مېھرىبان ئانىنىڭ ھىكايىسى
DtzA$|Q}
Vbg10pV0 TZ?Os4+ &qJPwO 8g\wVKkTQp شىنجاڭ نېفىت ئىنىستىتوتىدا رەيھان قاسىم ئىسىملىك دەم ئېلىشقا چىققان بىر ئايال ئوقۇتقۇچى بار. يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، ئۇ ئىلگىرى _ كىيىن بولۇپ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار نەچچە ئون ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپ قوينىغا قايتىدىن قايتىشىغا ياردەم قىلىپ، "مېھرىبان ئانا" دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى.
7FAIew\r !X^Hi=aV ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى رەيھان قاسىم ئىلگىرى شىنجاڭ نېفىت ئىنىستىتوتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئەسلىدە ئۇ پىنسىيىگە چىققاندىن كىيىن ئۆيىدە كىيىنكى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزسە بولاتتى، ئەمما بىر قېتىملىق تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئىش سەۋەپلىك ئۇ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىپ كېتىۋاتقىنىنى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا خاتا يولغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆردى. 1995 _ يىلىنىڭ بىر كۈنى، رەيھان قاسىم كۆكتات سېتىۋالغىلى چىقتى، ئۇ كىشىلەر توپى ئارىسىدا قايسىدۇر بىرسىنىڭ بىرەيلەننى تىللاۋاتقىنىنى ئاڭلاپ قالدى. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئىككى يانچۇقچىنىڭ باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئوغرىلىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ بۇ ئىككى بالىغا تەنبىھ بېرىۋاتقىنىنى ئۇقتى. ئۇ تىللاۋاتقانلارنى دەرھال توسۇپ قالدى ۋە بۇ ئىككى بالىنى ئۆيىگە ئېلىپ باردى.
@.'z* |z ~A6 "sb= رەيھان قاسىم ئۇلارنى پاكىزە كىيىندۈردى ۋە مېزىلىك تاماق ئېتىپ بەردى. ئۇ سەۋرىچانلىق بىلەن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئىككى بالىنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولغانلىقى سەۋەپلىك ئوقۇشتىن چېكىنگەنلىكىنى، تۇرمۇش يولى تاپالمىغانلىقتىن كۈندە دىگۈدەك كوچىدا لاغايلاپ يۈرىدىغانلىقىنى بىلدى. بۇ ئىش رەيھان قاسىمغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. بۇ كۈنى ئۇ كېچىچە ئۇخلىيالمىدى. ئۇ: "مېنىڭ بالىلىرىمنىڭ ھەممىسى قاتارغا قېتىلىپ بولدى، لېكىن بۇ ئىككى بالا مەكتەپتە ئوقۇيالمىغانلىقتىن كوچىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ، قالايمىقان يوللاردا مېڭىپتۇ. ئۇلار مېھرىبانلىققا، ئانىنىڭ ئىللىقلىقىغا ئېرىشەلمىگەن، ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىش، ئۇلارغا مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىش مەسئۇلىيىتىم بار" دەپ ئويلىدى.
>*I N _5mc(' چوڭقۇر ئويلانغاندىن كىيىن، رەيھان قاسىم: بۇ ئىككى بالىنى ئۆيىدە ئېلىپ قېلىپ، ئۇلارغا مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىشنى قارار قىلدى. ئۇ بۇ ئىككى بالىنىڭ ناھايىتى تېزلا يېڭى تۇرمۇشقا كۆنۈپ كەتكىنىنى، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرىلىقىدىن بەكلا خۇشال بولدى. بۇ ئىش ناھايىتى تېزلا سىرتقا تارالدى، كىشىلەر ئارقا _ ئارقىدىن ئوقۇشتىن چېكىنگەن بىر قىسىم بالىلارنى رەيھان قاسىمنىڭ تەربىيىلىشىگە بەردى. 1995 _ يىلىدىن 1997 _ يىلىغىچە، رەيھان قاسىم ئوقۇشتىن چېكىنگەن 27 ئوقۇغۇچىنى ئۆيىدە تەربىيىلىدى، ھەمدە ئۇلارغا تاماق، ياتاق بېرىپ، ئۇلارنى مەكتەپ قوينىغا قايتۇردى. ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلۈىشى، تەربىيىلىشىدە، بۇ بالىلار ئىلگىرىكى ناچار ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، ئاستا _ ئاستا ئىشنىڭ يولىنى بىلىشكە باشلىدى، ئۇلار ئۆگىنىشكە ئامراق ئېدى. بالىلاردىكى ئىلگىرلەشلەرنى كۆرۈپ رەيھان قاسىمنىڭ كۆڭلى تەسەللى تاپتى. ئۇ: "ئۆزۈمنىڭ ئانىلىق مېھرىمنى ھەر بىر بالىغا بېرىشنى خالايمەن، ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى ئىدىم، ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىش، ھەمدە ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن يېتەكلەش. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنى ماڭا ئىشىنىپ تاپشۇرغان ئىكەن، مەن چوقۇم ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشۈم، مېھرىبانلىق ئاتا قىلىشىم كېرەك" دېدى.
cB#nsu> -D^L}b رەيھان قاسىمنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى كۆپلىگەن كىشىلەرگە تەسىر قىلدى، ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى ئۇنىڭ تۇتقان يولىنى قوللىدى، بەزىلىرى ھەتتا يانلىرىدىن پۇل چىقىرىشىپ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا ياردەم قىلدى. شۇنداق قىلىپ مېھرىبان ئانىلارنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. ئىستاتېستىكا قىلىنىشىچە، 1995 _ يىلىدىن 2006 _ يىلىغىچە، رەيھان قاسىم ۋەكىللىكىدىكى مېھرىبان ئانىلار ئوقۇش پۇلى ياردىمى، تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىشىغا ياردەم قىلغان. بۇ يىل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچى گۈزەلنۇرنىڭ دادىسى ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا تۈگەپ كەتكەن، ئانىسىنىڭ بولسا خىزمىتى يوق، ھەر يىلىدىكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە گۈزەلنۇرنىڭ ئانىسى قىزلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلىدىن غەم يەيدۇ. رەيھان قاسىم ۋە باشقا مېھرىبان ئانىلار بۇ خەۋەرنى ئۇققاندىن كىيىن، ھەر يىلى گۈزەلنۇر ئۈچ ئاچا _ سىڭىلنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ۋە ئۇلارغا تۇرمۇش بويۇملىرىنى سوۋغا قىلىدۇ. ئىلگىرى مېھرىبان ئانىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن خۇيزۇ ئوقۇغۇچى مايەن: "ئەگەر بۇ مېھرىبان ئانىلارنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، مەن ئاللىبۇرۇن مەكتەپتىن ئايرىلغان بولاتتىم. ئۇلار ماڭا ياردەم بەردى، ئوقۇشۇمنى ئاخىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىشىم ئۈچۈن رىغبەتلەندۈردى، ئۇلار خۇددى مېنىڭ ئۆز ئانامغا ئوخشاش مېھرىبان، مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇپ، كەلگۈسىدە مېھرىبان ئانىلارغا ئوخشاش ئادەم بولىمەن" دېدى.
@9Q2$ btH _HE رەيھان قاسىم ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ياردەم بېرىش بىلەن بىرگە، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئوقۇغۇچىلارغىمۇ شەخسىيەتسىز ياردەم قىلدى. تولۇقسىز ئىستاتېستىكىغا ئاساسلانغاندا، رەيھان قاسىم ئىلگىرى _ كىيىن بولۇپ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان 18 بالىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى غەملەپ بەرگەن. جۇڭگو شىنجاڭدا رەيھان قاسىم ۋە ئۇنىڭ مېھرىبان دوستلىرىنىڭ ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ياردەم بەرگەنلىك ئىش پائالىيەتلىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىنىپ جەمئىيەتنىڭ دېققىتىنى تارتتى. 2005 _ يىلى، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەير _ ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ قوللىشىدا "مېھرىبان ئانىلار مەخسۇس تۈر فوندى" تەسىس قىلىندى. نۆۋەتتە، ھەر ساھەدىكى كىشىلەر بۇ فوندقا 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلىپ، نامرات بالىلارنىڭ مەكتەپ قوينىغا قايتىشىغا ئۆزلىرىنىڭ ھەسسىسىنى قوشتى. رەيھان قاسىم: "نامرات بالىلارنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا، ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتتىم. ھەر بىر نامرات بالىنى ئۆز بالىلىرىمغا ئوخشاش ئانا مېھرىدىن بەھرىمەن قىلىش مېنىڭ كىيىنكى ئۆمرۈمدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم" دېدى.