قەدىمقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. بىر قېتىم ئۇ پۇقراچە كىيىنىپ . نەۋرىسىنى ئەگەشتۈرۈپ بىر دىھقانچىلىق مەيدانىنى ئارىلاپ كېتىۋاتقاندا، ئېتىزلىقىغا سۇ قۇيۇۋاتقان بىر دىھقان ئۇنىڭغا سالام بېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ دەرھال دېھقاننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ يېرىلىپ كەتكەن قولىنى چىڭ تۇتۇپ سالام قايتۇرۇپ، قىزغىن ئەھۋال سوراپتۇ. دىھقان پادىشاھنىڭ سالام قايتۇرغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ. قايتاشىدا نەۋرىسى پادىشاھ بوۋىسىدىن : o9m
- بوۋا ، سەن بىر ئەلنىڭ پادىشاھى، نىمە ئۈچۈن بىر قۇلغا ئۇنداق ھۆرمەت قىلىپ كەتتىڭ؟- دەپ سورىغان ئىكەن، پادىشاھ: aE7u5PM
- باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەن ئادەم ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيدۇ. ئېسىڭدە تۇت، بىر ئېغىز سەمىمى سالام ھەتتاكى كاللا كېسەر جاللاتنىمۇ تەسىرلەندۈرەلەيدۇ.،- دەپتۇ. ]DC;+;8Jc
بىزدە :« سالام بېرىش قارز، ئىلىك ئېلىش پەرز» دەيدىغان ھىكمەت بار، ئەجداتلېرىمىز ئەلمىساقتىن تونۇسۇن - تونۇمىسۇن ، ئۇچراشقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالاملىشىپ بىر- بىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن. شۇڭا قانچىلىك ئالدىراش بولۇپ كىتەيلى ، سالام بېرىش ۋە قىزغىن سالام قايتۇرۇشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاقنى ئۇنتۇپ قالمايلى. Y8)E]D ( ئاپتور كۇچا ناھىيە ھەسەن- ھۈسەن ئۆي- مۈلۈك شېركىتى)
[ بۇ يازما ئىنـتىـل تەرپىدىن2008-12-14 07:55دە قايتا ]