ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك سەلكىن ئەھلى، ھەممىڭىزلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!
ئۇقۇم ئاپتومبىللىرى ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆزلىگۈم كېلىپ قالدى- مېنىڭمۇ!
شۇنداق قىلىپ، بىز بارا- بارا ئۇقۇم ئاپتومبىل رىقابەت مەيدانىغا يېقىنلىشىپ قىلىۋاتىمىز.
خۇش، ئۇنداقتا ئۇقۇم ئاپتومبىللىرى دېگەن نېمە؟
بۇ ھەقتە سۆزلىسەك گەپ بەك تولا. قىسقارتقاندا، ئۇقۇم ئاپتومبىللىرى كەلگۈسى بىر زامانلارغا مەنسۈپ بولغان، نۇسقا، ئىشلىتىلىش ۋە ئىقتىدار جەھەتتە ھازىردىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدىغان ئاپتومبىللارنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۇنداقتا، بىز ئالدى بىلەن مونۇ ئاپتومبىلنى كۆرۈپ باقايلى:
بۇ ئاپتومبىلنى دېسەم- دېمىسەم ھەممىمىز بىلىمىز ( كىنودا كۆرگەنغۇ ھەممىمىز !).
بۇ ئاپتومبىل ئاۋدى شىركىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن چىقارغان بىر خىل يېڭى تۇيغۇ، يېڭى ھېسياتتىكى ئۇقۇم ئاپتومبىلى، شۇنداقلا دەۋرىمىزدىكى ئۇقۇم ئاپتومبىللىرى ئىچىدە يېڭى يورۇق نۇقتا.
بىراق، ئۇقۇم ئاپتومبىلى جەھەتتە ياپونىيەدىكى شىركەتلەر بىر قەدەر ئالدىدا. بولۇپمۇ بۇ جەھەتتە تويوتا شىركىتى تۆۋەندىكى ئاپتومبىلنى ئىشلەش ئارقىلىق، ئۇقۇم ئاپتومبىل دەۋرىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى، دېيىشكە بولىدۇ:
( بۇ ئاپتومبىل توغرىلىق ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ ئاپتومبىل سەھىپىسىدە تەپسىلى خەۋەر بار ).
قىسقىسى، تۆۋەندە بىز تويوتا شىركىتىنىڭ ئۇقۇم ئاپتومبىللىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىنى، ھيتنى ساغلام، پاكىزە ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن:
[