يەرشارىدا بەش مىليارتتىن ئارتۇق ئادەم بار . ئاشۇ بەش مىليارتتىن ئارتۇق ئادەم ئىچىدە پەقەت بىرلا كىشى ئەتىگەندە كۆزۇڭنى ئاچقىنىڭدا سەن بىلەن ئۇچرىشىدۇ ، بۇ كىشى دەل سىنىڭ خۇتۇنۇڭ ، ئۇ سەن بىلەن بىرئۆيدە تۇرىدۇ ، بالاڭنى تەڭ باقىدۇ ، سەن بىلەن تەڭ ئورتاق خىراجەت قىلىدۇ ، سەن بىلەن ئوخشاش نېمەتلەر بىلەن ناشتا قىلىدۇ .
O#LG$Y
n* اللاھ ،نېسىپ قىلسا ، يۈزيىلدىن كىيىن خۇتۇنۇڭنىڭ ئىسمى سىنىڭ ئىسمىڭ بىلەن تەڭ بىرتاشقا يېزىلىشى مۇمكىن . بۇتاشنى كۆرگەن ئادەم بۇ دۇنيادا بەش مىليارتتىن ئارتۇق ئادەم ئىچىدە پەقەت مۇشۇ ئايالنىڭ سەن بىلەن ئەڭ ئۇزۇن سىرلىق ، بىخەتەر كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىڭنى بىلىدۇ .
M8dv
y!D سەن نۇرغۇن كىشىلەر ئارىسىدا بىرقاراپلا ئۇنى تونۇۋالىسەن ، چۈنكى ئۇسىنىڭ خۇتۇنۇڭ ؛ بىرە خەتەرگە يولۇققان چىغىڭدا ، ئۇنىڭ چۇقۇم دەرھال يىتىپ كىلىپ ، سېنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرىسەن ، چۇنكى ئۇسىنىڭ خۇتۇنۇڭ .
Z/-9G خۇتۇنۇڭ ئىككىڭلار باشقا-باشقا ئىدارىدە ئىشلەيسىلەر ، ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقتىڭلار ئوخشاش بولمايدۇ ، مەيلى بوران - چاپقۇن چىقىپ ، قار - يامغۇر ياغسۇن ، ئىشتىن چۇشكەندىن كىيىن ، سەلدەك ئېقىپ كىتىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا پەقەت ئىككىڭلارلا ئوخشاش بىرماكانغا قايتىسىلەر ، بۇماكان دەل سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار .
Hdvtgss! بۇئۆيدە بىر نەچچە كىشى بار ، ئۇلار سەن ، خۇتۇنۇڭ ، شۇنىڭدەك ئىككىڭلارغا ئورتاق بولغان پەرزەنتىڭلار . ئىككىڭلار ئىككى ئاچقۇچ بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ دەل ئاشۇ ئۆيگە كىرىسىلەر .
!dnCrR بىپايان ئادەم دىڭىزىدا ، سانسىزلىغان ئادەم توپى ئىچىدە ، پەقەت بىرلا كىشى « ئۆي » ئاتلىق يەردە يەنە بىركىشىنىڭ قايتىپ كىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ . ئۇنىڭ بۇكۈتۈشى بىردەملىك ئەمەس ، ئۇ نەچچە ئون يىل كۈتىدۇ .
x}\x3U كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، ئۇرۇش ، پارتلاپ يىراقلارغا قىچىشقا توغرا كەلسە ، كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئۇنىڭدىن ھەرگىز كۆزۈڭنى ئۈزمەيسەن ، چۈنكى سەن سەللا بىخەستىلىك قىلساڭ ئارلىقىڭلارنىڭ مەڭگۈلۈك يىراقلاپ كىتىدىغانلىقىنى بىلىسەن .
yP$@~L[! كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ قالسا ، سەن يول بويىدا ئولتۇرۇپ ، كىشىلەر توپى ئارىسىدا پەقەت خۇتۇنىڭنى تونۇپ قىلىشنى ئۈمۈد قىلىسەن . ناۋادا ، ئۇ مەڭگۈگە قايتىپ كەلمىسە ، بارلىق ئائىلە بىساتىڭنى سېتىۋېتىپ ، ئۇنى ئىزدەش كويىدا بولىسەن ، ئۇنى تاپالمىساڭ قايتىپ كەلمەيسەن .
=MR.*m{ ئۇرۇش بولمىغان تەقدىردىمۇ كىشىلەر توپى ئارىسىدا ئۇنى كۆرۈپ قالساڭ ، ئۇزۇن يىل كۆرۈشكەندەك ھېسياتقا كېلىسەن .
y;Ez|MS
نىكاھنىمۇ بىرمەيدان ئۇرۇش دىيىشكە بولىدۇ ، ئۇرۇش پارتلاشتىن ئىلگىرى ئىككىڭلار ئىككى ياقتا ، سىلەر تونۇشقان كۈن سىلەرنىڭ قايتا ئۇچراشقان كۈنۈڭلار . بۇ ئوڭاي قولغا كەلگەنمۇ ؟ سىىلەر توي قىلىپ بىرئۆيگە كىرىسىلەر ، ئاجايىپ شېرىن كۈنلەر شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ ، ئۈچ ۋاخ تامىقىڭلار بىرگە ، كېيىن پەرزەنتلىك بولىسىلەر .
*Bfo"["0. باشقىلار بىلمەسلىكى مۇمكىن ، بىراق سەن ئاللىقاچان شۇ نىيەتكە كەلگەن :
[U5@m]>^ ئۇ مەن بىلەن بىرياستۇققا باش قويغانىكەن ئۇنى ھەرگىز پۇشايماندا قويمايمەن . تۆت كۈنلۈك ئالەمدە ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىجادچىسى بولۇشقا رازىمەن .
Eep~3U 6jw9p+. مەنبە: تەرمىلەردىن ئېلىندى.
q
~%'V !S.O~Kq t1JU_P [ بۇ يازما گۈل-چۈشى تەرپىدىن2008-12-16 23:27دە قايتا ]