شىنجاڭ يادىكار خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن 2008 – يىلى 11 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئۈرۈمچى
چەۋەندازلار زىياپەت زالىدا ئاپتونۇم رايوندىكى ئېلېكترون ، كومپيۇتېر ، تور جەھەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ
بىر قىتىملىق ھەمكارلىق سۆھبەت يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى
بۇ قىتىملىق سۆھبەت يىغىلىشىغا يادىكار شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋە خىزمەتچىلىرى
ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئالىم ئەھەت ئەپەندى
قارلۇق مىدىيا شىركىتىنىــــــڭ تېخنىكا دېرىكتورى پەخرىدىن قارلۇق ئەپەندى
سەلكىـــــــن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى نۇرئەلـــى ئەپەندى
دىيارىم پەن تېخنىكا شىركىتىنىڭ مەسئۇلى دىلشات پەرھات ( ئاتامان) ئەپەندى
مەشــــــــــرەپ ئېلېكترون شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى مەخمۇتجان ئەپەندى
ئىلىياس خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى مەخمۇتجان ئەپەندى
ئەلپىــــدا يۇمشاق دېتال خىزمەتخانىسنىڭ مەسئۇلــــــى تۇرغـــــــان ئەپەندى
ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇراخمانجان (
www.ulinix.com)
توققـــۇز ساراي ئاۋاز تەھرىر ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ياقۇپجان ئەپەنـــــــــدى
كۇچا ناھىيە دانىش كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئابلىكىم دانىش ئەپەنـــدى
ئۈرۈمچـــــــــى ئەلگىيار كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ مەسئۇلى تۇراجان ئەپەنـــــدى
جەمىيەت ئەربابلىرىدىن داڭلىق كىنو ئارتىسى ، رىژىسور – فىردەس ئەزىــــــزى
جەمىيەت ئەربابلىرىدىن داڭلىق سەنئەتكار ، كىنو ئارتىسى – يۈسۈپ سالــــى
قاتارلىقلار بولۇپ 20 نەچچە ئادەم بۇ قىتىملىق سۆھبەتكە قاتناشتى
بۇ قىتىملىق سۆھبەتتە كارخانىلارنىڭ بىر بىرىنى قوللاش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ
ئوخشىمىغان كارخانىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە بازار ئىچىش جەھەتتىكى پىرىنسىپى ئوتتۇرغا قويۇلۇپ
ھەمكارلىشىپ بازار ئىچىش ، كومپيۇتېر ، ئېلېكترون ، تور قۇرۇلۇش جەھەتتە بۆسۈش خاراكتىرلىك
يېڭىلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلدى ، ھەم ھەمكارلىق كۈچەيتىلدى
يادىكار سودا تورى توغۇرلۇق مۇھىم پىكىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلۇپ ، ئۇيغۇر تور سودىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش
توغۇرلۇق سۆھبەتلەر ئارقىلىق ، سۆھبەتكە قاتناشقانلار يادىكار سودا تورىنى قوللايدىغانلىقىنى
يادىكار سودا تورىنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
سۆھبەت يىغىلىشىدىن بىر كۆرۈنۈش
يادىكار شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى – ئالىم مۇھەممەد
ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى – ئالىم ئەھەت ئەپەندى
سەلكىن خەلقئارا سودا شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ( سەلكىن تورىنىڭ قۇرغۇچىسى) نۇرئەلى ئەپەندى
دىيارىم شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ( دىيارىم تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ) دىلشات پەرھات
قارلۇق شىركىتىنىڭ تېخنىك دېرىكتورى – پەخرىدىن قارلۇق
مەشرەپ ئېلېكترون شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى – مەخمۇتجان
يادىكار شىركىتىنىڭ تەكلىپلىك شىركەت مەسلىھەتچىسى مەخمۇتجان ( سول تەرەپتىكى)
فىردەۋس ئەزىزى ۋە يۈسۈپ سالى
ئالىم ئەھەت ئەپەندى ۋە مەخمۇتجان ئەپەندى
ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇراخمانجان ئوڭدا
ئەلپىدا يۇمشاق دېتال خىزمەتخانىسىنىڭ مەسئۇلى – تۇرغان ئوتتۇرىدا
كۇچا ناھىيە دانىش كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ مەسئۇلى – ئابلىكىم
يادىكار شىركىتى 6 يىلدىن بۇيان ئېلېكترون ، تور قۇرۇلۇش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتقان تېخنىكىنى ئاساس قىلغان
سودا شىركىتى بولۇپ ، تور قۇرۇلۇشى ، يۇمشاق دېتال ، ئېلېكترون ، كومپيۇتېر ، چەتئەل سودىسىنى ئاساس قىلىدۇ
قەشقەر ۋىلايىتىدە قۇرۇلغان يادىكار تارماق شىركىتى ۋىلايتنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىغا مال تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ .
سودا ئىشلىرىنىڭ ئالدىراش ۋاقىتلىرى بولغاچقا يادىكار سودا تورى بىر مەزگىل يىڭىلىنىش باسقۇچىدا تۇردى ، شۇ سەۋەپلىك يادىكار
توغۇرلۇق ئوخشىمىغان پىكىرلەر ھەم ئىنكاسلار پەيدا بولدى . ھازىر سودا تورى شىركەتنىڭ مۇھىم تىجارەت تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، ئۈزلۈكسىز ماللار قوشۇلىۋاتىدۇ . تورداشلارنىڭ يىقىندىن ماسلىشىپ ئۇيغۇر سودا تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىشىنى
قىممەتلىك پىكرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز .
سودا تورىنى ھەم شىركەتنى تېخىمۇ كىڭەيتىش قىلىش ئۈچۈن ، شىركىتىمىز ئوقۇش ئارزۇسى يۇقىرى ، بىلىمگە تەشنا بىر تۈركۈم ياشلارنى قوبۇل قىلىپ ، مۇنتىزىم يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ . قىسقا مۇددەتتە ساپالىق شىركەت خادىمى تەربىيلەپ
شىركەتتە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بىرىۋاتىدۇ .
شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ تەپسىلى ئەھۋاللارنى سۈرۈشتە قىلسىڭىز ياكى تور بىتىمىزدىن تەپسىلاتنى كۆرىۋالسىڭىز بولىدۇ
www.yadikar.com يادىكار سودا تورى
سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى چىكىپ كۆرۈڭ
[ بۇ يازما خىسلەت تەرپىدىن2008-11-30 00:37دە قايتا ت ]