mtv تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
« 1 2345» Pages: ( 1/6 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ئابدۇسالام قاھار(ئۈزۈمچى)بىلەن سەلكىندە سۆھبەت IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 6668 قېتىم كۆرۈلدى
yasir123
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 21345
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
پۇل : 1651 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 139 نۇمۇر
قوللاش: 70 نومۇر
ئالقىش: 204 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئابدۇسالام قاھار(ئۈزۈمچى)بىلەن سەلكىندە سۆھبەت

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئالتۇن تەرپىدىن (2008-11-16)دە نادىرلاندى
ئابدۇسالام قاھار بىلەن سەلكىندە سۆھبەت





ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! مۆھتىرەم تور مۇخلىسلىرى ! ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى تورچىلىق مەدەنىيىتىمىزنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ئەگىشىپ يىڭىدىن بىخ سۈردى ۋە گۈللىنىش باسقۇچىغا قاراپ قەدەم قويدى . ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى دەسلەپتە ئاددى ھالدا بىر نەچچە كۇبلىت شېئىر ، ئاددى ھىكايە - نەسىر بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان بولسا مانا ئەمدى ياش ، يىتىلىۋاتقان قەلەم ئىگىلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن كۈندىن - كۈنگە نادىر ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى ھەم كىلىۋاتىدۇ . ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمكى «پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى» ناملىق ئەسەر ئىنتىرنىت تورىدا ئىلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان ئىنتىرنىت تور ئوقۇرمەنلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ ، ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئوقۇشچان ئەسەرگە ئايلاندى . بۇ ئەسەرنىڭ يازما شەكلى ئىلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا زىيارەتچىلەرنىڭ چىكىش قېتىم سانى جەھەتتە ئەڭ كۆپ ئەسەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپلا قالماي يەنە ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدىكى بۆسۈش خارەكتىرلىك ئۇتۇقلارغا ئىرىشىپ ، ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدا نادىر ، ئوقۇشچان ئەسەر كەم بولۇشتىن ئىبارەت بوشلۇقنى مۇناسىپ تولدۇرغان ئەسەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى . ئۇنداقتا بۇ ئەسەرنىڭ قىسقىلا ۋاقىت ئىچىدە بۇنچىۋالا مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىرىشىشىنىڭ سەۋەبى قەيەردە ؟ بۇ ئەسەر قانداق قىلىپ ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدا بۆسۈش خارەكتىرلىك نەتىجىلەرگە ئىرىشتى ؟ كەمىنە مۇشۇ ھەقتە مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى ، ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدىكى كۆپ قىرلىق ، مول - ھوسۇللۇق يازارمەن سەلكىن مۇنبىرىمىزنىڭ ئەزاسى ئابدۇسالام قاھار (ئۈزۈمچى) بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى ۋە ئۇشبۇ ئەسىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم . سۆھبەتلىرىمىزنى كەڭ تور مۇخلىسلىرى بىلەن ئورتاقلىشىش نىيىتىدە ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم .



ياسىر : ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! سىز بىلەن سۆھبەتلەشسەم شۇنداقلا سۆھبەت تەپسىلاتىنى توردا ئىلان قىلدۇرسام قوشۇلامسىز ؟


ئابدۇسالام قاھار : ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ! قوشۇلىمەن .


ياسىر : سىز ئۆزىڭىز توغرىسىدا سۆزلەپ باقامسىز ؟

ئابدۇسالام قاھار : ئەڭ ئالدى بىلەن ماڭا ھەممىنى قايىل قىلغۇدەك، ھەممىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك قابىلىيەت، ساغلام ئەقىل - ئىدراك ئاتا قىلغان ئاللاغا يۈزمىڭلاپ تەشەككۇر ئېيتىمەن!
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزۈم توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي:
مەن كىچىكىمدىن كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم، كىتاب ئوقۇشقا ئامراقلىقىمدىن ھەممىنى ئۇنتۇيدىغان مىجەزىم نۇرغۇنلىغان كۈلكىلىك ئىشلارنى پەيدا قىلغانتى. ئۇلارنى دەپ يۈرمەي. ماڭا نەۋرە ئاكامنىڭ كىتاب ئوقۇشقا، ناخشا - مۇزىكىغا ھېرىسمەن خاراكتېرى ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. مەرھۇم بوۋامنىڭ ئۆزى قاتناشقان قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى سۆزلەپ بېرىشى مېنىڭ مىللىتىمگە بولغان پەخىرلىنىش، مىللىتىمنى سۆيۈش ھېسسىياتىمنى شەكىللەندۈرگەن. مەن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بىرىنچى يىللىقىنى پۈتتۈرۈپ مەكتەپتىن چېكىنگەن. گەرچە ئوقۇش ھاياتىم قىسقىلا بولغان بولسىمۇ بىراق بۇ ئوقۇش ھاياتىم خىلىلا مەنىلىك ئۆتكەن . مەسىلەن : باشلانغۇچ 3 - يىللىقتا ئوقۇيدىغان چېغىمدا مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ماقالە دىكلاماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسىدە ھېچبىر تەييارلىقسىزلا قاتاشقانتىم. باشقا ساۋاقداشلار «ئانا»، «يۇرت»، «ئوقۇتقۇچى». . . قاتارلىق تېمىلاردا ھەرخىل تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ھېسسىياتلىق ئوقۇسىمۇ مەن «بوۋام ئېيتقان ھېكايىلەر»ناملىق ئۈنئالغۇ پلاستىنكىسىدىكى «تۈلكىنىڭ تەقسىماتى»دېگەن ھېكايىنى دىئالوگلارغا بۆلۈپ قىزىقارلىق ھېكايە سۆزلەپ ئويلىمىغان يەردىن بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنتىم. شۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىلار مېنى «ئەلمىساقتىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قېلىپلاشقان ماقالە دىكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىنى يېڭىچە ئۇسلۇب بىلەن بۇزۇپ تاشلىدى»دەپ ئەسلى ئون دەپتەر بېرىدىغان مۇكاپاتنى «بۇ مۇكاپات ئازلىق قىلىدۇ»دەپ قاراپ يىگىرمە دەپتەر بەرگەنتى. مەن ئون دەپتەرنى ئېلىپ قالغان ئون دەپتەرنى باشقا پائالىيەتكە قاتناشقان لېكىن نەتىجىگە ئېرىشكەن ئېرىشمىگەن ئون ئوقۇغۇچىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماختىشىغا، ئالقىشىغا ئېرىشكەنتىم. شۇ چاغدا كۆڭلۈمدە «مەن مۇكاپاتنى ئۇلاردىن جىق ئېلىۋالسام بولمايدۇ، باشقىلار بۇ پائالىيەتكە مەندىن بەكرەك كۈچىگەن تۇرسا»دەپ ئويلىغانتىم.

يەنە تولۇق ئوتتۇرا بىرىنچى يىللىقتا مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يېنىك ئاتلېتكا مۇسابىقىسنىڭ 5000 مېترغا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش تۈرىدە مەن ئەڭ كەينىدە قالدىم. سەۋەبى مەن بۇرۇن يۈگۈرۈپ باقمىغان ھەم تاماكا چېكەتتىم. مېنىڭ ئالدىمدىكى ئوقۇغۇچى ئاخىرقى مۇساپىنى تۈگىتىپ بولغاندا مەن ئايلانمىسى 250 مېتر بولغان مەيداننى يەنە ئىككى ئايلىنىشىم كېرەكتى. شۇ چاغدىمۇ مەن بىر خىلدا يۈگۈردۈم. 50تەك ئوقۇغۇچى يۈگۈرگەن 8 بالا مۇساپىنى تاماملىدى، باشقىلىرى بىر نەچچىنى ئايلىنىپلا چېكىنىپ كېتىشتى. مەن يەنە ئىككىنى ئايلىنىشىم كېرەك ئىدى. پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزى مەندە توختىماي ماڭا مەدەت بېرىۋاتقان دەقىقىدە يىقىلىپ چۈشتۈم. سىنىپ مەسئۇلىمىز ماڭا بەك ئامراق بولغاچقا يۈگۈرۈپ كېلىپ بىر نەچچە ساۋاقدىشىم بىلەن مېنى يۈدۈپ تۇرغۇزۇپ «بولدى، چېكىنگىن!» دېگەندە مەن سىنىپ مەسئۇلىنى ھەم ساۋاقداشلىرىمنى ئىتتىرىۋېتىپ «چوقۇم تولۇق يۈگۈرۈپ بولىمەن!» دەپ قايتا يۈگۈردىم. ماڭا قايتىدىن بايىقىدىنمۇ بەكرەك ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. باشقا سىنىپتىكىلەر مېنىڭ ئىسمىمنى يېنىدىكى بالىلاردىن سوراپ يۈرۈپ ئىسمىمنى توۋلاپ ماڭا مەدەت بەردى. ئاخىرى يۈگۈرۈپ بولدىم. مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەنتىم ئەسلى. لېكىن باھالىغۇچىلار ئىرادەمگە ئاپىرىن ئېيتىشىپ ماڭىمۇ مۇكاپات بەرمەكچى بولغاندا مەن ئۇلارغا «مۇساپىنى تاماملاپ بولغان ھەممە ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات بېرىڭلار!» دېدىم. باھالىغۇچى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇلدى.

بۇ پەقەت بىر نەچچە مىسال. مەن مەكتەپتىن چېكىنگەندىن كېيىنمۇ يەنە بۇنداق ئىشلارغا ئۇچراپ تۇردۇم. لېكىن مەيلى قەيەرگىلا بارماي مېنى قوللايدىغانلارنى، مەن بىلەن ئوخشاش پىكىردىكى بالىلارنى ئۇچرىتىپ تۇردۇم.

مەكتەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن تۇرمۇشقا پىشىش، جاپاغا چىداش روھى يېتىلدۈرۈش، ئىرادەمنى مۇستەھكەملەش، پۇلنىڭ قەدرىگە يېتىش مەقسىتىدە رېستۇرانلاردا «سەي توشۇغۇچى» بولۇپ ئىشلىدىم. زاۋۇتلاردا «قارا ئىشچى» بولۇپ ئىشلىدىم. ئاتا - ئانام ئەزەلدىن مېنىڭ پىكرىمنى قوللاپ كەلدى. مېنى«ئۆزۈڭ پۇل تېپىپ خوتۇن ئال جۇمۇ!» دەپ ئۆز مەيلىمگە قويۇپ بەردى. ئەمدى چۈشەنسەم ئاتا - ئانامنىڭ مەقسىتى مەندە مۇستەقىل ياشاش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكەنتۇق. كېيىن كومپىيۇتېر ئۆگىنىپ ئۆزۈمنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزۈم چىقاي، دەپ «ئىزچىلار كىتابخانىسى»دا كومپىيۇتېر ئۆگەندىم. كومپىيۇتېر ئۆگىنىۋاتقان چاغلىرىمدا كەچلىرى تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئوقۇتقۇچىمىز ئاچقان دىسكوخانىدا ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن بېرىپ ناخشا ئېيتتىم. ئالتە ئاي دىسكوخانىدا ناخشا ئېيتىش جەريانىدا جەمئىيەتنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەندەك بولدۇم، مۇشۇ جەريانلاردا جەمئىيەتتىڭ ھەرخىل قاتلاملىرىدىكى كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇم. . .
ئوقۇغان كىتابلىرىم كۆپەيگەنسېرى دىسكوخانىغا كىرسەملا بىئارام بولىدىغان بوپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردىن يېنىپ چىقتىم.
ھازىر تەكلىپ بىلەن «تۇرپان ئەلدوست كومپىيۇتېر شىركىتى»دە ئىشلەۋاتىمەن ھەمدە بىلىمىمنى تېخىمۇ ئونۋېرساللاشتۇرۇش مەقسىتىدە بىر ياقتىن ئىشلىگەچ بىر ياقتىن پرىنتېر، كۆپەيتكۈچ ماشىنا رېمونت قىلىشنى ئۆگىنىۋاتىمەن.



ياسىر : قانداق بولۇپ «پاھىشە قىزنىڭ مۇھەبىبىتى » ناملىق ئەسەرنى يىزىشنى ئويلاپ قالدىڭىز ؟ نىمە ئۈچۈن ئەسەرگە «پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى» دەپ ماۋزۇ قويۇشنى ئويلاپ قالدىڭىز ؟


ئابدۇسالام قاھار : ياخشى يېزىلغان، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەر _ رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەرىپىدىن يارىتىلىدۇ.
بۇ ئەسەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېتىشلىق، مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ دائىرىلىك. بۇنى بىرمۇ - بىر دەپ ئولتۇرمىساممۇ ئەسەرنى ئوقۇغان ئادەم چۈشىنەلەيدۇ، تەھلىل قىلالايدۇ، دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئەسەرنى يېزىپ قويۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن يازغانلىقىمنى ئىزاھلاپ قويسام ئوقۇرمەنلەرنىڭ پىكىر قىلىش، تەھلىل يۈرگۈزۈشىنى بوغۇپ قويىمەن. بۇ ئەسەرنى قانچە چوڭقۇر تەھلىل قىلغانسېرى ئەسەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئوي - پىكىر، ئەسەرنى يېزىشتىكى مەقسەت - مۇددىئا، ئەسەرنىڭ دەۋرىمىزدىكى قىممىتى شۇنچە ئايان بولىدۇ.
ماۋۇزۇغا كەلسەك، خېلىدىن بۇيان مۇشۇ ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىغا ئوخشاپراق كېتىدىغان ماۋزۇ قويۇلغان ئەسەرلەر ھە دېسە قاخشاش، تىللاش، قورساق كۆپۈكىنى چىقىرىۋېلىش ياكى شەخسىي مۇددىئاسىنى ئىپادىلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى. ئوقۇرمەنلەر ئەسەرنىڭ بېشىنى ئوقۇپلا ئەمەس، ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا قانداق مەزمۇن ئەكس ئەتكەنلىكىنى پەرەز قىلالايدىغان بولۇپ كەتتى. نەگىلا قارىسا قۇرۇق قاخشاش ئەۋج ئېلىپ بىر قاتار نازۇك مەسىلىلەردە ھېچكىم ھېچكىمنى قايىل قىلالمىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەدەبىيات ئۆز رولىنى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرالماي قالدى، ئەدەبىياتنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئوبرازى خۈنۈكلىشىپ ياخشى ماقالىلەر توپا بېسىپ يېتىپ قالدى، كۆپ ساندىكى يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان قەلەمكەشلەرنىڭ ئىجدىيىتىدە يېڭىلىق يوق بولغانلىقتىن ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي كۈچى ئۆزىنى نامايەن قىلالماي قالدى. مەن مۇشۇنداق چاغدا ھېچكىم قوللانمىغان ئۇسلۇب بىلەن ھېچكىم ئوتتۇرىغا قويمىغان ئىدىيەنى ھەممە ئادەم قايىل بولغۇدەك قابىلىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويماقچى بولۇپ، ئەدەبىياتنىڭ قايىل قىلىش، ئىپادىلەش، چۈشەندۈرۈش. . .جەھەتلەردىكى سېھرى كۈچىنى قايتىدىن نامايەن قىلماقچى بولۇپ ھەم بۇ ئەسەر ھەجىمى بىر قەدەر چوڭ تۇنجى ئەسىرىم بولغاچقا مەن ئەڭ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئوقۇپ ماڭا تەكلىپ - پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ماۋزۇغا قاراپلا ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى پەرەز قىلىۋالىدىغانلارغا رەددىيە بېرىش مەقسىتىدە شۇنداق ماۋزۇ قويغان. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا مەن بۇ ئەسىىرىم ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە «مېنىڭ ئەسەرلىرىمدە يېڭىلىق بار» دېمەكچى. چۈنكى ئۆزۈمگە قاتتىق ئىشەنچىم باتتى.
يەنە بىرسى ۋەقەلىك ئاساسەن پاھىشە قىز دىلخۇمارنىڭ غەيرەتنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى بىلەن باشلىنىپ، مۇھەببەت ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرى بىلەن چىن ئەقىدىسى يورۇتۇلۇپ داۋاملىشىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئەيدىزدىن ئىبارەت مىللىتىمىزگە بارغانسېرى بۆسۈپ كىرىۋاتقان نىجىس كېسەلنى يۇقتۇرۇۋېلىپ ئۆز مۇھەببىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئەسەر ۋەقەلىكى ئاساسەن دىلخۇمارنىڭ مۇھەببىتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا يېزىلغان، شۇڭا «پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى» دېگەن ماۋزۇ مېنىڭچە ئەڭ مۇۋاپىق.



ياسىر : مىنىڭچە ئەسىرىڭىزنى ئوقۇغان كۆپىنچە ئوقۇرمەنلىرىڭىز «بۇ راست بولۇپ ئۆتكەن ئىشمىدۇ» ياكى «تەسەۋۇر ئارقىلىق توقۇپ چىقىرىلغان توقۇلمىمىدۇ» دىگەن ئويغا كىلىدىكەن . سىز بۇنىڭغا چۈشەنچە بىرەلەمسىز ؟


ئابدۇسالام قاھار : ئەسەرگە ئىشلىتىلگەن تىل ئۆزگىچە. ئەسەردىكى روشەن ئالاھىدىلىك مەن ئىچكى ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن دەبدەبىلىك ئەدەبىي سۆزلەرنى، پاساھەتلىك جۈملىلەرنى ھەم پەقەت ئەدەبىياتقا بولغان چۈشەنچىسى بىرقەدەر چوڭقۇر بولغان كىشىلەرلا چۈشىنەلەيدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتمەستىن بەلكى ئاشۇنداق ھەممە ئادەم چۈشىنەلەيدىغان ھېسسياتنى شۇ ھېسسىياتقا كەلگەندە ئادەمنىڭ كاللىسىدا پەيدا بولىدىغان ئوي - پىكىرلەرنى ئاددىي، چۈشىنىشلىك قىلىپ يازدىم. قىلچە ياسالمىلىق ئارىلاشتۇرماي سەمىمىيلىك بىلەن يازدىم. بىر قانچە يەردە قەستەن سەۋەنلىك تۇغدۇردۇم. لېكىن ئۇ سەۋەنلىك ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ ھەم ئەسەرنىڭ چىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ. بۇنداق ئەسەرنى ئوقۇغان ئادەم توقۇلما دېسە قەيېرىنىڭ توقۇلما ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايدۇ. دەرۋەقە ئەسەرنىڭ راست - ياكى توقۇلما ئىكەنلىكى توغرىلىق مۇنبەردە ماڭا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ، چ چ رىمغا ھەم خەت ساندۇقۇمغا سۆز قالدۇرۇپ مەندىن سورىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ھەتتا مېنىڭ يېقىن ئاغىنىلىرىممۇ بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ياكى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مەندىن «ئاداش، نېمىشقا بىزگە بالدۇرراق دېمەيسەن؟ بۇ قاچان بولغان ۋەقە؟» دەپ سورىدى.(ئالىم چېڭلۇڭدىن باشقىلىرى) مەن مۇشۇ سوئالدا ھەقىقەتەن قىينىلىپ قالدىم. نېمىشقا دېگەندە مەن توقۇلما دېسەممۇ ھەممە ئادەم ئىشىنىپ كەتمەيدۇ. راست بولغان ئىش دېسەممۇ ھەممە ئادەم ئىشىنىپ كەتمەيدۇ. مەقسىتىم ئىشەندۈرۈش ئەمەس شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەقسىتىمۇ راست ياكى توقۇلما ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىش ئەمەس. شۇنداق بولغانىكەن بۇ ئەسەرنىڭ راست ياكى توقۇلما ئىكەنلىكى ئەسەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يەنىلا سىر پېتى تۇرسۇن.
شۇنداقتىمۇ كەڭ تورداشلارنىڭ كاللىسىدا تېخىمۇ ئوچۇق بولۇپ كېتىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى مۇلاھىزە شەكلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي:
ئەگەر بۇ ئەسەر راست بولغان ئىش دەپ قارالسا: غەيرەت ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسىنى ھەرقانچە قىلسىمۇ مەندەك ياخشى يازالمايدۇ.
ئەگەر بۇ ئەسەر توقۇلما دەپ قارالسا: مەن پۈتۈنلەي توقۇپ بۇنچە قايىل قىلارلىق يازالمايمەن.
ئۇنداقتا بۇ ئەسەر نېمىشقا ئۇنچىۋالا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان؟ دېگەندە، مەندە ئۆزۈممۇ ئىختىيارسىز ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغان تۇرمۇشنى ئەتراپلىق كۆزىتىش، ھەرئىشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش شۇ چۈشەنگەننى باشقىلارغا ئاددىي تىل بىلەن چۈشىنىشلىك ئىپادىلەپ بېرىشتەك قابىلىيەت بار. يەنە بىرسى ئەسەر يازسام ئەسەرنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كېتىدىكەنمەن.
توقۇلما ياكى راست ۋەقەلىك دېيىش ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق، نېمە دېسىڭىز بولىۋېرىدۇ. راست دەپ قارالسا ئۆزۈمنىڭ خاراكتېرىمنى ئەسەردە ئىپادىلەپ بېرەلىگەنلىكىمدىن سۆيۈنىمەن. توقۇلما دەپ قارالسا مۇشۇنداق ھەممە ئادەم ياقتۇرۇپ ئوقۇغۇدەك ئەسەرنى توقۇپ يېزىپ چىقالىغانلىقىمدىن سۆيۈنىمەن.



ياسىر : ئەسىرىڭىزنىڭ بىشىدا باش پىرسوناژ دىلخۇمارنىڭ ئائىلە كەچۈرمىشلىرىنى قىستۇرما بايان قىلىنىش ئارقىلىق ئائىلە تەربىيىسى توغرىسىدا توختىلىپسىز . ئەسەرنى مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرىشىڭىزدە بىرەر سەۋەب بارمۇ قانداق ؟


ئابدۇسالام قاھار : ھەم بار ھەم يوق. نېمىشقا يوق دېگەندە ئۇ مېنىڭ تۇرمۇش جەريانىدا توپلىغان تەجرىبەمگە ئاساسەن پەرزەنت تەربىيىلەشكە قارىتا ئۆزۈمنىڭ كاللىسىدا پەيدا بولغان كۆز قاراش. نېمىشقا بار دېگەندە مەن يولدىن چىققان قىزلارنىڭ ھەقىقىي سەرگۈزەشتىسىنى كۆپ ئاڭلىغان. كۆپىنچىسى ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن شەرمى - ھاياسىز، ئەخلاقسىز چوڭ بولىدىكەن، ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئۆزى خالاپ شۇ يولغا ماڭىدىكەن. بەزىلىرى زىيادە ئەركە ئۆگىنىپ قالغانلىقتىن ئۆز بېشىمچى چوڭ بولىدىكەن، ئېرىنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشنى خالىماي ئەركىن تۇرمۇشقا ئىنتىلىپ شۇ يولغا مېڭىپ سالىدىكەن. بەزىلىرى ئاتا - ئانىسىغا تايىنىپلا چوڭ بولغانلىقتىن مۇستەقىل كۆز - قارىشى يېتىلمىگەچكە نېمىنىڭ توغرا نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمەي باشقىلارنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن پۇلنى كۆزلەپ شۇ يولغا مېڭىپ سالىدىكەن. قىسمەنلىرى ئارقا - ئارقىدىن يىگىتلەر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەچكە، چىن ئەقىدىسى ئارقا - ئارقىدىن خارلانغاچقا، مۇھەببەتتىن كۆڭلى سوۋۇپ ئاشۇ ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن يىگىتكە نارازىلىقىنى ئىپادىلەش، بارلىق ئەرلەرگە بولغان نەپرىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەرلەرنى ئويۇنچۇق قاتارىدا كۆرۈپ شۇ يولغا مېڭىپ سالىدىكەن.(بۇ ئۇلارنىڭ بارلىق ئەرلەرنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى، ئەرلەرنى ئۆزىنىڭ تېنىگە دۈم چۈشۈرگەنلىكى ئىكەن)
يەنە بىر قىسىملىرى قىزلىق ئىپپىتى بولمىغاچ توي كۈنىنىڭ ئەتىسىلا ئاستا ئۆيىگە قايتۇرۇلۇپ يۇرتىدا يۈز - ئابرويى چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسى سۇسلاپ ياكى بەختتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ. . . دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنى ئارىغا ئالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ ھەم ھاياتنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى ھېس قىلالمىغانلىقتىن چۈشكۈنلىشىپ شۇ يولغا مېڭىپ سالىدىكەن. بولۇپمۇ دىلخۇمارنىڭ ئائىلىسىگە ئوخشاش ئائىلىلەردە بالىغا ھەددىدىن زىيادە ئامراق بولۇپ بالىنى ئەركە ئۆگىتىپ قويۇپ بالىنىڭ ئىش - ھەرىكەت، گەپ - سۆزلىرىنى بەك چەكلەپ كەتمەيدىغان ئىشلار تولاراق، بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن ئۆز نۆۋىتىدە بالىغا زىيادە كۆيۈنۈش، بالىنىڭ ئىش - ھەرىكەت، گەپ - سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماسلىقمۇ شۇ بالىنى ئاقىۋەتتە كىشى ئويلاپ باقمىغان يامان ئاقىۋەتلەرگە دۇچار قىلىپ قويۇشى مۇمكىن ھەم شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. دىلخۇمار پەقەت شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تىپىكلەشتۈرۈلگەن بىرى. بۇ ئەسەرنى ئوقۇغان قىسمەن بالىغا ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنىدىغان ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەبىيىلەشكە سەل قارىماسلىقىنى تەكىتلەش، ئۆزىنىڭ يۈرەك - پارىسىغا قانداق كۆيۈنۈش توغرىسىدا ئازراق بولسىمۇ ئويلىنىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن شۇ بىر جۈملە سۆزنى قىستۇرۇپ قويدۇم.



ياسىر : ئەسەردىكى پېرسۇناژلار ئۈستىدە توختىلىپ باقامسىز؟ مەسىلەن: دىلخۇمارنىڭ چىقىش يولى بار تۇرۇقلۇق پاھىشە بولغانلىقى؛ «ئالىم چېڭلۇڭ» نىڭ بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان بولۇپ كەتسىمۇ يەنە تاماكىنى تاشلىمىغانلىقى؛ غەيرەتنىڭ ناماز ئۆتىمىسىمۇ ئاللاغا ئىشىنىدىغانلىقى قاتارلىقلار سىزنىڭ بىخەستەلىكىڭىزدىن بولغانمۇ ياكى مەلۇم مەقسەتتە شۇنداق يازدىڭىزمۇ؟


ئابدۇسالام قاھار : بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن بۇرۇن ئوقۇغان ئەسەرلىرىمدىن ئالغان تەسىراتىمنى قىسقىچە سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
كۆپلىگەن ئەسەرلىرىمىزدە پېرسۇناژلار نوقۇل ھالدا سەلبىي پېرسۇناژ، ئىجابىي پېرسۇناژ، مۇرەككەپ پېرسۇناژ. . . دەپ ئۈچكە ئايرىلىپ قالىدۇ . ئىجابىي پېرسۇناژ قىلچە نۇقسانسىز ، كىشىنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقىدىغان مۇكەممەل قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئادەم بالىسى ئۇنچىۋالا مۇكەممەل ئەمەس . سەلبىي پېرسۇناژ باشتىن ئاخىر ياۋۇز ، رەھىمسىز مەخلۇقتەك تەسۋىرلىنىپ ئوقۇغان ئادەمنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئادەملا بولىدىكەن يۈرىكى گۆشتىن بولىدۇ . ئادەم دېگەن ئۆزگىرىدۇ ، نۇقسانسىز ئادەم يوق . دىلخۇمارنىڭ پاھىشە بولۇش يولىنى تاللىشىمۇ ياخشى ئويلىنىپ باقساق ئەقىلگە سىغىدۇ . ئەگەر مەن ئۇنى ھېچقانداق چىقىش يولى يوق ، ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ، يۇرتىدىكى كىشىلەر ئۇنى پاتقۇزمىغان ياكى پاھىشىخانىنىڭ خوجايىنى ئۇنى مەجبۇرىي شۇ ئىشنى قىلغۇزغان. . . قىلىپ يازساممۇ بولاتتى . لېكىن مەن ئۇنداق يېزىپ قەستەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىنى ، ئۇنىڭغا بولغان ھېسسىداشلىقىنى قوزغاشنى توغرا تاپمىدىم. قەستەن كىشىنىڭ ھېسسىداشلىقىنى قوزغايدىغان ئەسەرلەرمۇ كۆپ ، مەن ئاشۇنداق ئەسەرلەرگىمۇ ئوخشىمايدىغان قىلىپ يازاي ، دېدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە دىلخۇمار كىچىكىدىن ئەركە ئۆگىنىپ قالغان ، كۆڭلى خالىغان ئىشنى قىلىدۇ . بۇ نۇقتىنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇرۇنقى يىگىتىگە قېيداپلا توي ئىشىغا ماقۇل بولغانلىقىنى يازدىم . دىلخۇمار ئاجرىشىپ كەتكەندە بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىدىن قالغان ، ئۇنىڭ ئاشۇ ئۆز بېشىمچى خاراكتېرىدىن ، ئاددىي كاللىسىدىن ، ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ كاللىسىغا جاپا تارتىپ ھالال ئەمگەك قىلىش خىيالى كەلمەيدۇ كەلسىمۇ ئۇ ئۇنداق قىلمايدۇ ، چۈنكى ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ئازراقمۇ جاپا تارتماي چوڭ بولغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرەر ئەر زاتىنىڭ مەيدىسىگە مۇشتلاپ ئۆزىنى ئەمرىگە ئېلىپ بىر ئۆمۈر قەدىرلەپ ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان مۇھەببەتنى ، بەختنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ ، چۈنكى ئۇ تۇغماس بوپ قالغان تۇرسا ؟! بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىر ناۋاي بىلەن توي قىلغانلىقىنى لېكىن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئوتىدا كۆيگەن ناۋاينىڭمۇ ئۇنىڭ تۇغماس بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن چىرايلىقچە خېتىنى بېرىۋەتكەنلىكىنى يازدىم . دىلخۇمارغا ئەزەلدىنمۇ ئاتا - ئانىنىڭ قەدرى ئۆتۈلمىگەچكە ئۇلارغا نارازى بولۇپ ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى شۇ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلماقچى بولىدۇ . چۈنكى ئۇ بۇنداق چاغدا بەختتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن . ئەگەر دىلخۇمارنى ھالال ئەمگەك بىلەن جان كەچۈرىدىغان ، ئەپۇچان ، كەڭ قورساق قىلىپ يازغان بولسام دىلخۇمار ئۇ چاغدا ئۆزىگە ئوخشىماي قالاتتى .
غەيرەتكە كەلسەك ، غەيرەتنى بەزىلەر «ئالىيجاناپلىقى يۈكسەك دەرىجىدە ئىپادىلەنگەن»دېيىشتى ، مەن بۇ كۆز قاراشقا قارشى ! غەيرەت ھېچقانداق ئالىيجاناپ ئەمەس . پەقەت ئۇنىڭدا بىر ئوغۇل بالىدا بولۇشقا تېگىشلىك يۈرەك بار ، خالاس . مەن ئۇنى قىلچە غايىۋىيلاشتۇرمىدىم ، ھەتتا قەستەن كەمچىلىك تۇغدۇرۇپ يازدىم. (ئوقۇرمەنلەرنىڭ جەمئىيىتىمىزدە غەيرەتتەك بالىلار ئاز ، دېيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن)
غەيرەت ئاللاغا ئىشىنىدىغان ، غورۇرى ، ۋىجدانى بىلەن ياشايدىغان لېكىن ئېتىقادى سۇس ياشلارنىڭ ئوبرازى . غەيرەتنىڭ خاراكتېرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنى قايىل قىلىدۇ . لېكىن ئۇنى ناماز ئۆتەيدىغان قىلىپ تېخىمۇ مۇكەممەللىككە كۆتۈرىۋەتكەن بولسا ئۇ چاغدا ئۇ ھاراق ئىچمىگەن بولاتتى ، تاماكا چەكمىگەن بولاتتى . ھاراق ئىچمىسە پاھىشىخانىغىمۇ كىرىپ قالمىغان بولاتتى ھەم دىلخۇمارنى ياخشى كۆرۈپ قالمىغان بولاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئېتىقادى كۈچلۈك بولغان بولسا تۆۋەندىكى ئايەتنى چوقۇم بىلىدۇ (زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تىگىدۇ، ئۇنداق قىلىش مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى) [نۇر سۈرىسى 3- ئايەت] ) ئۇنىڭ پاھىشىخانىغا كىرىشىگىمۇ دەل ئۆزىدىكى باشقىلارغا ئېگىلمەيمەن، ھامان باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىمەن. . . دەيدىغان مەنمەنچى خاراكتېرى سەۋەبچى بولغان . غەيرەتتىمۇ قېنى قىززىقلىق، ئالدىراڭغۇلۇق، ھېسسىياتچان، قارام. . . قاتارلىق كۆپ قىسىمدىكى ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن كەمچىلىكلەر بار.
«ئالىم چېڭلۇڭ» رېئاللىقتىكى يامان يولدىن قايتىپ توغرا يولغا قايتقان لېكىن ئېتىقادى تازا چىڭ ئەمەس ياشلارنىڭ ئوبرازى . ئۇ بۇرۇن ئوغرى - يانچۇقچىلىق قىلىپ سېسىق نامى ئەتراپقا پۇر كەتكەن لۈكچەك ئىدى. لېكىن ئۇ ئۆينىڭ چوڭى ، شۇنداق بولغانىكەن ئۇنىڭ دادىسى كۆز يۇمغاندا قالدۇرغان سۆزلەرنى ئۇ ھەرقانچە قىلسىمۇ ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ . بىر ئۆينى بېقىش زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ . بۇ جەرياندا دادىسىنىڭ ئۆينى بېقىش ئۈچۈن تارتقان جاپاسىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ يامان يولدىن قايتمىسا بىر ئۆينىڭ بېشىغا چىقىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ . ئۆزىگە بىردىنبىر كۆيىنىدىغان ئۇستىسىنىڭ ئۇنىڭ قەلبىگە دىن ئۇرۇقلىرىنى تېرىيدۇ . ئالىم دىنغا بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇرلاشقاندىن كېيىن يەنە مۇشۇ ئايەتكە ئەمەل قىلىپ (زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تىگىدۇ، ئۇنداق قىلىش مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى) ئۆزىنىڭ بۇرۇن زىنا قىلغان ئەيىبى بار بولغانلىقى ئۈچۈن زىنا قىلغان ئەيىبى بار بىرىنى يەنى ئەسەردىكى «پور كۆتەك»نى ئەمرىگە ئالماقچى بولىدۇ . بۇ ئۆزىنى تونۇش ، ئۆزىنى چىن دىلىدىن ئېتىراپ قىلىش شۇنداقلا ياراتقۇچىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش . ئۇ بۇرۇن سېسىق نامى پۇر كەتكەن لۈكچەك ئىدى لېكىن ئۆزگەردى، دېمەك ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى «ئالىم چېڭلۇڭ» غا ئوخشاش ياشلارنىڭمۇ ئۆزگىرىش پۇرسىتى بار . شۇنداقلا ئادەم دېگەن ئۆزگىرىمەن دېسە ئۆزگىرەلەيدۇ . ئۇنى تاماكىنى تاشلىمىغان قىلىپ يېزىش دەل ئۇنى ئادەم قىلىپ يېزىشتۇر . چۈنكى تاماكىنىڭ خۇمىرىنى خۇمىرى كۈچلۈك ئادەملەر بىلىدۇ . ھەتتا ساقىلى بار بوۋايلارمۇ تاماكا چېكىدىغان ھەم مەسچىتكە كىرىدىغان تۇرسا ئەمدىلا ھەق يولغا قايتقان بىر ياشنىڭ تاماكىنى تاشلاش ئىرادىسى بارلىقى لېكىن تاشلىيالمىغانلىقى تامامەن ئەقىلگە ئۇيغۇن . شۇنداقلا «ئالىم چېڭلۇڭ» ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بەش ۋاق ناماز ئۆتەپ تۇرۇپمۇ كەيىپ قىلىدىغان ياشلارنىڭ ئوبرازى. شۇڭا مەن غەيرەتنىڭ تىلىدا ئۇنىڭدىن «نامازمۇ ئۆتەيسەن، تاماكىمۇ چېكىسەن، سەن زادى نېمىگە ھېساب؟» دەپ سوراش ئارقىلىق «ئالىم چېڭلۇڭ» دەك ياش يىگىتلەرگە سوئال قويدۇم.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئەسەردىكى پېرسۇناژلارنىڭ ھەربىر سۆزى، مىجەز خاراكتېرى، ئۆسۈپ - يېتىلگەن مۇھىتى، ئەتراپىدىكى تۇرمۇشىغا تەسىر قىلغان ئادەم ۋەھاكازالار ھەرگىزمۇ بەزى تورداشلار دېگەندەك ئىجادىيەت داۋامىدىكى بىخەستەلىك بولماستىن بەلكى ئەتراپلىق ئويلىشىمدىن، چوڭقۇر تەپەككۇر يۈگۈزۈشۈمدىن بولغان. مەن بۇ ئەسىرىمدىكى قەلىمىم ئارقىلىق ياراتقان پېرسۇناژلارغىمۇ ھەقىقىي ئادەمدەك مۇئامىلە قىلدىم. ھېسسىداشلىق قىلىدىغان چاغدا ھېسسىداشلىق قىلدىم، جازالاشقا تېگىشلىك بولغاننى جازالىدىم، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولغانلارنى ئۆزگەرتتىم.
بىخەستەلىك بار دېيىلسە بەلكىم ئىملا خاتالىقى باردۇ ياكى تىنىش بەلگىلىرى جايىغا ئىشلىتىلمىگەندۇ(ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەكلىپ - پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن)



ياسىر : ئەسىرىڭىز باش پىرسوناژى دىلخۇمارنىڭ «ئەيدىز» بولۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلاشتى . مۇشۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇشىڭىزدا بىرەر سەۋەب بارمۇ ؟ كومېدىيە بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىككىسىنى مۇرادىغا يەتكۈزۈشنىمۇ ئويلىشىپ باققانمىتىڭىز ؟


ئابدۇسالام قاھار : مۇنداق بىر نەچچە خىل سەۋەب بار:
1. دىلخۇمارغا بېرىلگەن جازا.
ئۇنىڭغا شۇ جازانى بەرگەندە ئۆزىنىڭمۇ كۆڭلى ئارامىغا چۈشىدۇ، چۈنكى ئۇ بەش ۋاخ ناماز ئۆتەيدىغان ئېتىقادلىق مۇسۇلمان بولغانىكەن ئۆزىنىڭ قانداق گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىدۇ. دىلخۇمار مەيلى قانچىلىك ساددا، ئاقكۆڭۈل، ئەقىللىق بوپ كەتمىسۇن ئۇ يەنىلا چىقىش يولى بار تۇرۇقلۇق پاھىشە بولغان. ئۇنىڭغا غەيرەتنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ كۆزىمىزنى يۇمۇپلا ھېسسىداشلىق قىلىۋەرسەك ئاقىلانىلىك بولمايدۇ. چوقۇم ئەقىل كۆزىمىز بىلەن قارىشىمىز كېرەك. ئەگەر چىقىش يولى يوق بوپ قېلىپ شۇ ئىشنى قىلغان بولسا ئۇنىڭغا باشقىچە جازا بېرىشكە بولاتتى. مېنىڭچە ئۇ جازاغا دىلخۇمارمۇ رازى بولىدۇ.
2. قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قاينىمىغا غەرق بوپ كەتكەنلەرگە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش.
ئەيدىز كېسىلى ھەقىقەتەن تېز سۈرئەتتە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ. مېنىڭچە تۇرمۇشنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر بۇ نىجىس كېسەلنىڭ پاھىشىخانىلارغا قارىغاندا سىرتلاردا تېز ھەم ئاسان يۇقىدىغانلىقىنى بىلىدۇ (مەسىلەن، جىنسىي ھەمراسى كۆپ بولۇش، ئاشنىدارچىلىق. . . قاتارلىق پەس مۇناسىۋەتلەردىن يۇقىدۇ). شۇڭا بۇ پاھىشىخانىلاردىكى قىزلارغىلا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولماستىن سىرتتا ئاشنا ئوينايدىغان دىلخۇمارنىڭ تۇنجى يولدىشىغا ئوخشاش پەسكەش ئەرلەرگە، ئۆينى بۇزۇۋاتقان ئاشنىلارغا، توي قىلماي تۇرۇپلا قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت تورىغا ئىلىنىپ قالغانلارغا. . . بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى.
3. پاھىشىخانىغا كىرىۋاتقان ياكى كىرمەكچى بولغان كىشىلەرگە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش.
بەزى ھەقىقىي رېئال تۇرمۇشتىن چىن مۇھەببەتنىڭ ۋىسال پەيزىنى سۈرەلمەي مۇھەببەتكە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن كەتكەن كىشىلەرنىڭ(جۈملىدىن ماڭا ئوخشاش ياش بالىلارنىڭ) ئۆز مۇھەببىتىنى پاھىشىخانىدىن تېپىش ئويىغا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا بېرىلگەن تەستەك.
دەسلەپ كومېدىيە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. .ئەسەر پۈتكۈندىن كېيىن ئويلاپ باقسام ئەگەر ئۇلارنى مۇرادىغا يەتكۈزۈپ كومېدىيە بىلەن ئاخىرلاشتۇرسام مەن ئىنتايىن چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن بوپ قالىمەن. چۈنكى نۇرغۇن ياش بالىلار دىلخۇمارنى ياخشى كۆرۈپ قالغان يەردە پاھىشىخانىلاردىكى تۇرمۇشتا خېلى پىشىپ قالغان، تەجرىبىلىك چوكانلارنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى ھەمدە كاللىسىدا «مەنمۇ پاھىشە قىزنى ياخشى كۆرسەم بولىدىكەن. مۇھەببىتىمنى ئەسەر قىلىپ يازسام ئالقىشقا ئېرىشكۈدەك. . .»دېگەندەك خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ. ئاخىرى ئەيدىز بىلەن ئاخىرلاشقاندا ئاشۇنداق ئويغا كەلگەن بالىلارنىڭ كۆڭلىدىمۇ ئازراق تەشۋىش بولىدۇ. شۇ يەرگە كىرگەن بالىلارنىڭ كاللىسىدا تېخىمۇ ھەم شۇنداق. شۇ ئىشنى قىلىپ ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىشتىن قورقۇپ ئىككىنچى ئاياق باسمىسا تېخى ياخشى.



ياسىر : ئەسىرىڭىزنى باشتىلا توردا باشلاپ قويۇپ داۋامىنى ئوقۇرمەنلىرىڭىزنىڭ ھەرخىل ئارزۇسى ۋە قىياسىغا ئاساسەن ئاخىرلاشتۇردىڭىزمۇ ياكى مەلۇم مەزگىل ۋەقەلىكنى پىلانلاپ ، تاماملاپ بولغاندىن كىيىن ئىلان قىلدىڭىزمۇ ؟


ئابدۇسالام قاھار : مەن ئەسەرلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بىۋاسىتە مۇنبەر يۈزىگىلا يازىمەن. بۇ ئەسەرنىمۇ مۇنبەر يۈزىگە يېزىپ بىر ياقتىن يازغاچ بىر ياقتىن ئەسىرىمگە چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆزەتتىم. مېنىڭچە چىن كۆڭۈلدىن چىقىرىپ يېزىلغان ئىنكاس بىر يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي نۇقتىدىن باھا بەرگىنى بىلەن ئوخشاش. يېزىش جەريانىدا يەنە تورداشلارنىڭ تەكلىپلىرىنىمۇ قوبۇل قىلدىم. مەسىلەن، غەيرەت ئالىمنىڭ ئاغزىدىن دىلخۇمارنىڭ يۇرتىغا كېتىش سەۋەبىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەسلەپ يازغىنىمدا يىغلايدۇ، دەل شۇ چاغدا بىر تورداش ئىنكاس يېزىپ «غەيرەتنىڭ خاراكتېرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇ يىغلىمايدۇ» دېگەنتى، مەن بۇ پىكىرنىڭ ناھايىتى ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قايتا تۈزىتىش كىرگۈزدۈم، ئۇنى يىغلاتمىدىم.
ئەسەرنى يېزىپ يېرىمىغا كەلگەندە تورداشلارنىڭ كۆپىنچىسى ماڭا بۇ ئەسەرنى تراگېدىيە بىلەن ئاخىرلاشتۇرماسلىقنى ئېيتتى. تورداشلارنىڭ تەلىپى بىلەن مەن چىنلىقنى قايرىپ قويۇپ بۇ ئەسەرنى كومېدىيە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان(يەنى غەيرەت بىلەن دىلخۇمارنى مۇرادىغا يەتكۈزگەن). لېكىن كومېدىيە بىلەن ئاخىرلىشىش ئاز ساندىكى تورداشلارنىڭ ھاردۇقىنى چىقارغان بولسىمۇ ئەمما يەنە نۇرغۇن تورداشلارنى قايىل قىلالمىدىم ھەم ئۆزۈممۇ رازى بولمىدىم. ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا قىزىقىۋاتقان شۇنچە كۆپ تورداشلارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ ھېسسىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋېلىشنى لايىق كۆرمىدىم. ئەسەر پۈتۈپ ئىككىنچى كۈنى ئۈچىنچى بۆلىكىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ قايتا يېزىپ تراگېدىيە بىلەن ئاخىرلاشتۇردۇم.



ياسىر : ئەسىرىڭىز توردا ئىلان قىلدۇرۇلغاندىن كىيىن ئەسىرىڭىزگە قارىتا مۇئەييەنلەشتۈرۈدىغان باھالار كۆپ بىرىلدى . كىيىنچە ئاۋازغا ئىلىنىپ ئىلان قىلىندى . ئاڭلىسام بەزى ئۈن - سىن سودىگەرلىرى سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەسىرىڭىزنى كىنو - فىلىم قىلىپ ئىشلەش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ . سىز ئەسىرىم تولۇق مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى ، دەپ قارامسىز ؟


ئابدۇسالام قاھار : ھازىرغىچە بۇ ئەسەرگە چۈشىۋاتقان ئىنكاسلار، ھەرخىل ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلار ئەسىرىمنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرسىمۇ مەن بۇ ئەسەرنى يېزىشتىكى مەقسىتىمگە يېتەلمىگەنلىكىمدىن شەخسەن مەن «مەغلۇپ بولدۇم» دەپ قارايمەن. لېكىن ئەدەبىي ئەسەر نۇقتىسىدىن باھا بەرگەندە مەيلى تىل ئۇسلۇبى جەھەتتىن بولسۇن مەيلى چىنلىق، ۋەقەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىن بولسۇن ياكى پېرسۇناژلار خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تىپىكلەشتۈرۈشتە بولسۇن بۇ ئەسەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ.
ئەسلى بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىمۇ بار. ئاللا خالىسا كىنو قىلىپ ئىشلىگەندە ئاخىرىنى كىنودىن كۆرىمىز.




ياسىر : نىمە ئۈچۈن ئەسرىڭىزنى ئالدى بىلەن نەشىريات ياكى ژورناللاردا ئىلان قىلدۇرماي باشتىلا ئىنتىرنىت تورىدا ئىلان قىلدۇرۇشنى ئويلاپ قالدىڭىز ؟ كىيىنچە نەشىريات ياكى ژورناللاردا ئىلان قىلدۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئارزۇيىڭىز بارمۇ ؟


ئابدۇسالام قاھار : بىرىنچىدىن، ھەجىمى چوڭ تۇنجى ئەسىرىم بولغاچقا ماڭا قانداق باھالارنىڭ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئىشلەتكەن ئۇسلۇبۇمنىڭ قانچىلىك ئادەمگە ياقىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە تورغا يوللىغانتىم. ئىككىنچىدىن، توردا ھەقىقىي ئەدەبىيات نۇقتىسىدا تۇرۇپ باھا بېرىدىغانلار ئاز، بۇنداق بولغاندا ئەسەر تەسىر قىلغان كىشىنىڭ ھەقىقىي يۈرەك ساداسىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن، مەتبۇئاتتا ئېلان قىلدۇرغاندا بۇ ئەسەرنى ئوقۇشقا تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز قىسمى ئوقۇيدۇ، مەن بۇ ئەسەرنى كىمگە قارىتىپ يازغان بولسام شۇ ئوقۇسىلا كۇپايە، دەپ قاراپ تورنى ئەڭ ياخشى ژۇرنال قىلىپ تاللىغانتىم.


ياسىر : سىز بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ياكى قىرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىن كىملەرنىڭ قايسى ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ؟ قايسىلىرى بەكرەك تەسىر قالدۇرغان ؟


ئابدۇسالام قاھار : ئوقۇغان كىتابلىرىم كۆپ ئەمەس. ھەممىنى دەپ ئولتۇرماي، ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بوۋىمىز يازغان «ئىز»ناملىق تارىخىي رومان. ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇپ بولۇپ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھى بىلەن ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ روھىنى سېلىشتۇرۇپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغانتى.



ياسىر : سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەت ھاياتىڭىزدا يەنە مۇشۇنداق نادىر ئەسەرنى يىزىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئوقۇرمەنلرىىڭىزگە مۇشۇ توغرىسىدا مەلۇمات بىرەلەمسىز ؟


ئابدۇسالام قاھار : بۇ ئەسىرىمنىڭ ئۆزۈم ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە زور ئالقىشقا ئېرىشىشى ماڭا تېخىمۇ مەدەت بولدى. مەن يەنىمۇ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. پات ئارىدا يەنە بىر ئەسىرىمنى ئېلان قىلىمەن. ئۇ ئەسىرىمدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىكى كەچۈرمىشلىرى سۆزلىنىدىغان بولۇپ، جەمئىيىتىمىزدىكى ھەرقانداق ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ ئوقۇشىغا ئەرزىيدۇ، دەپ قارايمەن. ئەسەردە ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپمۇ خىزمەتكە ئورۇنلىشالماسلىقنىڭ سەۋەبى، ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرىگە كۆز - قۇلاق بولماسلىقنىڭ زىيىنى، ئائىلىنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ روھى دۇنياسىغا، ئىش - ھەرىكەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى ئوبرازىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى، جەمئىيەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى. . . قاتارلىق بىر قانچە جەھەتلەردىكى كۆز قارىشىم، تەھلىلىم ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىنى ئالىي مەكتەپكە ئەمەس تولۇق ئوتتۇرىغا مەركەزلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىمەن. بۇ كۆپىنچە ئادەملەر سەل قاراۋاتقان ياكى ھېس قىلالمايۋاتقان نۇقتا .


ياسىر : ئاخىرىدا ئوقۇرمەنلرىرىڭىزگە دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار ؟


ئابدۇسالام قاھار : ئالدى بىلەن مېنى قوللاپ، ماڭا قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئايىماي كېلىۋاتقان تورداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!
مۇنبەرلىرىمىزدە ماڭا ئوخشاش ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى خېلى كۆپ، بۇ ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال. مەن بۇ ئەسىرىمنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشىنىڭ تېخىمۇ كۆپلىگەن ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىنلىقىنى ئەڭ زور چەكتە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مېنىڭ ئەسىرىمدىنمۇ ئالقىشقا ئېرىشكۈدەك ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
مىللىتىمىز تەقدىرىنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بار. بۇ پەقەت يازغۇچى، شائىر، ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، ئالىم، كارخانىچىلارنىڭلار بۇرچى ئەمەس. مىللەت بىزنىڭ! بۇنىڭغا تارىخ گۇۋاھ! مىللىتىمىز ئەخلاقىنىڭ چىرىكلىشىشتىن ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىشىگىمۇ تارىخ گۇۋاھ بولسۇن! مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىزدىن زور بىر تۈركۈم «قۇتقازغۇچى پىدائىيلار»نىڭ كۆكرەپ كېرىپ مەيدانغا چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئەدەبىيات ئارقىلىق تونۇشىمىز، سىردىشىمىز، ئەدەبىيات ئارقىلىق رىشتىمىزنى باغلايمىز!
مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇماي تۇرۇپمۇ شۇنچىلىك ئەسەر يازالىدىم، سىلەرمۇ يازالايسىلەر!
يېزىڭلار قېرىنداشلار! ئۈمىدۋارلىققا، ئىشەنچكە تولغان، ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قەيسىرانە روھ مەدھىيىلەنگەن قۇرلارنى قەلىمىڭلار ھېرىپ قالغۇچە يېزىڭلار!
مىللىتىمىزنىڭ ھالىتىگە ئېچىنىدىغان، قۇرۇق قاخشايدىغان، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تىللايدىغان، ئۆز مىللىتىدىن تېنىپ كېتىۋاتقان ھەم تانماقچى بولغانلار، بولدى بەس! جاندىن كەچكىلى بولسىمۇ مىللەتتىن تانغىلى بولمايدۇ. مىللىتىمىزدىن ئاغرىنماي مىللىتىمىزنى ئوڭشاشقا ئاتلىنايلى! ئىللەت تۈزەلمىگۈچە مىللەت تۈزەلمەس!



ياسىر : ئاخىرىدا بارلىق ئورقۇرمەنلەر ۋە تورداشلارغا ۋاكالىتەن سىزگە بەخت ، ئاسايىشلىق شۇنداقلا ئىجادىيەت ھاياتىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن !

ئابدۇسالام قاھار : رەھمەت .




2008 - يىل 11 - ئاينىڭ16 - كۈنى



قوشۇمچە : مەزكۇر ئەسەرنىڭ يازما تور مەنزىلى :

./read.php?tid-38971-keyword-.html

مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنىڭ تور مەنزىلى :

./read.php?tid-29882.html
تېما تەستىقلىغۇچى : چۆلگۈلى
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-16, 14:32
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+1000(ئەلـزات) چىرايلىق تېم ..
  • شۆھرەت:+10(پەرى001) كۆڭلۈمدىكىد ..
  • ياخشى باھا:+20(گۈلگۈن) ياخشى زىيارە ..
  • blog.salkin.cn
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-16 22:15 |
    مۇنقەرىز
    ھىسياتنىڭ قۇلى بولما!!!
    ئالىي ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18160
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 529
    شۆھرەت: 127 كىشىلىك
    پۇل : 880857 سوم
    تۆھپە: 30 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 467 نۇمۇر
    قوللاش: 478 نومۇر
    ئالقىش: 469 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەپەندى
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-19

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     Re:ئابدۇسالام قاھار بىلەن سەلكىندە سۆھبەت


      
    ياخشى زىيارەت بوپتۇ بۇيىتىمنىمۇ تونۇۋالدىم  مانا
    ئۇلۇغ ئاللا تەقدىر يولۇمنى ئۆزگەرتكىن !  
    ئىھ مىھرىبان ئاللا مىسكىن دىللارنى قۇدرىتىڭ بىلەن شاتلاندۇرغىن !!!
    ماڭا بارلىق ئازاپلىرىمنى ئۇنتۇيدىغان ئىرادە ئاتا قىلغىن !
    ھايات يولۇمدىكى توسۇقلارنى ئىچىۋەتكىن ! ئامىن !!!
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-16 22:36 |
    چۆلگۈلى
    ئالاھىدە باشقۇرغۇچى يازما يوللاش ئۇستىسى مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئىلغار باشقۇرغۇچى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : مۇنبەر باشلىقى


    UID نۇمۇرى : 2624
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 2744
    شۆھرەت: 9014 كىشىلىك
    پۇل : 7452 سوم
    تۆھپە: 115 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4513 نۇمۇر
    قوللاش: 3544 نومۇر
    ئالقىش: 6125 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: پەرىشتە
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-02

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئابدۇسالامنىڭ تىرىشچانلىقىغا قايىل بولدۇم .مەن ئۇنى ئەدىبىيات ساھەسىدىكى بىر ئۈمۈتلۈك نوتا دەپ قارايمەن ۋە قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن .
    blog.salkin.cn
    دەريا سۈيى بىر ئېقىندا ئېقىۋەرمەس،
    ئامەت دائىم بىر ئىنسانغا بېقىۋەرمەس؛
    ھەر كىشىنىڭ ئەجرى ئورتاق خۇيى يەككە،
    بىر ناخشا ھەممىگە تەڭ يېقىۋەرمەس. 
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-16 22:54 |
    otyak
    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23249
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 402
    شۆھرەت: 770 كىشىلىك
    پۇل : 7234 سوم
    تۆھپە: 100 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 805 نۇمۇر
    قوللاش: 593 نومۇر
    ئالقىش: 1333 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن بۇ تىمىنى ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن. سۆھبەتتىن ، بۇ ئەسەرنىڭ خىلى ياخشى يېزىلغانلىقىنى بىلدىم. بۇندىن كىيىن ئىجادىيىتىنىڭ تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن .
    يەنە بىر تەرەپتىن بۇ سۆھبەتنى ئۇيۇشتۇرغان ياسىرغىمۇ كۆپ تەشەككۇر.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-16 23:33 |
    نۇرلان805
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 4987
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 512
    شۆھرەت: 483 كىشىلىك
    پۇل : 1171086 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 567 نۇمۇر
    قوللاش: 543 نومۇر
    ئالقىش: 617 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-02

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇندىن كىيىن مۇشۇ ئىنىمىز ئەدەبىيات ساھەسىدە توختىماي تىرىشسا ئۇگەنسە شۇنداقلا يىزىقچىلىق جەھەتتىكى بىلىمىنى تىخمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ مۇكەممەللەشتۇرسە يەنە نەچچە يىل ۋەياكى 10 يىللاردىن كىيىن تىلىۋوزۇرلاردا ۋە تارىمدەك داڭلىق ژورناللاردە :
      يەنە (داڭلىق يازغۇچى ئابدۇسالام قاھار بىلەن سۆھبەت) نى ئاڭلايمىز!!!!!
    ھەم شۇنداق بولىشىغا تىلەكداشمەن ۋە ئىشىنىمەن!!!
    بەلنى مەھكەم باغلايلى!!!!!!!!!!!!!
    blog.salkin.cn
    [size=6][color=#0000FF]ئالتۇن قونداق قەپەزدىن،لىڭ-لىڭ قۇمۇشۇم ياخشى!
    [size=4][color=#FF0000]مەنبە:بىر قۇشقاچنىڭ تىلىدىن.[/color][/size][/color][/size]
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-16 23:48 |
    پەخىركام
    تىرىش !!!
    ئىجاتچان ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 151
    نادىر تېما : 9
    يازما سانى : 5350
    شۆھرەت: 6947 كىشىلىك
    پۇل : 211494092 سوم
    تۆھپە: 3780 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 7582 نۇمۇر
    قوللاش: 5909 نومۇر
    ئالقىش: 6987 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئىسيانكار
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-29

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سەلكىن مانا ئۈزۈمچىدەك تالانتلىقلارنى يىتۈشتۈرىدىغان ئورۇن ....    ...

       ئۈزۈمچى قەلىمىڭگە تېخىمۇ بەركەت تىلەيمەن ...
    ئى اللە بىزنى ھىدايەت قىلغىن !!!
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-16 23:48 |
    بەھرام
    « تـــۈن شامــىـــلــــى »
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 12659
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1430
    شۆھرەت: 1606 كىشىلىك
    پۇل : 556913 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1601 نۇمۇر
    قوللاش: 1521 نومۇر
    ئالقىش: 1890 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-01

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مىنىڭ چىسلارىم كەينىدە قالدىمۇ ياكى سىلەرنىڭ ئالدىغا كىرىپ كەتتىمۇ  
    blog.salkin.cn
    ھەسىرەت چېكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ ھەرگىز قاپاق تۈرمەڭ . چۈنكى ، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-16 23:50 |
    نۇرلان805
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 4987
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 512
    شۆھرەت: 483 كىشىلىك
    پۇل : 1171086 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 567 نۇمۇر
    قوللاش: 543 نومۇر
    ئالقىش: 617 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-02

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەگەر بۇ (پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى) كىنو فىلىم قىلىپ ئىشلەنسە شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى
    بۇ كىنو ئىنتايىن بازارلىق فىلىم بولىدۇ !!!خۇددى (قىرلىق ئىستاكان)غا ئوخشاش!!
    پىلاستىنكىنىڭ سىتىلىشى مىقدارى  ئويلىغاندىنمۇ ياخشى بولىشى مۇمكىن~~ چۇنكى
    بۇ فىلىم توردا ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ ئىلانىنى بىرىپ بولدى دىسەكمۇ بولىدۇ!!مۇشۇ ئەسەرنى  ئوقۇغان نورغۇنلىغان تورداشلار ۋە كىتاپخانلار  فىلىم قىلىپ ئىشلىنىشىنى ئۇمۇت قىلغان،ۋە شۇنى كۇتمەكتە!!
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+4(padixa51) مەنمۇ شۇ
  • blog.salkin.cn
    [size=6][color=#0000FF]ئالتۇن قونداق قەپەزدىن،لىڭ-لىڭ قۇمۇشۇم ياخشى!
    [size=4][color=#FF0000]مەنبە:بىر قۇشقاچنىڭ تىلىدىن.[/color][/size][/color][/size]
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 00:01 |
    ئەلئارا
    ھەقىقىي سۆيگۈ .
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە باشقۇرغۇچى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئىلغار باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : مۇنبەر باشلىقى


    UID نۇمۇرى : 6311
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 3444
    شۆھرەت: 5543 كىشىلىك
    پۇل : 732096 سوم
    تۆھپە: 324 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3688 نۇمۇر
    قوللاش: 2221 نومۇر
    ئالقىش: 5171 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-01

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

      مەن زىيارەت قىلاي دەپ بولغۇچە ما ياسىر  چاققان چىقىپتۇ ...  

    مەنمۇ زىيارەت سۇئاللىرىنى تەييارلاپ بولغان بولمىسا ..  

            لىكىن زىيارىتىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ .. مېنىڭ زىيارىتممۇ بۇنداق چىقماستى .    ئابدۇسالاممۇ  ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاپ يېزىپتۇ ..   شۇنداق سۈيۈندۈم .    ئۇنىڭ تىمىلىرىنىڭ  ئوقۇشچانلىقى كۈچلۈك  ، تىلى يېقىشلىق ، ئاممىباب   .     ھىسىياتنىڭ  ئەينەن ئىپادىلىنىشى كىشىگە باشقىچە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ ..

    سېنىڭ  كىيىنكى  ئىجادىيىتىڭگە  ئۇتۇق تىلەيمەن ..  

       جالالىدىن بەھرام ئاكىمىزدەك داڭلىق يازغۇچى بولىشىڭىغا تىلەكداشمەن ..  
    blog.salkin.cn
    كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ ،
    قايغۇدىن كىيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ ،
    تېڭىرقاشتىن يۇلىنىپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ ،
    يالغۇزلىقتىن قۇتۇلغان قەلب كۆتىرەڭگۈ بولىدۇ .
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 00:03 |
    پەخىركام
    تىرىش !!!
    ئىجاتچان ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 151
    نادىر تېما : 9
    يازما سانى : 5350
    شۆھرەت: 6947 كىشىلىك
    پۇل : 211494092 سوم
    تۆھپە: 3780 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 7582 نۇمۇر
    قوللاش: 5909 نومۇر
    ئالقىش: 6987 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئىسيانكار
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-29

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون8قەۋەتتىكىئەلئارانىڭ2008-11-17 00:03 دە يوللىغان يازمىسى   :
      مەن زىيارەت قىلاي دەپ بولغۇچە ما ياسىر  چاققان چىقىپتۇ ...  

    مەنمۇ زىيارەت سۇئاللىرىنى تەييارلاپ بولغان بولمىسا ..  

            لىكىن زىيارىتىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ .. مېنىڭ زىيارىتممۇ بۇنداق چىقماستى .    ئابدۇسالاممۇ  ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاپ يېزىپتۇ ..   شۇنداق سۈيۈندۈم .    ئۇنىڭ تىمىلىرىنىڭ  ئوقۇشچانلىقى كۈچلۈك  ، تىلى يېقىشلىق ، ئاممىباب   .     ھىسىياتنىڭ  ئەينەن ئىپادىلىنىشى كىشىگە باشقىچە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ ..
    .......


    ئۈزۈمچىنىڭ ئورنىغا مىنىلا زىيارەت قىلىڭلا بولمسىا ....
    ئى اللە بىزنى ھىدايەت قىلغىن !!!
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 00:05 |
    تەنھاشەمشاد
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 7925
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 309
    شۆھرەت: 316 كىشىلىك
    پۇل : 1863 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 345 نۇمۇر
    قوللاش: 324 نومۇر
    ئالقىش: 402 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-01
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     Re:ئابدۇسالام قاھار بىلەن سەلكىندە سۆھبەت

    گەرچە دوستۇم ئابدۇسالام(ئۈزۈمچى)بىلەن يۈزتۇرانە تۇرۇپ كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساممۇ،توردا خىلى پىكىرلەشتۇق،ئابدۇسالامنىڭ قابىلىيتىگە،تىرىشچانلىقىغا ھەقىقەتەن قول قويدۇم.
    بۇ دوستۇمنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق،تىننىڭ سالامەت بولىشىنى تىلەيمەن.

                  بۇندىن كىين تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلىرىڭنى بىزدىن ئايىمىغىن دوستۇم.
                                             ئامان بول،كۈنلىرىڭ خۇشال ئۆتسۇن!
    blog.salkin.cn
    http://tanhaxamxad.salkin.cn
                سەلكىن دوسىتلۇق توپى. تورداشلا خالىساڭلا ماۋۇ توپقا كىرىڭلا!
                                                        51789965
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 00:10 |
    ئالتۇن
    گاداي
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا ئالاھىدە باشقۇرغۇچى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 6553
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2118
    شۆھرەت: 5227 كىشىلىك
    پۇل : 55438738 سوم
    تۆھپە: 820 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 817 نۇمۇر
    قوللاش: 1191 نومۇر
    ئالقىش: 2855 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئوت يۇرتى.
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-02

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ بالا مەيلى تۇرمۇش بولسۇن،مەيلى خىزمەت،مەيلى مۇھەببەت ۋەياكى يېزىقچىلىقتا بولسۇن ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ۋە كۆز قارىشى بار ئىكەن.تونۇشۇپ مۇشۇ ۋاققىچە ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى ۋە مېنى قايىل قىلغىنى دەل ئۇنۇڭ تۇرمۇشنى كۈزىتىش ئىقتىدارى بولدى.ئۇنۇڭ كۆزىدە كۆرىنىدىغان تۇرمۇش بىزدىن  نەچچە ھەسسە چوڭقۇر ئىكەن.گەرچە بىز شۇنداق كىچىك ئىشلارغا دائىم يولۇقۇپ تۇرساقمۇ ئەمما ئۈزۈمچىدەك ئىچكىرىلەپ ئويلىنىپ،مەلۇم تۇرمۇش ھەقىقىتىنى تېپىپ چىقىپ،ئىپادىلەپ بېرەلمەيمىز.بەلكىم بۇ ئۈزۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىق بولسا كېرەك.
    ئىشلېرىڭغا بەرىكەت،ئىجادىيىتىڭگە ئۇتۇق تىلەيمەن دوستۇم.غەيرەت قىلغىن....
    [color=#FF0000]size=5]كىشى مېنى كىشى دېسەيانچۇقۇمدا كىشمىشىم،
    كىشى مېنى كىشى دېمىسە كىشى بېلەن نىمە ئىشىم.[/color]
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 00:23 |
    ئاناقۇشئۇۋىسى
    ئى رەببىم،سەبىر ئاتا قىلغىن...
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 10208
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 1733
    شۆھرەت: 99 كىشىلىك
    پۇل : 137151 سوم
    تۆھپە: 1482 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2193 نۇمۇر
    قوللاش: 2004 نومۇر
    ئالقىش: 4308 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-21

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ زىيارەت خاتىرىسىنى ئوقۇۋاتقاچ ئىختىيارسىز سەلكىنگە كىرگەن دەستلەپكى ۋاقىتلار ئىسىمدىن كەچتى..نىمىشقىدۇر مۇنبەرگە كىرگەن شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ مۇنبەردىكىلەرنى ئۆزى ئىشلەتكەن باش سۈرىتىگە قاراپ تەسەۋۋۇر قىلىپ قالاتتىم،ئۈزۈمچى ئىنىمنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئىشلەتكەن باش سۈرىتى  مىنى باشقىچە قىلىپ قويغان ..ئەمىلىيەتتە قىپقىزىل گۈل بەرگىنى چىشلەپ تۇرغان بىر سۈرەتكەن،ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقرى بولمىغانلىقى ئۈچۈنمىكىن ئەيتاۋۇر ئۇ سۇرەت قىپقىزىل تىلىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغان بىر غەلىتە چىراي ئىپادىسىدەك تۇيۇلۇپ بۇنىڭغا ئىچىمدە بىر خىل نارازى بولۇش كەيپىياتى پەيدا بولۇپ قالغان ھەم بۇ ئەزانى قانداقتۇر غەلىتە بىر خىل دۇنيادىن بىزار بولۇش كەيپىيىتى ئېغىر ،ئۆزىگە ئۆزى ئارتۇق بېسىم يۈكلىۋالىدىغان ،چۈشكۈن بالىدەك ھىس قىلىپ قالغانتىم...توۋا،ئىنسان راستىنلا بەك ئاجىز بولىدىكەن ...مىنىڭ ئويلىغىنىمنىڭ پۈتۈن ئەكسى بولۇپ چىققان بۇ ئىنىمگە مەن ئۇنىڭ "مەڭگۈلۈك مۇھەببەت"نامىدىكى ئەسىرىنى كۆرگەندىن كىيىن ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا باشلىغان ۋە ئۇنىڭ يېزىقچىلىقتىكى تالانتىنى،يېشىنىڭ كىچىكلىگىنى،پىكىرلىرىنىڭ ۋەزنى بار ھەم ئورۇنلۇق پىكىر قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئالاھىدە ئۈمۈدۋار خاراكتىرىنى ھىس قىلىپ ھەيران قالغانتىم...مەن خەت يېزىپ باش سۈرىتىنى ئالماشتۇرىۋىتىشنى تەلەپ قىلىشنى ئويلاپ يۈرگەن بىر كۈنلەردە(ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلىشىۋالىدىغان مىجەزىم بار مىنىڭ)باش سۈرىتىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتىۋالغانلىقى مىنى شۇنداق خوشال قىلىۋەتكەنتى...
    كىيىن بۇ ئىنىمىزنىڭ سەلكىندىكى قىززىق نوقتا بوپ قېلىشى ۋە تالانتىنىڭ كۆرۈرمەنلەر تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىشى سەلكىنلىكلەرنى بەكلا خوشاللاندۇردى مەنمۇ بەك خوش بولدۇم....ھەم تىرىشچانلىقلىرىغا تۈگىمەس بەركەت تىلىدىم...
    بۈگۈن بۇ زىيارەت خاتىرىسىنى ئوقۇپ قايىللىقىم نەچچە ھەسسىلەندى دىسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ،بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك مەزگىللىرىدىكى خاتىرىللىرىگە ئىچىم كۆيدى ، قايىللىق ۋە ئېپتىخار بىلەن كۆزۈم ياشلاندى،راستىنى دىسەم "كۆز تەگمىسىكەن...،زامان ماكان زورىدا يىگىتلىكىگە ئۈششۈك تەگمىسىكەن...،ھەقىقىي مۇكەممەللىكتە باش بولسىكەن!!،..."دەپ تىلەپ كەتتىم......
    ئەمەللەرنىڭ ياخشى يامان بولۇشى نىيەتكە باغلىق ،ئىنىم،ئەجىرنىڭ ئەڭ كاتتىسى رەببىمىزنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشىش،شۇڭا قەلىمىڭىزنىڭ غايىسى ئەشۇ مۇكەممەللىكتىكى ئۈلگە بولغان زات بولغان ياراتقۇچىمىزنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشىش بولسۇن.....قەلىمىڭىزگە پۈتمەس تۈگىمەس بەركەت تىلەيمەن......
    [ بۇ يازما ئاناقۇشئۇۋىسى تەرپىدىن2008-11-17 16:36دە ]
    blog.salkin.cn
    ئويلايدىغىنىم -------ھەر-بىر نەپەس ئۈچۈن سوراق بىرىمىز!
    ...............................
    پاراغەت ئىلكىدە ئىشرەتتە ،سەلتەنەت تاجى چىكەمدە ھەم،
    نىچۈن دەۋران سۈرەلمەيدۇ ،غېرىپ كۆڭلۈم يەنە ئۆكسۈپ!!
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 00:33 |
    ئوغۇز-ئوغلى
    ئوزلۇكىمىزنى يۇقاتمايلى!
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 13755
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 484
    شۆھرەت: 485 كىشىلىك
    پۇل : 2910 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 544 نۇمۇر
    قوللاش: 506 نومۇر
    ئالقىش: 611 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سۇئاللارغا خلى ئەتراپىلق جاۋاب بىرلىپتۇ.................
    بۇ قىرندىشىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ياخشا  ئوقۇسا قىپ قالغان سۇئاللارغا جاۋاب تىپىش تەس ئەمەس..........
    مەيلى نىمىلا دىمەيلى ئەسەرنىڭ قىرنداشلارغا  بۇلغان ئىجابى تەسىر كۇرسۇتۇپ ئاشۇنداق بەزى بىر يامان يولدىن يىراق قىلش رولى موھىم...
    ئاللا يوللۇرۇڭلىنى ئوچۇق قىلغاي........!~
    باشقىلارنى ئىگز دەپ بىلىشىڭ،ئەمەلىيەتتە ئوزۇڭنىڭ ئولتۇرۋالغىنىڭدا،شۇڭا ھەر ۋاقىت دەس مەزمۇت تۇر...!~!
    تۇنۇگۇنكى ئازاپنى ئۇنتۇش ئۇچۇن،ئەتىكى بەخىتكە ئىنتىلىش زورۇر!
    ئاللا ھەممىدىن ئۇلۇغ!!!

    In the election of a wife,as in project of war,to err but once is to be undone for ever。
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 00:41 |
    ئۇيغۇرىيە0998
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 16717
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 986
    شۆھرەت: 1053 كىشىلىك
    پۇل : 6730 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1136 نۇمۇر
    قوللاش: 1057 نومۇر
    ئالقىش: 1335 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-01

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ ئابدۇسالام قاھارنىڭ يىزىقىچىلىق ،تىل قابىلىيىتىگە بەك قايىل!

    باشقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرىگەندە مەندە ئانچە چوڭقۇر تەسىر قالدرۇپ كەتمەيدۇ، قالدۇرۇلدى دېگەن ھالەتدىمۇ بىر قانچە كۈندىن كىيىن ئۇنۇتۇپ قالىمەن.

    بىراق،ئۈزۇمچىنىڭ يازىغان تېمىلىرى ئوقۇسام ،خوددىي ماڭغا ئۆزى ئوقۇپ بىرۋاتقاندەك شۇنداق راۋان بولىندۇ....

    ھىلىقى بىر يۇمۇرچۇ تېخى شۇنداق ئىسىمدە...(
    ئۇرۇمچىگە بارىغاندا مۇنبەردىكى <ئەسسالام>غا تېلغۇن  قىلغاندا ئەسسالمۇ دىسەم ۋەلەيكۇن ئەسسالام،يەنە ئەسسالامۇ دېسەم ۋەلەيكۇن ئەسسالام....
    مەن مۇنبەردىكى ئۈزۇمچى دىېسەم ،قوغۇنچى بولسىڭىزمۇ كىرەلمەيسىز....)
    شۇنداق تەبئىي !!!!!
    ئىشقىلىپ ،توردىشىمىز ئابدۇسالام قاھاردا ھەقىقەتتەن قابىلىيەت بار!!!!!!!
    چوقۇم بىر كۈن روناق تىپىپ مىللىتىمىز ئەدەبىياتىنى روناق تاپقۇزۇشىغا ئىششەنچىم كامىل ھەم شۇنداق قىلىشنى ئۇمۇد قىلىمەن!!!
    blog.salkin.cn
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-17 00:58 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/6 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » ئەدەبىي ئەسەرلەر

    Time now is:12-02 09:54, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation