ئاپتۇر :
ئەختەم ئۆمەر
ئۆتكەن ئەسىرلەردە كونسوللار ماڭىدىغان ، مەخپى ساقچى ، پايلاقچى – ماراقچىلار تۆت كۆز بۇلۇپ پايلاپ تۇرىدىغان سۈرلۈك كۇچىلار بۈگۈنكى كۈندە يەر يۈزىدە كەم تېپىلىدىغان ئاۋات بازار كۇچىسىغا ئايلانغانىدى . بۇ كۇچا ئانچە ئۇزۇن كۇچىمۇ ئەمەس ، بەك قىسقىمۇ ئەمەس . كۇچىنىڭ كەڭلىكى بەش غۇلاچ ، ئۇزۇنلۇقى تىنچ چاغدا بىر ئۈن يىتىم ، قاينىغان چاغدا بەش ئۈن يىتىمغا ئۇزىراپ ، ئازادە چاغدا بەش مىنۇت ، قىستاڭ چاغدا 15 مىنۇتتا چىقىدىغان ، ئۇزىراپ قىسقىراپ ، سەمىرىپ – ئۇرۇقلاپ تۇرىدىغان رىزىنكىدەك كۇچا . ئۇ ئالدى بىلەن يول ، يول بولغاندا ئوڭغىمۇ ماڭغىلى سولغىمۇ بولىدىغان ، ماشنىلار نەنى خالىسا شۇ يەردىن قايغىلى بۇلىدىغان يول . مانامۇشۇنداق ماشىنىلارغا بېرىلگەن ئىمتىياز باشقا ھەر قانداق يولدا يوق . ئاندىن ئۇ ماشىنا توختاش مەيدانى ، ئاندىن پىيادىلەر يۇلى ، ئاندىن باققالارنىڭ باغنىڭ خامىنىدەك بازىرى ، ئاندىن يىپ – يىڭنىدىن تارتىپ ئىشتان – پايپاق ، ھەسەلدىن تارتىپ زەھەرگىچە ھەممە تەل بازار . ئاندىن ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئەڭ سەرخىل ئاشپەز – ناۋايلىرى دۇكان ئاچالايدىغان داڭلىق تاماقلار بازىرى . يول ، ئاشپەز بازىرى ، ماشنا توختاش مەيدانى پىيادىلەر يولى ، غالتەكلىكلەر يولى ئۆمۈچۈك تورىدەك بۇ كۇچىغا پاتقان . قارىسا تار ، ئەمما سۈت ، ھەم موزاي ھەم سامان ھەم بۇغۇز تىقىلغان بوغاز سۈت كالىسىنىڭ قورسىقىدەك بۇ كۇچىغا سىغقان نەرسە ھەر قانداق يۇغان خامان ، چوڭ يول ، چوڭ باغقا پاتماسمىكىن . مانا بۇ مۇشۇنداق مىھرى ئىسسىق ، تۇخۇ سۈتى بىلەن ئاتا – ئانىدىن باشقىسى تېپىلىىدغان كۇچا . يېڭىىدن ماشىنا ئالغان ئەخمەقلەر چىداپ تۇرۇپ ، بۇ كۇچىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سىگنال چېلىپ ، قىستىلىپ ، ۋارقىرتىپ ، ۋارقىرشىپ ، غادىيىپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئۈرۈمچىدىن ئالدىرسا توخسۇنغا ئالدىرمىسا فۇكاڭغا بارغىدەك ۋاقىتتا بۇ يەردىن مېڭىۋېلىپ خۇماردىن چىقىشىدۇ . ماشىنىسىنى توختىتۋېلىپ يول بۇيىدا لەغمەن بىلەن كاۋاپ يەۋېلىپ ، كېرىلىپ – كېكىرىپ ، يولدىن ئۆتكەنلەرگە ماشىنىسىنى كۆز – كۆز قىلىدۇ . بۇ كۇچىدىن قىسقا يوپكا كىيىپ ئۇزۇن پاچاقلىرىنى بازارغا سالىدىغان ، ئۆيدە توختىماي تىرناقتا توختايدىغان قىزلارمۇ ئۆتىدۇ . ئۇلار قېيىپ قالغان نۇرغۇن ياش ئەخمەقلەرنى ئاشۇ پاچاقلىرىغا باغلاپ ئەپكىتىدۇ . بۇرۇن مەيدىسىنى ، مەيدىسىنىڭ تۈكىنى كۆرسىتىپ ماڭىدىغان قىمارۋازلار ، مەھەللە نوچىلىرى ئورنىغا بوۋاقنىڭ كاسسىدەك يېرىمى ئېچىپ قۇيۇلغان كۆكسىنى لەڭپۇڭدەك لىغىرلىتىپ ماڭىدىغان ساھىبجامال سەتەڭلەر مەيدىسىدە مىڭ شەيتاننىڭ بەزمىسى ، كۆزلىرىدە مىڭبىر شەيتاننىڭ نەغمىسىنى قىلىپ ئۆتىشىدۇ . تارتىشقىنىدىن كاسسنىڭ ئېرىقلىرغىچە ئېنىق ھېسىپتەك ئىشتانلارنى كەيگەن قىز – جۇۋانلار تولغاپ تارتىشىپ ئۆتىشىدۇ . مانا بۇ قايناق كونسول كۇچىسى ، بىر كىم مەجبۇرى ئەپكىرىپ قىستاپ قويمىسىمۇ بىرىنچى يولنىڭ ئاپتۇبۇسىدەك كونسول كۇچىسى . ئۈرۈمچىگە كەلگەن ھەر قانداق جاھانكەزدى كونسول كۇچىسىغا بىر كەلمىسە ، بىر ئۆتمىسە ، بۇ يەردىن بىر يەپ كەتمىسە بۇ شەھەرگە كەلگىنى ھىساپ بولمايدىغان قىزىق ئاۋات كۇچا . كۆز تەگمىسۇن بۇنداق ئۆزى تار قوينى كەڭ ، قانۇنى يوق ئوڭ سولى يوق ، ئادەمنى ئەركىنلىكتىن بىزار قىلدىغان ، سەسكەندۈردىغان بۇ كۇچىغا . چۈنكى بۇ كۇچا كۈرمىڭلىغان ئىشسىزنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرغان ، نان تاپالمىغانغا نان بەرگەن ، يول تاپالمىغانغا يول بەرگەن ، ئاچ قۇرساققا ئاش بەرگەن ، تۇزى يوققا تۇز بەرگەن ، سۆزى يوققا سۆز بەرگەن كۇچا . ئاندىن بۇ كۇچا زېرىككەن ، بىكار تەلەپلەرگە بىكارلىق ئۇيۇن – تاماشا كۇچىسى . بۇ كۇچىدا ماڭسا ئادەم كۆرمىگەننى كۆرىدۇ ، ئاڭلىمغاننى ئاڭلايدۇ ، دېمىگەننى دەيدۇ ، يىمىگەننى يەيدۇ . ھەر سائەتتە كۇچىنىڭ ئۇ بېشىدا ، بۇ بېشىدا ، ئوتتۇرسىدا جېدەللەر ، تىللاشماقلار ، تارتىشماقلار بۇلۇپ تۇرىدۇ . << مۈشۈككە ئۇيۇن ، چاشقانغا قىيىن >> دېگەندەك بىكارچىلار بۇ پۇلسىز تاماشىنى تازا ھۇزۇرلىنىپ ، توۋا دەپ، ئىزا تارتىپ ، تېلىقىپ تۇرۇپ كۆرىشىدۇ . ئۇرۇن تالىشىپ ، يول تالىشىپ ، دەسسەپ سېلىپ ، قىستىلىپ كېتىپ ، ماشنىسى جىجىلىپ كېتىپ بولىدىغان جېدەللەردىن دېمىگەن ، ئاڭلىمىغان گەپلەر ئاڭلىندۇ ، تۇغۇلمىغان ئىشلار تۇغۇلىدۇ .
كۈندە ئاز دىگەندە بىر ئۈتىدىغان بۇ كۇچىنىڭ جېدىلى ماڭا يېڭىلىق تۇيۇلماس بۇلۇپ كەتكەنىدى . ئەمما بۈگۈنكى جېدەل يېڭى ھەم غەلىتە جېدەل بۇلۇپ ، بۇ جىدەل بۇ ئازاپ ، بۇ ئاھانەت ماڭا يېڭى تاماشا ، تىياتىرنىڭ يېڭى پەرىدىسىدەك كۆرۈندى ، ئاڭلاندى . بىر – بىرىدىن چىرايلىق ، مودا ، كەم كۈرۈنىدىغان ئېسىل سۈپەت ئىككى قىز بىر – بىرى بىلەن تەرتىشىپ ئۇرۇشقىلى تۇرۇپتۇ . ئۈرۈك ساتىدىغان ياش باققال بالا ئۇلارنى ئاجرىتالماي ئاۋارە . ئۇلارنىڭ جان – جەھلى بىلەن تارتىشىپ ، سۆرۈلۈشلىرى ئىچىدە ئۇ بالا ئىككى قىزنىڭ مۈرىسىگە ئېسۋالغان قىممەت باھالىق نازۇك سومكىسىدەك پۇلاڭلاپ قالغان ئىدى . چۈنكى ، قىزلار بىر – بىردىن تەتۈر ئۇستىخان ، يۇغان ، ئوغۇل بالا بولسا قۇناق شېخىدەك ئۇرۇق ، ئاۋارە ئىدى . بىر قاراشتا ئوغۇل بالا بىر – بىرىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان سىمىز قىزلارنىڭ سول يۇتىسىدەكمۇ كەلمەيدىغاندەك تۇراتتى . بۇ قىزلار ئالتۇن يامبۇدەك سېرىق ، چىرايلىق پىشقان باققال ھارۋىسىنى ئايلىنىپ ئۇرۇشۇپ ، تارتىشىپ ، ئاخىرى قوغلىغىنى قاچقىننى تۇتىۋېلىپ شۇ ئارىدا ھارۋىنى ئۆرىۋەتتى . ئۆرۈكلەر يەرگە تۈكۈلۈپ باغدا تۆكمە بولغاندەك يېيىلىپ كەتتى . دائىم يۇندا – يۇقۇندا ، سېسىم شىلىمشىقلاردىن نېرى بۇلالمايدىغان كونسۇل كۇچىسىنىڭ تىنىق ، بىكار قالمايدىغان كوچىسىغا ئالتۇندەك ئۆرۈكلەر چېچىلىپ يېيىلدى ، ماشنىلار دەسسىدى ، ئادەملەر ئالدىراشچىلىقتا دەسسەپ چەيلىدى . چىرايلىق ئۆرۈكلەر يېرىم يۈزى لاي ، يېرىم يۈزى پارقىراق ھالەتتە دەسسىلىپ سېرىق لايغا ئايلاندى . ئادەملەر ، ئۆتكەن – كەچكەنلەر دەسسەيدىغان يەر تاپالماي دەسسىلىپ كەتتى . باققال بالا ھارۋىنى يۆلەپ ، ساق قالغان ئۆرۈكلەرنى ئۈلگۈرگىنىچە تېرىشكە باشلىدى . يۈرىكى يۇمشاق ، ئاق كۆڭۈل كىشلەر ئۆرۈككە ، باققالغا ئىچ ئاغرىتقانلارمۇ ياردەملىششكە باشلىدى . ھېلىقى قاچقان قىزمۇ خىجىلچىلىقتا يەرگە تىزىلىپ تۇرۇپ ئۆرۈكلەرنى تېرىشكە تۈتۈندى . قوغلىغان قىز تېخىمۇ غەزەپكە كىلىپ ئۆرۈك تېرىۋاتقان قىزنىڭ چېچىدىن تولغاپ تۇرۇپ سۆرىدى .
- تۇرە ئورنۇڭدىن ! ھۇ ھار ئالماس ، ئۇيالماس ، نۇمۇسسىز پاسكىنا ......
ئۇنىڭغىچە ئۆرۈك تېرىۋاتقان قارامتۇل ، سامان تىققان تاغاردەك سېمىز ئايال ۋارقىرىدى :
- ھەي نىمانداق ئەۋزەيلەپ ھەدىڭىزدىن ئاشىسىز . بۇ قىز بالا بىكار تورسا تىللاپ ، قوغلاپ ، باققالنىڭ ھارۋىسىنى ئۆزىڭىز ئۆرىۋەتتىڭىز ، مانا ئەمدى قۇپاپ ما قىز بالا خىجالەتچىلىكتە باققالنىڭ ئۆرۈكىنى تىرىشىپ بېرىۋاتسا ، خددى ئىشەك ئۆلسە كۈتى غىجەك تارتقاندەك يەنە نىمىشقا بۇ قىز بالىنى ئىتتنى سىلكىگەندەك سىلكىپ تارتىسىز . ئەسلى ئۆرۈكنى ئۆرىگەن ئادەم سىز تۇرۇپ ، يەنە سىزگە نىمە يۇغانچىلىق بۇ ، قۇيىڭە بۇ قىزنىڭ چېچىنى ؟!
- ئو .... ھوش ، ئۆتەپ بېرىڭە ، ئۆزۈمنىڭ ئىشى .
- نەگە ئۆتەپ بارىمەن ، باياتتىن بېرى قىلغان بىشەملىكىڭىزنى ماۋۇ قىز بالا كۆتۈرگەن بىلەن مەن كۆتۈرمەيمەن . چېچىنى قۇيۋېتىڭ ، بولمىسا مانا ئەمسە چاچنى تولغاپ تارىتقان دەپ ، مەن سىزنىڭ چېچىڭىزنى ئېلىپ سوۋان توۋىڭىزنى بەرمەي يەنە .
- بۇ دىگەن مىنىڭ سىڭلىم ، ئۇرسام تايىقىم تىللىسام تىلىم ئۆتىدۇ ، ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا سىز ئارلىشۋالمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ! ....
- سىڭلىڭىز بولسا كونسول كۇچىسىغا كېلىپ باققالنىڭ ھارۋىىسنى ئۆرىمەي . ئۈيىڭىزگە بېرىپ ئۇرۇشامسىز تىللىشامسىز ، ئۆيىڭىزدىكىلەرنى ئۆرەمسىز ، چۆرەمسىز ، جىدىلىڭىزنى ئۆيدە قىلىشمامسىز ، مۇشۇ بىر ھارۋىدىكى ئەسكى – تۈسكىگە تايىنىپ ئاران جېننى جان ئىتىپ ، كۈننى كۈن ئېتىپ كېتۋاتقان باققالغا ئازار سالماي .....
- ئەجەپ ئوبدان گەپ قىلدىڭىز ، بۇ گىپىڭىزنى ماۋۇ گەپ ئاڭلىمايدىغان يۈزى قېلىن ، قاغىش قېپى سىڭلىمغا دەپ بېرىڭە ، ئۇ مەن بىلەن ئۆيگە كەتسە ، مەن ساراڭما كۈپ – كۈندۈزدە كۇچىدا خەققە تاماشا قىلىپ بېرىپ جىدەل قىلغىلى . بۇ پاسكىنا ، ئەقلى يوق ، ئاتا – ئانامنى قاقشىتىپ، قان يىغلىتىپ ، ئۆيگە بارغىلى ئۇنماي ، مۇشۇ كۇچىدا ماۋۇ ئۆزىدىن بەش – ئالتا ياش كىچىك باققال شۇمنىڭ ھارۋىسىنىڭ كەينىدە لالما ئىتتەك ئەگىشىپ يۈرۈيدۇ . دادام بىلەن ئاپام بىچارىلەر ئۆيدە قان – قان يىغلاپ ئولتۇرىدۇ . مۇشۇ پاسكىننىڭ دەردىدە داداممۇ ، ئاپاممۇ كېسەل بۇلۇپ كەتتى . مۇشۇ پاسكىننىڭ ئىشى تۈپەيلىدىن ئۇلار تۆت مەرتەم جىددىي قۇتقۇزۇشقا كىرىپ قېلىپ ئاران قۇتقۇزۋالدۇق . مانا ئەمدىلا جىددىي قۇتقۇزۇشتىن چىقا – چىقماي ماۋۇ داپ يۈز يەنە ماۋۇ ئالتە شەلىك يالاڭتۆش ، پىتلىق باققالنىڭ يېنىغا كېلۋاپتۇ .
- ئو...ھوش ، مانا ئامدى ئاتا – ئانىسىغا زۇلۇم سالغان سىڭلىىسغا نەسىھەت قىلىپ ، ئاتا - .انىىسنى قاقشاتماسلىققا نەسىھەت قىلاي دەپ تۇرسام ئالتە شەلىك دەيدا . ھە ئەلتە شەلىك يالاڭتۆش نامرات بولسا نىمە بوپتا . ئالتە شەلىك كۆكپىتنىڭ پىتى سىڭلىڭىزغا تېتىپ قاپتىكەن شۇڭا چاپلىشۋاپتا ، قانداغ . سىز بى قايسى ئەرشى ئەلادىن چۈشكەن تېپىلماسنىڭ خورمىسىمىىدىڭىز ھە ؟ ! نىمە دەيدا ماۋۇ سېرىق ئاش بىلەن لازىنى تۇلا يەپ ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتەپ قالغان ، مىڭىسىنىڭ قېتىقى سېرىق ئاش ، لازىغا چىلىشىپ كەتكەن ، ئىشەك كۆشىگەندەك رىزىنكە چايناپ ئاخىرىدا يەل پاخپاق ئاتمىسا كۆنەلگۈسى ئۇيىمايدىغان دىنسىز ئۈرۈمچىلىك . ئۈرۈمچى شە بولغىلى ئەمدى ئىككى يۈز يىل بولغان قار ياغاچلىق توقاي جۇمۇ ، ئالتە شە ۋاقتىدا ئۈرۈمچىدە قار ياغاچ بىلەن سېغىزخاندىن باشقا ئىنىس – جىن يوقتى جۇما ۋاييەي ، ئاتا – ئانىڭىزنى دەڭ ، قىزى ئالتە شەلىك باققالغا ئاشىق بولغان بولسا ، ھەر نىمە بولسا قىزىمغا ئەر چىقىپتۇ دەپ بۆكىنى ئاسمانغا ئاتسۇن . ئالتە شەدە بولسا ئالتىنى تۇغۇپ بۇلىىدغان قىسىر ئىنەكنى سېسىتىپ ئولتۇرغۇزىۋەرمەي ، ئەر چىققانغا خوش بۇلۇپ ۋاقتىدا بېرىۋەتسۇن . ئەتە – ئۆگۈن سۆڭىكى قتىپ ئەر تېتىماس بولغاندا ئەرگە بەرسە ، ئېرىدىن ئاجىرشىپ ھاراقكەش ، تۇلا ختۇن بۇلۇپ ئولتۇرىدۇ ئاندىن .
- مىنىڭ سىڭلىمنىچۇ دادام بىلەن ئاپام يىگىرمە نەچچە يىل جاپا تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە ئۇقۇتقان ، ھازىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىسى . ئويلاپ بېقىڭلار خالايىق ، ئۆزى ئالىي مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىسى تۇرۇپ ئۇقۇمىغان ، ئۆزىدىن كىچىك ئۇقۇغۇچىدەك نامرات ، ئىشسىز كۇچىدا سەرسان – سەرگەردان بۇلۇپ تۇرارغا ماكانى يوق بىر باققالغا تېگىمەن دەپ تۇرۋالسا ، ئاتا – ئانىسىنى زار – زار قاقشاتسا بۇلامدۇ ، ھە ؟
-سىڭلىسىنىڭ چېچىدىن تۇتۋالغان چوكان يىغلاپ كەتتى .
-بۇ .......بۇ .....بولماپتۇ .
_ ئىككىسى ئىككى دۇنيانىڭ ئادىمىكەن .
بىر – بىرىگە كۆڭلى چۈشۈپ قالسا نېمدىگۈلۈك ، << كۆڭۈل ياتقان يەردە ئىت ياتماپتۇ >> دىگەن شۇ .
_ شۇنداق بولسىمۇ ئاتا – ئانىسىنى قاخشاتسا بولمايدۇ – دە ئاتا – ئاننى رازى قىلىپ تۇرۇپ ئاندىن بىر ئىش قىلىش كېرەكتە . ھەر ئىشنىڭ ئۆز يۇلى ، ھەر ئادەمنىڭ ئۆز خىلى باردە . بۇ قىزمۇ ، ماۋۇ باققالمۇ ئۆز خىلىنى تېپىشى كىرەكتە .....
تاماشىچى بىكار تەلەتلەر غۇلغۇلا قىلىشتى .
_ ئاڭلاڭلار خالايىق ماۋۇ سىڭلىم دىگەن پاسكىنىغا نى – نى باشلىقلارنىڭ ھەر دېرىكتور ، دوكتۇر ، ھەر جۈجاڭ ، چۇجاڭلارنىڭ ئىسىل باللىرى لايىق چىقتى . بۇ ئەقلى يوق پاسكىنا ھىچقايسسىغا ئۇنماي << تاللاپ – تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ >> دەپ ماۋۇ جۇگۇسا ئىشتىنى چۈشۈپ قالىدىغان باققال شۇمنى تاپقىننى . بۇ پاسكىنا سىلەرنىڭ قىزىڭلار سىڭلىڭلار بولسا قانداق قىلاتتىڭلار ؟!
چوڭ ياشلىق بىر ئادەم ئالدىغا چىقتى .
ھوي قىزىموي ، سىلەر ئۇقۇغان ، بىلگەن تېگى ئوبدان ئادەمنىڭ باللىرىدەك قىلىسىلەر ، ئۆزۈڭلارمۇ شۇنداق قىزلاركەنسىلەر ، ماۋۇ كۇچىغا كىرۋېلىپ قىلۋاتقان ئىشىڭلار سىىلەرگە پەقەت ياراشماپتۇ ، سۈپەت سالاپىتىڭلارغا چۈشمەپتۇ . ھەر ئىش بولسا ، ھەر گەپ بولسا ، بۇ كونسول كۇچىسىغا ، بازارغا چىقىپ چاۋاڭلارنى چىتقا يايماي ، << قول سۇنساڭ يەڭ ئىچىدە >> ، گەپ بولسا چىرايلىقچە ئۆيگە بېرىپ دىيىشىڭلار ، بۇلامدۇ . نىمە قىلىمىز ئاچچىق ئۈچەيدىكىلىرمىزنىمۇ بازارغا سېلىپ ، سازايى قىلىپ ، ئۆزىمىزنىڭ قەدىر – قىممىتىنى يەرگە ئۇرۇپ . ھە ماقۇلما چىرايلىق قىزلىرىم .
- بۇ داپشاق ، بۇنداق چىرايلىق گەپنى ئاڭلامدۇ . ئاڭلىدىڭمۇ ، ماڭە ئۆيگە .
- ئاچىسى سىڭلىسىنى نۇقۇشلىدى ، سىڭلىسى يەرگە قاراپ جىم ئولتۇرۋالدى .
- ماقۇل دەڭ قىزىم ، ئاچىڭىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاڭ . قىز بالا دىگەن شەرىم – ھايالىق بولسا چىرايلىق بۇلىدۇ ، يارىشىدۇ . ھازىر ئۆيگە كېتىپ ھەر گەپ بولسا ئۆيدە دىيىشىڭلار . ھوي باققال بالام ، سەنمۇ نىمە غۇراڭنى تەرمەي غۇرىدىن ھالۋا پىشۇرىمەن دەپ ئۇرۇق ئات تۇرۇپ ئىگىز ئۇقۇرغا ئېسىلىپ ئۆزەڭنى رەسۋا قىلىسىەن ھە ؟ گەپ بولسا چىرايلىق بۇ قىزنى تېپىپ ، تۇغۇپ ، بېقىپ قاتارغا قۇشقان ئاتا – ئانىسىغا بىر باش پىياز تاپامسەن ، تۆت توقاش تاپامسەن ، بېرىپ چىرايلىق سالام قىلىپ ، ھال – ئەھۋالىڭنى دەپ ..........
- بوۋاي شۇ گەپنى قىلىپ بولغىچە تىنالماي ئاران تۇرغان ھچىسى بوۋاينىڭ گىپىنىڭ بېلىگە تېپىپ ئۈزىۋەتتى . ھىم بۇ قەلەندەر ئىشىكىمىزگە كىلىغان بولسا كۆرىدىغان كۈنى بار . ساقچىلارغا دەپ قويدۇم ، ئشىكىمىزگە بارىدىغان بولسا ئۆيىمىزگە ئوغرى كەلدى دەپ سولىتۋىتىمەن ، قولغا ئالدۇرۋېتىمەن ......
ئۇ قىزىرىپ ئېسىلىپ كۈۋەجەپ ، ئاغزىدىن تۈكۈرۈكلىرىنى چاچىرتىپ ، شالۋاقلىرنى ئېقىتىپ سۆزلەپلە كەتتى ، بوۋاي<< ئەستاخفۇرۇللار >> دەپ ئاق كەكە ساقىلىنى تۇتاملاپ تۇرۇپ قالدى .
چوڭ دادىڭىزدەك ئادەم بىر ئوبدان گەپ قىلۋاتسا نىمە گىپىنى ئۈزۋىتىسىز ، قانداق ئەدەپسىز، ھاياسىز خۇتۇنسىز . ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇغان ، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ كادىرىمىش . كادىر تۇرۇپمۇ مۇشۇنداق ھاياسىز ، ئەدەپ – ئەخلاقسىز بۇلامدۇ ، - دىدى ئولىشۋالغانلاردىن بىرى .
_ ئالىي ماكتەپ دېگەن مۇشۇنداق ھايالىق باللارنى ھاياسىز ، ئەدەپلىك باللارنى ئەدەپسىز ، كېرەكلىك باللارنى كىرەكسىز قىلىپ چىقىرۋاتقىننى كۆرمىدىڭلارمۇ ؟كادىر خۇتۇنلارنىڭ شەرم – ھايالىق ، ئەدەپلىكلىگىنى كۆرگەنمىدىڭ سەن . ھازىر قايسى كادىر خۇتۇننىڭ ئىمانسىز خۇتۇندىن پەرقى قالدى . ئاچايدىغان يەرلىرىنى كەڭ يايما قىلىپ ئېچۋىتىپ ، چاڭىلداپ سېغىز چايناپ ماڭسا ئۇنىڭ ئەقىدىسىزلىكىنى ، ھاياسىزلىقىنى كۆرمەيۋاتامسەن ؟
_ بولدى ، بولدى ، گەپنى ئۇلغايتماڭلار ئۇشۇق گەپ ئىشەككە يۈك . قىزلىرىم چىرايلىقچە گەپ ئاڭلاڭلار ، ئۈيۈڭلەرگە بېرىڭلار . بىزنىڭ قىزلىرىمىز دىگەن ئۆمۈر سودىسىنى بۇنداق مىژ – مىژ بازاردا كۇچىدا قىلمايدۇ ، ئۆيىدە چىرايلىق دەستۇرخان ئۆستىدە قىلىدۇ . بۇ سودىنى ئۆزى قىلۋالمايدۇ ، ئاتا – ئانىلار چوڭلار ئۆز قائىدىسى ، ئۆز يۇلى بىلەن قىلىدۇ . بىز قېرىلار ، چوڭلار سىلەر ياشلارنى ئۆيلۈك – ئۇچاقلىق قىلىپ ئۆيلەپ قۇيىمىز ، سىلەر ياشلار بىزنىڭ ئىڭىكىمىزنى قوشتۇرۇپ ، يۇيۇپ – تاراپ ، جىنازىمىزنى كۆتۈرۈپ كۈمۈپ قۇيىسىلەر . جاھان دىگەن شۇ ، بىت تۆشۈكتىن چىقىپ ، يەنە بىر تۆشۈككە كىرگۈچە بۇلىدىغان ئىشنىڭ راستى شۇ . شۇنداق قىلىڭلار ، گەپ ئاڭلاڭ قىزىم ، ئاچىڭىز بىلەن چىرايلىق ئۆيگە كىتىڭ ، ھەر ئىش بولسا ئۆيدە چىرايلىق دىيىشىڭلار ، قىزلىرمىز ئۆمۈر سودىسىنى مۇنداق ئۆرۈك – شاپتول سودىسىدەك كۇچىغا ئەپچىقۋالسا بولمايدۇ .
ۋاي چوڭ دادا ھازىر جاھان دىگەن ئۆزگەردى ،سىز دىگەن ئىشنىڭ دەل تەتۈرسى بۇلۋاتىدۇ . ياشلار قېرىلارنى كۆمۈپ قويماي ، ساپلا قېرىلار ياشلارنى كۈمۇۋاتىدۇ . قىزلارنىڭ ئۆمۈر سودىسى ئۆيىدە پۈتمەي كۇچىدا پۈتىدىغان ، قىزلار ئامانىتىنى ئىگىسىگە تاپشۇرماي ، كۇچىدا تاپشۇردىغان ، ئوغۇللار قاچسا قىزلار قوغلايدىغان بولدى . مانا ماۋۇ باققال قېچىپ ماۋۇ قىزلار قوغلاپ دىگەندەك . ئىشلار مانا مۇشۇ تەرىقىدە بۇلىدىغان بولدى . پەلەكنىڭ چاقى مانا مۇشۇنداق پىرقىراۋاتىدۇ . سىلى دىگەن گەپنىڭ ھەممسى ئاسارە- ئەتىقىگە ئايلانغىلى نەۋاق ، _ دەپ ھەزىل قىلىپ چوقان سالدى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىچە شەپكىسىنى كۆزىەە كىيۋالغان ، پۈتۈن پاچىقىنى تۈپ – تۈپلەپ يانچۇق بىلەن سىرىتما قاپلىغان بىر ئالىقاپ بالا .
بەزىلەر كۈلۈشتى، بەزىلەر بۇلۇشتى ، بەزىلەر جىم تۇرۇشتى .
_ چىرايلىقچە ئۆيگە بېرىڭ قىزىم ، بۇلامدۇ . بالا ئۈچۈن ئاتا – ئاننىڭ رازىلىقىنى ئېلىش ، ئۇلارنى خوشال ھەم خۇرسەن قىلىش ئىنساننىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى .
_ مەن سىزگە چىرايلىق دەي چوڭ دادا ، ئاندىن مىنى ئۆيگە بېرىشقا زورلىسىلا ، - دىدى جىم ئولتۇرۋالغان قىز ئورنىدىن تۇرۇپ كۆزلىرىنى تۇسۇۋالغان چۇۋۇق چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ . سىلى دىگەن ئىشلار تۇلا بۇلۇپ ، بولمىغاندا مۇشۇ كۇچىغا چىققان ئىشلار بۇ . ئاتا – ئانام دېگەنگە ئاتا – ئانام كۆنمەيدۇ . بىز بىر – بىرىمىزنىڭ دىگەن يېرىگە كىلىشەلمەي خاپا بۇلۇشۇپ ، كېچىشىپ ، كىچىشمەي ، كېلىشىپ كېلىشەلمەي كەلگەن يېرىمىز مۇشۇ ، بولغان ئىش مانا مۇشۇ .
_ بالا دىگەن بۇلۇپمۇ قىز بالا دېگەن ئاتا – ئانا دېگەن يەرگە كېلىشى لازىمدۇر قىزىم . ئاتا – ئانا ھەرگىز بالىنى يامان يولغا باشلىمايدۇ ، بالام يامان بولسۇن ، يامان كۈندە قالسۇن دىمەيدۇ . سىز نىمىشقا ئاتا – ئانىڭىز دىگەن يەرگە كەلمىگەنسىز . بۇنى يامان قىپسىز ، بۇ يامان بوپتۇ ، مەنچە بۇنى خاتا قىپسىز . ئاتا – ئانا ، ئاتا – ئانا بولسا ، بالا – بالا بولسا مۇنداق ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ .
_ بىزدە<< يولۋاس بالىسىنى باشقىلاردىن قورۇپ چىشلەپ كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ قۇيىدۇ >> دەيدىغان تەمسىل بار ، مەن نىمە دەپ ئاتا – ئانامنىڭ گىپېگە كىرمەيمەن ھەم نىمىشقا مۇشۇنداق كۇچىدا رەسۋا بۇلىمەن . دەپ كەلسەم ئون كېچە – كۈندۈز سۆزلىسەم گەپ تۈگمەيدۇ . گەپنى قىسقا قىلاي ، بىز ئىككى ئوغۇل ئۈچ قىز ، بەش بالا . مەن باللارنىڭ ئەڭ كىچىكى . مەن ئىككى ئاكام بىلەن بىر ئاچامغا ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قاراپ ، تۇرمۇش دىگەن مۇشۇنداق بۇلىدىغان بولسا بولدى ، مەن توي قىلماپتىمەن ، ئۆمۈر بۇيى بويتاق بۇلۇپ ئۆتۈپ كىتەي دەپمۇ بىر قانچە يىلنى قىيداپ ئۆتكۈزۋەتتىم . ھەممسى مىنى توي قىلىشقا قىستاپ بېشىمنى ئۇچاق ئىتىپ ساراڭ قىلۋىتەي دېدى . ئىككى ئاچام بىلەن ئاكامنىڭ تۇرمۇشىغا قارىسام ، كۆڭلۈم ئېلىشىپ قۇسقۇم كېلىدۇ . تۇرمۇش دىگەن مۇشۇنداق بۇلامدۇ ، ئۆي – ئائىلە دىگەن مۇشۇنداق بۇلامدۇ ، ئۇلارنىمۇ ئەر – خۇتۇن دېگىلى بۇلامدۇ ، دەپ يۈرۈپ ئاخىرى ماۋۇ كونسول كۇچىسىدىكى ماۋۇ باققال بالىنى تاپتىم . مەينەت باققالنى لايىقىم ، تۇرمۇشتىكى ئۆمۈرلۈك جۈپتىم دەپ تاللىدىم . مەن بۇنى ھەرگىز تاشلىمايمەن ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغىنىم قىلغان . ئەمما ئاتا – ئانام ، تۇغقانلار ، دوستلار ، ئىشقىلىپ بىلدىغانلار ، تۇنۇش – بىلىشلەرنىڭ ھەممسى ماڭا قارشى ، مەن ئۇلارغا قارشى ، پەرۋايىم پەلەك !
_ نىمىشقا ھەممە ئادەم نازازى ئىشقا سىز كانىدەك چاپلىشۋالىسىز ؟ ئاچىڭىزنىڭ ، ئاكىڭىزنىڭ تۇرمۇشىىدىن ئاتا – ئانىڭىز تۇغقانلار رازى بولسا ، سىز نىمىشقا نارازى بۇلىسىز ، بىزار بۇلىسىز ، ئۇلارنى نىمىشقا نارازى قىلىسىز ؟
_ دادام ئاپاملار قىزلىرمىزنى باشلىقنىڭ ، بايلارنىڭ باللىرىغا بەردۇق ، ئۇلار بىر ئوبدان گۈلدەك ئۆتۈۋاتىدۇ ، دەپ خوشال – خورام يۈرۈيدۇ . ئاكامغىمۇ ئىسىل ئائىلىنىڭ ئىسىل قىزىنى ئېلىپ بەردۇق ، كېلىنىمىز كاتتا ئائىلىنىڭ قىزى ، دەپ پەخىرلىندۇ . ئەمەليەتتە بۇ يالغان ، ئالدامچىلىق ، ساختىپەزلىك ، يالغانچىلىق بىلەن تولغان ساختا خوشاللىق ، ساختا خاتىرجەملىك ، ساختا كۆرۈنۈش . مەن بۇنداق ياسالما ، يالغان ، ساختا تۇرمۇشقا ئۆچ ،بىزار .
_ ئىككىلا ئاچام چوڭ ئەمەلدارنىڭ كېلىنى ، ئەرلىرىمۇ ئەمەلدار ، تۇرمۇشى باياشات ، خاتىرجەم . يەي دېسى ئېغىزى يىتىشمەيدۇ ، كېيەي دېسە ئۇچىسى . ئېرى بىر ماشىننىڭ ئۆزى بىر ماشىننى ھەيدەپ ھەر تەرەپلەرگە كېتىشىدۇ . باللىرنى بالا باققۇچىلار ، يەسلى ، مەكتەپلەرگە كۆتۈرە بېرىۋەتكەن . نېمىدىگەن راھەت – پاراغەتلىك تۇرمۇش دەپ زوقىڭىز كىلىدۇ . ئەمما ئۇلارنىڭ تېشى پال – پال ، ئادەمنى جەلىپ قىلدىغان ، ئەيمەندۈردىغان بولغان بىلەن ئادەملىك روھى چىرىپ – سېسىپ كەتكەن . ئاچىلىرىمنىڭ ئەرلىرى سىرىتتا ئاشنا ئوينايدۇ . ھاراقكەش قىزلار بىلەن ئىچىشىپ – چېكىشىپ كۆڭلىنى ئاچىدۇ . كېچىسى ئۆيدە ياتقان بىلەن كۈندۈزى باشقا يەردە ، باشقا قىزلار بىلەن يېتىپ ، ئاچام تىلفۇن بەرسە < مەن يىغىندا > دەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئاچاممۇ ئىرىنى باشقۇرۇپ بۇلالماي ئۇمۇ باشقا يەردە ، ئېرىگە ئوخشاش ئىشنى قىلىدۇ . ئۇلار بىر – بىرىنى ئالدايدۇ ، نەتىجىدە ، بىرىنى ئىرى ئەيدىز كىسىلى بىلەن ئۆلدى ، ئۇ بىر بالىسى بىلەن تۇل قالدى . يەنە بىرىنىڭ ئىرى قىمار بىلەن ھاراختا خىزمىتىدىنمۇ ، پۇلدىنمۇ ، ھەممىسىدىن ئايرىلىپ كۇچىدا قالدى ، نەدە كۈن كەچ بولسا شۇ يەردە قالىدۇ ، قۇنىدۇ ، ئۆيگە كەلمەيدۇ . ئاچام باشقا ئەر بىلەن مەخپى راسىت ئەر خۇتۇن ، ئېرى بىلەن نامدىكى ئەر – خۇتۇن . ئەمدى ئاكامغا كەلسەك ، ئۇ بىر لامزەللە كۈن بۇيى ھاراق ئىچىپ ، پاڭ ئويناپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ . ختۇن بالىسى بىلەن كارى يوق . خۇتۇنى تېپىپ بەرسە يەيدۇ ، بولمىسا بىر تۇخۇمنى بۇياپ سېتىپ بىر موچەن تېپىپ ئۆيگە ئەپكىرەي دىمەيدۇ . شۇڭا ئۇنىڭ خۇتۇنى ئالدىدا لالما ئىتتچىلىك يۈزى يوق . ختۇنى ھەم ئەر ھەم ئايال بۇلۇپ ئېرىنى ، بالىىسنى باقىدۇ . يەڭگەمنى باشقا ئەرلەر مەسىت ھالەتتە ئەپكىرىپ قويسىمۇ كارى يوق ، ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋېرىدۇ . ئويلاپ بېقىڭ ، ئاكام ، ئىككى ئاچامنىڭ ئېرىگە قارىغاندا مانا بۇ باققال بالا مەن ئۈچۈن ھەققى ئەر ئەمەسمۇ ؟! ئۇ ناماز ئۇقۇيدۇ ، خۇدادىن قورقىدۇ . خدادىن قورىقاچقا بۇزۇقچىلىق ، يامان ئىشلاردىن خالىي ، خۇتۇنىغا ئائىلىسىگە ئىگە بۇلىدۇ . ختۇننى خەقنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتمايدۇ ، ئەقىدىلىك بولغاچقا ئۇنىڭدا كىسەل بولمايدۇ ، مەنمۇ كەلگۈسىدىكى ئائىلەم ، بالاممۇ كېسەل بولمايدۇ . ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس – يادى ھالال ئىشلەپن پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى بەخىتلىك قىلىپ خاتىرجەم ياشاش . شۇڭا ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ ئىبادەت قىلىپ ، تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئاتلىندۇ . مىنىڭ توغرا يولدىكى پاكىز ، ھالال ئەرگە خۇتن بۇلۇپ ياشىغۇم بار ، شۇڭا مەن ئۆز بەختىمنى ئۆزۈم تاللاش قارارىغا كەلدىم .
ھە .............ھە ...بولدى قىزىم چۈشەندىم . يۈرۈڭ ، ئاتا – ئانىڭىزنىڭ يېنىغا مىنى باشلاڭ ، بىز سۆزلىشەيلى ، _ دېدى بوۋاي .
قىز بىر پەس بوۋايغا ۋە باققالغا قاراپ تۇرغاندىن كىيىن بوۋاي بىلەن ماڭدى ..
تۈگدى
ئاللا بۇ قىزنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلغاي ................مەنبە : قۇمۇل ئەدەبىياتى
[ بۇ يازما ئۇيغۇرشاھ تەرپىدىن2008-12-10 18:55دە قايت ]