mtv تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ئۇيغۇر ئالىمى مۇھەممەد سالىھ IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 6335 قېتىم كۆرۈلدى
ئاتاخان
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 16428
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 78 كىشىلىك
پۇل : 2908 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 125 نۇمۇر
قوللاش: 69 نومۇر
ئالقىش: 150 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇر ئالىمى مۇھەممەد سالىھ

3
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئەلقۇت تەرپىدىن (2008-12-11)دە نادىرلاندى
ئىجتىھاتلىق تۆھپىكار ئالىم مۇھەممەد سالىھ ht[TMdV  
>f9]Nj  
ئالىمنىڭ ئەمگەكلىرىدىن : oVj A$|  
fPuQ,J2=  
m`4j|5  
:-jP8X  
7$!Bq#  
h"%,eW|^  
Z( clw  
=GS_ G;Dz  
tYxlM!  
1991-يىلى 10- ئاي. ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيتىنىڭ پايتەختى قاھىرەدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەۋلۇدىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق تەنتەنىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. ئىلمى مۇھاكىمە خاراكتېرىنى ئالغان بۇ قېتىملىق يېغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تاللانغان خەلقئارا ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان 10 ئالىم مىسىر زۇڭتۇڭى مۇھەممەد ھۈسنى مۇبارەكنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، ھۈسنى مۇبارەكنىڭ ئۆز ئىمزاسى قۇيۇلغان تەبرىك شاھادەتنامىسىنى ئۆز قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ 1-دەرىجىلىك ئىلىم پەن ئۇردىنى بىلەن مۇكاپاتلاندى. دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ تۆھپىكار ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشتى. بۇ ئون ئالىم ئىچىدىكى تولىمۇ يىراق تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن، بېشىغا يارىشىملىق بادام دوپپا، بەقەسەم تون كىيگەن بىر ئۇيغۇر گېزىت-ژورنال مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىش ئوبېكتى بولۇپ قالدى. ئىسلام دىنى تەتقىقات ساھەسىدىكى سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئۆز خەلقىنى خەلقئارالىق سەھنىلەرگە ئېلىپ چىققان بۇ كىشى دىنشۇناس، قۇرئانشۇناس، تەتقىقاتچى ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام ئىدى. # T#FUI1p  
1992-يىلى رامىزان ئېيى. ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ راباتتىكى خان ئوردىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن رامىزان لېكسىيە ئوقۇش يىغىنى داۋام قىلىۋاتاتتى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ گىلەملەر بىلەن بېزەلگەن شاھلىق تۆشەك ئۈستىدە ماراكەش پادىشاھى ھەسەن2 ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى، سول تەرىپىدە ماراكەشنىڭ ھەربىي، مۈلكى ئەمەلدارلىرى، ئالدى تەرىپىدە بولسا مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان چەتئەللىك نۇپۇزلۇق دىننى ئالىملار ئولتۇراتتى. پادىشاھنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئىسلامىيەت ئىلمى تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان لېكسىيە ئوقۇش يېغىنىغا پادىشاھ ھەسەن 2 شەخسەن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىۋاتاتتى. بۈگۈنكى لېكسىيە ئوقۇش نۆۋىتى جۇڭگۇدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئالىم مۇھەممەد سالىھقا كەلگەنىدى. مۇھەممەد سالىھ ئورنىدىن تۇرۇپ پادىشاھ ئالىيلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندىن كېيىن ئەرەب تىلىدا يېزىپ تەييارلىغان «شىنجاڭدىكى مەسجىدلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دەۋىتىدىكى رولى» دېگەن تېمىدىكى ئىلمى ماقالىسىنى ئوقۇشقا باشلىدى. بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ماقالىنىڭ ئاساسى ئىددىيسىنى يورۇتۇپ بېرىش ئاسانغا چۈشمەيتتى. ئەمما مۇھەممەد سالىھنىڭ بۇنداق خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنلىرىغا قاتنىشىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس ئىدى، شۇنداق بولغاچقا ئۇ ئانچە قىينالماستىن، ماقالىنى كۆڭلىگە پۈككەن پىلان بويىچە ئىخچاملاپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھىلىدى. 9<#R;eIsv  
يىغىندىن كىيىن مۇھەممەد سالىھنى پادىشاھ ھەسەن 2 قوبۇل قىلدى. مۇھەممەد سالىھ جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، ئىسلام مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلام تەتقىقاتى ساھەسىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى تۇنۇشتۇردى ۋە«قۇرئان كەرىم» بىلەن «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى» نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تەقدىم قىلدى. شۇ پۇرسەتتە مۇھەممەد سالىھ جۇڭگۇ-ماراكەش دوستلىقىنى مەدھىيلەپ ئەرەب تىلىدا يازغان قەسىدىسىنى پادىشاھقا سۇندى. كېيىن پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ قەسىدىنى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان داغدۇغۇلۇق تەبرىكلەش پائالىيتىدە دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇپ بەردى. تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئانا تىلى بولمىغان، يەنە كىلىپ ئەڭ تەس تىل ھېسابلىنىدىغان ئەرەب تىلىدا يازغان بۇ پاساھەتلىك قەسىدىسىدىن يىغىن قاتناشچىلىرى ئىسلام تارىخىدا تۆھپىسى زور ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىنىڭ تارىختىكى سىماسىنى قايتا كۆرگەندەك بولدى ۋە ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتى... قەسىدە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن پادىشاھ ھەسەن2 بۇ ئالىم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشىۋىتىپ: «قەسىدىنى ناھايىتى پاساھەتلىك يېزىپسىز، خۇددى ئىبنى زەيدۇن )ئەرەبلەرنىڭ ئاتاقلىق كىلاسسىك شائىرى( نىڭ شېئرىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم» دېدى. ماراكەشنىڭ دىننى ئىشلار ۋەزىرى، ئاتاقلىق ئالىم ئابدۇلكەبىر ئەلەۋى «پادىشاھ ئالىيلىرى سىزنىڭ قەسىدىڭىزنى چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى. ئىلگىرى بىرەر ئەدىبنىڭ ئوقۇغان شېئرىغا چاۋاك چالغان ئەمەس دېدى. =:T:9Y_i  
شۇنىڭدىن كىيىن ۋەزىر ماراكەشتە يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان رامىزان ئېيى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىغا مۇھەممەد سالىھنى بىرەر قەسىدە يېزىپ ئوقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇردى. ھەر يىلى ئۇنىڭ يېغىندا يېزىپ ئوقۇغان قەسىدىلىرى شۇ يىللىق لېكسىيە توپلىمىنىڭ ئالدىنقى بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى. #B{F{,vlu,  
1998- يىل مۇھەممەد سالىھ رامىزان ئېيى لېكسىيە سۆزلەش يىغىنىغا قاتنىش ئۈچۈن ماراكەشكە ئەمدىلا يېتىپ بېرىشىغا دىنى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەۋى ئۇنىڭغا: «سىزگە خۇشخەۋەر، يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا پۈتۈن يىغىن قاتناشچىلىرى بولغان ئالىملارغا ۋاكالىتەن پادىشاھ ئالىيلىرى ھۇزۇرىدا خۇلاسە سۆزى قىلىشقا سىزنى تەيىنلىدۇق. بۇ چوڭ شەرەپ، بۇندىن بۇرۇن بۇ ئىشقا پەقەت ئەرەب ئالىملىرىلا تەكلىپ قىلىنغان. غەيرى ئەرەب ئالىملىرىدىن تۇنجى بولۇپ سىز تەكلىپ قىلىندىڭىز» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد سالىھ پۇختا تەييارلىق قىلىپ، بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، ئالىملارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. پادىشاھ ھەسەن2 مۇھەممەد سالىھقا تارتۇقلاش يۈزىسىدىن، ماراكەشنىڭ ئادىتى بويىچە شاھنامە كۇلالىق تون بىلەن يەتتە قەۋەت لىباس كىيگۈزدى. pc(9(. |  
مۇھەممەد سالىھ 1936-يىلى ئاتۇشتىكى فازىل، تۇنۇلغان ئالىم سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سالىھ داموللا ھاجىم ئەينى زاماندا ئەرەب، پارىس ئەدەبىياتى بويىچە يېتىلگەن ئەدىب، ئىسلام دىنى ئىلمىدا توشقان كاتتا ئۆلىما، مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى. پەننى مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن مۇھەممەد سالىھ دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا ئەتراپلىق دىنى تەلىم ئېلىشقا باشلىدى 11 يېشىدىلا خەتمىدىن ئۆتۈپ، مۇرەتتەب قارى بولغاندىن كىيىن ئەرەب، ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى، كىيىنكى ئېغىر جاپالىق كۈنلەردىكى قىيىن شارائىت ۋە بېسىم ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە بۈيۈك غايە ئۈچۈن تىكىلىگەن ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمىدى. دادىسى سالىھ داموللا ھاجىم ئوغلىنىڭ يۇمران قەلبىدە ئۇنىڭ توغرا يۆلنىش بويىچە ئەتىراپلىق يېتىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئۇنتۇلغۇسىز، ئىلھامبەخىش ئىزلارنى قالدۇرغانىدى. p~y 4q4  
دادىسىنىڭ تەربىيسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى ئىلىم تۈرلىرىگە پۇختا ئاساس سېلىپ بولغان مۇھەممەد سالىھ كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، جۇڭگۇ ئىسلام ئېنىستىتوتىدا بەر يىل ئوقۇدى. ئەينى چاغلاردا مىسىردىن تەكلىپ قىلىنغان بەھىييۇددىن زەييانى، شەيىخ ئابدۇللەتىف ھامىد سۇلايمان قاتارلىق پىروفېسسرورلارنىڭ بىۋاستە يېتەكچىلىكىدە، تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، ئەقىدە، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تارىخى، ئىلمى بالاغەت، ئىلمى كالام، ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سېستىملىق ئۆگەندى. 1960- يىلى كۈزدە مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادېمىيسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا ئورۇنلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆڭلىگە پۈككەن پىلانلىرى بويىچە پۈتۈن زېھنى بىلەن دىن تەتقىقات خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى. wH5O>4LO  
«قۇرئان كەرىم» دۇنيادا نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىۋاتقان شارائىتتا، ئۇنىڭ ھازىقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنىڭ يوقلىقى زور بىر بوشلۇق ئىدى. ئۇنى تەرجىمە قىلىش ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنى قۇرئاننى بىۋاستە چۈشىنىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى جىددى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلىم-پەن خادىملىرىنى قۇرئاننى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلاتتى. ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ تەشنالىقىنى چۈشەنگەن مۇھەممەد سالىھ «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشنى نىيەت قىلىپ، خېلى بۇرۇندىن تارتىپ نۇپۇزلۇق قۇرئان تەفسىرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى توپلاشقا كىرىشكەن ئىدى. 2QD B'xs3  
«قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش مۇرەككەپ بىر تەتقىقات جەريانى بولدى. مۇھەممەد سالىھ ھەربىر ئايەتنى تەرجىمە قىلغاندا نۇپۇزلۇق تەپسىر كىتاپلىرىغا ۋە كىلاسسىك ئەرەپ تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئەرەپ تىلى سېلىشتۇرۇلغان لۇغەت-قامۇسلارغا مۇراجىئەت قىلدى. ئىپادىلەش جەھەتتىمۇ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۈرۈپ، ھەربىر سۆز ئۈستىدە ئەتىراپلىق ئىزدەندى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەربىر ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئەينەن تەرجىمە قىلدى. كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق يارتىپ بېرىش ئۈچۈن، زۆرۈز تېپىلغاندا جايلارغا قىستۇرما سۆز ۋە قىسقىچە ئىزاھلارنى بەردى. بۇ ئىزاھلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشەنچىلىك قۇرئان تەپسىرلىرىدىن تاللاپ ئېلىندى. X%qR6mMfT7  
ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر بىر مۆجىزە، ئۇلۇغ ئىشلار كىشىلەرنىڭ قان-تەر تۆكىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. مۇھەممەد سالىھ كۆپ يىللىق جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخىر مۇسۇلمانلارنىڭ دىننى دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» نى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەلەپكە لايىق رەۋىشتە تەرجىمە قىلىپ چىقتى. قۇرئاننىڭ قىسقىچە تەفسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تەرجىمە پۈتۈپ نەشىر قىلىنىش ئالدىدا، شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى بويىچە دىيارىمىزدا مۆتىۋەر ھېسابلانغان 15 نەپەر نوپۇرلۇق ئالىمنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ئۆلىمالار تەرجىمىنى باشتىن-ئاخىر مۇتالىئە قىلىپ چىقىپ، بىر ئېغىزدىن ماقۇللاپ، ئالاھىدە تەھسىن ئوقۇپ، تەقرىز يېزىپ بەردى. بۇ تەرجىمە 1986-يىلى مەركىزى مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن 200 مىڭ پارچە بېسىپ تارقىتىلدى. شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم» نىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فەھدىنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئەمرى بىلەن پادىشاھنىڭ قۇرئان بېسىش مەتبەسىدە بىر قانچە يۈزمىڭ پارچە بېسىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە تارقىتىلدى. سەئۇدىدا بېسىلغان بۇ نۇسخا جۇڭگۇ ئىسلام جەمئىيتى ئارقىلىق ئالدۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىمۇ خېلى نۇرغۇن تارقىتىلدى. )ئالىم ئىشلىگەن «قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ سىلاۋىيان يېزىقىدىكى نۇسخىسى مۇسكىۋادا نەچچە مىڭ نۇسخا بېسىپ تارقىتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى(. .jU0Hu{F4  
مۇھەممەد سالىھ يەنە ھەدىس ئىلمىدىكى ئالتە ئىشەنچىلىك، نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ بىرىنچىسى بولغان «سەھىھۇلبۇخارى»نى ۋە «ۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى» قاتارلىق كىتابلارنىمۇ ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى. h*'5h!  
مەيلى قۇرئان ياكى ھەدىس بولسۇن، ئالاھىدە ئىجتىمائىي مۇھىتتا ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە، تىلى بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى ئەرەب بەدىئىي تىلىنى ئاساس قىلغان، پاساھەت-بالاغىتى ۋە بەدىئىيلىكى يۇقرى بولغان، ئۇنى چۈشىنىش، ئەسلىگە سادىق بولغان ھالدا تەرجىمە قىلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. ئ.ىستېداتلىق دىنى ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئۇزۇن يىل كىتابلار دېڭىزىدا ئۈزۈش، نۇرغۈن زېھنى قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئاخىر بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. B_1u<00kg  
ئۇلاردىن باشقا، ئۇ يازغان « ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ 29-ۋە 30-پارىلىرىنىڭ تەپسىرى». ئىسلام ئېتىكىسىغا ئائىت 30 نەچچە تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان « ‹قۇرئان كەرىم› ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما» ناملىق كىتاب ۋە ئوتتۇرا ھەجىملىك «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» نەشىردىن چىقىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ بۇ ئىستېداتلىق ئالىمنىڭ 20 يىللىق جاپالىق ئەجرى ۋە يۈرەك قېنىنىڭ مېۋىسى بولغان چوڭ ھەجىمدىكى «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت» 2002-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىپ، بۇ ساھەدىكى زور بوشلۇقنى تولدۇردى. يەنە «دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار» ناملىق كىتابىمۇ نەشرىدىن چىقىپ تارقىتىلدى. ~H."{  
مۇھەممەد سالىھنىڭ تەتقىقاتى دىنىي تېمىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، تارىخ، تىل، مائارىپ ساھەلىرىگىمۇ چېتىلىدۇ. PhdL@Mr  
مۇھەممەد سالىھ 1961-يىلدىن تارتىپ تارىخشۇناس ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى بىلەن بىرلىشىپ «دىۋان لۇغەتىتتۈرك» كىتابىنى ئەرەبچە فاكسىمىل نۇسخىسى بىلەن باسما نۇسخىغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەنىدى. 4 يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ نەشىرگە سۇنۇش ئالدىدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ شۇ «ئىنقىلاب» قالايمىقانچىلىقىدا ئۇ تەرجىمە نۇسخا تالان-تاراج قىلىنىپ زايا بولۇپ كەتتى. %-1-J< 
مۇھەممەد سالىھ يەنە ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا «جامىئۇتتەۋارىخ». «تەۋارىخ خەمسە»، «غازات دەر مۈلكى چىن»، «ئىھيا ئۇلۇمىددىن»، «مەكتۇبات»، «تەزكىرەئى ئەزىزان»، «سىررۇلمۇخلىس»، «زەپەرنامە»، «تەزكىرەئى ئۇۋەيسىييە»، «تەۋارىخ جەدىدە»، «جەھدۇلمۇقىل»، قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىنى مول ماتېرياللار بىلەن تەمىن ئەتتى. [^P2Kn  
ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسىدە 27 يىل ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي، ئىلمى تەكشۈرۈشلەرگە ۋە ماترېيال توپلاشقا قاتناشتى. جاپالىق ئىزدىنىپ بىرىنچى قول ماتېرياللارنى ئېگەللەش ئۈچۈن، شىنجاڭدا ئۇنىڭ ئايىغى تەگمىگەن قەدىمى جايلار، يادىكارلىقلار، مازا-ماشايىخلار، مەسجىد-مەدرىسىلەر قالمىدى. ئەينى چاغدىكى نامدار ئۆلىمالار، پىشقەدەم ۋەقەشۇناسلار، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇ يەنە «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن»، «ئۇلۇغ ئەدىب تەجەللىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا»، «رۇقەئاتى نەۋائىي ھەققىدە»، «ئاپپاق غۇجا مازىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشى توغرىسىدا»، «مازارپەرەسلىك ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى خۇسۇسىيەتلىرى»، « ‹قۇتادغۇبلىك›تىكى ئۇدغۇرمىش ئوبرازى توغرىسىدا»، «شىنجاڭنىڭ دىنى مائارىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئۆتمۈشى»، «ئىسلام دىنى تارىخىدىكى خاۋارىجلار گۇروھى»، «شىئە ئىسمائىلىيە مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىدا»، «شىنجاڭدىكى مازارلار توغرىسىدا»، مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ نەسەبنامىسى»، «ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم پەن»، «دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار»، «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى» قاتارلىق ئىلمى ماقالىلەرنى يازدى. بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، مەملىكەتلىك يىغىنلاردا ئوقۇلدى ۋە مەركەز ۋە يەرلىكتە چىقىدىغان «دۇنيا دىنلىرى تەتقىقاتى»، «جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژورنىلى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. مۇھەممەد سالىھ يەنە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. «تەجدىد» ناملىق غەزەللەر دىۋانىنى، «تۇتنامە»نى، چوڭ ھەجىملىك داستان «مۇھەببەتنامە»، ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ۋە دادىسى سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى نەشرگە تەييارلىدى ۋە «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ بەزى سانلىرىدا ئېلان قىلدى. nr6U>KR^  
مۇھەممەد سالىھ بىر تەرەپتىن جاپالىق ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1987-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ياراملىق دىنىي ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دېمەي تەر تۆكتى. ئىنىستۇتنىڭ ھەر قايسى تەرەپتىكى خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە ئوقۇ-ئوقۇتۇش تۈرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ، نازارەتچىلىك قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىۋاستە قول تىقىپ ئىشلىدى، دەرىسلىكلەرنى تۈزدى، دەرىسخانىغا كىتىپ بىۋاستە دەرىس ئۆتتى.
[ بۇ يازما ئاتاخان تەرپىدىن2008-12-11 23:48دە قايتا ]
تېما تەستىقلىغۇچى : خۇشخۇي
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-10, 03:47
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+500(سالماق) تەقدىرلەشكە ..
  • ياخشى باھا:+5(مەۋلانەمەھمۇد) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • پۇل :+999(taklimakan) رەھمەت سىزگە ..
  • blog.salkin.cn
    ئاڭلىغىن «ئاھ خۇدا...» دېگۈچى بەندە،
    «... مەن پەقەت ياراتتىم، يارىلىش سەندە!»
    ئون ئەسىر جاراڭلاپ تۇردى بۇ خىتاب،
    ئەمدى ئېيت، خاتالىق سەندە يا مەندە؟!
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-10 03:48 |
    tuyghular
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11367
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 62
    شۆھرەت: 62 كىشىلىك
    پۇل : 420 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 65 نۇمۇر
    قوللاش: 63 نومۇر
    ئالقىش: 70 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەجىبا  مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارغا ئىنكاس يوقما   ؟؟     توۋۋا   .......     بولسا  بىزگە  ناخشىچىلارنىڭ گىپىنى قىلىپ بەرسە  ...........          بولدىلا  
    [ بۇ يازما قاينام تەرپىدىن2008-12-10 17:37دە قايتا ت ]
    blog.salkin.cn
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-10 12:33 |
    تۇرپان تۇر
    سەلكىن نامايىشچىسى
    رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 14033
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1751
    شۆھرەت: 1752 كىشىلىك
    پۇل : 9861024 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1912 نۇمۇر
    قوللاش: 1604 نومۇر
    ئالقىش: 2671 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دىل كۈيى
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    شۇنى دەيمەن  
    blog.salkin.cn
    ياشىسۇن جوڭگو كومىنىستىك پارتىيىسى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-10 12:35 |
    خۇشخۇي
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
    مۇنبەر باشقۇرغۇچى سەھىپە باشقۇرغۇچى ئالاھىدە باشقۇرغۇچى موللا تاپقاق
    دەرىجىسى : مۇنبەر باشلىقى


    UID نۇمۇرى : 4
    نادىر تېما : 11
    يازما سانى : 43119
    شۆھرەت: 12614 كىشىلىك
    پۇل : 55341 سوم
    تۆھپە: 8463 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1636 نۇمۇر
    قوللاش: 1195 نومۇر
    ئالقىش: 2444 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دوسلۇق
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    دۇنيادا مەن ئەڭ قول قۇيدىغان ئالىم مۇشۇ تاغىمىز ،
    [ بۇ يازما قاينام تەرپىدىن2008-12-10 17:37دە قايتا ت ]
    (\^/)
    (-. - )
    (_(__)&
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-10 12:42 |
    ئاقيول021
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8007
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 56
    شۆھرەت: 56 كىشىلىك
    پۇل : 477 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 88 نۇمۇر
    قوللاش: 72 نومۇر
    ئالقىش: 128 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئالەم دىسەك زىيادە كەتمەيدو جومو  نەدىكى لەرنىمو شونداق ئاتىۋالىمىز تىخى، -mZ{.\9  
    ئالىمنىڭ توربەت ئادىرىسى بارمو .  سورايدىغان مەسىلىلەرنى قانداق سورايمىز . @XF/hhGE_y  
    e{9(9qE"  
    ئىملاغا دىققەت قىلىڭ
    [ بۇ يازما قاينام تەرپىدىن2008-12-10 17:38دە قايتا ت ]
    blog.salkin.cn
    ئاللاھ ،،ئاللاھ،،پەقەت مەن ئاللاھ  ئوچونلا  ياشايمەن .
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-10 12:53 |
    ساقال39
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 12730
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 509
    شۆھرەت: 640 كىشىلىك
    پۇل : 4443 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 614 نۇمۇر
    قوللاش: 590 نومۇر
    ئالقىش: 863 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-13

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن. )mZ`j.  
    ساقلىۋالدىم.
    izdax.com
    ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەركىشىنىڭ ئىشى،
    يامانلىققا ياخشىلىق ئەركىشىنىڭ ئىشى.
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-10 12:53 |
    ساھىپقىران
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17698
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 69
    شۆھرەت: 69 كىشىلىك
    پۇل : 1480 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 73 نۇمۇر
    قوللاش: 71 نومۇر
    ئالقىش: 78 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ بۇيۇك ئالىمىمىز نڭ بىزگە قىلغان ئەجىرىنى ساناپ تۇگۇتەلمەيمىز ، باشقىسىنى دىمىسەكمۇ ،قۇرئان كېرىمنڭ ئويغۇرچە نۇسقىسىنى بىزگە تەغدىم قىلمىغان بولسا مەندەك  بىلىمسىز كىشىلەر ئۇقۇش پۇرسىتىدىن جۇملىدىن نۇرغۇن ساۋاپلاردىن قۇرۇق قالغان بۇلاردۇق ،شۇنداق بىر ھەدىس بار -زامان ئاخىرىدا  ئىلىم كۇتۇرۇلۇپكىتىدۇ ..دەپ ،بۇنىڭ مەنىسى مۇشۇنداق  بۇيۇك ئالىملىرىمىز دۇنيادىن كىتىپ ( نۇرغۇنلىرى ئىلىملىرىنى بىرەلمەي كىتىپ قالىدۇ ) بىزلەرگە ئىلىم بىرىدىغانلار ئازلاپ كەتكىنىنى كۇرسىتىدىكەن
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+1000(قاينام) قاينام تىمىڭ ..
  • blog.salkin.cn
    ئادەملەردىن رەنجىمە كۇڭلۇم ،ئۇلارنڭمۇ سەرخىلى باردۇر
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-10 13:58 |
    ئەركىنلىك1
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19072
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 167
    شۆھرەت: 167 كىشىلىك
    پۇل : 1045 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 186 نۇمۇر
    قوللاش: 176 نومۇر
    ئالقىش: 211 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن  بۇ ئالىمىمىزنىڭ  مۇبارەك   ئسمىنى  بۇنىڭدىن 20  نەچچە  يىل  ئىلگىرى بىزنىڭ  ئۆيدىكى«مۇھەممەد  ئەلەيسالامنىڭ تەرجىمھالى»  دىگەن  كىتاپتىن  كۆرگەن  ھەم  تۇنۇغان.  ھەقىقەتەن  بىز  ئۇيغۇرلار  پەخىرلەنگىدەك  ئالىمىمىز  -جۇمۇ! مىنىڭمۇ  بىر  كىشلىك  ھۆرىمىتىم بار  بۇ   ئالىمىمىزغا.   اللا  ئۇزۇن  ئۆمۈر ئاتا  قىلسۇن!
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-10 14:23 |
    ئەركىنلىك1
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19072
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 167
    شۆھرەت: 167 كىشىلىك
    پۇل : 1045 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 186 نۇمۇر
    قوللاش: 176 نومۇر
    ئالقىش: 211 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇنداق  ياخشى  تىمىنى  يوللىغان  تىما  ئىگىسىگە  رەخمەت ئېيتىشنى ئۇنتۇپ  قالغىنىمنى  كۆرۈڭ.
    blog.salkin.cn
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-10 14:27 |
    سەئىدىيە
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3232
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 51
    شۆھرەت: 46 كىشىلىك
    پۇل : 1203 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 59 نۇمۇر
    قوللاش: 54 نومۇر
    ئالقىش: 50 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-16
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۈستىدىكى ماقالىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ خەنزۇچە نوپۇزلۇق بەتكە قويۇلسا بولۇپتىكەن..
    blog.salkin.cn
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-10 14:32 |
    سىرلىق-بالا
    غەزەپ ۋە زار
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 730
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2562
    شۆھرەت: 3125 كىشىلىك
    پۇل : 260 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2638 نۇمۇر
    قوللاش: 2540 نومۇر
    ئالقىش: 2454 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

       بۇ ئادەمىگە ئارتۇقىچە باھا بەرگۇم يوق .. لىكىن ئۇنىڭ مىللتىمىز ئۇچۇن ھەققى ئشىلام دىننى ئۇن -تىنىسز تەشىق قىلۋاتىقانلقىنى ھەتتا پۇتۇن ئائلىسى بىلەن تىنمسز كۇچ چىقرۋاتىقانلقى كۆز  يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. YQG[8I  
       يەنە بىرى «ياخشىلار باغچىسى» دىگەن ئەسەرنىمۇ مۇشۇ ئالىمىمىز قىزى بىلەن بىرلشىىپ تەييەرلىغان. 7 6~x|6)  
       T {a%:=`  
    : FF:{&d  
        دىققەت : بۇ تېىما كۆچۇرۇپ كىلنگەن تېىمدەك قىلامدۇ قانداق.؟
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-10 14:33 |
    ئوغۇزخاقان
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 28619
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 367
    شۆھرەت: 399 كىشىلىك
    پۇل : 2949 سوم
    تۆھپە: 199 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 522 نۇمۇر
    قوللاش: 428 نومۇر
    ئالقىش: 657 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇشۇنداق مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ تەرجىىمھالىنى كۆپرەك كۆرۈپ تۇرساق بەك ياخشى ئىش بۇلاتتى ھە .
    blog.salkin.cn
                      مەن ئۆلسەم كېپەنگە ئورىماڭ دوسلار ،
                      ياتقۇزماڭ گۆردىمۇ تۇراي مەن ئۆرە،
                      قۇلۇمغا تۇتقۇزۇڭ مىلتىقىمنى چىڭ ،
                      قەبرەمنىڭ تېشىغا سىزىڭ كۆك بۆرە .
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-10 14:53 |
    كاشىغەر
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 5533
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 41
    شۆھرەت: 41 كىشىلىك
    پۇل : 1156 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 41 نۇمۇر
    قوللاش: 41 نومۇر
    ئالقىش: 41 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ كىشى ھەقىقەتەن تۆھپىكار ئالىمىمىز، بۇنداق ئالىمىمىزدىن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر پەخىرلىك ھىس قىلىدۇ.....
    blog.salkin.cn
    ئاۋال ئۆزۈڭگە باق
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-10 16:01 |
    ئۇيغۇرىيا
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 2903
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 233
    شۆھرەت: 1108 كىشىلىك
    پۇل : 2880 سوم
    تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 322 نۇمۇر
    قوللاش: 270 نومۇر
    ئالقىش: 496 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون12قەۋەتتىكىكاشىغەرنىڭ2008-12-10 16:01 دە يوللىغان يازمىسى   : zVxiCyU  
    بۇ كىشى ھەقىقەتەن تۆھپىكار ئالىمىمىز، بۇنداق ئالىمىمىزدىن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر پەخىرلىك ھىس قىلىدۇ.....
    H b]    
    ;Zj Qy,H%  
    توغرا
    ئاشىق ئىسلام ئاۋازى بىلوگى
    http://ashiq.salkin.cn/
    ئالىم:«ئىنسانلار ئارىسىدا ئەرزىمەس نەرسىلەر بىلەن سېتىۋالغىلى بولىدىغان درىجىدە ئەرزان ۋە ئەھمىيەتسىزلىرى تېپىلغىنىدەك، ئاسمان ـ زېمىن تولغۇدەك ئالماس ۋە ئالتۇن كۆمۈشكە سېتىۋالغىلى بولمايدىغان قىممەتلىك ئادەملەرمۇ بار. مىللەتلەرنىڭ ئورنىنى، مانا بۇ ئىككىنچى قىسىم ئادەملەر كۆتۈرىدۇ. قىممەتلىك ئادەملەر يامغۇرغا تولغان بۇلۇتتەك، ھەمىشە يۈكسەك ئېدىئال ۋە پەزىلەتلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بولىدۇ. تونۇلسۇن، تونۇلمىسۇن، بۇنداق ئادەملەرنىڭ  قەدەم باسقان يەرلىرى، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ يېشىللىققا پۈركىنىدۇ'دەيدۇ.


    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-10 16:41 |
    خۇشچىراي0903
    قەدىمىي يۇرت كېرىيەچىرايلىق ھە
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 6265
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 665
    شۆھرەت: 749 كىشىلىك
    پۇل : 1624 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 785 نۇمۇر
    قوللاش: 722 نومۇر
    ئالقىش: 905 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىزنىڭ كېريەگە كەلگەن. xd(AUl4qY  
    ھەم كېريە بىلەن قارىقاش خوتەننىڭ ئىسلام ئەھۋالىنىڭ ئۈلگىسى دىيىشكە بولىدىكەن دەپتىكەنتۇق
    بۇ قەلىپنىڭ شەيتاننى دۈشمەن تۈتقىلى چولى تەگمەس ،
    شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قەلىپ شەيتانغا باش ئەگمەس .
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-10 16:42 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » ئۇيغۇر شەخسلىرى


    Time now is:12-19 03:42, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation