mtv تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: نىكاھ ئويۇنچۇق ئەمەس! IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 1069 قېتىم كۆرۈلدى
@سۈكۈت
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 24478
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 72
شۆھرەت: 77 كىشىلىك
پۇل : 1045 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 148 نۇمۇر
قوللاش: 110 نومۇر
ئالقىش: 243 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 نىكاھ ئويۇنچۇق ئەمەس!

1
نىكاھ ئويۇنچۇق ئەمەس!



ئائىلە _ قۇرامىغا يەتكەن يىگىت-قىزنىڭ ئۇچۇرما بولغان قۇش باچكىلىرىدەك قانات قېقىپ تەمشىلىدىغان باراقسان بېغى! ئەمما ، نۇرغۇن يىگىت-قىزلار، ئەر-ئاياللار ،ھەتتا بوۋاي-مومايلارمۇ ئائىلە دىگەن نىكاھدىن كېيىن باشلانغان تۇرمۇش دەپلا قارايدۇ. مىللىتىمىزدە سادىر بولىۋاتقان ، ئائىلە قۇرغانلاردا سادىر بولىۋاتقان ، مىللەتنىڭ مەنىۋى ساپاسىغا داغ سېلىۋاتقان بىر قاتار نۇقسانلار ، ئىللەتلەر، بەخىتسىزلىكلەرنىڭ بىزنىڭ ئائىلە ۋە كىشىلىك ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزنىڭ ئېچىلمىغانلىقى، بۇنىڭ ئىلمىي ئاڭ ۋە روھىي تەييارلىقسىزلىق بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلار زادى قانچىلىك؟!
بىزنىڭ قاۋۇل يىگىتلىرىمىز بىلەن نازۇك قىزلىرىمىز بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن مۇھەببەت ۋە ئائىلە ھەۋەسلىرىگە گىرىپتار بولسىمۇ ، ئۇلار بۇ جەھەتتە ھېچقانداق زۆرۈر تەربىيە كۆرمەيلا نىكاھلىق بولىدۇ. پەرزەنىتلىك بولىدۇ. ئۇلار تۇرمۇش سەپىرىدە تېزلا كۈتۈلمىگەن زىددىيەتلەرگە دۈچ كېلىپ، شامالدا دومىلىغان قامقاقتەك تەمتىرەيدۇ، بوھران ۋە پاجىئەلەرگە يولۇقىدۇ. بۇ ئوڭۇشسىزلىقىلار ئۇلار ئارقىلىق پەرزەنتىلىرىگە ، ئۇلارنىڭ دوسىتلىرىغا ، پۈتۈن جەمئىيەتكە كۈچلۈك مەنىۋىي لەرزە،ھەتتا روھىي بۇلغىنىش ئېلىپ كېلىدۇ. يىللار، ئەسىرلەر جەريانىدا بۇ ئىللەت ۋە بولغىنىشلار مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئېغىر ، ھەتتا ھالاك قىلغۇچى تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئا. مۇھەممەتئىمىن :<ئائىلە>دىن

مەن بۈگۈن خىزمەت داۋامىدا يولۇقتۇرغان بۇ ئىككى مەسىلە ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىش قىلدىم، ھەتتا چۈشلۈك تاماققىمۇ رايىم يوق ئىدى. بۇ مەسىلە گەرچە جەمئىيىتىمىزدە بىر قەدەر ئېغىر بولىۋاتقان مەسىلە بولسىمۇ يەنىلا تورداشلار بىلەن ئورتاق مۇنازىرلىشىش ئىستىكىدە كومپىيۇتۇر ئالدىغا كەلدىم.
ئەتىگەندىلا ئىشخانامنىڭ ئىشىكى چېكىلدى. كەينىدىنلا25-26 ياشلار ئەتراپىدىكى ياشقىنە ئايال كۆزلىرى ياش يۇقى ھالدا ئالدىراپ ئىشخانامغا كىرىپ كەلدى-دە، كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالماي دەردىنى تۆككىلى تۇردى.
ئۇ 2001-يىلى بىر مەھەللىلىك س بىلەن توي قىلغان بولۇپ، ئىنتايىن ئىناق ئۆتكەن ئىكەن ھەم ھازىر 5 ياشقا كىرگەن ئوغلىمۇ بار ئىكەن، س2003-يىلى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىجىرگەندىن كېيىن كۆپىنچە ھاللاردا سىرتتا ماشىنا ھەيدەيدىكەن ، ئادەتتە ئۆيگە كىلىدىغان چاغلىرىمۇ ئازلاپ كېتىپتۇ. 2007-يىلى 5-ئايدا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنچە 8-ئايدا ئۆيگە چىرايلىق ياسانغان 22 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر قىزنى باشلاپ كىرىپ:
_ مەن بۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، كۆڭۈل دىگەن نەرسىگە بىر نىمە دىمەكمۇ تەسكەن خوتۇن. شۇڭا سەن توغرا چۈشىنەرسەن .
دىگىنىچە شۇ يوقاپ كەتكەنچە يەنە 2 ئاي ئۆزىنى كۆرسەتمەپتۇ. ئاخىرى بۇ ئايال بۇ ئەلەمنى ئىچىگەيۈتۈپ ، ھىچكمگىمۇ دەرد ئېيىتماي ئۇدۇل قىزنى ئىزدەپ تېپىپتۇ. ھېلىقى قىز ئۇنىڭغا :
_ مەن ئەسلىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ھەم قەشقەرگە خىزمەتكە بۆلۈنگەن ئىدىم، ئەمما س بىلەن بۇلتۇر تۇنۇشقاندىن بىرى بىز ئارلىشىپ كېلىۋاتىمىز ، ئۆز ۋاقتىدا س: مەن بىر يىلنىڭ ئالدىدا ئايالىم بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن بىر ئوغلۇم بار ، ئايالىمدا دىگەچكە، ئەڭ مۇھىمى مەن س نى ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا خىزمەتتىنمۇ ۋاز كەچكەنمەن، ھازىر س سىزنى ياخشى كۆرمەيدىكەن ، ھەم مەنمۇ ئۇنى دەپ خىزمەتتىن ۋاز كەچتىم شۇڭا ئەڭ ياخشىسى سىز بۇ تۇرمۇشتىن ۋاز كىچىڭ ._ دەپتۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئايال س گە يىغلاپ قاقشاپ :
_ شۇ قىزدا نىمە ئارتۇق بولسا مەنمۇ تىرىشاي ، كۆڭلىڭىزنى ئالاي، ئوغلۇم ئۈچۈن بولسىمۇ زارىمغا قۇلاق سېلىڭ، قايتىپ كېتەيلى !_دەپ زارلاپتۇ.
ئەمما س قەتئىي نىيىتىدىن يانماپتۇ.
ئۇ ئايال يەنە دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ ، يولدىشىنىڭ بۇ قىلمىشىنى كىشىگە تىنماي نەچچە ئاينى ئۆتكۈزۈپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ س بىر كۈنى تۇيۇقسز پەيدا بوپتۇ. ۋە ئايالىغا ئۆي تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن يالۋۇرۇپتۇ. تۇرمۇشتىن ئەردىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن بىچارە ئايال ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماپتۇ، شۇ ۋەجىدىن س ئالدىنقى كۈنى ئۇنى چاقىرتىپ چىقىپ :
_ ئەگەر مەندىن ئاجراشساڭ سېنى ئەر ئالغۇسىز قىلىۋىتىمەن ، يۈزۈڭنى بۈزىۋىتىمەن دىگەندەك تەھدىتلەرنى سېلىپ ئۇرۇپ كېتىپتۇ.
تاياق زەربىسىدىن دەردىنى يۇشۇرالمىغان ئايال نىكاھدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ بىزگە كەلگەنىكەن.
مەن بۇ تۇرمۇش ھېكايىسىدىن ئويغۇنالماي تۇرۇپلا تېلفۇنۇم ئەنسىز سايراپ كەتتى .تېلفۇندىن:
_ ۋەي ،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سىز بىلەن كۆرۈشەي دىگەنتىم، ۋاقتىڭىز بارمىدۇ؟ _ دېگەن ئاجىز بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
مەن:
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، بولىدۇ ، مەن ئىشخانىدا، كېلىڭ،_ دىدىم.
ئالاھەزەل 20 مىنۇتلاردىن كېيىن ئىشخانا ئىشىكى يەڭگىل چېكىلدى. ئىشخانامغا چىرايى سۇلغۇن، قاپ-قارا كۆزلۈك، يۇمۇلاق كەلگەن 21 ياشلاردىكى ئېغىر بوي بىرى كىرىپ كەلدى.
مەن ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم، ۋە ئۇنىڭ ھاسىراپ كەتكەن ئېغىر تېنىغا قاراپ ئۇنىڭ ناھايىى تەستە كەلگەنلىكىنى جەزىم قىلدىم ۋە بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئەكىلىپ بېرىپ نىمە سەۋەپ بىلەن مېنى ئىزدىگەنلىكىنى سورىدىم.
ئۇ ئېغىر بىر ئۇھ تارتىۋىتىپ :
_ مەن بۇ بۇلتۇر ت بىلەن مۇھەببەتلىشىپ بۇ يىل 3-ئايدا توي قىلغان ئىدۇق. ھازىر بويۇمدا ئۇنىڭ 7 ئايلىق بولغان بالىسى بار.
ئۆزۈممۇ بىلمەي قالدىم، بىز توي قىلىپ 2-3 ئايىدىن كېيىنلا ئۇ ماڭا باشقىچە بولۇپ قالدى. كۈنلەپ-كۈنلەپ ئۆيگىمۇ قايتمايدۇ. سۈرۈشتۈرسەم سىرتتا 50 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئايالنى تېپىۋاپتۇ. نىمىسىنى دەي ھەدە ؟! مان ئىزادىن ئۆلەي دىدىم، يىغلاپ يالۋۇردۇم. قورسىقىمدىكى بالنىڭ يۈزى بولسىمۇ ئۇنداق قىلماڭ! دىدىم. ئۇ ئەكسىچە ماڭا:
_ ماڭا خوتۇن بولىدىكەنسەن، ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم ياخشى ئۆتىسەن، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئارلاشسام كارىڭ بولمىسۇن! دەيدۇ، مەن يا بىر ئىت -ئېشەك بولمىسام ، مەن بىر ئاجىز ئايالغۇ، مەن بۇ ئەلەمگە چىدىيالمىدىم، شۇنىڭدىمۇ خۇدايىم ئىنساپ بېرىپ قالار دەپ ، ئىنسابىنى تىلىدىم، كېچە-كېچىلەپ يىغلاپ بالام ئۈچۈن بولسىمۇ ئوڭشىلىپ قېلىشىنى تىلىدىم... ھەتتا قېينىئانام بولغان كىشىمۇ ئوغلىنى ياقلاپ ، مېنى ئۆيدىن چىقىشقا مەجبۇرلىدى. يولدىشىم چىقىپ كەتكىلى 20 كۈن بولدى.
تۈنۈگۈن مەن بىر قۇشنامنىڭ ئۆيىگە بولسىمۇ كۆچۈپ يولدىشىمنى ساقلاي دىدىم. قۇشنامنىڭ ياردىمىدە نەرسە-كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۋاتسام تۇيۇقسىز يولدىشىم پەيدا بولۇپ قالدى-دە، كۆزۈمدىن يوقالمامسەن، سەن بىلەن ئۆي تۇتقۇم يوق. ئىتنىمۇ كەت دېسە كېتىدۇ،_ دەيدۇ، ئادەم دېگەن چىداشلىق نەرسە ئىكەن، مەن روھىمنى يوقىتىپ قويدۇم ، قورسىقىمدىكى نارىسىدىنىڭمۇ يۈزى بولمىدى. مەن ئىزا-ئاھانەتكە چىدىمىدىم. ئاتا-ئانامغا دىيىشتىن خىجل بولدۇم . چۈنكى ئىككى ئاكام تېخى توي قىلمىغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىززەت -ئابرۇيىنى ئويلىدىم. مەن شۇ ئوي-خيال بىلەن ئاخشام ئۆيدىن چىقىپ نەگە بىرىپ نەدە تۇرۇشۇمنى بىلمەي ، خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەك كاللام قوپ-قۇرۇق ھالدا كېتىۋىرىپتىمەن. ...
بىر چاغلاردا ئارقامدىن دادام، ئاكاملار كېلىپ ياندۇرۇپ كەلدى. ماڭا بۇ ئىش ئۆلۈمدىنمۇ ئارتۇق كەلدى. كېچىلەپ ئاپامنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرى بىلەن سىزنى ئىزدەپ كېلىشىم ، قانۇن ئارقىلىق ئۆزۈمنى قوغداشنى ئويلاشتىم. دىدى.

يوقارقى ئىككى ئائىلە -نىكاھ مەسىلىسىدەك ماجرالار ماڭا كۆپ ئۇچراپ تۇرسىمۇ سەھەردىلا مېنىڭ نېرۋامغا تەسىر قىلغاچقىمىكىن ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى. جەمئىيەت تەرەقىياتى قانچىكى تېز بولغانسىرى ، بىزدىكى ئەخلاقسىزلىقمۇ كۆپىيىپ تېز كۆپەيمەكتە.
بۇ ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە دەپ قارايمەن.

بۇ ئىككى تىراگىدىيدىكى مېنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرغىنى مۇنۇ ئىككى پىرسۇناژ بولدى . بىرى: ئالىي مەكتەپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان زىيالي. يەنە بىرى: چاچلىرى ئاقارغان، پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ، جەيناماز ئالدىدا ئولتۇرۇپ پەرزەنىت ئىشقىدا ، ئۇ دۇنيا ئىشقىدا كۆيۈشكە تېگىشلىك بولغان ، ئەمما روھىي بۇلغانغان دەۋزىقى ئايال.

ئەي ئوغۇل، كونىلاردا:<< كوچا سۆيگۈسى ئۆيۈڭنى بەربات قىلار، ئۆيۈڭنى خوتۇن مېھرى ئاۋات قىلار>> دېگەن گەپ بار. ھەرگىزمۇ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ، مۇقەددەس نىكاھقا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلما. << كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ، كۆڭۈل ھەر جايغا باشلايدۇ، سەمەرقەنىت ئالمىسىدەك ، ئاپىرىپ چۆلگە تاشلايدۇ>>. پاك ئايالىڭدىن ئالغان لەززەتنى باشقا ھەر قانداق خوتۇن ساڭا بېرەلمەيدۇ. پاكلىقتىن مۇقەددەس نەرسە يوق، ئۆزۈڭنى ھەرگىز بۇلغىما ، بۇنداق سۆھبەت ئەرلىك ئوتۇڭنى سائەتمۇ سائەت ئۆچۈرۈشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ.
خۇددى يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغاندەك ، بۇ قۇدۇقنى كولاپ ھەرگىز ئايىقىغا چىقالمايسەن. بۇ كوچىغا كىرگەن بىر ئەرنىڭ كۈنى قارايمىغان ، تارىختا نى-نى ئەرلەرنى تىرىك كۆمدۈرگەن نەرسە ئەنە شۇ نەپسى بالا ھەۋەستۇر. پەقەت ھاياتنىڭ مەنىسىنى مۇشۇ يولدىن ئىزدىمەكچى بولغان ئەرلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق < ئەقىل پاراسەت ئەڭگۈشتىرى> دىن

شۇنداق، جەمئىيەتنى قانۇن ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە، ئەلۋەتتە، بۇ لار قانۇن جازاسىنى تارتماي قالمايدۇ، ئەمما ئۇلار تارتىشقا تېگىشلىك ۋىجدان جازاسىچۇ؟

16-دېكابىر.






تېما تەستىقلىغۇچى : سەۋرې
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-16, 11:54
blog.salkin.cn
مەڭگۈلۈك سۈكۈت!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-16 19:19 |
freesun
.....ئەركىن قۇياش.......
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 24172
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1613
شۆھرەت: 1540 كىشىلىك
پۇل : 3860 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1589 نۇمۇر
قوللاش: 1574 نومۇر
ئالقىش: 1574 كىشلىك
دوستلۇق توپى: شادلىق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

نىكاھ  ئۇيۇنچۇق ئەمەس ،  بەلكى ئۇلۇغ ...................
  
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 20:04 |
ئەمەتجـان
مۇنبەر قىززىقچىسى
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 21205
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1027
شۆھرەت: 1148 كىشىلىك
پۇل : 394298 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 710 نۇمۇر
قوللاش: 677 نومۇر
ئالقىش: 772 كىشلىك
دوستلۇق توپى: شادلىق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كونىلارنىڭ << كۆڭۈل  ياتقان  يەردە   ئىت  ياتماپتۇ >> دەيدىغان   بىر  سۆزى  بار  ئىدى  ، نىمە  بولۇپ  كىتىۋاتىدۇ  بۇجاھان  .  توۋا  دىگۈلۈك ، توۋا ، توۋا ......
[ بۇ يازما سەۋرې تەرپىدىن2008-12-17 14:43دە قايتا تە ]
blog.salkin.cn
كەڭ قوساق ئادەمگە  تەڭرى  ھەممىنى  بىرىدۇ.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 20:12 |
تاجىگۇل
دەرىجىسى : ئالاھىدە تەكلىپ


UID نۇمۇرى : 20127
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 40
شۆھرەت: 41 كىشىلىك
پۇل : 360 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 49 نۇمۇر
قوللاش: 44 نومۇر
ئالقىش: 63 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

<ئاياللارنى ئاياللارمۇ ئىزىدۇ >دىسە نىمە گەپكىن دىگەنتىم،
ھەي خۇدا بۇ جاھاندە ھازىر ئانىلار ئۆز ھايا ،ئانىلىق مەسئۇلىيتىنى ئۇنتۇپ ، دادىلار ئۆز ئۇلۇغلىغى ۋە مەجبۇرىيتىنى ساقلىيالمايۋاتىدۇ، بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 20:29 |
kadrdan.59
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 21136
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 8 كىشىلىك
پۇل : 140 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
قوللاش: 8 نومۇر
ئالقىش: 8 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دىققەت قىل ئەي ئوغۇل بەزى ئىشلارغا ،
بەرمىگىن كۆڭۇلنى قەلەم قاشلارغا.
ئازاپتىن -ئەلەمدىن ئاخىرى بىر كۇنى ،
تولىدۇ كۆزلىرىڭ ئىسسىق   ياشلارغا،
بۇئىش  ھەرقانداق مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئەرزىيدۇ ،
تىمىڭىزغا رەخمەت ؛
blog.salkin.cn
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 20:43 |
ئابدۇقادىر
كۈلكەڭ ئۈچۈن
ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1198
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7309
شۆھرەت: 10740 كىشىلىك
پۇل : 48388 سوم
تۆھپە: 600 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 8037 نۇمۇر
قوللاش: 7437 نومۇر
ئالقىش: 7058 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دۇنيا تەرەقىياتى ئايال كىشى بىلەن ھوقۇقتىكەن!
izdax.com
كىم دادېسىدىن چوڭ؟ ھا ھا ھا ھا
يىشۇنىڭ چىچى يوق دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟ھې ھې ھې ھې
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 21:02 |
miskin-yigit
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 30558
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 3 كىشىلىك
پۇل : 115 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
قوللاش: 3 نومۇر
ئالقىش: 3 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

togra azrki arlirmiz dikat kilxka  tigxlik yahxi tima ikan koptin koprahmat dostum

توغرا! ھازىرقى ئەرلىرىمىز دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشكەن. كۆپتىن -كۆپ رەھمەت دوستۇم!!..
[ بۇ يازما سەۋرې تەرپىدىن2008-12-17 14:45دە قايتا تە ]
blog.salkin.cn
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 21:06 |
چىنئاي
شىرىن  مۇھەببەت  ..
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالىي ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 11875
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1993
شۆھرەت: 2377 كىشىلىك
پۇل : 1621468 سوم
تۆھپە: 1 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1358 نۇمۇر
قوللاش: 1294 نومۇر
ئالقىش: 1557 كىشلىك
دوستلۇق توپى: شادلىق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشىنداق تىمىلارمۇ ئاز يوللانمايدۇ  مۇنبەرگە ؛ بۇنى كۆرۈپ ئوزىنى تۈزىۋالاي دىمىگەن
ئەرلەرگە نىمە دەرمىز ؟ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشىدا كىم ئەيىپلىك دىسە  بەك سۆزلەپ
كېتىدىغان ئەرلىرىمىز قېنىدۇ ئەمدى ؟
تىما ئىگىسىمۇ  ئاخىردا گۇنانى  شۇ قىزغا  قويغاندەك قىلىدۇ ؛ مېنىڭچە ئەر كىشى بولغان
ئادەمنىڭ ئازراق غورورى بولسا ئايالى ۋە ئوغلى بارلىقىنى  باشتىلا شۇ قىزغا ئىيتىدۇ ؛ قىزغا باشقا
نىيتى  بولمسا  راست گەپنى  سۆزلەيدۇ ؛ ئەگەر  ئۇ  ئادەمنىڭ تەنھا ئەمەس ئىكەنلىگىنى
بىلگەن قىز   خىزمىتىنى تاشلاپ ياخشى كۆرمەس  ئىدى ، ئۇ قىزبىلەن توي قىلىمەن دىمىگەن
بولسا بۇ قىزمۇ  بۇنچە قۇربانلىقلارنى  بەرمىگەن بولاتتى ؛ ئاخىردا  مۇھەببەت پىشىپ يېتىلىپ
مەلۇم  باسقۇچقا كەلگەندە  ئويىنى كۆرگەن  قىزنىڭمۇ  ئالدىراپ سۆيگىنىدىن ۋاز كەچكۈسى
كەلمەيدۇ دە ، بۇ قىزمۇ ئالدانغان ئىكەن ئالدىرىراپ  بولدى  قىلماي ئۇ ئايالغا شۇنداق
دىيىشكە مەجبۇر بولغان ؛ بۇ يەردىكى خاتالىق دەل 2 ئايالنى ئالداپ كەلگەن مۇناپىق ئەردە ؛
شۇ ئەر بولغۇچى يامان نىيتى بىلەن تالادىكى قىزلارنى ئالدىماي ، مېنىڭ ئائىلەم بار ، دىيەلەيدىغانلار
زادى قانچىلىك  ؟؟بۇنى بىلىپ بولمايدۇ ؛
شۇنداق  بەزى خوتۇنپۇرۇچ ئەرلەرنى تىرىك  كۆمۈۋەتسە تازا !!!!!!
blog.salkin.cn
  قىزنىڭ  سۆيشىگە    ئىشەنمە  ،  كۆيگىنىگە  ئىشەن    .
دۇنيادا  سۆيگنىڭنىڭ  سىماسىدەك  گۈزەل  تاماشا  ،  ئۇنىڭ  ئاۋازىدەك  يېقىملىق  مۇزىكا  يوق  ........
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 21:08 |
يۇرتۇم0999
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 312
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 329
شۆھرەت: 347 كىشىلىك
پۇل : 2708 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 369 نۇمۇر
قوللاش: 344 نومۇر
ئالقىش: 432 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن بۇ تىمىغا ئوشۇق سۇز قاتماي .
blog.salkin.cn
تۇغۇلدۇق ئانىدىن ئانا تۇپراققا،
ئەل بىقىپ چوڭ قىلدى،ئەلنىڭ ئوغلىبىز.
ئىزدەنگىن دوسلىرىم مىللىتىڭ ئۈچۈن،
چاقنىسۇن دۇنيادا شۆھرەت تۇغىمىز

سىرىمنى دەي ساڭا دىمە كىشىگە،
دىگەندىن ئەلۋەتتە سۈكۈت ياخشىراق.
ئەي ساپدىل باشتىن توس بۇلاق  سۈيىنى،
ئۆستەڭلەپ ئاققاندا تەس بولار توسماق.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 21:26 |
زۇنھار
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 3425
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 464
شۆھرەت: 1408 كىشىلىك
پۇل : 2668 سوم
تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 491 نۇمۇر
قوللاش: 460 نومۇر
ئالقىش: 359 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزمۇ ئاجرىشىپ ئۇزاق بارماي ئۇ خوتۇنپۇرۇش باشقا ئىككىنجى قول ئاياللار بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈپتۇ،مانا مۇشۇنداق ئاجىز بولغان كۈڭۈل رىشتىمىز بىلەن بىر ئۈمۈر ياشىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.مۇشۇنداق مۇھەببەت نەپرىتى ئىنىق ئەمەس ئادەم بىلەن توي قىلغىنىمغا مىڭ پۇشايمان.بولغۇلۇق  گۇناھسىز بالىغا بولدى.ئۈلگەندىن كىيىن ئىككىلىمىزنىڭ دوزاققا كىرىشى بەك لايىق!
blog.salkin.cn
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 21:33 |
رىشتە
خىياللىرىم مىسالى بىر قۇش.....
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 750
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 703
شۆھرەت: 703 كىشىلىك
پۇل : 5022 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 802 نۇمۇر
قوللاش: 738 نومۇر
ئالقىش: 743 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىبرەتلىك تېما ئىكەن . بىراق چىنئاينىڭ دىگەنلىرىنىمۇ ئويلىنىپ بېقىش كېرەك،  نىمىشقا تېما ئىگىسىنى ئەپسۇسلاندۇرغان پەقەت ئىككى ئايال؟!
blog.salkin.cn
گۈزەللىككە ئىنتىلىشنىڭ ئۆزى بىر خىل گۈزەللىك، ئەمما گۈزەللىككە ئېرىشىشنى قوغلىشىش كىشىنى ئاچكۆز، تاماخورلۇققا باشلايدۇ. گۈزەللىكنى ھىس قىلىش بىر خىل ئىسىللىق،ھالبۇكى گۈزەللىكنى قارىغولارچە قوغلىشىش بىر خىل روھىي ئازاپ ۋە زىيان - زەخمەت....
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 21:36 |
ΛкЪαг
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 27829
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 37 كىشىلىك
پۇل : 285 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 37 نۇمۇر
قوللاش: 37 نومۇر
ئالقىش: 37 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇ كۈنلەردە ئىمانىمىز سۇسلىشىپ كېتىىۋاتىدۇ...ھەي
ئەدەپ-ئەخلاق--ھايا  دىگەنلەردىن گەپ ئاچقۇسىز........
ئاللا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن......
[ بۇ يازما سەۋرې تەرپىدىن2008-12-17 14:47دە قايتا تە ]
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 23:18 |
ئەقىدە00
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 13792
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 134
شۆھرەت: 134 كىشىلىك
پۇل : 775 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 133 نۇمۇر
قوللاش: 133 نومۇر
ئالقىش: 133 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت.چىنئاي خېنىم سىز تېما ئىگىسىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنىغا بىر تەرەپلىمە باھا بىرىپ قۇيۇپسىز.
[ بۇ يازما سەۋرې تەرپىدىن2008-12-17 14:48دە قايتا تە ]
blog.salkin.cn
ھھھھھھھھھھھھھھھھھھھ
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 23:55 |
توقجان
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 25301
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 75 كىشىلىك
پۇل : 490 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 79 نۇمۇر
قوللاش: 77 نومۇر
ئالقىش: 84 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋاي بۇرادەرلەر، ھەممە بىز ئەر خەقتىن چىقىۋەمەيىدىكەن ،ئايال كىشىلەردىنمۇ جىق چىقىدۇ جۇمۇ، بۇنىڭ مىسالى  پېقىرنىڭ رەپىقىسى، كاندىدات بوپ قالايلا  دىدى ئۇ.
blog.salkin.cn
تۇرمۇش  بىر قاينام.
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 00:20 |
ئۇيغۇرتاي
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28642
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 21 كىشىلىك
پۇل : 99 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
قوللاش: 20 نومۇر
ئالقىش: 20 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

توقجان بۇرادەر گېپىڭىزنى مەن چۈشىنەلمىدىممۇ يا شۇنداق چۈشىنىكسىز گەپ قىلدىڭىزمۇ ؟كىم كىمگە كاندىدات بولۇپ قالاي دېدى.رەپىقىڭىزمۇ سىزمۇ؟ئوغۇل بالا دېگەن ئۆيدىكى ئىشنى سىرتقا كۆتۈرۈپ چىقماي ئوغۇل بالىغا تېگىشلىك ئۇسۇلدا ھەل قىلىدۇ.
ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ۋە دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎراﺷلار ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜك ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎن دەۋردە ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻨﻰ ﻏﻪﭘﻠﻪت ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرۇۋاﻟﻐﺎن ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﺋﯩﺴﺘﺮاﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرﻏﺎن ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك.
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-17 01:19 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سەلكىن مۇنبىرى » ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار


Time now is:12-18 21:43, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation