mtv تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
بۇ بەتتىكى تېما: سەلكىن شىركىتى ، سەلكىن تور بېكىتى ئۇقتۇرۇشى IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 2860 قېتىم كۆرۈلدى
سەلكىن
سەلكىن تورى ، ئالغا!!!
ئالاھىدە تۆھپە مۇنبەر باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : مۇنبەر باشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 29
يازما سانى : 181
شۆھرەت: 17586 كىشىلىك
پۇل : 56548803 سوم
تۆھپە: 1012 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 960 نۇمۇر
قوللاش: 516 نومۇر
ئالقىش: 1142 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-09

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 سەلكىن شىركىتى ، سەلكىن تور بېكىتى ئۇقتۇرۇشى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما سەلكىن تەرپىدىن (2008-11-28)دە نادىرلاندى
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم سەلكىن مۇنبىرىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى ،ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا يىتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان قۇربان ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭقۇر سالام يوللايمەن ! ھەممەيلەننىڭ تىنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا بەخت ، ئىشلىرىغا ئۇتۇقلار يار بولسۇن !!
ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك ، سەلكىن توربېكىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەزالارنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى ئاستىدا كىچىكلىكتىن  زورىيىپ نۇرغۇنلىغان تورداشلارنى ئۆز ئەتراپىغا يىغدى ، ھەم سەلكىن تور بېكىتىگە ئىخلاس قىلغۇچى تورداشلارنىڭ ئايرىلالماس بىر سۇرۇنى بولۇپ قالدى.شىنجاڭنىڭ ھەر جايلىرىدىن تورغا چىقىۋاتقان تورداشلار ئۆز-ئارا تونۇشۇش ، پىكىرلىشىش،سەلكىن توربېكىتى ۋە  مۇنبىرىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇش مەقسىتىدە تورداشلار ئۇچرىشىشى ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ ، مەۋھۇم دۇنيادىكى سەلكىنداشلاردىن رىئال دۇنيادىكى سەلكىن قېرىنداشلىرىغا ئايلاندى. سەلكىن شىركىتىدىكىلەر بۇ خىل پائالىيەتلەرگە بەزىدە يىراقتىن تەبرىكلەپ،بەزىلەردە شىركەت خادىملىرى ئۆزلىرى قاتنىشىپ ھەر قايسى ئەزالارنىڭ سەلكىن توربېكىتىگە بولغان پىكىر-تەلەپلەرنى ئاڭلاپ كىلىۋاتىدۇ، ھەم بۇنىڭدىن كىيىنمۇ شۇنداق بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز . ئەمما ، مۇنبىرىمىزدىكى بىر قىسىم ئۇچرىشىش ، خەيىر - ساخاۋەت ئىشلىرى ۋە باشقا پائالىيەتلەردە بىر قىسىم مەسىلىلەر كېلىپ چىقىپ ، سەلكىن شىركىتىدىكى خادىملارنى ۋە ئىشلاردىن خەۋەردار سەلكىنداشلارنى ئاز - تولا ئەندىشىگە سېلىپ قويدى ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى :

1- سەلكىن شىركىتى خادىملىرىنىڭ رۇخسىتى ئېلىنمىغان ياكى ئەمەلىي ئەھۋالى ، مەقسىدى سەلكىن شىركىتى خادىملىرىغا ( شىركەت مەسئۇلى سەلكىنگە ) تەپسىلى تونۇشتۇرۇلمىغان ھەرقانداق مەزمۇندىكى سەلكىن توربېكىتى ئەزالىرىنىڭ تورداشلار ئۇچرىشىشى ، خەيىر - ساخاۋەت پائالىيىتى قاتارلىقلار بىردەك سەلكىن شىركىتى ۋە تور بېكىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ ، سەلكىن شىركىتى ۋە توربېكىتى نامىدا ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ . مۇشۇنداق ئۇچرىشىش ياكى پائالىيەت جەريانىدا كېلىپ چىققان ھەرقانداق ئاقىۋەتكە شۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلار ئۆزلىرى مەسئۇل بولىدۇ .

2-سەلكىن شىركىتى تەكشۈرمىگەن، ئېنىقلىمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھەر قانداق شەخىسنىڭ ياكى ئۇرۇننىڭ ، سەلكىن مۇنبىرىدە مۇراجئەتنامە ، ئىئانە توپلاش پائالىيىتى مەزمۇنىدىكى تېمىلارنى يوللىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ . تەكشۈرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا يوللانغان مۇشۇ مەزمۇندىكى تېمىلارنى تەستىقلىغان ھەر قانداق مۇنبەر باشلىقى ۋە باشقۇرغۇچىنىڭ مۇنبەردىكى ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.بۇ خىل مەزمۇندىكى تېمىلارنى يوللىماقچى بولغانلار سەلكىن شىركىتىدىكى خادىملار   ( شىركەت مەسئۇلى سەلكىن، شىركەت خادىملىرىدىن ئىشەنچ،خۇشخۇي،ئەلقۇت ) بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ خادىملار تەپسىلى تەكشۈرگەندىن كىيىن يوللاشقا بولىدۇ .

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلدى !

بارلىق سەلكىن توربېكىتى مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ، ئەزالىرى ۋە مېھمانلىرىنىڭ خىزمىتىمىزنى يېقىندىن قوللاپ ، ماسلىشىپ بېرىشىنى ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بىزگە ئىنكاس قىلىپ تۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمىز .


سەلكىن شىركىتى ، سەلكىن تور بېكىتى

2008 - يىلى 11- ئاينىڭ 28 - كۈنى

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+5(padixa51) ياخشى تەكلىپ
  • ياخشى باھا:+20(ئـۇيغۇر) قوللايمىز ... !
  • شۆھرەت:+1(زۇلپۇقار) قوللايمىز
  • شۆھرەت:+1(ئابدۇقادىر) قوللايمەن!
  • blog.salkin.cn
    سەن كۈلسەڭ پۈتۈن دۇنيا كۈلىدۇ، سەن يىغلىساڭ دۇنيادا بىر سەنلا يىغلايسەن . ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقۇزايلى !!
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-28 22:09 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » سەلكىن تورى پىكىر ساندۇقى


    Time now is:12-10 13:06, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation