mtv تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ بەتتىكى تېما: مۇھەببەت ئارمانى IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 3249 قېتىم كۆرۈلدى
yusran
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26868
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 48 كىشىلىك
پۇل : 525 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 61 نۇمۇر
قوللاش: 39 نومۇر
ئالقىش: 80 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مۇھەببەت ئارمانى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئاناقۇشئۇۋىسى تەرپىدىن (2008-12-15)دە نادىرلاندى
مۇھەببەت ئارمانى
_ 9F9W{'  
            -سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش..سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرۈكۈمنىڭ بىردىبىر ئارامى     (كۈندىلىك خاتىرەمدىن) )"7iJb 
W{q U  
    < كەچۈرۈڭ، بايام قولفونۇمغا قىممەت تولۇقلايمەن دەپ،  نۇمۇرنى دىققەتسىزلىكتىن خاتا كىرگۈزىۋېلىپ، سىزنىڭ قولفونىڭىزغا قاچىلىۋېتىپ قاپتىمەن. خاپا بولماي مېنىڭكىگىمۇ 100 سوم تولۇقلىۋېتەرسىز....نومۇرۇم مۇشۇ نۇمۇر شۇ. >  قولفونۇمغا كەلگەن بۇ قىسقا ئۇچۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇدۇلۇمدىكى كارىۋاتتىكى مەرھابا يوتقاننىڭ ئىچىدىن بېشىنى چىقىرىپ، <ئۇخلىمىدىڭما ؟ تېخى> دېدى. <ياق، كىتاپ ئوقۇۋاتىمەن، سەنچۇ ، ئەپلىشىپ قالدىڭلارما؟ > دېدىم ئاۋازىمنى ئاستا چىقىرىپ، باشقا قىزلارنى ئويغۇتىۋىتىشتىن ئەنسىرەپ. < ۋاي..ياقەي...تېخىچە دەپ بولالمايۋاتىمىز..بىلىسەنغۇ ؟ رەپقەتنى. > دېدى ئۇ، يوتقانغا بېشىنى پۈركەپ، تېلىفۇن سۆزلىشىشكە باشلىدى. تېلىفۇنۇم يەنە جىرىڭلىدى. كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىستانسىنىڭ ئۇچۇرى < سىزنىڭ قىممەت تولۇقلىشىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. سىزنىڭ ھازىر قولفۇنىڭىزدىكى قالدۇق سومما136.7  سوم. يەنە ئىشلىتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. > < توۋا، راستكەندە،> بايام كەلگەن ئۇچۇرنى بىرەرسىنىڭ قىلغان چاقچىقىمىكىن دەپ ، كارىم بولمىغان ئىدى. قولۇمدىكى كىتابنى قويۇپ قويۇپ، ئۇچۇر كەلگەن نومۇرغا قايتا قارىدىم، ھەقىقەتەن نومۇرىمىز بىر نومۇرلا پەرق قىلاتتى. < قانداق ھاڭۋاقتىدۇ بۇ ؟! ئۇچۇر خەنزۇچە يېزىلغان ئىدى.(ھەممىمىز خەنزۇچە يازاتتۇققۇ ئۇ چاغلاردا) ئۇيغۇرمىدۇ ؟ > دەپ ئويلاپ تۇرسام يەنە بىر ئۇچۇر كەلدى.< ئۇچۇرۇمنى تاپشۇرۋالغان بولسىڭىز، قايتۇرۇڭ. > < نىمە بالا قالدىم، يېرىم كېچىدە. > ،< تاپشۇرۋالدىم > مەنمۇ خەنزۇچە يېزىپ قايتۇرۇپ قويدۇم. شۇ زاماتلا قايتۇردى..ھى ھى 100 كوي يامان يەردىن چىقىدۇ جۇمۇ....< ئەمىسە سىزمۇ ئەتىگىچە قولفونۇمغا قاچىلاپ قويارسىز. رەھمەت >  ۋاي ..بۇيرۇقلىرىدىن ئۆرگىلەي مانىڭ...< قاچىلىمايمەن > دەپ قايتۇردۇم...مەن قاچىلاپ قوي دىگەندەك 100 كوينى..نىمە كارىم..قولفونۇمنى ئېتىۋەتتىمدە..كىتاۋىمنى ئالدىم... +%h8r5o1  
   مەرھابانىڭ رەپقەت بىلەن دېيىشكەن گەپلىرى قۇلۇقۇمغا ئاڭلىنىپ تۇراتتى، خىيالىمنى باشقا ياقلارغا بۆلسەممۇ، ئىختىيارسىز ئاڭلاپ قالاتتىم..( ئەمەلىيەتتىغۇ ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھەممە ئىشلار بىزنىڭ ياتاقتىكى قالغان 5 قىزغا سىر ئەمەس..) nAsh:6${  
S%Uutj\/W  
   مەرھابا ئىككىمىز ئالىي مەكتەپ تەييارلىق سىنىپىدىن باشلاپلا بىر ياتاقتا يېتىپ كېلىۋاتىمىز. 3يىلدىن ئېشىپتۇ، باشقا قىزلار بىلەن كەسىپكە چىققاندىن كېيىن بىر ياتاقتا ياتقان..ئۇنىڭغىمۇ 2يىلدىن ئېشىپتۇ..ۋاقىت نىمە دېگەن ئىتتىك ئۆتكەن ..مەرھابانىڭ يېڭى ياتاققا كىرگەن ھالىتى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئۇ چاغدا ھەممىمىز يېڭى ئالىي مەكتەپكە كىرگەن، ھەر يەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار، يېڭى مۇھىت يېڭى ئادەملەر....ياتاققا كىرگىنىمدە..مەرھابادىن باشقا قىزلار كېلىپ بولۇپتىكەن..بىرەر قۇر سۇس سالاملاشقاندىن كېيىن نەرسىلىرىمنى يىغۇشتۇرۇشقا باشلىدىم..كارىدور ئۈپۈر - دۈپۈر بولۇپ كەتتى، كەينىدىنلا بىزنىڭ ياتاقنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، قوللىرىدا ھەر خىل چوڭ - كىچىك يۈكلەر، يەشىكلەر، مەكتەپتىن بىر تۇتاش تارقاتقان ئورۇن - كۆرپە، داس - جاۋۇرلارنى كۆتۈرۈپ، مۇشۇ مەرھابا بىلەن ئاپىسى ۋە چوڭ ئاپىسى، ئىنىسى كىرىپ كەلدى...ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىدىن قازاقتەك قىلاتتى. بىز بىلەن مۇندالا كۆرۈشۈپ قويۇپ، نەرسىلىرىنى يىغۇشتۇرۇشقا باشلىدى..< ۋايجااااااااان ، ئەمدى ھەممىمىز ئۇيغۇركەنمىز دەپ خوش بولسام، قازاقتىن بىرسى كىردۇغۇ ئەمدى > دېدى يېنىمدىكى ئاۋاققىنا كۇچالىق ئايشەمگۈل دېگەن قىز.... مەرھاباغا سەپ سېلىپ قارىدىم...ئاپىسى مەرھابا ، مەرھابا دەپ شۇنداق ئۇرغۇلۇق، تولۇق چاقىراتتى...< قازاق ئەمەس جۇمۇ بۇلار > دېدى،،يەنە بىر قەشقەرلىق قىز ئالىيە.... 8Fz#A.%P  
vc;$-v$&  
   چېچى ئۇزۇن، لېكىن شۇنداق ئاز ھەم جانسىز، پادىچىلار ئىشتىنى كىيىۋالغان، ( ئۇ پادىچىلار ئىشتىنىنى ھازىرمۇ ئانچە - مۇنچە دەپ جىلە قىلىپ قويىمەن....)ئۇ ئىشتان..ئەمما ئىشتاندەكلام ئىشتانتى جۇمۇ..ئۈستى چىڭڭىدە، ھەر خىل گۈللەرمۇ ئىشقىلىپ بىر نۇسخىلار ئىشلەنگەن، ئارقا يانچۇقىدا يوغان بىر قولنىڭ سۈرىتى بار...پۇشقىقى شۇنداق كەڭكىن، مەرھابانىڭ ئايىقىنى كۆرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس،ماڭسا پۇشقاق يەرنىمۇ تەڭ سۈپۈرۈپ ماڭاتتى..ئۈستىگە قارىماققا سولياۋغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل رەختلىك چاپان كىيىۋالغان، ( كېيىن شۇنداق دېسەم ماڭاۋاي ..ئۇ دېگەن خۇرۇم چاپان دەپ تۇرۇۋالدى كاساپەت...) چاپىنىنىڭ ئالدى سېرتمىسى كىچىكلا ئېتىلگەن، چاپاننى ئارقىغا بەك ئىتتىرىۋەتكەچكە، ئالدى قىسقا ئارقىسى ئۇزۇن بولۇپ قالغان ئىدى. كۆزلىرى كىچىك، ئاغزى يوغان، تېرىسى راستلا قازاق قىزلىرىدەك قىپقىزىل بۇ قىزنى قانداقلا قىلىسامدۇ، ئاپىسى بىلەن بىر يەردە قويالمىدىم، ئاپىسى بەكمۇ چىرايلىق ئايالكەنتۇق...زىلۋا ، بويلىرى ئېگىز، يۇزلىرى ئاپئاق، كۆزلىرى يوغانغىنە، چېچىمۇ شۇنداق ئۇزۇن ھەم توم..قوللىرىغا قارىمىسىڭىزلا يېشىنى پەرەز قىلىشىڭىز تەس. لېكىن قوللىرىدىن بەكمۇ جاپا تارتقان ئايالدەك تۇراتتى..خۇددى مومامنىڭ قوللىرىغا ئوخشاش. ئاخىرى چوڭ ئاپىسى تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى..ئۇ موماي شۇنداق جانلىق ئىدىكى ، تېخى گىرىممۇ قىلىۋالغان ئىدى،، ( يامان يېرى ئاغزىمۇ سەل بېزەپ ئىكەنتۇق..ھى ھى ) ..< بۇ قىزىمنىڭ ئىسمى مەرھابا، بىز ئالتايدىن. بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى چىقىشىپ ئۆتۈڭلار ..> ( پۈتۈنلەي قازاق تەلەپپۇزى ئىدى..بولمىسا خېلى جىق گەپ قىلغان، مېنىڭ ئاڭقىرالىغىنىم مۇشۇنچىلىك ئىدى ) . FrGgga$  
|6sp/38#p  
ھەممىمىز بىرەر قۇردىن < شۇنداق قىلىمىز..بىر ياتاقتا بولغاندىن كېيىن > دېيىشىپ كەتتۇق...كېيىنغۇ ، ئاستا - ئاستا بىلىپ كەتتۇق قازاقچىنىمۇ...ھە راست..ئۇلار پۈتۈنلەي ساپ ئۇيغۇركەن..لېكىن قازاق تەسىرى بەك كۈچلۈك..گەپ قىلىش..ماڭاسالە، ئېتاسالە، توكنى ئۆچۇرەسالە، ۋايۋۇي ئۇ سالەلىرىنىڭ جىقلىقى..(قىلىۋەت ئېتىۋەت دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارقىسىغا سالە نى قوشۇۋالاتتى.  ھازىر مودا سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتى..دوراپ قويسام نەدە ئۇنداق دەپ قويىدۇ تېخى) . يەنە نىمۇ..ھە ، ساقلاش دىگەننى توساش دەيتتى..مەسلەن ..سېنى ئالدى دەرۋازىدا ساقلايمەن دىمەكچى بولسا، سېنى ئا بارغۇي ئالدە داۋۇزدە توسۇيمەن..دەيتتى..مەن ئىشقىلىپ ئۇيغۇرچىنى زېرىكمەي - تېرىكمەي ئۆگىتەتتىم...جېكسۇرۇن ( ساراڭ دېگەن گەپ ) دەپ تىىلاپ قوياتتىم. بەزىدە...ئۆزىمۇ بەك ئىتتىك كۆندى، تېخى ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىمۇ خېلى ياخشى ئېيتىدىغان بولۇپ كەتتى...خەنزۇچە، قازاقچە دېگەننى ھازىرقى باللارنىڭ گېپى بويىچە..< تىتىۋېتىدۇ. > ئۇيغۇرچىنى < تىتالمىسىمۇ، يىتىۋېتەلەيدۇ>....بۇلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئانچە ياخشى ئەمەس.شۇڭا ئۆيدىكىلىرى پۇلنى ئاز، يەيدىغان نەرسىلەرنى جىق ئەۋەتىپ بېرەتتى..< نامراتنىڭ ئېشى چىشقا دورا > دەپ .ھەممىمىز مۇشۇنىڭ نېنىغا ئامراقتۇق...ئۇ تولاراق تاماققا چىقماي، نان بىلەن ھەرخىل سېرىقماي، ئاقماي، سۈزمە، تالقانلىرى بىلەن چاي ئىچەتتى..مەن تاماقنى ئالاتتىمدە، ياتاققا كېلىپ تاماقنى ئۇنىڭغا بېرەتتىم..ئۆزەم ئۇنىڭ نەرسىلىرى بىلەن ھوزۇرلىنىپ چاي ئىچەتتىم...ئۇمۇ خوشال بولاتتى. قوساققا كەلگەندە، ھەرگىز نازلانمايتتى..ئۆزىمۇ ئۇستىخانلىق، بەدەن قۇرۇلۇشى شۇنداق چىرايلىقتى..بىز ئۇنى ياتاقتا ( تا ھازىرغا قەدەر ) ئوغۇل بالىدەك كۆرەتتۇق،،بىر نەرسىلەرنىڭ ئاغزىنى ئاچالمىساق، ئېگىز يەرلەرگە قولىمىز يەتمىسە، قېتىپ كەتكەن نانلارنى ئۇشتۇيالمىساق..مەرھابا..دەيتتۇق..ئۇ كېلىپلا بىر تەرەپ قىلىۋېتەتتى..مەن تېخى پاتپاتلا مېنى كۆتۈرۈپ قويە دەپ تۇرىۋالاتتىم.... -P$PAg5"2  
[Kg+^N% +  
  ( ئاخىرى بار ) u5`u>.!  
w e//|fA<  
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈلمىسۇن......
تېما تەستىقلىغۇچى : ئالتۇن
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-16, 15:51
blog.salkin.cn
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-16 23:27 |
تۈمەن
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 4314
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 663
شۆھرەت: 805 كىشىلىك
پۇل : 2320 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 710 نۇمۇر
قوللاش: 659 نومۇر
ئالقىش: 704 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاخىرىغا تەقەززامىز.
مەيلى دەيتتىم گەپمۇ قىلمايتتىم،
قارچۇغىنى قۇرغۇي دىسىڭىز.
كۈلۈپ كەتتىم غىدىغىم كىلىپ،
ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇرغۇي دىسىڭىز.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-16 23:56 |
ئىبنۇر
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26681
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 85
شۆھرەت: 96 كىشىلىك
پۇل : 575 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 93 نۇمۇر
قوللاش: 89 نومۇر
ئالقىش: 103 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاخىرىنى تېزىراق يېزىڭە.   ياتىقىمنى ئەسلەپ قالدىم.    ياتاق تۇرمۇشى ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك جىما!
مىنى چۈشەن~~~~~~~~~~~~ ماڭا ئشەن!!!!!!!!!!!!!!!!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 00:01 |
yusran
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26868
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 48 كىشىلىك
پۇل : 525 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 61 نۇمۇر
قوللاش: 39 نومۇر
ئالقىش: 80 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      ئۇنداق چاغلاردا مېنى كۆتۈرۈپ شۇنداق پېقىرتىۋېتەتتى...شۇنىڭ بىلەن باشقىلارمۇ..< ماخا..ماخا..> دېيىشىپ كەينىدىن يۈگرەيتتى...ھە..راست..بىر گەپنى دېيىشنى ئۇنتۇپتىمەن...بۇ ئالتايلىق قىزلار بەك قىززىق دەيمەن...مەرھابانىڭ بىر مۇنچە دوستلىرى بار..بىللە ئوقۇغان...بىر - بىر سىدىن چىرايلىق..باھارگۈل، شاھادەت، نۇرجەھرە،،ئىشقىلىپ جىقلا قىزلار...بۇ ساراڭلار بىر چىرايلىق ئىسمىنى ئاتاشماي...<ماخا، باخا، شاخا، نۇنۇ،>،دەپ ئاتىشىدۇ...ئارىسىدا ئەڭ چىرايلىقى شاھادەت ئىسىملىك قىزتى..مەن ئۇ قىز بىلەن ئالىي مەكتەپ تەييارلىق سىنىپىدا بىللە ئوقۇغان...تېخى پارتىداشتۇق....شۇ چاغلاردا شاھادەتنى قوغلىشىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەنتى، دېمىسىمۇ بەك چىرايلىقتى..مىجەزىمۇ بەك تۈز..خېتى مانا ئەڭ چىرايلىقتى كاساپەتنىڭ جۇمۇ..ھەر سائەت تەنەپپۇستىن چۈشۈپ قارىسىڭىز بىر توپ ئوغۇللار بويۇنلىرىنى سوزۇپ قاراپ كېتەتتى سىنىپقا....ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاشكارا قوغلاشقانلار، كۆيۈپ يۈرگەنلەر، ۋايۋۇي جىقتى...تېخى مېنى ئۇنىڭ بىلەن يېقىنكەنسىز دەپ ( ئارقا ئىشىك ) قىلىپ كېتەتتى....شاھادەت ئۇلارغا شۇنداق تەبئىي مۇئامىلە قىلاتتى...قازاق شەھرىدە چوڭ بولغاچقىمىكىن،،ئانچە تارتىنىپ كەتمەيتتى..ھە مەرھابانىڭ گېپى بويىچە ئالتايلىق قىزلار ناز قىلىشنى بىلمەيتتى..دېمىسىمۇ،،،ئۇ شاھادەت ھەممە بالىلارغا ئوچۇق قىلىپ < ئالتايدا يىگىتىم بار ..نۇرئەلى..> دەپ رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ يۈردى..بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ ئىشلارمۇ پەس كويغا چۈشتى..لېكىن ئۇ نۇرئەلى دېگىنى باشقا بىرسىنى تېپىۋېلىپ ، مۇشۇ يېقىندا.........شاھادەتنى داغدا قويدى دېسە..... =+e;BYD#!  
[c>YKN2qa  
     ھە گەپكە قايتساق..باشقا قىزلار مەرھابانى < ماخا > دەپ چاقىرىدۇ...لېكىن مەن پەقەت كۆنەلمىدىمغۇ، تاڭ....بىر ئاتۇشلىق قىز باتتى،،تۇرسىناي دەپ، قەتىئي يېڭىلىق قۇبۇل قىلالمايدىغان.. پادىچىلار ئىشتىنى كىيىپ يۈرسەك ( تېخى شۇنداق ئاددىلىرىغۇ بىزنىڭ كىيگىنىمىز. مەرھابانىڭ ھېلىقى ئىشتىنىدەك < ئادەم ئۆلتۈرىدىغان>لىرى ئەمەس)  < تەخەيدەك قىلىشىپ> دەپ كېتەتتى. ( ھازىرغۇ ..پادىچىلار ئىشتىنى پادىچىلار چاپىنى..ئىشقىلىپ موتۇسېكىلىت مىنىدىغانلاردەك قىلىپ يۇرۈيدۇ ) شۇ قىز جېنىدا..مەرھابا دېگەن ئىسمىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەكلا..< ماخا > دەپ چاقىرىدىغان بولۇپ كەتتى...ماڭا بەلكىم ..بىرىنچى قېتىم مەرھابانىڭ ئاپىسى ئۇنى < مەرھابا >دەپ شۇنداق تولۇق ، چىرايلىق ئاتىغىنى بەك تەسىر قىلغان بولسا كېرەك،،،شۇڭا...ھازىرغا قەدەر مەرھابا دەيمەن...ئۇمۇ مېنى ئالاھىدە كۆرىدۇ...تازىلىق قىلىش نۆۋىتى ماڭا كەلگەندە...خوشياقماي بىر يەرلەرنى سۈرتىۋاتسام..يېنىمغا كېلىپلا...< ئەكەگىنە..ئىچىمنى بەك پۇشۇرۋەتتىڭ ...مۇنداق مۇنداق قىلمامسەن،،> دەپلا شاق - شۇق قىلىپ ھەممە يەرلەرنى پاك - پاكىز تازىلىۋېتەتتى....مەن بىر ياندا كەينىگە ئەگىشىپ يۈرۈپ گەپ قىلىپ بېرەتتىم....< قانداق قىلارسەن.ئەگە تەگسەڭ..مۇشۇنداق قىلىپ...مەندەك ئادەم بولسام .قوڭاڭغا تېپىپلا چىقىرىۋېتىمەن ..ئۆيدىن > دەپ خاپىمۇ بولۇپ قوياتتى.....< ۋاي ..ئۇ چاغقىچە ئۆگىنىپ ..ئاتتەك بولۇپ كېتىمەن > دەيتىم...يەنە بىر گەپ چىقتى < ئات > دەپ..بۇ گەپنى بىز شۇ ۋاقىتتا ياتاقتا ئىجاد قىلغان ئىدۇق..نېمىسى نېمە بولغان ئىشقىلىپ..گۈزەلنۇر دەپ يەنە بىر قىز باتتى...پوسكام نېفىتلىك..شۇ، مەن، مەرھابا ،،ئايشەمگۈل( بايا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن كۇچالىق قىز شۇ...ئۇ توغۇرلۇق ئايرىم توختىلىمەن ..ئۇ بىر دۇنيا ...ھە)  شۇ 4ىمىز گەپ قىلىپ ئولتۇرۇپلا، ئات دېگەن گەپ چىقتى....شۇنىڭ بىلەنلا كەينى - كەينىدىن ئاتتەك ياخشى..ئاتتەك ماز، ئاتتەك چىرايلىق...دەپ سۆزلەپلا كەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆزمۈ بەك تېز ئۇمۇملاشتى(مەركەزدىن كەلگەن سادالارمۇ ئۇنداق ئىتتىك بولماس )..پۈتۈن بىزنىڭ قەۋەتتكى قىزلار، سىنىپتىكىلەر ، ھازىرقى مۇشۇ ياتاقتىمۇ  سۆز ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا....مەسلەن..بىرسى ئولتۇرۇپلا < ۋاي بۈگۈن دېمەيسىلەر..بىر توردىشىم بىلەن كۆرۈشكەنتىم..ئاتكەن جۇمۇ ئاتكەن > دەيتتى،،< ئات > نى تەلەپپۇز قىلىشىغا قاراپلا...ئۇ توردىشىنىڭ بەك قاملاشقان ئىكەنكىنى بىلىۋالاتتۇق...ھەرخىل ھەريەرگە ئىشلىتىۋېرەتتۇق.....< تالا ئاتتەك سوغ جۇمۇ > < بۈگۈن تاپشۇرۇق ئاتتەك جىق >< ۋاي ئاداش، ئاتتەك بولۇپ كېتىپسەن > ئىشقىلىپ بىر خىل ئاشۇرما دەرىجە سۈپەتلەشتى ئۇ < ئات > مۇنداچە ئىيتقاندا،،،،شۇڭا ھازىرمۇ باشقا ياتاقنىڭ قىزلىرى ،،بىزنىڭ 418 نى < ئاتلار > دەپ قويىدۇ..... 7r3EMX\#Qm  
cMUmJH  
      بەزىدە ئىچىم ئاغرىيدۇ ،،مەرھابا غا...ماڭا دەپ بېرىشىچە..دادىسى ئىچكى مۇڭغۇلدا تىجارەت قىلىمەن دەپ ، زىيان تارتىپ كېتىپ ،،شۇ پېتى ئۆزىنى ئوڭشىيالماپتۇ..كۈندە ھاراق ئىچىدىكەن..ئاپىسى بىچارە..ھەر كۈنى راڭپىزا پىشۇرۇپ كەچلىك بازاردا ساتىدىكەن....مەرھابا مۇ پىشۇرالايدىكەن ،،مەكتەپتىن چۈشۈپلا ، ئۆيگە بېرىپ مەخسۇس راڭپىزا پىشۇرىدىغان ئۆيى باركەن. ( بۇلارنىڭ قورۇ - جايلىرى بەك يوغانكەن..بىزنىڭ ئۆيگە نەچچە قېتىم بېرىپ ياراتمىدى،150m2 ئۆينى..كىچىككەن ھەي بۇ ئۆيۈڭلار دەپ ) شۇ ئۆيگە كىرىپ بىر پىشۇرسا كەچلىك بازار بولغۇچە پىشۇرىدىكەن..ئاندىن ئاپىسى بىلەن ئۇ يېرىم كېچىگىچە سېتىشىپ بېرىپ ،ئاندىن ئۆيگە قايتىدىكەن..ئەتىسى ئەتىگەندە (بەك سەھەر قوپىدۇ..تېخى بەزىدە ناماز ئوقۇپ كېتىدۇ..تۈنەش دەيدىغان بولسا باشىسى...) تۇرۇپ پۈتۈن ئۆيلەرنىڭ مەشلىرىگە ئوت سالىدىكەن ..تېخى نىمە دەيدۇ..< قانچە ئەتىگەن قوپسام شۇنچە ياخشى دېگىنە،،بولمىسا دادام كەچتە مەس كىرىپلا خۇدىنى بىلمەي ئۇخلايدۇ،،سوغۇقتا توڭلاپ قالمىسۇن دەپ ...ھەممە ئۆيلەرگە ئوت سالىمەن > بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزەمنى خۇددى كۈلقىزنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم...بەزىدى كۆزۈمدىن ياشمۇ چىقىپ كېتەتتى..لېكىن، مەرھابا بەك غەيرەتلىك..ئۈمۈدۋار..سىز ئويلاپ بېقىڭ..21-ئەسەردە مۇشۇ كۈندە ئالىي مەكتەپتە بىر ئاينى 150سوم بىلەن ئوقۇش مۇمكىنمۇ ؟  ...( ئۇ پۇل تاماق، پارچە راسخوت، كىيىم - كېچەك ھەممىسى بولدى ) ئۆيىمىز ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ..بىزگەبىر ھەپتە يەتمەيدۇ ..لېكىن ئۇ يەتكۈزىدۇ..توۋا دەيمەن ..ئىشقىلىپ خەقتىن كېيىن قالمايدۇ...ھە راست..ئۇ يەنە سورۇنلارنىڭ گۈلى...بىر يەرگە بېرىپ ئويناپ كەلمەكچى بولساق..< مەرھابا بارامدىكەن ؟> دەيمىز...قازاقچە، ئۇيغۇرچە ،تاتارچە،،ئۇسسۇل دېگەننى ئاتتەك  ئوينىۋېتىدۇ....تاڭسىلارغا كەلگەندە قىزلار تالىشىپ كېتىمىز < ئاداش ماۋۇ قول مېنى ھە دەپ > ئۇمۇ ھەممىمىزگە تەڭ مۇئامىلە قىلىپ ئۈلگۈرىدۇ...ناخشىلارنى ئېيتىپ قويىدۇ..ئەمما....ئاڭلىمىغانلار ئارماندا دېگەندەك. ( Q k*B  
F-?s8RD  
     ھازىر ئۇ بۇرۇنقى مەرھابا يوق..چاچلىرىنى كېسىپ بۈدرە قىلدى..سېرىقراق بىر رەڭدە چېچى ..شۇنداق يارىشىملىق ..دېگەنتىمغۇ..بەدەن قۇرۇلۇشى بەك چىرايلىق دەپ.ئەرزان ( تېخى بىز كىيمەي ياراتماي تاشلىۋېتەيلى دېگەن كىيىملەرنى بىر ياڭزا قىلىپلا ئۆزگەرتىپ كىيىۋالىدۇ..ھەيران قالىمەن ) كىيىملەرنى كىيسىمۇ شۇنداق يارىشىدۇ......ئىشقىلىپ بۇ نەچچە يىللاردىن بۇيان مەرھابا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ،بۇگۈنكى بۇ چىريلىق ھالىتىگە كەلدى..لېكىن مىجەزى يەنىلا بۇرۇنقىدەك..شۇنداق خۇشئاۋاز.......بىزنىڭ سىنىپتىكى ئوغۇللار ( بىر نەچچىسىدىن باشقا ) قىزلار بىلەن خوشى يوقلار ، بەلكىم ماتىماتىكا كەسپى شۇنداق قىلىپ قويدىمىكىن ،يا بۇرۇندىن تارتىپ شۇنداقمۇ ئىشقىلىپ بىز زولاپ گەپ قىلساقمۇ ئانچە گەپ قىلىپ كەتمەيدۇ...ئۆزىنىڭ يۇرتداشلىرى..ۋە ئۆزىگە ئوخشاش ماتىماتىكا ئۈچۈنلا تۇغۇلغان بىر نەچچە قىزلاردىن باشقا قىزلارغا ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل كېلىپ قالساقمۇ گەپ قىلمايدۇ دېسە....توۋا...( كېيىن بىلدۇق سىنىپ باشلىقىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى نەتىجىسىدە،،.ئەسلى ئۇلار بىزنى ھاكاۋۇر، ھالى چوڭ دەپ گەپ قىلمايدىكەنتۇق...) لېكىن شۇ ئوغۇللارمۇ مەرھاباغا ئامراقتى...تېخى < ماخا> دەپ چاقىرىپ كېتىشلىرى باتتى......بىزنىڭ بۇ ھازىرقى ياتاقتىكى قىزلارنى سىرتتىن كۆرسىڭىز ھەرگىز ماتىماتىكىنىڭ قىزلىرى دېمەيسىز...قاچانلا قارىسىڭىز كۈلۈپ، ئويناپلا يۈرگەن ..مەيلى گەپ - سۆز، كىيىنىش قاتارلىقلاردا بولسۇن..زاماننىڭ ئالدىدا..ئىمتىھانلىرىمىزمۇ جايىدا.....ھەممىسى ھەۋەس قىلىدۇ.... yzCamm4~0  
&C E){jC  
(داۋامى بار )    رۇخسەتسىز كۆچۈرۈلمىسۇن
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 00:44 |
ئوغۇز-ئوغلى
ئوزلۇكىمىزنى يۇقاتمايلى!
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 13755
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 519
شۆھرەت: 521 كىشىلىك
پۇل : 3080 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 578 نۇمۇر
قوللاش: 540 نومۇر
ئالقىش: 645 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاپلا بىراقلا توككەندە كىرسەمچۇ.....ئاخىرغا قارايمىز.........
blog.salkin.cn
باشقىلارنى ئىگز دەپ بىلىشىڭ،ئەمەلىيەتتە ئوزۇڭنىڭ ئولتۇرۋالغىنىڭدا،شۇڭا ھەر ۋاقىت دەس مەزمۇت تۇر...!~!
تۇنۇگۇنكى ئازاپنى ئۇنتۇش ئۇچۇن،ئەتىكى بەخىتكە ئىنتىلىش زورۇر!
ئاللا ھەممىدىن ئۇلۇغ!!!

In the election of a wife,as in project of war,to err but once is to be undone for ever。
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 01:14 |
ئۇيغۇرىيە0998
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 16717
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1051
شۆھرەت: 1118 كىشىلىك
پۇل : 7280 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1237 نۇمۇر
قوللاش: 1140 نومۇر
ئالقىش: 1481 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاخىرىنى تىزراق يازسىڭىز بوپتىكەن!! ;sn]Blpq  
بۇنى ئوقۇۋىتىپ مەكتەپتىشىم~ئالتايلىق ھاۋاگۇل دەيدىغان،ئۇيغۇر مەكتەپدىشم،شۇنداقلا ادوستۇم (ئۇ باشقا  كەسىپ مەن باشقا كەسىپتەئوقۇغان)قازاقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىغان ،قاراقچە،خەنزۇچە دىگەنى پىچەت يىرىتۋىتدىغان دوستۇمنى ئەسلەپ قالدىم~~` i"o %Gc  
ئۇلارنىڭ تىخى بولمايسەنما،،،،ئىش يوق دىگەنى جۇمۇرتقا يوق ئىكىن ...دىيشلىرىچۇ
izdax.com
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 01:53 |
yusran
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26868
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 48 كىشىلىك
پۇل : 525 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 61 نۇمۇر
قوللاش: 39 نومۇر
ئالقىش: 80 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاخشام خىيال سۈرۈپ يېتىپ  قاچانلاردا  ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن...<ۋايجااااااااااان،،ئۇيقۇم قانمىدى مېنىڭ قىزلار  > دېدىم ئېرىنچەكلىك بىلەن ئەسنەۋېتىپ. < ھە بولدى خېنىم،،نىمە دىمەكچى..دەرسكە چىقماسلىقنىڭ قازىنىنى ئاسماقچىما؟ ئاتتەك بولە ..چۈشە چاققان...تاپشۇرۇقنىمۇ ئىشلىمىگەنسەن ( توغرىراقى كۆچۈرۈپ بولمىغانسەن ) ھە قاچان ؟!!> دېدى بىر ياقتا ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق كۆچۈرۋاتقان مەرھابا. < يا.. مەن بىلمىسەم....> دېدىم بوينۇمنى تاتلاپ. < بۇ مالىمنىڭ دەرىسىگە چىقىپ باقمىدىڭغۇ؟ دەيمەن سەن ھە!!!> دېدى بىزنىڭ مۇشۇ ياتاق بويىچە دەرسكە تولۇق چىقىپ، بىزنى سىنىپتىكى ئەھۋاللاردىن تولۇق خەۋەردار قىلىپ تۇرىدىغان ، غۇلجىلىق قىز كامىلە. < ۋاي ! ئۇندامۇ دەپ كەتمە ئاداش..چىقتىمغۇ ،،ھېلىقى كۈنى..كىنو قويۇپ بېرىمىز دېگەندە..> دېدىم تومشۇقۇمنى سوزۇپ.... #.^A5`k  
$)6%LG_@  
     سىنىپ بويىچە دەرس  تاشلايدىغان بىزنىڭ ياتاقنىڭ قىزلىرى...ياتاق بويىچە ئەڭ كۆپ تاشلايدىغىنى ھى ھى مەن. ئەسلىدە بەك تولۇق قاتنىشاتتىم. سىنىپنىڭ ئەھۋالى ھېلىقىدەك ..بىر توپ ئۆزلىرىنى پىراففېسور چاغلايدىغانلار ..بىرىنچى رەتتە تىزىلىپ قاتار ئولتۇرىدۇ...ئەتىگەن چىقىپ ئورۇن ئېلىشىپ كېتىدۇ..بىر كۈنى زادى ئۆزەمنى باسالماي...< ھەي..ئۇنداق ئەتىگەن چىقىپ ئورۇن ئېلىپ ، بىرىڭلار بۇ يەردە پوستا تۇرمىساڭلارمۇ..ھېچكىم تالاشمايدۇ بۇ ئورۇننى...> دەۋېتىپتىمەن...<.ب سىنىپنىڭ باللىرى تالىشىدۇ > دەيدۇ...2سىنىپنىڭ بالىلىرى جىق بولساق 60قا بارامىز....مۇشۇ چوڭ سىنىپنىڭ ئالدىدىكى ئورۇنلىرىدا ياتسىمۇ يېتىدۇ ئۇلارغا...توۋا دېمىسە( تاققا ئوينىغىلى چىققاندا قارىسام دەرسلىك كىتاپ كۆتۈرۋاپتۇ، نىمە دەيسىلەر بۇنىڭغا.) ...ئاشۇنداق ئۆگىنەمدا..مەۋسۈم ئاخىرىدا قارىسىڭىز ھېلىقى < ئاتام ئىيتقان بايىقى >، بىزدىن جىق پەرقلەنمەيدۇ.. شۇڭا ئۇ سىنىپنى كۆرسەملا . ئالدىدا مۇئەللىملەرگە ھومۇيۇپ قاراپ ئولتۇرغان ئاشۇلارنى كۆرسەم ..كەيپىم ئۇچىدۇ... nWz7$O  
\]=''C=J  
     بىر يېقىن دوستۇم بار ئىدى...( ھازىر ياپونىيەگە چىقىپ كەتتى ) تىببىي ئۇنۋېرسىتتا ئوقۇيدىغان. شۇ ماڭا ئىسپىراپكىنى پېچىتى بىلەن ئەكىلىپ بېرەتتى.(ھەي ھەجەپ قەدرىنى بىلمەپتىكەنمەن ئىسسىت ) .تامغا، كېسەللىك دئاگنوز، ھەممە نەرسىسى تولۇق،،پەقەت ئىسم بىلەن يىل ئاي كۈننى يازسىلام بولىدىغان...ھەم بىزنىڭ ياتاقتىكىلەرنىڭ سىنىپ باشلىقىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىمىز بەك ياخشىتى.....( ئۈرۈمچىلىك يوغۇن بالا ) ئۇ ئۆزىمۇ خېلى گاڭگۇڭ بالا...ئۇمۇ ياردەم قىلاتتى ..( ماڭا گەپ قىلىپ ئاڭلىتىلمىغاندىن كېيىن ) سىنىپ باشلىقى ئۆزىلا يوقلىما قىلىدىغان يەرلەردە مېنى ئېنىقلا بار قىلىپ قوياتتى...زادى مالىم كۆرمىسە بولمايدىغان يەرلەردە ماڭا تېل قىلاتتى...< ھەي قىزبالا..نەدە سىز  ؟ ھازىر مالىم ئۆزى يوقلىما قىلىدىكەن >دېسە، بەزىدە چىقاتتىم، غىپپىدە قىلىپ ئارقا ئىشىكتىن كىرەتتىم..بەزىدە < نىجات. ئاغرىق دەپ قويۇڭە..ئىسپىراپكىنى ئەتە بېرەي> دەيتىتم ،( ھازىر ئويلىسام شۇ بالىغىمۇ نىمە كۈن دەيمەندە..) . بىر كۈنى سىنىپ يىغىنىدا،< سىنىپ باشلىقى بولغاندىن كېيىن ، ئاندا قىلمامسىز ، مۇندا قىلمامسىز> دەپ ، تەنبىھ بېرىپ كېتىپتىمەن ئۆزەمچە..< مەۋەگە بىر چىقىڭە سىز > دىمەسما بىردەمدن كېيىنلا ..ئاستا كەينىدىن چىقسام..< ھەي قىزبالا...ۋىجدانىڭىز بارمۇيا؟ سىزنىڭ تاشلىغان دەرسلىرىڭىزنى يېزىپ قويىدىغان  بولسام، مەكتەپتىن نەچچە قېتىم قوغلاندى بولاتتىڭىز جۇمۇ..بالىلارنىڭ ئالدىدا ( پوداقچى) دېگەن نامغىمۇ قالدىم..نىمە گەپ قىلمىسام....> دەپ سۆزلەپلا كەتتى....(شۇنىڭ ياقى بىزە پوچىلىشىپ قالدى بۇ كاساپەتمۇ ..ھى ھى ) 'NYW`,  
'BO MFp7c  
    بۇ سىنىپتىكى بەزى ئوغۇل بالىلارنىڭ مېنى ياقتۇرماسلىقىدا مۇنداق بىر سەۋەبمۇ بار..كەسىپكە چىققاندىن بۇيان دېمىسىمۇ، سىنىپقا تولا چىقمايمەن.. ئىمتىھانغا 10 كۈن قالغاندا..پۈتۈن ياتاق بويىچە كېچىچە ئۇخلىماي تەكرار قىلىمىز..بەك كۆڭۈللۈك دېمەيسىز..ئادەتتە تولۇق دەرسكە چىققانلارمۇ باشقا ياتاقتىكىلەردىن،، ئۇلارمۇ بىر خىل جىددى تۈستە تەكرار قىلىپ كېتىدۇ...< توۋا ،،مەن سىلەردەك تولۇق قاتنىشىپ دەرس ئاڭلىغان بولسام ئۇخلايتتىم جۇمۇ دەپ قويىمەن>  بەزىدە. بۇنداق چاغدا مەرھابا..< نىمىش قىلىسەن ئۇلارنى ئۇخلىتىپ،،ماۋۇ نەرسىلەرنى سەن چۈشەندۈرۈپ قويامسەن؟ > دەپ ھومىياتتى....مەرھابا دەرس ئۆگەنسە ئاجايىپ تىرىشچان. تىئورمىلاردىن. قائىدەلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى يادلاپ.يېزىپ ئۆگىنىدۇ. مەنما..<مۇندا مىسال كەلسە قاندا ئىشلەيمىز، ئاندالىرى كەلسە قاندا ئىشلەيمىز > دەپ شۇنىلا سورىۋالىمەن..ئەمەلىي نەرسە ئۆگەنگەن ئەۋزەلدە..قائىدە دېگەندەك نەزەرىيەلەردىن چىقىپ قالسىمۇ، جىق چىقمايدۇ،،ھەم ئۇنى ئۇندا - مۇندا قىلىپ يېزىۋالغىلى بولىدۇ دە،، بەلكىم ئورتا مەكتەپتىكى ئاساسىم ياخشى بولغاچقىمىكىن، مۇندالا ئۆگىنىپ قويسام كاللامدا تۇرۇپ قالاتتى..ھېلىقى بالىلارنىڭ شۇنداق جاپا تارتىپ ئۆگەنگىنى مۇشۇ نەرسىلەرتى.....شۇنىڭ بىلەن ئىمتىھاندا ، ئۇنى - بۇنى قىلىپ  ياخشى نومۇر ئالاتتىم...تەنتەربىيە نەتىجەم ئالاھىدە ياخشىتى..( چۈنكى مەرھابا تەنتەربىيە باشلىقىمىزتى ھى ھى ) خەنزۇچە ئىمتىھانلارنى ئويناپ تۇرۇپ بېرەتتۇق،،،شۇنداق قىلىپ 2 يىل <1-دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى > ئالدىم . < ئىلغار ئوقۇغۇچى > دېگەندەك شەرەپلىك ناملارغىمۇ ئېرىشتىم...شۇڭا ،،بەزى ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم ئىدىيىسىدىن قەتئىي ئۆتكۈزەلمەي.( كېسەل بولۇپ قالغىلى تاس قالدىغۇ دەيمەن ..).ماڭا بولغان مۇئامىلىسى كۆرۈنەرلىك سوغۇقلاشتى...تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن..< دېمىسىمۇ توغرا..ئۇلارغىمۇ ئاسان ئەمەس > ھەتتا بىر قېتىم بىر مەۋسۈم ئەخلاقمۇ ئىشقىلىپ بىر دەرسكە كىرىپ باقماپتىمەن..مالىمنىمۇ تونىمايمەن..ئىمتىھان ۋاقتىدا بۇ مالىم كىرىپ < مۇنچىنچى سۇئال خاتا بېسىلىپ قاپتۇ ..ئۆزگەرتىڭلار> دېدى..شۇنداق قاراپمۇ تاپالمىدىم...<مالىم، قانچىنچى بەت؟ > دېيىشىمگە مالىم ئاستا يېنىمغا كېلىپ.< سىز كىمۇ ؟ > دەيدۇ..ساراڭمۇ يا ؟ بۇمالىم .< مەن .شۇ ..> دەپلا سىنىپ باشلىقىمىزغا قارىدىم...ئۇمۇ بىزگە قاراپ تۇرۇپتىكەن ..<ھېلىقى ئاغرىپ قالغان قىز شۇ مالىم > دېدى..< ھە..شۇنداقمۇ؟؟؟؟؟ساقايدۇقمۇ يا؟ > سورىدى مالىم...< ھە ..ياخشى بولۇپ كەتتىم مالىم.رەھمەت كۆڭۈل بۆلگۈنىڭىزگە > دەپ خوشامەت قىلىپ كەتتىم شۇ يەردە...تېخى شۇ دەرستە سىنىپ بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئاپتىمەن... x>TIQU=\  
D(&XmC[\Y  
(داۋامى بار )   رۇخسەتسىز كۆچۈرۈلمىسۇن. .:/[%q{k  
   vg;9"A!(  
  
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 02:38 |
دىلنۇرۇم
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 14118
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 244
شۆھرەت: 424 كىشىلىك
پۇل : 1687353 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 299 نۇمۇر
قوللاش: 271 نومۇر
ئالقىش: 369 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تىلفۇنۇڭىزغا ئۇقۇشماستىن پۇل قاچىلاپ قويۇپ سىزگە ئۇچۇر قىلغان نامەلۇم يولداشقا مۇناسىۋەتلىك جايلارمۇ بارمۇ يا؟ + C'<*  
ئاخىرغا قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن، مۇمكىن بولسا تېزراق يوللارسىز......
  ئويلاپ سۆزلەڭ  ! 
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 02:45 |
yusran
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26868
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 48 كىشىلىك
پۇل : 525 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 61 نۇمۇر
قوللاش: 39 نومۇر
ئالقىش: 80 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  تۇيۇقسىزلا، ئاخشامقى ھېلىقى ئۇچۇر ئېسىمگە كېلىپ قالدى دە، قولفونۇمنى ئاچتىم......< ئۇف..خۇداغا شۈكرى...ياخشى تېلمۇ قىلماپتۇ، ئۇچۇرمۇ ئەۋەتمەپتۇ. قارىغاندا ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئوخشايدۇ...ھى ھى > < نېمىلەرنى دەۋاتىسەن؟ سەت ھىجاراپ....بولە ئاتتەك يۈزۈڭنى يۈيۈپ كىرە...دەپتىرىڭ قېنى ؟ يېزىپ قوياي..ئۆزەمنىڭكىنى يېزىپ بولدۇم.....> دېدى مەرھابا. < دەپتىرىمما؟  ھە راست ، گۈزەلنۇرنىڭ ( ھېلىقى 1-يىلى بىر ياتاقتا ياتقان پوسكام نېفېتلىك دوستىمىز ) ياتىقىدىتى....توختا ..مەن ھازىر ئاچىقاي ...> .. O)%s_/UX  
lN~u='Kc  
      گۈزەلنۇرنىڭ ياتىقىدا، بىزنىڭ كامىلەدەك( دەرسكەتولۇق چىقىدىغان ) قىزلار جىق ئىدى.....ئۇلار بىز بىلەن بىر كەسپ ..لېكىن ب سىنىپنىڭ. ئەمما مۇناسىۋېتىمىز ئاتتەك ياخشى..ئۆزەمنىڭ ياتىقىدەكلام..گۈزەل ( ئۇنى شۇنداق ئاتاپ كۆنۈپتىكەنمەن ) مەندىن ئۆتە ھورۇن. ئۇ ب سىنىپنىڭ دەرس تاشلاش پادىشاسى....بىر قېتىم فاكۇلتېت يىتەكچىمىز ئىككىمىزنى < ھە ! ئىككى سىنىپنىڭ لاۋدالىرى ..نەگە ماڭدۇق؟..> دەپ قويغان ياقى ئىككىمىزنى باشقىلار < لاۋدا > دەپ قويىدۇ....< ۋوي..ئەتىگەن تۇرۋاپسىەنغۇ؟ نىم بوپسەن؟ > دېدى گۈزەل بېشىنى ئاران كۆتۈرۈپ..< ئاداش، تاپشۇرۇق باركەن..دەپتىرىمنى سېنىڭ سومكاڭغا سېلىپ قويغان شۇ كۈنى ،،> دېدىم مەن ئۇلارنىڭ يوغان تىكلىمە ئەينىكىگە قاراۋېتىپ...< تارتمىدىلا، ئالە..>دېدى ئۇ ئەسنىگەچ. < سەنچۇ ؟ چىقامسەن ؟ > < سەن چىققان يەردە مەن چىقمىسام سەت تۇرا...> <توۋا..ھەممىسىگە دەرسكە چىقىشىم قىززىق تۇيۇلۇپ كەتتىمۇ نىمە؟ > دېدىم مەن دەپتىرىمنى ۋاراقلاۋېتىپ..< سەن بىينىمىمۇ.. تولۇق چىقساڭ بولىدۇھەي...> دېدى ھېلىقى بېشىدىكى ياتىقىمىزدىكى ئايشەمگۈل دېگەن كۇچالىق قىز....ئۇنىڭ تەلەپپۇزى ئادەم ئۆتتۈرىدۇ...نەق ھازىر كۇچادىن چىققاندەكلا سۆزلەيدۇ ..لېكىن بەك ئۇماق...مەن ئامراق ئۇنىڭغا......مېڭىشى تېخى ھە ئۇنىڭ ،ياتاقتا تۇرۇپ بىلەلەيمىز ئايشەمگۈلنىڭ پەلەمپەيدىن چىقىۋاتقىنىنى....گۈس -گۈس دەسسەپ ماڭىدىغان بولسا..ئەيھانناس...تېخى قوللىرىنى قاتتىق سېلىپ ماڭىدۇ....قاپاق دېگەننى تۈرۈپ ئۇنىڭ قىزىقارلىق ئىشلىرىنىڭ جىقلىقىداكېيىنچە ئالدىرىماي توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ......< ۋاي..مېنىڭ چىققۇم بار شۇ چىقاي دەپمۇ چىقالمايمەن...> دەپ ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىپ قويدۇم.....< ئاتتاااااااااااااااممممممممم ما بىينىمىنى.....ساراڭ بىنىيمە..> دەپ كۈلۈپلا كەتتى..< ھە ..راست..سىلەرگە بىر گەپ دەپ بېرەي..> بۇ ياتاقتىكىلەر مېنىڭ گەپ قىلىشىمغا بەك ئامراق...گەپ قىلىپ بېرىڭە دەپ تۇرىۋالىدۇ بەزىلىرى تېخى...ئۇلارغا ئاخشامقى ئۇچۇرنىڭ گېپىنى دەپ بەردىم...ھەممىسى ھەيران قېلىشىپ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ كېتىشتى...< كارىڭ بولمىسۇن بولدى...يا سەن خاتا قاچىلاپ قوي دىمىسەڭ..سەن بۈگۈنكارىڭ بولمىسا ئۇياقمۇ بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان بولىدۇ..ئۇ كالۋاغا قىلغان ياردىمىڭ بولۇپ قالىدۇ..بۇگۈن ئاچما قولفونىڭنى> دېدى.گۈزەل ( گۈزەلنىڭ پىكىر قىلىشى بەزىدە بەكلا نورمال ئەمەس..كېيىنچە بايقاپ قالىسىز). ....< ئۇنداق قىمما بىينىمە....كۆرۈشۈپ بەرگىن بوممىسا..تېخى ئاتتەك بىرسىمۇ تېخى..> دېدى ئايشەنگۈل ئۇماق كۈلۈپ.....( شۇ بۇ قىزنىڭ بىرلا ئەيىبى  ئوغۇللارغا بەك قىزىقىدۇ. بۇ توغۇرلۇق گۈزەل ئىككىمىز ئاز بولمىغان نەسىھەتلەرنى قىلىدۇق ) .< بىرگەپ بولا..چىكەتتىم ھە ! مەرھابا تىتىۋەتمىسۇن يەنە مېنى >.. #u/5 nm  
d7P' c!@+  
   g27)$0&0  
'cPE7uNT  
داۋامى بار  رۇخسەتسىز كۆچۈرۈلمىسۇن
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 03:18 |
شرزات1430
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 23944
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 194
شۆھرەت: 194 كىشىلىك
پۇل : 71 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 213 نۇمۇر
قوللاش: 203 نومۇر
ئالقىش: 238 كىشلىك
دوستلۇق توپى: قەلىب
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاخىرىچۇ....
blog.salkin.cn
مىللىتىڭ ئۇيغۇر بۇلسا تۇنۇشۇپ ئۇتكەن ياخشى،
دىنىڭ ئىسلام بۇلسابىرلىشىپ ئۆتكەن ياخشى.
كۆيۇكنىڭ داۋاسىغا يەتمەس ھەتتاكى باخشى،
ئىشىق ئوتىدا كۆيگەننى خارلىمىغان ياخشى.
چ چ:-280256988
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 10:34 |
سەبۇرەم
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 17955
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 94
شۆھرەت: 106 كىشىلىك
پۇل : 618 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 112 نۇمۇر
قوللاش: 102 نومۇر
ئالقىش: 137 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاخىرىنى تېززاق يوللاڭە ئادەمنى تەققەزا قىلماي
blog.salkin.cn
باشقا قانچە كۈن كەلسىمۇ ،
بېرىمىز بەرداش .
قول تۇتۇشۇپ مۈشكۈللەردە ،
بۇلۇپ يۈلەكداش .
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 12:28 |
yusran
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26868
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 48 كىشىلىك
پۇل : 525 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 61 نۇمۇر
قوللاش: 39 نومۇر
ئالقىش: 80 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

< ۋاي . سەن تېخى مۇشۇ پېتىغۇ......گۈزەل بىلەن گەپ سېتىپ ئولتۇرۇپسىلەردە؟~> دېدى مەرھابا قولۇمدىن دەپتىرىمنى شارتتىدە ئېلىپ، < ۋىيىي، قىزلار، سىلەرگە بىرگەپنى دەيمەن دەپ، ئاۋۇ ياتاققا چىقىپ ئېسىمگە كەپ قىلىپ، ئۇلارغا دەپ بېرىمەن دەپ ۋاق قالدىم..> دېيىشىمگىلا مەرھابا <ئاداش ، خاپا بولماي كىيمىڭىزنى كىيگەچ دەمسىز؟ > دېدى..( مۇشۇنداق ئاچچچىغى كەلسە سىزلەپ قويۇشى بارچۇ ) ..كىيىم كىيىشىمگە قىزلار نىڭ بەك پىكرى بار..< بەك مىسىلداپ كىيىم كىيىسە > دەپ. =z#j9'n$@  
:U6Q==B$_  
   كىچىكىمدىن چوڭ ئۆيدە تۇرۇپ مۇشۇنداق چوڭ بولۇپ قالغان بولسام كېرەك، رەھمەتلىك چوڭ دادام ( ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) بەك كۆزۈمگە قارايتتى، ( ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي.. چوڭ دادام، چوڭ ئاپام دېگىنىم دادامنىڭ ئاپا - دادىسى، ئۇلار ئۈرۈمچىدە، بۇۋام - مومام دېگىنىم ئاپامنىڭ ئاپا - دادىسى، ئۇلار غۇلجىدا ) . داداممۇ بىرلا بالا، چوڭ دادام دادامنىمۇ شۇنداق ئەركە بېقىپ چوڭ قىلىپتىكەن، مەن دادامنىڭ تۇنجى بالىسى بولغاچقا ، مېنى تېخىمۇ ۋاي دەيتتى، چوڭ دادام بىلەن چوڭ ئاپامنى دادا، ئاپالا دەيتتىم. ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە ئاندا - ساندا بېرىپ قوياتتىم، ( دادام - ئاپام كېلىپ ، يالۋۇرۇپ تاس قالىتى يىغلىۋېتەي دېگىلى <بىزنىڭ ئۆيدە بىر كۈن قونۇپ كېتىڭ >دەپ ) باراتتىم ، لېكىن كەچ بولسىلا ، < دادام ، ئاپام يالغۇز، مەن بولمىسام ئۇلار زېرىكىپ كېتىدۇ، > دەپ ، ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي كېچىلەپ قايتىپ  كېلەتتىم، بۇنداق چاغلاردا چوڭ دادام ماڭا قاراپ شۇنداق كۈلۈپ كېتەتتى، < بالام، ئۇ دېگەن سېنىڭ ئۆيۈڭ ..ئاپاڭ - داداڭ بۇنداق خاپا بولۇپ قالىدۇ، > دەيتتى، < ۋاي يا! مېنىڭ دادام سەن...> دەپ بوينىدىن قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتەتتىم. چوڭ دادام دۆلەتنىڭ چوڭ كادىرى ئىدى، لېكىن ئۆزى بەكمۇ تەقۋا مۇسۇلمان ئىدى..يىتىم - يىسىىرلارغاخەيرى - ئېھسان قىلىپ تۇراتتى. ھەربىي بولغان ئادەم بولغاچقىمىكىن ئىشقىلىپ مەسچىتكە بارمايتتى، لېكىن مەسچىتكە گىلەم، ئۇبۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرەتتى. ماڭىمۇ دىنىي ساۋاق بېرەتتى، ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، ئاللاھنى بىر دەپ تونۇش، پەيغەمبەرلەرنى بىلىش، قاتارلىق بىر قاتار بىلىملەرنى مەن مەكتەپ يېشىغا توشماستىن بۇرۇن ، ھەممىنى ئۆگىتىپ بولغان. ھەم ئۆزەممۇ ناھايتتى ئىخلاس قىلىپ ئۆگىنەتتىم، مەھەللىدىكى بالىلارغا ساۋاق بېرەتتىم. DYTC2  
3u4P [   
    ئۇ مەھەللىمىزدە چوڭ دادامدەك پېنسىيىگە چىققانلار جىق ئىدى. شۇڭا مەندەك نەۋرىلەرمۇ ساماندەك..كۈندە بىللە ئوينايتتۇق. ئۇ ئاللە ناماششاملارغىچە، ھەممىسىنىڭ چوڭ دادا چوڭ ئاپىلىرى زورلاپ ئەكىرىپ كېتەتتى، چوڭ دادام بولسا مەن ئويناپ بالىلار قالمىغۇچە، مېنى ساقلاپ ئولتۇراتتى، ئۆيگە كىرىپلا چوڭ ئاپام ئوخشىتىپ ئەتكەن تاماقنى ھاپىلا - شاپىلا يەپلا، ئۈچىمىز ئولتۇرۇپ تېلىۋېزور كۆرەتتۇق. تېخى مەن ئۇلارغا جىق گەپلارنى قىلىپ بېرەتتم ، 4 - 5 ياش ۋاقىتلىرىمتى ئاشۇ ، ئۇلارغا سىرتتىكى ئاداشلىرىمنىڭ پاراڭلىرى، يەسلىدىكى گەپلەر. ھەممىنى دەپ بېرەتتىم. ئىككىسى شۇنداق بېرىلىپ ئاڭلايتتى. تېخى ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ بېرەتتىم، ئۇلار تەرەت ئېلىپ خۇپتەن ئوقۇسا، مەنمۇ لىچەكتىن بىرنى ئارتىپلا يېنىدا ئولتۇراتتىم..بىلىدىغان سۈرىلىرىمنى ( شۇ چاغدىلا ئۇششاق سۈرىلەرنىڭ ھەممىنى بىلەتتىم.) پىسىر - پىسىر قىلىپ ئوقۇپ كېتەتتىم ، چوڭ ئاپام رەھمەتلىك ( ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) ماڭا قاراپ < سۈف سۈف ..بالام ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسابىڭنى بەرسۇن، نامازخان بولغىن > دەپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ كېتەتتى. ( شۇڭا ئاللاھ خالىغان بولسا نامازنى تاشلىمىدىم . ئالىي مەكتەپتە ياتاقتا ياتقان كۈنلەردە ئوقۇمىغان نامازلىرىمنىڭ پەرزىنى ئۆيگە كەلگەن ۋاقىتتا تولۇقلىۋالاتتىم). مەھەللىدە تولا بالىلار بىلەن ئۇنى - بۇنى تالىشىپ سوقۇشۇپ قالاتتىم، بىر كۈنى 5-قەۋەتتىكى ئاباقەلەم ( ئۇ ئادەم مەكتەپ مۇدىرىتى، جىق ئادەملەر بەك ھۆرمەتلەيتتى، رەھمەتلىك ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) داداشنىڭ قىزى ئادىلە بىنانىڭ ئالدىدىكى گۈللۈكتە ئويناۋېتىپ، مېنى بىرنى ئىتتىرىپلا يىقىتىۋەتتى،،بۇرنۇم سۈرۈلۈپ قان چىققاننى كۆرۈپ ، باشقىلار چوڭ دادامنى چاقىرىپ چۈشتى،، رەھمەتلىك چوڭ دادام 5- قەۋەتكە ھاسىراپ چىقىپ . ئاباقەلەم مۇدىرنى شۇنداق تىللىۋەتتىكىن، بىچارە ئادەم < خاپا بولمىسىلا ، ئۆمىراڭكا، مەن بالىغا گەپ قىلاي،،> دەپ مىڭ ئۆزرە ئېيتسىمۇ، چوڭ دادام ئاچچىقتىن تىترەپ كەتكەنتى....ئالايىتەن قارا توخو ئەكىلىپ ، ئۆلتۈرۈپ، ئۇستىخىنىنى كۆيدۈرۈپ ، يارىغا سۈركەيتتى..< نىم دەپ بۇنداق قىلىسەن ؟> دېسەم . < بالام سەن دېگەن قىز بالا ، بۇرنۇڭ تارتۇق بۇلۇپ قالسا سەت بولۇپ قالىسەن > دەپ كۆڭۈل قويۇپ كۈندە سۈركەيتتى...بىر ئاي سىرتقا چىقماي ئاران ئوڭشالغانتىم..( ھازىرمۇ بىزە سۇس بار ،تارتۇقى،)،ئادىلەنى كۆرسەم دەپ قويىمەن..< قارا بۇرنۇمغا > دەپ..ئىشقىلىپ < ئۆزەمنىڭ شوقلىقىدىن كۆڭلۈمنىڭ ئارامى  يوقتى>..باشقىلارمۇ مېنى ئەرز قىلىپ. دارت ئېيتىپ كىرەتتى پات - پات بىزنىڭ ئۆيگىمۇ. < قاراڭە ، ئۆمىراڭكا،،ما بالامنىڭ كۆزەينىكىنى سۇندۇرۋېتىپتۇ..> < قارىسىلا..ئۆمىراخۇن...نەۋرە بالامنىڭ يۈزىنى تاتلىۋاپتۇ>.....دېگەندەك....چوڭ دادام ئۇلارغا..< ھە شۇنداقمۇ...بۇ بولماپتۇ..مەن گەپ قىلاي..سىلەرمۇ بالىلارغا ئوبدان قاراڭلار > دەپ قوياتتى تېخى..... كىيمىمنى چوڭ دادام شۇنداق كۆڭۈل قۇيۇپ كىيگۈزەتتى...ئالدىرىماي..بىر - بىر لەپ...ئويناۋاتساممۇ بالىلار بىلەن ، چاقىرىپ ئەكىلىپ ، كىيمىمنى ئوڭشايتتى. ئىشقىلىپ مېنى غەزەپ ياخشى كۆرەتتى جۇمۇ..( ھازىر ياخشى كۆرمىسۈن ) . ھېيت - ئايەملەردە.ئاپام - دادام مېنى ئەكىتەتتى..ئۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپلا چوڭ دادام چوڭ ئاپاملارنىڭ مەن يوق بىچارە بولۇپ قالغىنى كۆز ئالدىمغا كېلىپلا....قايتىپ كېلەتتىم...... t{O2JF#5u  
B+[L/C}=;  
   مەن بەش ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا دادام ئاپام چەتكە چىقىپ سودا قىلىمىز دەپ، مېنى غۇلجىغا ئاپىرىپ قويدى...ئۇ يەردە كىچىك دادا كىچىك ئاپىلىرىمنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچىكەن...مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇمايلا...ھەممە دەرسلەرنى ئۆزلەشتۇرۇپ بولدۇم..تېخى چوڭ دادامغا خەت يازدىم..( ئۇ خەتنى كېلەشىمدە ئۆزەم ئەكىلىپ ئوقۇپ بەردىم ). ئۇ ئاسمىنى كەڭرى زېمىندا تېخىمۇ ئەركىن، ھاي دەيدىغان ئادەم يوق ...بۇۋام رەھمەتلىكمۇ ( ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ) بەك بالىجانلىق ئادەمتى....شۇنداق شوخلۇق قىلساممۇ <بالا ئەمەسمۇ دەپ قوياتتى > . بىر يىلدىن كېيىن داداملار كېلىپ مېنى چەتكە ئاچىقىپ كەتتى..ئۇ تۇرمۇشقا كۆنەلەمدىغان...<ھاي ئاندا قىلماڭ، ھاي مانداق قىلماڭ >، < ئايىقىڭىزنى ئالماشتۇرۇڭ > < چىشىڭىزنى چوتكىلاڭ> ( ھازىرغا قەدەر خۇشۇم يوق چىش چوتكىلاش بىلەن...لېكىن چىشىم شۇنداق چىرايلىق ساغلام ھى ھى ) دەۋەتقان......3 ئاي بولغاندا مېنى بىر مەكتەپكە بەمەكچى بولدى...ئۇنىمىسام ئۇنىماي...كۈندە يىغلاپ..بىر كۈنى شۇنداق قاتتىق قىزىپ كېتىپتىمەن ..كېچىچە جۆيلۈپ....< ئۆيگە كېتىمەن > دەپ.. ئۇكۇل دورا ھېچنىم پايدىق قىلماي..ئاخىرى مېنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىپ قويغان..... #yOn /  
N.-*ig.YR7  
( داۋامى بار ) =]P|!$!}0  
m>+ e;5  
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈلمىسۇن قانۇنىي جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرىلىدۇ H'x_}y  
   bOK0^$k  
  
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 14:40 |
سەبۇرەم
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 17955
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 94
شۆھرەت: 106 كىشىلىك
پۇل : 618 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 112 نۇمۇر
قوللاش: 102 نومۇر
ئالقىش: 137 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سۈرئىتىڭىز بەك ئاستىغۇ ..............
blog.salkin.cn
باشقا قانچە كۈن كەلسىمۇ ،
بېرىمىز بەرداش .
قول تۇتۇشۇپ مۈشكۈللەردە ،
بۇلۇپ يۈلەكداش .
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 15:26 |
yusran
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 26868
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 48 كىشىلىك
پۇل : 525 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 61 نۇمۇر
قوللاش: 39 نومۇر
ئالقىش: 80 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ، چوڭ دادام مېنى بىر مەكتەپكە بەردى....دادام ئاپاملار ئۇكىلىرىمنى ئېلىپ، يەنە كەتتى....ئۇ كۈنلەردە چوڭ دادام مېنى مەكتەپكە ئاپىراتتى، ئەكىلەتتى، < ئۆزۈم بارالايمەن، كېلەلەيمەن دىسەم زىبىس ئۇنىمايتتى...> تېخى كەلگىچە < بالام ، كېلە ھاپاش قىلاي..يەسلىدىكى ۋاقتىڭدا بەك ئامراقتىڭغۇ؟!~> دەپ تۇرىۋالاتتى...< يا....بولدى دادا...مەن ھازىر چوڭ بولدۇم ،،قارا مەن سېنى يۆلىۋالاي >دەيتتىم....چوڭ دادام كۈلۈپ كېتەتتى...دېمىسىمۇ چوڭ دادام بەك ئېگىز (1.90لەر كېلەتتى..دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە چوڭ دادام ياش ۋاقتىدا تېخىمۇ ئېگىزكەنتۇق ) ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداق تىك ماڭاتتى.( مەن تىزىغا كېلەمدىمكىن تاڭ شۇ چاغدا..)...بىر ھاسسىسى بولىدىغان ( گەپ قىلالايدىغان ) شۇنى تۇتىۋالاتتى.... S"Drg m.  
_:VIlg U  
     شۇنداق قىلىپ مەن مەكتەپكە بېرىپ 3 ئايدىن كېيىن چوڭ دادام ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى....ھەر قېتىم ئاغرىپ قالسىلا بىر تۇتاش < ھەربىي رايون باش دوختۇرخانىسى> غا ئاپىراتتى...كادىرلار ئالاھىدە كۈتۈنۈشىمۇ ئىشقىلىپ بىر ئالاھىدە سىياسىتى باتتى ...ئۇ كۈنلەردە ، چوڭ ئاپام تاماق ئېتىدۇ.مەن ئاپىرىمەن...ئاپارغىچە كىيىملىرىمگە تۆكۈپ....چوڭ دادام قاراپ  <جېنىم بالام ،،تاماق ئەكەمەڭلار دېگنتىمغۇ....قارا مۇزلاپ كەتكىنىڭنى> دەپ كېتەتتى..مەنمۇ يۈگرەپ بېرىپلا كارىۋاتقا چىقىپ يوتقۇنىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالاتتىم...بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەيتتۇق.....تاپشۇرۇغۇمنى ئىشلەيتتىم...ئۇ دوختۇرخانىدىكى دوختۇر - سېستىرالار مېنى تونۇپ كەتكەنتى... تاپشۇرۇقلىرىمدىن بىلمىگەنلىرىمنى شۇ سېستىرالار دەپ بېرەتتى .....كەچلىرى قونۇپ قالىمەن دېسەم..< چوڭ ئاپاڭ يالغۇز..بالام ...ئۆيگە كەتكىن > دەپ ئىدارىسىدىن ئاجرىتىپ بەرگەن بىر شوپۇرى باتتى < خۇازى > دەپ، شۇنىڭغا مېنى ئاپىرىپ قويۇشنى دەيتتى....كېيىن چوڭ ئاپاممۇ يۈرەك ئاغرىقى بىلەن شۇ دوختۇخانىدا ياتتى..ئەمدى دوختۇرخانا پۈتۈنلەي ئۆيۈمگە ئايلانغانىدى...كۈندە چوڭ دادام بىلەن بىللە ئۇخلايتتىم..ئەتىسى شۇ يەردىن مەكتەپكە باراتتىم..تولا كېچىكەتتىم..بىر كۈنى ، يەنە كېچىكىپ قاپتىمەن،،بارسام بالىلارنىڭ ھەممىسى مەيداندا قار تازىلاۋېتىپتۇ..سىنىپقا كىرىپ سومكامنى قويۇپ قويۇپ، مەنمۇ مەيدانغا چىقتىم..سىنىپ مەسئۇلىمىز ماڭا بىر سەت قارىۋېتىپ...كىمنى بىرسىنى مېنىڭ سومكامنى ئاچىقىپ بېرىشقا بۇيرىدى....< كېتىڭ بولدى...سىزدەك ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتالمايمىز..يا دەرسكە تولۇق كەلمىگەن كۈندە كېچىككەن،،،كوللىكتىپ پائالىيەتلەرنىڭ بىرسىدە يوق...دەرسنى مىڭ ياخشى بىلسىڭىزمۇ.ئىنتىزامغا رىئايە قىلمىسىڭىز بىكار..> دەپ سۆزلەپلا كەتتى...كەتتىم...نىمە كارىم...مېنىڭمۇ كەلگىم يوقتى....چوڭ دادام بولغان ئىشنى ئاڭلاپ ئاچچىقتىن تىترەپ كەتتى....< جۈرە بالام،،مەن كۆرەي شۇ ئەپەندىمىڭنى...> دەپ شوپۇر بىلەن باردۇق..ئىشخانىسىغا كىرسەك..ھالى ھېلىقى مالىمنىڭ < كەلسىلە ..ئوتتاسىلا..> دەپ قويدى ئاغزىنىڭ ئۇچىدا...چوڭ دادام ئۆزىنى شۇنداق بېسىۋېلىپ تۇراتتى...< بۇ نىمە ئىش بولۇپ كەتتى خانىم؟> دېدى چوڭ دادام...< بالىلارنى تەربىيىلەيدۇ دەپ مەكتەپكە بەرمىسەك ،بالىلار ئەخلاقلىق، ئىنتىزامچان، بىلىملىك بولغان بولسا، سىلىنىڭ ئالدىغا ئاشمايتتتى،،،شۇ  بالىلارنى تەربىيىلەپ ئادەم قىلىپ بېرىدۇ دەپ ھۆكۈمەتكاممۇ سىلىگە ھەر ئايدا پالانچى تەڭگە بېرىۋاتىدىغۇ....>...مالىم تۇيۇقسىزلا نىمە دېيىشىنى بىلەلمەي،،پوزىتسىيەسىنى 180گىرادۇس ئۆزگرتىپلا..< ۋاي ..ئۇغۇ شۇ ...ئەمما..ئەمدى ئانچە - مۇنچە دىكتاتۇرىنىمۇ ئىشلەتمىسەك....> دەپ تۇرىشىغا،،مەكتەپ مۇدىرى كىرىپ قالدى...< ھە..دېدى..ئۇ ئادەم قاپاقلىرىنى ئاچماي...پۈتۈن مالىملارنىڭ ئاغزىدا مۇشۇ قىز....دەرسنى بىلسىلام بولامدۇ..تەشكىلىي ئىنتىزام بولمامدۇ...> ...چوڭ دادام < نىمە ؟ ئۇكامۇي...نەدە ئۇقۇغان سىز؟ 7 ياشقا كىرمىگەن بالىدا تەشكىلىي ئىنتىزام دىگەن ئاڭ نېمىش قىلىدۇ؟ ئەجەبا سىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن خالىغانچە قوغلىغىنىڭىز تەشكىلىي ئىنتىزامكەندە.......مەنمۇ چوڭ بىر زاۋۇتنىڭ پارتىيە ياچىكا شۇجىسىتىم....ئاۋۇ يېشى بىر يەرگە بارغان بالىلىرى ئىڭەككە تاقاشقانلارنىمۇ ئىش تاشلىدىڭ ..كېچىكتىڭ ..سېنىڭ تەشكىلىي ئىنتىزامىڭ يوقكەن دەپ بىر قېتىم ئىشتىن ھەيدەپ باقمىغان ئادەم مەن...سىزنىڭ بېشىڭىز شۇنداق چوڭما ئۇ ...> سۆزلەپ كەتتى ھاسسىلىرىنى پۇلاڭلىتىپ.....ئىشخانىدىكى مالىملارنىڭ چىرايى تام....مۇدىر ئەپەندىمغۇ < بۇ  بۇ > دەپلا قالدى....< قېنى ...قايسى مائارىپ قانۇنىدا باركەن شۇ سىزنىڭ قانۇنىڭىز ؟ بالىلارنى خالىغانچە مەكتەپتىن چېكىندۈرىدىغان.....ھۆكۈمەت مۇشۇلارنى بىلىم ئالىدۇ دېمىسە سىزدەك ئادەملەرگە قوي بېقىشمۇ ئاشمايدۇ بىلەمسىز...> چوڭ دادام زادى ئۆزىنى تۇتالمىدى.....< جۈرە  بالام،،،،سېنى مۇشۇنداق يەردە بىلىم ئال دەپ خاتا ئىش قىلغىلى تاس قاپتىمەن > دېدى..قولىنى ماڭا ئۇزىتىپ..<  ۋاي..يا يا ...سىلى...توختاپ تۇرسىلا  ئولتۇرسىلا...> دەپ تۇتىۋالدى سىنىپ مەسئۇلىمىز..< سىلى ئەمدى نەگىلا ئاپامىسىلا بۇ بالا ئوقۇپ بولالمايدۇ..ئەڭ ياخشىسى ئۆزلىرى تەربىيىلىسىلە > دەيدۇ ھېلىقى مۇدىر دېگەن قاپاقباش....< شۇنداق چوڭ دۆلەتنى باشقۇرغان كوممۇنىستىك پارتىيە ..مۇشۇ نەۋرە قىزىمنى باشقۇرالماي ( ئۆزەڭ تەربىيلە دېسە ) مەيلى...سىزنىڭ شۇ گېپىڭىزگە ئىگە بولىدىغان ئادەمدىن ئاڭلىسام،،،ھەرگىزمۇ مەكتەپكە بەرمەيمەن..> دېدى چوڭ دادام مۇدىرغا تىكىلىپ تۇرۇپ... L] !M1\  
aYcc2N%C  
     ماشىنىغا چىقىشىمىزغا كەينىمىزدىن مۇدىر ھاپاسلاپ چىقتى...< بايا ..باشقا مالىملارنىڭ ئالدىدا شۇنداق دېمىسەم..> دەپ گېپىنىڭ ئاخىرى چىقمايلا ،،چوڭ دادام شوپۇرغا < ھەيدە...مائارىپ ئىدارىسىغا،،> دېدى.شۇ كۈنى مۇدىرنىڭ ماشىنىنىڭ ئارقىدا قېلىپ قالغان قىياپىتى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ...< كۇسپۇرۇشنىڭ...تېخى..ئۆزەڭ تەربىيىلە دەپ كەتكېنىنى...> چوڭ دادام ئىككى قولى بىلەن ھاسسىسىنى تۇتۇپ( ھە ھېلىقى ئەسمەتخان دېگەن كىنودىكى ئەسمەتخاندەك )...يەرگە توك - توك قىلىپ ئۇرۇپ < ئالدى بىلەن سېنى بىر ئوبدان تەبىيىلىمىسەم خەپ>.. h"On9  
-)p| i~j^A  
.?*TU~S  
U$ 22r b  
( داۋامى بار ) 3Tz~DdB  
p+; La  
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈلمىسۇن قانۇنىي جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرىلىدۇ )9z3T>QW  
   o1)8?h  
  
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 17:15 |
سەبۇرەم
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 17955
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 94
شۆھرەت: 106 كىشىلىك
پۇل : 618 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 112 نۇمۇر
قوللاش: 102 نومۇر
ئالقىش: 137 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاخىرى قېنى ،يەنە تۈگمىدىغۇ؟ئادەمنى تەقەززا قىلىپ .....
باشقا قانچە كۈن كەلسىمۇ ،
بېرىمىز بەرداش .
قول تۇتۇشۇپ مۈشكۈللەردە ،
بۇلۇپ يۈلەكداش .
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 17:43 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر


Time now is:12-19 20:11, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation