mtv تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
« 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
بۇ بەتتىكى تېما: 20 -قېتىملىق تورداشلار زىيارىتى:سەلكىننى زىيارەت IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 6280 قېتىم كۆرۈلدى
ئەلئارا
ھەقىقىي سۆيگۈ .
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە باشقۇرغۇچى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئىلغار باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : مۇنبەر باشلىقى


UID نۇمۇرى : 6311
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 3541
شۆھرەت: 5654 كىشىلىك
پۇل : 697756 سوم
تۆھپە: 324 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3827 نۇمۇر
قوللاش: 2439 نومۇر
ئالقىش: 5355 كىشلىك
دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-18

يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 20 -قېتىملىق تورداشلار زىيارىتى:سەلكىننى زىيارەت

3
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما خۇشخۇي تەرپىدىن (2008-11-15)دە نادىرلاندى
تورداشلار زىيارەت خاترىسى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ نۇرغۇنلىغان ئەزالارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋەتلشىگە ئىرىشتى . بۇ ساندا سەلكىن تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەجىرلىك توردىشىمىز سەلكىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلىشنى قارار تاپتۇق . قېنى نەزىرىڭلارنى بۇ ساندىكى سەلكىن ئەپەندىگە ئاغدۇرغايسىزلەر .. l"\uf(0K  
"DpKrVuG  
u"FjwF?  

BS2?!;,8  
n9] ~  
!^v\^Fc  
ھەقىقىي ئىسمى : نۇرئەلى ئوبۇل N`1r;%5  
8&.-]{Z  
تۇغۇلغان ۋاقتىى : 1980-08-20 it,w^VU_]  
hk;bk?:m  
يۇرتى : مارالبېشى ناھىيسى w1i?# !|  
9p*-?kPb  
مەدەنىيەت سەۋىيىسى : ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس &t6Tcy  
C3.=GRg~l  
كەسپى : سۇ ئىلىكتىر
DL4iXULNY  
ئارزۇسى : سەلكىن تور بېكىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇچۇر، بىلىم ، مەنىۋى ئۇزۇق تەمىنلىيەلەيدىغان ، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدىغان مۇستەقىل ھوقۇقلۇق ئاخبارات ۋاستىسىگە ئايلاندۇرۇش . or.\)(m#(  
Ja [#[BJ?  
قىززىقىشى : تور، كومپىيۇتېر، ساياھەت OjATSmZ@@  
f{_)rsqf  
ھايات مۇساپىسىدە ھىس قىلغانلىرىڭىز : تىرىشچانلىققا ئۆزلىكسىزلىك قۇشۇلغاندا غەلىبە نىشانىغا يىتىش سۈرئېتى تېخىمۇ تېزلىشىدىكەن ، كۆڭۈلگە پايدا - مەنپەئەتنى كۆزلىمىگەن ئۇلۇغۋار نىيەتلەرنى پۈكۈپ تىرىشساق ، ئۇنىڭ نەتىجىسى بىزنى ئويلاپ باقمىغان خوشاللىقلارغا ئېرىشتۈرىدىكەن . PbN3;c3  
{(0Id!  
ھاياتتىكى مىزانىڭىز : سەمىمى ، ساداقەتمەن بولۇش ، ئۆزىنى ئۆزى قۇتۇلدۇرۇش . mu>] 9ZW  
A^L?_\e6  
ئۆزىڭىز ھەققىدە توختىلىپ بىرەمسىز ؟
KBj@V6Q  
kQ[Jo%YT?E  
         ئىسمىم نۇرئەلى ئوبۇل، 1980- يىلى مارالبېشى ناھىيىسىدە تۇغۇلغان ، دادام ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ پىنسيونىرى ، ئانام ئائىلە ئايالى ، ئائىلىدە 5 ئوغۇل بار، مەن بالىنىڭ 4 - سى . باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتۇمدا ئوقۇپ ، 1998 - يىلى خېخەي ئۇنىۋېرسىتىتى ( دېڭىز - ئوكيان ئۇنىۋېرسىتىتى ) نىڭ سۇ ئېلىكتىر - ئىنىرگىيە كەسپىگە قۇبۇل قىلىندىم ، 1998 - يىلىدىن 2000- يىلىغىچە شىنجاڭ سۇ ئېلىكتىر مەكتىۋىدە تەييارلىق ئوقۇپ ، 2000- يىلىدىن 2004 - يىلىغىچە خېخەي ئۇنىۋېرسىتىتىدا كەسىپ ئۆگەندىم ، ئوقۇش جەريانىدا تور ۋە كومپىيۇتېرغا بولغان قىزغىنلىقىم بىلەن دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۆرۈپ ، كومپىيۇتېر ۋە تور بەت ئىشلەش تېخنىكىسىغا دائېر بىلىملەرنى ئۆگەندىم ۋە سەلكىن تور بېكىتىنىڭ ئاساسى بولغان ئاددىي بىر تور بەتنى ئىشلەپ ئىنتىرنېتتا ئېلان قىلدىم ( 2002- يىلى 2- ئايلاردا ئېلان قىلىنغان مەيىن شامال تو ربېتى ) ، 2004 - يىلى 7 - ئايدا تولۇق كۇرسنى ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملاپ ،ئۆز نىشانىم ۋە قىزىقىشىم بولغان تور ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور نەتىجە قازىنىش نىيىتىدە ، مەكتەپنىڭ ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش تەكلىپىنى سەمىمىيلىك بىلەن رەت قىلىپ ، 2004 - يىلى 7 - ئايدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم ، ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇلتاش مەكتىۋىنىڭ مەسئۇلى ياسىن ئۇلتاش ئەپەندىنىڭ تەكلىۋى ۋە يېقىندىن يار - يۆلەك بولۇشى بىلەن بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغاچ يەنە بىر تەرەپتىن سەلكىن تورىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشتىم ، G<fS (q  
        بىرقىسىم تەييارلىقلارنى ھازىرلىغاندىن كىيىن ، 2007 - يىلى 9- ئايدا «شىنجاڭ سەلكىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى » نى قۇرۇپ چىقتىم . نۆۋەتتە شىركەتتىكى خادىملار بىلەن بىر نىيەت ، بىر مەقسەتتە سەلكىن شىركىتى ۋە تور بېكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىمەكتىمىز. q;No"_aAd  
       ھازىرقى ئائىلەم ھەققىدە قىسقىچە توختالسام ، ئايالىم ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ، گەرچە ئۆزى كومپىيۇتېر ۋە تور ئىشلىرىنى ئانچە چۈشەنمىسىمۇ، خىزمىتىمنى يېقىندىن قوللاپ، ماڭا مەدەت بېرىپ تۇرىدۇ ، تۇغۇلغانغا نەچچە ئايلا بولغان ئوغلۇم بولسا تاتلىق كۈلۈمسىرەپ ، تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمىمنى يەڭگىللىتىپ ، روھى تەسەللى بېرىدۇ .
4znH$M>bU  
9BO|1{  
شىركەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىزگە قىسقىچە قىلىپ سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ؟
Q!`)e@r  
HM 90Sb  
      شىركەت نۆۋەتتە ئاساسلىقى سەلكىن تور بېكىتىنى باشقۇرۇش ، تور ئېلانى ، قۇشۇمچە تور بەتلەرنى ئىشلەش ،ۋەكالىتەن توربېكەت باشقۇرۇش . . . قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىمەكتە ، شىركەتنىڭ نىشانى ، سەلكىن تور بېكىتىنى قانۇنى ئاساسقا ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە مۇقىم ۋە تېز تەرەققى قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش،ئۇيغۇرلار تور ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش ، زور ئىجتىمائىي قىممەت يارىتىش ۋە ئۇنى سودا ئىشلىرى بىلەن مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈپ ، ئۇ ئارقىلىق ئىقتىسادى ئاساس تىكلەش . |SxMN %M!  
شىركەتتە نۆۋەتتە 5 نەپەر خادىم ئىشلەيدۇ، سەلكىن تور بېكىتىنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىنى ئۆز دائىرىسى بويىچە باشقۇرۇش ، مەزمۇن قوشۇش ۋە شىركەتنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .
PY2[ S[  
Y}S.37|+^  
3`x sK[  
سىز ئادەتتە نىمە ئىشلارنى قىلىشنى ياقتۇرىسىىز ؟ تور دۇنياسىدا ئاساسلىق قايسى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىسىز ؟
K[e`t%2_  
^u3*hl}YKy  
         شىركەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق خىزمىتى تور ئىشلىرى بولغاچقا ، ئادەتتە توردىكى ۋاقتىم بىر ئاز ئۇزۇن ، سەلكىن تور بېكىتىنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىنى ، يېڭىدىن يوللانغان ئۇچۇر، مەزمۇنلارنى كۆرۈپ چىقىمەن ، تور بەت سېستىمىلىرىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى بايقاپ ھەل قىلىش، تور مۇلازىمىتىرىنىڭ نۇرمال بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرخىل تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارىمەن . . . سىرتتا شىركەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل ئىشلارنى بىجىرىش . . . قاتارلىقلار بىلەن بولىمەن . #t){4J  
Ndo}Tk!  
         ئۇنىڭدىن باشقا خەنزۇچە چوڭ تور بېكەتلەردىكى يېڭى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ تۇرىمەن ، بولۇپمۇ خەلقئارا ئېقىم مەسىلىلىرى ، ئىقتىسادقا ئائىت ئۇچۇرلار، IT ئۇچۇرلىرىنى كۆپرەك كۆرىمەن . -!@H["  
E2h(w_l  
s;anP0-O  
سەلكىن تورى دەسلەپتە مەيىن شامال نامىدا تورداشلار بىلەن يۈز كۈرۈشكەنتى ، كىيىن خەلىقئارالىق نام سېتىۋالغاندىكىن سەلكىنگە ئۆزگەرتىپسىز ، ماھىيەت جەھەتتە ئىسككىسى ئوخشاش مەزمۇننى بىلدۈرىدىكەن ، خوش .. سىز نىمىشقا مۇشۇ ئىسىمنى تور نامى قىلىپ بىكىتىشنى قارار قىلىپ قالدىڭىز ؟ ياكى بۇ ئىسىمنىڭ سىزگە ئالاھىدە تەسىر قىلغان يەرلىرى بارمۇ ؟ 2XzF k_6H  
iKohuZr  
         مەن ئالىي مەكتەپنىڭ 1- يىلىدا كومپىيۇتېر دەسلەپكى بىلىملىرىنى ئۆگەندىم ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ ( خەنزۇلار ) قىزىقتۇرۇشى ۋە يول كۆرسىتىشى بىلەن تورغا چىقىشنى ئۆگەندىم ، تولاراق كىرىدىغان بىر تورخانا بار بولۇپ ، بۇ تورخانىنىڭ ئىسمى خەنزۇچە « 清风» ئىدى ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى « مەيىن شامال » بولۇپ ، تور بەتكە دەسلەپتە « مەيىن شامال» دەپ ئىسىم قۇيۇشنى شۇ ۋاقىتتا ئويلاپ چىققان ، شۇنداقلا ئۇيغۇرچە تور بەت قۇرۇش ئارزۇيۇممۇ شۇ تورخانىدا شۇ مەزگىللەردە شەكىللەنگەن ، سەۋەبى ، خەنزۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ خەنزۇچە تو ربېكەتلەرنى كۆز - كۆز قىلىشى ، مەندىن سىلەرنىڭ ئۆزەڭلارنىڭ تىل - يېزىقىڭلار بارمۇ ؟ ئۆزەڭلارنىڭ تىل - يېزىقىدا ئىشلەنگەن تور بېتىڭلار بارمۇ ؟ دىگەندەك بىر قىسىم سوئاللارنى سورىشى مىنىق قاتتىق غەزىۋىمنى قوزغىدى ، شۇ سەۋەپتىن ئادى بولسىمۇ بىر بەت ئىشلەپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىپ تورغا چىقىرىپ بۇلارغا كۆرسىتىپ قويۇش نىيىتىگە كەلدىم ۋە ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن توردىن ھەقسىز بوشلۇق ئېلىش، ئۇنى ھەقسىز تور ئادرىسىغا باشلاش، تور بەت ھۆججىتىنى ئىشلەش،ئۇيغۇرچە خەت بېسىش ، تور بەت يۈزىگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ، ئۇنى تور بوشلۇقىغا قويۇپ باشقىلار زىيارەت قىلىپ كۆرەلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش . . قاتارلىق ئاددىي مەسىلىلەرنى خېلى بىرۋاقىتلارغىچە ئىزدىنىپ خېلى جاپادا ئۆگەندىم ۋە ئاشۇ تورخانىدا تۇرۇپ ، « ئەسالامۇ - ئەلەيكۇم ، مەيىن شامالغا خۇش كەپسىز !» دىگەن بىر جۈملە ئۇيغۇرچە خەت بولغان تور بەتنى تورغا يوللاپ، يەنە بىر كومپىيۇتېردا زىيارەت قىلىپ قاتتىق ھاياجانلاندىم ، گەرچە ئۇ ۋاقىتلاردا بىز eot ئىشلەش تېخنىكىسىنى ئىگەللىمىگەن ، پەقەت خەت نۇسقىسىنى قاچىلاش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە يېزىق نۇرمال كۆرۈنىدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن بولساقمۇ ، ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى ئىنتىرنېت تورىدا نۇرمال كۆرەلىگەنلىكىمدىن ناھايىتى خوشال بولغان ئىدىم ، ھەم بۇ غەلىبە مىۋىسىنى خەنزۇ ساۋاقداشلىرىمغا كۆرسىتىپ ، ئۇلارنىڭ سۇئالىغا ئاز تولا جاۋاپ قايتۇرغان ئىدىم ، مانا دەل شۇ بىر قېتىملىق ھاياجاننىڭ تۈرتكىسىدە تور بەت ئىشلەشكە بولغان قىزغىنلىقىم ھەسسىلەپ ئېشىپ ، نۆۋەتتىكى سەلكىن تور بېكىتىنىڭ دەسلەپكى ئاساسى بولغان « مەيىن شامال تور بېتى » نى ئىشلەشكە بەلباغلىدىم ، بىر مەزگىل ئىشلەتكەن mayinxamal.8u8.com, salkin.8u8.com قاتارلىق ئىسىم ۋە ھەقسىز بوشلۇقلارنىمۇ دەل شۇ تورخانىدا خەنزۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ ياردىمىدە ئىلتىماس قىلىپ ئالغان . SRP5P,-y  
Tw2Xe S  
            مەيىن شامال تور بېتى mayinxamal.8u8.com دىگەن تور ئادرىسىدا ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىللەردە كۈنىگە 40 ئادەم زىيارەت قىپتۇ دىسە خوشاللىقتا سەكرەپ كىتەتتىم ، ئەمەلىيەتتە بۇ 40 زىيارەتچىنىڭ 20 نى ئۆزۈم چىكىپ چىقارغان ، شۇنداقتىمۇ، ئۇ مەزگىللەردىكى خوشاللىقلار ھازىرغىچە ئىسىمدە . تور بەتنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ 3 ئاي بولغاندا كۈندىلىك چىكىلىش سانى 3000 غا يەتتى ، دەل مۇشۇ مەزگىلدە mayinxamal.8u8.com ئادرىسى ۋە ھەقسىز بوشلۇق 8u8.comتەرىپىدىن توختىتىۋىتىلدى ، بۇنى كۆرۈپ كۆڭلىم تولىمۇ يېرىم بولدى ، ھەم تور بەت ئىشلەش قىزغىنلىقىم سۇۋۇپلا كەتتى ، كىچىلەپ ئۇيقۇم كەلمەي شۇ ئىشقا ھەسرەتلىنىپ چىقتىم ، بىر نەچچە كۈن قاتتىق ئىككىلىنىش ۋە ئويلىنىش ئارقىلىق، salkin.8u8.com دىگەن ئادرىسنى ئىشلىتىپ تور بەتنى قايتا ئېلان قىلدىم ، بىر يىلغا يېقىن تىرىشىش ئارقىلىق تور بەت خېلى تۇنۇلۇپ قالدى ، ھەم تۈنجى بولۇپ تور بەتكە ھەقلىق ئېلان قۇبۇل قىلدىم ، ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە ئاتا- ئانىمىزنىڭ يارىدىمىدىن باشقا ھالال ئەمگەك بىلەن قولغا كەلگەن ئازغىنە پۇل ئادەمنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇرىدىكەن ، بۇ ماڭا زور ئىلھام بولدى ۋە قىزغىنلىقىمنى تېخىمۇ ئاشۇردى ، شۇ قېتىملىق ئېلان پۇلىنى قولۇمغا ئېلىپلا خەلقئارالىق تور ئادرىسى www.mayinxamal.comنى ۋە 100 مىگابايىتلىق ھەقلىق بوشلۇقنى سېتىۋالدىم ، ھەم بۇ ئادرىسنى salkin.8u8.comبىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتتىم . . . پايدا - مەنپەتنى كۆزلىمەي كۆڭلىمگە پۈككەن بۇ ئارزۇيۇم ئاخىرقى ھىساپتا بىلىپ - بىلمەي ماڭا ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىرىپ قالدى ، تورغا بېرىلىدىغان ھەقلىق ئېلانلارنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلىدى، مەن ئېلاندىن كەلگەن ئىقتىسادلارنى ئاساسەن دىگۈدەك تور نامى ۋە بوشلۇق سېتىۋېلىش ئىشلىرىغا سەرىپ قىلدىم ، salkin.cn تور ئادرىسىنى كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ قىممەت باھادا سېتىۋالدىم .( ھازىرقىدەك 1 كويغا cn ئىسىم بىرىدىغان ئىش نەدە دەيسىز.) ھەم بوشلۇق سىغىمىنى ۋە سۈپىتىنى كۈتۈردىم . . . داۋاملىق تىرىشتىم ، دوستلىرىمنىڭ ، تورداشلىرىمنىڭ مەدەت بېرىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ تېخىمۇ زور ئىرادە بىلەن داۋاملىق تىرىشتىم . . . ئويلىمىغان بىر ئىش شۇ بولدىكى ، مەن دەسلەپ تور بەتكە ئىشلەتكەن ئادرىس salkin.8u8.com نىڭ alexa( دۇنيادىكى بارلىق تور بېكەتلەرنىڭ زىيارەت قىلىنىش دەرىجىسى ) دىكى دەرىجىسى 8u8 تور بېكىتىنىڭ يۈز نەچچەمىڭ ئەزا تور بەتلىرى ئارىسىدا 2- ئورۇنغا چىققان ئىدى، بۇمۇ مىنىڭ تور بەت ئىشلەش جەريانىدا ھاردۇقىمنى چىقىرىدىغان زور خوشاللىقنىڭ بىرى بولدى ، شۇ مەزگىللەردە تور بەتكە mayinxamal.com, salkin.8u8.com, salkin.cn قاتارلىق ئادرىسلارنى ئورتاق قوللىنىپ كەلگەن ، تور بەت نامى يەنىلا « مەيىن شامال » ئىدى، كىيىنكى تەرەققىيات ۋە قولايلىق بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئاخىرىدا « مەيىن شامال » دىگەن تور نامىنى مەنا جەھەتتىن يېقىن بولغان « سەلكىن » گە ئۆزگەرتتىم ۋە salkin.cn نى ئاساسلىق تور نامى ئىشلىتىشنى قارار قىلدىم ھەم شۇ بۇيىچە تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ باردىم ، ھىلىمۇ كىچىكمەپتىكەنمەن ، بىر مەزگىلدىن كىيىن 8u8.com باشقىلارنىڭ تۆھمىتىگە ئۇچراپ، تور مۇلازىمىتىرى مۇسادىرە قىلىندى ، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگودىكى بىردىنبىر قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن ھەقسىز تور ئادرىسى ۋە تور بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت بىز بىلەن خوشلاشتى ، salkin.8u8.com مۇ ئىشلەشتىن توختىدى ، بۇنىڭ تەسىرىدە شۇ ئادرىسقا كۆنۈپ قالغان تورداشلىرىمىز سەلكىن تور بېكىتىنى تاپالماي تىڭىرقاپ يۈرۈپ ، كىيىنچە salkin.cn گە كۆنۈشكە باشلىدى ، يەنە بەزىلەر salkin.com ئادرىسى ئارقىلىق زىيارەت قىلىپمۇ باقتى ، ئەپسۇس، salkin.comدىگەن ئادرىس مەن كومپىيۇتېرنى كۆرۈپ باقمىغان مەزگىللەردىلا چەتئەلدىكى مەلۇم كىشى تەرىپىدىن تىزىملىتىلىپ بولۇنغان ئىكەن ، ئۇ كىشى بىلەن ئالاقىلىشىپ ، نەچچە مىڭ دوللار باھا قويۇپمۇ تور ئادرىسىنى قولغا ئالالمىدۇق، شۇنداقتىمۇ ئەپسۇسلانمايمىز، تورداشلىرىمىز ھازىر salkin.cn ئادرىسىغىۇ كۆنۈپ قالدى ، شۇنداقلا cn ئادرىسى نۆۋەتتە بەك ئومۇملىشىپ كەتتى . ( ئىشىنىمەنكى ، پات ئارىدا cc تور ئادرىسى مودا بولىدۇ . ) r5D jCV"  
2O?Vr" A  
      دىمەك ، سەلكىن تور بېكىتىنىڭ نامى مانا مۇشۇنداق كەلگەن ،« مەيىن شامال » ، « سەلكىن » دىگەن ناملار دۆلەتلىك ماركا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن تىزىملىتىلدى ، بۇنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى دۆلەت قانۇن بويىچە قوغدايدۇ . « سەلكىن » تور بېكىتىمىزنىڭ نامى ، « مەيىن شامال» مۇ يەنىلا شۇ « سەلكىن » ، تور ئادرىسى www.salkin.cn , www.selkin.cn, www.salkin.cc, www.mayinxamal.com, www.mayinxamal.cn www.salkin.biz .
]\[m=0K  
CW.&Y?>Tv  
Mi;}.K0J  
      ئۇيغۇر تورچىلىقى جەھەتتە سەلكىن تورىنىڭ ئورنى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ . سىز سەلكىن تورىنى مۇشۇنداق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچىرىدىڭىز ؟ قانداق تەجىرىبىلەرنى توپلىدىڭىز ؟بىر توربەت قۇرغۇچىسى بولۇش ئۈچۈن قانداق شەرت ھازىرلاش كىرەك ؟ قىسقىچە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز .. 6"BtfQ")  
KC&H*  
        بۇ سوئاللارنىڭ بىر قىسمىغا يوقىرىدا جاۋاپ بىرىپ بولدۇم ، تور بەت ئىشلەشنىڭ جاپاسىنى ئوخشاش كەسىپتىكىلەر چۈشەنمىسە، باشقىلارغا چۈشەندۈرۈش قىيىنغا توختايدۇ ، مەن سەلكىن تور بېكىتىنى دەسلەپتە پەقەت ئۇيغۇر تىل - يېزىقىمىزنىڭ ئىنىرنېتتىكى ئىشلىتىلىشىنى تېخىمۇ كىڭەيتىپ، تىل - يېزىقىمىزنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى كۆپەيتىشنى ، باشقىلارغا مەۋجۇتلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرىشنى مەقسەت قىلىپلا ئىشلىگەن ، ئاتا - ئانام ئەۋەتكەن تۇرمۇش پۇلىنى تىجەپ تور بەت ئىشلىرىغا سەرىپ قىلىپ يۈرۈپ ، يېرىم كىچىلەردە تور بەتتىن مەسىلە چىقسا تاملاردىن ئارتىلىپ تورخانىغا كىلىپ مەسىلىنى ئوڭشاش ، توردىكى مەزمۇنلاردا مەسىلە كۆرۈلسە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ سوراق قىلىشىغا ئۇچراش ( دەسلەپ مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سىرتتا يېرىم سائەت خاتىرجەم يۈرۈشمۇ مۈمكىن بولمىغان ) . . . JoZqLy!@  
       قىسقىسى ، سەلكىن تور بېكىتى مىنىڭ ھاياتىمنىڭ مۇھىم بىر قىسىمغا ئايلىنىپ قالغان ، ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇش، قوغداش جەريانىدا تارتقان روھى ۋە جىسمانى جەۋەتتىكى جاپالىرىمنى ئويلىسام، بەزىدە نىمە ئۈچۈن بۇ كەسپنى تاللاپ قالغاندىمەن دەپ پۇشايمان قىلىپ قالىمەن ، لىكىن ، « ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن » دىگەندەك، بۇ ئىشلارنىڭ ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادى ئۈنۈمىنى ئويلىسام ، تارتقان جاپالىرىمغا رازى بولۇپ، خوشاللىققا چۆمۈلىمەن ، دىمەك، تور بەت ئىشلەشنىڭ جاپاسى ۋە راھىتى داۋاملىق بىرگە . 8 m%>:}o  
نۆۋەتتە سەلكىن تور بېكىتى دەسلەپكى شەخسى نامىمدىكى تور بەت خاراكتىرىدىن ئۆزگىرىپ ، ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ، كۆزگە كۆرۈنگەن ئالدىنقى قاتاردىكى تور بېكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى ، سەلكىن تور بېكىتىنىڭ ساغلام ، مۇقىم تەرەققى قىلىشى مىنىڭ مەجبۇرىيىتىمغا ئايلاندى ، نۆۋەتتە سەلكىن تور بېكىتىنىڭ ئاساسلىق زىيارەتچىلىرى 70-80% ياشلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇچۇر، بىلىم، مەدەنىيەت يەتكۈزۈزشتە مۇھىم قورالغا ئايلىنىپ قالدى ، ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ پەن - مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش ، يېڭى ئۇچۇر ۋە بىلىم بىلەن تەمىنلەش سەلكىن تور بېكىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ، ئەلۋەتتە ، تورغا چىققۇچىلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى تۇرمۇش ، خىزمەت ۋە ئۆگۈنۈشتىكى بېسىملارنى يەڭگىللىتىش، مەنىۋى ئوزۇق ئېلىش مەقسىتىدە تورغا كىرىدۇ ، تور بېكىتىمىز بۇ جەھەتتىمۇ مەزمۇنى ساغلام، رەڭدار مەزمۇنلارنى تەييارلارپ زىيارەتچىلەرنىڭ ھوزۇرىغا سونۇشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلغان . ھازىر سەلكىن تور بېكىتىنى سەلكىن شىركىتىدىكى خادىملار ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى قوللىغۇچىلارنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى ئارقىلىق داۋاملىق تەرەققى قىلدۇرماقتىمىز. J xA^DH  
vGx?m@  
         تور بەت قۇرغۇچى بولغان كىشى چوقۇم كومپىيۇتېر، ئىنتىرنېت ، تور بەت ئىشلەش بىلىملىرىنى ياخشى بىلىشى، تور بەت ئىشلەش قوراللىرىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى ، مەلۇم دەرىجىدە ئىجادچانلىق روھى بولۇشى ، تور پروگراممىلىرىدىن html, asp, php, asp.net, css, js. . . قاتارلىقلارنى ئاز تولا چۈشىنىشى، ئەڭ مۇھىمى ، html تىلىنى مەلۇم دەرىجىدە ياخشى ئىگەللىشى كىرەك ، ئۇنىڭدىن باشقا تور نامى، تور بوشلۇقىنى باشقۇرۇش، تور ھۆججەتلىرىنى بوشلۇققا يوللاش، ئۇلىنىش قىلىش . . . قاتارلىق ئاساسى بىلىملەرنى ياخشى بىلىشى كىرەك . بۇلارنى بىلمەي تۇرۇپ تور بەت ئىشلەيمەن دىيىش ئېتىزلىققا چىلىغان سەي تېرىغاندەكلا كۈلكىلىك .
tebWj>+1c  
4e=/f,o1  
       بەت ياساش ئۈچۈن قانداق تېخنىكىلار كېتىدۇ ؟مەسىلەن قايسى تىلدا بەت ياساش ھازىر ئەڭ بازار تېپىۋاتىدۇ؟قايسى تىلدائىشلەنگەن بەتلەرنىڭ سۈپىتى ھەم ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى بولىۋاتىدۇ ؟ يېڭىدىن يىتىشىۋاتقان تور بەت ھەۋەسكارلىرىغا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .. tc+GR?-7W  
h(C#\{V  
        يوقۇرىدا دەپ ئۆتكەندەك ، تو ربەت ئىشلەش ئۈچۈن تور بەت ياساش دىتاللىرى ( frontpage, DW, flash, photoshop, ftp ) قاتارلىىقلارنى ئىشلىتەلىشى ۋە بەلگىلىك ئىجاتچانلىق، تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە بولىشى كىرەك ، ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ ئاددىسى html نى كۆرۈپ چۈشۈنەلەيدىغان بولۇشى كىرەك، نۆۋەتتە تور بەت ئىشلەشتە ئىشلىتىلىدىغان تور پروگرامما تىللىرىدىن html, asp, asp.net. php, jsp قاتارلىقلار بار، ھازىر ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى asp دا ئىشلىنىۋاتىدۇ ، چۈنكى aspتىلى ئىگەللەش ، قوللىنىش ۋە ئۆزگەرتىش ئاسان ، ئوبىكتىپچانلىقى كۈچلىك ( تەھرىرلەش ھالىتىدە بەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى كۆرۈپ تۇرۇشقا قولايلىق . ) كەمچىللىكى ، ئىجرا بولۇشى بىر قەدەر ئاستا، بىخەتەرلىكى تۆۋەنرەك . php لىق تور بەت سېستىمىلىرى ئىجرا بولۇش سۈرئېىتىنىڭ تېزلىكى ، بىخەتەرلىكى بىلەن بارغانسىرى قارشى ئېلىشقا ئېرىشمەكتە، لىكىن ، asp گە سېلىشتۇرغاندا ئۆگىنىش بىر قەدەر مۇرەككەپ ، مۇھىت تەييارلاش بىر ئاز قىيىن . لىكىن ، php دا ئىشلەنگەن تور بەت سېستىمىلىرى بارغانسىرى ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى نامايان قىلماقتا . 6%\7.h  
{()p%#*  
        تور بەت ئىشلەش دىتاللىرىدى ۋە تىللىرىدىن باشقا، تو ربەت ئىشلىگۈچى يەنە js, css. . . قاتارلىق مۇھىم پروگراممىلارنىمۇ بىلىشى ۋە مۇۋاپىق قوللىنالىشى كىرەك، بۇنداق بولغاندا تو ربەتنىڭ بىر قىسىم مۇھىم ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ . }m=t zHB*  
w0a+8gexi  
        تور بەت ئىشلىگەندىن كىيىن ئۇنى ئىنتىرنېت تورىغا يوللاپ، باشقىلارنىڭ نۇرمال زىيارەت قىلىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش كىرەك ، بۇنىڭ ئۈچۈن تور ئادرىسى ، تور بوشلۇقى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشنى بىلىشى كىرەك . _~X8/p/Qh  
Q%,o8E2~  
       تور بەت ئىشلىگۈچىلەر تور پروگراممىسى يېزىشنى بىلگەندىن باشقا، يەنە بەلگىلىك تور بەت گۈزەللەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشى كىرەك ، بۇنىڭ ئۈچۈن سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش دىتاللىرىن بىلىشى كىرەك .
h/0<:eZ*  
r+{!@`dYi  
سەلكىن مۇنبىرىدىكى ئەزالاردىن سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان ئەزالار قايسى ؟ ئىلگىرى مۇنبەردىكى ئەزالار بىلەن قۇشۇلۇپ يۇمۇر ئېيتىشىپ ، ئۇلار بىلەن بولغان ئارىلىقىڭىز شۇنداق يېقىن ئىدى ، لىكىن ھازىر ئالىي مەكتەپتىكى سىنىپ ، مەسئۇلىدەك ھەپتىدە ئاران بىر ئىككى قېتىملا كۆرگىلى بولىدۇ ، سىزنىڭچە مۇشۇلارغا نىمە سەۋەپ بولغاندۇ ؟
F"B<R~  
@!L@UP0  
       سەلكىن مۇنبىرى 2004- يىلى ئاددى ھالەتتە قۇرۇلغاندىن باشلاپ، ئارىلىقتا بىر مەزگىل تاقىلىپ قالغاندىن باشقا، 2005- يىلى 3- ئايدىن تاكى ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە تەرەققى قىلىپ ، بارغانسىرى مۇكەممەللەشتى ، ئەزاسانى تېزلىكتە كۆپەيدى ، مۇنبەر تېمىلىرىدا سۈپەت ۋە سان جەھەتتىن زور دەرىجىدە يۈكسىلىش ھالىتى بارلىققا كەلدى، ئاز بولمىغان باشقۇرغۇچى ۋە قوللىغۇچىلارنى تەبىئي ھالدا ئۆزىگە جەلىپ قىلدى ، مۇنبەردە ماڭا تەسىر قىلغان ئەزانى تىلغا ئالسام بەلكىم ئاز بولماسلىقى مۈمكىن ، لىكىن مۇنبەر تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپىسى ئالاھىدە بولغان ۋە ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولغان مۇنبەرداشلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن ، مۇنبەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە مۇنبەر باشقۇرۇش ، نازارەت قىلىش ئىشلىرىدا ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ كەلگەن باشقۇرغۇچىلاردىن ئۆمەرجان ، ئىشەنچ ( ھازىر سەلكىن شىركىتىدە ) ، بۆرە تېكىن ، سادا موللام، پارول ، تۈگىمەس ناخشا ، چوكىنات . . . قاتارلىقلار( قىسقارتىلدى . ) ، ئۆزىنىڭ نادىر تېمىلىرى بىلەن مۇنبەرنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرغان داركىنىس ، نۇزۇگۇم ،ساتۇق، مۇھەممەت 2008، تەكلىماكانى ،ئەزىزان ، بىرزات ، ئۈزۈمچى ،سىرلىق شائېر، باغۋەن ، . . . دەپ كەلسەم مۇنبەردە ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى ۋە سەمىمىي ، ساداقەتمەنلىكى ، دوستانىلىقى بىلەن ماڭا تەسىر قىلغان تورداشلار ئاز ئەمەسكەن ، نۆۋەتتىمۇ ئەلقۇت( ھازىر سەلكىن شىركىتىدە )، ئەلئارا، ئۇيغۇرجان ، ئۇيغۇرشاھ، ئىدرىس، ئابدۇقادىر ، قوزام ، ئىنتىلجان . . . دىگەندەك 20 دىن ئارتۇق باشقۇرغۇچى مۇنبىرىمىزنىڭ نۇرمال تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قوشماقتا. ( تىلغا ئېلىنمىغان تورداشلار يەنە كۆپ . ) Xhq? 7P$3  
s]nGpA[!  
         ھىلىمۇ ئىسىمدە، 2005- يىلى 3- ئايدا مۇنبەر يۈزىدە يوللاش چەكلەنگەن بىر تىما چىققانلىقى سەۋەبلىك تور بېكىتىمىز تاقىلىپ ، مەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن چاقىرتىلغان ، شۇ قېتىملىق ئىشتىن كىيىن مۇنبەردە تېمىلارنى تەستىقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ ، مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمە قويۇلدى ، ھەم قاتتىق ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە مۇنبەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىنى كۈچەيتىشنى ، سىياسىغا ، چوڭ ئىشلارغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان ، شۇنداقتىمۇ مۇنبىرىمىز كۈلكىمۇ بار، خوشاللىقمۇ بار، بەس - مۇنازىرىمۇ ، ئۇچۇر ، بىلىممۇ بار بولغان ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە مۇنبەرگە ئايلاندى . . . ??$i*  
WV,?Ge  
          بۇرۇن راست دىگەندەك سادا موللام ، پارل، تۈگىمەس ناخشىلارنىڭ قىزىقارلىق يۇمۇر- چاخچاقلىرىغا جۆر بولۇپ مەنمۇ بەزىدە تورداشلار بىلەن تېما ، ئىنكاسلاردا چاقچاقلىشىپ يۈرگەن ، دىمىسىمۇ سادا موللامنىڭ سىنىپىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار، پارول ، تۈگىمەس ناخشا، ئابدۇقادىر . . . قاتارلىق مۇنبەر قىزىقچىلىرىنىڭ كىشىنى تېلىقتۇرۇپ كۈلدۈرىدىغان قىزىقارلىق يۇمۇر - چاخچاقلىرى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ، مۇنبەرنىڭ ئاۋاتلىشىشى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشقان ، مەنمۇ شۇ قاتاردا ئاشۇ يۇمۇر - چاخچاقلارغا قۇشۇلۇپ بەزىدە ئۆزۈمنى تۇتالماي ئارىلىشىپ قالاتتىم ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە گەرچە مۇنبەردە قىزىقارلىق يۇمۇر- چاخچاقلار بولۇپ تۇرسىمۇ ، مەن يۇشۇرۇن ھالدا كۈرۈپ تۇرىمەن ، لىكىن بەك ئارىلىشىپ كەتمەيمەن ، سەۋەبى بەلكىم خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بولۇشى مۈمكىن ، ئۇنىڭدىن باشقا، مەن ئۆزۈم تور بىكەت قۇرغۇچى تۇرۇپ ، مۇنبەردىكى بەس - مۇنازىرىگە ئارىلىشىۋالسام بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ قېلىشى مۈمكىن ، شۇڭا ئالاھىدە ئەھۋاللار بولمىسا مەن ئالدىراپ مۇنبەردە تېما ، ئىنكاسلارغا ئارىلاشمايمەن ، لىكىن ۋاقتىم چىقسىلا تېمىلارنى ، ئىنكاسلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن .
#whO2Mv  
 |(J ?#?  
K d`l[56#  
سەلكىن تورى ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ، بۇ جەرياندا سىزمۇ ئاز بولمىغان مۇشەققەتلەرنى تارتتىڭىز ، سىزنىڭچە سەلكىن تورى ، سەلكىن شىركىتىنىڭ مۇشۇنداق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە قايسى مەسىللەر يادرولۇق ئۇرۇندا تۇرىدۇ ؟ ھەممە كىشىلەر سەلكىن مۇنبىرىنى مىھرى ئىسسىق دەپ تەرىپلىشىدىكەن ، سىزنىڭچە مۇنبەردىكى قايسى ئىشلار مۇنبەرنى كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىكىدەك مىھرى ئسىىق قىلغاندۇ ؟
>"sKfiM)b  
-Iruua7b  
        مىنىڭچە ئەڭ مۇھىمى كۆڭلىمىزگە مىللەت ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇشنى نىشان قىلغان ساپ نىيەتلەرنى پۈككەنلىكىمىز بولسا كىرەك، مەن يوقۇرىدا دەپ ئۆتكەندەك، سەلكىن تورىنى دەسلەپتە ھەرگىزمۇ پايدا - مەنپەئەتنى كۆزلەپ ئەمەس، بەلكى ، ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ ئىنتىرنېتتىكى ئىشلىتىلىش دائېرىسىنى كىڭەيتىپ، تىل - يېزىقىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇتلىقىنى قوغداشقا ئاز تولا كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت، نۆۋەتتىمۇ سەلكىن شىركىتىدىكى خادىملار بۇ نىيەت- مەقسەتتىن يانغىنى يوق ، ئۇنىڭدىن باشقا، بىز سەلكىن تور بېكىتىنىڭ ھەرقانداق بىر سەھىپىسىدە مىللىي ئەخلاق ئۆلچىمى ، دىنىي ئىتىقادىمىزغا زىت بولغان ، كىشىلەرنى زەھەرلەيدىغان مەزمۇنلارنىڭ بولماسلىقىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىپ كىلىۋاتىمىز ، ( ئەلۋەتتە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى شۇنداق . ) K;ry4/Vap  
P5 <85t  
          سەلكىن تور بېكىتىدە كۈلكىمۇ، خوشاللىقمۇ، ئۇچۇر، بىلىملەرمۇ بار، تورغا كىرىدىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى خۇددى تېلېۋىزور كۆرۈپ ھارغۇنلىقنى چىقارغانغا ئوخشاش ، ئۆزىنىڭ ھارغۇنلىقىنى چىقىرىشنى مەقسەت قىلىپ كىرىدۇ ، تو ربېكىتىمىز تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينىغان بولۇشى مۈمكىن ، ئۇنىڭدىن باشقا مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالار ئومۇ جەھەتتىن تولىمۇ دوستانە ، مۇنبەردە كۈلكە - چاخچاق ، خوشال كۈلكىلەر ئۈزۈلمەيدۇ، كۆپ ساندىكى تېما ، ئىنكاسلارنى كۆرگەنسىرى كىشىنى خوشال قىلىدۇ ، بەلكىم سەلكىن مۇنبىرىنىڭ مىھرى ئىسسىق دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەپ مۇشۇ بولسا كىرەك . gk_Xu  
qed!C  
          دۇنيادا مۇكەممەل نەرسە بولمىغاندەك، سەلكىن مۇنبىرىدىمۇ كەمچىللىكلەر كۆپ ، بىز ئەڭ ياخشىسى ئەمەس، لىكىن ، تېخىمۇ ياخشىسى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز ، ئۆزىمىز ماختىغان ھىساپ ئەمەس، پەقەت كۆپىلىك ئىتراپ قىلسىلا ھەقىقى ماختاشقا سازاۋەر بولىدۇ .
66"ZH,335  
xt<, (4u  
i_ODgc`H  
سەلكىن مۇنبىرىدىكى ئەزلاردىن قانداق كۈتىىدىغان ئۈمۈدىڭىز بار ؟ مۇنبەردىكىلەرگە قانداق ياخىشى ئىش قىلىپ بىرىش پىلانىڭىز بار ؟ سەلكىن بىلوگى ئېچىلىپ تورداشلار بىلەن يۈز كۈرۈشكەندىن كىين ئويلىمىغان قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئېىلىندى . مۇشۇ بىلىوگقا قارىتا يەنە قانداق يېڭى پىلان بار . قىسقىچە سۆزلەپ بەرسىڭىز ..
uy*x~v*I]  
kmwrv -W  
         مۇنبەردىكى ئەزالاردىن كۈتىدىغىنىم ، مۇنبەردە نۇرغۇنلىغان ئەزالار ئەجىر قىلىپ ئاز بولمىغان ئىسىل تېما ، ئۇچۇرلارنى يوللاپ تۇرىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ تېما ، مەزمۇنلارنى ۋاقىت چىقىرىپ ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشىنى ، ئۇنىڭدىن ھەقىقى زوق ئېلىشىنى ، تېما ئىگىسىنى ھۆرمەتلىشىنى ، ئەجرىگە تىگىشلىك رەھمىتىنى بىلدۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ، ئۆز - ئارا دوستانە ، ئىتىپاق ئۆتۈشىنى ، مۇنبەرنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ئۈچۈن يوللاش چەكلەنگەن مەزمۇنلارنى يوللىماسلىقىنى ، مۇنبىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ، تېما ، ئىنكاسلارنىڭ سان - سۈپىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىشنى ئۈمىت قىلىمەن . @9kk f{?  
~E6+2t*  
            بىزنىڭ نۆۋەتتىكى پىلانىمىز مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ۋە قىزغىنلىقىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، ھەرخىل مەزمۇندىكى تېمىلارنىى يېزىش ھەققىدە مۇكاپاتلىق پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتمەكچى، نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەرجىمە ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئىسىل تەرجىمە ئەسەرلىرى بارلىققا كەلدى ، بۇ مۇنبىرىمىزنىڭ بايلىقى ، ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىندا باشلانغان بلوگ ياساش مۇسابىقىسىمۇ تورداشلارنىڭ بلوگ ياساش قىزغىنلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى ، بىز بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى داۋاملىق كۆپەيتمەكچى ، نەق پۇل ، ماددىي بۇيۇملارنى تەييارلاپ ، ئەجىر قىلغانلارغا ئەمەلىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرمەكچى . بۇ پائالىيىتىمىزگە قاتنىشىشىنى خالايدىغان كارخانا - شىركەتلەرنىڭ بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز . $b 71  
v,.n/@s|X  
        سەلكىن بلوگى تېخى تولۇق مۇكەممەللەشكىنى يوق، نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارى قۇشۇلمىدى ياكى نۇرمال ئەمەس، بىز داۋاملىق تىرىشىۋاتىمىز ، يېقىندا بلوگ ئۈچۈن مەخسۇس تور مۇلازىمىتىرى سېتىۋېلىپ ، بلوگ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ ئىقتىدارلىق، قوللىنىشچانلىقى كۈچلىك، مۇقىم بولغان بلوگ سېستىمىسى قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىمىز ، بلوگنىڭ ناخشا قويۇش، فىلىم ، رەسىم ، ماقالە يوللاش، سۆز قالدۇرۇش، قىسقا ئۇچۇر يوللاش ، ساقلاش ، بوشلۇق تەقسىملەش . . . قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى داۋاملىق ياخشىلايمىز . `zsk*W1GA  
          بىز ئۆزىمىزنىڭكىنى ئىشلىتەيلى ، fenbei غا كىرىپ خەقنىڭ مەسخىرە قىلىشىغا ئۇچراش بىز ئۈچۈن نومۇس ئىش ، بىز تىرىشىۋاتىمىز، تىرىشچانلىقىمىز كۆپچىلىكنىڭ يېقىندىن قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ .
>dC(~j{  
i$ZpoM  
0v)mgrl=,  
يوقۇرىدا سورالغان سوئاللارغا نۆۋەتتىكى چۈشەنچەم ۋە ئەسلىمەم بويىچە جاۋاپ بىرىپ چىقتىم ، بەلكىم جاۋابىم ئوقۇرمەنلەرنى رازى قىلالمىغان بولۇشى مۈمكىن ، ئوقۇش جەريانىدا خاتا سۆزلەپ قويغان ، ئارتۇقچە دىيىلگەن گەپ - سۆزلەر بولسا كۆپچىلىكنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن . ( بۇنداق ئۇزۇن مەزمۇنلارنى يېزىپ باقمىغىلى نەچچە يىل بوپتىكەن ، بۇرۇنقى يېزىقچىلىق جەھەتتىكى ئاز - تولا ئارتۇقچىلىقلار نەلەرگىدۇر يوقۇلۇپتۇ ، ئۆزۈممۇ سەل خىجىل بولۇپ قالدىم . ) P:h4  
v5bb|o[{K  
ئەڭ ئاخىردا بۇ مەزمۇنلارنى ئەستايىدىللىق ۋە سەۋىرچانلىق بىلەن ئوقۇپ چىققان سىزگە كۆپ رەھمەت . 2+Y`pz47W  
 hahD.P<  
[&k k  
مۇنبىرىمىزدىكى پىكرى ئۆتكۈر توردىشىمىز : ئۈزۈمچى
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+1(ئەتىرگۈل1987) sizni quxinimiz
  • پۇل :+30(taklimakan) taxakkur
  • شۆھرەت:+1(پەرى001) !alla rahmat kilsun
  • شۆھرەت:+1(شوخ بالا) japa tartipsiz
  • پۇل :+30(مەلىكەبانۇ) ئەجىر
  • blog.salkin.cn
    كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ ،
    قايغۇدىن كىيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ ،
    تېڭىرقاشتىن يۇلىنىپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ ،
    يالغۇزلىقتىن قۇتۇلغان قەلب كۆتىرەڭگۈ بولىدۇ .
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-11-13 21:57 |
    نەفىسە
    زېرىكتىم ھاياتىنىڭ غەۋغالىردىن
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 451
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 804
    شۆھرەت: 10899 كىشىلىك
    پۇل : 7850 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 959 نۇمۇر
    قوللاش: 884 نومۇر
    ئالقىش: 1099 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مانا بۇ چۇڭ ئەرباب بىلەنمۇ تۇنۇشۇپ چىقتۇق ،بىلۇگدىن ئۇماق بالسىنىڭ رەسىمنى كۆرگەنتىم،بەك ئۇماق ئىكەن ،ئائىلىڭىزگە بەخىت تىلەيمەن .
    blog.salkin.cn
    مۇھەببەت- خۇددى يىنىك مۇزىكا،ئۇ يۈرەك تارىلىرىمدىن،سېغىنىشلىرىمدىن ،ئنتىلىشلىرىمدىن ئۇرۇلۇپ چىقىدۇ.ئۇنى ئاڭلىسام ئاڭلىغۇم كېلىدۇ،زىرىكمەيمەن.گەرچە ئاڭلىنىۋاتقىنى بەكمۇ كونا،بەكمۇ ئۇزۇندىكى مۇزىكا بولسمۇ ھەر قېتىمقى ئاڭلاشتا يېڭىچە تۇيغۇ،يېڭىچە كەيپىيات ھاسىل بولىدۇ ،مەن شۇنىڭغا خۇشتار.
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 22:02 |
    ئەخمەقجان
    ئىمزايىمغا تېز قارا!
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 17508
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 791
    شۆھرەت: 1024 كىشىلىك
    پۇل : 10977707 سوم
    تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 997 نۇمۇر
    قوللاش: 877 نومۇر
    ئالقىش: 1230 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: شادلىق
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ماڭا قاچان كېلە؟
    چاپلىندىن ئەخمەق، پۇرچاقتىن پالاكەت ئادەم سەلكىن ئەزالىرى ئارىسىدا.
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 22:07 |
    ئاپپاق
    كەلگۈسىمىز ئۈچۈن!
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 17903
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 599
    شۆھرەت: 2714 كىشىلىك
    پۇل : 5008514 سوم
    تۆھپە: 510 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1296 نۇمۇر
    قوللاش: 860 نومۇر
    ئالقىش: 1233 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تەشەككۈر....توربەت بىلىملىرى ھەققىدە مەلۇم ساۋاتلارنى ئىگىلىگىلى بولىدىكەن ............... &qO#EEqG]  
    I6B`G Im5  
    ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق يار بولغاي!
    تۈندىكى چىراقتەك  يارسۈكۈتتە تۇراي،
    ئۇنۇتماي ئۆتۈنەي، ئۆچ دېسەڭ ئۆچەي.
    رىيازەت ئېزەلمەس،يان دېسەڭ ياناي،
    غەپلەتتە سەن ئۈچۈن كۆز يۇمۇپ قالاي.
    ئۇنتۇشتىن ۋاز كەچتىم يېنىڭغا باراي،
    نىمىشقا دېمىگىن سېغىندىم سېنى!
    http://www.malikilar.com

    http://www.malikilar.com
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 22:10 |
    ئۇيغۇرشاھ
    مىللەت،ئانا تىل،يېزىق...
    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە باشقۇرغۇچى ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 8017
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1924
    شۆھرەت: 3450 كىشىلىك
    پۇل : 34023 سوم
    تۆھپە: 546 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2961 نۇمۇر
    قوللاش: 2364 نومۇر
    ئالقىش: 2948 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇشۇ زىيارەت ئارقىلىق  سەلكىن ئەپەندىىنىڭ مانابىز ھازىر كۆرۈپ تۇرىۋاتقان ۋە دەسسەپ تۇرىۋاتقان مەۋھۇم دۇنيانى ،توردىكى ئائىلىمىزنى ھازىرقىدەك مۇكەممەل قىلىپ قۇرۇپ  چىقىش جەريانىدىكى تېرىشچانلىقىنى،جاپاسىنى،ئىزدىنىشلىرىنى،ۋە ئۇتۇقلىرىنى كۆرۈپ يەتتۇق(يېزىق  ئارقىلىق بولسىمۇ) ... M&/([ >Q  
    ھەقىقەتەن بۇنداق تېرىشىپ ئىزدىنىش ھەممىلا كىشىدە بولىۋەرمەيدۇ ۋە ھەممىلا كىشى بىر ئىشنى قىلىپ ئۇتۇق قازىنىۋەرمەيدۇ.... {#]vvO2~$  
    گەپنى قىسقا قىلاي...مۇنبەر ھەممەيلەننىڭ توردىكى ئائىلىمىز،ئائىلىمىز ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردا بولساقمۇ ئورتاق كۈچ چىقارساق،ئائىلىمىزنى ئورتاق قوغدىساق...سەلكىن ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تۆھپە قوشساق...كۆپ ساندىكى تورداشلىرىمىزنى قولىدىن كېلىشىچە قىلالايدۇ،دەپ ئويلايمەن... ~$PQ8[=  
    نادىر ، تەربىيۋى  تېمىلىرىڭىزنى  بىزلەردىن ئايىمىغايسىز...تەشەككۈر... Z|h&Zd1z  
    ھەممەيلەن سەلكىن ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقارساق...رەھمەت...
    blog.salkin.cn
     باشقىلار كۆكتە  ئۇچـۇپ ،  سـۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق!
    مەن مىسال يالاڭ ئاياغ دەسسەپ تىكەن  ماڭارىمەن!
      ـــــــــــ ئا.ئۇيغۇر
    ***********************************************************
    «ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىمدىن نومۇس قىلىمەن!»دېيىشكۈچىلەر!ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىڭدىن ئەمەس!ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇردەك ياشىيالمىغانلىقىڭدىن نومۇس قىلىش !!!
    ***********************************************************
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 22:14 |
    دىدار110
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 24415
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    شۆھرەت: 1 كىشىلىك
    پۇل : 100 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سەلكىن ئەپەندىنىڭ بايانلىرغا تەشەككۈر 0rjH`H]M  
    ھەي شۇ ۋاقىتلاردىكى مەيىن شامال تور بىكىتىنى ئىسىمگە ئىلىپ ھەجگپ بو قالدىم دىسە +] .Zs<  
    نىمىلا دىگەن بىلەن كونا ئۇۋىمىز ئەمەسمۇ؟
    izdax.com
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 22:17 |
    مەھۋىيە
    مېنى ئويغاتماڭلار!!!
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 18445
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 690
    شۆھرەت: 476 كىشىلىك
    پۇل : 11681 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 706 نۇمۇر
    قوللاش: 712 نومۇر
    ئالقىش: 799 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەممىسىنى ئۆزىڭىز بىر قوللۇق زىيارەت قىلامسىز؟  ئەمسە  سىزنى كىم زىيارەت قىلار، - ھە؟
    بىر كۆرۈشنى ئىستەيمەن لېكىن،
                    مەۋجۇتلىقىڭ قېينايدۇ مېنى
                            سۆيمەيمەن، سۆيەلمەيمەن ھەم،
                                        سەن بولغاچقا سەندىن باشقىنى.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 22:19 |
    پويۇز
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26211
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 75
    شۆھرەت: 75 كىشىلىك
    پۇل : 475 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 75 نۇمۇر
    قوللاش: 75 نومۇر
    ئالقىش: 75 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سەلكىننى بۇگۇن راسمى چۇشۇنۇپ يەتتىم. بۇرۇن ياندىن تۇرۇپ ئوقۇتتىم. ئەمدى راسمى ئەزا بولۇپ كىردىم .مەن ئىنكاستا بولسىمۇ كۇچ چىقىرىمەن . بۇ تور بەتنىڭ تەرەققىياتىنى قۇتلۇقلايمەن .
    blog.salkin.cn
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 22:24 |
    ئابدۇقادىر
    كۈلكەڭ ئۈچۈن
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1198
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7319
    شۆھرەت: 10750 كىشىلىك
    پۇل : 48438 سوم
    تۆھپە: 600 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 8047 نۇمۇر
    قوللاش: 7447 نومۇر
    ئالقىش: 7068 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇھېم تەكلىپىم: مۇشۇ بىلوگىڭلارغا بەك دېققەت قىلىپ قويۇڭلار،شۇ نەرسىگە ھەرخىل ساراڭدەك رەسىم بىلەن گەپ-سۆزلەرنى چىقىرىپ قويدىغانلار باركەن،ئىناۋەت تۆكۈلسە ئۇنىڭلا ئەمەس،سەلكىننىڭ ئىناۋىتى تۆكۈلدۇ! gz,x6mnQ  
    KMhEU**  
    ئۆزۈمنى تەكشۈرۈپ باقسام بولغۇدەك! 5ree3 quh  
    توۋا دەيمەن،بۇ ئادەم سەلكىنگە مەندىن بەكراق كۆيۈندىكەنيا؟ مەندىن بەكراق ئامىراقكەنيا؟! TB8a#bK4  
    blog.salkin.cn
    كىم دادېسىدىن چوڭ؟ ھا ھا ھا ھا
    يىشۇنىڭ چىچى يوق دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟ھې ھې ھې ھې
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 22:30 |
    رىشتە
    خىياللىرىم مىسالى بىر قۇش.....
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 750
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 706
    شۆھرەت: 706 كىشىلىك
    پۇل : 5037 سوم
    تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 805 نۇمۇر
    قوللاش: 741 نومۇر
    ئالقىش: 746 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    زىيارەت خاتىرىسى ياخشى چىقىپتۇ، باسقان قەدەملىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن، سەلكىن.
    blog.salkin.cn
    گۈزەللىككە ئىنتىلىشنىڭ ئۆزى بىر خىل گۈزەللىك، ئەمما گۈزەللىككە ئېرىشىشنى قوغلىشىش كىشىنى ئاچكۆز، تاماخورلۇققا باشلايدۇ. گۈزەللىكنى ھىس قىلىش بىر خىل ئىسىللىق،ھالبۇكى گۈزەللىكنى قارىغولارچە قوغلىشىش بىر خىل روھىي ئازاپ ۋە زىيان - زەخمەت....
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 22:33 |
    majnunyar
    تەشۋىقات ئەلچىسى
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 145
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 134
    شۆھرەت: 345 كىشىلىك
    پۇل : 1671 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 193 نۇمۇر
    قوللاش: 159 نومۇر
    ئالقىش: 237 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سادا موللام، پارول ، تۈگىمەس ناخشا ، چوكىنات mp\`9j+{  
    سەلكىن شاھقا ئەڭ تەسىر قىلغان بۇ ئەزالارنى ئاڭلاپ يۇرىكىم پىژىلداپ كەتتى. مەن 2004-يىلى مۇنبەر دىگەن ئۇقۇم  بىلەن تونۇشقان ۋاقىتمدا مانا مۇشۇلار مۇنبەردە بار ئىدى. مەنمۇ ئۇلارنى شۇنداق ياقتۇراتتىم. بولۇپمۇ پارولنى، ئۇنىڭ مۇنبەرگە يوللىغان تىمىللىرى شۇنداق قىزىقارلىق ئىدى. داۋاملىق كۈلكە-چاقچاق بىلەن كۈلۈپلا تۇرىدىغان ئادەم بولسا كىرەك دەپ ئويلايتىم. ئەمما QQ دا پاراڭلىشىپ قالساق شۇنداق تەمكىن. گەپ سۆزلىرى شۇنداق ئورۇنلۇق ئىدى. يەنە سادا موللام، بۇ كىشىمۇ ھەممە كىشىنى شۇنداق ئىززەتلەيدىغان كىشى ئىدى. ئادەمگە سالاپەتلىك مۆتىۋەرلەردەك تەسىر بىرەتتى. مۇنبەردىكى ھەرقانداق سۇركىلىشنى بىر ئىغىز چاقچىقى بىلەن يوق قىلاتتى.  ئەمما ھازىر ئۇلارنىڭ قارىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. بولدىلا بۇ گەپلەر كۆپ دىيىلدى. تىمىدىن چەتنەپ كەتمەي............ `!K!+`Z9  
    سەلكىن ئەپەندى، سىزدىن سورايدىغان بىر سۇئالىم بار ئىدى. مەن بۇرۇندىن سىزنى مەخسۇس كومپىيۇتېر كەسىپىدە ئوقۇغان بولسا كىرەك دەپ ئويلايتىم. ئەمما سىزنىڭ سۆزلىرىڭىزدىن قارىغاندا سىزمۇ يىڭى تور بەت قۇرۇشقا كىرىشكەندە ھەتتا بوشلۇق ئىلتىماس قىلىشنىمۇ بىلمەيدىكەنسىز، ئەمما ھازىر بولسا مۇكەممەل بولغان asp بەتلىرىنى تۈزەلىگىدەك سەۋيىگە ئىگە بولۇپسىز، سىز مۇشۇنداق سەۋيىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن مۇكەممەل تەربىيلەش ئورۇنلىرىدا تەربىيلەندىڭىزمۇ ياكى پۇتۇنلەي تور بەت ياساش جەريانىدا ئىگەللىگەنمۇ؟ بولسا مۇشۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىڭىزنى سۆزلەپ باقسىڭىز؟ جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن.
    blog.salkin.cn
    باھاردىكى تاڭ سىياقى قىلدى مىنى مەپتۇن يار،
    تاڭنى كۈتۈپ يار ئىشقىدا مەن ئاتالدىم مەجنۇنيار.
    ---------------------------------------------------------
    مىنىڭ بىلوگىمنى زىيارەت قىلىڭ؛
    http://majnunyar.salkin.cn
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 22:34 |
    tograh0997
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 24424
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1294
    شۆھرەت: 1403 كىشىلىك
    پۇل : 205 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1886 نۇمۇر
    قوللاش: 1577 نومۇر
    ئالقىش: 2588 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ مۇشۇنداق شەرەپكە ئېرىشەلەمەنمۇ؟
    blog.salkin.cn
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 22:36 |
    شائىر~ئەپەندى
    ئەر ئىچىدە ئادەملەر . . .
    ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9380
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 477
    شۆھرەت: 242 كىشىلىك
    پۇل : 101 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1007 نۇمۇر
    قوللاش: 202 نومۇر
    ئالقىش: 189 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سوئال ـ جاۋابلار تولىمۇ ئەتراپلىق جايىدا ئېيتىلىپتۇ ! Se o3a6o  
    ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تېىخمۇ تەرەققىي قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن !
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 22:38 |
    ئۇيغۇرشاھ
    مىللەت،ئانا تىل،يېزىق...
    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە باشقۇرغۇچى ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 8017
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1924
    شۆھرەت: 3450 كىشىلىك
    پۇل : 34023 سوم
    تۆھپە: 546 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2961 نۇمۇر
    قوللاش: 2364 نومۇر
    ئالقىش: 2948 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-19

    يېقىنقى تاپشۇرۋالغان سوۋغىلار
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون11قەۋەتتىكىtograh0997نىڭ2008-11-13 22:36 دە يوللىغان يازمىسى   : Q6y883>9  
    مەنمۇ مۇشۇنداق شەرەپكە ئېرىشەلەمەنمۇ؟
    47_4`rzy;  
    `h12  
    تېرىشسىڭىز ھەرقانداق شەرەپكە ئېرىشەلەيسىز.... 7f#[+i  
    گەپ بىزنىڭ تېرىشماسلىقىمىزدا،ئىزدەنمەسلىكىمىزدە...
    blog.salkin.cn
     باشقىلار كۆكتە  ئۇچـۇپ ،  سـۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق!
    مەن مىسال يالاڭ ئاياغ دەسسەپ تىكەن  ماڭارىمەن!
      ـــــــــــ ئا.ئۇيغۇر
    ***********************************************************
    «ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىمدىن نومۇس قىلىمەن!»دېيىشكۈچىلەر!ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىڭدىن ئەمەس!ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇردەك ياشىيالمىغانلىقىڭدىن نومۇس قىلىش !!!
    ***********************************************************
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 22:39 |
    سىرلىق.شائىر
    ئۇيغۇر ئوغلى
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 47
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 1178
    شۆھرەت: 2882 كىشىلىك
    پۇل : 30 سوم
    تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1337 نۇمۇر
    قوللاش: 1225 نومۇر
    ئالقىش: 1104 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-11-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سەلكىنگە كىرىپ كۆپ بىلىمگە  ئىرىشتىم دىيەلمەيمەن ،بىراق سەلكىنگە كىرىپ دۇنياغا ،مىللىي ھىسياتقا ،شۇنداقلا تۇرمۇشقا بولغان كۆز قارىشىم زور دەرىجىدە چوڭقۇرلاشتى ،سەلكىننى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بىر كىچىكلىتىلگەن كارتىنكىسى دىيىشكە بۇلىدۇ، 5b3Wt7  
    'YQ"Lf  
    ئاخىرىدا بارلىق تورداشلىرىمغا دەيدىغىنىم؛   بىر ئۇيغۇر بىز ئۇچۇن توپ ئوينىسا بىز شۇنىڭ توپ مەستانىسى بۇلۇپ مەدەت بىرەيلى،بىر ئۇيغۇر بىز ئۇچۇن بىر  تور بەت ياسىسا ،بىز شۇنىڭ ياخشى ئەزاسى بۇلۇشقا تىرىشايلى،
    blog.salkin.cn
    كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بۇلايمۇ يىلتىزمۇ؟
    -------------------------------------------------------.
    كىم بىزنىڭ ئۇلۇغ دىنىمىزنى ،ئىتىقادىمىزنى شۇنداقلا بىركىشىلىك ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىمىزنى ساقلاشقا ياردەم بىرىدىكەن ئۇ بىزنىڭ دوستىمىز ،گەرچە ئۇزىنى<< مۇسۇلمان>> دەپ نىقابلىنىۋالغان بولسىمۇ بىراق پۇل ئۇچۇن بىزنى ۋىجدانىنى سېتىۋەتكەندەك سېتىۋېتىدىكەن ئۇنداق ساختا مۇسۇلمانلار  بىزنىڭ دۇشمىنىمىز .
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-11-13 22:41 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/5 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » كۆڭلۈمدىكى گەپلەر


    Time now is:12-19 20:10, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation