دانـىـشـمـەنـلـەر قـىـزلارغـا نـىـمە دەيـدۇ
y/Fv4
H4ml0SS^
1. ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئۇرالغىنىدۇر. ھەقىقەتەنمۇ قىزلار قەلەم قاش، شەھلا كۆز ، ئۇزۇن چاچ، كېلىشكەن، گۈزەل بولسمۇ شەرم-ھايالىق بولمىسا، ئۇلارنى ھېچكىم گۈزەل دېمەيدۇ. ئىپپەتلىك قىز دېگەندە، كۆز ئالدىمىزغا تەبئىي مۇلايىم، ئەقىل-پاراسەتلىك، ھايالىق، نۇمۇسچان، ئاتا-ئانىغا مېھرىبان، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچان، چوڭ-كىچىكلەرگە ئېتىبارلىق قىز نامايەن بولىدۇ ۋە بۇنداقلار كۆزىمىزگە چىرايلىق، يېقملىق كۆرىىندۇ. ھايا كىشلەرنى يامان يولدىن قايتۇرغۇچى ۋە ياخشىلىققا ئۈندىگۈچىدۇر. كىمنىڭ ھاياسى بولمىسا، شۇنىڭ ئۇيتى بولمايدۇ ۋە بارچە قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ. v)mO"\
wWB-P6
owHhlS{
2. ئەي قىزىم، ئىپپەت- ۋىجدانىي پاكلىق، نۇمۇس، ھايا دېگەنلىكتۇر. قىزلارنىڭ تەبئىيتىگە خاس پاكىزلىق، ھايا، نەپسىلىك، زىيانلىق، ھوشيارلىق كەبى پەزىلەتلەر ئۇلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن، لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشىدۇ. قىزنىڭ ھۆسنى-يېرىم بايلىق، ئەقلى بولسا خەزىنە. ئۇلۇغ ئالىم ئىبىن سىنا:<<ئىنساندا مەڭگۇ تۇرىدىغان ھۆسۈن ۋە لاتاپەتلىك ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر، ھاياسىز يۈز جانسىز جەسسەت كەبىيدۇر>> دېگەن ئىدى. دەر ھەقىقەت ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان، ئسسق كۆرستىدىغان نەرسە-كشنىڭ ھايا ۋە ئپپتىدۇر. ھايا ۋە ئىپپەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەنگەن قىز ھامانەم ھەققىي ئىنسانلىق خاراكتىرىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. 6}zargu(;
XC"]/y
q^NI
3.ئەي قىزىم، تىل بىلەن يۈرەك- ياخشلىق بىلەن يامانلىقىنىڭ بۇلىقى. بۇ ئىككىسى ياخشى بولسا، ئادەممۇ بەختلىك ۋە ياخشى بولىدۇ. بۇ ئىككىسى يامان بولسا، ئادەممۇ يامانلىق ۋە بەختىسىزلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب: تىل-يۈرەكنىڭ جارچىسى. يۈرەك نېمىنى ئويلسىا، تىل شۇنى سۆزلەيدۇ، كۆڭۈ لگە كەلگەننى ئالەمگە ئايان قىلىدۇ، كىشلەر سۆزگە ئۇستىلىقى بىلەن ماختانسا، سەن سۈ كۈ ت قىلىش بىلەن ماختان. ھەر نەرسنىڭ دەلىلى بار. ئەقىلىنىڭ دەلىلى-پىكىر، پىكىرنىڭ دەلىلى-سۈ كۈ تتۇر. سەن سۈ كۈ ت قىلىش ئارقىلىق ئۆز مەقستىڭگە يېتەلەيسەن. سۈ كۈ تتىن يىراقلاشساڭ مەغلۇبىيەت سېنى قارشى ئالىدۇ. %2>ya>/M
,U':=8
naE;f)
4.ئەي قىزىم، كىشنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا مەسىلە سورىما. ئەگەر سېنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىڭدا بىراۋ مەسلە سۇرىسا، سۆزىگە قاراپ جاۋاب بەر، ئەقلىڭ يەتمەس سۆزنى سۆزلىمە، كۈ چۈ ڭ يەتمەس ئىشقا ئېسىلما. ھەر ئىشتا ئوتتۇرا ھالقىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك . جامائەت بار يەردە، مەجلىستە بىرگە سۆزۈ ڭ بولسا، ئاشكارە سۆزلە، زۆرۈر بولمسا، پىچچىرلاپ سۆزلىشىشنىڭ ھېچ پايدىسى يوق. ھەر تۈرلۈ ك سۆزنى ئاڭلىساڭ گوياكى ئاجىزلىقنتىن كۈ چلەنگەندەك ئاڭلىغىن. بۇ سۆزلەر مەيلى كېرەككە كەلسۇن-كەلمسىۇن، جېنىڭ، تېنىڭ بىلەن ئاڭلا. چۈ نكى سۆز بىر سەدەپكە ئوخشايدۇ. ئۇ كۆڭۈل دەرياسىدىن چىقىدۇ. !;EG
^PHWUb+``
!U,W; R
5.ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نازاكىتنى، قىزلىق قەدىر-قىممىىتنى ئاشۇردىغان ئەمەللەرنىڭ كاتتىسى سىلىق-سىپايە، دەل جايغا كەلتۈرۈپ، مېھرىبانلىق پۇرىقىنى سىڭدۈرۈپ تۇرۇپ ئەدەپلىك سۆزلەشتۇر. سۆزلىگەندىمۇ راست سۆزلەش، گەپنى قىسقا، مېغىزلىق قىلىشقا، مەنىلىك، ئورۇنلۇق سۆزلەشكە ئادەتلىنىش؛ ئۇزۇن، بىمەززە سۆزلەپ كىشلەرنى بىزار قىلىماسلىق كېرەك. خەلقىمىز تولا گەپ قىلدىغان كىشلەرنى ئەدەپسىز، كوت-كوت، لاۋزا دەپ ئاتايدۇ. كۆپ گەپ قىلىغۇچىلار ئۆزىنىڭلا گېپىنى يورغىلتىدۇ، خاراكتېرىدىن ھەمەندانلىق چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ گەپ قىلىشىدىكى مەقستى ئۆزىنى كۆرسىتىشتۇر. 7\ELr 5
%^1@c f?.
,|RS]I>X
6. ئەي قىزىم، ئىپپەتلىك قىزلار ئۆزلىرىگە تەلەپچان، ھايالىق بولىدۇ. يۈرۈش-تۈرۈش، كىيىنىش، مۇئامىلە، مۇناسىۋەتلەردە قىزلىق شەنىگە يارىشا ئىش تۇتىدۇ. كىشلەر ئارىسدا كالتە، تار، كۆكرىكى چوڭ كىيملەرنى كىيىش، مەمەدانلىق، چاكىنا قىلىق، ئورۇنسىز ھەرىكەتلەرنى قىلىشنى ئۆزلىرىگە ھار ئالىدۇ. ئىپپەتلىك قىزلار، بولۇپمۇ يىگتلەرنىڭ ئالدىدا، چوڭلار بار سورۇنلاردا ئۆزلىرىنى قانداق تۇتۇشنى ياخشى بىلىدۇ. ھەربىر قەدىمىنى ئويلاپ باسىدۇ. قىز بالا ئۆزىنىڭ تەبئىي چىرايى بىلەن يېقىملىقتۇر. ئۇنىڭغا يەنە پەرداز قىلىش ئۇنى سۈ نئىيلەشتۈرۈ پ قويۇشنى مۇمكىن. بولۇپمۇ ھەددىن زىيادە پەرداز قىلىش ، كەلسە-كەلمەس زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقاش، قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىش قىزلارنى يەڭگىلتەڭ، قونچاق سۈ پەت كۆرسىتىپ قۇيۇشى مۇمكىن. zl~`>
HHd;<% q
MA9Oi(L)K
7. ئەي قىزىم، دانالارئىلىمنى مال-مۈ لىكتىن ئەۋزەل دېيىشىدۇ. ئېيتىشلىرىچە، ئىلىم مېغىز بولسا، بايلىق ئۇنىڭ پوستى، ئىلىم گۈل بولسا، بايلىق ئۇنىڭ ھىدىدۇر. دانا كىشلەر ھەر دائىم ئەنە شۇ مېغىزنى قولغا كىرگۈزۈش يولىدا جاپا چېكىدۇ. چۈنكى، ئىلىم ئاۋۋال پەزىلەتلىك كىشلەردىن مىراس قالۇر، مال-بايلىق بولسا ھارۇن ۋە ھاماننىڭ مىراسىدۇر؛ئىككىنچى، ئىلىم كىشىدە كەمتەرلىك پەيدا قىلىسا، بايلىق مەنمەنلىك پەيدا قىلىدۇ؛ئۈ چىنچى، ئىلىملىك كىشنىڭ دوستى كۆپ بولسا، مالدار كىشنىڭ دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ؛ تۆتىنچى، مالدار كىشلەر ئۆتەخەسس ۋە بېخىل بولسا، ئالىم كىشلەر ساخاۋەت ئىگىسى بولىدۇ؛ بەشىنجى، ئىلىم كىشىگە دۇنيادا ئابرۇي كەلتۈرسە، مال-دۇنيا ئازاب كەلتۈردىدۇ. #9=as Y
OB-gH3:
fcDiYJC*
8.ئەي قىزىم، ئۈ چ خىل كىشى ھېكمەت رەۋىشىدىن يىراق ۋە ئەقىل يولىدىن تاشقىردىدۇر. بۇنىڭ بىرىنچىسى، ئۆزىنىڭ كۈ چ-قۇۋۋىتىگە ئىشىنىپ، ھەر قانداق بالا كەلسە قارشى كېتىۋېردىغانلار، بۇنداق كىشلەر ئاقىۋەت ئۆزىنى ھالاكەتكە سالىدۇ؛ ئىككىنچىسى، تائامنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار ۋە مەيدىسنىڭ ھەزىم قىلىشقا ئاجىز كېلشىدىن قورقماي يەۋېرىدىغانلار، شۈ بھىسىزكى، بۇنداق كىشلەر ئۆز جېنىنىڭ دۈ شمىىنىدۇر. ئۈچىنچىىسى، ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە مەغرۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ خۇشامەتلىرىگە ئالدانغانلار، بۇنداق كىشنىڭ ئىشى ئاخىرى ھەسرەت-نادامەت ۋە پۇشايمان كەلتۈرىدۇ. _T[7N|'O
AHa%?wb
2QUZBrs s
9. ئەي قىزىم، ياخشى خۇيلۇق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، مىجەز-خاراكتېردا خاسلىققا ئىگە، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ ياراملىق قىز بولۇش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭ ئۈ چۈن ئاتا-ئانا بولغىچىنىڭ قىزنى كىچىكىدىن باشلاپ تۈ جۈ پىلەپ تەربىيلەپ ئەجىر سىڭدۈرىشىگە، شۇنداقلا قىزلارمۇ ئېسىنى تاپقاندىن كېيىن ئۈ نسىز تەربىيە ۋە ئەتراپىدا يۈز بىرىۋاتقان ياخشى-يامان ئىشلارنى جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى تەربىيلىشىگە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق تەربىيلەنگەن قىزلارنىڭ گۈزەللىكنى، پەزىلەت غۇنچىىسى قەلىب تۆرىدە ئېچىلغان بولۇپ، ئەگەر بۇنىڭغا چىراي گۈزەللىكى قوشۇلسا بۇنداق گۈزەللىك كامالەتكە d#Hl3]wT
"t[9EbFL
pb>TUKvT&
10. ئەي قىزىم، شىجائەت، ساخاۋەت ۋە خۇشخۇلقلۇق ئەڭ ئەلا پەزىلەتلەردىن بولۇپ، بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشلەر ھەر دائىم ئولۇغلۇق سەرمايىسىدىن بەھرىمان بولۇر. مەزكۈر سۈپەتلەر ئىچىدە خۇشخۇلقلۇق ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. چۈنكى، ساخاۋەت ئالىي پەزىلەت بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەممىلا كىشى مۇيەسسەر بولىۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن، كىشلەرگە ھەرخىل شەرت-شارائىتلار كېرەك. ئەمما، خۇشخۇلقلۇق شۇنداق نەرسىكى، ئەمما، ھەممە ئادەم ئېرىشەلەيدۇ. يېقىملىق خۇلق ئېگىسىدىن چوڭ-كىچىكنىڭ بارچىسى خۇرسەن بولىدۇ. بۇنداق خۇلق ئىگىسى باشقىلارنى خۇرسەن قىلشتىن تاشقىرى ئۆزىمۇ دائىم خۇرسەن يۈرىدۇ. باشقىلاردىن بولسا ئۇنىڭغا مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىق قايتىدۇ. BYhF?
G[;GP0\N
p }p@])}8
11.ئەي قىزىم، دەۋرداشلىرىڭىدىن ئەقىل-پاراسەتتە، ئىلىم-پەن جەھەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇش تولىمۇ نۇمۇسلۇق ئىش. ئادەم تۇرۇپ ئادىمىيلىك قابىلىيەتكە ئىگە بولالماسلىق، ئادەم تۇرۇپ ئادەمدەك ياشىيالماسلىقتەك ئېغىر مەھرۇملۇق بولمايدۇ. شۇڭا ئىنسان بالىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئەيىب بىلىمسىزلىكتۇر. نۇمۇس قىلىش توغرا كەلسە ئۆزەكنىڭ نادانلىقىدىن نۇمۇس قىل، خورلۇق ھېس قىلىش توغرا كەلسە ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ بىلىمسىزلىكىڭدىن خورلان. بىلىمسىزلىك سېنى ئىنسانىي تۇيغۇدىن مەھرۇم قىلىدۇ. شۇڭا، سەن ئالدىنىۋاتقانلىقىڭنىمۇ، ھاقارىنىلىۋاتقانلىقىڭنىمۇ ھېس قىلالايسەن. نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى توغرا پەرقلەندۈرەلمەيسەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە قانچىلىغان ھاقارەت تامغىسىنىڭ بېسلىۋاتقانلىقىنى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرەلمەيسەن. T/m4jf2
RB,`I#z1f
c >8IM
12.ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نامىغا ئىلىشكەن يامان داغ- نۇمۇسنىڭ كېتىشى بەكمۇ قېيىن. بەزىدە بايقىماي بېسىلغان تىكەننىڭ جەبرىنى بىر ئۆمۈر تارتىپ يۈرۈ شكە توغرا كېلىدۇ. بەزىدە ئۇ كىشىنى ئۆمۈرۋايەت گۇمان، شۆبھە قىيناقلىرىغا دۇچار قىلىدۇ. بۇلارغا كۆپىنچە ئويلىماي ئىش قىلىش، ئىرادىنىڭ تىزگىنىنى ئازراقلا بوش قويۇۋېتىش سەۋەب بولىدۇ. ئنسانىي پەزىلەتلەر، مەنىۋى قەدىر-قىممەتلەر ھەققىدە سۆز بولسا ئۇلارنىڭ قىزلاردا ئەڭ ئالىي دەرىجىدە بولۇشى تەلەپ قىلىندۇ. چۈنكى قىز بالا مىللەتنىڭ كۆرركى، مىللەتنىڭ كېلەچىكى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا قىزلار ناھايىتى نازاكەتلىك، ئىپپەتلىك، سەۋر-تاقەتلىك، ئاقىل، مېھرىبان بولۇشى كېرەك. ئەيىب ياكى گۇناھ ئىش قىلىپ قويغان باشقا ھەممە كىشلەر ئەپۇ قىلىنىشى مۇمكىن، پەقەت قىز بالا ئەپۇ قىلىنمايدۇ. "UNWbsn6Qr
_S$SL%;\
>ocDh~@aP
13.ئەي قىزىم، راھەتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ راھەتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆڭلۈڭگە دائىم ئارزۇ-ئۈمىد يار بولسۇن. تېنىڭ نەپەس ئېلىپ قانغان ھالەتتىمۇ روھىڭ مەڭگۈ ئىنتىزار بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر ھەممىگە ئېرىشسەڭ، ئۇ ھالدا ھەممە ئۈمىدسىزلىك ۋە نارازىلىققا ئۆزگىرىدۇ. ئاقىل بولغانلارمۇ باشقا شەيئىلەرنى چۈشىنىپ ھەۋىسىنى قاندۇرۇشى لازىم. ئۈمىد بىزگە ھايات بېغىشلايدۇ، ئەمما قورساق تويغۇزىۋېلىپ تاماشا بىلەن ئۆتۈ ش جاننى ئالىدۇ. باشقىلارنىڭ ياخشلىقىنى قايتۇرغاندا ئۇلارنى قانائەتلەندۈرەلمەسلىك لازىم. ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىگە ھاجىىتى چۈ شمىگەندە، ئۆزۈ ڭگە ھەممە يەردە ئاگاھ بولۇشۇڭ لازىم. ھەر قانداق خۇشاللىق ئۇلارنى خۇشال قىلالمايدۇ. ئارزۇنىڭ ئاخىرى غەم-قايغۇ دېمەكتۇر. 4~s{zob
fRt`]o:Om
(yr
14.ئەي قىزىم، دېڭىز كەڭ بولغانلىقىتىن ھەممە دەريا-ئېقىنلارنى ئۆزىگە سىغدۇرالايدۇ. باشىقىلارغا پايدا يەتكۈزۈ ش ئۆزىگە ياپدا يەتكۈزگەنلىك، باشقىلارغا زىيان سېلىش ئۆزىگە زىيان سالغانلىق، باشقىلارغا يول قۇيۇش ئۆزىگە يول قويغانلىق، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىق بولىدۇ. باشقىلارغا يول قۇيۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ!باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىسىڭىز ئىززەت تاپسىز، يول قويسىڭىز نىيتىڭىزگە يېتسىز.ھۆرمەت قىلىشتا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇش، ئىشنى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماسلىق، ھەممىسىگە سەل قارىمسالىق كېرەك. يول قۇيۇشتا ھەر قانداق ئىشقا ئىمكانىيەت قالدۇرۇش، تۆھپىنى يالغۇز ئىگلىۋالماسلىق، خاتالاشقاندا باشقىلارغا دۆڭگىمەسلىك كېرەك. :l;SG=scx
ZUA%ZkX=F
\nzaF4+$
15.ئەي قىزىم، ھەر ۋاقىت پەزىلىتىڭنى ساقلاپ، پەزىلەتتە باشقىلارغا ئۈ لگە بولغايسىز. تاكى جەمىئيەتكە كىشلەر سىزگە ھەۋەس قىلىپ: <بۇ كىمىنىڭ قىزىدۇ، نېمە ئىش ھەۋەس قىلدىغاندۇ، ئەجەپ ئەدەپلىك قىزكىنا> دەپ ئېغىزنى چاكىلدىتىىپ قالسۇن. سىزدىن ھەرگىز ئەدەبسىز قىلىقلار سادىر بولۇپ قالمىسۇن، ئەگەر سىزدە كىچىككىنە ئەدەپسىزلىك سېزىلىپ قالسا، شۇ ھامان شەنىڭىز بۇلغىندۇ، ئابرۇيىڭىزنى مىڭ قىلغان بىلەنمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسز. سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسنى چىڭ ساقلىيالىسىڭىزلا، ئۆزىڭىزنىڭ ئىنسانىي قەدىر-قىممىتڭىزنى، بولۇپمۇ قىزلىق قەدىر-قىممىتىڭىزنى قولىڭىزدا تۇتالايسىز، ئەڭگۈشتەر قولىڭىزدا بولىدۇ، ئەڭگۈشتەرنى قولىڭىزدىن بېرىپ قويدىڭىزمۇ، ئۆز قەدىر-قىممىتىڭىزنى يەرگە ئۇرىسز. Vm"{m/K0
o8ERU($/
{F'~1qf
16. ئەي قىزىم، مۇغەمبەر ئادەملەر ھەمىشە يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن باشقىلارنى دەي-دەيگە سالىدۇ. شۇڭا زەربىگە ئۇچرىغان، خورلانغان ۋە ئاھانەتكە قالغان چاغلىرىڭىزدا، سوغۇققانلىق بىلەن ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئىشنىڭ باش-ئايىغىنى تەھلىل قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن بىر قارارغا كېلىڭ.بولۇپمۇ بەزىلەر ساڭا بەزىبىر ئىشلاردىن ئالاھىدە ئۇچۇر بەرگەن چاغلاردا ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئىنچىكە ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا باشقا بىر غەيرىي نىيەتنىڭ بار-يۇقلىقىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىڭ. چۈنكى نۇرغۇن ئىشلار سەن ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئاددي بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئارقىىسغا كىشىگە دېگىلى بولمايدىغان بىرەر مۇددىئا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇڭا كۆڭلىڭىزدە ئېدىتلىق سان بولسۇن؛ ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ قولچۇمىقىغا ئايلىنىپ قالماڭ. 9 aacW
8o7%qWX
&UextG