تېررورچىلار ئارمىيىسىنىڭ ئارقا سەپ ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان 160ئاپتوموبىلىنى ۋەيران قىلىۋەتتى
b8FSVV
7@ lGhhH_ O3/w@q Q i;l0)q تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشتا ۋەيران بولغان ماشىنىلار
"wi}/,) rnSrkn"j{ خەلق تورى 8 - دېكابىر تېلېگراممىسى : ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ پاكىستان چېگرىسىدا قۇرغان ئىككى ئارقا سەپ تەمىنات پونكىتى 7- دېكابىر ، بىرلا ۋاقىتتا قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى چېگرا شەھەر پېشاۋۇر شەھىرىگە يېقىن جايدىكى بىر يۈك مەيدانىدا يۈز بەرگەن بولۇپ ، ئىككى قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە تېررورچىلار ئاز دېگەندە 160 دانە يۈك ۋە جەڭ ئاپتوموبىلىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن . بۇ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات لىنىيىسىگە غايەت زور زىيان ئېلىپ كەلگەن.
J]ri|a q,>-4Cm ?mbI6fYv 3kJ7aBiR< تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشتا ۋەيران بولغان ماشىنىلار
LL%s$>c65A WNp-V02l ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ كۆپلىگەن تەمىناتى قۇرۇقلۇق يولى بىلەن توشۇلىدىغان بولغاچقا بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات لىنىيىسىنىڭ «ئاجىزلىقى»نى ئاشكارىلاپ قويغان .
2>F`H7W ئامېرىكا ئارمىيىسى ، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئاففانستاندىكى تالىبان ۋە «بازا تەشكىلاتى» نىڭ قالدۇق شايكىلىرىغا زەربە بېرىش خىزمىتىگە چوڭ تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
l0BYv&tu 2001 - يىلى ، ئامېرىكا ئاففانىستاندا ئۇرۇش قوزغىغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى ئېھتىياجلىق بولغان كۆپلىگەن ئارقا سەپ ماددىي ئەشيالىرى ئاساسەن قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق توشۇلغان . %75 دىن كۆپرەك ھەر خىل ماددىي ئەشيالار ئالدى بىلەن دېڭىز تىرانسپورتى ئارقىلىق پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى كاراچىغا يەتكۈزۈلۈپ ، ئاندىن ھېچقانداق بەلگە چاپلانمىغان ساندۇقلارغا قاچىلىنىپ ، چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن بېرتېغى ئېغىزىدىن ئۆتۈپ ئاففانىستان چېگرىسىغا يەتكۈزۈلگەن .
BDcA_=^R& ئارقا سەپ پونكىتى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، تەخمىنەن 300 دەك قوراللىق ئۇنسۇر تاڭ سەھەردە ، گراناتاميوت ئىشلىتىپ ئىسكىلاتنىڭ چوڭ ئىشىكىنى پارتلىتىپ ئاچقاندىن كېيىن ، دىجورنىلىك قىلىۋاتقان بىر مۇھاپىزەتچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ، ئىسكىلاتقا بۆسۈپ كىرىپ ، ئوت قويۇپ ، پارتلىتىپ ئاپتوموبىللارنى ۋەيران قىلىۋەتكەن .
Eemk2>iP? شۇ كۈنى ، پېشاۋۇر شەھىرىگە يېقىن جايدىكى يەنە بىر ئارقا سەپ تەمىنات پونكىتىمۇ تېررورچىلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچراپ ، 60 يۈك ئاپتوموبىلى ۋەيران بولغان .
en8l:INX s}Q*zy