ھېيىت نامازلىرى
!',%kvJI بىر يىل ئىچىدە ئىككى ھېيت بولۇپ، بىرى روزى ھېيتى يەنە بىرى قۇربان ھېتتۇر. ھەر ئىككىلا ھېيتتا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش ۋاجىپ، ھېيت نامىزى ھېيتنىڭ دەسلەپكى كۈنى كۈن چىقىپ بىر ئازدىن كېيىن جامائەت بىلەن ئوقۇلىدۇ. (بىراق ئىككى ھېيىت نامىزىنى ئوقۇشتا ئازراق پەرق بار. بۈگۈن پەقەت قۇربان ھېيىت نامىزىنى ئوقۇشنى قىسقىغىنىلا چۈشەندۈردۈم)
.On qj^v قۇربان ھېيت نامىزى مۇنداق ئوقۇلىدۇ: N2}Y8aR~ ئىمام جامائەت بىلەن بىرلىكتە ھېيت نامىزىنى ئوقۇشقا تۇرغىنىدا، ئىمام «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازنى باشلايدۇ.
vxk0@k_ «نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن قۇربان ھېيت نامىزىنى، جەمئى تەكبىرلىرى بىلەن، ۋاجىپ ئۈشبۇۋاق، يۈزۈم قىبلىگە، قىبلەم جەھەتى كەئىبىگە، ئىقتىدا قىلدىم ھازىر ئىمامغا، خالس ئاللاھى تائالا» جامائەت دەرھال قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئىمامغا ئۇيغۇنلىشىدۇ. ئاۋازسىز «سۈبھانەكە» يەنى «سۈبھانىكە ئاللاھۈممە، ۋەبىھەمدىكە، ۋەتەبارە كەسمۇكە، ۋەتەبارە جەددۇكە، لائىلاھە غەيرۇك» ئوقۇلىدۇ. ئاندىن ئىمام «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتىدۇ. جامائەت ھەر بىر قېتىملىق تەكبىردە بىر قېتىمدىن قوللىرىنى قۇلاقلىرىغىچە كۆتۈرىدۇ. ئۈچىنچى قېتىملىق تەكبىردە قوللار تۆۋەنكە ساڭگىلىتىلماي، قوللىرىنى كىندىك ئاستىغا قويۇپ قول باغلايدۇ.
8N"WKBj|_d بۇنىڭدىن كېيىن ئىمام ئىچىدە «ئەئەززۇ- بىسمىللا» دەپ «فاتىھە» ۋە قوشۇمچە بىرسۈرىنى ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ. كېيىن رۇكۇ (بېلىمىزنى ئېگىپ ئىككى قولىمىزدا تىزىمىزنىڭ ئۈستىنى تىرەپ تۇرىمىز) ۋە سەجدە قىلىدۇ.
~/JS_>e#6P ئىككىنچى رەكئەتنى باشلايدۇ. ئىككىنچى رەكئەتتە ئىمام «فاتىھە» ۋە قوشۇمچە سۈرىنى ئوچۇق ئوقۇيدۇ، ئاندىن ئۇلاپلا باشتىكىدەك «ئاللاھۇ ئەكبەر»دەپ ئۈچ تەكبىر ئېيتىلىدۇ. ئوخشاشلا ھەر بىر تەكبىردە بىر قېتىمدىن قوللار قۇلاقلىرىغىچە كۆتۈرۈلۈپ يەنە چۈشۈرىلىدۇ. ئاندىن تۆتىنچى قېتىم «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىلغاندا، رۇكۇ قىلىنىدۇ، سەجدە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئولتۇرۇلىدۇ، دۇئالار ئوقۇلۇپ سالام بېرىلىدۇ.
P/[RH e نامازدىن كېيىن ئىمام خۇتبىگە چىقىدۇ. خۇتبەسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن دۇئا قىلىنىدۇ.