مەھمۇد كاشىغەرىي يىلىغا سوۋغىتىم
:+kg4v&r "0p +SZ~D مانا 2008-يىلىمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قاپتۇ. مەن يىل بېشىدا بۇ يىلنىڭ تۈركىيىنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن ب.د.ت تەرىپىدىن مەھمۇد كاشىغەرىي يىلى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىگە قاتتىق خوشال بولغان ۋە ھاياجانلانغان بولسام. يىل ئاخىرىدا مەھمۇد كاشىغەرىي يىلى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرىستېتىدا ئۇيغۇر ۋە تۈرك ئالىملىرىنىڭ بىرلىشىپ ئېلىپ بارغانلىقىدىنمۇ قەۋەتلە خۇشال بولدۇم ۋە ھاياجانلاندىم. ;2+FgOj
مەن 2008-يىلنىڭ بېشىدىلا مەھمۇد بوۋىمىزغا ئاتاپ بىرەر نەرسە لايىھىيىلەشنى ئارمان قىلغانىدىم. ئەمما تاكى يىل ئاخىرىغىچە مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ بىر قەدەر چوڭ ھەم سۈزۈك بولغان سۆرىتىگە ئېرىشەلمەي ئازاپلانغاندىم. ئىنشائانلا ئاللاھ ئىشلىرىمنى ئاسان قىلغاچ «مەھمۇد كاشىغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نىڭ ئېچىلىش-يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ يىغىن دىكراتسىيەسى، ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە يىغىن كۈنتەرتىپى كىتاپچىلىرىنى ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ يەنە بىر ھاياجانلاندىم ۋە ئۆزۈمدىن پەخىرلەندىم. ھەم خىزمىتىمنى پۈتۈن كۆچۈم بىلەن ياخشى قىلىش ئۈچۈن يۈكسەك زېھنىمنى بەردىم. /r #b
دەرۋەقە ئەمگىكىم يەردە قالمىدى. مەن ۋەزىپەمنى ۋاقتىدا، تولۇق ۋە گۈزەل ئورۇندىدىم. (بۇ ئۆز-ئۆزۈمگە بېرىۋالغان باھا ئەمەس. باشقىلارنىڭ ماڭا بەرگەن باھاسى). ئەمما مەن بۇ سوغىنى يىغىن ئەھلىگىلا ئەمەس تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە قالدۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىككى پارچە كىچىككىنە كۆڭلۈمنى يوللاپ قويدۇم. كومپىيوتېرىڭلارنىڭ ئېكرانىنىڭ ھەم كۆڭلۈڭلارنىڭمۇ مۇشۇنداق كۆركەم ھەم كۈزەل تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ( مەھمۇد بوۋىمىزنى ئەسلەپ تۇرايلى!)