ئەي يېنە بىر مەيدان نەچچە كۇن توختىماي يېيىش ئىچىش باشلىندىغان بولدىدە ~
بۇ سىمىز مۇبارەك قورسىقىم ئەمدى ئېتىلىپ كەتمىسە بولاتتى ~
ئەتتىگەندە بېىشىمىزدا كەپكە ،دوپپا، تۇماق ،شاپاقلار بىلەن ھېيىت نامازلىرىغا چىقىمىز ، نامازدىن كېيىن ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ بېشىدا بىر قىرائەت قىلۋېتىپ يوقلاپ بولۇپ قۇربانلىق قوينى سويۇشقا تەييارلىنىمىز ~ چۇشتىن كېيىنلەر بىلەن نەزىر ئېشى ئېتىپ ئۆيدە پەتە قىلغۇزۋەتكەندىن كېيىن كەچتە ھېچنىمىنى كۆرىمىگەندەك ، ئاداش بارمۇسەن قېنى بىرەر يەردە ئولتارمامدۇق دەپ سورۇنلارنى تۇزەۋاتقان . سېسىق ھاراقنى بولىشىچە ئىچىۋاتقان ، قورساق توق بولسىمۇ ھەشەملىك قىلىپ داستىخانغا توختىماي بىر نەرسىلەرنى يېمىسەكمۇ چىقىرىپ سورۇننىڭ كۆرىكى دەپ شۇ ئىچىش ، ئويناشلار .....
تانسىخانىلاردا بەلنى تولغاپ چايقاۋاتقان ، گۇلدۇرمامىنىڭ ئاۋازىدىنمۇ يوقىرى دېسكو مۇزىكىلىرىدىن ھاراقنىڭ كۇچى بىلەن تېخىمۇ ئەۋزەيلىشىپ خۇددى بىر توپ مايمۇنلارنى يىغىپ قويغان سورۇندەك كۆرۇنۇشلەر ....
ياتاقخانلارغا توشۇپ كەتكەن بىر جۇپ بىر جۇپلەر ... ئەپسانى مۇھاببەتكە مەس بولۇپ سۇنايلىنىپ يېتىۋاتقان نارسىدىلەر ....
ئاق چېكىش ، نەشە چېكىش بىلەن ھېيت تەنتەنىسى قىلش ....
..................
..................
..................
يېنە بىر يەردە بىر بۇردا نانغا بىر پارچە گۆشكە خار بولۇپ يېتىۋاتقان قېرى ياش تۇل خوتۇن باللار .......
قورقىمەن ......
قورقىۋاتىمەن ئەتە ھېيىت نامازدىن كېيىنكى چۇشتىن كېيىندىن ......
ھېيت كەلمىسىمۇ بوپتىكەن دەپ قالىمەن بەزىدە ........
[ بۇ يازما پاڭزا تەرپىدىن2008-12-09 01:20دە قايتا تە ]