بىر تورداشنىڭ سۇئالى:
yd0=h7s مەن ئۆزەمنى كىسەل بېسىۋالغاندەكلا ھېس قىلىمەن . ئىمىنۇت كۈچۈم ئىنتايىن تۆۋەن بۇيىل 24 ياش ئۇغۇل . 56 كىلوگىرام
oRT ئۆزەم كومپىيۇتېر خادىمى كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇش ۋاقتىم 10 سائەتتىن ئېشىپ كىتىدۇ .
"o^bN 9= ئالامەتلىرىم :
@O}IrC!bf ھاۋا ئازىراقلا سوۋۇپ بولغۇچە دىماقلىرىم پۈتۈپ كىتىدۇ زۇكام بولۇپپ قالغان ئادەمدەك مىچىلداپ كىتىمەن . ئەستە تۇتۇش قابىلىيىم ئىنتايىن ناچار . بەك كۆپ خىيال قىلىمەن( ھەممىسى ئاقمايدىغان خىيال بەزىدە خيال قىلىۋېتىپ كۈلۈپمۇ سالىمەن دە دەرھال ئەتراپىمغا قاراپ بىرەرسىنىڭ كۈرۈپ قالغان قالمىغانلىقىغا دىققەت قىلىمەن ) جىىق يول ماڭالمايمەن بولمىسا تەرلەپ سۇ سۇ بوپ كىتىمەن ئەما سېمىزمۇ ئەمەس . سوغۇقۇم ئېشىپ كەتتىمىكىن دېسەم تۇلا ئىىسقىم ئېشىپ كىتىدۇ . كچىدە پۇتۇمنى ئۇزۇن سۇنۇپ ياتسام بېلىم شۇنداق تېلىپ كەتكەندەك بۇلۇپ كىتىدۇ( بەزى بەزىدە ، جىقراق ھەركەت قىلغان كۈنلىرىدە ) . كىتاب كۆرسەم كۆزۈم چىڭقىلىپ سەل ياش چىققاندەك بۇلىدۇ . ئىھتىلام بولۇش قتېىم سانى 2-3 ئايدا بىرەر قېتىم ، ئەرلىك ئەزا كىچىك . ئاستى تەرلەيدۇ (بۇرۇن دىققەت قىلماپتىكەنمەن نۇرمال ئىش ئوخشايدۇ دەپ لىكىن يازمىلىرىنى ئۇقۇسام ئۇ نۇرمال ئەھۋال ئەمەسكەن . ) تۇلا زۇكام بۇلىمەن . چېچىم چۈشۈۋاتىدۇ . يەنە مۇشۇ 1-2 ھەپتىدىن بۇيان بەكلا قالايمىقان چۈشلەرنى كۆرۈۋاتىمەن ئەتىگەندە قوپسام بىرسىمۇ ئېسىمدە يوق ھەم ئىنتايىن چارچاپ كەتكەندەك ھىېس قىلىمەن . ئادەتتە 11 لەردە ئۇخلايمەن ئەمما ئەتىگەندە پەقەتلا ئەتىگەن قۇپالمايمەن بۇ ئۆزەمنىڭ ھورۇنلىقىمدىن ئەمەس بەلكى پەقەتلا كۆزۈمنى ئاچالمايمەن بالدۇرراق قوپاي دېسەممۇ ماغدۇر يوق ، ئويغانغان ۋاقتىممۇ ئىنتايىن روھسىز .
-!'Oy%a# ?$30NK3G مەن زادى كېسەل چىرمىۋالغان بىر بەندىمۇ ؟ مەن ئەمدىلا 24 كگە كىرگەن تۇرسام نىمىشقا بالدۇرلا قېرىلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ؟
95.qAFB1 پىسخىكا جەھەتتىنمۇ ياخشىراق بىر مەسلىھەتكە ،داۋالاش جەھەتتىنمۇ ياخشى بىر داۋالاش ئۇسۇلى ۋە رىتسپىلىرىغا مۇھتاجمەن . ئوبدان مەنپەئەت قىلىدىغان دۇرىلار بولسا تەۋسىيە قىلسىلىرى ىوش بۇلاتتىم .
r,`Z.A (TT3(|v V]l&{hl, ri/t(m^{W جاۋاب: كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇش ھەر قايسى جەھەتتىن ئادەمنى ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ، زېھنى قۇۋۋەت ئاجىزلىشىپ ئۇنتۇغاق بولۇپ كېتىدۇ، جىسمانىي جەھەتتە ئاجىزلىشىپ قېرى ئادەملەردەك پۇت-قولى ماغدۇرسىزلىشىپ كۆزنىڭ نۇرى خۇنۇكلىشىدۇ، شۇڭا كۈندۈلۈك ئولتۇرۇش ۋاقىتلىرى 4-5 سائەتتىن ئارتۇق بولۇپ كەتمىسۇن، ياش جانلىرىنى ئايىسىلا دەي دېسەم ئۆزۈممۇ ئەمەل قىلالمايدىغان بىر ئىشنى سىلىگە تەۋسىيە قىلغان بولۇپ قالىمەن. ھاھاھا ...مەنمۇ ئاخشاملىرى بىر كەچكىچە كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ تورداشلارنىڭ تور بېتىمگە يوللىغان سۇئاللىرىنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ چىقىمەن، ئاندىن جاۋاب يېزىشقا تۇتۇش قىلىمەن، باشقا مەشغۇلاتلار دېگەنلەر بىلەن كۈندۈلۈك كومپيۇتېر ئالىدىدا ئولتۇرۇش ۋاقتىم مېنىڭمۇ 8 سائەتتىن ئىشىپ كېتىدىكەن. ( سىلى بىلەن بىردەم مۇڭدىشىپ قالدۇق ئەمدى ، مەنمۇ سىلىگە بىردەم دەرت تۆكەي...) 3-4 ئاينىڭ ئالدىدا كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇش سەۋەبلىك كۈندە چۈشتىن كىيىن بېشىم ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدىم، ئازىراقلا يۆتەل، ياكى چۈشكۈرۈك كەلگۈدەك بولسىغۇ ئىشىم تۈگىدى دېسەم بولىدۇ- بېشىم پارتىلاپ كېتىدىغاندەك ئاغرىپ كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇ ۋاقىتتىمۇ مۇشۇ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇش سەۋەبلىك چارچاپ كەتكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرساممۇ ئىشتىن بىكار بولساملا تورغا چىققۇم كىلىدۇ، بىردەم ئولتۇرساملا يەنە شۇنداق ئاغرىق كىرىپ جاننى قىينىۋەتتى. بۇ ئەھۋال شۇ تەرىقىدە 15 كۈنچە داۋام قىلغاندىن كىيىن ( ھۈنەرۋەن ئۆزىگە چىقىنماس دېگەندەك شۇ ۋاقىتقىچە دورا ئىچىپ باقمىدىم ھا ھا ھا ) بولمىدى دەپ ئىمكان بار كومپيۇتېرنى ئاچمىدىم.
c[(yU#@ ئاچقان ئەھۋالدىمۇ يېرىم سائەتلەردىن ئاشقاندا ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىردەم سىرتلارغا چىقىپ ياكى قەھۋە دەملەپ ئىچىش ، كىچىك تەرەتنى بەك ساقلىماي ۋاقتىدا ھاجەتكە بىرىش ، ۋاقتىدا ئۇخلاش، سەھەر تۇرۇپ چىنىقىش، ناشتىنى بەلەن قىلىش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ كومپيۇتېرنىڭ ماڭا ئىلىپ كەلگەن زىيانلىرىغا قارىتا بىر يۈرۈش مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيتىمدە كۆرسەتتىم.
?8Hn{3X رەيھان جەۋھىرىدىن بىرەر قاپ ئىچىپ بەردىم .
G"G{AS يەنە بىرسى ئۈرۈك مېغىزىنىڭمۇ پايدىسىنى كۆردۈم. تورغا چىققاندا ئۇششاق-چۈششەك بىر نېمە يېگۈم كىلىپ قالسا بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچكەچ ئۈرۈك مېغىزىدىن 20-30 تال يەپ بىرىمەن. ماتېرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە قەھۋە بىلەن ئۈرۈك مېغىزنىڭ راداتسىيگە قارشى تۇرۇش تەسىرى كۆرنەرلىك ئىكەن. ئۈرۈك مېغىزى راكنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن، ھەم بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىكەن.
IV)^;i مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ بېشىمنىڭ ئاغرىقى ساقىيىپ قالدى. بوينۇم تالمايدىغان بولۇپ ئۇيقۇمنىڭ سۈپىتى كۆرنەرلىك ياخشىلاندى.
[GtcaX{Zz سىلىگە دېسەم ئۇ ياخشى ئادەتلىرىمنى يېقىندىن بىرى يەنە سەل قاراپ ( مۇشۇ تور بەتنى ئاچقاندىكىن چىدىماي بولمىدى دە ھى ھى ھى..) كومپيۇتېر ئالدىدا بەك ئىشلەپ كېتىۋاتىمەن. شۇنىڭ بىلەن تولا چۈش كۆرىدىغان، ئۇيقۇغا قانمايدىغان، چۈشۈمدىمۇ مەندىن بىر كىم تېببى مەسلەھەت سوراپ دېگەندەك شۇنچە كۆپ چۈشلەرنى كۆرۈپ ئۇيقۇمنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمايۋاتىدۇ. ئۆتكەندە 7-8 كۈن سەيلى ساياھەت بىلەن كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرماپتىم، بەدەنلىرىم باشقىچە يەڭگىللىشىپ، ھېس-تۇيغۇلىرىم شوخلىشىپ ، ئۇخلاپ قوپسام راۋۇرۇس ھاردۇقۇم چىقىدىغان بولۇپ زېھنىم تېتىكلىشىپ كەتكەن ئىدى.
BhqhyX\D&y قارىشىمچە ئۇيغۇر تېبابەت نەزىريىسى بويچە ئېيتساق مۇشۇ جېسمى سۇلياۋ بىلەن تۆمۈردىن پۈتۈلگەن كومپيۇتېر دېگەن << بۇدۇشقاق >> نىڭ تەبئىتى << ئۆتكۈر دەرىجىدە سوغۇق >> بولۇپ بەدەندىكى قۇۋۋەتنى يالماۋۇزدەك شورايدۇ. كاۋاپ ، گۆش-پولۇلار بىلەن خىلى بەك قۇۋۋەتلىك غىزالانسىڭىزمۇ جېسمىڭىزدا ئەتتىگىنى زاغرا ناندا چاي ئىچىپ كەچكىچە ئېتىزدىن كىرمەيدىغان دېھقانلىرىمىزچىلىك قۇۋۋەتلىك ئەمەسمىز.
*D\0.K,o سەۋەبىنى يۇقۇردىمۇ دەپ ئۆتتۇق . يەنە تۆۋەندىكىچە يېغىنچاق بايان قىلىمىز!
Vh 2Bz 1.كومپيۇتېر ئالدىدىكى كۈندۈلۈك مەشغۇلاتىمىز ئىمكان بار 5-6 سائەتتىن ئىشىپ كەتسە بولمايدۇ.
J$1j-\KS 2.ئانچە -مۇنچە بەدەن چىنىقتۇرۇپ بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىپ قان-تومۇرلارنىڭ راۋان بولىشغا كاپالەتلىك قىلمىساق گېمىروي ( بوۋاسىر ) ، ۋە باشقا كېسەللەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
EYA/CI 3. ئۈچ ۋاقىت تاماققا تولۇق ئەھمىيەت بىرىپ قۇۋۋەتلىك غىزالانماي بولمايدۇ.
d/l,C4p 3. ئۇيقۇنى ۋاقتىدا ئۆلچەملىك ئۇخلىمىساق بالدۇر قېرىپ كېتىشتىن ساقلىنالمايمىز. چاچ چۈشۈپ پاينەكباش بولىدىغان، ئەرلىك ئىقتىدارىمىز تايىنلىق بولۇپ قالىدىغان بولۇپ قالمايلى يېگىتلىرىمىز!
`Ac:f5a 4. كۆزنى ئاسىراش ئۈچۈن، نېرىپلارنىڭ زىيادە چارچاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن زەپە، ئارپا بەدىيان، لاچىندانە دېگەندەك خۇشپۇراق دورا-دەرمەكلەردە چاي ئىچىپ بىرىش كېرەك.
6hp{,8|D"m تاماكا چەككەننىڭ ئورنىدا ئانچە-مۇنچە قەھۋە ئىچىپ بىرىڭ!
Vre=%bGw 5. كىچىك تەرەتنى كۆپ ساقلاپ بۆرەك، مەزى بېزى، دوۋساق ۋە باشقا ئومومىي ئەزالارنىڭ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىپ قىلىشىدىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەڭ!
' Q\ @19 ئىشقىلىپ ئىشلەشنىمۇ، ئارام ئىلىشنىمۇ، ئۆزىمىزنى ئاسىراشنىمۇ بىلىشىمىز كېرەك!
a|U}Ammr بۇرادەر سىلىگە تەن ساقلىق يار بولغاي!
FQ U\0<5 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى
http://www.80halta.com )^&,Dj بېتىمىز يېڭىلىقلىرى:
kQy&I3 ئاۋاز غاراڭ-غۇرۇڭ بولغانغا قانداق رېتسىپ بار؟
%06vgjOa ( كۆپ قېتىم شەھۋەت قوزغىلىش سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ؟...
B "*`R!y ئايالنىڭ جىنسىي يۇقۇرى پەللىگە چىقىشىدا ئەر ياردەم...
`%oIRuYG]j كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇردىغانلار نېمىلەردىن ...
+tIz[+u سېمىرىشنىڭ قانداق ياخشى چارىلىرى بار؟
vu<#wW*9 <<چۇمادو>> نىڭ زىيانكەشلىكىدىن قانداق قۇتۇلغىلى بو...
~\[?wN بالىياتقۇ بوينى راكى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
I(n }<)eF قېتىقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
x/xb1" كېچە سائەت 2-3 لەردىن كىيىن باش قاتتىق ئاغرىشقا قا...
qU -!7=}7 مىنېرال ماددا تۆمۈرنىڭ ئارخىبى
g_vm&~U/' 80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى
http://www.80halta.com[ بۇ يازما بىرزات تەرپىدىن2008-11-26 12:27دە قايتا ت ]