mtv تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
بۇ بەتتىكى تېما: ۋاقىت دېگەن قارماق تاشلانغان ئېرىقتۇر IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 69 قېتىم كۆرۈلدى
ياخشىلىق
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 12859
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 1495
شۆھرەت: 2472 كىشىلىك
پۇل : 15953 سوم
تۆھپە: 40 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2885 نۇمۇر
قوللاش: 2157 نومۇر
ئالقىش: 4045 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ۋاقىت دېگەن قارماق تاشلانغان ئېرىقتۇر

0
ۋاقىت دېگەن قارماق تاشلانغان ئېرىقتۇر &dH[lB  
O c[F  
شياۋپەن vz$_Fgsc.  
gwA+%]  
7J[DD5  
ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى .jXD0~N8q  
iL$~d@AEn  
مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن مەغلۇپ بولغۇچىلارنىڭ كۆرگەن چۈشلىرىڭنىمۇ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى كىشىلەردىن ئاڭلاپ تۇرىمەن. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار چۈشىدە ئۆزىنىڭ ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرىدىغانلىقىنى، بىرجايدىن 2-بىرجايغا ئۇچۇپ بارىدىغانلىقىنى، يۇقىرى ئۆرلەپ پەسكە چۈشىدىغانلىقىنى ، پۈتۈن ۋۇجۇدى لەرزان ھۇزۇرلىنىدىغانلىقىنى كۆرىدىكەن.  مەغلۇپ بولغۇچىلار چۈشىدە ئۆزىنى باشقىلار قوغلاۋاتقان، ئۆلۈپ قالغاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ كىيىمىنىڭ پىشىنى باشقىلارنىڭ قولى تۇتۇپ تۇرىۋالغانلىقىنى كۆرىدىكەن-دە، چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىدىكەن. n@JZ2K4  
)bgaqca_{  
چۈش دېگەن رېئال تۇرمۇشنىڭ قالدۇق لەززىتى بولۇپ، ئۇنىڭ تەمى ھەرقانچە غەلىتە بولسىمۇ، ھامان مەنبەسى بولماي قالمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار خىلمۇ-خىل رەڭدە سىزىلغان رەسىمگە ئوخشاش بولۇپ، رەسىمدە كۈللى ئالەمدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرنىڭ جەۋھىرى تەل بولىدىكەن. بارلىق گۈزەل كىشىلىك تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن بولىدىكەن، ئۇ ئادەم سان-ساناقسىز كىشىلەرنىڭ زوقمەنلىك بىلەن قاراشلىرىنى قۇبۇل قىلسىلا بولىدىكەن، ئاندىن ئۇلارنى خوشاللىققا چۆمۈلدۇرىدىكەن. چۈشىدە ئۆزىنىڭ ئاسماندا ئۇچقانلىقى ئۆزىنى ئېرىشكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى،شۇنداقلا ئۇچۇۋاتقانلىكىدەك خوشاللىقنىڭ رېئاللىققا ئايلانغانلىقى ھېسابلىنىدىكەن. مەغلۇپ بولغۇچىلار ياكى تېخى مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغان دېيىلگەن كىشىلەربولسا ئۆزئىقتىدارىنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى،ئۆزى ھەرقانچە تىرىشقان ھالەتتىمۇ يەنە خوشال بولالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالىدىكەن. چۈنكى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ سان-ساناقسىز كىشىلەر ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، ئۆزى بولسا ھەرقانچە قىلغان بىلەنمۇ كۈچىنى ئىشقا سالالمايۋاتقاندەك بولۇپ قالىدىكەن. ماغدۇرى يەتمەسلىكتەك ئامالسىزلىق پادىيومىغا چىقىۋاتقان ئاپتۇمۇبىلنى ئەسلىتىدىكەن. NimW=X;c  
:~{Nf-y0`1  
كىچىك چاغلىرىمدا مۇنداق بىرخىياللاردا بولۇپ تۇراتتىم: ماتېماتىكا دەرسىدە،ئەگەر گاۋسىنىڭ پەم-پاراسىتىنى كاللامغا ئورنىتىۋالالىسام؛ تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە شېكىسپىرنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى ئوغرىلىۋالسام دەيدىغان ئىدىيىگە كېلىپ قالاتتىم، "ھامېلىت"دېگەن كىتابنى ئىچىمگە يۇتۇۋالسام، ئۆزۈممۇ تازا قاملاشقان ئۆرنەك ئەسەردىن بىرپارچە يېزىپ چىقسام ئەجەپ ئەمەس،ھەددىدىن ئېشىپ بېشىنى ئاسمانغا يەتكۈزۈشكە تەقەززا بولۇپ كەتكەن نىجىسلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە تازا بىرئۇرۇۋالسام ئەجەپ ئەمەس، دەيدىغان ئوي-خىياللارغىمۇ كېلىپ قالاتتىم. ئۇ زامانلاردا كۆپ ھاللاردا ئىككى قۇلۇمنى بېلىمگە تىرەپ، كۆزلىرىمنى مىدىر-سىدىر قىلماي، جېنىم تىنىمدىن ئاجراپ كەتكەندەك بولۇپ كېتەتتىم-دە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان تارىخىي ئىزنالاردىن گېگانت كىشىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسەت يۇلتۇزلىرىنى تېپىشقا قەدەم قىلاتتىم ۋە ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ قىلىۋالاتتىم. ئوقۇتقۇچۇم بېشىمغا ئۇرۇپ ئىككى كۈندە ئاران يوقالغىدەك يوغان ئىششىق پەيدا قىلىپ قويۇپ، ساۋاقداشلىرىم جاۋغايلىرىمنىڭ ئىككى يېقىدىن ئېقىپ تۇرغان شالىمدىن كۈلۈپ كەتكىنىدە، ئىزا تارتقىنىمدىن يەرگە قارىۋالاتتىم-دە، كىتابتىكى سۆز-جۈملىلەرنى مىڭبىر تەسلىكتە بولسىمۇ كاللامغا ئويۇۋېلىشقا قەسەم قىلاتتىم. <k'%rz  
}0oVIr  
نەقىش قىلىپ ئويۇپ چىقىش، ئۇنتۇپ قېلىش، ئويۇپ چىقىش يەنە ئونتۇپ كېتىش، مانا مۇشۇنداق قايتىلاۋېرىش ئادەمنىڭ تېئورىمىسى بولىدىكەن. مەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كرگىنىمدە، ھەربىر ئادەمنىڭ خاتىرىسىنى قايتىلاش ۋە خاتىرىسىنى ئۇنتۇپ كېتىش جەريانلىرىدا غايە گۈللىرىنى ئاچىدىغانلىقىنى، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۈزلۈكسىز يارىلىنىش ۋە ساقىيىشىنىڭ چېنىقتۇرۇشلىرىنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا قەلب ئاساسىنى قەيسەرلەشتۈردىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. چۈنكى بۇ چاغدا نامراتلىق بىلەن باياشادلىق، غايە بىلەن چاكىنىلىق چەك-چىگرا جەھەتتە ئېنىق ئايرىلىدىكەن، بىردىنلا ئاڭلانغان گۈلدۇرماما ئاۋازى سەن ئۈچۈن ئىككى يول ئېچىپ بېرىدىكەن، ئويغىنىپ سەگەكلىشىدىغان پەيتىڭ بولۇپ قالىدىكەن. مەن نامراتلىق ئىلكىدە تۇرۇپ تىرىشچانلىقنىڭ قىممىتىنى بىلىپ يەتكىنىمدە، ۋاقىتنىڭ ئادىللىقىغا ئۈزۈل-كېسىل ئىشەندىم. مەن يېزىدىن يېزا بازىرىغا كىردىم، ئاندىن يەنە يېزا بازىرىدىن ئۆلكە مەركىزىگە باردىم، مەن تىرىشچانلىقنىڭ پەلەمپىيىگە چىقىپ تۇرۇپ، ئېگىزدىن يىراقلارغا باقتىم-دە،كىشىلىك تۇرمۇش كامىرىنى تەڭداشسىز، غايەت زوربىر  تۈڭلۈك قىلىپ ئاچتىم. k d9<&.y{  
VR XK/dZ  
ھاياتنىڭ مۇئەييەن دەۋرىگە بارغاندا، ئىلگىرى قىپقالغان ئىزنالارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقىشقا ئادەتلىنىپ قالىدىكەنمىز، نامراتلىقنى ھېس قىلىپ قالىدىكەنمىز، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بىرمەزگىللىك قايغۇ-ھەسرەت ۋەياكى خوشال-خۇراملىقنى ھېس قىلىدىكەنمىز، جىمىكى نەرسە بۈگۈنكى كۈندە ئاددىيغىنە –سۇس بىر تەسۋىر ھاسىل قىلىدىكەن، خالاس. nJhaI  
n)uck5  
بۈگۈن ھەربىرىمىز ئۆزىمىزگە تەئەللۇق بولغان جاينى ئىگىلىدۇق، مۇشۇ بىر جايدا مەيلى مۇۋەپپەقىيەت قازىنايلى ياكى مەغلۇپ بولايلى، ئىشقىلپ قىممەتلىك بىرقىسىم بايلىققا ئىگە بولدۇق. .Y5o&at6s  
j[${h, p?  
ئەگەر كىشىلىك تۇرمۇشتا بىرەر ئۇستاز تەقدىم قىلىشقا توغرا كەلسە، ۋاقىتنى ئاتاشنى خالايمەن، ئۇ ئۇستازغا چىرايلىق ئىسىم تەقدىم قىلىشقا توغرا كەلسە"قارماق تاشلانغان ئېرىق" دېگەن ئىسىمنى ئاتاشنى خالايمەن، ئۇ بىزگە قايغۇرۇش، پۇشايمان قىلىش، ئېسەدەپ يىغلاش ئارقىلىق مەغلۇبىيەتتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگەتسە، خوشال بولۇش، شادلىنىش، كۈلۈش ئارقىلىق بىزنى ئەقىللىق بولۇشقا رىغبەتلەندۇرىدۇ. سەۋىر-تاقەتلىك بولغاندا، ئەبەدىلئەبەد ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋېرىدىغان ۋاقىت دېگەن مۇشۇ كىچىك ئېرىقتىن كىشىلىك تۇرمۇش بېلىقىنى تۇتقىلى بولىدۇ، دېگەن ھەقىقەتنى چۈشىنىۋېلىشىمىز كېرەك. ( u^`3=%n  
_J X>#h  
`kYcTFk  
ئۈرۈمچى كەچلەك گېزىتى d T7!+)s5-  
تېما تەستىقلىغۇچى : ئەلقۇت
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-16, 15:53
blog.salkin.cn
پۇل دېدۇق،كۆڭۈلنى پۇلغا ئۆگەتتۇق،
پۇلنى دەپ دوستلارنى تامام تۈگەتتۇق.
تـاۋۇتـقـا سىغمىغاچ تـاپـقـانلىرىمىز،
يالىڭاچ كەلگەندەك يالىڭاچ كەتتۈق.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-16 21:47 |
xayida
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 23432
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 397
شۆھرەت: 608 كىشىلىك
پۇل : 101934 سوم
تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 659 نۇمۇر
قوللاش: 548 نومۇر
ئالقىش: 1081 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت كەتتى، لىكىن ھازىرىقى ۋاقتىمىزنى قەدىرلىمىسەك بولمايدۇ. رەھمەت
تورداشلارنىڭ بۇ تور بەتنى زىيارەت قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

http://www.merifet.net
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 00:59 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن مۇنبىرى » كۆڭلۈمدىكى گەپلەر


Time now is:12-19 21:10, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation