mtv تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ بەتتىكى تېما: تۇرسۇن تېكىگە مەكتۇب IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 9751 قېتىم كۆرۈلدى
tuzqe
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 22739
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
پۇل : 300 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 66 نۇمۇر
قوللاش: 73 نومۇر
ئالقىش: 86 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تۇرسۇن تېكىگە مەكتۇب

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى ئەلئارا بۇ تېمىنى يۇمۇر-چاخچاقلار دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2008-11-14)

تۇرسۇن تېكىگە مەكتۇب

ھۆرمەتلىك تۇرسۇن تېكە ئەپەندى(ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز، سىز كۆپچىلىككە لەقىمىڭىز ئارقىلىق تونۇش بولغاچقا ، مۇبارەك لەقىمىڭىزنى قەيت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم):
يېقىندىن بۇيان ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟ ئاتىڭىز مەمتىمىن ھوشۇر ۋە ئوسمان داڭگال، رەجەپ توپاق قاتارلىق بۇرادەرلىرىڭىزمۇ ياخشى تۇرىۋاتامدۇ؟ سىزنى«قىرلىق ئىستاكان » فىلىمىدە ئۇچراتقاندىن بۇيان مۇبارەك دېدارىڭىزنى كۆرۈش ئىستىگىدە پۇچۇلانغان بولساقمۇ، ئۇزۇندىن بۇيان سىزدىن دېرەك بولمىغاچ،سىزدەك بىر ئۇلۇغ ئۇسسۇل پېشىۋاسىغا تاۋاپ قىلىش شەرىپى نېسىپ بولماي كەلگەن ئېدى.شۇ ۋەجىدىن،تۈمەنلىگەن مۇخلىسلىرىڭىز قاتارىداسىزگەبولغان چەكسىز ھۆرمەت ئىخلاسىمنى ۋە سېغىنىشىمنى ئىپادىلەپ، چوڭقۇر ئىززەت -ئېھتىرام بىلەن ئۇشبۇ مەكتۇبنى يوللىدىم.
  دېمەكچى بولغىنىم، «قىرلىق ئىستاكان» ئوقۇرمەن ۋە كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەنگە خېلى يىللار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ داغدۇغىسى تېخى بېسىلغىنى يوق.شۇ تاپتا مەمتىمىنكاممۇ تېخچە ئايىغى بېسىلمىغان مەدھىيەنامە، ئوبزور،گۈلدەستىلەرنىڭ ئارىسىدا تىنىقى قېيىنلىشىپ ئولتۇرغاندۇ.قىرلىق ئىستاكان شەرىپىگە قۇرىلىۋاتقان ھاراق سورۇنلىرىنىڭ كۆپلىكىنى ئېيتمايلى قويايلى. لېكىن مېنىڭ ئىچىم پۇشىدىغىنى،نىمە ئۈچۈن كەسپ ئەھلىلىرى سەنئەت نۇقتىسىدىن بولسىمۇ سىزنى بىرەر قېتىم تىلغا ئېلىپ قويمايدىكىنا؟ كەمىنە پېقىر سەنئەت ساھەسىنىڭ ئۇجىر-بۇجىرلىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمىسەممۇ، سەنئەتكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىم ۋە سىزنىڭ يېتۈك ئۇسسۇل ماھارىتىڭىزگە بولغان ئىخلاسىم مېنى سىز بىلەن ئۇسسۇل سەنئىتى توغرىسىدىكى بەزى نۇقتىلاردا ئورتاقلىشىشقا دەۋەت قىلىپ تۇرۇپتۇ.
  بىز ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخلاردىن بۇيان شەكىللەنگەن نەفىس ئۇسسۇل سەنئىتىمىز ئارقىلىق ئۇسسۇل مىللىتى دىگەن نامغا ئېرىشكەن ئىدۇق. يېقىنقى يىللارغا كەلگەندە، دەۋر تەلىپگە ماسلىشىپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۇسسۇل مىللىتى بولۇش ئىستىكىمىز ھەسسىلەپ ئاشتىمۇ قانداق،ئۇسسۇلچىلىقىمىز خۇددى بىر ئىزدا توختاپ قالغاندەك، دەۋىرنىڭ ئىتتىك رېتىملىرىغا يېتىشەلمەيۋاتقاندەك، قەدېمى سامالىرىمىز، نەفىس سەنەملىرىمىز، يۇمۇرلۇق نازىركوملىرىمىز كۆزىمىزگە كالامپايلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنۈپ، دىتىمىزغا توغرا كەلمەي تۇراتتى. بىلمىدىم مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىنىڭ قەلىمىگە قانداق بىر ئۇلۇغ كۈچ نۇسرەت ئاتا قىلدىكىن، سىز بۇ دۇنياغا تەۋەللۇت بولدىڭىز-دە، قەدىمى كۈسەن چۈشىدىن تولۇق ئويغۇنۇپ بولالمىغان ئۇسسۇل ساھەسىگە خۇددى ئۆكتەم پادىشانىڭ ئىشغالىيەتچى قوشۇنىدەك باستۇرۇپ كىردىڭىز. سىز ھەرقانداق رېتىمغا ئۇسسۇل ئوينىيالايتتىڭىز، بەدىنىڭىزنىڭ ھەممە يېرى ئۇسسۇل ئوينىيالايتتى. سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىزنى ئۇيغۇر ئۇسسۇلى دېسەكمۇ بولاتتى( چۈنكى سىز ئۇيغۇر بالىسى ئېدىڭىز ) ، ئەمما ئۇنىڭدىن يەنە ھەرقانداق مىللەت، ھەرقانداق قەۋمنىڭ ئۇسسۇل ئامىللىرىنى ئۇچرىتىشقا بولاتتى.سىز تىنىق سۇدەك ئۇيقىدا ياتقان ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىقىغا شۇنداق بىر ئويغىنىش ئېلىپ كەلدىڭىزكى، ئۆزىڭىز ئۆزلەشتۈگەن سامبا ئۇسسۇلى، ئېرلاندىيە ئۇسسۇلى، بالېت ئۇسسۇلى ۋە يەنە بىز نامىنى بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان ئاللىقانداقتۇر غەلىتە ئۇسۇللارنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بىلەن ئۇيغۇر ئۇسۇلچىلىقىنىڭ بارلىق نىمجان بۇلۇڭلىرىنى بىرەر قۇردىن تۈرتۈشلەپ، بىزنى ھەيرەتتە قالدۇردىڭىز. بىزنى تېخىمۇ قايىل قىلىدىغىنى سىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن نۇمۇسقا قېلىشتىنمۇ يانمايدىغان جاسارىتىڭىز ئىدى.شۇڭا سىزنى زامانىمىزنىڭ ئۇسسۇل پېشىۋاسى دېگۈم كېلىدۇ. سىزنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغان چاغدىكى تېكىدەك( كەچۈرىسىز، ئوبرازلىق ئىپادىلەش ئېھتىياجى بىلەن مۇبارەك لەقىمىڭىزنى يەنە بىر قېتىم قەيت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم) شوخ ھەركەتلىرىڭىزنى ھەر قېتىم كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم، ھۇجۇدۇم ھاياجاندىن لەرزىگە كېلىپ، بەدىنىمدىن توخۇ ئەت ئۆرلەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن، كۆزلىرىنى غەپلەت تۇمانلىرى توسۇۋېلىپ، سىزدەك بىر ئۇلۇغ ئۇسسۇل پېشىۋاسىغا توغرا باھا بېرىش شەرىپىدىن مەھرۇم قالغان كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ ئالدىدا شۇنداق كېسىپ ئېيتالايمەنكى: سىزنىڭ تۆھپىڭىز ۋايىغا يەتكەن ئۇسسۇل ماھارىتىڭىز  ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ كۆزىنى ئالا- چەكمەن قىلىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيدۇ، بەلكى سىز ئوزايى-تۇرقى ئەنئەنىۋى ئۇسۇللىرىمىزغا قىلچە ئوخشىمايدىغان يېڭىچە ئۇسسۇل ئىدىيەسى بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىقىمىزنى ئوڭتەي- توڭتەي قىلىپ، يېپيېڭى بىر ئىسلاھات دەۋرىگە باشلاپ كىردىڭىز!
  مىڭ ئەپسۇس، كەمىنە مۇرىتىڭىز سېپى ئۆزىدىن كەسىپ ئەھلى بولمىغاچ، تېخىمۇ تىرەن پىكىرلەر بىلەن سىزنىڭ ھازىرقى زامان ئۇسسۇلچىلىقىمىزدا تۇتقان يۈكسەك ئورنىڭىزنى تېخىمۇ يارقىن يورۇتۇپ بېرىشكە ئاجىزمەن. شۇ ۋەجىدىن پەقەت ئۇشبۇ خۇسۇسى مەكتۇپ ئارقىلىق سىزدەك پېشىۋارىمىزنى سىز ئارىمىزدىن قارىڭىزنى ئەپقاچقان بۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە سىز پەيدا قىلغان ئىسلاھات قۇيۇنى سەۋەپلىك ئۇسسۇلچىلىقىمىزدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل خوشاللىنارلىق ئۆزگۈرۈشلەردىن تېزراق ۋاقىپلاندۇرۇشقا ئالدىراش بىلەنلا كۇپايىلىنىشكە مەجبۇرمەن.
  پېشىۋا، سىز يېقىندىن بۇيان بىزنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ئالەمشۇمۇل يۈكسىلىشلەرنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرمىگەچكە يېڭىلىق روھىغا باي ئۇسسۇل ئېڭىڭىزنىڭ سەنئەت ساھەسىدە قانداق داۋالغۇشلارنى پەيدا قىلغانلىقىنى ھېس قىلمىغان بولۇشىڭىز مۈمكىن. سىزنىڭ يېڭىلىققا  تويۇنغان ئۇسسۇل ئىدىيەڭىز كىشىلەرنىڭ چوڭ مىڭىسىدىكى قانداقتۇر ئىختىرا كىلىتىنى ئويغىتىۋەتتىمۇ -قانداق، مەيلى كەسىپ ئەھلىلىرى بولسۇن ياكى ئاۋام پۇخرا بولسۇن،مەيلى كەيپ مۇرىتلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئەھلى مۇسۇلمان تەقۋا بەندىلەر بولسۇن، مەيلى ئەر مەيلى ئايال زاتى بولسۇن، مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن (ئەمىلىيەتتىغۇ بىز خەق ھەممىمىزلا ئۇسسۇلچى) ھەممەيلەن ئىجادىيەت پاتپاراقچىلىقىدا قالدى.
   گەپنى ئاۋامدىن باشلىساق، ھەركىمنىڭ ئۆز ئىجادى ئۇسسۇلى بولمىسا خۇددى ئۇسسۇل سورۇنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغاندەك، گاھ لەرزان گاھى مەردانە گاھىدا نەفىس ئوينىلىدىغان تۈرى چەكلىك ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار سورۇننى بېكارلاپ، ئەزەلسىز ئۇسسۇلسىز قىززىمايدىغان توي- تۆكۈن، بەزمە- باراۋەت،مەشرەپ سورۇنلىرىمىزدا يېڭى- يېڭى ئىجادى تەركىپلەر ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. بالاڭزا ئۇسسۇلى،قوغلاشماق ئۇسسۇلى،خوش يېقىپ- ياقماس ئۇسسۇلى، تاماكا چىشلەش ئۇسسۇلى... قاتارلىقلار ئاممېۋى ئۇسسۇل سەنئىتىمىزگە يېڭى تەركىپ بولۇپ قوشۇلغان بولسا، ئادەم سانىنىڭ كۆپلىگى جەھەتتە ساھىپخاننى سورۇننىڭ كىچىكلىگىدىن خىجىلچىلىقتا قويىدىغان ئوپچە ئۇسسۇللىرىمىزدا يەر دەسسىيەلەيدىغانلىكى ئادەم ئوتتۇرىغا چۈشىۋالىدىغان ھەم ھەركىم ئۆز پەدىسىگە دەسسەيدىغان ئۇسلۇپ بەلكىم سىزنىڭ غەرىپنىڭكىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئەركىن ئىدىيەڭىزدىن ئۆرنەك ئالغان بولسا كېرەك...
   ئەمدى كەسىپ ئەھلىلىرىگە كەلسەك، مەيلى ئۇسسۇل ئىىادىيەتچىلىرى بولسۇن ياكى ئۇسسۇل ئارتېستلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئىپادىسى باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاكتىپ بولىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىڭ ئۇستاز. موھىمى شۇكى، سىز ئوينىغان جابدۇق ئۇسسۇللىرىدىن قايچا ئۇسسۇلى، مەشچىلىك ئۇسسۇلى دېگەندەكلەر ھازىرقى كۈندىكى ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىلىرىمىزنىڭ سەھنە ئاۋاتلاشتۇرۇشتىكى ئىلھام بۇلىقى بولۇپ قالدى. مىسالى: ئۇسسۇل ئارقىلىق مول- ھوسۇلنى ئىپادىلەشتە، كالا- قويلارنىڭ سىياقىدا ياسىنىۋېلىشتىنمۇ بېۋاستە ھەم ئوبرازلىق ئۇسسۇل نەدە بار دەيسىز؟! پېشۋا، ئارىمىزدا بولغان بولسىڭىز ئىز باسارلىرىڭىزنىڭ بۇ ئىزدىنىشلىرىدىن چوقۇم سۆيۈنگەن بولاتتىڭىز.سىز ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنىڭ مول ئەمەسلىكىدىن ۋايىم يىمەڭ، ئەلۋەتتە پەقەت بىر توپ كالا- قويلارنى سەھنىگە چىقىرىپ قويۇش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ، ئۇلارمۇ چالغا- ئورغاقلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر ھازا تەرلەپ- پىشىپ ئورما ئورىمىسا تاماشىبىنلارغا مول- ھوسۇلدىن تازا ئوبدان بېشارەت بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىپ يەتتى. ئەپسۇس، مىڭلاپ ئەپسۇس، مۇشۇنداق يېڭىچە نادىر ئۇسسۇل نومېرلىرىمىزنى سىزدەك زامانىمىزدىكى پېشىۋارىمىزغا كۆرسۈتۈش شەرىپىگە ئېرىشەلمەيۋاتىمىز.
   ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىقىمىزدا يۈز بەرگەن مىسلىسىز گۈللىنىشكە چىنپۈتۈڭكى، بۇنىڭغا سەھنە ۋە ئېكرانلىرىمىز ئەڭ ياخشى شاھىد بولالايدۇ. ئەزەلدىنلا سەنئەتنىڭ باشقا تۈرلىرى بىلەن سەلتەنەت تالىشىپ كېلىۋاتقان ئۇسسۇللىرىمىز ئىسلاھات شامىلىدا بەكرەك ئۇچۇپ سەھنە ۋە ئېكرانلارنى بىردىنلا ئاۋاتلاشتۇرۇپ مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. يەككە مۇزىكا، ناخشا، خور دېگەندەك مۇستەقىل نومېرلىرىمىزمۇ ئۇسسۇلنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلسا ئۆز جۇلاسىنى يوقىتىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن چېغى، ئۇسسۇلچىلىرىمىزغا ئىلتىجا قىلىدىغان بولۇپ قالدى. مۇزىكىنىڭ ئاۋازى «تىرىق» قىدە قىللىپ چىقىشى ھامان غازدەك تىزىلىشىپ سەھنىدە تەق بولىدىغان ئىز باسارلىرىڭىزمۇ پەدە چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان ماھارەتلىرى بىلەن بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىنى بەجانىدىل ئورۇنلاپ سەھنىلەرنى ئىشغال قىلىپ كەلمەكتە. بىر سەنئەت كېچىلىكىدە يىگىرمىچە نومېر بولسا بۇنىڭ بەش- ئالتىسى خاس ئۇسسۇل نومۇرى بولىدۇ، يەنە ئونچە نومېر يۇقارقىدەك ئۇسسۇلغا ھاجەتمەن نومېرلار دېسەك، مۇشۇ ھېساپ بويىچە ھېساپلانسا بىر  سەنئەت كېچىلىكىنىڭ يەتمىش- سەكسەن پىرسەنتى بىزنىڭ ئۇسسۇل ساھېبلىرىمىزنىڭ كۈچىسىز پۈتمەيدىكەن. قاراڭە ئۇستاز، بۇ نىمە دىگەن زور غەلىبە- ھە!
   تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر يارقىن نۇقتا شۇكى_ يېڭىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان كۆپلىگەن ئارتېسلىرىمىزنىڭ سەنئەتكە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان كەسىپچانلىق روھى سىزنىڭ ئەينى چاغدىكى قۇربان بېرىش روھىڭىزغا تەققاس بولالايدۇ. بولۇپمۇ ئۇسسۇلنىڭ نازاكىتىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەۋاتقان بەزى تۆھپىكار ئايال ئارتىسلىرىمىز بۇ جەھەتتە تېخىمۇ يۇقۇرى پەللە ياراتتى. ئۇسسۇل ئەلۋەتتە زوقلانغۇچىغا بەدەن ھەركىتى ئارقىلىق گۈزەللىكتىن ئۇچۇر بېرىدۇ، ئۇلار ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل كىيىملىرىمىزنىڭ تاماشىبىنلارنىڭ ئۆز بەدەن گۈزەللىكىدىن  زوق ئېلىشىغا توسالغۇ بولىۋاتقانلىقىنى ۋاقتىدا تونۇپ يەتكەچكە شۇنداقلا كالامپاي كونىچە ئۇسسۇل كىيىملىرىمىزنىڭ ئۆزلىرى ئۆزلەشتۈرگەن ئازغۇن ئۇسسۇل ھەركەتلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاشقا كاشىلا بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاچقا، قەمبەرنىسا خانىممۇ ئويلاشقا پېتىنالمىغان يېڭىلىققا جۈرئەت قىلىپ ، دەرېجىدىن تاشقىرى كالتە ھەم بەدەنگە چىڭ كېلىدىغان كىيىملەر بىلەن سەھنىگە يۈزلەندى. مەيلى ئۇسسۇلچىنىڭ ماھارىتى قانچىلىك بولىشىدىن قەتئېنەزەر، بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىنى چۈمكىۋاكماي كىندىك، يوتا دېگەندەك يەرلىرىنى ئېچىۋەتكەننىڭ ئۆزى تاماشىبىنلارغا تېخىمۇ روشەن زوقلىنىش نۇقتىسى يارىتىپ بەرگەنلىك ئەمەسمۇ. بازار ئېگىلىكى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ مۇشۇنداق ئۇسسۇل بىلەن سەھنە كىيىمىگە كېرەكلىك رەختنى ئىقتىساد قىلىپ بۇ ئارقىلىق يىغىلغان مەبلەغنى سەنئەتنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك پەللىلىرىگە ئۆرلەش ئۈچۈن ئىشلەتسەك بۇ تېخىمۇ ئەھنىيەتلىك بولىدۇ-دە!قەدىرلىك ئۇستاز، مەن ئىشىنىمەن سىزمۇ مېنىڭ بۇ پىكىرلىرىمگە چوقۇم قوشۇلىسىز.
   قەدىرلىك ئۇستاز، ئىشىنىڭكى كىشىنى خۇرسەن قىلىدىغان بۇنداق يېڭىلىقلارنى بىر- بىرلەپ ساناپ تۈگىتەلمەيمەن، ئەمما سادىق مۇرىتىڭىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزنى بۇ ساھەدە تارقىلىپ يۈرگەن بەزىبىر پىتنە- پاسات ئۆسەكلەردىنمۇ ۋاقىپلاندۇرۇپ قويۇش مەسئۇلىيىتىمنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق . مۇشۇنداق بىر مىسلىسىز گۈللىنىش دەۋرىدە ئارىمىزدا يەنە بەزى مۇتەئەسسىپ كونىلىق تەرەپدارلىرىمۇ باركى، ئۇلارنىڭ قانداقتۇر ئەنئەنېۋى ئەخلاقنى دەستەك قىلىۋېلىپ ، جاپاكەش ئارتېسلىرىمىز ئۈستىدىن سۆز- چۆچەك قىلىپ، پالانى بىلەن پوكونى لەپەر ئوينىغاندا ھەددىدىن زىيادە ئىرماش- چىرماش بوپكەتتىيەي، پالانى ئەر ئارتېس پوكونى ئايال ئارتېسنى سەھنىدىلا قۇچاقلاپ كۆتۈرىۋالدىيەي دەپ غوتۇلداشلىرى مېنى ھەيران قالدۇرسا، ئۇسسۇل ھەققىدە بىلىدىغانلىرى تايىنلىق تۇرۇپ، ئۆزلىرىچە ھازىرقى ئۇسسۇللىرىمىزغا باھا بېرىپ، پالانچىنىڭ ئوينىغان ئۇسسۇلى ھېندىستانچىغا ئوخشاپ قاپتۇ، پالانى كېچىلىكتە  ئوينالغان پوكونى ئۇسسۇل پۈتۈنلەي ئەرەپلەرنىڭكىنى دورىغانىكەن دەپ كېتىشلىرى تولىمۇ غەزىپىمنى كەلتۈرىدۇ. خەيرىيەت، ئىت قاۋاپ قالىۋېرىدۇ كارۋان يولىنى داۋام ئېتىدۇ. بىزنىڭ ئۇسسۇلچىلىقىمىز پەقەت سىزنىڭ داغدام يولىڭىزدا ماڭسىلا، بىرەر- يېرىم سۇخەنچىنىڭ ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ پات ئارىدىكى يېپيېڭى مەنزىلىگە توساق بولالمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.
   خۇلاسە كالام، سەنئەت ساھەسىدىكى مۆتىۋەرلەر ۋە قەلەم ئەھلىلىرى تا مۇشۇ كەمگىچە سىزگە سەنئەت سارىيىنىڭ تۆرىدىن بىرەر كىشىلىك ئورۇن بەرمىگەن بولسىمۇ، مېنىڭ ئەرزىمەس بۇ مەكتۇبىم سەنئەت ئۈچۈن يانغان  يۈرىكىڭىزگە ئاز- تولا مەلھەم بولۇپ قالار دىگەن ئۈمۈتتىمەن.


تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرشاھ
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-11-14, 03:07
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+50(manggutax) ئەدەبىي ئەسە ..
  • قوللاش:+30(شىرىـن)
  • blog.salkin.cn
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-14 10:59 |
    .3021339
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 12922
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 100
    شۆھرەت: 101 كىشىلىك
    پۇل : 615 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 102 نۇمۇر
    قوللاش: 100 نومۇر
    ئالقىش: 107 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تۆگە  باشلىغاندۇ،،،لىكىن ئۇسسۇل ئوينايمەن دەپ يەنە پەسكە چۇشۋالغان بۇلىشى مومكىن.
    blog.salkin.cn
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 11:44 |
    رېھات
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 23516
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 49
    شۆھرەت: 49 كىشىلىك
    پۇل : 130 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 48 نۇمۇر
    قوللاش: 48 نومۇر
    ئالقىش: 49 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاۋال ساقلۋالاي جۇمۇ.
    blog.salkin.cn
    ئاللاھ، مەن نىمىلەرگە مۇھتاج؟؟؟
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 11:51 |
    شىرىـن
    بەختىمىزگە كۆز تەگمىسۇن!!
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 16094
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 972
    شۆھرەت: 1066 كىشىلىك
    پۇل : 9818755 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 825 نۇمۇر
    قوللاش: 918 نومۇر
    ئالقىش: 911 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: زۇلپۇقار
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تېمىڭىز شىرىن چىقىپتۇ ...ھى ھى ھى
    سەۋەبىىنى دەپ بىرەيمۇ ،تېما ھەم ئاچچىق ھەم تاتلىقكەن .........
    تېمىدا بۇ تېكىجاننىڭ راست ئىسمىنى بىرەر قېتىممۇ تىلغا ئېلىپ قويماپسىزغۇ ،ھازىر مەۋلان نىياز ئۇسسۇل ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتىغۇ ،ئۇسسۇل ئىشلىگۈچى مەۋلان نىياز دىگەن خەتلەرنى تولا كۈرۈپ قالىمەن ...ئۇ پىشىۋا ئىشلىگەن ئۇسسۇللار بەك لەرزان كۈرۈنىدۇ ماڭا ،.مەن ئۇنىڭغا قايىل ،لىكىن ئۇنى ياقتۇرمايدىغانلارمۇ جېق .........
    ***سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغۇچە ، سىنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول.
    ***بۇلبۇل خالىغان گۈلگە قونالايدۇ،گۈل خالىغان بۇلبۇلنى قوندۇرالمايدۇ.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 12:01 |
    رۇسلانتېكىن
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 20845
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 64
    شۆھرەت: 77 كىشىلىك
    پۇل : 1125 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 176 نۇمۇر
    قوللاش: 151 نومۇر
    ئالقىش: 320 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

       ئاتىڭىز ،مەمتىمىن ھوشۇر دەيسىزغۇ؟؟؟؟     مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئوغلى كىم؟؟
    رۇسلان ئۇيغۇر تورى ،،،،،،،مەرھەمەت

    http://www.ruclan.cn
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 12:47 |
    ئالتۇن
    گاداي
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا ئالاھىدە باشقۇرغۇچى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 6553
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 2118
    شۆھرەت: 6227 كىشىلىك
    پۇل : 1055419738 سوم
    تۆھپە: 1320 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1317 نۇمۇر
    قوللاش: 1391 نومۇر
    ئالقىش: 3055 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئوت يۇرتى.
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-17

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قىرلىق ئىستاكان فىلىمى مەيلى ھىكايە ۋەقەلىكى ياكى رول ئېلىش جەھەتتىكى ئۇسلۇپ جەھەتتىن بولسۇن،ھەقىقەتەنمۇ ياخشى باھاغا ھەم زور تەسىرگە ئىگە بولغان فىلىم.دېمەكچى مەۋلان نىيازمۇ ئۆزىنىڭ رول ئېلىش جەھەتتىكى خاسلىقى بىلەنمۇ تونۇلغان.ئەمما نېمىشقىكىن سىز دېگەندەك كىنو فىلىملېرىدە بەلكىم قىزلىق ئىستاكاندەك ياخشى ۋەقەلىكلەر چىقمايۋاتقان بولسا كېرەك،شۇ بىر فىلىم بىلەن بۇساھەدە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ كەتتى.ئەمما ئۈستىدىكى تورداش دېگەندەك تولا ئۇسۇللاردا ئۇسۇل ئىشلىگۈچى دەپ ئىسمىنى مەنمۇ جىق كۆرۈپ قالىمەن.
    izdax.com
    [color=#FF0000]size=5]كىشى مېنى كىشى دېسەيانچۇقۇمدا كىشمىشىم،
    كىشى مېنى كىشى دېمىسە كىشى بېلەن نىمە ئىشىم.[/color]
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 13:32 |
    freesun
    .....ئەركىن قۇياش.......
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 24172
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1715
    شۆھرەت: 1644 كىشىلىك
    پۇل : 4338 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1689 نۇمۇر
    قوللاش: 1673 نومۇر
    ئالقىش: 1642 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: شادلىق
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-23

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىرگە ماھىر كۆپكە  قادىر ئارتىسلارنىڭ بىرى شۇ ....
    blog.salkin.cn
      
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 13:37 |
    ئەمەتجـان
    مۇنبەر قىززىقچىسى
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 21205
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1052
    شۆھرەت: 1173 كىشىلىك
    پۇل : 394418 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 739 نۇمۇر
    قوللاش: 704 نومۇر
    ئالقىش: 806 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: شادلىق
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەۋلان نىيازنىڭ  تىتىك روھلۇق يۈرىشى ماڭا بەك ياقىدۇ.
    blog.salkin.cn
    كەڭ قوساق ئادەمگە  تەڭرى  ھەممىنى  بىرىدۇ.
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 14:40 |
    ئاناقۇشئۇۋىسى
    ئى رەببىم،سەبىر ئاتا قىلغىن...
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 10208
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 1746
    شۆھرەت: 1113 كىشىلىك
    پۇل : 468013 سوم
    تۆھپە: 1982 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2705 نۇمۇر
    قوللاش: 2216 نومۇر
    ئالقىش: 4520 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-12

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىنكاسلارغا ھەيرانمەن....ھەيرانمەن......بۇ يەردە دىمەكچى بولغان مەخسەتلەرنىڭ مەۋلان نىياز بىلەن چېتىشلىقى بارمۇ؟؟؟....
    تىمىڭىزدىكى ئاچچىق شىرىنلىكتىن خېلىلا ھالقىغان ئاچچىق بولسا كىرەك،ئەپسۇسلىنىدىغىنىمىز بىز بۇ ھەقتە بەكلا ساۋاتسىز بولساق كىرەك؟!!!!!!     
    blog.salkin.cn
    ئويلايدىغىنىم -------ھەر-بىر نەپەس ئۈچۈن سوراق بىرىمىز!
    ...............................
    پاراغەت ئىلكىدە ئىشرەتتە ،سەلتەنەت تاجى چىكەمدە ھەم،
    نىچۈن دەۋران سۈرەلمەيدۇ ،غېرىپ كۆڭلۈم يەنە ئۆكسۈپ!!
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 14:57 |
    ناز
    ئۆگىنەلمەي سەنسىز ياشاشنى.....
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 23057
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1045
    شۆھرەت: 1571 كىشىلىك
    پۇل : 1196701 سوم
    تۆھپە: 100 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2205 نۇمۇر
    قوللاش: 2082 نومۇر
    ئالقىش: 2122 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    كىنولاردا ئۇ رول ئالغان سەلبىي ئوبرازلارمۇ بەكلا تەبىي  چىقىدۇ
    قۇم دانىچىسىلىك بىر سېغىنىشتا،سېنى قۇملارچە سېغىندىم ھاياتىم!.......
    نەدە يۇلتۇزلارنى ئىستەپتىمەن كېچىلىرىمگە؟ نەدە قۇياشنى ئىستەپتىمەن كۇندۇزلىرىمگە؟ ھەممىسى يالغان! بىلسەڭكى ھاياتىم،بىر سېنى ئىستىدىم يالغۇزلۇقۇمغا ..............
    سېنى بەك سىغىندىم ھاياتىم،ھەر بىر سىغىنىشىمدا ئاسمانغا بىر يۇلتۇز ئېسىپ قويدۇم،سېنى قانچىلىك سېغنغىنىمنى بىلگۈڭ كىلىۋاتامدۇ؟كېچە ئاسمىنىغا قارا،ئۇنى مەن ياراتتىم..............
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 15:00 |
    كۆك
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21426
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 245
    شۆھرەت: 246 كىشىلىك
    پۇل : 1055 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 345 نۇمۇر
    قوللاش: 295 نومۇر
    ئالقىش: 470 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىرۇسلانتېكىننىڭ2008-11-14 12:47 دە يوللىغان يازمىسى   :
       ئاتىڭىز ،مەمتىمىن ھوشۇر دەيسىزغۇ؟؟؟؟     مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئوغلى كىم؟؟

    ئەسلى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھېكايىسى.كېيىن سىنارىيەلەشتۈرگەن.ئىجادچىسى مەمتىمىن ھوشۇر.
    blog.salkin.cn
    ھاياجانلانغاندا ھەرگىز قارار چىقارما!!!!!!!!
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 15:06 |
    ساراڭ0998
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24815
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 312
    شۆھرەت: 238 كىشىلىك
    پۇل : 465 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 307 نۇمۇر
    قوللاش: 209 نومۇر
    ئالقىش: 716 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: شادلىق
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    كۈلكىلىك  ۋە  ئاچچىق  تىل  بىلەن  ھازىرقى  زامانىمىزدىكى  ئۇسسۇلچىلىقىمىزدا  يۈز  بېرىۋاتقان  مەسللەرنى  بەك  ياخشى  ئەكىس  ئەتتۈرۈپسىز .  قۇلىڭىزغا  دەرت كەلمىگەي!
    blog.salkin.cn
    اللە  ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر!!
       ئاتا-ئانا بەك قەدىرلىكتۇر!!
         سەن  بۇنى بىلىپ يەتكىن!!
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 16:28 |
    ئاي-خېنىم
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 4399
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 864
    شۆھرەت: 1123 كىشىلىك
    پۇل : 5914 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 985 نۇمۇر
    قوللاش: 896 نومۇر
    ئالقىش: 967 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تارىختا ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىر بىر مىللەت ئۆتكەن، ئۇ بولسىمۇ سىگانلار ...ئەمما ئۇلار ھازىر تارىخ سەھنىسىدىن ئۆچتى، يوقالدى.. ئەمدى بۇ شەرەپلىك نامنى بىز ئالدۇق،، قالغىنى ئاللاغا ئامانەت.
    قېلىچنىڭ دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ ،ئ ۇنىڭ ئۆتكۈر تىغىغا دۇچ كېلىسەن.
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 17:09 |
    tuzqe
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 22739
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 20
    شۆھرەت: 30 كىشىلىك
    پۇل : 300 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 66 نۇمۇر
    قوللاش: 73 نومۇر
    ئالقىش: 86 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-22
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

        
    ئاناقۇش ئۇۋىسىغا رەخمەت.
    قارىغاندا ئازراق ئىزاھلاش بېرىپ قويسام بولغۇدەك.
    بۇ ئەسەرنىڭ ئاتاقلىق ئارتېسىمىز مەۋلان نىياز بىلەن ھەقېقەتەن ھېچقانداق چېتىشلىقى يوق.ئەقىللىق تورداشلارنىڭ گەرچە بۇ مۇتبۇئاتلارغا يارىغۇچىلىكى يوق ناباپراق يېزىلىپ قالغان ئەسەر بولسىمۇ، ئەدىبى ئەسەر بىلەن شەخسنى ئارلاشتۇرىۋالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
    blog.salkin.cn
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 17:52 |
    ئەلقۇت
    بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ..
    مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : مۇنبەر باشلىقى


    UID نۇمۇرى : 5
    نادىر تېما : 19
    يازما سانى : 2372
    شۆھرەت: 10128 كىشىلىك
    پۇل : 1966389 سوم
    تۆھپە: 160 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 6646 نۇمۇر
    قوللاش: 3306 نومۇر
    ئالقىش: 6479 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-20

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇسۇلنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن مەنىۋى ئۇزۇقىدىن بەكرەك بىزدىن ئېلىپ كىتىپ بارغان تارىخى مەدىنىيەتلىرىمىزدىن ئەنسىرەشنىڭ ئورنىغا باشقا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلگىنىمىز قىززىق ئىش بولدى.

    مەۋلان نىياز سالام دەيدۇ......................
    blog.salkin.cn
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-14 19:01 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » ئوبزور- ماقالىلەر

    Time now is:12-23 08:15, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation