يەنە بىرپىيىمۇ يوق تۇرسا..بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسەن..
  -ئالدىرمىسىلا..سلى يانپاشلىغاندا بىقىنىمغا بىرنىمە پېتىپ قالدى دىگەنتىلىغۇ...بۇ دەل يەنە بىر پىيى...سىلى ئاچچىققا پايلىماي قاراپمۇ قويماي ئۇنى دېرىزىدىن تاشلىۋەتتىلە...ئۇمۇ ئۇچۇپ بېرىپ ھېلىقى ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشكەن...
-ئەمسە ئۈزۈكچۇ؟
-ئۇمۇ سلى ئۆتۈكنى سىلكىپ تاشلىغاندا،قوللىرىدىن ئۇچۇپلا چىقىپ كەتكەن...
-تامبال چۇ؟
-ھاھاھا مېنىڭ پەرىزىمچە سىلى ھېلىقى ئۆمۈچۈكنى كۆرگەندە قورقۇپ ئىشتانلىرىنىڭ چۈشۈپ كەتكىنىنىمۇ بىلەلمىگەن گەپ..ھېلىقى ئۆمۈچۈكنى ئورىغان نەرسە دەل سلىنىڭ شاھانە تامباللىرى..
-ھە راستما..سەن تامبال ئىكەنلىكىنى قانداق جەزملەشتۈردۈڭ...
-سىلى دىگەن ئۆمۈچۈكنى ئاڭلاپ...
-ھە..قانداقسىگە؟-سىرلىق شائىر بىلەن سەلكىن شاھ تەڭلا سورىدى
-بىزنى ئۇنى تولۇپ ئاختۇرۇپ تەكشۈرگەندە،ئىشتاننىڭ ئىچىدىن بىر قۇرۇشۇپ كەتكەن ئۆمۈچۈك ئەۋرىشكىسى تاپتۇق...
-ھاھاھاھاھ ئەسلى مۇنداق ئىكەندە..مەن قارىغاندا ئىشنى چوڭايتىۋىتىپتىمەن..سىلەرنى جاپاغا سېلىپتىمەن...ئەمدى كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشتى..ئۇف
-ئۇنداق بولسا  يۈتكەن نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرەيلى سىلىگە-قادىي كۈلۈپ تۇرۇپ
-بولدى..مېنىڭ ئۇنەرسىلىرىم شۇ ئادەمگە قىلغان سوۋغام بولۇپ قالسۇن،ئۇنىمۇ جىق جاپاغا سېلىپتىمەن...
-مەيلى ئۇنداق بولسا،بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئاخرلاشتى...كېيىن ئىشلار بولسا يەنە تاپشۇرارسىز..خەير بىز كەتتۇق..
-خوش...سىلەرگە كۆپـتىن كۆپ رەھمەت!

شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوغۇرلۇق دىلوسى ئاخرلاشتى...قادىي رازۋىتچىك بىلەن سىرلىق شائىر رازۋىتچىكنىڭ ئىناۋىتى تېخىمۇ ئۆستى..


ئۇف@!!ھورۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسىدەك نىمانداق ئۇزۇن ھېكايە بۇ..توۋا..سىلەرنى جاپاغا سېلىپ قويدۇم!! رھمەت..ئەگەر ئوقۇپ مۇشۇيەرگىچە كىلەلىسەڭلار....چوقۇم ھېرىپ ئۇخلاپ قالىسىلەرغۇ دەيمەن!!!
تېما تەستىقلىغۇچى : ئاتەش
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-17, 11:45
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+999(taklimakan) يۇمۇرۇستىك ت ..
  • پۇل :+500(ئاپپاق) بەك ياخشىكەن ..
  • blog.salkin.cn
    تېراكتورلار سايرايدۇ
    ئورماندىكى تېرەكتە
    مەن يارغا كۆيۈپ قالدىم
    دۈمبەمدىكى يۈرەكتە
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-17 19:41 |
    ئاتەش
    تەنھا چوغ
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 2323
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1232
    شۆھرەت: 2319 كىشىلىك
    پۇل : 0 سوم
    تۆھپە: 680 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 571 نۇمۇر
    قوللاش: 379 نومۇر
    ئالقىش: 651 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىلىنىڭ يازغان ئۇزۇن خۇتۇننىڭ پايتىمىسىدەك ھىكايىلىرىمۇ قىزىقارلىق ، يۇمۇرىستىك تۈسكە ئىگە بولغاچقا، مىكرو ھىكايىدەكلا تۇيۇلىدۇ.. دوستلارغا كۈلكە ئاتا قىلىدىغان مۇشۇنداق تىمىلىرى ئۈزۈلمىگەي..

    مۇشۇنداق ئۇزۇن تىمىنى يېزىپ بولغۇچە ئاغرىپ كەتكەن قوللىرىغا، مۇنبەردىكى كۈلكىگە ئامراق  قىزلىرىمىزنىڭ سۈيۈاپ قويغىسى كىلىپ كىلىدۇ.. (چاقچاق)
    blog.salkin.cn
    سىزنى تۇغۇ پ چوڭ قىلغۇچىلار ئەڭ ئۇلۇغ ئنسانلاردۇر. دۇنيادىكى بارلىق ئاتا–ئانىلار كۈچىنىڭ بارىچە باللىرىنىڭ تەلىپىنى ئۇرۇنداپ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا بىز ئۇلارنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك. گەرچە ئاتا –ئانىلار ناھايىتى ئاددى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ھەممدىن ئۇلۇغ !
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 19:52 |
    چىمەلتەك
    قارا كۆلەڭگە⒈⑧
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3646
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1194
    شۆھرەت: 289 كىشىلىك
    پۇل : 15 سوم
    تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1488 نۇمۇر
    قوللاش: 1314 نومۇر
    ئالقىش: 1407 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھې ھې ھې .................. ھەجەپ قىزىق يېزىۋىتىپسەن.............. پارۇلكا.......... ئۇزۇن بولدى سېنى مۇنبەردە كۆرمىگىلى................ لېكىن ئادەم تازا سېغىنغاندا... تۇيۇقسىز... مانا مۇشۇنداق خوشال قىلىدىغان... يېرىڭگە بەك ئامىراقتە مەن............
    blog.salkin.cn
    ~~مەغۇلۇبىيەتنىڭ ئۆزىمۇ بىر غەلبە~~ چىمەلتەك بېلوگ ئادرىسى تۆۋەندە مەرھەمەت قىلىڭ!!
    http://qimaltak.salkin.cn
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 19:53 |
    چىنئاي
    بەخىتلىكمەن  ......
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالىي ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11875
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2022
    شۆھرەت: 2406 كىشىلىك
    پۇل : 1621658 سوم
    تۆھپە: 1 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1393 نۇمۇر
    قوللاش: 1325 نومۇر
    ئالقىش: 1605 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: شادلىق
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    راستلا  بەك  ئۇزۇن  ھىكايىكەن ، ئەمدى تېخى تۈركىزاتنى ئوغرى دەۋاتقان يەنە
    بىردەمدە  يۆتكەلدى ، سەل تۇرۇپ ئوقۇپ بوپ يازاي .................
    بىگۇنا پۇخرالارنى بوزەك قىپ تولا ئاختۇرۇپ كېتىشتى بۇ قادى بىلەن سىرلىق رازۋېچىكلار ...........
    ئەمما  خېلى قىزىقارلىق چىقىپتۇ ......................
    [ بۇ يازما چىنئاي تەرپىدىن2008-12-17 20:03دە قايتا ت ]
      قىزنىڭ  سۆيشىگە    ئىشەنمە  ،  كۆيگىنىگە  ئىشەن    .
    دۇنيادا  سۆيگنىڭنىڭ  سىماسىدەك  گۈزەل  تاماشا  ،  ئۇنىڭ  ئاۋازىدەك  يېقىملىق  مۇزىكا  يوق  ........
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 19:58 |
    تۇرپان تۇر
    سەلكىن نامايىشچىسى
    رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 14033
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1806
    شۆھرەت: 1829 كىشىلىك
    پۇل : 9861569 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2009 نۇمۇر
    قوللاش: 1678 نومۇر
    ئالقىش: 2827 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دىل كۈيى
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    مەن پەقەت ئۆزۈم يازغان يۇمۇرغىلا كۈلەتتىم بۇ قىتىم ئىش باشقىچە    
    ياشىسۇن جوڭگو كومىنىستىك پارتىيىسى
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 20:11 |
    ئابدۇقادىر
    كۈلكەڭ ئۈچۈن
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1198
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7322
    شۆھرەت: 10753 كىشىلىك
    پۇل : 48453 سوم
    تۆھپە: 600 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 8050 نۇمۇر
    قوللاش: 7450 نومۇر
    ئالقىش: 7071 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياق ياق،مەن ئۇخلمايمەن، ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا !!!!
    سەلكىن شاھ ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى كەچتە قىلغان ئىشلىرىنى دەپ بىرۋاتقان چاغدىلا سەزگەن مەن،ھې ھې ھې ھې !!!

    ئەمدى رازۋىتچىك بولدۇم مەن~~!
    izdax.com
    كىم دادېسىدىن چوڭ؟ ھا ھا ھا ھا
    يىشۇنىڭ چىچى يوق دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟ھې ھې ھې ھې
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 20:11 |
    سەنئەتكار
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 18433
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 19
    شۆھرەت: 19 كىشىلىك
    پۇل : 270 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
    قوللاش: 25 نومۇر
    ئالقىش: 46 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تازا بىر كۈلىۋالدىم.
    ھايات
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 20:15 |
    ئەلئارا
    ھەقىقىي سۆيگۈ .
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە باشقۇرغۇچى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئىلغار باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : مۇنبەر باشلىقى


    UID نۇمۇرى : 6311
    نادىر تېما : 9
    يازما سانى : 3554
    شۆھرەت: 5777 كىشىلىك
    پۇل : 677936 سوم
    تۆھپە: 324 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3852 نۇمۇر
    قوللاش: 2458 نومۇر
    ئالقىش: 5395 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىچىمەلتەكنىڭ2008-12-17 19:53 دە يوللىغان يازمىسى   :
    ھې ھې ھې .................. ھەجەپ قىزىق يېزىۋىتىپسەن.............. پارۇلكا.......... ئۇزۇن بولدى سېنى مۇنبەردە كۆرمىگىلى................ لېكىن ئادەم تازا سېغىنغاندا... تۇيۇقسىز... مانا مۇشۇنداق خوشال قىلىدىغان... يېرىڭگە بەك ئامىراقتە مەن............


    چىمەلتەك ،  پارولكا  دىگەن قانداق  كا  ...   مەن بانكا كا ، ۋاڭ كا ،  لاۋرىن كا  ، لۈكا  دەپ  ئاڭلىغان ...  پارولكا  دەپ  ئاڭلىماپتىكەنمە  ..  ھى ھى ھى    


        ئالامەت قىزىقتە بۇ پاناق ..   بەك  ئۇزۇن بولسىمۇ لىكىن  زىرىكمەي  ئوقىۋەتتىم ... ھى ھى ھى  سەت قادى تاز  ھازىر  خۇتۇننىڭ غېمىدە  ئۆيلەرنى تازا  ئاختۇرۇپتۇ دە  چىرايلىق قىز چىقامىكىن دەپ  .. ھى ھى ھى
    كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ ،
    قايغۇدىن كىيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ ،
    تېڭىرقاشتىن يۇلىنىپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ ،
    يالغۇزلىقتىن قۇتۇلغان قەلب كۆتىرەڭگۈ بولىدۇ .
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 20:21 |
    ئالىپتىكىن
    كۆكيال
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3545
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 3255
    شۆھرەت: 3042 كىشىلىك
    پۇل : 547371715 سوم
    تۆھپە: 1180 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3528 نۇمۇر
    قوللاش: 3411 نومۇر
    ئالقىش: 4075 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    خەپ  پارولكا  ھىھىھى  ھىلىقى  كۈنى  كەلگەن  بولساڭزە  بۇنىڭدىنمۇ  قىززىق  يۇمۇر  يازالايتتىڭ .
    بۇ  يۇمۇرۇڭمۇ  ئالامەت  چىقىپتۇ ... ئىغى  ئۇچۇق ئىشتانلىرىڭچۇ تېخى ....   
    blog.salkin.cn
    بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت
    ئاھ جان ئاتىلار جەڭلەردە شېھىد
    كەچۈرۈڭ ! تورىمىزنىڭ مەزمۇنلىرىنى خالىغانچە كۆچۈرمەڭ!
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 20:23 |
    shemsher
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27680
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 59
    شۆھرەت: 66 كىشىلىك
    پۇل : 442 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 83 نۇمۇر
    قوللاش: 71 نومۇر
    ئالقىش: 113 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    كۈلمەي دىسەم ئامال بولمىدى
    blog.salkin.cn
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 20:34 |
    تىللا
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 24309
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 107
    شۆھرەت: 223 كىشىلىك
    پۇل : 28302 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 209 نۇمۇر
    قوللاش: 161 نومۇر
    ئالقىش: 299 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ۋاي .................... پارۇلكا، پارۇلكا دىسە قانداق كا-كىن دىسەم ، ئەسلى مەخسۇس كۈلكە خەزىنىسىگە ئوغۇرلۇققا چۈشىدىغانغا ئىشلىتىدىغان ئىشىك ئاچقۇچىكەن  .......
    ھارمىغايسىز .....
    blog.salkin.cn
    يۈرەك ئۇ ئىككى ئېغىزلىق ھۇجرا، بىر ئېغىزدا خوشاللىق يەنە بىر ئېغىزىدا ئازاپ ئولتۇرىدۇ .
    ئىسىڭىزدە بولسۇن كۈلگەن چاغدا بەك يۇقىرى ئاۋازدا كۈلمەڭ ، بولمىسا ئازاپنى ئويغۇتۇپ قۇيىشىڭىز مۇمكىن ......
    http://bbs.maxal.cn/index.php
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 20:38 |
    ئۈزۈمچى
    مەن ئۆزۈمدىن باشلىدىم!
    ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ مۇنبەر قىززىقچىسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2269
    نادىر تېما : 22
    يازما سانى : 2104
    شۆھرەت: 17054 كىشىلىك
    پۇل : 95691 سوم
    تۆھپە: 1585 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 5230 نۇمۇر
    قوللاش: 3438 نومۇر
    ئالقىش: 3523 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ۋاي - ۋۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇي.....بىردەم كۈلۈپ، بىردەم يىغلاپ ئاخىرى ئوقۇپ بولدۇم.
    قادى تېخى تولۇقسىزنى پۈتتۈرمىگەن بالا تۇرسا ئۇنى رازۋېدچىك قىلىۋېتىپسىزغۇ؟
    ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەيلى!!!
    ئەڭ نادىر تېمىلار «ئۈزۈمچى بلوگى»دا بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن!
    blog.retim.cn/314681
    blog.9saray.com/3777
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 20:50 |
    مۇنقەرىز
    سەن يوق جاھان مەنىسىز ماڭا....
    ئالىي ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18160
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 694
    شۆھرەت: 515 كىشىلىك
    پۇل : 815909 سوم
    تۆھپە: 29 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 651 نۇمۇر
    قوللاش: 651 نومۇر
    ئالقىش: 678 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەپەندى
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-19

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەخمەقجانغا ئامەت كەپتۇدە  
    ئىھ مىھرىبان ئاللا مىسكىن دىللارنى قۇدرىتىڭ بىلەن شاتلاندۇرغىن !!!!
    ھايات يولۇمدىكى توسۇقلارنى ئىچىۋەتكىن ! ئامىن !!!
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 20:54 |
    ئالىپتىكىن
    كۆكيال
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3545
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 3255
    شۆھرەت: 3042 كىشىلىك
    پۇل : 547371715 سوم
    تۆھپە: 1180 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3528 نۇمۇر
    قوللاش: 3411 نومۇر
    ئالقىش: 4075 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇ  باھانىدا  ئىشتانلىق  بولۇپ  قاللىدە ھىھىھ  سىلىگە  تازا  ماس  كەپتۇ ئېغى  ئۇچۇق ئىشتان    
    blog.salkin.cn
    بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت
    ئاھ جان ئاتىلار جەڭلەردە شېھىد
    كەچۈرۈڭ ! تورىمىزنىڭ مەزمۇنلىرىنى خالىغانچە كۆچۈرمەڭ!
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 20:57 |
    ۋاسكىتبول0903
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 30660
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 5 كىشىلىك
    پۇل : 125 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    قوللاش: 5 نومۇر
    ئالقىش: 5 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ۋاقتىمنى شۇنداق ئالدى دىسە ،سائەتكە قاراپ بەك ئاچچىقىم كەلدى ،
    لىكىن تازا بىر كۇلىۋالدىم،
    تىمىڭىزغا رەخمەت دىمەيمە چۇنكى ۋاقتىمنى بەك ئالدى
    ھى ھى ھى ........
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 20:58 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » يۇمۇر-چاخچاقلار

    Time now is:12-23 08:33, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation