مەن ئۇنى شىركەتكەيېڭى خىزمەتكە چۈشكەن كۈنى كۆرگەن ئىدىم، دەسلەپتە ئۇنى كاتىپ بولسا كىرەك، دەپ ئويلىغان كىيىن قارىسام ئۇنداق ئەمەس ئىكەن،ئۇشىركەتنىڭ بوغالتىرى ئىكەن، بىز بەش -ئالتەيلەنبىر ئىشخانىدا ئىشلەيتۇق، نېمە ئۇچۇنكىن ئۇ ماڭا تولىمۇ يېقىملىق كۆرۈندى، گويا مەن ئۇنى بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەندەكلا قىلاتتىم، بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە يۆتكىلىش ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشى كۆرگەن قىزىدىن ئايرىلىش ماڭا ھەقىقەتەنمۇ قېيىن كەلگەن ئىدى، بۇ زىرىكىشنى تۈگىتىش ئۈچۈن مەن ھەركۈنى بىر ئىككى قېتىمدىن يېراقتا قالغان قىز دوستۇمغا تېلفۇن قىلاتتىم، خىزمەتكە چۈشۈپ ئالدىنقى بىر ئىككى كۈندە مەن ئىشخانىدىكى باشقا باللار بىلەن خېلى تونۇشۇپ قالدىم ،پەقەت ئاشۇ قىز بىلەنلا تونۇشۇشقا ئىمكان بولمىغان ئىدى، كۆزلىرىم تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ ھەركەتلىرىگە چۈشۈپ قالاتتى ، ئۇمۇ خۇددى ماڭا دىققەت قىلىۋاتقانداكلا تۇيغۇدا بولۇپ قالاتتىم، بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيمگە قايتتىم ، ھارغىنلىقتىمۇ ياكى زېرىكشىتىنمۇ ئىشقىلىپ ئۆزۈمنى كارۋاتقا تاشلاپ خىيال سۈرۈشكە باشلىدىم يىراقتىكى قىز دوستۇمدىن تېلفۇن كەلدى ،شۇنداق خۇشال كەيپىياتتا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم ،تېلفۇننى قويۇپ، پورتمالىمدىكى ئۇنىڭ سۈرتىگە قارىدىم ،قارىدىميۇ، گويا موھىم بىر ئىش ئېسىمگە كەلگەندەك ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم، مەن نېمىدىگەن دۆت ھە؟!ئەسلى شىركەتتىكى ھېلقى قىز قىز دوستۇمغا ئوخشاپ قالىدىكەن ئەمەسمۇ،گەرچە بەك ئوخشاپ كەتمىسىمۇ قوپقارا يوملاق كۆزلىرى، ئاق پىشماق چىراي، قاپقارا چاچلىرى غۇنچە بويلىرى، ئادەمگە تولىمۇ يېقىملىق تۇيلىدىغان سىپايە ھەركەتلىرى ، يېراقتىكى قىز دوستۇمنىڭ ئۆزى ئىدى،مەن ئىچىمدە ئىككىسىنى سېلىشتۇردۇم، يىراقتىكى قىز دوستۇم ھەر جەھەتتىن بۇ قىزدىن ئۈستىن تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ يۈرگىنىمىزگىمۇ 4-5يىل بولۇپ قالغان ئىدى، بۇ جەريان بىر ئادەمنىڭ مىجەز-خاراكتىرىنى چۈشىنىشكە يېتىپ ئاشاتتى، گەرچە ئانچە -مۇنچە سوقۇشۇپ قالساقمۇ ،ئۇ سوقۇشۇش يېرىم كۈنگە بارمايلا كۈچىدىن قالاتتى ،يەنە بۇرۇنقىدەكلا ياخشى بولۇپ قالاتتۇق، مانا ئەمدى ئۇنىڭدىن ئايرىلدىم گەرچە بۇ ئايرىلىش ۋاقىتلىق بولسىمۇ بىز كىلەر يىلى توي قىلىشقا پۈتۈشكەن بولساقمۇ ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالدىممۇ ياكى، بۇ سوغۇق شەھەردىكى زىرىكىش ۋە يالغۇزلۇق مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشمنى ۋە ياخشى كۆرۈشىمنى كۈچەيتىۋەتتىمۇ بىلمىدىم، ئۇنى شۇنداق سېغىنغان ئىدىم.
ri=+(NKo- ئەتىگەندە يانتېلفۇنۇمنىڭ ئويغۇتۇش موزىكىسى بىلەن تەڭ يەنە بىركۈلۈك خىزمەت باشلىنىپ كەتتى، كېچە شۇنداق ياخشى ئۇخلىغان ئىدىم، كۆرگەن چۈشلىرىمنىڭ كۆپلىكىدىن رىئاللىق ياكى چۈش ئىكەنلىكىنى ئويغانمىغان بولسام بىلمەس ئىكەنمەن، ئەمما كەيپىياتىم شۇنداق ياخشى ئىدى ، شىركەتكە بىرنجى بولۇپ بېرىپتىمەن، كومپىيۇتېرىمنى قوزغىتىپ خىزمەتكە چۈشۈپ كەتتىم ، ئۆز ئىشىم بىلەن بولۇپ كېتىپ، كىملەرگە سالام قايتۇردۇم كىملەر شىركەتكە كەلدى بىلمەيلا قاپتىمەن، بىر چاغدا بۇرنۇمغا شۇنداق خۇشپۇراق قەھۋەنىڭ ھېدى ئۇرۇلدى، قەھۋەگە ئامراقلىقىمدىنمۇ ئىتتىك بېشىمنى كۆتۈردۇم ،ئالدىمداھېلقى قىز بىر ئىستاكان قەھۋەنى تۇتۇپ تۇراتتى،
9g]M4*?C9P -شىركەتكە كەلگىنىڭىزگە خېلى بولدى،بىرەر ئېغىز پاراڭلىشىپمۇ باقماپتۇق، ئەسلى قائىدە بويىنچە سىز يېڭى بولغاندىكىن ئاۋال مەندىن ئەھۋال سوراپ ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرسىڭىز بولاتتى ،قارىسام سىز ئۇنداق قىلىدىغاندەك ئەمەس ، شۇڭا بۈگۈن سىزگە بىر ئىستاكان قەھۋەدەملەپ ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۋىتەي دىدىمغۇ؟،دىدى ئۇ قىز، مەن دەماللىققا سەل تەمتىرەپ قالدىم ،قەھۋەنى قولۇمغا ئالغاچ ،
PGX+p+wB - رەھمەت سىزگە ،بۇنچىۋالا قىلمىسىڭىزمۇ بولاتتى ،شۇ ئىشقا چۈشۈپلا قىلىدىغان ئىش كۆپىيىپ كەتتى،شۇڭا ...، دىدىم مەن،
0roCP=; - ھېچقىسى يوق، بىر ئىشخانىدا بولغاندىكىن ھامان تونىشىمىز ئەمەسمۇ ، مېنىڭ ئىسمىم رەنا، مەنمۇ بۇيەرگە ئىشقا چۈشكىنى ئۈچ ئاي بولدى، سىز دىن سەل بۇرۇنراقلا كەلگەن شۇ، سىزنىڭ ئىسمىڭىز ئەنۋەر غۇدەيمەن،دىدى ئۇ،
~gdd cTp - ھەئە، بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلاردا سىزنىڭ قوللىشىڭىزغا موھتاجمەن، دىدىم مەن،گەپ تاپالماي.
=bL{i&& - بولىدۇ چاتاق يوق ،قانداق يارىدەم كىرەك بولسا ھايت دەڭ ئەمسە، خىزمىتىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەي ،سىزمۇ ئىشىڭىزنى قىلىۋىرىڭ ،ۋاقىت چىققانداق پاراڭلىشارمىز،دىدى ئۇ
1JeJxzv>C - بولىدۇ . دىدىم مەن، ئۇقايتىپ كەتتى، قەھۋە شۇنداق تېتتىدى ، چۈشتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلدىم ،
[@2s&Ct; - سىزىدىن باشتا ئەھۋال سورىمىغانلىق گۇناھىم ئۈچۈن ھەمدە ماڭا دەملەپ بەرگەن قەھۋەيىڭىز گە رەھمەت ئېيتىش يۈزسىدىن سىزنى چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلاي ،-دىدىم مەن.
}\Z5{OA - ۋاھ ، بىر ئىستاكان قەھۋەگە مېھمان قىلماقچى بولسىڭز،كۈندە دەملەپ بېرەي ئەمسە ، دىدى ئۇ چاخچاق قىلىپ،
xa#gWIP* - چاتاق يوق، دىدىم مەن.
:e2X/tl# بىز يېقىن ئەتراپتىكى بىر ھامبۇرۇك تېز تاقخانىسغا كىردۇق،
!nzGH*td - مېنىڭ بۇنداق يەرگە ئامراقلىقىمنى بىلىپ قاپسىزدە ؟ دىدى ئۇ،
,`
o+ ? - مەنمۇ مۇشۇنداق موھىيتى ئازادە ،تېنىچ يەرلەرگە ئامراق، دىدىم مەن، ئەمما شۇ ۋاقىتتا يىراقتىكى قىز دوستۇم بىلەن دائىم كىرىدىغان يۇرتۇمدىكى ھامبۇرۇك تېز تاماقخانىسى يادىمغا كەلدى، ئۇمۇ مۇشۇنداق يەرگە ئامراق ئىدى، ھەپتىدە بىرەر قېتىم شۇ جايغا بىرىپ كولا ئىچكەچ يەڭيۇ قەلەمچىسى، ھامبىرۇگ توقۇچى، سۈرلەنگەن توخۇ پاچىقى دىگەندەك نەرسىلەرنى تاللاپ يىگەچ ئۇزۇندىن ئۇزۇن پاراڭلىشاتتۇق،ئۇ شاكىلات يالىتىلغان ماروژنىغا ئامراق ئىدى.
SqqDV)Uih1 - قانداق نەرسىلەردىن يىگىڭىز بار ، دەپ سورىدىم رەنادىن.
EfKntrom[ - ئۇ ئويلىنىپ ، ئۆزىڭىز بىلىپ ئەكىلىۋىرىڭە بولدى دىدى،
5hz_P+Q مەن بېرىپ بىر ئىستاكان كولا ،ئىككى تال ھامبرۇگ توقۇچى، ئىككى تال سۈرلەنگەن توخۇ پاچىقى،بىر قاپ يەڭيۇ قەلەمچىسى، ۋەبىرئىستاكان شاكىلات يالىتىلغان ماروژنا ئالدىم .نەرسىلەرنى .ئېلىپ بولۇپلا بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېراقتىكى قىز دوستۇم بىلەن دائىم يەيدىغان نەرسىلەر ئىكەنلىكى ئېسىمگە كەلدى، مەن ئخىتىيارسىزلا، بۇرنقىدەكلا بۇيرىغان ئىدىم، بولدىلا، دەپ ئويلىدۇم ئىچىمدە بەرىبىر يەيدىغانلىرىنى ماڭا دەپ بەرمىگەندىكىن ئۆزىڭنىڭ شورى . بىراق رەنا ئۇنىكۆرۈپ ھەيرانلا قالدى ،راستىنلا شۇنداقمۇ ياكى يالغاندىن شۇنداق دەپ قويدىمۇ ئىشقىلىپ ئۇ، ئۆزىنىڭ شاكىلاتلىق ماروژنابىلەن يەڭيۇ قەلەمچىسى ۋە سۈرلەنگەن توخۇ پاچىقىغا بەك ئامراقلىقىنى بايا شۇنى دەي دەپ بولۇپ توختاپ قالغانلىقىنى ئېىيتىپ سۆزلەپلا كەتتى!
S:GTc QU بىز پاراڭلاشقاچ تاماقلاندۇق، رەنا ئۆزى توغۇرلۇق سۆزلەپ بەردى ،مەنمۇ ئۆزۈم توغۇرلۇق قىسقىچە سۆزلەپ بەردىم ، پاراڭلىرىمىز ھېلى شىركەت توغۇرلۇق، ھېلى ئۆزلىرىمىزنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرى،تۇرمۇشتىكى قىزقارلىق ئىشلار دىگەندەك تېمىلاردا داۋام ئەتتى. بزى شۇ كۈندىن باشلاپ كونا تونۇشلاردەك بولۇپ قالدۇق كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر ئاي ئۆتتى ، بۇ جەرياندا شىركەتتىكى ھەممە خىزمەتداشلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىپ بولغان ئىدىم. ھەر ھالدا تۇرمۇشۇم بىر ئىزغا چۈشتى، يىراقتىكى قىز دوستۇم بىلەن بولغان ئالاقەم بۇرۇنقىدەكلا ئىدى، بىراق نېمىشقىدۇر ھەركۈنى ئىشقا چۈشۈپلا رەنانى كۆرگۈم كىلەتتى، ئۇمۇ كىلىپلا ئەڭ بۇرۇن مەن بىلەن سالاملىشاتتى، لىكىن بىز پەقەت مۇھەببەت توغۇرلۇق پاراڭلاشمايتۇق. كۈنلەر شۇتەرىقىدە ئۆتتى يىراقتىكى قىز دوستۇم بىلەن تولا سوقىشىدىغان بولۇپ قالدىم، بۇرنقىدەك كۈندە تېلفۇن قىلىدىغان ئىشلارمۇ ئىككى ئۈچ كۈندە بىر ياكى ھەپتىدە بىر تېلفۇنغا ئۆزگەردى.
%zflx~ شۇنداقتىمۇ ھەر قېتىم تېلفۇنلاشساقلا سوقۇشاتتۇق، بۇ بەلكىم مەندىكى ئۆزگۈرۈش بولسا كىرەك ، بىرقېتىم خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلقىدا ئۇنىڭغا بىر ھەپىتىگىچە تېلفۇن قىلالمىدىم ئۇمۇ تېلفۇن قىلمىدى، ئۇ كىيۇ كىيۇ رىمغا بىر مۇنچە خەت قالدۇرۇپ قويۇپتۇ، خەتتە مەندىن قاتتىق ئۈمۈد سىزلەنگەنلىكىنى ، بۇنداق تۇرمۇشقا بەرداشلىق بىرەلمەيدىغانلىقىنى ،مېنى ئۆزگىرىپ كەتتى دەپ قارايدىغانلىقىنى ،شۇڭا ئايرىلىپ كېتىشنى قارا قىلغانلىقىنى يېزىپتۇ، ئۇنى كۆرۈپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتىم ، مەنمۇ ئۇنىڭغا خەت قالدۇرۇپ ، ئۆزۈمنى چۈشەندۈردۈم، كەچتە ئۇنىڭغاتېلفۇن قىلدىم ،تېلفۇنى ئېلىنمىدى، كىيىن بىلسەم تېلفۇن نۇمرىنى ئۆزگەرتىۋىتىپتۇ، ئۇ شۇندىن بۇيان كىيۇ كىيۇ غىمۇ چىقماس بولدى، خەتمۇ قالدۇرمىدى، مەنمۇ خىزمىتىم بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم ھەش پەش دىگۈچە يېرىم يىل بولدى، بۇ جەرياندا رەنا بىلەن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يىقىنلاشتى، گەرچە بىز مۇھەببەت توغۇرلۇق ھىچنىمە دىيشىمىگەن بولساقمۇ ،شىركەتتىكى كۆپىنچە كىشىلەر بىزنى يۈرىۋاتىدۇ ،دەپ قارايتى، بىز ھەر ئىككىلىمىز ئۇ گەپلەردىن ئۆزىمىزنى ئەپ قاچاتتۇق!
L*^
V5^- شۇ ۋاقىتلاردا يۇرتۇمغا بارىدىغان بىر ئش چىقىپ قالدى ، ئەلۋەتتە يۇرتقا بارغاندىندىكن بۇرۇنقى قىز دوستۇنى ئويلايمەندە ، يۇرتقا بېرىپ باشقلاردىن ئاڭلىسام ئۇ باشقا بىرى بىلەن يۇرۋىتىپتۇ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ گويا ئاشۇنداق بولىشى مۇقەررەردەك ھىچقانداق ئىنكاستا بولىمىدۇم ، ئىچىمدە ئۇنىڭغا بەخت تېلىدىم ، ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ يولغا چىقتىم ،يولدا بارغۇچە بۇرۇنقى قىز دوستۇمنى ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى رەنا بىلەن ئۇچراشقان كۈنلەرنى ئويلىدۇم، ئۆزۈمنى ۋاپاسىزلىق قىلدىم دەپمۇ ئويلىدۇم، يەنە بىر تۇرۇپ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى شۇ ئوخشايدۇ، دەپمۇ ئويلىدۇم، مەيلى قانداقلا بولسۇن بۇ تارىخ ئەمدى ئۆزگەرمەيدۇ، نۇرغۇن ئىشلار ئەنە شۇنداق ئىختىيارسىز بولىدىكەن، مەن بېرىپلا رەناغا توي تەكلىپى قويۇشنى ئويلىدۇم، مېنىڭچە ئۇ چوقۇم قوشۇلاتتى ، مەن يۇرتۇمغا كەلگەندىن بۇيان ئۇ كۈندە تېلفۇن قىلاتتى ، مەن قەتئىي نيەتكە كىلىپ ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويۇشنى نىيەت قىلدىم ، ئاپتۇبۇس بىكەتكە كەلدى، ئاپتۇبۇستىن چۈشۈمگىلا ئالدىمدا رەنا پەيدا بولدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن قانچىلىك خۇشاللىقىنى بىلگىلى بولاتتى!مەنمۇ ئۇنى كۆرۈپ خوش بولدۇم،
LG6I_[ - بىز توي قىلايلى، دىدىم مەن ئۇنىڭغا باشقا ھىچنىمە دىمەي.
. s-5N\ - بولىدۇ قاچان قىلىمىز؟ ئۇ گويا مېنىڭ شۇنداق دەيدىغانلىقىمنى بىلىدىغاندەكلا ،قىلچىمۇ ئويلانماي جاۋاپ قايتۇردى
ArX]L$D - چاخچاق قىلمىدىم راس دەۋاتىمەن، دىدىم مەن،.
}VZM,.w - مەنمۇ سەمىيمى گەپ قىلىۋاتىمەنغۇ؟ راستىنى دىسەم ئەگەر سىز ئەمدى بۇ گەپنى دىمىگەن بولسىڭىز ،مەن ئۆزۈم دىگەن بولاتتىم! دىدى ئۇ.
&Ea"hd بىز ئون سىكۇنتچە بىر بىرمىزگە قاراپ جىمجىت تۇرۇپ قالدۇق، شۇ ۋاقىتتا نېمىنى ئويلىغانلىقىم ئېسىمدە يوق.
4+I 3+a" ئىككى ئايدىن كىيىن بىز توي قىلدۇق، توينىڭ باش ئاخىرى شۇنداق ئوڭۇشلۇق ،خاتىرجەم ئاياغلاشتى ، شۇندىن تارتىپ مېنىڭ يېڭى بىر تۇرمۇشۇم باشلانغان بولدى!
Rdj8*f مەن رەنانى ئەنە ئاشۇنداق ياخشى كۆرۈپ قالغان!
jm+blB^%K ,3k@L\$.x تۈگىدى
T?#s'd 2008-11-20
|zh + -----------------
M$F{N ھاھاھاھاھا بىر قىتمدا ئولتۇرۇپلا مۇنداق نەرسە يېزىپ باقمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن ، قاملاشمىغاندەكلا تۇيغۇدا مەن!
[0wP\{% تىللىماي ئوقۇڭلا جىمۇ! تىللىساڭلىمۇ قىسقا ئۇچۇردا تىللاڭلا! باشقىلار كۆرمىسۇن!!
