شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى 30 يىلدىن بۇيانقى شانلىق ئىزلىرىنى ئەسلەش ، نەتىجىلىرىنى قۇتلۇقلاش ۋە ياش يازغۇچىلارغا ئىلھام بېرىش، تېخىمۇ كۆپ ياش يازغۇچىلارنىڭ سەپكە قوشۇلۇشقا تۈرتكە بولۇش يۈزىسىدىن 5 -دېكابىر ئۈرۈمچىدە 2 -نۆۋەتلىك ياش يازغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىم تۇرسۇنجان مۇھەممەد، مامبەت تۇردى قاتارلىق ئون ياش يازغۇچى <ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى>،<تۆھپە مۇكاپاتى>، <يېڭى كۈچلەر مۇكاپاتى> دىن ئىبارەت ئۈچ تۈر بويىچە مۇكاپاتلاندى. 2006 - يىلى، ئەختەم ئۆمەر ، مۇختەر بۇغرا قاتارلىق 15 يازغۇچى تۇنجى قېتىم مۇكاپاتلانغانىدى.
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەسىس قىلغان بۇ مۇكاپات ئىككى يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ.
2 -نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياشلار ئەدەبىيات تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ياش يازغۇچىلار مۇكاپات سەھنىسىدە

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ياش يازغۇچى تۇرسۇنجان مەمەتكە مۇكاپات تارقىتىپ بەرمەكتە

رىزۋانگۈل يۈسۈپ(ئوڭ تەرەپتە) مۇكاپات سەھنىسىدە

مامبەت تۇردى(ئوڭدىن بىرىنچى كىشى) مۇكاپات سەھنىسىدە

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى